خاسىيەتلىك تېڭىقچى سامساقباي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سامساق باي مەشرىپى ئاتۇشتا سۈرەتكە ئېلىندى
سامساقباينىڭ سۈرىتى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت خەۋرى، فوتۇسى. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دىيارى ، ئەنجۈر ماكانىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن خاسىيەتلىك تېڭىقچى ، سۆڭەك كېسەللىكلەر مۇتەخەسىسى ، مۇدىر ۋىراچ سامساقباي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سامساقباي مەشرىپى 29 –دېكابىر ئاتۇش شەھرىدە سۈرەتكە ئېلىندى. سامساقباي توختى ئاتۇش شەھرىنىڭ سۇنتاغ يېزىسى تۆكۈل كەنتىدىن بولۇپ 1901 –يىلى رامزان ئېيىنىڭ 10–كۈنى داڭلىق تېۋىپ ، مەشھۇر تېڭىقچى توختاخۇن ئۇستام ئائىلىسىدە كۆز ئاچقان . سامساقباي ئۆز ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ سۇنۇقلارنى تېڭىپ ساقايتىپ، نۇرغۇنلىغان ئاچ –يالىڭاچ كىشىلەرگە باشپاناھ بولغان، ئۇ ھاياتىدا كىشىلەرگە باشتىن –ئاخىر ئوخشاش مۇئامىلە قىلغان ، پاك –دىيانەتلىك ياشاپ ، كىشىلەردىن ھېچقانداق نەپ تەلەپ قىلمىغان، بەلكى قېيىنچىلىقى بار كېسەللەرنى ھەقسىز داۋالاپ ، ئۇلارنىڭ تۇمۇشىغا ياردەم قولىنى سۇنغان . بۈگۈنكى كۈندە سامساقباي ئۇستامنىڭ ۋارىسلىرىدىن مىجىت سامساق ، ئېلى سامساق ، ئابلەي سامساق ، تۇرسۇنجان ئېلى سامساقلار ئۇنىڭ ئېسىل ئەخلاق پەزىلىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئەجداد ئىزىنى باسقان بۇ ئەۋلادلارنىڭ سامساق باي ئەقىدىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سامساقباي روھىنى يەنىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ زامانغا ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، «سامساق» تىن ئىبارەت ئۇقۇمغا ئايلانغان ئىسىمنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشكە تىرىشماقتا. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەشرەپ پات ئارىدا ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2- يۈرۈش ئۇيغۇرچە قانىلىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن. مەشرەپتىن كۆرۈنۈشلەر كېلىش مەنبەسى:جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى
|