- توردا
- 0 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-11
- تىزىملاتقان
- 2012-2-10
- شۆھرەت
- 10
- تىللا
- 17
- تۆھپە
- 22
- ھوقۇقى
- 15
- جۇغلانما
- 60
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 1
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 3868
- تۆھپە
- 22
- تىللا
- 17
- شۆھرەت
- 10
|
ئاۋال ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىمنى بارلىققا كەلتۈرگەن يول ئاچقۇچىلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن
يوقلۇقتىن بارلىققا، ئازلىقتىن كۆپلۈككە قاراپ تەرەقىقي قىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىلىرىنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى ۋە تور دۇنياسىدىكى سۈزۈك ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنىڭ بىرىنىڭ-كەينىدىن بىرى بارلىققا كېلىۋاتقانلىقى كىشىنى ناھايتى خوشال قىلىدۇ.لېكىن بۇنىڭغا ئەگىشىپ تېما ئىگىسى ئېيتقاندەك بىر قىسىم مەسىلىلەر تەڭلا پەيدا بولۇشقا باشلىدى،باشقا ئىملا،سۈپەت دېگەنلەرنى قويۇپ تۇرايلى(كەمىنىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە)تەكرار تەرجىمە مەسىلىسى كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىلا ئەمەس خەتلىك فىلىم ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى ھەممىدىن بەك بىئارام قىلىدۇ.
رايونىمىزدا تور ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئەسلىدە چېچىلىپ كەتكەن بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىر يەرگە يىغىلىپ ، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلىرىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش مەقسىدىدە قۇتيار تور بېكىتىنى قۇرۇپ چىقتى. ۋە كونا تەرجىمانلار ئاساسىدا يېڭى تەرجىمانلارمۇ قوشۇلۇشقا باشلىدى.شۇنىڭغا ئەگىشىپ خەتلىك فىلىم تېخنىكىسىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ۋە كۈندىن-كۈنگە ئاسانلىشىشى سەۋەبىدىن قۇتيار گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالارمۇ كۆپەيدى،ۋە شۇنداقلا باشقا ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىلىرىمۇ قۇرۇلۇشقا باشلىدى.
ھەممەيلەنگە مەلۇم قۇتيار گۇرۇپپىسى باشتىن ئاخىر سۈپەتنى بىرىنچى ئوۇنغا قويىدۇ.شۇڭا تەرجىمانلار كۆپ بولسىمۇ، تەھرىرلەيدىغان كىرىشتۈرىدىغان ئادەم ئىككى -ئۈچ ئادەم بىلەن چەكلىنىپ قالغاچقا پۈتكەن تەرجىمىلەر يىغىلىپ قېلىپ ،تەھرىرلەشكە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىپ قېلىپ دېگەندەك بەزى فىلىملەر 2-3ئايلاردا ئېلان قىلىنىدىغان ۋاقىتلارمۇ بولۇپ قالدى.شۇڭا گۇرۇپپىمىز پۈتكەن تەرجىمىنى كىرىشتۈرۈپ ئېلان قىلىپ بولغۇچە باشقا گۇرۇپپىلارمۇ شۇ كىنونى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىۋەتتى.باشقىلار ئېلان قىلىپ بوپتۇ بىز ئېلان قىلمايلى دېسەك،تەرجىماننىڭ ئەمگىكى يوق بولۇپ كېتىدۇ شۇنىىڭ بىلەن ئامال يوق بىزمۇ ئېلان قىلدۇق.زىيارەتچىلەر بۇنى پالانى گۇرۇپپا قىلىپ بولغان دېسە بوپتۇ بىزمۇ قىلدۇق،قايسىنى كۆرسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى دەپ بېشىمىزنى ئىچىمىزگە تىقىپ يۈرىۋەردۇق.بىزنىڭ سۈرئىتىمىز ئاستا بولۇپ قالدى، بولدىلا قىلمايلى دەپ تاشلىۋەتكىلى بولمىدى.
ئەمەلىيەتتە ياخشى كىنولار ناھايتى كۆپ،دۇنيادىكى كىنولارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئىككى -ئۈچ تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلىپ تۈگىتىپ بولالمايدۇ،شۇڭا ھەممەيلەنگە تەرجىمە قىلىدىغان فىلىم يېتىپ ئاشىدۇكى تۈگەپ كەتمەيدۇ. گەپ كىمنىڭ قايسى فىلىمنى تەرجىمە قىلىۋاتقانلىقىنى بلىمەيۋاتقانلىقتا. شۇڭا تەرجىمان قېرىنداشلارغا دېمەكچى بولغىنىم تور دېگەن ئەركىن دۇنيا قايسى تور بېكەتكە كىرىپ زىيارەت قىلسا بولىۋېرىدۇ.شۇڭا ئۆزىمىز تەۋە گۇرۇپپىنىڭ تور بېكىتىدىلا يۈرىۋەرمەي ئانچە مۇنچە باشقا گۇرۇپپا تور بېكەتلىرىگىمۇ كىرىپ كىم قايسى فىلىمنى تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ. قايسى گۇرۇپپا بۇ يىل قايسى فىلىملەرنى پىلانغا ئالدى شۇنىڭغا دېققەت قىلغان ئاساستا تەرجىمىمىزنى داۋاملاشتۇرساق مۇشۇنداق تەكرار ئەمگەك كۆرۈنمەس بولغىيتى
قايسى كۈنى قۇتياردا بىر ئىنكاس چۈشتى.دائىم خەق تەرجىمە قىلىپ بولغان فىلىمنى تەرجىمە قىلىدىكەنسىلەر يا بولمىسا تەرجىمە فىلىمنىڭ خېتىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ يېزىپلا ئېلان قىلامسىلەر؟ دەيدۇ.مەن قۇتيارغا خېلى ئەقلى ھوشى جايىدا بالىلار يىغىلغان دەپ قارايمەن. بىر ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنىڭ تېگىدىكى خەتنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ srtغا قايتا يېزىپ چىقىشتىنمۇ بىمەنە ئىش بولامدۇ |
|