- توردا
- 677 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-16
- تىزىملاتقان
- 2010-8-7
- شۆھرەت
- 4879
- تىللا
- 2651
- تۆھپە
- 2990
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 16457
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 1058
- تېما
- 468
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 4
- UID
- 176
- تۆھپە
- 2990
- تىللا
- 2651
- شۆھرەت
- 4879
|
يان تېلېفونغا توك قاچىلاشتا ...
ئادەتتە، يان تېلېفوننىڭ توكى تۈگىگەندە ياكى ئاز قالغاندا ئاندىن توك قاچىلاش كېرەك، دەپ قارايمىز. چۈنكى بىز بۇرۇن ئىشلەتكەن باتارېيەلەرنىڭ كۆپىنچىسى نىكىل ھىدرىد باتارېيەسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بولىدۇ، يەنى بۇ قېتىم توكى قانچىلىك قالغاندا توك قاچىلانغان بولسا، كېلەركى قېتىمدىمۇ شۇنچىلىك قالغاندا توك قاچىلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن توكى بولسىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بىراق، ھازىر يان تېلېفونلارغا لىتىي باتارېيەسى ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بولمايدۇ. ئۇنىڭغا توكى پاكىز تۈگىگەندە توك قاچىلايمىز دېسەك، باتارېيە ئىچىدىكى ماددىلارنىڭ خىمىيەلىك رېئاكسىيەگە قاتنىشىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىپ، باتارېيەنىڭ ئۆمرى قىسقىراپ كېتىدۇ. شۇڭا، ۋاقتىمىز يەتسىلا باتارېيەگە توك قاچىلاپ باتارېيەنى توكى تولۇق ھالەتتە ساقلىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا باتارېيەنى ئۇزاق ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
يان تېلېفوننىڭ سىگنال بەلگە سىزىقى بىرتال قالغاندا ئىشلەتمەسلىك كېرەك
ھەممىمىزگە مەلۇم، يان تېلېفون ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان ۋە تارقىتىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئەسۋاب بولۇپ، بۇ ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنلىرى ئادەم ئۈچۈن زىيانلىق. يان تېلېفونلاردا سىگنال ئاجىز ئورۇنلاردىمۇ ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىپ تارقىتىپ سۆزلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىقتىدار لايىھەلەنگەن بولۇپ، سىگنال تولۇق بولغان ۋاقىت بىلەن بىرتال سىزىق قالغان چاغدىكى يان تېلېفون رادىياتسىيەسىنى سېلىشتۇرساق، پەرقى 1000 ھەسسىدىن ئېشىپ، تارقىتىش قۇۋۋىتى 0.6 ۋاتقا يېتىپ بارىدۇ. ئادەتتە، كىچىك رادىيولارنىڭ دىئامېتىرى تۆت سانتىمېتىرلىق ئاۋاز كانىيىنىڭ ئاۋازى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا چىقىرالايدىغان قۇۋۋىتى 0.25 ۋاتتىن 0.5 ۋاتقىچە بولىدۇ. دېمەك، 0.6 ۋات رادىياتسىيەنىڭ ئادەملەرگە بېرىدىغان زىيىنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |
|