ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 270 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 193|ئىنكاس: 4

سىمسىز تور كارتىسىدىن ياردەم سورايمەن!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تۆھپە
31
تىللا
26
شۆھرەت
26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 00:40:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئىنتىل سەيناسىدىكى بارلىق ئۇستازلار ۋە ھەم ساۋاق قېرىنداشلار، ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ يىڭى يىلىڭلارنى چىن قەلبىمدىن مۇبارەكلەيمەن، ھەمدە يىڭى يىلدا يىڭىچە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

مەن يېقىندىن بۇيان سىمسىز تورغا قىززىقىپ قېلىپ بىرتال تىلگىرافنىڭ سىمسىز تور كارتا جازىسى ۋە بىرتال سىمسىز تور كارتىسى بىجىرىپ تورغا چىققان ئىدىم، ( مەن بۇنداق قىلمىشاممۇ ماڭا باشقا ئامال يوق، چۈنكى ئۆيۈم شەھەر ئىچىدىن 17 كېلومىتىر يىراقلىقتىكى بىر كەنتىدە، مەھەللىمىزدە تېلفۇن سىمىمۇ يوق شۇڭا بۇ ئۇسۇلنى قوللانغان ئىدىم) ھىس قىلىشىمچە تور سۈرئىتى يامان ئەمەس دەپ بىلدىم، تورلا توردىن ئۈزۈلۈپ كىتىدىغان ئىشىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، بىراق بۇ تىلگىرافنىڭ سىمسىز تور ھەققى بەكلا قىممەت ئىكەن، تۇنجى بىجىرگەن ۋاختىمدا ئانچە چۈشەنچەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن 100 يۈەنگە 1GB لىق بوشلۇق ئىشلىتىدىغان تۈرىنى بىجىرىپتىكەنمەن بىراق بۇ 10 كۈن ئىشلىتىشىمگە تۇشۇپ 15 كوي قەرىز بۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمدا 200 يۈەنگە 120 سائەتلىكىنى بىجىرگەن ئىدىم مانا ھازىر ئىشلىتىپ بۇلالماي ئېشىپ قالدى، خې خې خې... لېكىنزە يانچۇق قۇرۇقدىلىپ قالدىكەن شۇ، شۇڭا ئۇستازلاردىن مۇشۇ تىلگىرافنىڭ ئايلىق سىمسىز تور مۇلازىمىتى بار يوقلىقىنى سوراپ باقاي دەپ بۇتىمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن، ماڭا ئايدا 100 سائەتتىن تارتىپ 120 سائەتلىك ئەتراپىدىكى سىمسىز تور كارتىسى بولسا بۇلاتتى، بىراق  باھاسى 50 كويدىن 100 كويغىچە بولسا مۇۋاپىق بۇلاتتى، بۇرۇنقىدەك 120 سەئەتلىكى 200 كوي بولسا كىشىگە سەل ئېغىر كىلىپ قالدىكەن، ئۇستازلارنىڭ تەلىم بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

تۈۋەندىكىسى كومپىيوتىرىمدىكى سىمسىز تورنىڭ سېگىنال رەسىمى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hislitim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-1 00:49  

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
77
تىللا
52
شۆھرەت
63
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 09:03:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتتە تورغا چىقسىڭىز ، نېمە ئىشلارنى بەكرەك قىلىسىز ، مەسلەن كىنو كۆرۈش ، ناخشا ئاڭلاش ،ئويۇن ئويناش ، ياكى ماڭا ئوخشاش كىنومۇ كۆرمەي ،ئويۇنمۇ ئوينىماي ،ناخشىمۇ ئاڭلىماي ،ئۇچۇر خەۋەر كۆرۈش ،توردا سودا قىلىش ،سەينادىكى بىلىملەردىن پايدىلىنىش ئۈچۈنلا تورغا چىقامسىز ، ئەگەر ماڭا ئوخشاش مەقسەتتە تورغا چىقماقچى بولسىڭىز ،مېنىڭ سىمسىز تور كارتام ھەر ئايدا  54 سومغا 3G ئېقىم مىقدارى تاۋسەن يېتىپ ئاشىدۇ

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
423
تىللا
491
شۆھرەت
801
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 10:37:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن   قارىسام  سىز  ئىشلەتكەن   سىمسىز  تور  كارتا   ئۇسكىنىسى  تازا  ياخشى  ئەمەسكەن   ،    مەنمۇ  بۇرۇن  سىز ئىشلەتكەندەك  (پەرەز قىىشىمچە )  ئۇسكىنە   ئىشلەتكەن   ئىدىم   مېنىڭمۇ    تازا نورمال    ئەمەستى   ،    تولا  توردىن   ئۈزىلەتتى   ،   ئاخىرى    خۇۋاۋې  ئۇسكىنسىنى  سېتىۋالدىم   ،  بۇرۇن   بىرنى   ئالغان    ئۇ  بەك  تىز   ئىشلەيتى    ،  ئۇ  بۇزۇلۇپ  ھازىر   بىرنى   ئالدىم   بۇمۇ  ناھايىتى   ياخشى لىكىن   بۇرۇنقىسىغا  يەتمەيدۇ   ،   
سىزمۇ   ئۈسكىنىڭىزنى  ئالماشتۇرۇپ  سىناب  بېقىڭ   !   
مەن  كۆچمە   خەۋەرلىشىش  تازا  ئىشلەپ   كەتمەيدىغان   ئۆيدە    ئىشلىتىمەن      ،  بەكلا  نورمال  ھازىر   ھەر  ئايدا   60    كويلۇق     3 جى    ھالەتتە   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-1 10:38  

Rank: 2

تۆھپە
31
تىللا
26
شۆھرەت
26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 23:01:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pishwa يوللىغان ۋاقتى  2012-1-1 09:03
ئادەتتە تورغا چىقسىڭىز ، نېمە ئىشلارنى بەكرەك قىلىسىز  ...

مەنمۇ ئادەتتە كىنو كۆرمەيمەن، ناخشا مۇزىكىمۇ ئاڭلىمايمەن، شۇ پەقەت كۈندىلىك يىڭى خەۋەرلەرنى كۈرۈش بىلەن بىرگە سەينا كۈرۈپ بىلىمىمنى يىڭىلاپ تۇرىمەن، باشقىچە ئارتۇق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمايمەن، شۇڭا مۇشۇ ھەقتە تەلىمگە مۇھتاجمەن!

Rank: 2

تۆھپە
31
تىللا
26
شۆھرەت
26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 23:02:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر ئەپەندىم، مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىرەك بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز، مەسىلەن سىزدىگەندەك كەسىپنى قانداق ئۇسۇل بىلەن بىجىرىمەن دىگەندەك، رەھمەت سىزگە! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hislitim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-7 00:32  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-1-28 12:57 , Processed in 1.054958 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش