- توردا
- 863 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-4
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 2816
- تىللا
- 5207
- MSN
- aelsoft@hotmail.com
- تۆھپە
- 1296
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 12635
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 14
- خاتىرە
- 21
- يازما
- 495
- تېما
- 45
- نادىر
- 1
- ھەمبەھر
- 3
- UID
- 21
- تۆھپە
- 1296
- تىللا
- 5207
- شۆھرەت
- 2816
|
گوستلىغاندا ئالدى بىلەن ئەخلەت ھۆججەتلەرنى تازىلىۋېتىڭ، ئاندىن سىستېما يامىقى ياماپ بولغاندا قالغان قالدۇق ھۆججەتلەرنى تازىلىۋېتىڭ ( بۇ ئادەتتە سىستېما ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدە $NtUninstallKB دېگەن ھەرپ تىزمىسىدىن باشلىنىپ، ئارىلىقتا بىرمۇنچە سان، ئاخىرىدا $ بەلگىسى بىلەن ئاخىرلاشقان يۇشۇرۇن خاسلىقتىكى ھۆججەت قىسقۇچلاردا ساقلانغان بولىدۇ)، سىستېما ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى Prefetch دېگەن ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرىۋېتىڭ. بولمىسا يۇقىرىدىكى تورداشلار دېگەندەك سىستېما ئورۇقلىتىدىغان دېتاللاردىن پايدىلىنىپ ئورۇقلاتقاندىن كېيىن گوستلاڭ. ئۇندىن باشقا، سىز يۇقىرىدا ۋىروسخوردىن پايدىلىنىپ ۋىروس تازىلىغاندا بىرنەچچە گېگابايت ھۆججەتنى ئۆچۈرگەنلىكىنى تىلغا ئاپسىز، ئادەتتە نود32 بۇ ھۆججەتلىرىڭىزنى بىۋاسىتە ئۆچۈرىۋەتمەي، ئۆزىنىڭ ئايرىش رايونى(隔离区) گە قويۇپ قويىدۇ، بەلكىم سىز ۋىروسخورنى سىستېما قاچىلىغان دىسكا بۆلىكىگە قاچىلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن، ئۇنداق بولغاندا بۇ ھۆججەتلەرمۇ بىللە گوستلىنىدۇ-دە، گوستلانغان ھۆججەتنىڭ سىغىمى ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئالدى بىلەن بۇ ھۆججەتلەرنىمۇ ئۆچۈرىۋېتىشىڭىز لازىم، بۇنىڭ ئۈچۈن نود32 نىڭ ئاساسىي كۆزنىكىنى ئېچىپ، سول تەرەپتىكى «قورال»(工具)نى چەكسىڭىز، «خاتىرە»(日志文件)، «ئايرىش»(隔离)دېگەندەك تىزىملىكلەر چىقىدۇ، ئاشۇ تىزىملىكلەرنى ئۆچۈرىۋەتسىڭىز (تاللىغاندىن كېيىن مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى بېسىپ، چىققان تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش تۈرىنى تاللىسىڭىز) بولىدۇ. |
|