ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 663|ئىنكاس: 0

[ئېلبېتىك]يېڭى يىللىق سوۋغا: «ئەلبەھرە 2011»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېڭى يىللىق سوۋغا: «ئەلبەھرە 2011» (ئېلكىتاب)


2011-يىل بىلەن خوشلىشىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. 2011-يىلى دېموكراتىيە ۋە قانۇنچىلىق تارىخىدىكى پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى، ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقىدا غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر بولدى، ئىنسانلار ئۇچۇر ئىنقىلابىغا يېقىنلىشىش ئارقىلىق دېموكراتىيەنىڭ دۇنياۋىي يۈزلىنىش ئىكەنلىگىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ يېتىشكە باشلىدى.
ھايات مۇساپەمدىن ئېلىپ ئېيتسام، 2011-يىلى ئىلگىرى قىلىپ باقمىغان بىر ئىشقا – تور بەت قۇرۇشقا كىرىشىپ قالدىم. «تارىم شېئىرىيەت تورى» قۇرۇلۇپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن، تور بەت باشقۇرۇش نىشانى «دېموكراتىيە، قانۇنچىلىق، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، تېنچلىق، تەرققىيات»قا ئائىت يازمىلارنى ئېلان قىلىشقا ئۆزگەرتىلىپ، «ئەلبەھرە تورى» قۇرۇلدى. تورداشلارنىڭ قوللىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى ئارقىسىدا، «ئەلبەھرە تورى»دا قىسقىغىنا بىر نەچچە ئاي ئىچىدە خېلى كۆپ ئىجادىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر ئېلان قىلىندى، باشقا تور بەتلەرگىمۇ كۆچۈرۈلدى. بەزى تورداشلار بۇ ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسىنى ئىشلەشنى تەۋسىيە قىلىشتى.
شۇنداق قىلپ، «ئەلبەھرە 2011» سەرلەۋھىلىك توپلام ۋۇجۇدقا كەلدى. بۇ توپلامغا  كەمىنە مۇئەللىپ «ئەلبەھرە تورى»دا ئېلان قىلغان ئىجادىي ۋە تەرجىمە ماقالىلەر تاللاپ كىرگۈزۈلدى. ماقالە-ئەسەرلەرنى تاللاپ رەتلەشتە، «ئەلبەھرە تورى»نىڭ سەھىپىلىرى ۋە ئېلان قىلىنغان تېما دائىرىسى ئاساس قىلىندى.
«ئەلبەھرە 2011» قۇرۇلما جەھەتتىن تۆت بۆلەككە ئايرىلدى. «تاققا-تۇققا پاراڭلار» قىسمىغا جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ئىشلار ۋە ھادىسىلەر توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار، مۇنازىرە قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارالغان مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ماقالىلەر كىرگۈزۈلدى.
«فېليەتونلار ۋە ئاخبارات ئوبزورلىرى» قىسمىغا ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مۇھىم تەرەپلىرى، يەنى دىققەتنى تارتىپ تۇرغان ئېقىم مەسىلىلىرى، بولۇپمۇ جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ساھە ۋە قاتلاملىرىدىكى قارغىش تەگكۈر رېئاللىقلار، زامان ئىللەتلىرى، جاھالەت، خىيانەت، يالغانچىلىق، ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق، ئاچ كۆزلۈك، نائەھلىلىك، ئۆكتەملىك ۋە زوراۋانلىق، زالىملىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش رەزىللىكلەر، تۈرلۈك نوقسان-ئىللەتلەر قامچىلانغان فېليەتونلار ۋە يازمىلار كىرگۈزۈلدى.
«ئۇنى-بۇنى ئوقۇش خاتىرىلىرى» قىسمىغا تۈرلۈك ئەسەرلەرنى ئوقۇشتىن ئالغان تەسىراتلار ياكى قالدۇرغان خاتىرىلەر كىرگۈزۈلدى.
«ئەلگە نەپ» قىسمىغا ئەل-ئاۋام تۈرلۈك ساھەلەردە بىۋاستە بەھرە-نەپ، مەنپەئەت ئالىدىغان سىياسەت-بەلگىلىمىلەرنى چۈشەندۈرۈش ئاساس قىلىنغان يازمىلار، قانۇن-سىياسەتلەردىن ساۋاتلار كىرگۈزۈلدى.
مەزكۇر «ئەلبەھرە 2011»ناملىق ئېلكىتابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن، بەت تىزىش-لايىھەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قىسىم مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىلقۇت بلوگىدىن ي. م. ئىلقۇت ئەپەندى ئەسلىدىكى «ئەلبەھرە 2011»نىڭ ماتېرىيالىغا ئاساسەن بەت كۆركەملىكى ۋە ئېلكىتاب سۈپىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، قايتىدىن بەت تىزىپ ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەپ چىقتى. ي. م . ئىلقۇت ئەپەندى ئىشلىگەن نۇسخىسىنى«ئەلبەھرە2011»نىڭ 2- نەشرى سۈپىتىدە تورداشلارنىڭ بەھرىلىنىشىگە سۇندۇق. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ، ي. م. ئىلقۇت ئەپەندىگە ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىمەن.


«ئەلبەھرە2011»نىڭ 2- نەشرىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
چۈشۈر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-1 22:29  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-1 00:00 , Processed in 0.130541 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat