ساداق تور قوراللىرى تور بىتى ئېلان قىلىندى
يىڭى يىل يىتىپ كەلگەن مۇشۇ دەملەردە ھەممە يەردە يىڭىلىق، شۇ يىڭىلىقلارغا جور بولۇش، تورداشلارغا يىڭى يىلدا يىڭىچە يىڭىلىق بەھىر ئىتىش نىيتىدە ساداق ئۇيغۇرچە تور يۇزى تەكشۇرۇش، مۇلازىمەت تورى ئىچىۋىتىلدى. بۇ ئارقىلىق بارلىق دوسلارنىڭ يىڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.
بىر قانچە كۇنلۇك جاپالىق تەڭشەش ۋە يەرلىكتە سىناق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى ساداق تورىنىڭ ئاساسلىق گەۋدە قىسمى پۇتتى. ساداق تورى ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى مەخسۇس كەسىپلەسكەن تور بەت يۇزى قورال ۋە تەكشۇرۇش ، مۇلازىمەت بىتى بولماسلىق ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچە تور بەت يۇزى تەكشۇرۇش قوراللىرىنى ئاساس قىلغان، بىر قىسىم ئەپچىل تور بەت يۇزىدە ئىشلىتىشكە بولىدىغان دىتاللارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، تور يۇزىدە ئويناسقا بولىدىغان ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئويۇنلارنى قوشۇمچە قىلغان ( فىلەش ئويۇن ئەمەس)، تىل ئۆگىنىشنى يانداش قىلغان تور بەت قىلىش ئاساسى نىشانى ئاساسىدا تەسسىس قىلىندى. مەزمۇن بىتى تەسسىس قىنمايدۇ.
ھازىر قىسقا تورنامى سىستىمىسى تەرجىمىسى پۇتتى، لىكىن مەۋھۇم بوشلۇقتا ( مۇلازىمىتىر يوقلۇقىنىڭ خاپىلىقى دە بۇ ) بىردە نورمال بىردە نورمالسىز بولغاچقا مۇكەممەللەشتۇرلىۋاتىدۇ. بۇمۇ پات ئارىدا مۇكەممەللەشتۇرۇلگۇسى . ئادرىسى: http://www.sadak.biz/
ئۇيغۇرچە قورال ۋە تەكشۇرۇش بىتىدە ھازىرچە 71 خىل تەكشۇرۇش ۋە كىچىك قوراللار بىرىلدى. ئاز بىرقىسمى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەش ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، كەم تەرجىمە خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ. كۆپ قىسمى نورمال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى. كەڭ دوسلار ۋە ئاتامانلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر تەكلىپ بىرىشىنى سورايمەن. ئادرىسى: http://www.sadak.biz/tool/
ئاخىرىدا بارلىق دوسلارنىڭ يىڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ھەمدە يىڭى يىلىنىڭ خۇشال - خۇرام، نەتىجىلىك بولىشىنى تىلەيمەن. |