+==+  ئوقۇ، ئۆگەن، ئۆگەت، ئىزدەن، تىرىش، ئالغا باس. ئوقۇ، ئۈگەن، ئۈگەت، يولۇڭنى ئاچ، يوللارنى ئاچ، ئەلنى سۆي، ياخشى ئەمەللەردە بول، ھالال ياشا   +==+

ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 269 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 177|ئىنكاس: 2

ساپا مائارىپىمۇ ياكى ساپاسىزلاشتۇرۇش مائارىپىمۇ ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
2679
تىللا
2291
شۆھرەت
4355

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 19:39:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساپا مائارىپىمۇ ياكى ساپاسىزلاشتۇرۇش مائارىپىمۇ ؟


ئابدۇكېرىم راخمان ئالىپ

ھەممە ئادەم ئۆز  پەرزەنتىنىڭ ياراملىق، قابىليەتلىك ( كاتتا ئەرباپ ، ئۇلۇغ شەخىس…دىگەندەك ) ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ھەمدە كىچىكىدىن باشلاپ تەربىيەلەشتە مىسلىسىز ئەجىر قىلىدۇ ھەتتا بارىنى پەرزەنت ئۈچۈن بېغىشلىشىدۇ. پەرزەنتىنىڭ ئەۋزەل مائارىپلىنىش شارائىتىدىن بەھرىمان بولۇشى، ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلىرى، ساۋاقداش- تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا بويۇن قىسماسلىقى ئۈچۈن ھەر ئىمكانلارنى ئويلاپ تاپىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى دەۋرىمىزدە پەقەت بىر ياكى ئىككى پەرزەنىتلىك بۇلۇش سەۋەبلىك ئاتا-ئانىلار بۇ ‹‹ تۇتىيا پەرزەنت ›› لىرى ئۈچۈن قىلمايدىغانلىرى قالمايدىغان بولۇپ كەتتى …
بۇرۇنلاردا ئارقا ئىشىكتىن مېڭىش ، پارا بېرىپ-پارا ئېلىش، ھەتتا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن قىلىنغان كىچىككىنە ياغلىما گەپ -سۆز ، ئىش- ھەرىكەتلەرنىمۇ بوش قۇيىۋەتمەي ھەممە ئادەم بۇنداق ناچار خاھىش، رەزگى قىلمىشنى مەسخىرە ئاستىغا ئالاتتى ، نۇرغۇن كىشلەرنىڭ بۇنداق قىلىشقا غورۇرى كۆتۈرمەيىتتى ياكى شۇخىل قىلمىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلاتتى . لېكىن ھازىرقى كەسكىن رىقابەت دەۋرىمىزدە ئۇ خىل ھالال نىيەتلىك كىشىلەرنى ‹‹ ئىشنى ئېپىنى ئۇقمايدىغان نادان ›› قاتارىغا ساناپ،  يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك ئەگرى يول بىلەن ئىش كۆرۈشنى باشقىلار بىلەن ئەپ ئۈتۈش ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ، «ياخشىلققا -ياخشىلىق »  قىلىش، ئىشنىڭ يولىنى بىلگەنلىك … دېگەندەك چىرايلىق ناملار بىلەن ئاتايدىغان بولدۇق . بۇخىل يېڭىچە جاھاندارچىلىق دەستۇرى جەمئىيتىمىزدىكى ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىدىيە – ھەرىكەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىن ھالقىپ، پەرزەنت تەربىيەسىدىمۇ كام بولسا بولمايدىغان مۇھىم مىزان بۇلۇپ قالدى .  قۇپالراق قىلىپ ئېيىتقاندا ، ئالىي مائارىپنى قويۇپ تۇرايلى ھەتتا يەسلىي مائارىپىمىزغىمۇ سىڭىپ بولدى ، يۇشۇرمىساقمۇ بۇلىدۇكى ، مەدەنىيەت سۈپتىدە ئىدىيە سىستېمىمىزدىن مۇستەھكەم ئۇرۇنمۇ ئېلىپ ئۈلگۈردى . چۈنكى ھەممە ئادەم قابىليەتلىك بۇلۇپ كەتكەن بۇ جاھاندا بۇنداق كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر بۇلۇش بىر ئارتۇقچىلىق ھېسابلىنىپ ، شۇ كىشىنىڭ قابىليىتىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ، ئەمەسمۇ ؟!…
