ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 429|ئىنكاس: 7

[تەۋسىيە] پىنيىن كۆرسىتىش پروگراممىسى 2.0 تارقىتىلدى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
639
تىللا
882
شۆھرەت
1156

تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 14:26:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

ئىلگىرى <<پىنيىن كۆرسىتىش پروگراممىسى>> نىڭ تۇنجى نۇسخىسى 1.0 نەشىرىنى ياساپ تارقاتقىلى خېلى ئوزۇن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، كېيىنكى نەشىرىنى ئىشلەشكە ۋاقىت چىقىرىپ بولالمىدىم.

ئىلگىرىكى نۇسخىسىدا خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىنىنىلا كۆرسىتىپ بېرىپ تون بەلگىسىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيىتتى. بۇ نەشىرىدە تون بەلگىسىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىش ئىقتىدارى ھازىرلانغان بولۇپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ھاجەتمەنلەر ئۈچۈن ياخشى ياردەمچى قورال بولالايدۇ.

ئىلگىرىكى نۇسخىسىنىڭ تەمىنلەنگەن ئادېرىسى:

http://www.shahdiyar.com/korush.asp?mid=674

بۇ 2.0 نۇسخىسىنىڭ كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكىچە:


بۇ باش بەت كۆزنىكى بولۇپ، "تازىلاش" كونۇپكىسى ئارقىلىق كىرگۈزۈلگەن خەتلەرنى تازىلاشقا بولىدۇ.

"ساقلاش" كونۇپكىسى ئارقىلىق ئاستىدىكى پىنيىننى تون  بەلگىسى بويىچە تېكىست ھۆججەتكە ساقلاشقا بولىدۇ.


بۇ "ھەققىدە" كۆزنىكى بولۇپ، بۇ يەردە پروگرامما تونۇشتۇرۇلغان.


بۇ دېتال نەچچە مىڭ خەتلىك ماتېرىيال بولسىمۇ ئۈستىگە چاپلاپلا قويسىڭىز ئاستىنقى كاتەككە پىنيىنىنى تون بەلگىسى بويىچە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنە، ئاستىدىكى پىنيىننى تون بەلگىسى بويىچە شۇ پېتى تېكىست "txt" ھۆججەت شەكلىدە ساقلاپ پايدىلىنالايسىز.


بۇ دىتالغا 3500 دانە خەنزۇچە تاق خەت پىنيىنى ۋە تون بەلگىسى بويىچە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ خەتلەر سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن چىقالمىسا تۆۋەندىكى مۇنازىرە ئادېرىسىغا كىرىپ پىنيىنىنى تاپالمىغان خەتنى قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. بىز سۆزلۈك ئامبىرىنى ئايرىم تەمىنلىسەك سىز شۇ سۆزلۈك ئامبىرىنى ئالماشتۇرۇۋالسىڭىزلا يەنە نورمال ئىشلىتەلەيسىز.


مەخسۇس مۇنازىرە ئادېرىسى:

http://www.shahdiyar.com/bilim/forum.php?mod=viewthread&tid=4354

چۈشۈرۈش ئادېرىسى:


http://www.shahdiyar.com/korush.asp?mid=711


[ئەسكەرتىش]: بۇ پروگرامما ھەقسىز تەمىنلەندى. ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس ئىقتىسادىي كىرىم قىلىش سەۋەبلىك ياكى باشقا سەۋەبلىك سېتىشقا بولمايدۇ.


بۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ ھەر خىل ھەقسىز تەمىنلىگەن يۇمشاق دېتاللىرىمىزنى "شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال كۆرگەزمىخانىسى" غا كىرىپ چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

كۆرگەزمىخانا ئادېرىسى: http://www.shahdiyar.com

مۇنبەر ئادېرىسى: http://www.shahdiyar.com/bilim





شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت گورۇپپىسى

شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال مەركىزى

Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
17238
تىللا
21533
شۆھرەت
30015

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 15:01:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى http://www.yolyar.com/html/catalog/2513.htm غا قوشۇپ قويايلىمۇ؟

باھا سۆز

Shahdiyar  ئەلۋەتتە بولىدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 17:39:27

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
656
تىللا
1096
شۆھرەت
1289
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 18:09:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مەن بۇنىڭ 1.0 نەشىرىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدىم .بۇ يىڭى نەشىرىنى كۆرۈپ خۇشال بولدۇم .چۈشۈرۈشنى چۈشۈردۇم لىكىن نورمال ئىشلىمىدى .بۇ قانداق ئىش ئەمدى ؟

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
66
تىللا
71
شۆھرەت
86
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 01:55:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خېلى ئىشلەتكەن بۇرۇنقىسىنى بىنىمۇ ئىشلىتىپ باقاي، رەھمەت سىزگە.

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1556
تىللا
1239
شۆھرەت
2562
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 11:38:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھدىيارنىڭ ئىشلىرى كۈنسىرى روناق تاپقاي.

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
639
تىللا
882
شۆھرەت
1156

تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 17:40:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kaysar810 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-3 18:09
مەن بۇنىڭ 1.0 نەشىرىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدىم .بۇ  ...

ئەسلى مەنبەگە كىرىپ كۆرۈپ چىقىڭ.
http://www.shahdiyar.com/korush.asp?mid=711
بۇ يەردە ئەڭ ئاستىدىكى قىزىل رەڭلىك ئەسكەرتمە سۆزىنى كۆرۈپ چىقسىڭىز بولىدۇ.
دېتالنىڭ بىر نېگىزلىك ئىجرا ھۆججىتى كەم قاپتىكەن. تولۇقلاپ قايتىدىن يوللاپ قويدۇم.

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
656
تىللا
1096
شۆھرەت
1289
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 12:12:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   يەنىلا ئوخشاش ئېچلمىدى  ...................................................

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
639
تىللا
882
شۆھرەت
1156

تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 16:21:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kaysar810 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-6 12:12
يەنىلا ئوخشاش ئېچلمىدى  ...................................................

بىر كونترول كەم قاپتىكەن. تولۇقلاپ قويدۇم. ئەمدى كۆرۈڭ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-9 14:48 , Processed in 0.122985 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش