- توردا
- 677 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-16
- تىزىملاتقان
- 2010-8-7
- شۆھرەت
- 4879
- تىللا
- 2651
- تۆھپە
- 2990
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 16457
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 1058
- تېما
- 468
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 4
- UID
- 176
- تۆھپە
- 2990
- تىللا
- 2651
- شۆھرەت
- 4879
|
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بازارلاردا ئېلېكتىرونلۇق تاماكا پەيدا بولدى. گېرمانىيە سەھىيە تارماقلىرى 19-دېكابىر كىشىلەرگە ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ زىيىنىنى تۆۋەن چاغلىماسلىقنى ئەسكەرتتى ھەم ئىستېمالچىلارنى ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى سېتىۋالماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.
گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى قارىمىقىدىكى فېدېراتسىيە ساغلاملىق تەربىيەسى مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئىلزابىت پوتېر: ئېلېكتىرونلۇق تاماكا چېكىش ساغلاملىق خېيىم - خەتىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى، ئۇنىڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىس نەيچىسىدە كىشىنى خۇمار قىلىدىغان نىكوتىندىن سىرت، يەنە باشقا زىيانلىق ماددىلارمۇ بار. شۇڭا، ئېلېكتىرونلۇق تاماكا چېكىشنى توختىتىش تەكلىپىنى بېرىمىز، دېدى.
ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ئاساسلىقى نىكوتىن ئېرىتمىسى قاچىلانغان ئىس نەيچىسى، پارلاندۇرۇش قۇرۇلمىسى ۋە باتارېيەدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. ئۇنى ئىشلەتكەندە نىكوتىن ئېرىتمىسى ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىدە پارلىنىپ، ئېغىزغا سۈمۈرۈلىدۇ. نىكوتىن ئادەتتە پىروپىلېن گىلىكولدا ئېرىگەچكە، تاماكا چەككۈچىلەر ئېلېكتىرونلۇق تاماكا چەككەندە ئوخشاشلا ئىسنى سۈمۈرەلەيدۇ. تاماكا چېكىدىغانلار ئۆزىنىڭ ياقتۇرۇشى بويىچە، ئىس نەيچىسىگە يەنە شاكىلات، يالپۇز قاتارلىق پۇراقلىق ماددىلارنى قوشالايدۇ. شۇڭا، ئېلېكتىرونلۇق تاماكىغا قوشۇلغان نەرسىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىمۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. گېرمانىيە فېدېراتسىيە ساغلاملىق تەربىيەسى مەركىزى: كىشىلەر ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى چەككەندىن كېيىن سۈمۈرگەن گازنىڭ %90كە يېقىنى پىروپىلېن گىلىكول بولۇپ، بۇ خىل خىمىيەۋى ماددا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەپەس يولىنى غىدىقلايدۇ، پىروپىلېن گىلىكولنى ئۇزاق مەزگىل، تەكرار سۈمۈرۈشنىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، دېدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى ھازىرچە يەنە قىسمەن ئېلېكتىرونلۇق تاماكا تەركىبىدىن راك پەيدا قىلىدىغان نىتروزامىننى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى.
فېدېراتسىيە ساغلاملىق تەربىيەسى مەركىزى: ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق تاماكىدىكى نىكوتىن ئېرىتمىسىنى ئىزاھلاپ قويمىغاچقا، ئىستېمالچىلار دۇچ كېلىدىغان ساغلاملىق تەھدىتىنى مۆلچەرلەش قىيىن، دېدى. پوتېر يەنە تاماكا چەككۈچىلەرنى ئەسكەرتىپ: ئېلېكتىرونلۇق تاماكا تاماكا تاشلاشتىكى ياخشى تاللاش ئەمەس، دېدى.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |
|