چوڭ ئوغلۇم يەسلىگە كىرگەن يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا :« نۇرغۇن بالىلار مۇئەللىمگە سوۋغا بەردى ، مۇئەللىم ئۇلارنى بەكلا ماختاپ كەتتى ، سەنمۇ ماڭا سوۋغا تەييارلاپ بەرسەڭ بولمامدۇ ؟ » دىگەنىدى ، مەن بۇنداق قىلىشنى بۇرۇنلا بىلسەممۇ لېكىن ، ئوغلۇمغا يامان تەسىر بېرىپ قۇيۇشتىن ساقلىنىپ قەستەن سوۋغا تەييارلىمىغان ئىدىم . ئۇنىڭغا : « تىرىشىپ ئۈگەنسەڭلا ، ئاشۇ مۇئەللىمىڭگە ئەڭ ياخشى سوۋغا سۇنغان بولىسەن » دەپ قايىل قىلغان ئىدىم .
باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئوقۇشقا ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن بەزى پايدىلىنىش ماتېرىياللرىنى ئېلىپ بەرگەن ئىدىم ، بىر مەزگىل بۇ ماتېرياللار ئۆيدىن يوقاپ كەتتى ، ئوغلۇمدىن سورىۋېدىم ، مۇنداق كۈتمىگەن جاۋابلارغا ئېرىشتىم : سىنىپىدىكى بالىلار سىنىپ باشلىقى ، ئۈگىنىش باشلىقلرىغا ئوقۇش قۇراللىرى ( دەپتەر ، قەلەم …)، ئۇششاق -چۈششەك يىمەكلىكلەرنى بېرىش شەكلى ئارقىلىق ، ئۆزلىرىنىڭ بىلىپ -بىلمەي قىلىپ قويغان تەنتەكلىكىنى مۇئەللىمگە دوكلات قىلىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن ، ئوغلۇمنىڭ بېرىۋىتىدىغان ئارتۇق دەپتەر، قەلىمى ياكى خەجلەپ بېرىدىغان پارچە خىراجىتى بولمىغاندىكىن شۇ ماتېرياللارنى بېرىپ تۇرۇش شەكلى ئارقىلىق سىنىپ ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان « كىشىلىك مۇناسىۋەت » نى ياخشىلاپتۇدەك . شۇنىڭدىن كېيىن بىر قانچە قېتىم ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنىغا باردىم ، كۆپىنچە ئاتا -ئانىلارنىڭ ئاقساقاللىقلىرى ، ساختا مەرتلىكلىرى ۋە ئۇلارنى ھاي دېمەيۋاتقان مۇئەللىملىرىمىزنىڭ چاكىنا قىلمىشلىرىغا قاراپ ، زامانىۋى ساپا مائارىپىمىز ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم ، كۆپ نەرسىلەرنى ھېس قىلغان بولساممۇ يەنىلا ئوغلۇمدىن گەپ ئېلىپ باقتىم . ئوغلۇمنىڭ دېيشچە ، دەل ئاشۇ ئاقساقال ، مۇئەللىملەرگە ھارماي سوۋغا يوللايدىغان ساختا مەرت ئاتا -ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى سىنىپتا ھەيئەتلەركەن ، ياكى ئالاھىدە (تەربىيە ) ئىمتىيازدىن بەھرىمان بولىدىكەن ، تاللىنىش -باھالىنىش پۇرسىتىمۇ كۆپ ئىكەن . مەن ئوغلۇمنى شۇنچە تارتقان بولساممۇ ، ئۇ بۇخىل جاھاندارچىلىق دەستۇرىنىڭ تەسىرىگە ئاللا بۇرۇنلا ئۇچراپ بولغان ئىكەن ، ئەمدى شۇ خىل ئىدىيەنىڭ قۇلى بولۇپ قېلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن !
ساپا مائارىپىنى تەرغىپ قىلىپ ، ساپاسىزلارچە ساپاسىزلىق تەربىيسى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاشۇ مۇئەللىملىرىمىزگە لەنەت ! بۇ گېپىمنىڭ ھەقىقىي ئىنسان روھىنىڭ ئېنژېنېرلىرىگە تەگمەسلىكىنى ئارزۇ قىلىمەن . بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ تىگىمسىزلىكى ، مۇئەللىملىرىمىزنىڭ بۇنداق ئاتا- ئانىلارغا كەسكىن بولماسلىقى ياكى بىر قىسىم مۇئەللىملىرىمىزنىڭ تاماخورلۇقى بىزنىڭ زامانىۋىي قوش تىللىق ساپا مائارىپىمىزغا يېڭى بىر خىل مەدەنىيەت ئېڭىنى سىڭدۈرۋەتتى ، ئۇ بولسىمۇ كىشىلىك مۇناسىۋەتنى قەتئي ياخشىلاپ، ئالاھىدە ئىمتىيازنى قولغا كەلتۈرۈپ ، مۇتلەق يۇقىرى نەتىجە بىلەن شان-شەرەپ قۇچۇشتىن ئىبارەت .

ھەممە ئائىلىنىڭ پەرزەنتى ئوخشاش بىر سىنىپتا ئوقۇۋاتقان بولغاندىكىن ، ئەلۋەتتە ئۆز كۈچىگە تاينىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك ، لېكىن ياخشىلارنىڭ ئىچىدىكى سەرخىللىرىدىن بۇلۇش ئۈچۈن يەنىلا يۇقارقىدەك يېڭى مەبلەغ سېلىش تۈرى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلىكىگە ئىشتىراك قىلشقا توغرا كىلىدۇ . بۇ نوقتىنى ئاتا- ئانىلارلا ئەمەس ، يەسلى بالىلىرىمۇ تونۇپ يىتىپ بولدى ، بەزى مۇئەللىملىرىمىز بۇ خىل ناچار ئايلىنىشقا يېشىل چىراق يېقىپ بەرسە ، بەزى مۇئەللىملىرىمىز كۆزىنى يۇمۇپ تۇرىۋالدى، قىسقىسى ئۆزىنىڭ مۇئەللىملىك بورچىدىن – شەرىپىدىن تاندى . ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش رىقابىتى كەسكىن بولىدىغان بىزنىڭ بۇ دۆلىتىمىزدە ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بۇخىل كىشىلىك مۇناسىۋەت ئېڭىنى كىچىكىدىن باشلاپ ئىديىسىگە سىڭدۈرۋەتسە ، پەرزەنتلەردە ئۆزىگە ئىشىنىش ئەمەس بەلكى بارغانسېرى ئاتا-ئانىسىغا ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش ئىستكى كۈچىيىپ بارىدۇ ، ئۇنداقتا بۇ نېمىدىن دىرەك بېرىدۇ ؟!…
بۇ يەردە چەتئەل مائارىپى توغرۇلۇق ياخشى ياكى يامان دەپ سۆزلەشكە بالدۇرلۇق قىلىدۇ ، چۈنكى دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ، مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ ، مىللىي ئاڭ ۋە ئۇزۇن يىللىق ئۆرپ- ئادەت سىڭگەن تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ، بىزنىڭ مېغىزىنى ئايرىپ شاكىلىنى تاشلىشىمىزغا يىتەرلىك ئىمكانىيەت بەرمەيۋاتىدۇ ، ياخشى نەرسىلەر بىلەن بىللە باشقىلار ئۆزلىرىمۇ خالىمايدىغان پۈچەك نەرسىلەرنىڭ تەڭلا ئارىلىشىپ قۇبۇل قىلىنىشى بىزگە نۇرغۇن ئۇڭايسىزلىقلارنى تۇغدۇرۇپ كەلمەكتە …

يۈكسەل ‹‹ ئوقۇپ ئالىم بولغىنىڭدىن، داداڭنىڭ ھاكىم بولغىنى ياخشىمۇ؟ ›› دېگەن يازمىسىدا: ‹‹ ئاتىلارنىڭ مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا بولغان تەسىرى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەكسىل مائارىپتۇر ( مائارىپقا قارشى مائارىپ ) . يەنى، ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل تەسىردىن شۇنداق بىر مائارىپنى قوبۇل قىلىدۇكى، ئۇلار جەمئىيەتنى ئادىل ئەمەس، دەپ قارايدۇ. ئۆز جەمەتىدىن بىرەيلەن ھوقۇق ياكى تىجارەتتە ئۈزۈپ چىقسا، قالغان ئەزالارغىمۇ چىقىش يولى تەييار بولىدۇ، دەپ تونۇيدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا شەخسنىڭ رىقابەت كۈچى، ئۇنىۋېرسال ساپاسى بىرىنچى ئامىل بولماستىن، بەلكى مۇناسىۋەت تورى، ھوقۇق، پۇل – مال ئىشلاردا ئۇتۇق قازىنىشنىڭ يادرولۇق ئامىللىرى دەپ چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ، كۈنىمىزدىكى ياش – ئۆسمۈرلەرگە قارايدىغان بولساق ئۇلاردا ھوقۇقپەرەسلىك، تەبىقىۋازلىق ئېڭىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ خىل ئەھۋال ئائىلىسى نامرات ۋە قىيىنچىلىقتا بولغان بالىلاردا تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئۇلار ھوقۇق ۋە پۇل ئارقىلىق ئۆز سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە تېخىمۇ ھېرىسمەن كېلىدۇ – دە ، ھە دېگەندە ئەگرى يوللارغا كىرىپ قالىدۇ.
ئادىللىق مەسىلىسى گوياكى پىلە قۇرتىدەك مائارىپتىن ئىبارەت بۇ ‹‹ ئۈجمە يوپۇرمىقى ›› نى غاجىلاپ يېمەكتە. ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ئادىللىقنى كۈچەيتىش ( يەنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئەمەل – مەنسەپ، پۇلغا باغلانغان ناتوغرا ئاينىشنى تۈزەش )، مائارىپ بايلىقلىرىنى تەكشى تەقسىملەش پەقەت شوئار ھالىتىدە توۋلانسىلا، دوكلات شەكلىدە يىغىنلاردا ئوقۇلسىلا بولمايدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمى ۋە مائارىپ تۈزۈمىنى ياخشىلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ›› دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. نېمە دېگەن ئورۇنلۇق ۋە دەل جايىدا ئېيتىلغان سۆزلەر! تەكرار ئوقۇشقا، چوڭقۇر ئويلىنىشقا تېگىشلىك  ، ئەلۋەتتە.

مەنبە:يۈكسەل بلوگى

تۇرشاۋۇل

ھەقىقەت

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
733
تىللا
2765
شۆھرەت
1101

تەشۋىقات ئاكتىپ پىداكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 00:16:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ جۇڭگۇدىكى 5000 يىللىق مەدەنىيەتنىڭ جەۋھىرىدۇر !
يەنە 5000 يىلدىن كېيىنمۇ جۇڭگۇدا ھوقۇققا چوقۇنىدىغان فېئۇداللىق ئىدىيەدىن قۇتۇلالمايمىز !
‹‹ ئىنتىل سەيناسى ›› ھەقىقەتەن بىر بىلىم باغچىسى ئىكەن .
mars36 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
400
تىللا
660
شۆھرەت
742

شەرەپ تىرىشچان

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 20:47:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتوم بومبىسى ئاتىسى مەرھۇم چيەن شۆسېن ئەپەندى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبىرىدىن بىرىگە: «ناۋادا مائارىپ تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلمەيدىكەن، جۇڭگودىن ئىككىنچى بىر چيەن شۆسېن 100 يىلدىن كىيىنمۇ چىقمايدۇ» دەپ ۋەسىيەت (نەسىھەت) قالدۇرغان ئىكەن. بىز تالاي قاقشىغان ھازىرقى مائارىپنىڭ كىم ۋە نېمە مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقى بەش بارماقتەك ئېنىق تۇرسىمۇ، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ھازىرچە ئاجىزلىق قىلىمىز. پەقەت پەرزەنتلىرىمىزنى ئائىلىدە تەبىيىنى سەرخىللاشتۇرۇش، مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇش... ئارقىلىق مەسئۇل بولۇشنى ھەر بىر ئاتا-ئانا چىڭ تۇتساقلا، ئەۋلادلار قالغان يولنى ئۆزلىرى تېپىپ، پەي-قانات يېتىلدۈرۈپ كۆكلەردە ئەركىن ئۇچسا، جاپا، قاقشاش بىز بىلەن كەتسە شۈكرى دىيىشمۇ ئاقىلانە تاللاش بولۇپ قالدى.
يۇمشاق تۈگۈلگەن مۇشت ياش سۈرتۈشكە يارايدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-2-2 11:50 , Processed in 0.653968 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش