- توردا
- 717 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-2
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 2305
- تىللا
- 4008
- MSN
- aelsoft@hotmail.com
- تۆھپە
- 1063
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 10103
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 10
- خاتىرە
- 20
- يازما
- 417
- تېما
- 42
- نادىر
- 1
- ھەمبەھر
- 3
- UID
- 21
- تۆھپە
- 1063
- تىللا
- 4008
- شۆھرەت
- 2305
|
نەچچە يىل بۇرۇنلا ئاناتىلىم (ھازىر يوق) مۇنبىرىگە بۇ ھەقتە مەخسۇس تېما يوللىغان ئىدىم، ساقلاپ قويماپتىمەن، ھازىر قىسقىچە چۈشەنچە بېرىۋېتەي:
Photo، ئەسلى Photograph سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، سۈرەت دېگەن مەنىدە، مەخسۇس قوراللار ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان جىسىملارنىڭ تەسۋىرىدىن ئىبارەت
Photographer سۈرەتكە تارتقۇچى دېگەن مەنىدە، سۈرەتچى دېسەك بولىدۇ.
image رەسىم، رەسساملارنىڭ قولى ئارقىلىق سىزىپ چىقىلغان جىسىملارنىڭ تەسۋىرىدىن ئىبارەت.
painter سىزغۇچى، رەسسام، مەخسۇس جىسىملارنىڭ تەسۋىرىنى سىزىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ.
شۇڭلاشقا، فوتو سۆزىنىڭ ئورنىغا سۈرەت، فوتۇگراف (بۇ سۆز خاتا، ئەسلى فوتوگرافېر بولسا ئاندىن سۈرەتكە تارتقۇچىنى كۆرسىتىدۇ)سۆزىنىڭ ئورنىغا سۈرەتچى دېسەك بولىدۇ.
ئۇندىن باشقا يەنە بىز خاتا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بىر قانچە جۈملىلەر بار. مەسىلەن:
رەسىمگە چۈشتۈم.(رەسىمگە تارتتىم.)
بىر سۇڭلۇق رەسىمىڭدىن ئىككى پارچە بەر.
داڭلىق رەسسام غازى ئەمەتنىڭ «مۇقام» ناملىق سۈرىتىگە مەن بەك قايىل.
توغرىسى:
سۈرەتكە چۈشتۈم.(سۈرەتكە تارتتىم ياكى سۈرەتكە ئېلىۋالدىم)
بىر سۇڭلۇق سۈرىتىڭدىن ئىككى پارچە بەر.
داڭلىق رەسسام غازى ئەمەتنىڭ «مۇقام» ناملىق رەسىمىگە مەن بەك قايىل.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-10 01:55
|
|