يېڭى يىل لىرىكىسى
ئىنتىل مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن!
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
1
تۆكۈلدى بەرگىمدىن يەنە بىر تال گۈل،
گۈل دېمەك ئۇزۇغان يىلنىڭ قىياسى.
باغرىمنى قاقلىدىم يېڭى قۇياشقا،
چېچىمدىن بىر تالنىڭ ئۆڭدى سىياسى.
روھىمنى ئاڭقىيدۇ ئۆتۈپ كەتكەن يىل،
قەلبىمدىن قاڭقىيدۇ ئۇچۇپ كەلگەن يىل.
ئارقامغا قارايمەن ھۆسنۈمدە جىلۋە،
ئالدىمدا دەريادەك لۆمشۈيدۇ بىر پىل.
سۈكۈتكە پاتىمەن پىلغا سەپ سېلىپ،
يېتەرمۇ نوختىلاپ مىنىشكە كۈچۈم.
بارارمۇ تاغلاردىن ھالقىپ گۈل باغقا،
ماغدۇرسىز ھالىمغا كەلدى بەك ئۆچۈم.
2
قۇشقاچلار بىر پۇتلۇق دۈگدىيىپ قاردا،
زېمىننىڭ نەھرىدىن رىسىق تىلەيدۇ.
ئوۋچىنىڭ قولىدا تىپىرلاپ توشقان،
قېچىشقا ئىرادە، نىيەت بىلەيدۇ.
قار باسقان جىگدىنى ئەگىپ جىگدۈچۈك،
يېڭى يىل قوينىغا كېتىدۇ كىرىپ.
يانۋارنىڭ سۇس كۈلگەن ئاپتاپ مېھرىدە،
دېرىزەم گۈللىرى چۈشىدۇ ئىرىپ.
3
كېلىدۇ قەشقەردىن يېشىل ماشىنا،
ئەتىرگۈل سىزىلغان ئاتكىرتكا ئېلىپ.
يولدا مەن پىيادە، بېشىمدا تۇماق،
قار بوۋاي يىغلايدۇ كۈلگۈسى كېلىپ.
يېزىلغان تىلەككە كۆمۈپ چوغۇمنى،
قويىمەن بۇلتۇرقى تىلەككە قوشۇپ.
باھارنىڭ تۇنجى قار سۈيىگە قېنىپ،
كېتىدۇ چېچەككە باغلىرىم توشۇپ.
4
ھوردايدۇ قولىنى مايلامچى بالا ،
سىزىلغان يۈزىگە خەرىتە گۇيا.
پەلتۇغا لىق كەلگەن بايۋەچچە پۇتى
قىلمايدۇ مۇز قولدا ئويناشتىن ھايا.
قارمۇ ئاق،قاچىدا قېتىقمۇ ئاپئاق،
قېتىقچى موماينىڭ چېچى بەرگەن رەڭ.
ئاغزىدىن پۇرقىراپ چىققان لەۋزىدە،
قايماقلار لەيلەيدۇ كۆكتىن ھالقىپ ئەڭ...
5
پەشخۇنغا يېپىشقان ئىشتەيلەر ھامان،
تونۇردىن چىقىدۇ گۆشگىردە بولۇپ.
يېڭى يىل بەرمەيدۇ ئاڭا يېڭى تۈس،
يېيشلەر باشلىنار ھىممەتكە تولۇپ.
«گۆشگىردە پاقلاننىڭ،پۇتى چاققاننىڭ»
ساداسى قۇلاقنى ئۆتىدۇ تېشىپ.
ناۋايغا جۈر بولۇپ ئىككى توڭ قاغا،
قاقىلدار گۆشگىردە سىرىنى يېشىپ...
6
يېڭى يىل قوينىغا بولۇپ بېلىجان،
شۇڭغىدى بەرگىمدىن يەنە بىر تال گۈل.
چۆكۈشكە ئىجازەت بەردىم ۋە يەنە،
كۆز يېشىم بەھرىدىن بىنا قىلدىم كۆل.
كۆل تولدى ئاققۇدەك ئۈمىدكە پەۋەس،
ئۆرۈلدى يېڭىغا خىيال ۋە نەپەس.
يانۋارنىڭ مامۇقتەك يۇمشاق قوللىرى،
كۆڭلۈمگە ياقتى ئوت،يىپيېڭى ھەۋەس.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxhuy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-31 23:31
|