ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 349|ئىنكاس: 9

تالقان، سوقماق دېگەنلەرنى قانداق ياسايمىز؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
754
تىللا
598
شۆھرەت
1134
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 19:37:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار ھەرخىل تالقانلارنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرساڭلار بوپتىكەن.
يەنە سوقماقنى قانداق تەييارلايمىز؟
turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
2425
تىللا
2438
شۆھرەت
4521

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 20:23:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ سوقماق دىگەننى بىلمىدىم .تالقاننى بىزنىڭ تۇرپاندا مۇنداق ياسايدۇ
  ئازراق قوي مېيىنى قازانغا سېلىپ قىزىتىپ بۇنىڭغا مۇناسىپ ئاق ئۇن سېلىنىپ ،قورۇيدۇ . سۇس ئوتتا ئۇزاق ۋاقىت قورۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ سوۋۇتىلىدۇ .ئاندىن ئازراق  قۇرۇق ئۈزۈمنى ( ھېلىقىدەك يېشىل ئۈزۈمنى ئەمەس .كۈن نۇرىدا  قۇرىغان قارامتۇل قۇڭۇر رەڭلىك ئۈزۈم )  پاكىز يۇيۇۋېتىپ قۇرۇتۇپ  ھېلىقى قورۇلغان ئۇنغا تەكشى ئارلاشتۇرۇلىدۇ. ساقلاش جەريانىدا بۇزۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، ئەينەك كونسىرۋا قۇتىلىرىغا بۆلۈپ ئېلىنىپ ئاغزى ھىم يېپىلىپ ،قاسقاندا 20~30مىنۇت  ھوردىلىنىدۇ  .    مانا پۈتتى . دەستىخانغا كەلمەمدۇق   

باھا سۆز

Intil  http://www.tilbil.com دىن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئۇنىۋېرسالئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى ئى . ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۈم بىلەن  تەپسىلاتى ئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 01:39:42

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
266
تىللا
295
شۆھرەت
448
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 01:09:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئاللا باشتا توغرا دىگەنتىڭىز ئاخىردا ئىزىپلام كەتتىڭىزغۇ دۇستۇم  ئۇنىڭغا بادام ياڭاق ھەسەل ئەنجۇر قىقى يەنە ئىككى ئۇچ خىل بارتى قۇشۇمچىلرىدىن يادىمغا كەلمەيۋاتىدۇ  ئەرلەرگىمۇ ئاياللارگىمۇ بولىدۇ  بەدەنگە بەكلام پايدىلىق مەنمۇ كۈندە ئەتتىگەن ناشتىلىق تا يەيمەن بەك قىلالمىسىڭىز  مەخسۇس سوقماق  ياساپ بىردىغان يەرلەر بار بىر كىلوسىنى 30 يۇەندىن 40 يۇەنگىچە قىلىپ بىرىدۇ
yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
1870
تىللا
1417
شۆھرەت
2999
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 17:45:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«چوشقا تەركىبلىك يىمەكلىكلەر» ، « مېڭنيۇ» ھەققىدىكى تېمىلارنى كۆرگەندىن كېيىن مەنمۇ ئىمكانبار تەييار يىمەكلىك ئالغۇم كەلمەيدىغان بولۇپ قالغانتى.

سوقماقنى ياساش ئۇسۇلى مۇنداق:
ياڭاق، يىمىش، بولسا بادام مېغىزىنىمۇ قوشۇپ سوقۇپ تالقان ھالەتكە كەلتۈرۈمىز ئاندىن بۇنىڭغا ھەسەل قوشۇپ ئارىلاشتۇرساقلا بولىدۇ.
(مەن بۇنى بازاردا يەل- يىمىش دۇككىنىدا ياساۋاتقاندا كۆرگەن)
yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
1870
تىللا
1417
شۆھرەت
2999
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 18:19:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆمۈر كەملەكتىن بولغان كەم قانلىق كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدىغان يېمەكلىكلەر- ياڭاق تالقىنى بوتقىسى
ماتېرىيالى: ياڭاق مېغىزى 200 گرام، توخۇ گۆشى 250 گرام، پىياز، تۇز، پەمىدۇر قاتارلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا.
  تەييارلاش ئۇسۇلى: ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستىنى سويىۋېتىپ سوقۇپ، سىم ئەلگەكتىن ئۆتكۈزىمىز. توخۇ گۆشىنى پارچىلاپ، سۇدا قاينىتىپ كۆپۈكىنى سۈزۈۋېتىپ، ئاندىن كۆكتاتلارنى سېلىپ، پىشقاندا ئۈستىگە ياڭاق مېغىزىنى سېپىپ، ئازراق ۋاقىت قاينىتىپ كۆپۈكىنى سۈزۈۋېتىپ سۇيۇق ئۇماچ تەييارلايمىز. تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق.ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماقتا ئىسسىق ھالەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
1870
تىللا
1417
شۆھرەت
2999
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 18:26:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدە سوقماق: بادام مىغىزى 500گىرام، ياڭاق مىغىزى500گرام، ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۇم500گىرام، خورما 300گىرام،
ئەنجۈر مونكى 300گىرام، زەپەر5گىرام، ئىقىل قارا، قۇچقاچ مىڭسى، قۇندۇز قەھرى، ئازاراقى، ئاملە، پىستە مىغىزى، چىلخوزا مىغىزى، سەقەنتقۇر، سۆلەپ، شاقاقۇل، بەسباسە...قاتارلىق دورىلارنى مۇۋاپىق ئىلىپ ھەسەل 1.5كىلوگىرام، شەربىتى سەپەرجىل 1جىڭ .
بادام مىغىزى 500گىرام، ياڭاق مىغىزى500گرام، ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۇم500گىرام، خورما 300گىرام
ئەنجۇر مونكى 300گىرام دورىلارنى گۈلقەنت ئىزىش ماشىنسدا ئىزىپ زەپەردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ھەسەلگە ئارلاشتۇرۇپ سەل سوۋىغاندا زەپەنى سىلىپ ئاخىردا ئىزىلگەن دورلارنى سىلىپ تەييارلىنىدۇ.
بۇ دورا كۈچلۈك زەپەر ۋە ئىپار پۇراقلىق بولۇپ ئېغىزى بار كورۇشكىلاردا ساقلايمىز .
تەمى ياڭاق ماتىڭدەك بولۇپ ئىنتايىن يىيىشلىك . ئادەتتە ھەر بىر تەييارلاشتا 3كىلوگىرام ئەتراپدا تەييارلىندۇ 2ئايدىن 3ئايغىچە ئىستىمال قىلشقا بولدۇ.
تەسىرى: ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ،مىڭە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئىمونىت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئىشتەينى ئىچىش، قاتارلىق تەسىردىن باشقا يەنە ئانالىزىم تەسىردىن بولغان جىنسى ئاجىزلىق، جىنسى ئەزاننى كىچىكلىشى، ئۇرۇقنىڭ ھەركىتنىڭ ئاستا بولشىغا ئالاھىدە مەنپەت قىلدۇ. ئەرلەردىكى تۇغماسلققا ئالاھىدە مەنپەتى بار .
مەنبە http://bilge.cn/yaz/?pageid=15 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-28 18:27  

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
754
تىللا
598
شۆھرەت
1134
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 18:27:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارغا كۆپ رەھمەت،
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
13806
تىللا
18385
شۆھرەت
25109

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 01:39:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turpan يوللىغان ۋاقتى  2011-12-27 20:23
ئاۋۇ سوقماق دىگەننى بىلمىدىم .تالقاننى بىزنىڭ تۇرپاند ...

