- توردا
- 3442 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-2
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 23276
- تىللا
- 17637
- MSN
- intil.biz@hotmail.com
- تۆھپە
- 12600
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 82658
- ئالبوم
- 2
- بلوگ
- 51
- خاتىرە
- 11
- يازما
- 5859
- تېما
- 1030
- نادىر
- 2
- ھەمبەھر
- 15
- UID
- 10
- تۆھپە
- 12600
- تىللا
- 17637
- شۆھرەت
- 23276
|
نۇسرەت ئىسىملىك تورداش بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى تەرجخمە قىپتۇ
تۇنجى ئارىلاشما ئامبىرىيونلۇق مايمۇنلار تۇغۇلدى
بۇ مايمۇنلارنىڭ ھۈجەيرىلىرى ئوخشاشمىغان ئامبىرىيونلاردىن كەلگەن بولسىمۇ ئۇلار نورمال ۋە ساغلام.
ئالىملار تۇنجى بولۇپ ئوخشىمىغان ئامبىرىيونلاردىن ئېلىنغان ھۈجەيرىلەرگە ئىگە مايمۇنلارنى دۇنياغا كەلتۈردى.
تەتقىقاتچىلار ئوخشىمىغان ئامبىرىيونلاردىن كەلتۈرۈلگەن ھۈجەيرىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئانا مايمۇنلارنىڭ تېنىگە كۆچۈرگەندىن كىيىن بۇ كەيمىرا مايمۇنلىرى تۇغۇلغان.
مۇشۇنداق بىردىن ئارتۇق ئورگانىزىمدىن كەلتۈرۈلگەن ھەمدە پەرقلىق ئېرسى ئالاھىدىلىكلىرى بولغان ھۈجەيرىلەر توپىغا ئىگە ھايۋانلارنى بىز كەيمىرالار دەپ ئاتايمىز.
مۇشۇ تۈردىكى نەتىجىسىنى ھۈجەيرە ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئامرىكىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى ''بۇ كەلگۈسى مېدىتسىنانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشۇشى مۇمكىن ''دەپ قارىدى.
كەيمىرالار ئامبىرىيوننىڭ يىتىلىشىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالسىمۇ پەقەتلا چاشقان بىلەنلا چەكلەنگەن ئىدى.
كەيمىرو،روكۇ،ھېكىس دەپ ئات قويۇلغان بۇ ئۈچ دانە گانگې دەرياسى مايمۇنى نورمال ھەم ساغلام.بۇلار ئوخشىمىغان ئالتە ئامبىرىيوندىن كەلتۈرۈلگەندىن كىيىن ئارىلاشتۇرۇلغان ھۈجەيرىلەردىن شەكىللەنگەن توقۇلمىلارغا ئىگە.
''بۇ ھۈجەيرىلەر ھەرگىز بىرىكىپ كەتمەيدۇ بىراق ئۇلار ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ھەمدە توقۇلمىلارنى،ئەزالارنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ''دەيدۇ ئامرىكا پورتلاند ساغلاملىق پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى شۆھرەت مۇتەللىپ.
دەسلەپكى قارار
شۆھرەت مۇتەللىپ گۇرۇپپىسىنىڭ دەسلەپتىكى-مايمۇننىڭ ئامبىرىيونى سىرتىدا تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى يىتىشتۈرۈپ تىرىك كەيمىرا يىتىلدۈرۈش تىرىشچانلىقى شۇنداقلا تىرىك چاشقان كەيمىراسى يىتىلدۈرۈش سىنىقى مەغلۇپ بولغان ئىدى.غول ھۈجەيرىسى تەركىبىدىكى كۆپ ئىقتىدارلىق غول ھۈجەيرە بولسا ئادەم تېنىدىكى مەخسۇس ھەرخىل تىپتىكى ھۈجەيرىلەرگە بۆلۈنەلەيدىغان ئاساسلىق ھۈجەيرىدۇر.تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ دەسلەپتىكى تىرىشچانلىقى ھەم مەغلۇپ بولغىنى ئەمەلىيەتتە ''كۆپكە قادىر'' تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىنى بىلىش باسقۇچى ئىدى،بۇنداق دىگەنلىك تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرى تەندىكى ھەرقانداق توقۇلمىغا ئايلىنالايدۇ لېكىن بالا ھەمرايى ياكى پۈتۈن بىر ھايۋانغا ئايلىنالمايدۇ. تەتقىقاتچىلار پەقەتلا ھەربىر تۆرەلمە ھۈجەيرىسى ''كۆپكە قادىر ''بولالايدىغان يەنى تۆرەلمىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ھۈجەيرىلەرنى ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىقلا كەيمىراغا ئېرىشەلىگەن ئىدى. بۇ ''كۆپكە قادىر ''ئاتالغان ھۈجەيرىلەر ھايۋاننىڭ پۈتۈن تېنىنىڭ بولسۇن، بالا ھەمرايىنىڭ بولسۇن ياكى توقۇلمىلارنىڭ بولسۇن ھەممىسىنىڭ ھاياتلىقىنى داۋام ئەتتۈرۈشكە قادىر ئىدى. دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ چاشقاندا سىناق قىلغاندىن كىيىن '' قارىغاندا پىرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئامبىرىيونىدىن تەن سىرتىدا تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى يىتىشتۈرۈشكە مۇمكىنچىلىك بولمايدىغان ئوخشايدۇ '' دىدى. بۇ تەتقىقات يەنە '' تەجرىبىخانىدا يىگىرمە يىل ساقلانغان پىرىماتلار ۋە ئىنسانلار تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى تىرىك ئامبىرىيوندىن ئېلىنغان ھۈجەيرىلەردەك كۆپكە قادىر بولالماسلىقى مۇمكىن ''دىگەننى ئوتتۇرىغا قويدى.
مىلخىلدىكى ئەنگىلىيە دۆلەتلىك مېدىتسىنا تەتقىقات ئورنىدىكى Robin Lovell-Badge پىروفىسور بۇ نەتىجىنى بەك مۇھىم دىدى. بۇ تۈردىكى تەتقىقاتقا قاتناشمىغان بىر تەتقىقاتچى ''بۇرۇندىن ئىنسانلار ئامبىرىيونىنىڭ تەرەققىياتىغا ئائىت ئىلمى قىياسلار چاشقان تەجرىبىسى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلگەن ''دىدى لېكىن يەنە ''بەلكىم بۇ بىر خەتەرلىك قىياس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن''دەپ قوشۇمچە قىلدى.
كەيمىرالار ئارقىلىق بەزى گېنلارنىڭ ئامبىرىيون تەرەققىياتىدىكى رولىنى چۈشەنگىلى شۇنداقلا تەرەققى قىلغان پۈتۈن گەۋدىنىڭ مىخانىزىمىنى تەتقىق قىلغىلى بولىدۇ.مەسىلەن ھۈجەيرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر گېن ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولساق،ئامبىرىيون نورمال ھۈجەيرىلەر تەرىپىدىن ساقلاپ قېلىنسا بۇ ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرىشى ئۈچۈن بەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
Lovell-Badge پىروفىسور '' مايمۇنلار ۋە ئىنسانلاردىن كەلگەن تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرى پەرقلىق بولىدۇ دەيدىغان ھېس بارغانچە كۈچىيىپ بارماقتا ''دىدى.
ئەڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى '' ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوخشىمايدىغان توقۇلمىلارنى شەكىللەندۈرىدىغان ئىقتىدارىنى چەكلەيدىغان بىئولوگىيىلىك يوللار چاشقانغا قارىغاندا مايمۇندا دەسلەپ كۆرۈلگەن ''. [emot]033.gif[/emot]
دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ : ''بىز ھەممىنى چاشقاننى تەجرىبە قىلىپلا بىلىپ كىتەلمەيمىز؛بىز داۋالاش ئۈچۈن غول ھۈجەيرىنى تەجرىبىخانىدىن ئامبۇلاتورىيىگە،چاشقاندىن ئادەمگە يۆتكەش ئۈچۈن پىرىماتلار غول ھۈجەيرىسىنىڭ نىمىنى قىلالايدىغان نىمىنى قىلالمايدىغىنىنى بىلىشىمىز كىرەك؛بىز بۇلارنى ئىنسانلار تەن ئىچىدە يەنى ئىنسانلار ئامبىرىيونىدا تەتقىق قىلىشقا ئېھتىياجلىق''دىدى.
يۇلۇنى زەخىملەنگەنلىكتىن پالەچ بولۇپ نېرۋا ھۈجەيرىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بىمارلار، مەسىلەن پاركىنسون كىسەللىكى تۈپەيلى مىڭە ھۈجەيرىسىدىن ئايرىلغان بىمارلارغا غول ھۈجەيرە يۆتكەش ئارقىلىق داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ دەپ ۋەدە بىرىشكە بولىدۇ. |
|