ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 587|ئىنكاس: 1

پۇلدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى كىم يازغان؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
452
تىللا
1007
شۆھرەت
924
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 17:40:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا جۇڭگو خەلق بانكىسى دېگەن ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان خەلق پۇلى تارقىتىلدى. بۇ خەتنى كىم يازدى؟ «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىياز بۇ خەتنى يازغان ھوشۇر ئېلى توغرىسىدا مەخسۇس خەۋەر بەردى.

ھوشۇر ئېلى 1931-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان، 1948-يىلى ئۈرۈمچى سابىق ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىنى پۈتتۈرگەن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو-سوۋېت دوستلۇق جەمئىيىتى، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسى، ئۈرۈمچى 2-قىزلار مەكتىپى قاتارلىق ئورۇنلاردا رەسساملىق، خەتتاتلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1950-يىلىدىن 1951-يىلنىڭ ئاخىرغىچە بېيجىڭغا يۆتكىلىپ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدا گۈزەل سەنئەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1952-يىلىدىن 1991-يىل 8-ئايدا پېنسىيىگە چىققانغا قەدەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك كىنو فىلىم تارقىتىش-قويۇش شىركىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق كىنوخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى سەنئەت سارىيى قاتارلىق ئورۇنلاردا خەتتاتلىق ۋە رەسساملىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   biligdost تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-2 17:42  

W020101206674845789900.jpg
abduhalik   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
402
تىللا
658
شۆھرەت
891

ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 15:49:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ چاغلادىكىدەك قەدرىمىزنى تاپالامىزمۇ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-15 02:12 , Processed in 0.147457 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش