ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 703|ئىنكاس: 6

كومپىيوتېرنى ئاددى ئۇسۇلدا تورلاشتۇرۇش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
81
تىللا
105
شۆھرەت
117
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 03:10:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن ماتىريال يۆتكەش زۈرۈرىيىتىدىن ئىككى كومپىيوتېرنى تورغا ئۇلاش توغرىسدا مەسلىگە يولۇقۇپ مۇنبەرگە كىرىپ ئىككى كومپىيوتېرنى لويۇۋچى ئارقىلىق ئۇلاش توغرىسدىكى مەزمۇنلارنى كۆرسەم كۆپچىلىكمۇ مەن يۇلۇققان مەسلىگە يۇلۇقۇپ ھەل قىلش چارىسىنى تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن توردۇنياسىنى ئاختۇرۇپ ئاخىرى ئاددى بولغان ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقتىم . بۇ تىما شۇ خىلدىكى قىيىنچىلققا يۇلۇققانلارغا ئاسانچىلق تۇغدۇرۇپ بەرسە ماڭا شۇ كۇپايە.
لويۇۋچى ئارقىلىق ئىككى كومپىيوتېرنى ئۇلاش.
مەشغۇلات دائىرسى : ئىككى كومپىيوتېرنى ئۆز -ئارا ئۇلاپ خۇددى بىر كومپىيوتېردەك ھالەتكە ئەكىلىپ بىرىدۇ. ماتىريال كۈچۈرۈش مەشغۇلاتىمۇ بىر كومپىيوتېردىكى ئىككى دىسكىدىن ماتىريالنى ئۆز ئارا كۈچۈرگەنگە ئوخشاش.
قەدەم باسقۇچلىرى:
1. بىر لويوۋچى ئارقىلىق تورغا چىقىش  (بىلمەيدىغانلار كۆزدە تۇتۇلۇپ تەپسىلى يېزىلدى)
Internet Explorerتور كۆرگۈسىنى قوزغۇتۇپ ئادىرىس كىگۈزۈش كۆزنىكىگە 192.168.0.1دىگەن رەقەمنى كىرگۈزسەك Internet Explorerنىڭ ئارقا بەت باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ تىزىملاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.
تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك

چىققان كۆزنەكنىڭ ئابونىت نامى ۋە پارولى دىگەن يەرگە ئوخشاش قىلىپ admin دىگەن خەتنى كىرگۈزۈپ موقۇملاشتۇرىمىز . بۇۋاقىتتا تۈۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.

سول تەرەپتىكى 快速设置دىگەن خەتنى تاق چەكسەك ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەك تۈۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ھالەتكە كىلىدۇ.

چىققان كۆزنەكنىڭ 1.تۈرى يەنى (ADSL虚拟拨号(PPPoE دىگەن خەتنى چىكىپ ئاستىدىكى كىيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. بۇ ۋاقىتتا تۈۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.

چىققان كۆزنىكنىڭ ئۈستى تەرەپتىكى كاتەكچىگە تىلگىراف بىكىتىپ بەرگەن كەڭ بەلباغ تورى ئابونىت نامىنى ئاستىدىكى كاتەكچىگە پارولىنى كىرگۈزۈپ كىيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. چىققان كۆزنەك تەڭشەنىڭ ئاخىرلاشقانلىق ئۇچۇرى ككزنىكى بولۇپ ساقلاش كونۇپكىسىنى بېسىپ مەشغۇلاتنى ئاخىرلاشتۇرىمىز. بىزنىڭ لويۇۋچى ئارقىلىق ئۇلاشتىكى تۇنجى مەشۇلاتىمىز مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەمدى مودىمدىن چىققان سىمنى لويۇۋچىنىڭ كىرىش تۈشۈكىگە سېلىپ قالغان تۈشۈكىگە نەچچە كومپىيوتېرنى تورلاشتۇرماقچى بولساق شۇنچە كومپىيوتېرنىڭ چىقىرىش سىمىنى چاتساقلا كومپىيوتېر تورغا ئۇلىنىدۇ.
2. كومپىيوتېرنى ئۇلاش مەشغۇلاتى
ئۈستەل يۈزىدىكى مىنىڭ توردىكى قوشنام (网上邻居) نى مائۇسنى قوش چىكىپ ئاچىمىز. چىققان كۆزنەكنىڭ سول تەرەپتىكى تىزىملىكتىن 设置家庭或小型办公网路دىگەن خەتنى چەكسەك بىر تەڭشەش كۆزنىكى چىقىدۇ. كىيىنكى قەدەمنى بېسىپ مەشغۇلاتنى داۋاملاشتۇرىمىز. چىققان كۆزنەكتىمۇ كىيىنكى قەدەمنى بېسىپ مەشغۇلاتنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ ۋاقىتتىكى چىققان كۆزنەكنى يول كۆرسەتكۈچنىڭ ئىشلىتىلۋاتقان تور دىتاللىرىدىن باشقا يەنە باشقا تور دىتاللىرى بارمۇ يوق دىگەننى تەكشۈرۈش كۆزنىكى بولۇپ

ئىشلىتىلىۋاتقان تور دىتالىدىن باشقا قۇشۇمچە دىتال بولمىسا ئۇچۇر چىقمايدۇ كىيىنكى قەدەمنى بېسىپ مەشغۇلاتنى داۋاملاشتۇرىمىز. قۇشۇمچە دىتال بولسا سول تەرەپ ئاستىدىكى تاللاشنى بىر چىكىپ تاللىۋىتىپ مەشغۇلاتنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ ۋاقىتتا تۈۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ.

ئوتتۇرىدىكى تاللاش بەلگىسىنى تاللاپ كىيىنكى قەدەمنى باسىمىز، بۇ ۋاقىتتا نۆۋەتتىكى كومپىيوتېرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

چىققان كۆزنەكنىڭ ئۈستىدىكى 计算机描述 دىگەن كاتەكچىسىنى ئاق قويۇپ ئاستىدىكى 计算机名دىگەن كاتەككە ئۈزىمىز بىلىدىغان ئىسىمدىن بىرنى قويۇپ كىيىنكى قەدەمنى باسىمىز. ئۇنىڭدىن كىيىنكى چىققان كۆزنەكلەردە ھىچقانداق مەشغۇلات ئېلىپ بارماي كىيىنكى قەدەمنى بسېىپ ئاخىرلاشتۇرىمىز. ئەڭ ئاخىرقى كۆزنەكنىڭ 4تاللاشتىن ئەڭ ئاستىدىكى تاللاش بەلگىسىنى تاللاپ

كىيىنكى قەدەمنى بېسىپ مەشغۇلاتنى ئاخىرلاشتۈرىمىز. بۇ ۋاقىتتا كومپىيوتېر قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. كومپىيوتېرنى قايتا قوزغىتىمىز.
3. ھۆججەتلەرنى ئورتاقلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇش
ئولۇنۇش قۇرۇلۇپ بولغاندىن كىيىن بىز ھەرقايسى دىسكىلارنى ئورتاق بەھىرلىنش ھالىتىگە كەلتۈرىمىز. ئۇسۇلى تۈۋەندىكىچە:
ئورتاق بەھىرلىنش ھالىتىگە كەلتۈرمەكچى بولغان دىسكىنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئەكىلىپ ئوڭ كونۇپكىنى چىكىمىز چىققان كۆزنەكتىن خاراكتىرى دىگەن خەتنى چىكىپ چىققان كۆزنەكنىڭ ئۈستىدىكى 共享دىگەن تۈرنى تاللايمىز.  بۇ ۋاقىتتا ئورتاق بەھىرلىنىشنى تەڭشەش كۆزنىكى چىقىدۇ.

چىققان كۆزنەكنىڭ ئوتتۇرىدىكى توردىن ئورتاق بەھىرلىنىش ۋە بىخەتەرلىك دىگەن تۈر ئاستىدىكى ئىككى تاللاش بەلگىسىنى تاللاپ موقۇملاشتۇرىمىز. (ئۈستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلەەندەك)
ئەمدى يۇقارقى مەشغۇلات بۇيىنچە ئۇلىماقچى بولغان كومپىيوتېرلانى بىر قور تەڭشەپ چىقىمىز. مەشغۇلات ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مىنىڭ تور قوشنام كۆزنىكىگە كىرىپ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كومپىيوتېرنى كۈرۈش (查看工作组计算机)دىگەن خەتنى چەكسەك كۆزنەكتە ئۇلانغان كومپىيوتېرلارنىڭ دىسكا بەلگىلىرى كۈرۈنىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tukkuzsaray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-26 03:21  

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
526
تىللا
509
شۆھرەت
827
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 14:14:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ياخشى تېمىكەن ماۋۇ 1 ساقلاپ قوياي جۇمۇ

Rank: 2

تۆھپە
31
تىللا
34
شۆھرەت
31
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 17:18:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە فىيچۇ دىگەن دىتالمۇ بىرقەدەر ياخشى ئىشلىتىش قولايلق 飞秋2.5版
turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
2425
تىللا
2438
شۆھرەت
4521

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 22:56:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر سەينادا بۇنىڭغا ئوخشاش تەپسىلى چۈشەندۈرىدىغان تورداشلار ناھايىتى ئاز قېلىۋاتىدۇ.
رەخمەت ئەجرىڭىزگە !
dilhan 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
93
تىللا
170
شۆھرەت
162
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 23:29:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىز دىگەندەك قىلسام يەنە ئۇلانمىدىغۇ؟بىر يول كۆرسىتىپ قويغان بولسىڭىز!!!

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
266
تىللا
295
شۆھرەت
448
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 01:13:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدىن بىر مەسىلىنى سوراپ باقسام لۇيۇچى ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ كومپىيۇتېرىغا كىرگىلى بولامدۇ يەنە بىر مەسىلە تور سۇرئىتىنى 4مىگابايىت دىسەك ئۇنىڭغا 2 كومپىيۇتېرنى چاتقان بولسا 1 كومپىيۇتېرنىڭ سۇرئىتى مانچىلىك بولسۇن 2 نىڭ سۇر ئىتى مانچىلىك بولسۇن دەپ تەڭشىگىلى بولامدۇ تەلىم بەرسىڭىز

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
282
تىللا
393
شۆھرەت
434

ئاكتىپ تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 16:06:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۈنۈگۈن مۇشۇ ئۇسۇلدا ئۇلىۋالدىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-28 18:26 , Processed in 0.506517 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش