ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 322|ئىنكاس: 1

كىتاپ تۈپلەشتىن ياردەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
571
تىللا
616
شۆھرەت
925
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 07:32:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەقسەتكە كەلسەك ، يېقىندا مەلۇم بىر كومپىيوتىر (PDF شەكىلدىكى ) ئېلكىتابىدىن 20 ~ 30 تالغىچە  بېسىپ كومپىيوتىرغا قىزىقىدىغان دوستلىرىمغا بەرگەچ ئۆزۈممۇ ساقلاپ قوياي دىگەن. مەلۇم بىر كومپىيوتىر دۇكىنىغا كىرىىپ قانچە پۇلدىن بېسىپ بېرىسىلەر دىسەم بىر ۋارىقى 40 مو دەيدۇ. مەن باستۇرماقچى بولغان كومپىيوتىر PDF  ئاز دىگەندىمۇ 150 ۋاراقتىن ئاشىدۇ. ئۇنداق بولغاندا تەننەرخى خېلىلا ئېشىپ قالغۇدەك . بۇلارنىڭ ئازراق بىر نەرسىنى بلىۋېلىپ چوڭچىلىق قىلغىنى كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنمىدى. شۇڭا ئۆزۈملا بېسپ چىقىرۋالغاچ ھەم مۇشۇ ھۈنەرنى ئۆگىنىپ قويۇشنى بەكمۇ خالايمەن.  مەن توردىن  كىتاپ تۈپلەيدىغان ئۈسكىنە  ئىزدەپ تەننەرخى تۆۋەنرەك بولغان  تۆۋەندىكى ئۈسكىنىنى تاپالىدىم ئاران . بۇنىڭدا ۋاراقلارنىغۇ مۇستەھكەم مېخلىۋېتىدىكەن. لېكىن تاش بېكىتكىلى بولمامدۇ نىمە ؟ خەنزۇچە سەۋىيەم سەل تۆۋەن . شۇڭا مۇشۇمۇ تاپقان بىر نىمىسى دەپ زاڭلىق قىلمىغايسىلەر. بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس ، سورىماسلىق ئەيىپ . نۇرغۇن ياخشى كومپىيوتىر بىلىملىرى كىتابىنىڭ PDF نۇسىخىسى بار لېكىن بازاردا تاپقىلى بولمايدۇ. كىتاپخانىنىڭ زاۋۇتتىن چىققان كىتاپلىرىدەك سۈپپەتلىك بولمىسىۇ ، سەل سۈپەتلىكراق بېىسپ چىقىرىش ئۈچۈن قايسى 打印机   ، قايسى  كىتاپ تۈپلەش ئۈسكىنىسىنى ئىشلەتسەم ياخشى بولىدۇ ( 5000~10000 يۈئەنلىك ئۈسكىنىلەرنى ئىشلىتىڭ دىگەن گەپنى قىلماي تەننەرخى 1000 يۈئەندىن تۆۋەن بولغان ئۈسكىىنىنى تۇنۇشتۇرساڭلار .ھازىر ئۆزۈمدە بار بولغان بەشپاتمان كومپىيوتىر ئېلكىتاپلىرىنى بېىسىپ ھەۋەسكارلارغا بەرگەچ ،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزۈم قول سېلىپ ئىشلەپ مۇشۇ ھۈنەرنى ئۆگىنىۋالساملار بولدى ( كومپىيوتىر دۇكانچىلارنىڭ ئازراق بىر نەرسىنى بىلىۋېلىپلا كۆرەڭلىگەنلىك سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا يەنە يالۋۇرۇپ بارغۇم ھەرگىز يوق. ) بىر مەسلىھەت بەرسەڭلار  ، يەملىسە قايسى يىلىمنى ئىشلىتىدۇ، خەنچە ئىسمىنى دەپ بەرسەڭلەرلا ئۆزۈم كومپىيوتىر شەھەرچىسىدىن تېپىۋالىمەن . مۇشۇ ئىنتىلدىكى ئۇستازلارنى ئاۋارە قىلىپ يۈرۈپ بەزىبىر بىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىۋالدىم . بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇنى بىلىدىغان ئۇستازلارنىڭمۇ بىلىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن . تۆۋەندىكىسى كىتاپ تۈپلەش ئۈسكىنىسمۇ يە ئەمەسمۇ ؟ خەنچىنى ياخشى بىلمەيمەن شۇڭا زاڭلىق قىلماي مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار. ( باشقا ئەرزان يەرگە بېرىپ باستۇرۇڭ دىگەن گەپنى قىلماڭلار ، مەقسەت ئۆزۈم قول سېلىپ قىلىپ بېقىش ، بۇ مېنىڭ يېقىندىن بۇيانقى بەك كۈچلۈك قىزىقىشىم بولۇپ ، قالدى. ئادەم قىلغاننى چوقۇم ئادەم قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mastana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-25 07:43  

alogli001   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
792
تىللا
1284
شۆھرەت
1649

ئاكتىپ تۆھپە ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 19:43:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئۆزىڭىز قول تىقىپ قىلىمەن دىسىڭىز، 二手打印机  دىن بىرنى سىتىۋىلىڭ ، ئاۋال شۇ pdf كىتاپلارنى ئۆزىڭىز بىسىپ بولۇڭ، فىلىمدىكى ئۈسكۈنە سىز دىگەندەك تۈپلەش ئۈسكۈنىسى ئىكەن، سىز ئاۋال كىتاپنى بىسىپ چىقىرىپ بولۇپ ئاندىن ئاشۇنداق ئۈسكۈنە بار دۇكانغا بىرىپ تۈپلىۋالسىىڭىز بولغىدەك،
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، بارلىق قىرىنداشلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-13 09:33 , Processed in 0.092206 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش