+==+  ئوقۇ، ئۆگەن، ئۆگەت، ئىزدەن، تىرىش، ئالغا باس. ئوقۇ، ئۈگەن، ئۈگەت، يولۇڭنى ئاچ، يوللارنى ئاچ، ئەلنى سۆي، ياخشى ئەمەللەردە بول، ھالال ياشا   +==+

ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 270 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 343|ئىنكاس: 3

ھەرقانداق ناخشا-فىلىملارنى چۈشۈرەلەيدىغان دېتال(ئۇيغۇرچە)-ئاپشاركا -چۈشۈرۋېلىڭ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تۆھپە
38
تىللا
26
شۆھرەت
23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 16:39:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق ناخشا-فىلىملارنى چۈشۈرەلەيدىغان دېتال(ئۇيغۇرچە)-ئاپشاركا -چۈشۈرۋېلىڭ

ئەسسالام دوستلار ياخشىمۇ سىلەر ...
يېڭى يىلدا يېڭى بىر سوۋغات ئېلىپ كەلدىم ،بۇ دېتال ئارقىلىق ھەرقانداق توردىكى ھەرقانداق ناخشا-فىلىم ياكى رەسىملەرنى كۆرۈش جەريانىدا چۈشۈرۈپ ساقلىۋالالايسىز،ئىشلىتىش ناھايىتى قولاي:

ئاپشاركا 1.0 نۇسخىسى(Apxarka)









ئاپشاركا بولسا سىز IE  توركۆرگۈچتە كۆرگەن فىلىم ناخشا ۋە ئويۇنلارنى چۈشۈرۋېلىشتا ئىشلىنىدىغان ئەپچىل قورال بولۇپ ،تۆۋەندىكىدەك ئىتىدارلارغا ئىگە:

1> فىلىم چۈشۈرۈش بۆلىكى:
بۇ بۆلەكنى ئاچسىڭىز سىز بۇرۇن كۆرگەن بارلىق فىلىملەرنى سىزگە ساقلىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن تىزىپ بېرىدۇ ...ئىچىدىن خالىغانننى قويۇپ كۆرۈپ خالىغان يەرگە ساقلىۋالسىڭىز بولىدۇ ...بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق تېلفونىڭىزغا نۇرغۇن ياخشى كۆرىدىغان ناخشا فىلىملەرنى چۈشۈرۋالالايسىز.

2>mp3 چۈشۈرۈش بۆلىكى:
سىز مەيلى قايسى توربەتتىن قانداق مۇزىكا ئاڭلىغان بولسىڭىز ..بۇ مۇزىكىلارنى بىرنى قويماي سىزگە چىقىرىپ بېرىدۇ ..سىز تىزىملىك ئىچىدىن ياقتۇرىدىغانلىرىڭىزنى ساقلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

3> فىلەش چۈشۈرۈش بۆلىكى:
توردىكى نادىر ئويۇنلارنى ساقلىۋالغىڭىز ياكى باشقا كومپىيوتىرغا ئېلىپ كېتىپ ئوينىغىڭىز بارمۇ ؟ئۇنداقتا بۇ بۆلەك دەل سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزدىن چىقىدۇ.

4>رەسىم چۈشۈرۈش بۆلىكى:
بۇ بۆلەكتە سىز تور ئارىلاۋېتىپ ئۇچراتقان بارلىق رەسىملەر ساقلىنىدۇ...ئارىلاپ بۇيەرنى كۆرۈپ قويسىڭىزمۇ نۇرغۇن ياخشى رەسىملەرنى ئۇچرىتىپ قالىسىز.

5>ئىزدەپ چۈشۈرۈش بۆلىكى:
ئەگەر تور ئارىلاۋېتىپ ياخشى فىلىم،ناخشا ياكى ئويۇن دېگەندەكلەرگە ئۇچراپ دەرھال ئىزدەپ چۈشۈرۈلۋالغىڭىز بولسا ..بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق شۇ توربەتنىڭ ئادرىسىنى چاپلاپ كونۇپكىنى باسسىڭىزلا ئىزدەشكە باشلايدۇ....ئىزدەۋاتقاندا سىز چوقۇم شۇ ناخشا فىلىم ياكى ئويۇننى ئېچىپ كۆرۈپ ياكى ئويناپ تۇرۇڭ ...سەل ۋاقىتتىن كېيىن نەچچە سېكونت دىن كېيىن تېپىپ بولغاندىن كېيىن ئاپشاركا سىزنى توۋلايدۇ.. ئىزدىگەندە ماس بولغان ئىزدەش تۈرىنى تاللاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

2.ساقلاش ۋە تەڭشەش
ساقلاش كونۇپكىسى ئارقىلىق تىزىملىكتىكى خالىغان ناخشا فىلىم ئويۇنلارنى خالىغان يەرگە ساقلىۋالالايسىز. تەڭشەش ئىقتىدارى بولسا ئىزدەپ تېپىش تەڭشىكىنى تەڭشەشتە يەنى تاپماقچى بولغان ناخشا فىلىملارنىڭ چوڭلۇق ئۆلچىمىنى بېكىتىشتە ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر ئالاھىدە ئېھتىياجىڭىز بولمىسا بۇ يەربىلەن كارىڭىز بولمىسىمۇ بولىدۇ.


چۈشۈرۈش ۋە تەپسىلىي ئادرىسى تۆۋەندە:

http://www.xjtil.com/aboutus/apxarka.aspx


2

باھا خاتىرىسى

Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
12477
تىللا
17502
شۆھرەت
23043

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 16:55:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭمۇ چۈشۈرۈش دىتالىمىز ۋە http://www.xjtil.com/aboutus/apxarka.aspx دەك بەتنىڭ بولغانلىقىدىن سۆيۈندۈم. ئىشلىرىڭلارغا نۇسرەت تىلەيمەن.
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1050
تىللا
731
شۆھرەت
1772
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 12:05:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ، پاھ، پاھ، يارايسىلەر ئەزىمەتلەرت.

Rank: 2

تۆھپە
27
تىللا
36
شۆھرەت
26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 16:53:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چۈشۇرسەم ئۈستىدىكىگە ئوخشاش بۇنداق قويغۇچ كۆرۈنمەيدىغۇ.؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-1-28 01:52 , Processed in 1.290512 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش