ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 269 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 182|ئىنكاس: 8

قانۇندىن ساۋادى بارلار ياردەم قىلساڭلار!(بۇ نىكا ئالدامچىلىقىمۇ؟)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تۆھپە
29
تىللا
19
شۆھرەت
21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 21:53:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن توي قىلغىلى 1يىلدىن ئاشتى تويدىن بۇرۇن يولدۇشۇم مەن كەمبەغەل ئۈيۈم يوق دىگەندە مەن بوپتۇلا مەن پۇلغا تەگمەيمەن ئادەمگە  تىگىمەن دەپ ئۈي زۇلاپ تۇرايلى دىگەنتىم كىيىن ئۇ ئاكام ئۇيىنى سىتىپ بېرىدىغان بولدى بىز  ئەللىكمىڭ نى ئالدىن بەرسەك قالغىننى ئالدىرماي بەرسەك بولدىغان بولدى دىدى مەن بوپتۇلا توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن ھامان مەن پۇل چىقىرمەن دەپ تويدىن بۇرۇن ئوتتۇزمىڭيۈەن چىقاردىم (بىزتوي خەتنى ئېلىپ بۇلۇپ گۇڭجىجىن نى چىقىرىپ يەنى مەن 30000  ئۇ  20000  نى چىقىرىپ ئاكىسىغا بەردۇق) ئۆينى بىز نىڭ نامىمىزغا ئۆتكۈزۈپ بەردى تويقىلىپ1 ئايدن كىيىن قوسۇغۇمدا قالدى بىر نەچچە ئايدىن كىيىن قەرىز ئىگىلىرى ئۇنى ئىز دىگىلى تۇردى بىلسەم ئۇنىڭ 50000 مىڭ دىن ئككى يەردە جەمئى100000 مىڭيۈەن يۇقۇرى ئۈسۈملۈك قەرزى باركەن بۇندىن باشقا يەنە ئۇنىڭ بۇنىڭغا بۇلۇپ جەمئى 25000 مىڭيۈەن قەرزى باركەن ئۆينىڭ قالغان 70000 مىڭ نى قوشساق جەمى 195000 يۈەن قەرىز باركەن ئاسماندىن يەرگە يىقىلغاندەكلابولدۇم مۇشۇنچىلا قەرزى تۇرۇپ يەنە پۇلنى بايۋەتچىدەك خەشلىشىچۇ ئۇنىڭ قانداق قىلاي ئەمدى قوساقتا بالا بار تۇرسا خەر بوپتۇ بۇكۈنلەمۇ ئۈتۈپ كىتەر دەپ قەرزىنى تۆلەپ كەلدىم ئۇئارانلا 2000 مىڭ ئالىدۇ مەن بولسام 3400 ئالىمەن ئەگەرئۇ تاققا چىقىپ ئىشلىگەن بولسا ماشى 4000 دىن يۇقۇرى چىقاتتى لىكىن ئۇ ئاشقازنىم ئاغرىيتدۇ تاماققا كۆنەلمىدىم دەپ ئارقاسەپكە چۈشۈۋاپتىكەن بۇ بىر يىلدىن بىرى مەن ئختىساتچانلىق بىلەن پۇليىغىپ قەرىز تولىدىم ئۇ بولسا ئازراقمۇ خىجىل بولماي قالايماقان پۇل خەجلىگەننىڭ ئۈستىگە ھەدىسىلا ئاغىنلىرى بىلەن ئوينىغىلى چىقىپ كىتىپ ھاراق ئىچىپ كىچىچە ئويگە كىرمەي كۆڭلۈمنى بەكمۇ ئاغرىتتى قوسقىدابار ئ.ايالىنى كىچىچە ئۆيگەيالغۇزتاشلاپ قۇيۇش ئارقا-ئارقىدىن نەچچە قېتىم داۋاملاشتى شۇندىنكىيىن ئائىلىمىزدە ئۇششاق جىدەل ئاۋۇپ قالدى شۇنداق قىلىپ مىڭبىرجاپادا قەرىز تۈگىدى،  بالىمىز 5 ئايلىق بولدى ، ئۆيدىن ئايرىلدۇق،بۇۋاپاسىز بۈگۈنى قەرىز تۈگىدى ئەتىسىلا يەنە ھاراق ئشتى مەن تېلفۇندا ئۇنىڭغا ئاچچىقلىسام ئۇ ماڭا سەندىن جاق تويدۇم مىنى پۇلدىن قىستىڭ ئاجىرشىمەن دەپ سەت گەپ بىلەن  تىللىدى شۇنۇڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدۇق مەن ئۆيگە يېنىپ كەلدىم ئەتىسى چۈشتە مەن يەنە تىلفۇن قىلدىم ئۇ ئۆيگەكەل ئاجىرشىشنى مەسلەتلىشىمىز دىدى مەن ئۆيگە بارغاندىن كىيىن ئۇقانداق ئاجىرشىمىز دىسە مەن كالۋا يەنە ئاددى ئويلاپ توي خېتىنى ئېلىپلا بارساق ئاجراشتۇرۇپ قويدىغۇ دەپتىمەن لىكىن بۇ ھىيلىگە تۇشۇپ كەتكەن مەككار گۇي  قۇلۇڭغا دەپتەرقەلەم ئېلىپ قانداق ئاجىرشىشنى ياز گىپىڭنى يىزىپ ئالدىمغا ئەكەل دىدى ،مەن يازغىدەك نىمە باتتى يازغىڭ بولسا ئۆزەڭ ياز دىسەم ساڭا بىر تىيىنمۇ بەرمەيمەن دەيدۇ، مەن ئاندىن ئەخلىمنى تىپىپ ساڭا تولەپ برگەن قەرىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 10000 نى ۋە ئۆيگە بەرگەن 30000 نى قايتۇرۇپ بەر دىسەم ئۇ : ئۇ دىگەن ئۇمۇم مۈلۈك بەرمەيمەن، يېنىڭدا تېخى تۇغۇتقا بەرگەن 20000(生 育精铁(بار دىدى شۇنچىۋالا قەرزىنى تولىسەم بۇ ۋاپاسىز يەنە ئاشۇ ئازغىنە پۇلغىمۇ كۆزىنى قىزارتىۋاتىدۇ...ئاجىرشىدىغان بۇلۇپ ئۆيۈمگە قايتىپ لەلدىم  بىريىلدىن بۇيانقى دەتلىرىمنى ئۆيدىكىلىرىمگە بىراقلاتۆكتۈم ئاتائانام ئاڭلاپ يىغلاپ كەتتى ئۇلار:(بىزگەدىمەي مۇشۇكۈنگە كەپسىز ئەمدى بالاڭلا بار قەرىزمۇ تۈ گەپتۇ يەنە تىرىشساڭلار ئۆينىمۇ ئېۋالىسىلەر بىز ئاتانىسىغا دەيلى ئۆيۈڭلارنى تۇتۇڭلار بۇبىچارە تۇغۇلۇپلا يىتىم بولمىسۇن )دەپ  قېيىنئانامغا تېلفۇن قىلىپ ئۆيگەكەلسىلىرى ئككى چوڭلار بالىلارغا نەسىھەت قىلىپ ياخشىلاشتۇرۇپ قويايلى دىسە ئۇ بىلىمسىز خۇتۇن :(قىزىڭىز نىم دەپ يامانلاپ كىتىدۇ بالام يا ئۇرۇپتىمۇ،تىللاپتىمۇ ... ياخشى كۆرگەن دىكىن ئۇنچىلىك بەدەل تۆلەيدۇ ھېلىمۇبىز ئۇنىڭ ئالدىدا ئوغلىمىزنى نەچچە قېتىم تىللاپ بەرگەن تولا ھەددىدىن ئېشىۋالمىسۇن ... بىز ئۆي تۇتمىسۇن دىمەيمىز بولسا ئۈيىنى تۇتسۇن ئالدىلىرىغا ناماقۇل بۇلۇپ 9 تازىم قىلىپ بارسام بولامتى ھازىر مەن تۇغۇت بېقىۋاتىمەن چولام تەگمەيدۇ...)دىگەندەك بىرقاتار سېسىق گەپلەرنى قىلىپ تېلفۇننى قويۋەتتى بۇئىش يۈز بەرگىلى 10 كۈندىن ئېشىپتۇ ئۇلار ھەممىسى تىلىنى بىر قىلىپ جىم تۇرۋالدى مەن ئاجىرشىش قارارىغا كەلدىم لىكىن مىنىڭ بۇنچىۋلا زىياننى تاتقىم يوق قانۇندىن خەۋىرى بارلار ماڭا ياردەم قىلساڭلارسوتقا ئەرىز قىلسام1. مەن بالامنى ئوزەم باقالامدىم ؟ 2.ئۆزۋاختىدا ئۆي ئۈچۈن بەرگەن 30000 يۈەننى قايتۇرۋالالامدىم،بۇپۇلمۇ ئۇمۇم مۈلۈككە كىرەمدۇ؟ 3.بىريىلنىڭ ياقى ئۇنىڭ قەرزى ئۇچۇن تۆلىگەن پۇللۇرۇمنى قايتۇرۋالالامدىم؟4.بۇ نىكا ئالدامچىلىقىغا كىرەمدۇ؟قانداق قىلسام دەۋادا مەن يېڭىمەن  ... سىلەردىن ئۈتۈنەي ماڭا ياردەم قىلساڭلار
otkur 实名认证 

Rank: 4

تۆھپە
114
تىللا
406
شۆھرەت
300
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 22:33:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ : ئۇ دىگەن ئۇمۇم مۈلۈك بەرمەيمەن، يېنىڭدا تېخى تۇغۇتقا بەرگەن 20000(生 育精铁(بار دىدى شۇنچىۋالا قەرزىنى تولىسەم بۇ ۋاپاسىز يەنە ئاشۇ ئازغىنە پۇلغىمۇ كۆزىنى قىزارتىۋاتىدۇ...ئاجىرشىدىغان


بۇنداق  پۇل  بىرىدىغان  ئىدارىلەرمۇ باكەن  ھە...  ياخشى ئىدارىكەن...

بۇ ئىشنى يەنە باشقا توربەتلەرگىمۇ يوللاڭ، سىزگە ياردەم بېرىدىغان قانۇندىن خەۋىرى بارلار بار، مەن ئىزدىنىش تورىدا كورگەندەك  قىلغان.  ئامان بولۇڭ
turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
2125
تىللا
2198
شۆھرەت
4020

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 22:36:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن  بۇ نىكاھ ئالدامچىلىقى بولمايدۇ .
ئۆي سېتىۋېلىشقا بەرگەن 30مىڭ يۈئەننى سىزلەر ئۆي سېتىۋېلىشقا ئىشلەتكەن .شۇڭا ئاجراشسىڭىز ئۆي ئورتاق مۈلۈك بولىدۇ.شۇڭا مال باھا تارماقلىرى باھالاپ بەرگەن باھالاشنامە ئاساس . شۇڭا بۇ چوڭ مەسىلە ئەمەس   
سىز تۆلىگەن قەرز پۇلغا كەلسەك ،بۇ قەرزلەر سىز ئۇنىڭ بىلەن توي قىلشتىن بۇرۇنقى قەرز .شۇڭا سىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق .بۇ ھالاتتىمۇ سىز تىرىشىپ قەرز قايتۇرۇپسىز .  ھازىر سىز  شۇ  قەرزنىڭ تويدىن بۇرۇنقى قەرز ئىكەنلىكىنى ( ئەلۋەتتە ئېنىق سوممىسى بىلەن ) ھەم ھازىر تۆلەپ تۈگەتكىنىڭزنى سوت مەھكىمىسىگە قانۇنلۇق  دەلىل -ئىسپات شەكلىدە  تەمىنلىيەلسىڭىز بۇ چاغدا سىز قەر تۆلىگەن پۇللارنىڭمۇ بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ كېلەلەيسىز .
بالىغا كەلسەك ،يولدىشىڭىزنىڭ يوقىرىدا سىز دىگەندەك «ناچار»قىلمىشلىرى ھەقىقەتەن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىسپاتلانسا ،بالىنى سىزگە بويرۇپ بېرىشى ئېنىق .
بىزدە « كاۋا پۇل ئەمەس ،باراڭ پۇل » دەيدىغان بىر ماقال بار .سىزگە دىسەم دەۋادا ئۇتۇشنىڭ يولى بەك كۆپ. ئاددىيسى : سىز تۇرۇشلۇق جايدىكى داڭلىقراق بىرەر ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىڭ . بۇنداق ئادۋۇكات سوتقا چىقسا ،ئاۋۇ «مۇتىھەم سودىيە » مۇ ئۇيقۇسىنى ئېچىپ سوت تەشكىللەيدۇ. (پارانىڭ كۈچى ئازراق ئاجىزلايدۇ )


      سىزدىن بىر نەرسىنى سوراپ باققىم كېلىۋاتىدۇ :  بويىڭىزدا قالغاندىن باشلاپ بالىڭىز 5ئايلىق بولغىچە تەخمىنەن 14ئاي ئۆتۈپتۇ.مۇشۇ قىسقىغىنا ۋاقىتتا قانداق قىلىپ 198مىڭ يۈئەن قەرزنى قايتۇرۇپ بولغانسىز ؟ مانا بۇ سىز سوتقا تاپشۇرىدىغان ھالقىلىق دەلىل-ئىسپات  

   سىزگە ئامەت تىلەيمىز ............

Rank: 2

تۆھپە
37
تىللا
53
شۆھرەت
29
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 23:08:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turpan يوللىغان ۋاقتى  2012-1-6 22:36
ئالدى بىلەن  بۇ نىكاھ ئالدامچىلىقى بولمايدۇ .
ئۆي سېتى ...

سالام سىزگە ، سىزگە راستىنلا نامەرتلىك قىپتۇ ، مىنىڭ بىر  نەچچە  ئادۋۇكات تۇنۇشۇم  بار ، لىكىن  سىزنىڭ ئورنىڭىز  قەيەردە ؟  مەن  قەشقەردىن   چ چ 1320840074

Rank: 2

تۆھپە
29
تىللا
19
شۆھرەت
21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 17:53:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turpan يوللىغان ۋاقتى  2012-1-6 22:36
ئالدى بىلەن  بۇ نىكاھ ئالدامچىلىقى بولمايدۇ .
ئۆي سېتى ...

پۇلنى تۆلەپ بۇلالماي ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە دىسەم ئاكىسى بىزئۆيگە بەرگەن پۇلنى 50000 نى قايتۇرۇپ بىرىپ ئۆينى تارتىۋالدى يىللق مۇكاپات پۇلى ۋە يىققانپۇل  بىلەن قەرىز نى قايتۇردۇك شۇنىڭ بىلەن ئۆي يوق بولدى
ئۇنداقتا ئۆي ئۈچۈن تۆلىگەن 30000 پۇلۇمنى قايتۇرۋالالمامدىم؟  
turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
2125
تىللا
2198
شۆھرەت
4020

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 18:58:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
gulay6 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-7 17:53
پۇلنى تۆلەپ بۇلالماي ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە دىسەم ئاكى ...

ئۆيگە تۆلىگەن پۇلنى قايتۇرۇۋېلىپ يولدىشىڭىزنىڭ ئىلگىرىكى قەرزنى تۆلىگەن بولسىڭىز ،بۇ پۇلنى قايتۇرىۋالغىلى بولىدۇ .
يوقاردا دىگەندەك ، سىز بۇ ھەقتە دەلىل -ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلىسىڭىزلا سوت مەھكىمىسى سىزنىڭ دەۋا تەلىپىڭىزنى قوللايدۇ ................

يەنىلا بىر ياخشىراق ئادۋۇكات ئىزلەڭ . دەۋاگەر بوشاڭ بولسا ،قازى مۇتىھەم بولۇر دەپتىكەن .شۇ ئاۋۇكاتلار سىزگە دەلىل-ئىسپات توپلاشقا ياردەم بېرەلەيدۇ .  ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەندە دەۋالىشىشتىن نىمە قورقىسىز .

Rank: 2

تۆھپە
29
تىللا
19
شۆھرەت
21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 19:11:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turpan يوللىغان ۋاقتى  2012-1-6 22:36
ئالدى بىلەن  بۇ نىكاھ ئالدامچىلىقى بولمايدۇ .
ئۆي سېتى ...

سىزدىن سوراپ باقاي سىز ئادوكاتلىق ئورنىدا ئىشلەمسىز ئەگەرشۇنداق بولسا ئالاقىلىشىش نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز سىز بىلەن تەپسىلى پاراڭلاشسام بوپ تىكەن رەھمەت سىزگە

Rank: 2

تۆھپە
29
تىللا
19
شۆھرەت
21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 19:19:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turpan يوللىغان ۋاقتى  2012-1-7 18:58
ئۆيگە تۆلىگەن پۇلنى قايتۇرۇۋېلىپ يولدىشىڭىزنىڭ ئىلگ ...

سىزگە كۆپ رھمەت ماڭا ياخشىراق نىكاقانۇنىنى ئوبدان بىلدىغان ئادوكاتتىن بىرەنى تۇنۇشتۇرۇپ قويالامسىز
سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىزغا قانداق رەخمەت ئېيتىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
12592
تىللا
17622
شۆھرەت
23256

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 20:02:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
gulay6 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-7 19:11
سىزدىن سوراپ باقاي سىز ئادوكاتلىق ئورنىدا ئىشلەمسىز  ...

http://www.yolyar.com/html/law
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-2-1 22:30 , Processed in 1.025286 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش