- توردا
- 102 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-15
- تىزىملاتقان
- 2010-7-30
- شۆھرەت
- 1092
- تىللا
- 2095
- تۆھپە
- 601
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 5108
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 218
- تېما
- 22
- نادىر
- 2
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 132
- تۆھپە
- 601
- تىللا
- 2095
- شۆھرەت
- 1092
|
شنجاڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى دىكى چەتئەل ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا نوكىيا شىركىتى Symbian سىستىمىسىدىن ۋاز كىچىپ ،كىيىنكى ئەۋلات Nokia Belle مەشغۇلات سىستىمىسىنى بازارغا سالىدىكەن ، پىلان بويىچە Nokia Belle مەشغۇلات سىستىمىسى 2012-يىلى 2-ئايدا رەسمىي بازارغا چىقىدىكەن ، مەزكۇر شىركەت يەنە داڭلىق ماركا بولغان Ovi نى ئۆزگەرتىپ بۇندىن كىيىن Nokia دەپ ئاتايدىكەن . نوكىيا شىركىتى مىكروسوفىت بىلەن ھەمكارلىشىپ Windows Phone مەشغۇلات سىستىمىسىنى بازارغا سالغاندىن بۇيان Symbianنىڭ ھالقىلىق ئىقتىدار ۋە ئۆزگىچىلىكلىرىنى Windows Phone غا يۆتكىگەن .
بەزى مەلۇماتلاردا Belle مەشغۇلات سىستىمىسى 8-ئايدا بازارغا سېلىنغان دىيىلگەن . ئەمما نوكىيا تەرەپ بىلوگىدا بۇنىڭغا ئائىت ھېچقانداق مەلۇمات يوللىمىغان ۋە ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىغان .
بۇيىل 3 پەسىلدە نوكىيا شىركىتى Symbian سىستمىسى ئىشلىتىدىغان نوكىيا يانفۇنىدىن 19مىليۇن 500مىڭ يۈرۈش سېتىپ چىقارغان .Symbian مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ بازار ئىگەللەش نىسبىتى 17پىرسەنىت بولغان . ئۆتكەن يىلى 3 پەسىلدە نوكىيا Symbian مەشغۇلات سىستىمىسى ئىشلىتىدىغان يانفۇندىن 29مىليۇن 500مىڭ يۈرۈش سېتىپ ئومۇمىي بازار ئىگەللەش نىسبىتى 36.3 بولغان.
بازار ئەھۋالىنى سىتاستىكىلاش ئورگىنى بولغان Gartner نىڭ سىتاستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە Symbian غەربىي ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا يەنىلا ئالقىشلىنىۋاتقان مەشغۇلات سىستىمىسى ئىكەن .
ھىندىستاننىڭ ئالدىنقى كۈنىسى سىتاستىكىلانغان سىتاستىكىسىدا Android نىڭ بازار ئىگەللەش ئەھۋالى Symbian دىن نەچچە ھەسسە ھالقىپ كەتكەن .
ھازىر نوكىيا شىركىتى بىلوگىدا ماقالە ئېلان قىلىپ يېڭى مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ Belle ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ مەشغۇلات سىستىمىسى ئىشلىتىدىغان يانفۇنلارنىڭ 2-ئايدا بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. 2012-يىلى 2-ئايدا N8、E7、E6、X7、C6-01 ۋە C7 قاتارلىق كۆپ قىسىم يانفۇنلار Belle سىستىمىسى ئىشلىتىدىكەن.
تۈنۈگۈن نوكىيا شىركىتىنىڭ ئابونىتلىرىغا يوللىغان ئېلىكتىرونلۇق يوللانمىسىدا Ovi ماركىسىنىڭ تولۇق ھالدا نوكىياغا ئۆزگەرتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. يوللانمىدا يەنە «سىز Ovi نىڭ يېڭى ئىسمى ۋە ئىقتىدارىنى چوقۇم ياقتۇرىسىز. بارغانسىرى نوكىيا خەرىتىسى ، پىلاسنتىكا بازىرى، قوللىنىشچان ئىقتىدارلار ۋە ئېلىكتىرونلۇق يوللانما ئىقتىدارى سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ مول ۋە رەڭدار قىلغۇسى .» |
|