http://www.tilbil.com دىن
ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئۇنىۋېرسال
  1. (用核桃仁加葡萄干和糖稀制成的)核桃仁糖
  2.   
  3. 羊肠小道, 小路, 蹊径
  4.   
  5. 〔动〕①打, 锻②捣, 舂③撞, 碰④〔转〕搏动, 跳动⑤〔转〕倾, 喜欢⑥(风)吹, 刮⑦〔转〕占, 捞, 窃取, 拿跑⑧整, 治⑨〔转〕吃掉, 喝掉
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى  
ئى . ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۈم بىلەن ياڭاق مېغىزىنى سوقۇپ ، ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدىغان بىر خىل تاتلىق يېمەكلىك .
  
سۈپ . ئايرىم كىشىلەر بىلىدىغان ، يالغۇز ئاياغ ماڭىدىغان ، چىغىر : سوقماق يول .
  
پ 1.بىرنەرسىنى ئىككىنچى بىرنەرسىگە ئۇرماق : تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق (ماقال). 2. بىرەر شەكىلگە، ھالەتكە كەلتۈرمەك، ياسىماق، سالماق : پىچاق سوقماق. قىر سوقماق.3.يانجىماق، ئۇۋىماق : قوناق سوقماق، بۇغداي سوقماق. 4. چالماق : چاۋاك سوقماق. جاڭ سوقماق. * بۇ چاغدا ك
  
6. كۆچمە. تارتماق، خالىماق : ئۇ چاغلاردا مېنىڭ كۆڭلۈم پاتىگۈلگە بەكرەك سوقاتتى. 7.چىقماق، ئۇرماق ( شامال، بوران ھەققىدە ) : ئىككى قىرغىقى پىچاقتا كەسكەندەك تىك يارلىق چوڭقۇر سايدىن تۆمۈرنىڭ ئىسسىقىنى بېسىپ، ساپ، سالقىن شامال سوقۇپ تۇراتتى. 8.تەپمەك، ئۇرما
  
11 كۆچمە. يېمەك، يەۋالماق : ئۇ يالغۇز قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پولۇنىڭ گۆشلىرىنى خىللاپ سوققىلى تۇردى.

ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە ئۇنىۋېرسال  
to hit, strike, forge
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
13806
تىللا
18385
شۆھرەت
25109

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 00:41:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەندە بالىلىرىمغا يەرلىك مەھسۇلاتتتىن مۇشۇ سوقماقنى ئېلىپ بەرمەكچى بولدۇم، مەھەللىمىزدىكى دۇككانلاردا يوقكەن، تازا قار يېغىۋاتقان بولغاچقا  ھېيتگاھ تەرەپكە ئۆتۈش خوشياقماي باشقىلاردىن سورىسام «زاۋۇتنىڭ نەرسىسىدىن بىردسەمدە زېرىكىدۇ. ھېيتگاھتا تەييار ياساپ بېرىدىغانلار بار، قانچىلىك دېسىلىرى ياساپ بېرىدۇ» دېدى.
شۇنىڭ بىلەن شۇ ياساپ بېرىدىغانلاردىن بىر جىڭ ئالدىم، بۇنى يۇمشاق نان بىلەن يىسەك تازا قاملاشتى.
سوقماق ياساپ ساتقۇچىنىڭ رېتسىپى ( كۆرۈپ سوراپ بىلگىنىم):
ياڭاق، بادام مېغىزى، ئۇرۇقسىز قىزىل يىمىش، ھەسەل.
تەييارلار: بۇنى گۆش قىيما ماشىنىسىدا ئەزدى.

ئۆتكەن ھەپتە بۇنى ئۆزەم بىر ياساپ باقمايمۇ دەپ 2 كىلو ياڭاق، 2 كىلو بادام، 1 كىلو ئۈرۈك مېغىزى، 1 كىلو قىزىل يىمىش،  4 كىلو ئادەتتىكى ھەسەل ئالدىم، ئۆيدىكىلەر بىركۈن ئولتۇرۇپ قىزغىنلىق بىلەن ياڭاق بىلەن بادام چاقتۇق، يىمىشنى قايناقسۇدا چايقىۋەتتىم.
ئەمدى بۇلارنى(ھەسەلدىن باشقىسىنى) ئارىلاشتۇرۇپ مىۋە شىرنىسى قىلىدىغان ماشىنىچاقنىڭ قىيما قىلغۇچىسىغا بىر پىيالىدىن سېلىپ ئەزدىم.
ئاخىرىدا ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ پەشمەكچىنىڭ ھالۋىسىدىن قويۇقراق ناھايىتى تەملىك يىمەكلىكتىن بىر داس بوپتۇ.
ئەسلىدىكى ئارزۇيۇم بويىچە ئۇرۇق-تۇققان، دوستلىرىمغا « ئۆززۈمىز ياسىغان مەھسۇلات، تېتىپ بېقىڭلار» دەپ بىر پىيالە كەلگۈدەكتىن سوۋغا قىلدىم.
بۇ بازاردىن ئالغىنىمدىنمۇ تاتلىق بولدى. يەنە بىر خوش بولغان يىرىم ئائىلە بويىچە ئەمگەك قىلىپ خوشاللىق ۋە لەززەت تاپتۇق.

بىر دوستۇمنىڭ بۇنى ياساش ھەققىدىكى تەۋسىيەسى مۇنداق بولدى:
مېغىزلارنى قورۇپ نەملىكىنى يوقۇتۇپ، قايناقسۇغا چىلىۋىتىپ پوستىنى سويۇۋىتىپ ئاندىن ئىزىپ ئالىي ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇش.

كېيىنكى قېتىمدا دوستۇم دېگەندەك ياسىماقچى.
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
13806
تىللا
18385
شۆھرەت
25109

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 22:03:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلاردىكى«ياڭاق تائاملىرى»نى بىلىۋېلىڭ

ئۇيغۇرلاردىكى«ياڭاق تائاملىرى»نى بىلىۋېلىڭ

خوتەن خەلقى ياڭاقنى ئايرىم ئىستېمال قىلىپلا قالماي، يەنە ياڭاق خام ئەشيا قىلىنغان تۈرلۈك تائاملارنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن . ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە :
كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى: كۆك ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستىنى سويىۋەتكەندىن كېيىن ئۇششاق ئېزىپ، چانالغان پىياز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ. قىيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن چۆچۈرە تۈگۈلۈپ قايناپ تۇرغان قازانغا سېلىپ پۇشۇرىلىدۇ. قوناق ئۇنىدا ئېتىلگەن كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى تېخىمۇ ئالاھىدە بولىدۇ .
كۆك ياڭاق مانتىسى: تەييارلىنىدىغان قىيما كۆك ياڭاق چۆچۈرىسىنىڭ قىيمىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى سۇدا پىشۇرسا، كۆك ياڭاق مانتىسى قاسقاندا پىشۇرىلىدۇ .
كۆك ياڭاق كۆمىچى: كۆك ياڭاق پوستىنى سويىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇششاق ئېزىپ، چانالغان پىياز ۋە گۆش بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ. قىيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن كۆمەچ راسلىنىپ، قىززىتىلغان مايدا ياكى قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرىلىدۇ .
كۆك ياڭاق سامسىسى: كۆك ياڭاق كۆمىچىنىڭ قىيمىسى بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا قىيما تەييارلىنىپ، سامسا تۈگۈلگەندىن كېيىن تونۇرغا يېقىلىدۇ .
ياڭاق مانتىسى: ياڭاق مېغىزى ئۇششاق ئېزىلگەندىن كېيىن شېكەر، قوي يېغى ئارىلاشتۇرلۇپ قىيما قىلىنىدۇ. قيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن، مانتا تۈگۈلۈپ قاسقاندا پىشۇرىلىدۇ .
ياڭاق نېنى: ياڭاق، سۈت، تۇخۇم، ھەسەل، ماي قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر يۇغۇرلۇپ تىندۇرۇلغاندىن كېيىن نان ياسىلىپ، تونۇرغا يېقىلىدۇ. بۇ خىل نان ئادەتتە « سەپەر نېنى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن چۈرۈك ۋە مەزىلىك بولىدۇ. ئۇزاققىچە قېتىپ قالمايدۇ .
ياڭاق چېيى: ياڭاق قىزىتىلغان تونۇردا ساغارتىلغاندىن كېيىن، ئۇششاق ئېزىپ ئۈستىگە قايناقسۇ ۋە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قۇيۇپ تەييارلىنىدۇ.
ياڭاق مۇرابباسى: كۆك ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستى سويۇۋىتىلگەندىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر ياكى ھەسەل ئارىلاشتۇرلۇپ، قاچىنىڭ ئېغىزى خام قەغەزدە ئورىلىپ، كۈن نۇرى بىۋاستە چۈشىدىغان جايدا قويۇپ 30 كۈن ئەتراپىدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ .
سوقماق: ياڭاق بىلەن قۇرۇق ئۈزۈم ئۇششاق ئېزىلىپ ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يومىلاقلىنىپ تەييارلىنىدۇ. سوقماقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ، يىراق سەپەرگە چىققاندا ياكى ئادەتتىكى كۈنلەردە ئازراقتىن ئىستېمال قىلغاندا قورساق ئاچۇرمايدۇ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ .
مەنبە : مېھرى ئاي دۇنياسى
~~~~~~~~~~~~~~~~~
بالىلار تولۇقلاشقا تېگىشلىك 4 خىل ئوزۇقلۇق(2)
  
ئاقسىل: بالىلاردا ئاقسىل كەمچىل بولغاندا، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ناچارلاش، بەدىنى ئاجىزلىشىش، تولا ئاغرىپ قېلىش، يېتىلىشى باشقا ئوخشاش ياشتىكى بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئاستا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئاقسىل تولۇقلاشنىڭ ئەپچىل چارىسى:
1. پىشۇرۇلغان تۇخۇم، تۇخۇم قورۇمىسى، تۇخۇم تۈرمىلى، تۇخۇم قاتلىمىسى قاتارلىقلار بالىلارنىڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىكلىرى بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، تۆمۈر ۋە باشقا مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلار مول.
2.يېڭى بېلىق گۆشىدىن ياسالغان قېلىن توغرالغان بېلىق گۆشى، بېلىق كاۋىپى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل مىقدارى بىر قەدەر مول، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئومېگا-3ياغ ئاقسىلىنىڭ مىقدارىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى.
3. قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى دانلىق زىرائەتلەر، مېۋە قېقى ياكى كۆكتاتلارغا ئارىلاشتۇرغاندا، تائاملاردىكى ئاقسىل، غىزا تالاسى ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى قاتارلىقلارنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
كۆرسەتمە: قۇرۇق ئۈزۈم، بانان قېقى، ئالما قېقى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ سوقماق ياساپ، بالىلارغا ئۇششاق يېمەكلىك قاتارىدا بەرسە بولىدۇ.
ماقالە مەنبەسى: ئەلداۋا  
~~~~~~~~~~~~
ياڭاق مېغىزى بىلەن ئۈزۈمنى مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ ئېزىپ سوقماق تەييارلاپ ئىستېمال قىلسا نېرۋا ئاجىزلىق، ماغدۇرسىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
~~~~~~~~~~~~
ياڭاق بىلەن قۇرۇق ئۈزۇمنىڭ ئارلاشمىسىغا ئازراق كۈنجۈت قۇشۇپ ئېزىپ تەييارلانغان (سوقماق) قاتىرلىقلار مېڭىنى زۆرۇر ئۇزۇقلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ .
  
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-29 03:21 , Processed in 0.263147 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش