ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 339|ئىنكاس: 15

قەدىمقى بابىلوننىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش پاراسەتنامىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
442
تىللا
232
شۆھرەت
614
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 17:20:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: qenikix (مىسرانىم)

مەن ئىككى يىل ئىلگىرى قەدىمقى بابىلوننىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئائىت بىر كىتابچىنى تەرجىمە قىلىپ چىققان ئىدىم. مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەشىر قىلىنىش ئىمكانىيىتى بولمىدى، كىتابتىكى بىلىملەر ھەقىقەت كىشىنىڭ ھايات مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. كۆپچىلىكنى ئازراق بولسىمۇ پايدىلىنىپ نەپ ئالارمىكىن دېگەن ئۈمىدتتە مۇنبەرگە يوللىدىم. تورداشلارنىڭ مۇۋاپىق بولمىغان جايلىرى بولسا تەنقىدىي مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خەنزۇچە نەشرىگە كىرىش سۆز

نەچچە يىل ئىلگىرى ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا كىتابخانىلارنى ئارىلاۋېتىپ ئىختىيارسىز قەدىمقى بابىلوننىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئائىت ھېكايىلىرى بايان قىلىنغان «The Richest Man in Babylon» ناملىق كىتابچىسى كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ كىتابچىدىكى ھېكايىلەر ماڭا ئانچە ئالاھىدە بىلىنىپ كەتمىگەچكە، بۇ پەقەت بىر قىسىم ئاددىي ھېكايىلەر ئىكەنغۇ، ھېچقانچە قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى يوق ئىكەن دەپ قارىغان ئىدىم.
جۇڭگوغا قايتقاندىن كېيىن، چەتئەل كىتابلىرى تىزىلغان كىتاب جازىسىدا بۇ كىتابنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قالدىم، ئۇنىڭ قىسقىغىنە نەچچە ئاي ئىچىدە بازىرى ئىتتىك كىتابلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى مەن ئۈچۈن بىر مۆجىزە بولۇپ تۇيۇلدى. ئەينى ۋاقىتتا ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، جۇشقۇن، ئەمما جەمئىيەتكە ئەمدىلا قەدەم قويغان ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ كىتابچىغا قىلچە ئەھمىيەت بەرمىگەن ئىكەنمەن.
نەچچە يىللىق مۇشەققەتلىك تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، خىزمەتتىن ئىگىلىك تىكلەشكىچە، شۇنداقلا ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كىتاب ئىشكابىمنىڭ بۇلىڭىدا شۈمشىيىپ تۇرغان بۇ كىتاپنى كۆرۈپ قالدىم. ساقلاپ قويغىنىم ياخشى بوپتىكەن، كىتابنى قولۇمغا ئېلىپ قايتىدىن تەپسىلىي ئوقۇشقا باشلىدىم. ئوقۇش جەريانىدا، ئىلگىرى نادانلىق قىلغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، كىتاپتىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش پاراسەتلىرى ئىختىيارسىز كۆز ئالدىمنى يۇرىتىۋەتتى، نەچچە يىللىق مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتلىك كەچمىشلىرىمنى ئويلاپ، ئەسلىدە كىتاپچىدا بايان قىلىنغان ھېكايىلەرنىڭ دەل مەندە كەم بولغان ئىگىلىك باشقۇرۇش بىلىملىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
مەن چەتئەلنىڭ نەزەرىيىلىرى جوڭگۇغا كىرگەندىن كېيىن دۆلەت ئىچى مۇھىتىغا ئەسلا ماس كەلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە قوللىنىشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ دەپ قاراپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما، بۇ كىتابتا بايان قىلىنغان پاراسەتلەرنى بالدۇرراق بىلىۋالغان بولسام، بەلكىم كىشىلىك ھاياتىمنىڭ باشلىنىش نوقتىسىغا كېلىپ قالماس ئىكەنمەن.
بىر قېتىملىق تاساددىپىي پۇرسەتتە، بىرلىكتە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىر دوستۇمنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم. ئىككىمىزنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇ كەسىپتە ۋە ئىگىلىك تىكلەشتە ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازانغان ئىدى. مەن  كىتابتىكى ئىگىلىك تىكلەش پاراسەتلىرىنى تىلغا ئالغىنىمدا، ئۇ كۈلۈپ كېتىپ: «چەتئەلدە ئوقۇۋاتقاندا بۇ كىتابنى ئوقۇمىغانمۇ؟» دېدى. شۇ ۋاقىتتا ئاغىزىم تۇۋاقلىنىپلا قالدى. ئەسلىدە ئۇ كىتابنى مەنمۇ ئوقۇغان. ئەمما، گۈدەكلىكىم تۈپەيلى، ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قويغان ئىدىم.
دوستۇم ماڭا كىتابتىن ئۆگەنگەن ئىگىلىك باشقۇرۇش پاراسەتلىرىنى ھەمدە ئۇنىڭ قىسقىغىنە نەچچە يىل ئىچىدە كاتتا بايغا ئايلىنىش جەريانلىرىغا قانداق تەدبىقلىغانلىقىنى سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىنكى نەچچە يىللىق كەچمىشلىرىمنى قايتا ئەسلىتىپ، نادانلىقىم ۋە مەنمەنچىلىكىمگە ئۆكۈندۈردى.
شۇنىڭ بىلەن مەن بۇكىتابنى قايتا تەتقىق قىلىش قارارىغا كەلدىم. ھەمدە زور بىر تۈركۈم ئىگىلىك باشقۇرۇشقا ئائىت ماتېرىياللارنى ئارىيەت ئېلىپ كېلىپ، ئۇلاردىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش بىلىملىرىنى خۇلاسىلەپ چىقتىم، ئەسلىدە ئىگىلىك باشقۇرۇشقا ئائىت بارلىق پاراسەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئېنگىلىزچە كىتابتىكى 6000 يىللار ئىلگىرىكى قەدىمقى بابىلوندىن تارقالغان ئەقىل-پاراسەتلەرنىڭ كەڭەيىتىلمىسى ۋە خۇلاسىىسى ئىكەن.
شۇنداق قىلىپ، مەن قەدىمقىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئەل ئىچىگە تارقىلىپ كېلىۋاتقانلىقى چۈشەندىم. ئەسلىدە ئۇ خۇددى شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىدەك ئىگىلىك ئاسمىنىدا مەڭگۈ چاقناپ، ئىگىلىك تىكلەش يۇلىدا ئېزىپ قالغانلارغا تەرەپنى كۆرسىتىپ تۇرىدىكەن. بۇ كىتابتىكى ئەقىل-پاراسەتلەرنى بەك كېچىكىپ ھېس قىلغان بولساممۇ، ئەمما مەن ئۈچۈن يېڭى باشلىنىش بولۇپ قالدى.
بۈگۈنگىچە ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، مەن يېڭىباشتىن نەتىجە قازانغۇچىغا ئايلىنىپ، ئەڭ دەسلەپكى ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. ئەمما، بۇ قەدىمقى ئەقىل-پاراسەتلەرنى بالدۇرراق ئۆگىنىۋالغان بولسام ئىككى يىللىق ۋاقتىم ئىسراپ بولۇپ كەتمىگەن بۇلاتتى.
ماڭا ئوخشاش ھېچ نەرسېنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىسى يوق ھاكاۋۇر، مەنمەنچى، ياشلارنىڭ مەندىن ئىبرەت ئېلىپ بۇ قەدىمقى ئەقىل-پاراسەتلەردىن ئازراق بولسىمۇ مەنپەئەتلىنەر دېگەن ئۈمىدتە بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلدىم. ئىگىلىك تىكلەش يۇلىدا ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن.
— خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن


ئېنگىلىزچە نەشىرىگە كىرىش سۆز

خەلقنىڭ بېيىشى بىر دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشىدىكى مۇھىم مەنبەدۇر.
بۇ كىتاب ى قانداق قىلغاندا ئۆز ئىگىلىكىنى ياخشى باشقۇرۇپ بېيىش يولىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ خىل مۇۋەپپەقىيەت، جاپالىق تېرىشىش ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش بىلەن مەنبەلىنىدۇ، تىرىشچانلىق ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن روياپقا چىقىدۇ. پەقەت تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە پۇختا تەييارلىق بولسىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتى توغۇلىدۇ. ئويلانماي قارىغۇلارچە ھەرىكەت قىلىشنى ئاقىلانىلىق دېگىلى بولمايدۇ، ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىملا ھەقىقى ئەقىل-پاراسەت ھېسابلىنىدۇ.
بۇ كىتاب كىشىلەرنىڭ بايلىقنى چۈشىنىشى ۋە بېيىشىنىڭ مەنىۋى دەرۋازىسى. خۇددى كىتابتا كۆرسىتىلگەندەك، بايلىققا تەشنا بولغان كىشىلەرنى ئىگىلىك باشقۇرۇشتىكى كۆزىتىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ بېيىشىغا، شۇنداقلا ئاز بايلىقتىن قانداق پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ بايلىق يارىتىشغا ياردەم بېرىدۇ.
بۇ كىتاب ئۇقۇرمەنلەرنى قەدىمقى بابىلون دەۋرىگە باشلاپ بارىدۇ. قەدىمقى بابىلون ‐‐‐ مالىيە ئىشلىرى ۋە سودىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى تارقاتقۇچى  مۇھىم مەنبەدۇر. قەدىمقى بابىلونلۇقلارنىڭ بۇ پىرىنسىپلىرىنى پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرى ئىتىراپ قىلغان  ۋە ئەمەلىي پائالىيەتلىرىدە قوللانغان.
مەيلى قايسى خىلدىكى ئوقۇرمەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ كىتاب ئۇنىڭ گۈزەل-ئارزۇ ئارمانلىرىنى تېخىمۇ بېيىتالايدۇ، ھەمدە شەخىسنىڭ ئىقىتساد باشقۇرۇش مەسىلىسىدىكى قىينچىلىقلارنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
بابىلوننىڭ شۇ دەۋىردىكى ئەڭ باي قۇدرەتلىك مەركىزى شەھەرگە ئايلىنالىشىنى، شۇ دەۋىردىكى پۇلدارلاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. قەدىمقى بابىلوندا ياشاپ ئۆتكەن پۇلدارلارنىڭ ھەممىسى پۇلنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن، ساغلام  ۋە مۇكەممەل بولغان ئىگىلىك باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا تايىنىپ، جۇغلاش، مەبلەغ سېلىش، پۇل تېپىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بايلىق يارىتىپ، ئاشۇ بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ بايلىق توپلاش جەريانىنى تاماملىغان. شۇنداق، ئۇلار تۈگىمەس بايلىق ياراتتى. بۇ دەل بىز يەتمەكچى بولىۋاتقان گۈزەل ئارزۇلاردۇر.
— جورجى كلاسسون

مۇقەددىمە
نوتتىنگىخام ئونىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن ئىككى پارچە مەخپىي خەت

بابىلوننىڭ ئارخېئولوگىيە ئىشلىرى قىزغىنلىقىنىڭ يوقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، بابىلوننىڭ سىرى ۋە رىۋايەتلىرى بۇ قەدىمى شەھەرگە قىزىقىدىغان كىشىلەرنى بارغانسېرى ئۆزىگە جەلىپ قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار مەردانىلىك بىلەن ئارخېئولوگىيە سېپىگە قوشۇلدى. كىشىلەر بابىلوندىن ئىبارەت يوقىلىپ كەتكەن قەدىمقى مەدەنىيەتلىك دۆلەتتىكى قىممەتلىك ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ تېزراق بايقىلىپ، ئىنسانىيەتكە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. بابىلون نۇرغۇن كىشىلەرگە بىر خىل سىرلىق تۇيغۇ بېرىدۇ، بۇمۇ سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ تەتقىقات سېپىگە قوشۇلۇشنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بابىلوندىن ئىبارەت قەدىمقى مەدەنىيەتلىك دۆلەتنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسېنى ئۆز قولى بىلەن ئېچىپ، ئۇنىڭ گۈزەل جامالىنى دۇنياغا تېخىمۇ ئېنىق تونۇتۇشنى ئارزۇ قىلىشىۋاتاتتى. ئەنە شۇ ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە پارلاق ۋەزىپىنىڭ تۈرتكىسىدە ئەنگىلىيىدىكى مول ئارخېئولوگىيە بىلىمىگە ئىگە ئارخېئولوگلار ئەنگىلىيە ئىلمىي قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئورگىنى قورغان مېسوپوتامىيە شەھەرلىك تەتقىقات مەركىزىگە كېلىپ تەتقىقات خىزمىتىگە قاتناشتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا فرانكىلىن كادۋېر ئىسىملىك مۇھىم شەخسمۇ بار ئىدى.
بابىلونغا قىزىققۇچى مۇتەخەسسىلەر گۇرپپىسى ناھايىتى تېزلا بۇ سىرلىق ماكانغا يېتىپ كېلىپ قېدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. ئالتە ئايدىن كېيىن پروفېسسور كادۋېر كىشىلەر ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان بىر خارابىلىكتىن سېغىز-تاشقا ئويۇلغان ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغان بەش پارچە پۈتۈكنامە تېپىۋالدى، ھەمدە  ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئوراپ، ئەنگىلىيىگە بارىدىغان پاراخۇت ئارقىلىق نوتتىنگىخام ئونىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە فاكولتىتىنىڭ پروفېسسورى شرېۋسبۇرىغا ئەۋەتىپ پروفېسسوردىن ياردەملىشىپ پۈتۈكنامىدىكى يېزىقلارنى تەرجىمە قىلىپ بىرىشىنى ئۈتۈندى. ئۇ شىنا (شىنا شەكىللىك، مىخ شەكىللىك) يېزىق تەتقىقاتىدىكى ئەڭ ئالىي مۇتەخەسس پروفېسسور شرېۋسبۇرى  بىلەن ئۇزۇن يىللىق دوستلاردىن ئىدى.
پۈتۈكنامىلارنى ئەۋەتىۋەتكەندىن كېيىن، كادۋېر ئەنگىلىيىدىن خەت كېلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى. كۈنلەر بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ كۈتكەن كۈن ئاخىرى يىتىپ كەلدى.  پروفېسسور كادۋىر خەتنى تاپشۇرىۋېلىپ تاقەتسىزلەنگە ھالدا كونۋېرتنى ئاچتى. ئۇ پۈتۈكنامىلاردىكى مەخپىيەتلىكنى بالدۇرراق بىلىش ئۈچۈن ساراڭ بولۇپ قالاي دېگەن ئىدى.

داۋامى بار

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
442
تىللا
232
شۆھرەت
614
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 17:22:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى پارچە خەت
ئەنگىلىيە فىدراتسىيىسى\ نوتتىنگىخام شەھرى
ترېنت دەرياسى نېۋارك
نوتتىنگىخام ئونىۋېرسىتېتى\دانىشمەن ساۋىرسىن ئىنىستىتوتى
1934-يىلى10-ئاينىڭ 21-كۈنى
ئەنگىلىيە ئىلمىي ئۇسۇلدا قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى\مېسوپوتامىيە شەھەرلىك تەتقىقات مەركىزىدىكى پروفېسسور فرانكىلىن كادۋېرغا تېگىدۇ.
قەدىرلىك پروفېسسور:
ياخشىمۇسىز! ئالدى بىلەن ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭىزگە چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمەن، مېنى ئەتىۋارلىغانلىقىڭىزغا كۆپ رەخمەت، بۇنچە قىممەتلىك بۇيۇمنى ماڭا تاپشۇرغانلىقىڭىزدىن ناھايىتى پەخىرلەندىم، سىز ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىشنى شەرەپ دەپ بىلىمەن. سىز بابىلون خارابىلىكىدىن تېپىۋېلىپ ماڭا ئەۋەتكەن بەش پارچە پۈتۈكنامىنى ساق سالامەت تاپشۇرىۋالدىم. بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلار مېنى تولىمۇ جەلىپ قىلدى، پۈتۈكنامىدىكى يېزىقلارنى چەكسىز خۇشاللىق ئىلكىدە تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بابىلوننىڭ سىرلىق تارىخىنى قېزىش داۋامىدىكى يېڭى بىر قەدەم بولۇپتۇ. جاپالىق ئەمگىكىڭىزگە ئاپىرىن! خېتىڭىز ۋە پۈتۈكنامىلارنى تاپشۇرىۋالغاندا، سىزگە خەت يېزىۋېتىشنى ئويلىغان بولساممۇ خىزمەت ھەلەكچىلىكى ۋە تەرجىمە خىزمىتىنىڭ تەخىرسىزلىكى تۈپەيلىدىن جاۋاپ خەت قايتۇرالمىدىم. ھازىر تەرجىمە قىلىپ بولغان بارلىق يېزىقلارنى خەتكە قۇشۇمچە قىلىپ ئەۋەتتىم، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرىشىڭىز بىلەن سېغىز-تاش تاختايلارنى مۇكەممەل ھالەتتە تاپشۇرىۋالغاچقا تەرجىمە خىزمىتىممۇ نىسبەتەن تېز بولدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆچۈپ كەتكەن جايلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خالىغانچە تەرجىمە قىلىشقا پېتىنالمىدىم، بۇنىڭدىن تولىمۇ خىجىلمەن.
تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتىغا رەھمەت، بۇلار ھەقىقەتەن ھەر قانداق بايلىقتىنمۇ قىممەتلىك گۆھەرلەر ئىكەن. تەرجىمەمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، سىزنىڭمۇ مەندەك تۇيغۇغا كېلىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، سىزنىڭ بايقىغىنىڭىز راستىنلا بابىلوندىكى يەنە بىر پارلاق جاي ئىكەن. تەتقىقات ئورنىدىكى خىزمەتداشلىرىم تەرجىمە قىلىپ بولغان يېزىقلارنى كۆرۈپ، ھەممىسى: «بۇ بايقاش دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭى بىر مۆجىزىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە بابىلون تارىخىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدىكى يىڭى بىر ئىلگىرلەش بولۇپتۇ» دېيىشتى.
دەسلەپتە، مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم قەدىمقى بابىلونلىقلار قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ بىر قانچە پارچە پۈتۈكچىگە خاتىرلەنگىنى يىراق قەدىمقى دەۋىردىكى رومانتىك شېئىر ۋە رىۋايەتلەر، ۋە «مىڭ بىر كىچە»گە ئوخشاش پەلسەپىۋى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېكايىلەر بولسا كېرەك، دەپ پەرەز قىلىشقان ئىدۇق، ئەمما تەتقىقاتنى باشلىغاندىن كېيىن، پەرەزلىرىمىزنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. ئەسلىدە پۈتۈكچىلەرگە ئويۇلغان يېزىقلار داباشىر ئىسىملىك قەدىمقى بابىلونلوق بىر كىشىنىڭ قەرىز قايتۇرۇش جەريانى ئىكەن. بىز سېغىز-تاش تاختايلاردىكى يېزىقلار ئارقىلىق ھازىرقى شەھەرلەرنىڭ 6000 يىللار ئىلگىرىكى يىراق قەدىمقى بايلىق شەھىرى بابىلوندىن ھېچقانچە پەرىقلەنمەيدىغانلىقىنى، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان ئۇ شەھەرنىڭ ئىنسانىيەت تارىخدىكى بىر مۆجىزە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتۇق.
كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى شۇكى، خۇددى خىزمەتداشلىرىم تەسۋىرلىگەندەك، بۇ قەدىمقى شىنا يېزىقلىرى بىزگە چاخچاق قىلغان ئىدى. بۇلار ھەرگىىزمۇ ئاددى پۈتۈكچىلەر بولماستىن، قەدىمقى بابىلوننىڭ زور مەخپىيەتلىكى ساقلانغان گۆھەر ئىكەن. داڭلىق ئونىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بىر مەزگىل كىشىلەر تەرىپىدىن ھەر خىل بىلىملەردىن ئەتراپلىق مەلوماتقا ئىگە بولغان ئىلىم تەھسىل قىلغۇچى دەپ قارىلىپ كەلگەن بولساممۇ، بىراق يىراق قەدىمقى بابىلوننىڭ پۈتۈكچىلىرىدىن خىيال دېڭىزىمغا ئۈزۈپ كىرگەن داباشىر، مەن ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان قەرىز قايتۇرۇش ئۇسۇلى، شۇنىڭدەك بېيىش يوللىرىنى سۆزلەپ بەردى، بۇلار قەرىزنى قانداق قايتۇرۇش بىلەن بىرگە ھەميانىمىزدىكى پۇلنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىش توغرىسىدىكى سىر بولۇپ، مېنى ناھايىتى ھەيران قالدۇردى. تەرجىمەمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن سىزنىڭمۇ مەندەك تەسىراتقا كېلىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
ماڭا نىسبەتەن، بۇ روھىمنى ئۇرغۇتىدىغان ئاجايىپ چارە-ئامال بولدى، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغىنى، بىز قەدىمقى باىبىلونلۇق داباشىرنىڭ بۇ ئۇسۇللىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ئۆتمىگەنلىكىنى سىناپ كۆرمەكچى بولدۇق، مەنچە بۇ ئۇسۇللار تامامەن ئۈنۈملۈك. مەن ۋە ئايالىم مۇشۇ ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشقا ياردەم بىرىشنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە، قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئىگىلىكىمىزگە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدۇق. بۇلارنى ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئەمگىكىڭىزدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بايقىشىڭىزغا رەھمەت، بەلكىم بۇلار تۇرمۇشىمىزدا زور بورۇلۇش ھاسىل قىلىپ، بۇ پۈتۈكچىلەردىكى پاراسەتلەرنىڭ دەلىلى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئاخىرىدا قېدىرىپ تەكشۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ پۈتۈكلەرنى تېپىپ چىقىپ، بابىلوننىڭ قەدىمقى ئەقىل-پاراسەتلىرىنى بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزدا بىرلىكتە قوللىنىشقا مۇيەسسەر قىلىپ، بىزگە يەنە بىر قېتىم ياردەم بېرىش پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىن ئېتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
   ھۆرمەت بىلەن : پروفېسسور شرېۋسبۇرى

بىرىنچى پارچە پۈتۈكچە

ئاي تولغان ۋاقىت، مەن داباشىر، سۇرىيە قۇللىرى سالاھىيتىدىن ئەمدىلا قۇتۇلۇپ، قايتىدىن بابىلونغا قايتىپ ئەركىن ئادەمگە ئايلانغۇچى. شەك-شۈبھبسىزكى بۇ مەن ئۈچۈن ھاياتىمدىكى يېڭى باشلىنىش، يېڭىدىن توغۇلۇش بولدى، قەلبىم ئۈمىدكە ۋە ئىلاھقا بولغان چوڭقۇر مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن تولغان ئىدى.
مەن بارلىق قەرىزلىرىمنى قايتۇررۇپ، بابىلونلىقلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر پۇلدارلاردىن بولۇپ، قۇللۇق ئارا-نۇمۇسۇمنى تەلتۈكۈس يويۇشقا بەل باغلىدىم. ھازىر، قەرىز قايتۇرۇش جەريانىم توغرىسىدىكى مەڭگۈلۈك خاتىرىلەرنى ئويۇپ قالدۇرماقچىمەن. بۇنىڭ ھاياتىمدىكى تىلىكىمگە يېتىپ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بىر يول كۆرسەتكۈچ بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن يېقىن دوستۇم — سەرراپخانا خوجايىنى ماسسوننىڭ سەمىمىي مەسلىھەتىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى زور ئىلھامغا ئېرىشتىم، قەلبىم ئىشەنچكە تولدى، شۇنىڭ بىلەن كارغا كېلىدىغان مۇكەممەل پىلان تۈزۈپ قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇپ، بېيىش يولىغا مېڭىشقا بەل باغلىدىم. ماسسوننىڭ سەمىيمى مەسلىھەتى قەرىز قايتۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئادەم ئۈچۈن، قايتىدىن بايلار سېپىگە قوشۇلۇشقا ئاتلىنىشتكى بىر تۈرلۈك ئەمەلىي ئۇسۇل ئېكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم، بۇ ئۇسۇل مېنى ئوزۇن مەزگىللىك ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغۇسى!
بۇ پىلان مەن ئىزچىل تەشنا بولۇپ كېلىۋاتقان ۋە ھەۋەس قىلىپ كېلىۋاتقان ئۈچ چوڭ نىشانىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلار ھاياتىمدىكى ئەڭ چوك ئارمانلىرىم ئىدى.
ئاۋۋال، بۇ مېنى كەلگۈسىدە بىر زەردارغا ئايلاندۇرۇشتىكى مۇھىم پىلان، شۇنداقلا مېنڭ بۈيۈك مەقسىتىم. شۇڭا، كېيىنكى تۇرمۇشۇمنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن، بارلىق كىرىمىمنىڭ ئوندىن بىرىنى ساقلاپ قويىمەن. ماسسون بىر ھەقىقەتنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇ: «بىر ئادەم ھەميانىدىكى ئاقچىلىرىنى ياخشى نازارەت قىلالىسا، ئائىلىسىدىكىلەر، شۇنداقلا شاھقا ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقان بولىدۇ، بۇمۇ شاھقا ساداقاتمەن بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى» دېدى. مەن ئۇزۇن مۇددەت يىغىش ئارقىلىق، تەدرىجى ئۈزۈمگە تەئەللۇق مۈلۈكنى توپلاپ، كەلگۈسى ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىشىم كېرەك ئىدى.
«بىرى ھەميانىدا نەچچە يارماقلا قالدۇرۇپ قويسا، ئۇنداقتا ئۇ كىشى ئائىلىسىگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتسىز، شاھقا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان كىشى بولۇپ، ئۇنداق ئادەمنى ھەرگىزمۇ ساداقەتمەن كىشى دېگىلى بولمايدۇ.» مەجبۇرى ھايات كەچۈرۈش مەھكۈملىكىگە مۇپتىلا بولغان بۇنداق ئادەم قانداقمۇ بېيالىسۇن؟
«يىغىپ قويغان پۇلى يوق، ھەتتا قەرىزگە بوغۇلغان ئادەم، ئائىلىسىگە شەپقەتسىىىز، شاھقا ساداقەتسىز كىشىدۇر، بۇنداق كىشىلەر تەڭرىنىڭ جاراسىغا ئۇچراپ، ئاخىرىدا ئازاپقا دۇچار بولىدۇ. بۇنداق ئادەم قەرىزدىن قېچىپ ھاياتىنى دەككە-دۈككىدە ۋە مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ، چوڭ-چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلىشىدىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. »
«شۇڭا، ھەميانىنى ئالتۇن كۆمۈش بىلەن توشقۇزۇشقا تەشنا بولغان ھەر قانداق بىر ئادەم، ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلىدىغان، شاھقا ساداقەتمەن پۇخرا ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغىلى بولىدۇ. شۇندىلا ئاخرىدا بېيىش يولىغا يۈزلىنەلەيدۇ.»
ئۇنىڭدىن قالسا، بۇ ئايالىم ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ كىيىم-كىچەك، يىمەك ئىچمەك غېمىنى تۆگىتىدىغان پىلان، مەن بۇنىڭغا ئۇزۇن يىل تەشنا بولۇپ كەلگەن. ئىلگىرى قەرىزىمنڭ كۆپلىكىدىن، ئايالىمنى ئانىسېنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدىم، بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ خورلۇق ئىدى. ھازىر گەرچە ئايالىم يېنىمغا قايتىپ كېلىپ ماڭا ناھايىتى ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئايالىمنىڭ مېنى تاشلاپ كەتمەي قايتىپ كېلىپ توغرا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىشىم كېرەك، ئەمەلىيەيتتە ئۆزۈممۇ ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق تايىنىشقا بولىدىغان ئەر ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلاپ شۇ ئارقىلىق ئار-نۇمۇسنى يۇيۇپ، قايتىدىن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم. ماسسون ئېيتقاندەك، ئايالىغا ياخشى قارىيالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش، ھەرقانداق بىر ئەر پەخرلەنگۈدەك ۋە ماختانغۇدەك ئىش، بۇ شۇنداقلا يەنە ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىگەنلىكى ۋە ئۆز-ئۆزىنى ھۆرمەت قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بۇنداق كىشى قەلبىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىرادە ۋە شىجائەت ھازىرلاپ بولغان بولىدۇ، مەن ھازىر ئۈزۈمنىڭ بۇنداق ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىمگە، زەردارلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدىغانلىقىمغا، ئايالىم ۋە ئائىلەمدىكىلەر بىلەن قايتىدىن بەخىتلىك تۇرۇمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن. شۇڭا تېپىپ كەلگەن پۇللىرىمنىڭ ئوندىن يەتتە ئۈلۈشىنى ئائىلەمنى قامداش ئۈچۈن ئىشلىتىمەن، شۇنداق قىلغىنىمدىلا ، يىمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كىچەكتىن غەم قىلماي بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيمەن. بۇ بىر ئەر، بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئائىلىگە نىسبەتەن باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم ۋە ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيىتىم، مەن بۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرمايمەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر قىسىم پۇللارنى باشقا خىراجەتلەرگە ئىشلىتىمەن، يەنە بىر قىسمىنى زۆرۈر بولغاندا ئىشلىتىش ئۈچۈن ساقلاپ قويىمەن، مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئاخىرى بىر كۈنى بېيىش يۇلىغا ماڭالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.
ئەمما، ماسسون ماڭا يەنە، بېيىش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئائىلەمنىڭ بارلىق خىراجىتىنى چۇقۇم كىرىمىمنىڭ ئوندىن يەتتە ئۈلۈشى ئىچىدە تىزگىنلىشىمىنى، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېتەرلىك خىراجەتكە ئىگە بولالايدىغانلىقىمنى تەكىتلىدى.
ماسسوننىڭ دېگەنلىرى توغرا ئىدى، كىرىمىمنىڭ ئوندىن يەتتە ئۈلۈشى بىلەن تۇرمۇشۇمنى قامداپ كېتىشتە تامامەن مەسىلە يوق ئىدى، بۇنداق قىلغاندا بىز يەنە تۇرمۇشتىكى ئارتۇقچە چىقىمنى تېجەپ قالالايتتۇق، بۇ بىز ئۈچۈن پۇل يىغىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ئىدى. شۇڭا مەن خىراجەتنى پەقەت كىرىمىمنىڭ ئوندىن يەتتە ئۈلۈشى ئىچىدىلا كونترول قىلىشىم، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىدىغان بۇيۇملارنى سېتىۋالماسلىقىم كېرەك. بۇ ئۆزۈمگە شۇنداقلا ئائىلەمدىكىلەرگە بەرگەن ۋەدە، ئارزويۇمغا قىلىنغان  ۋەزنى ئېغىر ختاب ئىدى.



ئىككىىنچى پارچە پۈتۈكچە

بۇ قەرىز قايتۇرۇش پىلانىمنى تاماملىشىمغا ياردەم بىرىدىغان پىلان. شۇڭا ھەر قېتىم ئاي تولغاندا كىرىمىمنىڭ ئوندىن ئىككى ئۈلۈشىنى ئايرىپ، سەمىيمىيلىك ۋە ئادىللىق بىلەن بىر قانچە قىسىمغا بۆلۈپ ماڭا ئىشەنگەن، قىيىنچىلىقتا قالغاندا ماڭا ياردەم قىلغان، دوستلىرىم ۋە قەرىز ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىمەن. بۇنداق قىلغاندا ئائىلە تۇرمۇشىنى قامداشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر‍گە قەرىزلىرىمنى قايتۇرالايمەن، ئەڭ مۇھىم بولغىنى يەنە كىرىمىمىزنىڭ ئوندىن بىرىنى يىغىپ، كەلگۈسى تۇمۇشىمىزنى كاپالەتلەندۈرەلەيمەن.
مۇشۇنداق ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندا، بارلىق قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇپ، «قەرىزدار» دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاپ، قايتىدىن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايمەن.
شۇڭا مەن بۇ قېتىم ئاي تولغاندا، بۇ سېغىز تاختايغا، بارلىق قەرىز ئىگىلىرىنىڭ ئىسمى، قىلىدىغان ئىشى، مەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە قەرىز سوممىسېنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويۇپ چىقتىم، بۇنداق بولغاندا ئۆزۈمگە بىر نىشان تۈزۈپ چىقىلاتتى، بۇ سېغىز تاختاي ھەر ۋاقىت مېنى قەرىز قايتۇرۇشقا ئەسكەرتىپ تۇراتتى، ئۇ بولسىلا مەن قىلچە بۇشىشىپ قالمايتتىم.
فارۇ: تۇقۇمىچىلىق سودىگىرى، ئىككى ئاقچا، ئالتە يارماق؛
سىنگا: دىۋان(سافا) ئۇستىسى، بىر ئاقچا؛
ئامەر: دوستۇم، ئۈچ ئاقچا، بىر يارماق؛
جامكار: دوستۇم، تۆت ئاقچا، يەتتە يارماق؛
ئاسكامىر: دوستۇم، بىر ئاقچا، ئۈچ يارماق؛
خالىنشىر: ئۈنچە-مەرۋايىت سودىگىرى، ئالتە ئاقچا، ئىككى يارماق؛
ئاكاخا: ئۆي ئىگىسى، 14ئاقچا؛
ماسسون: سەرراپخانا خوجايىنى، توققۇز ئاقچا؛
بىرىيجىك: تېرىقچى، ئىككى ئاقچا، يەتتە يارماق؛
(بۇنىڭ ئاستىدىكى خەتلەر ئۆچۈپ كەتكەچكە پەرىقلەندۈرەلمەي، مۇشۇ يەرگىچىلا تەرجىمە قىلالىدىم.).......

داۋامى بار

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
442
تىللا
232
شۆھرەت
614
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 17:23:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچىنچى پارچە پۈتۈكچە

شۇڭا مەن بۇ قەرىزلەرنى تەپسىلىي ھېسابلاپ كۆردۈم، قەرىز ئىگىلىرى ۋە دوستلىرىمدىن بولۇپ جەمئىي 190 ئاقچا 140 يارماق بوپتۇ. بۇلار قەرىز ئىگىلىرىنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمى ۋە قوللىشى، بۇ ئۇلارنىڭ ماڭا تامامەن ئىشەنگەنلىكى ئىدى، شۇڭا، مەن قانچىلىك كۆپ بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ قەرىزلەرنى پاك-پاكىزە قايتۇرۇشىم كېرەك. ئەينى ۋاقىتتا مەن ياش، تۇرمۇش تەجرىبەم كەمچىل بولغاچقا، شۇنچە كۆپ قەرىزگە بوغۇلۇپ، قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان، ئايالىمنىڭمۇ ماڭا تايىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ قېيىن ئاتامغا بېقىندى بولۇشقا مەجبۇرلىغان. ئۈزۈممۇ ئامالسىز بابىلوندىن ئايرىلىىپ، ناتۇنۇش ئەلگە بېرىپ بىيىش يولى ئىزدىگەن، ئويلىمىغان يەردىن يېرىم يولدا كېلىشمەسلىككە يولۇقۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا چۈشكۈنلىشىپ قۇلغا ئايلىنىپ كىشىلەر تەرىپىدىن مالغا ئوخشاش سېتىلغان ئىدىم. بۈگۈن، بۇ قەرىزلەرنى تاختايلارغا ئويۇپ قالدۇرۇشتىكى مەقسىتىم، ئۆتكۈزگەن خاتالىقىم ۋە ياشلىقتىكى قەرىزىمنى قايتۇرۇشقا يۈزلىنىپ، سەۋەنلىكلىرىمنىڭ ئورنىنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت.  مەن بۇ قەرىزلەردىن قېچىپ قۇتۇلالمايمەن، شۇڭا رېئاللىققا باتۇرلارچە يۈزلىنىشىم كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايمەن.
مەن ھازىر ماسسوندىن ئۆز كىرىمىمدىن قانداق پايدىلىنىپ بىر تەرەپتىن تۇرمۇشنى قامداپ، يەنە بىر تەرەپتىن قەرىز قايتۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدىم. ماسسوننىڭ ئۇسۇلى مەن ئۈچۈن ھايتلىقتىكى تاڭ شەپىقىگە ئوخشاش، قەلبىمنى يورۇتتى. شۇڭا بۇ ئۇسۇلنى ناھايىتى قۇۋەتلەيمەن، ھەمدە ئۈزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئۇسۇلنىڭ ھەقىقەتەن كارغا كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن  ئۈزۈمنىڭ ئۆز بېشىمچىلىقى ۋە بەتخەجلىكى تۈپەيلىدىن كانايغىچە قەرىزگە بۇغۇلغانلىقىمنى، رېئاللىققا باتۇرلارچە يۈزلەنمىگەنلىكىمنى، ياش ۋە ئەقىلسىزلىقىمنى، ھاماقەتلىكتە ئۇچچىقا چىققانلىقىمنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. ئەمدى ئۆز ھەرىكىتىم ئارقىلىق بۇ مەھكۈم روھىمنى قۇتۇلدۇرىشىم، يەنى ئەمەلىي ھەركىتىم ئارقىلىق دادىل ھالدا بارلىق قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇشۇم كېرەك.
مەن ماسسوننىڭ تەكلىپى بىلەن، ئىشەنىچكە تولغان قەلبىمنى جۈرئەت ۋە جاسارەت روھى بىلەن سۇغۇرۇپ بارلىق قەرىز ئىگىلىرىنى يوقلاپ چىقىپ، ئۈزۈمگە ۋە قەرىز ئىگىلىرىگە ئىشەنچ ئاتا قىلىشىم كىرەك. چىن كۆڭلۈمدىن ئۇلاردىن مېنى ئەپۇ قىلىشىنى ئۈتۈنۈشىم، ھازىر پەقەت پۇل تېپىپ قەرىز قايتۇرۇشتىن باشقا ئامالىم يوقلىقىنى، شۇڭا كىرىمىمنىڭ ئوندىن ئىككى قىسمىنى تەڭ بۆلگەندىن كېيىن بىر-بىرلەپ ھەر بىر قەرىز ئىگىسىگە بىرىش ئارزۇيۇمنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈشۈم كېرەك. نۆۋەتتە مەن قەرىزىمنى پەقەت ئاز-ئازدىنلا قايتۇرالايمەن، كۆپلەپ قايتۇرۇشقا ئامالسىزمەن، ئەمما ئۇلارغا ناھايىتى تولۇق ئىشەنچ بىلەن كاپالەت بىرەلەيمەن، مۇبادا ئۇلا ماڭا ئىشەنسە، ئۇزۇنراق مەزگىلدە بارلىق قەرىزنى ئاز-ئازدىن پاك-پاكىزە قايتۇرۇپ بولىمەن، ئەلۋەتتە بۇ ئۇلارنىڭ قۇشۇلىشىغا باغلىق.
ئامەر ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ يېقىن دوستۇم بولۇپ، قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا سەمىمىي ياردەم قولىنى سۇنغان، ئەمما ئۇ بۈگۈن ئازراقمۇ يۈز خاتىرە قىلماستىن، يۈزمۇ-يۈز تورۇپ مېنى قاتتىق تىللىدى، مەن ناھايىتى ئۇڭايسىزلاندىم، ئىزا تارتقان ھالدا ئۇنىڭدىن ئايرىلدىم. تېرىقچى بىرىيجىك ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قەرىزىنى قايتۇرۇشۇمنى ئۈتۈندى، چۈنكى ئۇنىڭ قولى قىسقا بۇلۇپ، پۇلغا تولىمۇ ئىھتىياجلىق ئىدى، مەن ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، پەقەت ئاز-ئازدىن قايتۇرالايدىغانلىقىمنى، بىر يوللا قايتۇرۇشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم، ئاخىرىدا ئۇ ئامالسىز قارارىمغا قوشۇلدى. ئۆي خوجايىنى ئاكاخامۇ ئاسانلىقچە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئۇ قەتئىي ھالدا دەرھال يارماقلارنى قايتۇرۇشۇمنى، ئۇنداق قىلالمىسام مېنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مەنمۇ ناھيىتى ئۇڭايسىز ئەھۋالدا قالدىم، ئەمما ئۇسۇلۇم بويىچە قەرىزنى چۇقۇم پاك-پاكىزە قايتۇرىدىغانلىقىمنى قايتا-قايتا چۈشەندۈردىم، مېنى قوغلاپ چىقارسا، ماڭا بەرگەن قەرىزلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى، قوغلىۋەتمىسە ھېچ بولمىغاندا كېيىنكى ئۆي ئىجارىلىرىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تاپشۇرىدىغانلىقىمدىن ئىبارەت بىر نوقتا ئاخىرى ئۇنىڭدا ئىلگىرلەش ھاسىل قىلدى.
خۇشاللىنارلىقى شۇكى، قەرىز ئىگىلىرى تەكلىپىمنى سۈكۈت ئىچىدە قوبۇل قىلدى، دېمىسىمۇ ئۇلارنىڭ ياخشىراق ئامالى يوق ئىدى، مەنمۇ قەرىز قايتۇرۇش ئىرادەمنى تېخىمۇ چىڭىتتىم. ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇسۇلۇم قەرىز ئىگىلىرىنى قايىل قىلدى، تۆۋەندىكىسى مېنىڭ قەرىز قايتۇرۇش جەريانىمدىن ئىبارەت. باتۇرلۇق بىلەن قەرىزگە يۈزلىنىشىم، قەرىزدىن قېچىپ يۇشۇرنۇپ يۈرۈپ دەككە-دۈككىدە ياشىغىنمدىن كۆپ ياخشى ئىدى، شۇڭا بۇ ئامالنىڭ كىشىنى تېخىمۇ ئاسان قايىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھازىرچە بارلىق قەرىز ئىگىلىرىنىڭ تەلىپىنى تولۇق قاندۇرالمىغان بولساممۇ، ئەمما كۆپ سانلىق قەرىز ئىگىلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدىم، بۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش بېسىمىممۇ يېنىكلەپ قالدى. شۈبھىسىزكى، بۇ ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھاياتىمدىكى مۇھىم مۇساپە ئىدى، شۇنداق قىلىپ مەن قەرىز قايتۇرۇش سەپىرىمنى باشلىۋەتتىم.


تۆتىنچى پارچە پۈتۈكچە

يەنە بىر قېتىم ئاي تولغان ۋاقىت يىتىپ كەلدى. ھەر قېتىمقى ئاي تولغان ۋاقىتتا قەلبىم ھاياجانغا تولاتتى. بۇ كۈننىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈپ، خاتىرجەم ھالدا جان پىدالىق بىلەن ئىشلىدىم، ئايالىممۇ پىلانىمنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بەردى، مەن بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك قەرىز قايتۇرۇش پىلانىمدىن ناھايىتى رازى. تەمكىنلىك ۋە ئىخلاسمەنلىك بىلەن خوجايىنىم تۆگە سودىگىرى — ناباتقا بىر توپ تېمەن تۆگە ئېلىپ بەرگەنلىكىم ئۈچۈن، مېنى ئالاھىدە مۇكاپاتلاپ، 19شېكىل ئىش ھەققى بەردى.
مەن پىلانىمغا ئاساسەن كىرىمىمنى بۆلۈپ، ئوندىن بىر قىسمىنى ساقلاپ قويۇپ، ئوندىن يەتتە قىسمىنى ئائىلىنى تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئايالمىغا بەردىم، بۇنداق بولغاندا تۇرمۇشىتا ئۇنچىلىك قىينىلىپ كەتمەيتتۇق، ئېشىپ قالغان ئوندىن ئىككى قىسمىنى بىر قانچە يارماققا بۆلۈپ، بىر قىسىم قەرىز ئىگىلىرىگە ئاپىرىپ بەردىم.
قەرىز قايتۇرغىلى بارغاندا ئامەرنى تاپالماي، ئۇنىڭغا تېگىشلىكىنى ئايالىغا بەردىم. تېرىقچى بىرىيجىككە تېگىشلىكىىنى تاپشۇرغاندا ئۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، قولۇمغا سۆيۈپ قويۇپ، مېنى سەمىمىي ئادەم ئىكەنسەن، مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرالىساڭلا قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇپ بۇلالىغۇدەكسەن دېدى. شۈبھىسىزكى، بۇ مەن ئۈچۈن زور ئىلھام ئىدى. پەقەت ئاكاخا تاغىلا قەرىز قايتۇرۇشۇمنىڭ ئاستىلىقغا كايىپ، قەرىزنى يەنىمۇ تېزراق قايتۇرۇشنى سۈيلىدى، مەن ئۇنىڭغا ئەگەر تويغىدەك تاماق يېيەلىگەن، تۇرمۇشتا ئۇنچىلىك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغان بولسام قەرىزلىرىڭنى تېزلا قايتۇرۇپ بولغان بولاتتىم، دەپ جاۋاب بەردىم. باشقا قەرىز ئىگىلىرى رەھمىتىنى بىلدۈرۈشتى ھەمدە مىنى ئىلگىرىكىدىن كۆپ تىرىشچان بولۇپ كېتىپسەن دەپ ماختاشتى. ھەمدە مەندىن رازى بولۇپ ، مۇشۇنداق ھەر ئايدا بىر قىسىم قەرىزنى قايتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلىشتى.
شۇنداق قىلىپ بىر ئايدىن كېيىن قەرىزىم تۆت ئاقچا  ئازايدى، قەرىز ئىگىلىرىنى تاپالمىغانلىقتىن يەنە ئىككى ئاقچا ئارتۇق يىغىۋالدىم. ئۇزۇندىن بىرى مېنى قىيناپ كېلىۋاتقان غەم-قايغۇلار بىر قسىم قەرىزلەرنى قايتۇرغاندىن كېيىن بىردىنلا يېنىكلەپ قالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ مۇكەممەل پىلاننىڭ، ماسسوننىڭ تەكلىپىنىڭ تۆھپىسى ئىدى. مەن ماسسونغا ۋە  ئۇنىڭغا ئوخشاش كەڭ قورساق قەرىز ئىگىلىرىگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى باشلىنىش بولدى، شۇڭا بۇ پىلاننى ئۇزۇن مۇددەت يۈرگۈزىمەن.
ناھايىتى تېزلا ئاي تولغان كۈن يەنە يېتىپ كەلدى. بۇ ئايدا تىرىشىپ ئىشلىگەن بولساممۇ، ئەمما نەتىجىسى دېگەندەك ياخشى بولالمىدى، ئىشلاردىمۇ ئانچە ئىلگىرلەش كۆرۈلمىدى. شۇڭا بۇ ئايدا ئاران 11 شىكېل ئىش ھەققىگە ئېرىشەلىدىم. ئايالىم بىلەن ئىككىمىز ئاددىي ئوزۇقلانغان، كىيىم-كىچەكلىرىمىز كونىراپ  كەتكەن بولسىمۇ، پىلان بويىچە قەرىز قايتۇرۇشنى دۋاملاشتۇردۇق. بۇ قېتىملىق قەرىز قايتۇرۇشتا، ئامەر ئاز بىر قىسىم قەرىزنى قايتۇرالىغانلىقىم ئۈچۈن مېنى ماختىدى، بۇنىڭدىن مەن ئەس ھۇشۇمنى يوقىتىپ قويغىلى تاسلا قالدىم، بىرىيجىكمۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ مىنى بىر قۇر ماختاپ چىقتى. پەقەت ئاكاخالا قاتتىق تېرىكىپ، تىللىۋەتكىلى تاس قالدى. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا مەن ناھايىتى پەم بىلەن ئۇنىڭغا ئاز ك‍ۆرۈپ ئېلىشنى خالىمىغان بولسىڭىز ئىككى ئايدا سىزگە بەرگە پۇللارنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز، قاچان سىزگە بارلىق قەرىزلىرىمنى بىر يوللا قايتۇرۇپ بېرەلىگىدەك بولغاندا ئاندىن بېرەي، بۇنداق بولغاندا مەنمۇ يەنە ئاۋۋال باشقىلارنىڭ قەرىزلىرىنى بالدۇرراق قايتۇرالايمەن دېدىم. ئاكاخا سۆزۈمنى ئاڭلاپ، ئاخىرى مۇرەسسەگە چۈشتى. باشقا قەرىز ئىگىلىرى ئىلگىركىگە ئوخشاشلا، تەدرىجى قەرىز قايتۇرۇش پىلانىمدىن ناھايىتى رازى بولدى. بۇ شۈبھىسىزكى ماڭا نىسبەتەن زور ئىلھام ئىدى، مىنىڭ قەرزلىرىم يەنە بىر قانچە كۈمۈش يارماق ئازايدى، كېيىنكى كۈنلەردە ئۈزۈمنىڭ پىلانىغا ئاساسەن، قەرىزلىرىمنى چۇقۇم قايتۇرۇپ بولالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم يەنىمۇ ئاشتى.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يەنە بىر ئاي تولغان كۈن يېتىپ كەلدى. بۇ قېتىم سېغىز تاختايغا خەت ئويغان ۋاقىتتا مەن ناھايىتى خۇشال ئىدىم، چۈنكى ئاجايىپ بەلەن بىر توپ تۆگە ئۇچىراپ قېلىپ، خوجايىنىمغا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېسىللىرىدىن تاللاپ بەردىم، خوجايىننىڭ موكاپاتلىشى بىلەن بۇ ئايلىق ئىش ھەققىم 42 شېكىلغا ئۇلاشتى. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئايدا ئەر-خوتۇن ئىككىمىز بىر قانچە جۈپ ساندال(ساپما كەش) ۋە كىيىم سېتىۋېلىپلا قالماي، قوي گۆشى ۋە قۇش گۆشلىرىگە ئېغىز تېگەلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قەرىز ئىگىلىرىگە 8 شېكىلدىن ئوشۇقراق كۈمۈش يارماق قايتۇرالىدۇق. بۇ قېتىم ئاكاخامۇ پىكىرىمگە نارازىلىق بىلدۈرمەي، قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، قەرىزلىرىنى تېرزراق قايتۇرۇشقا قىستاپمۇ كەتمىدى.
بۇ مۇكەممەل پىلان بىلەن مەن تەدىرىجى قەرىز چۈشەكلىرىدىن قۇتۇلۇش بىلەن بىرگە، ئازراق بولسىمۇ پۇل يىغالىدىم. كەيپىياتىممۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى، بېسىمىممۇ ئازايدى، تۇرمۇشۇممۇ بارغانسېرى بەخىتلىك ئۆتۈشكە باشلىدى. مەن بۇ پىلاننى ئۇيۇشقا باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئۈچ ئاي تولغۇچىلىك ۋاقىتنى سەرىپ قىلدىم، ھەر قېتىم ئاي تولغاندا كىرىمىمنىڭ ئوندىن بىرىنى يىغىپ قويدىم، بەزىدە، پۇل قىس بولۇپمۇ قالدى. ئەمما، كىرىمنىڭ ئوندىن يەتتىسى بىلەنمۇ يەنىلا تۇرمۇشنى قامداپ كەتكىلى بۇلاتتى. ھەر ئايدا تاپقان پۇلۇمنىڭ ئىككى ئۈلۈشى بىلەن قەرىز قايتۇرۇش ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئىش ھەققىمنىڭ يەتتە ئۈلۈشى بىلەن تۇرمۇشۇممۇ يامان ئەمەس قامدالدى. يەنە تېخى ئازراق پۇلمۇ يىغىۋالدىم. پىلانىمنى داۋاملاشتۇرالىساملا كەلگۈسۈمنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىشىدا گەپ يوق ئىدى.
ھازىر يانچۇقۇمدا 21 ئاقچا بار بولدى، بۇنىڭ بىلەن دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ يۈرەلەيمەن، باشقىلارنىڭ نەزىرىگىمۇ ئۇلىشالايمەن. مەن ئەمدى يېنىدا بىر تىيىنمۇ يوق گاداي ئەمەس، پۇلۇم بار بولدى، مەن پەخىرلەنگەن ھالدا ھەرقانداق ئادەمگە ئائىلىسېنىمۇ باقالمايدىغان يارىماس ئادەم ئەمەسمەن دېيەلەيمەن.
ئايالىممۇ ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، ئۆينى رەتلىك، پاكىزە تۇتتى، بىز يەنە خېلى يېڭى كىيىملەرنى كىيەلىدۇق. تىرىشچانلىقىمىز بۈگۈنكى بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئايلاندى.
بۇ مۇكەممەل پىلان بىزگە كۈتۈلمىگەن شادلىق ۋە ئۈنۈم ئاتا قىلدى. بۇ تەڭىرىنىڭ يېنىدا بىر تىيىنمۇ يوق مەندەك گادايغا قىلغان ئىلتىپاتى، ماڭا ئامراقلىقى، مۇشۇ پىلاننى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىساملا بارلىق قەرىزلىرىمنى قايتۇرالايمەن، ئۇۋاقىتتا يېنىمدىكى پۇلمۇ كۆپىيىدۇ.


داۋامى بار

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
442
تىللا
232
شۆھرەت
614
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 17:23:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەشىنىچى پارچە پۈتۈكچە

بۈگۈن يەنە ئاي تولغان كۈن. ئەمما، بۇ بىر ئۆمۈر ئۇنتۇلغۇسىز ئالاھىدە كۈن. مەن سېغىز تاختايلارغا خەت يېزىشتىن باشلاپ ھازىرغىچە تەخمىنەن بىر يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.
بۈگۈن سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر كۈن، بۇ مەن ئۈچۈن ئاخىرلاشتۇرۇش كۈنى، چۈنكى بۈگۈن قېپقالغان ئەڭ ئاخىرىقى  بىر قىسىم قەرىزىمنى قايتۇرىۋېتىمەن. ئايالىم بىلەن ئىككىمىز ئىنتايىن خۇشال، بىز زىياپەت ئۈستىلى ھازىرلاپ، جاسارىتىمىز ۋە ئىرادىمىز، شۇنىڭدەك بۇ يۈكسەك نىشانىمىزنى ئورۇنلاپ، بارلىق قەرىزلىرىمىزنى ئۆتمۈشكە ئايلاندۇرىۋەتكەنلىكىمىزنى تەبرىكلىدۇق. ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىللىق  جاپالىق قەرىز قايتۇررش جەريانىمنى ئەسلەپ قەلبىم ھاياجانغا تولدى. ھەممىسى تارىخقا ئايلىنىپ كەتتى، بۈگۈندىن باشلاپ، مەن پەخىرلەنگەن ھالدا بېشىمنى كۆتۈرۈپ ماڭالايدىغان، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر كىشىگە ئايلىنىمەن. ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە، مەن ئەڭ ئاخىرىقى بىر قىسىم قەرىزنى قايتۇرغان ۋاقىتتا، نۇرغۇن ئۇنتۇلغۇسىز ئىشلار يۈز بەردى. ئامەر ماڭا ئاھانەت قىلىپ تىللىغانلىرىنى ئەپۇ قىلىشىمنى ئۆتۈندى، ھەمدە مېنىڭ يەنىلا ئۇنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ياخشى دوستى ئىكەنلىكىمنى ئېيىتتى.
ئاكاخامۇ ماڭا قايتا قاپاق تۈرمىدى، ئەكسىچە سەمىمىي ھالدا: «سەن ئىلگىرى بىر ئوچۇم لايغا ئوخشاش باشقىلار تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلغان ئىدىڭ، ئەمما ھازىر ئۆز تىرىشچانلىقىڭ ئارقىلىق بىر پارچە ئۆتكۈر بىسلىق مىس زۇلپىقارغا ئايلاندىڭ، ئەگەر پۇلغا ئېھتىياجلىق بولساڭ، ئىزدەپ كېلىشىڭنى قارشى ئالىمەن. ساڭا ئىشىنىمەن، سەن ھەقىقەتەنمۇ ئىشەنچىلىك ئادەم ئىكەنسەن» دېدى.
ئاكاخالا ئەمەس باشقا قەرىز ئىگىلىرىمۇ ماڭا ھۆرمەت پوزىتسىيسى ۋە نەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلدى. ئايالىمنىڭ ھاياجانغا ۋە شاتلىققا تولغان كۆرلىرى مېنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدۇردى ۋە پەخىرلەندۈردى، مەن ئەمدى ئائىلىگە كۆڭۈل بۈلىدىغان ۋە كۈيىنىدىغان مەسئۇلىيەتچان ئائىلە باشلىقى، شاھقا ئەڭ سادىق پۇقرا بولدۇم.
ئاشۇ مۇكەممەل پىلان مېنى غەلبىگە يۈزلەندۈرۈپ، قايتىدىن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر كىشىگە، مەسئۇلىيەتچان ئەرگە، شاھقا ئەڭ سادىق پۇقراغا ئايلاندۇردى. ئۇ بارلىق قەرىزلىرىمنى تۆلىشىمگە ياردەم قىلىپلا قالماي، يەنە ئوندىن بىر قىسىم تاپاۋەتنى جۇغلاپ ئاز بولمىغان تىللا ۋە ئاقچىلارغا ئىگە قىلدى. شۇڭا، بېيىشقا تەشنا بولىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ پىلانىم بويىچە ئىش كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداق بولغاندا چۇقۇم نەتىجە قازىنالايدۇ. ئۇ پىلان يېنىدا بىر تىيىن پۇلى يوق مەندەك بىر قۇلنى قەرىزلىرىنى قايتۇرۇپ يەنە خېلى كۆپ تىللا ۋە ئاقچىلارغا ئىگە قىلالىغان ئىكەن، باشقىلارنى تېخىمۇ يىراق مەنزىلگە يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ، مەن تېخى بۇ پىلاننى پۈتۈنلەي ئورۇنداپ بولالمىدىم دەپ قارايمەن. ئەمما پەقەت ئاخىرغىچە بەرداشلىق بىرەلىسەملا ھامان بىر كۈنى، بابىلوندىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بايلارغا ئايلىنالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن، مانا بۇ پىلاننىڭ ئەڭ ئاخىرىقى نىشانى ئىدى.
كۆرۈپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، پروففېسسور كادۋېرنىڭ تۇيۇقسىز قانلىرى ئۇرغۇپ، قوللىرى يېنىك تەرلەپ، قەلبى ھاياجانغا تولدى، ئەسلىدە ئۇ بۇنداق بىر مۆجىزىنى بايقاشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۇلار بىر قىسىم دوستىلىرى ۋە ئۆزىنىڭ مالىيە باشقۇرۇش كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلىدى، نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇنداق قەرىز قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن، ئەمما ھېچكىممۇ بۇ ئامالنى ئويلاپ باقمىغان بولۇپ، ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئېغىز ئاچقىلىمۇ بولمايتتى. بىراق، كۆز ئالدىمدىكى بۇ بىر قانچە بەت تەرجىمە ماتېرىيال ئۇنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى، داباشىرنىڭ  بۇ پىلانى ھەقىقەتەنمۇ مۇكەممەل پىلان ئىدى، ئۇ ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىگىلىك باشقۇرۇش قارىشى بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەرنىڭ بايان قىلغىنىدىنمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ مۇۋاپىق ئىدى.
«بابىلون خارابىلىكىدە چۇقۇم يەنە بۇنىڭدىن باشقا ئىگىلىك باشقۇرۇشقا دائىر مەسلىھەت شۇنىڭدەك بېيىش مەخپىيەتلىكى ساقلانغان»، پروففېسسور كادۋېر كەيپىياتىنى سەل تۇراقلاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئويغا چۆمگەن ھالدا: «مەن بۇ ئىگىلىك باشقۇرۇش مەسلىھەتى ۋە بېيىش پاراسەتلىرىنى قېزىپ چىقىشىم كېرەك، بۇ ھازىرقى كىشىلەر ئۈچۈنمۇ بۇرۇنقىدەكلا ۋاقتى ئۆتمىگەن ناھايىتى زور پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە پاراسەتتۇر. بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمىتىم. بىراق بابىلون خارابىلىكىدە راستىنلا يەنە بۇلارغا ئوخشاش سىرلىق تاختايلار بارمىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسېنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي تۇرمۇشقا يېتەكچى ئەھمىيىتى بارمۇ قانداق؟» دەپ پىچىرلىدى.
پروفېسسور كادۋېرنىڭ بۇ پىلانغا نىسبەتەن نۇرغۇن گۇمانى بولسىمۇ، ئەمما كۈچلۈك قىزغىنلىق ۋە ئىپادىلەش قىيىن بولغان بىر خىل كۈچنىڭ ئىلھامى ئۇنى بۇ تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندىمەكتە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى ھېكايە مەيدانغا كەلدى.  
خەتنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ۋاقىت ئىچىدە، پروفېسسور بىر تەرەپتىن سېغىز-تاش تاختايلارنى قېزىشنى داۋاملاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەتداشلىرىنى پۈتۈكچىلەرنى يېغىشقا سەپەرۋەر قىلدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇ 565 پارچە پۈتۈكچە يىغىۋالدى. ئۇ باشقا خىزمەتداشلىرىنىڭ ياردىمىدە بۇ پۈتۈكچىلەر ئىچىدىكى 398 پارچىسېنىڭ ئاشۇ سىرلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش پاراسەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. شۈبھىسىزكى، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئىش ئىدى، تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتىغا كۆپ تەشەككۈر، نەچچە مىڭ يىللىق ئەقىل-پاراسەت تارقىلىدىغان بولدى،
بۇ سىرلىق پۈتۈكچىلەر ئالدىدا، پروفېسسور كادۋېر ناھايىتى ھاياجانلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەل-پەل ئەندىشە قىلىدۇ، چۈنكى بۇ پۈتۈكچىلەرنى ئەنگىلىيگە ساق سالامەت يەتكۈۈزش چوڭ بىر قۇرلۇش ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇرەككەپ شىنا يېزىقلىرىنى تەرجىمە قىلىش ئۇلارنى كولاپ چىققاندەك ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ زىھنى كۈچ كېتەتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە پروفېسسور شرېۋسبۇرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىشقا توغرا كېلەتتى. ئۇ پروفېسسور شرېۋسبۇرىنى قانداق تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلىنىپ يۈرەتتى.
ئۇ كۆڭلىدە: «پروفېسسور شرېۋسبۇرى مۇشۇ يەردە بولغان بولسا ناھايىتى ياخشى بولاتتى، پۈتۈكچىلەردىكى پاراسەتلەرنى قېزىپ چىقالىغان بوللاتتۇق» دەپ ئويلايتتى.
ئىككىنچى پارچە خەت
جوڭگۇلۇقلار، ساۋساۋنىڭ گېپىنى قىلسىلا ساۋساۋ كېلىدۇ دېگەندەك پروفېسسور كادۋېر ئاشۇلارنى ئويلاپ يۈرگىنىدە نوتتىنگىخام ئونىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن يەنە بىر پارچە خەتنى تاپشۇرىۋالدى، بۇ خەت دەل پروفېسسور شرېۋسبۇرىدىن كەلگەن ئىدى.
پروفېسسور كادۋىر تاقەتسىزلەنگەن ھالدا خەتنى ئاچتى، ئۇنىڭ قوللىرى ھاياجاندىن تىتىرەۋاتاتتى، ئۇ كەيپىياتىنى تىزگىنلەشكە تىرىشىپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى.
ئەنگىلىيە\ئەنگىلىيە فىدراتسىيىسى\ نوتتىنگىخام شەھرى
ترېنت دەرياسى نېۋارك
نوتتىنگىخام ئونىۋېرسىتېتى\دانىشمەن ساۋىرسون ئىنىستىتوتى
1936-يىلى11-ئاينىڭ 7-كۈنى
ئەنگىلىيە ئىلمىي ئۇسۇلدا قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى\مېسوپوتامىيە شەھەرلىك تەتقىقات مەركىزىدىكى پروفېسسور فرانكىلىن كادۋېرغا تېگىدۇ.
قەدىرلىك پروفېسسور:
ياخشىمۇسىز دوستۇم! قەدىمقى بابىلون خارابىسىدىن يەنە باشقا پۈتۈكچىلەرنى تېپىۋېلىپ، بابىلونلۇق تۆگە سودىگىرى داباشىرنىڭ ئەرۋاھى بىلەن ئۇچرىشالىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر راستىنلا ئۇچرىشالىغان بولسىڭىز، ماڭا ياردەم قىلىپ ئۇنىڭغا: قالدۇرۇپ كەتكەن ھېكايىلىرىنىڭ ئەنگىلىيىدە نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتپ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىننەتدارلىقىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ.  
ئىككى يىل ئىلگىرى سىزگە يازغان خەتتە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن، داباشىرنىڭ پىلانىنى ئايالىم بىلەن ئىككىمىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، قەرىز قايتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆز تىرىشچانلىقىمز ئارقىلىق ئىقتىساد توپلىماقچى بولغانلىقىم توغرىسىدىكى مەزمۇنلار ھېلىمۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟ گەرچە ئايالىم بىلەن ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشى قارىماققا باياشاتتەك كۆرۈنسىمۇ، دوستلىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغان ھالىتىمىزنى كۆرۈشنى خالىمايتتۇق. ئەمما، دەردىمنى ئۆزۈم بىلەتتىم.
شۇنچە كۆپ يىللاردىن بويان، ئايالىم بىلەن ئىككىمىز قەرىز قايتۇرۇش زۇلۇمى ۋە نامراتلىق خورلۇقىنى يەتكىچە تارتىپ، ئەنسىزلىك ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇق، چوڭ قەرىز ئىگىلىرى ۋە پارچە ئوقەتچىلەر قەرىزدار بولۇپ قالغانلىقىمىزنى ئودۇل كەلگەن يەردە سۆزلەپ يۈرسە، مەن ئۈچۈن شەپقەتسىز زەربە بۇلاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئونىۋېرسىتىېتتىن رەسۋالارچە ئايرىلىشقا مەجبۇر بولاتتىم. ئىككىمىز زور تىرىشچانلىق بىلەن قەرىز قايتۇرغان بولساقمۇ، كونا قەرىزنى تۆگەتسەك، يەنە يېڭى قەرىزگە بوغۇلۇپ، قەرىزنى تەلتۈكۈس قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان ئىدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا بىز نۇرغۇن ماگزىنلاردىن نېسىي بىزەك بۇيۇملىرى (زىبو-زىننەت بۇيۇملىرى) سېتىۋالغان ئىدۇق. بۇ بۇيۇملار باشقا يەرلەردىكىگە قارىغاندا كۆپ قىممەت بولسىمۇ نېسىي سېتىۋالغاچقا ئانچە پىسەنت قىلپ كەتمىگەن ئىدۇق، ئەمما ئاشۇ نېسىي سودىلار بىزگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ ئاخىرى زور سوممىلىق قەرىزگە بوغۇلدۇق.
قىيىن تۇرمۇش مانا شۇنداق داۋاملىشىپ، ئاخىردا ناچار ۋەزىيەت شەكىللەندى، تېرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ بارغانچە ئەھمىيتى قالمايۋاتاتتى. ئۇزۇن ۋاقىت ئۆي ئىجارىسى تۆلىيەلمىگەنلىكتىن، چوڭ ئۆيىمىزدىن ئايرىلىپ، ئەرزان باھالىق ئۆيگە كۆچۈپ چىقىمنى تېجەشكە مەجبۇر بولدۇق.
قىلىغانلىرىمىزنىڭ ھېچقايسىسى بىزگە قىلچە ئۈمىد ئاتا قىلالمايتتى، ئەر-خوتۇن ئىككىمز بۇ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغان ئىدۇق. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەرىزىمىزنىڭ كۆپلىكىدىن، ئونىۋېرسىتېتتىكى خىزمىتىمدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەكمۇ ئەنسىرەيتتىم، ئاشۇ ئازغىنە مائاش تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم تۈۋرۈك ئىدى،  راستىنلا خىزمىتىمدىن ئايرىلىپ قالسام، ئىككىمز قورساقنىمۇ تويغۇزالماي، كوچىغا چىقىپ قېلىشىمىز مۇمكىن ئىدى.
مۇشۇ ۋاقىتلاردا سىز ماڭا قەدىمقى بابىلوندىن كەلگەن باي ‐‐‐تۆگە سودىگىرى داباشىرنى تۇنۇشتۇرۇپ قويدىڭىز، مەن ئۇنىڭ پۈتۈكچىلىرىدىكى پىلانىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ پىلانى بىزگە ئۈمىد ئاتا قىلدى، ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن ھېكايىلەر بىزگە زور ئىلھام بولدى، ئىككىمىز مەسلىھەتلەشتۇق، ئۇ بۇ پىلاننى كەسكىن ئۇرۇنداشقا قوشۇلدى. شۇنداق قىلىپ قەرىز تەپسىلىي تىزىملىكىنى تۇغۇزۇپ چىقىپ، بارلىق قەرىز ئىگىلىرىنىڭ يېنىغا بىرىپ ئۇلار بىلەن ئۇدۇللاشتۇردۇق.
ئاندىن قەرىز ئىگىلىرىگە  مۇشۇنداق كېتىۋىرىدىغان بولسا قەرىزلەرنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالىدىغانلىقىمنى بىر-بىرلەپ چۈشەندۈردۈم. قەرىز ئىگىلىرى تىزىملىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، قەرىزلەرنى بىرلا ۋاقىتتا قايتۇرالمايدىغانلىقمغا كۆزى يەتتى،  ھەمدە ھازىرقى ئەھۋالىمدىن ئېنىق چۈشەندى. مەن ئۇلارغا ھەر ئايلىق مائاشىمنىڭ ٪20 نى ھەر قايسى قەرىز ئىگىلىرىگە تەڭ بۆلۈپ بېرىدىغانلىقىمنى، مۇشۇ بويىچە داۋاملاشتۇرغىنىمدا ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا بارلىق قەرىزلەرنى قايتۇرۇپ بولىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. بۇنداق بولغاندا ماگزىنلاردىن نەق مال سېتىۋېۋالالايتتىم، بۇ ئۇلار ئۈچۈنمۇ ياخشى ئىدى.  
خۇشاللىنارلىقى، قەرىز ئىگىلىرى كەڭ قورساقلىق بىلەن شەرتىمنى قوبۇل قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەقىللىق بىر سودىگەر مەن ئوتتۇرغا قويغان ئۇسۇلنى ماختاپ: «ئەگەر سىز ھازىردىن باشلاپ نەق پۇلغا مال سېتىۋالالىىسىڭىز ھەمدە قەرىزلىرىڭىزنى قايتۇرالالىسىڭىز، ناھايىتى ياخشى ئامال بوپتۇ، بۇ ھېچبولمىغاندا نېسىگە مال سېتىۋالغىنىڭىزدىن كۆپ ياخشى. بىلەمسىز؟ سىز بۇ يەردىن نېسى مال سېتىۋالغىلى توپتوغرا ئۈچ يىل بولدى.»
ئەينى ۋاقىتتا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى قويارغا يەر تاپالماي ئاسمان ئېگىز يەر قاتتىق كەلدى. بىراق بۇ خىجالەت تۇيغۇسى ئىرادەمنى تېخىمۇ چىڭىتتى. ئەڭ ئاخىرى، ھەربىر قەرىز ئىگىسى بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق، ٪20 مائاشىمنى ئۇلارغا تەڭ بۆلۈپ بەرسەملا، ئۇلار قالغىنىنى دەرھال بىرىشكە قىستىمايدىغان، قەرىز سۈيلەپ مېنى ئىزدەپ يۈرمەيدىغان بولدى،  بۇ ھال تۇرمۇشىمىزنى خېلى ئىزىغا چۈشۈردى، كۈندە قەرىز ئىگىلىرىدىن قېچىپ، غەم ئەندىشىدە ئۆتۈشنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى.
بۇنداق مۇكەممەل پىلان، بىزگە نىسبەتەن قىزىقارلىق تەۋەككۈلچىلىك بولسىمۇ داباشىرنىڭ ھېكايىسى شۆبھىسىز ئىدى. بىز پىلان بۇيىچە قەرىز قايتۇرۇپلا قالماي كىرىمىمىزنىڭ ٪70 تى بىلەنمۇ تۇرمۇش، ئاش-تاماق، كىيىم-كىچەكتىن غەم قىلمايتتۇق. بۇ بىزنى بەك خۇشال قىلىۋەتتى. كېيىنچە بىز بىر قىسىم ئېسىل چاي شۇنىڭدەك زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشتىن ۋاز كەچتۇق. ئەمما، ئۇزۇن ئۆتمەي ئازغىنە پۇلغىمۇ خېلى يامان ئەمەس نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى، نىسىي مالنىڭ، نەق سېتىۋالغان مالغا قارىغاندا كۆپ قىممەتلىكىنى بايقاپ، باھاسى ئەرزان سۈپىتىمۇ خېلى ياخشى نەرسىلەرنى سېتىۋالالايدىغان بولدۇق.
بىز بۇ پىلاننى ئۇزۇن مەزگىل يۈرگۈزدۇق، ۋاقتىنچە ھەممىنى سۆزلەپ بولالمايمەن. ئەمما، راسىت گەپنى قىلسام، بۇ پىلاننى ئۇرۇنداش ئۇنچە قىيىن ئىشمۇ ئەمەسكەن، بۇنىڭدا ھالقىلىق بولغىنى كىشىنىڭ ئىرادىسى مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدىكەن. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داباشىرنىڭ پىلانى بويىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش ئارقىلىق قەرىزلىرىمىزنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئازلاۋاتقىنىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق. بەلكى، تۇرمۇش رېتىمىڭىزدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلماستىن خاتىرجەم قەرىز قايتۇرۇشنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن، بىز تەدرىجى قەرىز ئىگىلىرىنىڭ قەرىز سۈيلەپ كېلىشىدىن قۇتۇلدۇق، بۇ نىمىدىگەن خۇشاللىنارلىق ئىش-ھە!
بۇ ۋاقىتتا، كىرىمىمنىڭ يىغىپ قويغان ٪10تىنى تىلغا ئېلىشنى لايىق تاپتىم. بەزىدە يانچۇقىمىزدا ئېشىنچە پۇلمۇ تۇرۇپ قالىدىغان بولدى، بۇ دەل پىلاننىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك تەرىپى ئىكەن. بىز يېنىمىزدىكى خەجلىمىگەن پۇللارنىڭ ھەممىسېنى ساقلاپ قويدۇق. بۇ بىز ئۈچۈن ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان خۇشاللىق بولدى. ئۇزۇن ۋاقىت ئاشۇنداق يىىغىش ئارقىلىق خەجلىۋەتكەن پۇللارنى بەرگەندىنمۇ بەك خۇشال بولۇپ كەتتۇق، بۇ بىزنى تېخىمۇ مەمنۇن قىلدى.
تەدرىجى ھالدا بىر قىسىم ئېشىنچە پۇل يىغقاندىن كېيىن، تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان پۇل تېپىش ئۇسۇلىنى تاپتۇق. بىز ھەر ئايدا مائاشىمىزنىڭ ٪10تىنى يىغىش ئۇسۇلى بىلەن  مۇقىم بولغان بىر ئىشقا مەبلەغ سالدۇق. بۇ مەبلەغ بىز ئۈچۈن يېڭى باشلىىنىش بولدى، بۇ بىزنى چەكسىز ھاياجانلاندۇردى، بىز تەدىرجى پىلانىمىزدىن رازى بولدۇق. ئەنە شۇنداق قىلىپ ھەر ئايلىق مائاشىمىزنىڭ ٪10تىنى ھېلىقى مەبلەغكە قوشۇپ مېڭىۋەردۇق. بۇ مەبلەغمۇ بىزگە ھەيران  قالارلىق دەرىجىدە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى.
سەرمايىمىزدىن مۇقىم بىر قىسىم كىرىمگە ئىرىشىپ تۇرمۇشىمىز كاپالەتكە ئىگە بولدى. بىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق. سەرمايىمىزنىڭ پايدىسى بىلەن كېيىنكى تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ راھەت ئۆتكۈزەلەيتتۇق. سەرمايىمىزدىن كەلگەن پايدا ئازغىنە مائاشىمىزدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىدى، ئەجىبا بۇ خۇشاللىنارلىق ئىش ئەمەسمۇ؟
بۇ ئازغىنە مائاشىىمىزغا تايىنىپ ياشىغىنىمىزغا سېلىشتۇرغاندا، چوڭ مۆجىزە ئىدى. قارىماققا بۇ ئىشقا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىسىمۇ، بىراق بۇ تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەقىقى كارتىنىسى ئىدى. ھازىر قەرزىمىزنى قايتۇرۇپ بۇلۇشقا ئازلا قالدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە سەرمايىمىزدىن ئۈزلۈكسىز كىرىم بولۇپ تۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، داباشىرنىڭ پىلانى ئارقىلىق، ئىگىلىك باشقۇرۇش ماھارىتىمىز بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدى. بۇنداق مۇۋاپىق ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلى تۇرمۇشىمىزدا ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. بۇنى بىر مۆجىزە دېسەكمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ داباشىر ئىككىڭلارنىڭ ماڭا قىلغان زور ياردىمى، شۇڭا سىلەرگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.
بۇ يىل يىل ئاخىرىغا بارغاندا، بارلىق قەرىزلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بولىمىز. ئۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ پۇل چىقىرىپ مەبلەغ سالىمىز، يەنە تېخى ئېشىپ قالغان پۇللار بىلەن كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلىمىز. ئەمما، قانداق بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر چىقىملىرىمىزنى كىرىمىمىزنىڭ ئوندىن يەتتە ئۈلىشىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى قارار قىلدۇق. بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈلەيدىكەنمىز. تۆگە سودىگىرى داباشىر بىلەن ئىككىڭلارغا نېمە ئۈچۈن بۇنچە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىمىزنى ئەمدى چۈشەنگەنلىكىڭىزگە ئىشىنىمەن. ئۇنىڭ قالتىس پىلانى مۇھتاجلىق ھالەتتىكى تۇرمۇشىمىزنى ئۆز‍گەرتتى. سىزنىڭ بايقىشىڭىز بىزگە گۈزەل تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى. بىزنى قەرىز پاتقىقىدىن تەلتۈكۈس قۇتۇلدۇرۇپ، دۇنيانىڭ بارچە گۈزەللىكلىرىدىن بەھىرلەندۈردى.
داباشىر جەزمەن مۇشۇنداق كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە چىقىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ئاشۇ جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇ ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ ساۋاق ئېلىشىنى ۋە باشقىلارغا ياردىمى بولىشىنى ئۈمىد قىلغان. بولمىسا، تاش-سېغىز تاختايلارغا خەت ئويۇپ جاپا تارتىپ نېمە قىلىدۇ. كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ ئۆز ئەقىل-پاراسىتىنىڭ تارقىلىشنى ئارزۇ قىلغان، بىز  ئۇنىڭ بۇنداق شەخسىيەتسىزلىكى ۋە ئەقىل-پارسىتىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز.
ئۇ ئويۇپ قالدۇرغان پۈتۈكچىلەر ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازاپلىق كەچۈرمىشنى باشتىن كەچۈرگەنلەرگە ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ ناھايىتى چوڭ ئىش، 6000 يىلىدىن كىينكى بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش پىرىنسىپلىرىدىن ئوخشاشلا زور ياردەمگە ۋە پايدىغا ئىرىشەلىدۇق، بۇ ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىمىزغىمۇ ماس كىلىدىغانلىقى، ئەسلا ۋاقىتى ئۆتۈپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىقتىسادىي ئەھۋالىم ياخشىلانغاندا، لوندون «كۈندىلىك ئاخپارات گېزىتى»نىڭ ياردىمىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن، كېلەر يىلى باھاردا بابىلونغا بېرىپ، ئالتۇندىمۇ قىممەتلىك بولغان ئۇ قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى سىز بىلەن بىرلىكتە قازىمەن، ئىشىنىمەنكى، ئىككىمىزنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى ئاستىدا قەدىمقى بابىلونلىقلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەقىل-پاراسەتلىرى دۇنياغا قايتا نامايەن بولىدۇ!
                                         ھۆرمەت بىلەن: پروفېسسور شرېۋسبۇرى

پروفېسسور شرېۋسبۇرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر ئابزاس خېتىنى كۆرۈپ، پروفېسسور كادۋېرنىڭ يۈرىكى سەكرەپ چىقىپ كېتىدىغاندەك، چەكسىز ھاياجانلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ ناھايىتى زور ئىش ئىدى. شرېۋسبۇرىنىڭمۇ بۇ سەپكە قۇشۇلىشى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ياراشقاندەك بولۇپ، ئۇنىڭ ياردىمى بولسىلا كېيىنكى تەرجىمە خىزمىتى ناھايىتى تېز تاماملىناتتى. پروفېسسور شرېۋسبۇرىنىڭ پۈتۈكچىلەردىكى قەدىمىي ھەم سىرلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى ئۆزى سىناپ كۆرۈپ نەتىجە قازىنىشى، ئۇنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيانقى بۇ قەدىمىي ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەقىل-پارسەتلىرىنىڭ ھازىر قانچىلىك ئەھمىيىتى بولسۇن، دەيدىغان غەم-ئەندىشىسېنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىۋەتكەن ئىدى. ئۇ پروفېسسور شرېۋسبۇرىنىڭ خېتىنى قايتا بىر قېتىم تەپسىلىي ئوقۇپ چىققاندىن كېىين، تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇرغان پۈتۈكچىلەرگە قاراپ بۇلار قانداق ھىكايىلەرنى ئېيتىپ بىرەلەيدۇ؟ يەنە قانچىلىك سىرلار دۇنياغا ئايان بولىدۇ؟ دېگەنلەر خيالىدىن كىچىشكە باشلىدى.
كېيىنكى ھېكايىلەرنى كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق. پروفېسسور شرېۋسبۇرى بابىلونغا كەلگەندىن كېىين، ئىككى پروفېسسور كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەشنى باشلىۋەتتى، ئۇلار بىر تەرەپتىن تەرجىمە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن داۋاملىق يېڭى پۈتۈكچىلەرنى ئىزدەيتتى، قىيىن ئىش يوق ئالەمدە كۆڭۈل قويغان ئادەم‍گە، دېگەندەك ئۇلارنىڭ ئىخلاسمەنلىكى ۋە تىرىشچانلىقى ئاخىرى زور مۆجىزە ياراتتى. خارابىلىكتىكى نەچچە مىڭ يىل سۈكۈتتە ياتقان كېسەكلەردىن بابىلۇنلىق بىر قانچە باي ۋە ئۇلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش پىرىنسىپلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ  قىيىنچىلق ھالىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكۈسى، بۇ تىرىشچانلىق ۋە قان تەر بەدىلىگە بەت-بەپ يېزىقلار ۋۇجۇدقا كېلىپ، كىشىلەرگە بۇ پۈتۈكچىلەردىكى شەخىس ۋە ئەقىل-پاراسەتلەرنى تېخىمۇ تەپسىلىي، تېخىمۇ ئەتراپلىق نامايەن قىلىپ بەردى. كىشىنى تېخىمۇ ھەيراق قالدۇرىدىغىنى، بۇ پۈتۈكچىلەردىكى كىشى ئويلاپ يېتەلمەيدىغان ئەقىل-پاراسەتلەر بولۇپ، بۇ ئەقىل-پاراسەتلەر سىناپ كۆرگەنلەرگە ناھايىتى زوور شادلىق ۋە مۆجىزە ئېلىپ كەلگۈسى!

داۋامى بار

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
442
تىللا
232
شۆھرەت
614
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 17:25:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى باب
قەرىزنىڭ مەخپىيىتى ‐‐‐ زور سوممىلىق قەرىزگە قانداق يۈزلىنىش
قەرىز ئەڭ چوڭ دۈشمىنىڭ! ئۇ سېنى بابىلوندىن قېچىپ چىقىشقا، مۇساپىرچىلىقنىڭ ئېچىنىشلىق كۈنلىرىگە بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي ئۆز ئەركىگە قويىۋەتسەڭ تېخىمۇ كۈچلىنىپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنى دۈشمىنىڭ قاتارىدا كۆرۈپ، جان تىكىپ ئېلىشىپ بويسۇندۇرالىساڭ، قايتىدىن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئادەم بولالايسەن.


باب يېتەكچىسى
ھەرقانداق بىر شەھەردە، باي ۋە نامراتتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئادەم بولىدۇ؛ ھەرقانداق بىر باي ۋە نامراتتا ئىككى خىل روھ بولىدۇ؛ بىر ئادەمنىڭ روھى شۇ كىشىنىڭ مۇۋەپىقىيىتى ۋە بايلىقىنى بەلگۈلەيدۇ. ئالىيجاناپ روھ ھەمىشە سىزنى قەرىزگە باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىشكە ئۈندەپ، بېيىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ؛ پەسكەش روھ سىزنى قەرىزدىن قاچىدىغان گادايلىققا مەھكۇم قىلىدۇ؛ داباشىرنىڭ ھېكايىسېنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، قەلبىڭىزدىكىنىڭ قايسى خىل روھ ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
قەرىزدارنىڭ قەرىز ئىگىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشى
ئاچلىق ئالاھىدە بىر خىل تۇيغۇ، بەزىدە ئۇ كىشىنىڭ ئەس-ھۇشىنى تېخىمۇ سەگەكلەشتۈرىۋېتىدۇ، يەنە بەزىدە، يېمەكلىككە نىسبەتەن تېخىمۇ سەزگۈرلەشتۈرۈپ، يېمەكلىكنىڭ پۇرىقىنى ناھايىتى ئاسان پۇرىۋالىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
ھازىر، ئازورنىڭ ئوغلى تاكاد بۇ خىل تۇيغۇغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە، بۇ خىل تۇيغۇ مەڭگۈ ئۇنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ. ئۇنىڭ قوبۇل قىلالمايدىغىنى، باشقىلارنىڭ بېغىدىن ئوغۇرلاپ كەلگەن ئىككى دانە ئەنجۈرنى ھېسابقا ئالمىغاندا تاماق يېمىگىنىگە ئىككى كۈن بولغان ئىدى. ئۇ ئەمدىلا ئۈچنىچى ئەنجۈرنى ئۈزەي دەپ تۇرىشىغا، بىر ئايال غەزەپتىن ۋاقىرغىنىچە ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كېلىپ، كوچىغىچە قوغلاپ چىقتى. تاكاد ھەقىقەتەنمۇ رەسۋالەرچە قېچىۋاتاتتى، ئىلگىرى نەدىمۇ ئۇنى مۇنداق ھالى خاراپ ھالدا كۆرگەن دەيسىز. بۇلارنىڭ ھەممىسىى ئاشۇ يىرگىنىچلىك قەرىزنىڭ كاساپىتى ئىدى. ئاشۇ لەنىتى قەرىز ئۇنى ئاشۇنداق ئېچىنىشلىق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى. تاكاد توختاشنى ئويلىغان بولسىمۇ، پۇتلىرى ئۇنىڭغا بويسۇنمايتتى، ئۇ قېچىپ بازارنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ كەتكەندىمۇ ئۇنىڭ قولاق تۈۋىدە يەنلا ھېلىقى خوتۇننىڭ تىللاشلىرى جاراڭلايتتى. يامغۇردەك يېغىپ كەتكەن بۇ تىللار يېگۈسى كېلىپ شۆلگەيلىرى ئېقىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، بازاردىكى سېتىقچىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغۇرلاشنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالماس قىلىۋەتتى. ئۇنىڭغا قورساقنى تويغۇزغۇدەك نەرسە بولسىلا كۇپايە قىلاتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تاكاد شۇنچە چوڭ بولغۇچە بازاردا بۇنچە كۆپ ئېسىل يېمەكلىكلەرنىڭ بارلىقىغا ئەزەلدىن دىققەت قىلپ باقمىغان، يېمەكلىكنىڭ تەمىمۇ ئۇنىڭ قەلىب تارىنى بۈگۈنكىدەك تىترىتىپ باقمىغان ئىدى.
ئۇ قايناق ئادەملەر توپى ئىچىدىن ئۆتۈپ، ئالدىراش بازاردىن ئايرىلىپ، بىر ساراي ئالدىدا توختىدى. ھەمدە شۇ يەردە چۆرگىلەپ يۈردى، شۇ تاپتا ئۇ بىرەر تۇنۇش ئادەم ئۇچراپ قېلىشىنى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئازراق پۇل سوراپ تۇرۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى، شۇنداق قىلغاندىلا سارايۋەن ئۇنىڭ سارايغا كىرىشىگە يول قۇياتتى. ئەمما، ھازىر ئۇنىڭ يېنىدا بىر تىيىنمۇ يوق، خوجايىن ئۇنى قارشى ئالمايدۇ، كۈتكۈچى ئالدىدىمۇ ئۆزىنى تۆۋەن ھېس قىلىدۇ. بۇ ئۇنى ناھايىتى ئوڭايسىزلاندۇرىدۇ، ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا ئۆزىنىڭ شور پىشانىلىكىنى ئويلاپ، ئۇزۇنغىچە خۇرسېنىدى. ئەمما، ھازىر قىلىدىغان مۇھىم ئىش قورساق مەسىلىسېنى ھەل قىلىش ئىدى. ئۇنىڭ قورسىقى قوپ-قورۇق، ھەتتا غۇدۇراپ ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە، كوچىدا ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىشنڭ ئورنى يوق، تېزراق يەيدىغان نەرسېنىڭ ئامالىنى قىلمىسام بولمىدى، دەپ ئويلىدى.
ئۇ قانداق قىلىپ سارايغا  كىرىپ تاماق يېيىشنى پىلانلاۋاتقاندا، ئۇ كۆرۈشنى ئەڭ خالىمايدىغان كىشى ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. بويى ئېگىز ئورۇققىنا كەلگەن بۇ كىشى دەل تۆگە سودىگىرى، تاكادنىڭ قەرىز ئىگىلىرىنىڭ بىرى داباشىر ئىدى. تاكاد پۇل ئارىيەت ئالغان ئۇرۇق-تۇققان، دوست بۇرادەرلىرى ئىچىدە، داباشىر ئۇنىڭ بېشىنى ئەڭ ئاغرىتىدىغان ئادەم ھېسابلىناتتى، چۈنكى ئۇ پۇل قايتۇرۇشنى پۈتۈشكەن كۈن يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەھدىسىگە ۋاپا قىلالمىغاچقا، بۇ قەرىز ئىگىسىدىن قېچىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
داباشىر سەل ئىڭىشىپ قارىۋىدى دوقۇرىشىپ قالغان كىشىنىڭ تاكاد ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى يوغىناپ، باشقىچە نۇرلىنىپ كەتتى، ھەمدە: «ۋوي! ئەسلىدە تاكاد ئىكەنغۇ، سېنى ئىزدەپ تاپالماي يۈرگەنتىم، ئۆزۈڭ ئالدىمغا كەپ قاپسەن، بىر ئاي ئىلگىرى بەرگەن ئىككى يارماق، يەنە ئۇنىڭدىن بۇرۇن بەرگەن بىر ئاقچا بولۇپ جەمئىي بىر ئاقچا ئىككى يارماق بوپتۇ. بۈگۈن سەن بىلەن ئوبدان ئۇچرىشىپ قالدىم. بىز كېلىشكەن مۆھلەت ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى. بۈگۈن قېچىپ كېتەلمەيسەن. يىگىت، پۇلنى قايتۇرساڭ بولارمىكىن؟ تىلىڭنى قاغا چوقىۋالدىمۇ؟»
قېچىپ كېتەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن تاكادنىڭ يۈزلىرى بىردىنلا قىزىرىپ، پۈتۈن بەدىنى توختىماي تىتىرەپ كەتتى. ئاچلىق بىلەن قۇشۇلۇپ ئۇنىڭ يۈزلىرى ئوت كەتكەندەك بولۇپ تۇيۇلدى، ئۇنىڭدا ھازىر داباشىر بىلەن مۇنازىرلىشىدىغانغا نەدىكى ماغدرۇ دەيسىز، ئۇ ئۇڭايسىزلانغان ھالدا: «مەن، مەن ناھايىتى خىجىل، ئەمما، بۈگۈن......مەندە.......يارماق يوق، ئاقچىلارنى قايتۇرۇشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچالمايمەن» تاكاد ئىچىدە، بۈگۈن داباشىر ئازراق مەردلىك قىلىۋەتسىلا، بۇ قىين ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ كېتەتتىم، دەپ ئويلايتتى.
ئەمما، داباشىر توختىماي تىللاپ كەتتى: «ئاناڭنى! نەچچە تال ئاقچا ۋە يارماقلارنى بىرەلمىگەن ھالىڭغا، نېمە دەپ شۇنچە كۆپ ئادەەمدىن قەرىز ئالدىڭ؟ دوستلىرىڭ ۋە داداڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغىنىڭدا، سېخىلىق بىلەن ياردەم قىلىپ، ساڭا پۇل بەرگەن ئەمەسمىدى، ئەمدى ئۇ پۇللارنى نېمەڭ بىلەن قايتۇرىسەن!»
«بىراق، سىزمۇ كۆرۈپ تۇرۇپسىز، يېقىندىن بويان مېنى ئىزچىل نەس بېسىپ كەلدى، شۇڭا......» دېدى، ئالاقىزادىلىك بىلەن تاكاد.
«نەس باستى؟! ئەجىبا سەن ئۆزۈڭنىڭ ئاجىز ۋە ئىقتىدارسىزلىقىنى، تەڭرىگە ئارتىپ قويماقچىمۇ؟ ساڭا ئوخشاش قەرىز ئېلىشنىلا بىلىپ، قايتۇرۇشنى بىلمەيدىغان ئادەم ئاشۇنداق جازالىنىشقا ھەقلىق. يىگىت، مەن بىلەن سارايغا كىر، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى، بىرگە تاماق يېگەچ ساڭا بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەي.»
داباشىر ئۇنىڭغا قىلچە يۈز خاتىرە قىلمىغان، ھەتتا ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان بولسىمۇ، ئۇنى سارايغا كىرىپ بىرگە تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلىشى، ئۇنىڭغا نىسبەتەن قەھرىتان قىشتا چوغ يەتكۈزۈپ بەرگەندەك ئىش ئىدى. تاكادنىڭ قەلبىدە بىر خىل ئىلىق سىزىم پەيدا بولۇپ داباشىرغا ئەگەشتى.
داباشىر بىلەن تاكاد سارايغا كىرىپ، تۆردىكى كىچىك گىلەمگە چىقىپ ئولتۇردى.
ساراي خوجايىنى كاۋسىك كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى، داباشىر ئادەتتىكى تەلەپپۇزدا: «ھە قۇملۇقتىكى سېمىز كەسلەنچۈك، ماڭا تېزراق ئوبدان پىشۇرۇلغان بىر تەخسە ئۆچكە پاقالچىقى، يەنە بولكا ۋە ھەرخىل سەيلەردىن كەلتۈر، قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى، كۆپرەك يەۋەلمىسام بولمايدۇ. ھە-راسىت دوستۇممۇ بار، ئۇنىڭغا بىر چەينەك سۇغۇق سۇ كەلتۈر، ھاۋا ئىسسىق بىر ئاز سەگىدىۋالسۇن» ساراي خوجايىنى تاكادقا  قاراپ مەسخىرىلىك ھىجىيىپ قويۇپ، بۇرۇلۇپلا چىقىپ كەتتى.
تاكادنىڭ ئىللىغان قەلبى بىردىنلا سوۋۇپ كەتتى، ئۇ كۆڭلىدە داباشىر مېنى سارايغا  ئۆزىنىڭ ھورى چىقىپ تۇرىدىغان مىزىلىك قوي پاچىقىنى ئاچ بۆرىدەك غاجىلاشلىرىنى كۆرسىتىپ قويۇپ، سوغۇق سۇ ئىچىشكە تەكلىپ قىلغانمىدۇ؟ دىگەنلەرنى ئويلاپ بىردىنلا جىمىپ قالدى، چۈنكى ئۇ ۋاقتىنچە نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالغان ئىدى. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاقارەت بولۇپ، مەڭگۈ ئېسىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.
بىراق، داباشىر ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى روھى ھالىتىگە قىلچە پىسەنت قىلماستىن، تونۇش-بىلىشلەرگە كۈلۈمسىرىگىنىچە قول ئىشارىسى قىلىپ سالاملىشىۋاتاتتى. بۇ چاغدا تاكاد ئۆزىنىڭ رەڭگى ئۆڭگەن ئەسكى پالازدەك، بۇ يەردە ئولتۇرىشىنىڭ سالاھىيىتىگە ماس كەلمىگەنلىكى، ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان بىر گادايغا ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسى ۋە كۈلكىسىگە قالغانلىقىنى، بۇ جايدا ئەرلىك غورورى ۋە ئابرويىنىڭ پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىنى چۈشەندى.
داباشىرنىڭ ئۇنىڭ نىمىلەرنى ئويلااۋاتقانلىقى بىلەن كارى يوق ئىدى، ئۇ تاكادقا قاراپ: «مەن بايا بىر راۋىنالىقتىن بىر باينىڭ قولىدا بىر پارچە تاش بارلىقىنى، بۇ تاشنىڭ تاراشلىنىپ نېپىزلىكتىن نۇر ئۆتكۈدەك قىلىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. باي ئۇنى دېرىزىسىگە ئورنىتىپ بوران ۋە يامغۇرنىڭ ئۆيگە كىرىشىنى توسۇپتۇ. راۋىنالىق خوجايىنىدىن بۇ سۈزۈك سېرىق تاشتىن سىرتقى دۇنيانى كۆرۈپ بېقىشقا ئىجازەت ئېلىپ،  شۇنداق قارىغۇدەك بولسا بۇ سېرىق تاشتا كۆرۈنگەن دۇنيانىڭ رېئال دۇنياغا زادىلا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، تولىمۇ غەلىتە ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. تاكاد، سېنىڭچە بۇ راستمۇ؟ ئادەم بىر پارچە سۈزۈك تاشتىن قارىسا كۆرىنىدىغىنى رەڭگى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان دۇنيا بولامدۇ؟»
تاكاد دىققىتىنى داباشىرنىڭ ھېلىقى بىر تەخسە ئۆچكە پاقالچىقىدىن يۆتكەشكە ئامالسىز قالغان ئىدى. ئۇ دىققىتى چېچىلغان ھالدا: «مېنىڭچە.....» تاكادنىڭ خىيالى ئىزچىل ئۆچكە پاقالچىقىدا بولغاچقا، جاۋابلىرى ناھايتى مۈجمەل بولۇپ، داباشىرنى رازى قىلالمىدى.
داباشىر تاكادنىڭ گېپىنى ئۈزىۋەتتى: «مەن راسىت دېيەلەيمەن، چۈنكى، بۇ دۇنياغا پۈتۈنلەي  ئوخشىمايدىغان باشقا خىل رەڭدىكى ئۆزگىچە دۇنيا كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ باققان. ساڭا ئېيتىپ بەرمەكچى بولغان ھېكايىمۇ دەل شۇ. بۇ ھىكايە ماڭا بۇ دۇنيانىڭ ھەقىقىي رەڭگىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن» تاكاد داباشىرنىڭ ئۆز ھىكايىسېنى ئاشۇ سىرلىق تاش ئارقىلىق باشلىماقچى بولغانلىقىنى ئەمدى چۈشەندى.
ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان مىھمانلار داباشىرنىڭ ھىكايە ئېيتىماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، «داباشىر بىزگە ھېكايە ئېيتىپ بەرمەكچى بوپتۇ.» دەپ پىچىرلىىشپ، ئۇلار ئولتۇرغان گىلەمگە يېقىنراق كېلىشتى، باشقا مېھمانلارمۇ تاماقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئۇلاشتى. مېھمانلارنىڭ ھەممىسى تاماقلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىشكەچكە تاكادنىڭ قولىقىغا تاماق چايناۋاتقاندا چىققان ئاۋازدىن باشقا ھېچنىمە كىرمەيتتى، كۆز ئالدىدا بولسا لوق گۆشلەر توختىماستىن پۇلاڭلايتتى. تاكاد بىردەمدىلا ناھايىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئۇ بۇ ئالۋاستى جايدىن تېزراق كېتىشنى، ئىككىنچى ئاياق باسماسلىقنى ئۈمىد قىلاتتى. بىراق داباشىر ئۇنى كەتكۈزىۋېتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. گويا قەستەن ئۇنى مۇشۇنداق رەسۋا قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. بىر توپ كىشىلەر ئىچىدە، پەقەت تاكادلا ھېچنەرسە يىمەي ئولتۇراتتى. ئەمما، ھېچكىم ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلمىغان، ھەتتا بىر پارچە بولكىمۇ بەرمىگەن ئىدى، ئۇ ئامالسىز تەخسىلەردىن پولغا چۈشىۋاتقان بولكا ئۇۋاقلىرىغا كۆزىنى يوغان ئېچىپ قاراپ ئولتۇراتتى.


ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلەنمىسى

دۇنيادا قەرىز ئىگىسىگە يولۇقۇپ قېلىشتىمنۇ قىيىن ئىش بولمىسا كېرەك، مۇبادا قەرىزدار قەرىز ئىگىسىگە يولۇقۇپ قالسا، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى قېچىش بولىدۇ. ئەمما، قەرىزدىن مەڭگۈ قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، ئاخىر ئۇنىڭغا يۈزلىنىشكە توغرا كېلىدۇ. پەقەت باتۇرلۇق  بىلەن ئۇنىڭغا يۈزلەنگەندە، ھەمدە ئۆز جاسارىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىز بىلەن ئۇنى ئېتىراپ قىلغاندىلا، قەرىز ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەيمىز.
ئۆزىنى ئۆز مەيلىگە قويىۋېتىش يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
داباشىر ئەتراپىغا نۇرغۇن ئادەمنىڭ يىغىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ھىكايىسېنى باشلىدى: «مەن ئېيتماقچى بولغان ھىكايە......»، ئۇ ئەتەي توختاپ سىرلىق قىلىپ ئۆچكە پاچىقىدىن بىر چىشلىۋېلىپ، ھىكايىسېنى داۋام قىلدى: «ياش ۋاقتىمدا، مەن بىر قۇلدىن تۆگە سودىگىرىگە ئايلانغان. بەلكىم سىلەر بىلمەسلىكىڭلار مۇمكىن، سۈرىيىدە ئىنتايىن پەس بىر قول بولغانمەن» داباشىر بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا ئىچىدە بىر ھازا زىددىيەت توقۇنۇشلىرى پەيدا بولدى. ئەمما، ئۇ يەنىلا ئۆز ھېكايىسدىن تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنىڭ بەھرىمان بولۇشىنى توغرا تاپتى، بۇنداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى رىغبەتلەندۈرگىلى بولاتتى، شۇڭا گەپنى ئۆزىنىڭ قۇل بولغانلىقىدىن باشلىدى. قۇل بولۇش بىر ئادەم ئۈچۈن خورلۇق. ئەگەر بىر ئادەم قۇلدىن بايغا ئۆزگەرسە، ئۆزىدىن پەخىرلەنسە بولىدۇ، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ ئىلگىىرى قۇل بولغانلىقىدىن ئۇنى كەمسىتمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيدۇ.
ئەتراپتىكىلەر بىر پەس مۇلاھىزىگە چۈشۈپ كەتتى. داباشىر كۆپچىلىكنىڭ قىزغىنلىقىنى كۈرۈپ مەمنۇن بولدى. ئۇ ئۆچكە پاچىقىدىن يەنە بىر چىشلىۋېلىپ، ھېكايىسېنى داۋام قىلدى: «ياش ۋاقتىمدا ئاتامغا ئەگىشىپ سودىگەرچىلىكنى ئۆگەنگەن. ئاتام قامچا ياسايدىغان ئۇستا ھۆنەرۋەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭ تۆمۈرچىلىك كارخانىسدا ئىشلەيتتىم، كېيىن ئۆيلەندىم. ياش بولغاچقا، قابىلىيتىم يوق ئىدى، شۇڭا كىرىمىممۇ ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئايالىم بىلەن ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇش خىراجەتلىرىگە ئاران يېتەتتى. ئەمما، بەزى نەرسىلەرگە ناھايىتى ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئۇلارنى ئازغىنىە كىرىمىمگە تايىنىپ سېتىۋالالمايتتىم. شۇنىڭ بىلەن نېسىي قىلىش ۋە قەرىز ئېلىش ئارقىلىق ئابرويپەرەسلىكىمنى قاندۇردۇم. كېيىنچە مەن بەزى دۇكان خوجايىنلىرىنىڭ ماڭا ناھايىتى ئىشىنىدىغانلىقىنى، قەرىزنى ۋاقتىدا قايتۇرالمىساممۇ ئۇلار مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن قەرىزلەرنى چۇقۇم قايتۇرالايدىغۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.»
«ئەينى ۋاقىتتا مەن ياش بولغاچقا، ئازراقمۇ تۇرمۇش تەجرىبەم يوق ئىدى، ئادەم يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنمىسا ئۆزىگە ئۆزى گۆر كولايدىغانلىقىنى، نەپسى ئېتىنى تىزگىنلىمىسە ھامان بىر كۈنى مۇھتاجلىق ۋە ئار-نۇمۇسقا قالىدىغانلىقىنى چۈشەنمەي، خۇددى ئېلىشىپ قالغاندەك ئايالىم ۋە ئۆيدىكىلەرگە تاۋار-دۇردۇن، ئېسىل يېمەكلىكلەر ۋە زىبۇ-زىننەتلەرنى سېتىۋالدىم»
«شۇنىڭ بىلەن بىشەملىكىم تۈپەيلى، قولۇمدىكى پۇللار سۇغا ئوخشاش ناھايىتى تېزلا ئېقىپ تۈگىدى. بۇ ۋاقىتتا ساراسىمە ۋە ئەندىشە قىلىشقا باشلىدىم، چۈنكى ئۇنچە ئاز تاپاۋىتىم بىلەن كۈنلىرىمنى راھەت-پاراغەتتە ئۆتكۈزەلمەيتتىم، يەنە كېلىپ قەرىزلەرنى قايتۇرمىسام بولمايتتى. مەن مال ئالغان دۇكان خوجايىنلىرى تەرەپ-تەرەپتىن مېنى ئىزدەپ كېلىشكە باشلىدى،  ئامالسىز دوستلىرىمدىن قەرىز ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم، ئەمما بۇ ھېچنىمىگە دال بولالمايتتى، تۇرمۇشۇم بىردىنلا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئەھۋالىم يامانلىشىپ كەتتى. بولالمىغاندا ئايالىمنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ، ئوغۇرلۇقچە بابىلوندىن قېچىپ چىقىپ، باشقا شەھەرلەردە تەلىيىمنى سىناپ كۆرمەكچ بولدۇم»
«كېيىنكى ئىككى يىلدا، قۇملۇق سودا كارۋىنىدا جان تىكىپ ئىشلىدىم، ئەمما ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى، كېيىن مەن تاساددىپىي پۇرسەتتە، قوملۇقتىكى سودا كارۋانلىرىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان قۇملۇق قاراقچىسىغا ئايلىنىپ، بىر توپ قاراقچىغا ئەگىشىپ، تەرەپ-تەرەپتە ھېچقانداق قارشىلىق ئىقتىدارى بولمىغان قوملۇق سودا كارۋانلىرىنى بۇلىدىم. ھازىر ئويلىسام، ئەينى ۋاقىتتىكى قىلمىشىم ئاتامغا قىلىنغان ھاقارەت ئىكەن. مەن ئاتامنىڭ ئوغلى بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس. ئەمما، شۇ ۋاقىتتا مەن خۇددى رەڭلىك تاشتىن دۇنيانى كۆزەتكەندەك، ئۆزۈمنىڭ قايسى ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىمنى بىلەلمەپتىكەنمەن.»
«تۇنجى قېتىم قۇملۇق كارۋىنىنى بۇلىغاندا، نۇرغۇن ئالتۇن كۆمۈش، تاۋار-دۇردۇن ۋە قىممەت باھالىق ماللارغا ئىگە بولدۇق. بۇلاپ كەلگەن بۇ بايلىقلارنى گىنىر(ئەينى ۋاقىتتىكى بىر شەھەرنىڭ نامى)غا ئېلىپ كېلىپ، ناھايىتى تېزلا بوزۇپ-چېچىپ تۈگەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن بىز يەنە يېنىمىزدا بىر تىيىنمۇ يوق قاراقچىلارغا ئايلىنىپ قالدۇق.»
«ئەمما، ئىككىنچى قېتىملىق بۇلاڭچىلىقتا، بۇرنىمىزغا يىدۇق. زور بىر تۈركۈم ماللارنى ئەمدىلا بولاپ كېلىشىمىزگە، شۇ يەرلىك قەبىلە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدۇق، بۇ ئەسكەرلەنى سودىگەرلەر پۇل خەجلەپ ياللىۋالغان ئىكەن. بىزدەك  مەشىق كۆرمىگەن قاراقچىلار ئەلۋەتتە ئۇلاردەك تەربىيلەنگەن چەۋەندازلارغا رەقىپ بولالمايتتۇق، ئاخىرى ھەممىمىز ئەسىرگە چۈشۈپ قالدۇق، ئىككى كاتىۋېشىمىزنىڭ كاللىسى ئېلىنىپ ئاممىغا ئىبرەت قىلىندى، قالغانلىرىمىزنىڭ كىيىملىرى سالدۇرۇلۇپ، دەمەشىققە ئېلىپ بېرىلىپ قۇللارچە ياساندۇرۇلغاندىن كېيىن بازارغا سېلىندۇق.»
«سۈرىيىلىك بىر سودىگەر ئىككى ئاقچا خەجلەپ مېنى سېتىۋالدى، ئاندىن، چېچىمنى ياساپ، بىلىمگە پوتا باغلاپ، مىنى ھەقىقى قۇلغا ئوخشىتىپ قويدى. ياشلارنىڭ ھەممىسى قىززىققاق كېلىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا مەن بۇنى ھاياتلىقتىكى بىر قېتىملىق تەۋەككۈلچىلىك خالاس دەپ بىلدىم. ئەمما بىر كۈنى، خوجايىنىم مېنى تۆت توقالىنىڭ ئالدىغا باشلاپ باردى، ئاندىن ئۇلارغا مېنى ئاختا قىلىپ، خىزمىتىگە سېلىشنى بۇيرىدى.»
«شۇ ۋاقىتتىلا ئۆزۈمنىڭ قورقۇنۇچلۇق ھاڭغا چۈشۈپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. بۇ قۇملۇق ئېلىدە، ئەرلەرنىڭ ھەممىسى، كىچىكىدىن باشلاپ ئات ئۈستىدە چوڭ بولغاچقا، باتۇر ھەم جەڭگە ماھىر كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەندە ھېچقانداق قورال ۋە قاچقۇدەك ئامالمۇ يوق ئىدى، مەن خۇددى پۇتلىرىنى چۈشەپ قاسساپنىڭ بوغۇزلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان قويغا ئوخشاپ قالدىم. ئەگەر شۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالساڭلار، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى قۇتۇلدۇرالمايتتىڭلار.»
«خوجايىننىڭ تۆت خوتۇنى ماڭا چۈشۈنىكسىز نەزەر بىلەن تىكېلىپ قاراۋاتقان ئاشۇ پەيتلەردە، مېنى قورقۇنۇچ چىرمىۋالدى، پۈتۈن بەدىنىم غال-غال تىتىرەيتتى، كۆڭلۈمدە ئۇلارنىڭ مېنى قۇتقۇزىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. خوجايىننىڭ چوڭ خوتۇنى ھىرانىڭ باشقا توقاللارغا قارىغاندا يېشى چوڭراق كۆرۈنەتتى. ئۇ ماڭا تىكېلىپ قارىدى. بىراق چىرايىدا ھېچقانداق ھېسداشلىق ۋە ئىچ ئاغرىتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيتتى. ئۇنىڭدىن مېنى قۇتقۇزۇش ئىپادىلىرى تېپىلمىغاندىن كېيىن، نەزىرىمنى ئىككىنچى ئايالىغا يۆتكىدىم. بۇ ھاكاۋۇر چىرايلىق خۇتۇن ماڭا بىر قۇر قارىۋەتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە مەن ھەتتا يەردىكى چۈمۈلىچىلىكمۇ بىلىنمەيتتىم. قالغان ئىككى ياش توقال، ئوغۇرلۇقچە كۆلۈپ بىر چەتتە ئويۇن كۆرىۋاتقاندەك قىلاتتى. شۇ ۋاقىتتا مەن ئۇلارنىڭ ئۇيۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئازاپلىرىم ئۇلارغا خۇشاللىق ئېلىپ كېلەتتى، ھېچكىممۇ ماڭا ئىچ ئاغرىتمايىتتى. مەندە تۇنجى بولۇپ، بۇنداق ياشىغۇچە ئۆلۈپ كەتسەمچۇ دەيدىغان تۇيغۇ پەيدا بولدى، مېنىڭ قىلالايدىغىنىم پەقەت تەڭرىدىن مېنى قۇتۇلدۇرۇشنى تىلەپ دۇئا قىلىشلا ئىدى.»


Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
442
تىللا
232
شۆھرەت
614
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 17:26:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلەنمىسى

چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ئىسراپچىلىق ئەڭ ئاخىر ئۆزىگە بالايى-ئاپەت بولىدۇ. ئەگەر بىرى ئىزچىل ئۆزىنى ئۆز ئەركىگە قويىۋەتسە، ئاخىرى ئۆزى تېرىغان زەققۇمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ. قەرىزگە تايىنىپ ھالاۋەتتە ياشاش ھاماقەتلىك، ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە ھالال تەرى ئارقىلىق قولغا كەلگەن مۇۋەپپەقىيەتلا تاتلىق بولىدۇ، بۇ بىر ئاز جاپالىق بولسىمۇ، يەنىلا خاتىرجەملىك ۋە ئازادىچىلىك ئېلىپ كېىلىدۇ.
ئايال خوجايىننىڭ ئۇنتۇلماس نەسىھىتى
داباشىر سۆزلەپ ھالقىلىق يەرگە كەلگەندە تويۇقسىز توختاپ قالدى. ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىنى جىددىيلەشتۈرىدىغان ئاشۇ ھالەت ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولىۋاتقاندەك، خۇددى ھېلىقى تۆت خوتۇنىنى، ئۇلارنىڭ مەسخىرە ئارىلاش سوغۇق نەزەرلىرى ئاستىدىكى قىلچىلىك قارشىلىق ك‍ۆرسىتىش ئىقتىدارى بولمىغان بىچارە قۇلنى كۆرىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ھىكايىنى بىر خىل كەيپىياتتا داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامال بار ئۆزىنى تىزگىنلەشكە تىرىشىۋاتاتتى. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تىكىلگەن بولۇپ، ھېچكىممۇ بۇ تېنىچلىقنى بوزىۋەتمىگەن ئىدى. داباشىر تۇيۇقسىز بولكىدىن بىر چىشلىدى ۋە يەنە ھىكايىسېنى داۋاملاشتۇردى:
«ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالىىم، جازا مەيدانىدا ھۆكۈمنى كۈتۈپ تۇرغان جىنايەتچىگە، كىشىلەرنىڭ تاللىۋېلىشىغا قالدۇرۇلغان چارۋىغىلا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، ئەگەر باشقىلارغا ئەرزىمىسەم، ئۇدۇل قۇشخانىغا ئېلىپ كېتىلىەتتىم. كۆڭلۈمدە ھايات ياشىغاندىن كۆرە ئۆلۈپ كەتسەمچۇ دەيتتىم. بېشىڭلاردىن ئۆتۈپ باقمىغاچقا، مېنىڭ ئۇ ۋاقىتتىكى ھېسياتىمنى مەڭگۈ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىلەر. سۆزلىرىم سىلەرگە نىسبەتەن پەقەت ئەپسانە رىۋايەتلەردەكلا بىلىنىدۇ.
تۆت خوتۇننىڭ ھېچقايسىسى ئېغىز ئاچىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. شۇ دەقىقىلەر ماڭا خۇددى بىر ئەسىردەك بىلىنىپ كەتتى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىر ۋاقىتتا خوجايىننىڭ خوتۇنى ھىرا سوغۇق تەلەپپۇزدا ئېغىز ئاچتى.»
«ئۇ: ‹ئاغۋاتلار كۆپ، بىرىنىڭ ئارتۇق ياكى كەم بولىشىنىڭ كارايىتى چاغلىق، بىراق تۆگىچىلەرنىڭ سانى ئاز، بارلىرىمۇ كارغا كەلمەيدىغان يارىماس بىر نېمىلەر، ئانام ئاغرىپ قاپتۇ، بۈگۈن بېرىپ يوقلاپ كەلمىسەم بولمايدۇ. مېنى خاتىرجەم قىلغۇدەك تۆگىچى يوق، سوراپ بېقىڭ، بۇ قۇل تۆگە يېتىلەشنى بىلەمدىكىن؟› دېدى.
شۇنىڭ بىلەن، خوجايىن مەندىن: ‹تۆگە يېتىلەشنى بىلەمسەن؟› دەپ سورىدى.»
«شۇ دەقىقىلەردە يۈرىگىم تىپچەكلەپ كەتتى، قايتىدىن ھاياتلىققا ئىرىشكەندەك، سۇغا چۈشۈپ كېتىپ، بىر تۈپ گىياھنى تۇتىۋالغاندەك بولۇپ كەتتىم. ھىرانىڭ سۆزى مەن ئۈچۈن ئۆزۈمنى قۇتۇلدۇرىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىدى. شۇڭا جىددىيلەشكەن كەيپىياتىمنى ئامال بار يوشۇرۇپ، يېنىك ئاۋازدا: مەن تۆگىگە خېلى پىششىق، تۆگىنى چۆكتۈرەلەيمەن، ئۇلارغا سۈزۈمنى ئاڭلىتىپ مال ئارتالايمەن، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنى يېتىلەپ ئۇزۇن سەپەرگە چىقالايمەن، يول بويى ئۇلارنى ئۇخلاتمايمەن. زۆرۈر بولسا يەنە تۆگىلەرنىڭ قامچا، توقۇملىرىنى ياسىيالايمەن. سېلىنىڭ سادىق چاكارلىرى بولۇشنى تولىمۇ خالايمەن!»
«خوجايىن سۆزۈمنى ئاڭلاپ بىر نەرسېنى ئېسىگە ئالغاندەك : ‹ھىم، قارىغاندا بۇ قۇل تۆگىنى يامان ئەمەس بىلىدىكەن، ئۆزىمۇ ساداقەتمەن قۇلدەك قىلىدۇ، مۇنداق بولسۇن، ھىرا، ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئۇنى تۆگىچى قىلىۋېلىڭ›
شۇنداق قىلىپ، كۆزنى يومۇپ ئاچقۇچە قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغاندىم، دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ تۇنجۇقۇپ ئۆلەي دېگەندە، بىر تال گىياھ مېنى قۇتقۇزىۋالغاندەكلا بولدى. ھىراغا تاپشۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ تۆگىچىسىگە ئايلاندىم. شۇ كۈنى ئۇنىڭ تۆگىسېنى يىتىلەپ قۇملۇقلارنى كېزىپ ئانىسېنى يوقلاپ كەلدۇق. يولدا دەم ئالغان ۋاقتىمىزدا، بىر پۇرسەت تېپىپ ئۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىۋالدىم. يەنە ئۇنىڭغا ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ ئەركىن ئادەم ئىكەنلىكىمنى، قۇللار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىقمىغانلىقىمنى، ئاتامنىڭ بابىلون شەھرىدىكى كىشلەر ھۆرمەت قىلىدىغان ئۇستا ھۆنەرۋەن ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ھېكايىلىرىمنى ئېيتىپ بەردىم. ئەمما، ئۇنىڭ قىلچە يۈز خاتىرە قىلماستىن ئېيتقان سۆزلىرى مېنى ئىنتايىن خىجىل قىلدى ھەم مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى، ئۆزۈمنى قويارغا جاي تاپالمايلا قالدىم.»
«ئۇ: ‹سەن يەنە نېمە دەپ ئۆزۈڭنىڭ ئەركىن ئادەم ئىكەنلىكىڭنى دەپ يۈرىسەن؟ سېنىڭ بۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىڭ پۈتۈنلەي خارەكتىرىڭدىكى ئاجىزلىقتىن بولغان. بۇ خىل ئاجىزلىق ئەركىن ئادەم بولۇش روھىڭنى يوقاتقان. شۇنداق بولغاچقىلا بۈگۈنكى جازاغا ئۇچراپسەن. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە قۇلنىڭ روھى بولسا، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاخىرى ھەقىقى قۇلغا ئايلىنىدۇ. چۈشكىنلىشىش ئالغا ئىلگىرلەشتىن ئاسان، ئېقىننىڭ تۆۋەندىن يوقىرىغا ئېقىشى تەس، ئەمما يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ناھايىتى تېز ئاقىدۇ ئەمەسمۇ؟ چۈشكىنلىشىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ  قەلبىدە ئەركىن ئادەمنىڭ روھى ساقلانغان بولسا، نۇرغۇن ئوڭىشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ بىر شەھەرنىڭ ھەتتا بىر دۆلەتنىڭ ئەركىن پۇقراسى بولۇپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايدۇ، ئۆزۈڭنىڭ قەلبىڭدىكى روھنىڭ قۇلنىڭ روھى ياكى ئەركىن ئادەمنىڭ روھى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەمسەن؟»
«ئىككىنچى يىلى، مەن ئاۋالقىدەكلا كۈلپەتلىك تەقدىردىن قۇتۇلالمىدىم، مەن يەنىلا ئىسمى جىسمىغا لايىق قۇل ئىدىم. باشقا قۇللارغا ئوخشاش، ئۇلار بىلەن بىرگە ئاددىي تاماقلارنى يەپ، ئوخشاش ئورۇندا يېتىپ قوپاتتىم، ئەمما ئۇلار بىلەن زادى ئالاقە قىلمايتتىم، قىسقىسى ئۇلارغا زادىلا ئوخشىمايتتىم. بىر كۈنى ھىرا مەندىن: ‹نېمىشا ھەركۈنى گۇگۇم چۈشكەندە  ئۆزۈڭ يالغۇز خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىسەن؟ باشقا قۇللارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە تاماشا قىلىۋاتسا، نېمە دەپ ئۇلار بىلەن بىرگە كۆڭۈل ئاچمايسەن؟ شۇنداق قىلساڭ بەلكىم ئازاپ ئۇقۇبەتلىرىڭ يېنىكلەپ بىر ئاز بولسىمۇ، خۇشال ئۈتىسەن ئەمەسمۇ؟›» دەپ سورىدى.
«مەن ئۇنىڭغا: ‹سىلىنىڭ ھېلىقى سۆزلىرى قەلبىمدە ھازىرغىچە جاراڭلاپ تۇرىدۇ. بىر مەسىلىنى ئويلاۋاتىمەن: قەلبىمدە راستىنلا قۇلنىڭ روھى بارمىدۇ؟  مەن ئۇ قۇللار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتەلمەيدىكەنمەن، ئارىمىزدا ئورتاقلىق يوق، قىزىقىشىمىزمۇ ئوخشىمايدۇ، شۇڭا مەن يالغۇز ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھىر ئالالمايمەن، قەلبىمدە پەقەت قۇلدا بولۇشقا تېگىشلىك ئازاپ ۋە كۈلپەتلا بار، شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن يەنە قانداقمۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كۆڭۈل ئاچالايمەن!›»
«ھىرا بىر ئاز ئىككلەنگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ سىرلىرىنى سۆزلەپ بەردى: ‹مېنىڭمۇ كىچىك تۇقاللار بىلەن قىلچە ئورتاقلىقىم يوق، ساڭا ئوخشاشلا يالغۇز ئولتۇرىمەن. مەن بىگىمگە ياتلىق بولۇپ كەلگەندە نۇرغۇن تويلۇق ئېلىپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما، بىگىم ماڭا زادى كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىدى، ئۇ تويلۇقۇمنى دەپلا مېنى ئەمرىگە ئالغان، ھەر قانداق ئايال ئۆز ئېرىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ، ئەمما ماڭا بۇنداق ئامەت نىسىپ بولمىدى. يەنە كېلىپ پەرزەنت كۆرەلمەيمەن، شۇڭا، ئۇلاردىن يىراق تۇرىمەن. ئەگەر مەن ئەر بولۇپ، ساڭا ئوخشاش قۇللۇقتا قالغان بولسام، ئۆلۈمنى ئارتۇق كۆرگەن بۇلاتتىم. بىراق بىزنىڭ بۇ قەبىلىدە ئاياللار پەقەت مالدىنلا ئىبارەت خالاس، ئۇلارنىڭ قۇللاردىن ھېچقانچە پەرقى يوق.»
«ئۇنىڭدىن تۇيۇقسىز سورىدىم: ‹سىلىچە مەن قانداقراق ئادەم؟ قەلبىمدە  قۇلنىڭ روھى بارمۇ ياكى ئەركىن ئادەمنىڭ روھىمۇ؟ قەلبىمدە قانداق روھ بارلىقىنى بىلىپ باقسام دەيمەن.›»
«ئۇ بىۋاستە جاۋاب بەرمەستىن، ياندۇرۇپ سورىدى: ‹سەن ھۆر ئادەم بولۇشنى خالايسەن، ئۇنداقتا سەن بابىلون شەھرىدىكى قەرىزلىرىڭنى قايتۇرۇشنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟›»
«شۇنداق، بىراق زادىلا قۇللۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى قىلالمىدىم، ئۆزۈمنى قۇتۇلدۇرالمايۋاتقان يەردە، قانداقمۇ قەرىزلىرىمنى قايتۇرالايمەن؟»
«ئەگەر سەن ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىڭ قالغۇچە بۇ يەردە قۇلغا ئوخشاش نادانلىق ئىلكىدە كۈن ئۆتكۈزۈپ قەرىزنى قايتۇرمىساڭ، سەندە پەس قۇلنىڭ روھى بولغان بولىدۇ. قەرىز قايتۇرۇشتىن قاچىدىغان، قەدىر-قىممەت تۇيغۇسى يوق كىشىگە ھەممە ئادەم قۇلغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەمما، ئەركىن ئادەم ئۇنداق ئەمەس، ئۇ بارلىق ئاماللارنى قىلىپ قەرىز قايتۇرۇشنى ئويلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، قەرىز ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى، ئۇلار ھەتتا ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە قەرىزلىرىنى قايتۇرۇشقا رازىكى ھەرگىزمۇ قەرىزدىن قېچىپ يۈرمەيدۇ.»
«ئەمما، ھازىر مەن يەنىلا سۈرىيىلىك قۇل، قۇللۇقتىن قۇتۇلۇشقىمۇ ئامالىم يوق، يەنىلا قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇشقا ئامالسىزمەن.»
«ئۇنداقتا سەن داۋاملىق سۈرىيىلىك قۇل بولۇپ، قەرىزدىن قېچىپ يۈرىۋەرگىن، سەن يەنىلا  ئاۋالقىدەك ئاجىز، يارىماس نېمىكەنسەن! قەلبىڭدە يەنىلا بىر قۇلنىڭ روھى ساقلىلنىۋېتىپتۇ، مۇشۇ سالاھىيتىڭ بىلەن ھاياتىڭنى ئاخىرلاشتۇر!»
«مەن تېرىككەن ھالدا، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئىنكار قىلىپ: ‹مەن ئاجىز، يارىماس ئەمەس!›»دېدىم.
«ئۇنداقتا سەن ئامال قىلىپ، باشقىلارغا ئىسپاتلاپ بەر! باشقىلارغا ئۆزۈڭنىڭ ئەركىن ئادەم ئىكەنلىكىڭنى، قەلبىڭدە ھۆر ئادەمنىڭ روھى مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىپ قوي، شۇنداق قىلالامسەن؟»
«قانداق ئىسپاتلايمەن؟ ھازىر مەن پەقەت بىر قۇل خالاس، ئەقەللى ئەركىنلىكىممۇ يوق، مەن يەنە قانداق قەرىز قايتۇرالايمەن؟»
«‹بابىلوننىڭ شاھى ساڭا ناتۇنۇش ئەمەسقۇ دەيمەن، پادىشاھىڭلار پۈتۈن دۇنيا بىلىدىغان ئۇلۇغ شاھ، ئۇ بارلىق ئاماللارنى قىلىپ ئۆز دۈشمىنىگە قارشى تۇرىدۇ، قەرىز سېنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىڭ، ئۇلار سىېنى بابىلوندىن قوغلاپ چىقارغان. ئەگەر ئۇلارنى تىزگىنلىمەي ئۆز مەيلىگە قويىۋەتسەڭ، ئۇلار ساڭا تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ كەتكەندەك بىلىنىدۇ. ئەمما، سەن ئۇلارنى دۈشمىنىم دەپ قاراپ، ئۇلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ھاياتىڭنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بولسىمۇ ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرەلىسەڭ، چۇقۇم ئۇنى بويسۇندۇرالايسەن، ھەمدە قايتىدىن شەھەر خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بۇلالايسەن. ئەمما، سەن ئامال قىلىپ ئۇلار بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئۈسىتدە ئىزدەنمەي، ئىرادەڭ بوشىشىپ، ئاستا-ئاست خۇراپ كەتتى، ئاخىرى بىر كۈنى ھەقىقى مەنىدىكى سۈرىيىلىك بىر قۇلغا ئايلىنىپ كېتىسەن. ئاشۇ قۇللۇق سالاھىيىتىدە يۈرەك قېنىڭ ۋە قان تەرىڭنى سەرىپ قىلساڭمۇ، ھاياتىڭ سۈرىيە زىمىنىدا مەڭگۈ قېپقالىدۇ›»


ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلەنمىسى

قەلبىڭدە ھۆكۈمىران ئورۇندا تۇرىدىغىنى، قۇللۇق روھىمۇ ياكى ھۆرلۈك روھىمۇ؟ ھۆر ئادەم قەرىزلىرىگە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلالايدۇ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆز قىيىنچىلىقىغا يۈزلىنىدۇ. ھۆر ئادەم بولۇش ۋە باي بولۇشنى ئويلايدۇ. پەسكەش مۇددىئايىڭنى يىغىشتۇر! ئى بىچارە ئادەم، قەرىزىڭنى ئۆز ئۈستىڭگە ئېلىپ ئەركىن ۋە كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئادەم بول!
قەرىز نامراتلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى
«مەن ھىرانىڭ مەڭگۈ ئۇنتۇلماس نەسىھەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم، بۇ مېنىڭ ھاياتىمدا ئېرىشكەن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئىدى، ئۇلارنىڭ قىممىتى ئالتۇن-كۈمشتىنمۇ ئۈستۈن تۇراتتى. ئالتۇننىڭ قىممىتى بولىدۇ، نۇرغۇن ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئېرىشەلەيمىز، ئەمما بۇنداق ھاياتلىق نەسىھەتلىرىنى بەلكىم بىر ئۆمۈر ئاڭلىيالماسلىقىمىز مۇمكىن، بۇ خىلدىكى شەكىلسىز ئاگاھلاندۇرۇش ئەڭ قىممەتلىكتۇر، ئۇنىڭ باھاسېنى ئالتۇن بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. مەن قەلبىمدە قۇللۇق روھى يوقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈستىدە ئىزدەندىم، ئەمما ھىراغا ئىپادىلەشكە ئىزچىل پۇرسەت بولمىدى. پۇرسەت نەچچە كۈن كېلىشىنى كۈتتۈم، ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن پۇرسەت ئاخىرى يىتىپ كەلدى، ھىرانىڭ دېدىكى مېنى باشلاپ ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈشكە باردى.»
«ھىرا: ‹ئانام يەنە ئاغرىپ قالدى، ئۇنى يوقلاپ كەلمىسەم بولمايدۇ، سەن چاققان بېرىپ خوجايىننىڭ قوتۇنىدىن ياخشى تۆگىدىن ئىككىنى ئېلىپ كەل، كۆپرەك سۇ ئېلىۋال، تولۇمنى ۋە توقۇمنى ياخشى تېڭىپ، ئوزۇن سەپەرگە تەييارلان. دېدەك ئاشخانىغا كىرىپ ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلايدۇ›»
«مەن ناھايىتى تېزلا تۆگىنى توقۇپ تەييارلىدىم، ئەمما دېدەكنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلايدىغانلىقىنى چۈشەنمىدىم، چۈنكى ھىرانىڭ دادىسېنىڭ ئۆيى بىر كۈنلۈكمۇ يول ئەمەس، ئۇنچە كۆپ سۇ ۋە ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. يولدا ھىرا بىلەن ئۇنىڭ دېدىكى بىر تۆگىگە مىندى، مەن تۆگىنى يېتىلىدىم. قاراڭغۇ چۈشكەندە مەنزىلگە يىتىپ كەلدۇق.»
«ھىرا تۆگىدىن چۈشۈپ دېدەكنى كەتكۈزىۋەتتى ۋە جىددىي تەلەپپۇزدا: ‹داباشىر، ئەمدى ئېيتە قەلبىڭدىكى قۇلنىڭ روھىمۇ ياكى ھۆر ئادەمنىڭ روھىمىۇ؟›دېدى.»
«مەن قەتئىي ھالدا: ‹ھۆر ئادەمنىڭ روھى› دېدىم.»
«ئۇنداقتا، ھازىر ساڭا بۇنى ئىسپاتلايدىغان پۇرسەت كەلدى. خوجايىنىڭ ئاللىقاچان مەستلىكتىن لاي بولۇپ كەتتى. ئىش بېشىمۇ قاتتىق ئۇيقۇدا. سەن دەرھال بۇ تۆگىلەرنى ئېلىپ قېچىپ كەت! بۇ خالتىدا خوجايىنىڭنىڭ پوزور كىيىملىرى بار، ئالماشتۇرىۋال، باشقىلارغا ھەرگىزمۇ قاچقان قۇل ئىكەنلىكىڭنى ئاشكارىلاپ قويما. مەن قايتىپ بېرىپ خوجايىنىڭغا ئانامنى يوقلاش يۇلىدا سېنى تۆگىلەرنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى دەپ قويىمەن، تەڭرىم سېنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!»
«مەن تەسىرلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا: ‹سىلىدە خانىشتا بولۇشقا تېگىشلىك ئالىيجاناپ روھ بار ئىكەن! مەن سېلىنى بەخىتلىك قىلىدىغان ئادەم بولۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن. مەن بىلەن بىللە قېچىپ كەتسىلە، قايتىپ كەتسىلىمۇ، خوجايىنغا جاۋاب بەرمەكلىرى تەسكە توختايدۇ، ئۇ يەردە مەڭگۈ بەخىتلىك بولالمايلا، پۈتۈن ھاياتىم بىلەن سىلىنى بەخىتلىك قىلىشنى خالايمەن!›دېدىم.»
«ئۇ ناھايىتى سالماقلىق بىلەن: ‹باشقىلار بىلەن بىللە قېچىپ، يات ئەلدە ئەر-خوتۇن بولۇپ ئۆتكەن ئايال ھەقىقى بەخىتكە ئېرىشەلمەيدۇ. يەنىلا ئۆزۈڭ يالغۇز كەتكىن، تەڭرىم سېنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي، سەپىرىڭ ناھايىتى يېراق، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە ساپلا قاقاس چۆل، ھېچقانداق يېمەكلىك ۋە سۇ يوق. چوقۇم ئېھتىيات قىل. قەلبىڭدىكى ھۆر ئادەمنىڭ روھى ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدە چىڭ ساقلا، ئۇ سېنىڭ بابىلونغا قايتىدىغان يولنى تېپىشىڭغا ياردەم قىلىدۇ.›دېدى.»
«مەن ئۇنى قايتا زورلىمىدىم، قەلبىم ئۇنىڭغا بولغان مەمنۇنلۇق بىلەن تولدى. ئۇنىڭغا يېنىشلاپ رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، ئاي يورىقىدا قېچىپ كەتتىم. ئۇ ئەل ماڭا تولىمۇ يات ئىدى. قايسى تەرەپكە قاراپ ماڭسام ئاندىن بابىلونغا يىتىپ بارالايدىغانلىقىمنىمۇ بىلمەيتتىم. قوملۇق كېزىپ ئالغا قاراپ مېڭىۋەردىم. ئىككى تۆگىنىڭ بىرىگە مىندىم بىرىنى يىتىلىۋالدىم. ئەتىسى كەچكىچە  جېنىمنىڭ بارىچە توختىماي قاچتىم، چۈنكى مەن خوجايىننىڭ تۆگىلىرىنى ئېلىپ قاچقاچقا، تۇتۇلۇپ قالسام، ماڭا ئۆلۈمدىن باشقا يول يوق ئىدى.»
«شۇ كۈنى كەچتە ئادەمزات ئاياغ باسمىغان بىر پارچە قۇملۇققا كېلىپ قالدىم. چوقچىيىپ چىققان تاشلار تۆگىلەرنىڭ تاپىنىنى ئوپرىتىۋەتكەن بولۇپ، ئۇلار بىئاراملىق ئىلكىدە ئاستا ئىلگىرلەيتتى. يول بويى ئادەم ياكى ياۋايى ھايۋانلار ئۇچرىمىدى. بۇمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى بۇنداق جايدىن جىن-ئەرۋاھلامۇ قېچىپ كېتەتتى.»
«كېيىنكى مۇساپىنى، ھايات قايتىپ كېلەلىگەنلەرمۇ تىلغا ئېلىشنى خالىمىسا كېرەك. بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ كۈنلەر قۇل بولغاندىنمۇ دەھشەتلىك. كۈنلەر بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ كەتتى، مەنمۇ دەلدەڭشىگىنىمچە جاپالىق ئىلگىرلەۋەردىم. سۇ ۋە ئۇزۇقلۇقمۇ تۈگىدى. رەھىمسىز قوياش مېنى كاۋاپ قىلىۋېتىدىغاندەك قىلاتتى. توققۇزىنچى كۈنى كەچتە، مەن تۆگە ئۈستىدىن چۈشۈپ كەتتىم. نەچچە كۈندىن بېرى ھېچنىمە يېمىگەچكە، بەدىنىم ئىنتايىن ئاجىزلاپ كەتكەن بولۇپ، يەنە تۆگىگە مىنگۈچىلىك ھالىم قالمىغان ئىدى، شۇ ۋاقىتتا مەن ئەمدى مۇشۇ قاقاس چۆلدە ئۆلۈپ كىتدىغان بولدۇم، ئەجىبا بۇ ھاياتىم ئاخىرلىشىدىغان جايمىدۇ؟ دەپ ئويلىدىم.»
«كۆككە قارىغىنمچە ھۇشۇمدىن كەتتىم، ئىككىنچى كۈنى قۇياش نۇرى بەدىنىمنى ئاستا-ئاستا يورۇتقاندىلا ئاندىن ھۇشۇمغا كەلدىم.»
«تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئولتۇرۇپ، تۆت ئەتراپقا نەزەر سالدىم. ساپ ھاۋا ماڭا ئازراق سالقىنلىق بەخىش ئەتتى. ئەتراپنىڭ ھەممىسى قاقاس بولۇپ ھەممە يەر تاش، قۇم ۋە تىكەنلەر بىلەن قاپلانغان، بۇلاق ئىزنالىرىدىن ئەسلا ئەسەر يوق ئىدى. تۆگىلەرمۇ يەردە ھالسىز ياتاتتى، ئۇلار ھارغىنىدىن يەنە ماڭالمايدىغاندەك قىلاتتى.»
«بۇ ۋاقىتتا ئاچارچىلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق تەھتىدى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە ئىدى، كاللام ھەرقانداق چاغدىكىدىن سەگەكلىشىپ كەتكەن بولۇپ، تېنىم ئەمدى مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەستەك قىلاتتى. پۈتۈن بەدىنىم كۆيۈشۈپ، كالپۇكلىرىم يېرىلىپ قاناپ كەتكەن، تىلىم قاتتىق ئىسسىقتا قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن ئىدى. ئاشقازىنىم قۇپقۇرۇق بولۇپ پۈتۈن بەدىنىمنىڭ ئاغرىقى مېنى توختىماي قىينايتتى. خۇددى ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە قالغان بۆرىگىلا ئوخشاپ قالغان ئىدىم، خۇدادىن تىلەيدىغىنىم يەنە بىر قېتىم كۈچلىنىش ئىدى.»
«بېشىمنى كۆتۈرۈپ يىراققا نەزەر سالدىم، ئەتراپتا يېشىللىقتىن ئەسەر يوق. بۇ ۋاقىتتا ئۈزۈمدىن يەنە: ‹مەن ئىگە بولغان روھ قۇلنىڭ روھىمۇ ياكى ھۆر ئادەمنىڭ روھىمۇ؟›دەپ سورىدىم. شۇ ئەسنادا چاقماق تېزلىكىدە بىر قانۇنىيەتنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئەگەر قەلبىمدىكى قۇلنىڭ روھى بولسا، ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزۈپ، تېنىچ ھالدا يەردە يېتىپ، ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرسام بولىدۇ، بۇمۇ ئاشۇ قاچاق قۇللارنىڭ ئاقىۋىتى.»
«بۇ ۋاقىتتا ھىرانىڭ سۆزلىرى يەنە يادىمدىن كەچتى،  قەلبىمىدىكى بىر ھۆرنىڭ روھى. ئەگەر قەلبىمدىكى ھۆرنىڭ روھى بولسا، قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ھىرانىڭ چىرايى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى، ئۇ ماڭا جىمجىت قاراپ تۇراتتى. مەن ئۆزۈمگە لازىملىق جاۋابنى تاپتىم. قەلبىمدىكى ھۆرنىڭ روھى بولسا، جېنىمنى تىكىپ قويۇپ بابىلونغا قايتىشىم، ئاندىن تىرىشىپ قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇشۇم، ماڭا ئىشەنگەن ئاشۇ قەرىز ئىگىلىرىنىڭ پۇللىرىنى قايتۇرىشىم كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئايالىمغا شادلىق، ئاتا-ئانامغا خاتىرجەملىك، بەخىش ئىتىپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئەركىن ئادەمگە ئايلىنىشم كېرەك. مانا بۇ مەن ماڭىدىغان يول. ھىراغا رەھمەت، ئۇنىڭ سۆزلىرى ماڭا ئۈمىد ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىپ مېنى قايتىدىن تۇرغۇزۇپ، جاسارەتلىك ھۆرگە ئايلاندۇردى.»


Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
442
تىللا
232
شۆھرەت
614
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 17:26:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلەنمىسى

قەرىز ئەڭ چوڭ دۈشمىنىڭ! ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلەلىسەڭلا، خاتىرجەم ھالدا تۇرمۇش كەچۈرەلەيسەن، دۈشمىنىڭ ئالدىدا بېشىڭنى كۆتۈرەلەيسەن! ئۇنىڭغا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلەنگىن، ئىشەنچ ۋە كۈچ-قۇدرىتىڭ بىلەن ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئەركىن، باي ئادەم بول، نامراتلىقنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۋەت! بېرىپ دۈشمىنىڭنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۆزۈڭنى بىر ھۆرنىڭ روھىغا، باينىڭ روھىغا ئىگە قىل!
بەل قويىۋەتمىگەندىلا ئاندىن باي بولۇش ئارزۇسىغا يەتكىلى بولىدۇ
«ھىرا ئېيتقان: ‹قەرىزلىرىڭ سېنى بابىلوندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان ئەشەددىي دۈشمەندۇر!› دېگەن سۆزلەر قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ. توغرا، ئەمەلىيەتتە راستىنلا شۇنداق بولغان! ئىلگىرى مەن نېمە ئۈچۈن راۋرۇس ئەركەك بولالمىدىم؟ نېمە ئۈچۈن ئايالىمنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدىم؟»
«كېيىن ئاجايىپ بىر ئىش يۈز بەردى، ھازىرغىچە بۇنى ھاياتىمدىكى بىر مۆجىزە دەپ قارايمەن. ئۇ خۇددى ھاياتلىق نۇرىغا ئوخشاش قەلبىمنى يورۇتتى. ئەمدى ئويلىسام، ئاشۇ پەيت ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم ۋاقىت ئىكەن، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھۆر ئادەمدەك تەپەككۇر قىلىشقا ۋە ياشاشقا باشلىدىم. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى رەڭلىك سۈزۈك تاشتىن دۇنيانى كۆزىتىپ كەلگەن ئىكەنمەن، بۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان غەلىتە بولۇپ كۆرۈنگەن ئىكەن. ئەمما بۇ ۋاقىتتا، بۇ خىل رەڭلىك تاش تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى. مەن ئاخىرى قايتىدىن دۇنيانىڭ ھەقىقى رەڭگىنى كۆرىۋالدىم، بۇنىڭ بىلەن مەندە ھاياتلىققا نىسبەتەن يېڭىچە بىر تونۇش پەيدا بولدى، ھاياتلىقنىڭ ھەقىقى مەنىسى ۋە قىممىتىنى تونۇپ يەتتىم!»
«مەن قانداقسىگە بۇ قۇملۇقتا پاجىئەلىك ھالدا ئۆلۈپ كەتكۈدەكمەن؟ مەن بىر ئەركىن ئادەم، بۇ پاجىئەلىك تەقدىر بىلەن ئېلىشىشىم كېرەك. مەن ھاياتقا قايتىدىن مۇئامىلە قىلغاندىن كېيىن، ئەڭ ھەقىقى دۇنيانى كۆرۈپ يەتتىم، ھۆر ئادەمنىڭ روھىغا ئىگە ئىكەنلىكىمنى ھەقىقى ھېس قىلدىم. مېنىڭ قىلىدىغان تۇنجى ئىشىم، بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ بابىلونغا قايتىپ، ھەر بىر قەرىز ئىگىسىگە باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىش. مەن ئۇلارغا نەچچە يىللىق قەلبىمنىڭ ئاقىرىش جەريانى ۋە بەخىتسىز كەچۈرمىشلىرىمنى سۆزلەپ بىرىشىم، ئۇلارغا قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشۇم كىرەك. تەڭرىگە رەھمەت. مەن ئايالىمغا قايتىدىن ئىللىق ئائىلە قورۇپ بىرىمەن، ئاتا-ئانام پەخىرلەنگۈدەك ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەم بولۇشقا تىرىشىمەن!»
«قەرىز ئەڭ چوڭ دۈشمىنىم! ئەمما، قىين كۈنلەردە سېخىلىق بىلەن ماڭا ياردەم قىلغان، ماڭا ئىشەنگەن ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسېنى ۋە ئۈمىدىنى يەردە قويدۇم. مېنىڭ بىردىنبىر ئارزۇيۇم كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر كىشى بولۇپ، بارلىق قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇش. ئەمدى قەرىزدىن قاچمايمەن، ئۇنى مەغلۇپ قىلىمەن.»
«يېمەي-ئىچمەي ئاجىزلاپ كەتكەن بولساممۇ، ئەمما ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق پەقەت بابىلونغا قايتىش يولىدا دۇچ كېلىدىغان سىناقتىن ئىبارەت. بۇ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنىڭ جازاسى، بەرداشلىق بىرەلىسەملا، ئاخىر بىر كۈنى قوتۇلۇپ كېتەلەيمەن. يۇقارقى قىممەتلىك خىياللار تەسىرىدە تېنىمگە كۈچ كىرگەندەك بولۇپ، ئىغاڭلاپ ئورنىمدىن تورۇپ كەتتىم. قەلبىمدە ئەركىن ئادەم بولۇش روھى مەۋج ئۇراتتى، بابىلونغا قايتىپ قەرىزدىن ئىبارەت بۇ دۈشمىنىمنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرىمگە، ماڭا ئىشەنگەن ئاشۇ قەرىز ئىگىلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەك. كۈچلۈك ئىرادە ۋە ئىشەنچ بەدىنىمگە كۈچ بەخش ئەتتى. بۇ بەلكىم ئەركىن ئادەمنىڭ روھى ئېلىپ كەلگەن كۈچ بولىشى مۇمكىن. تەڭرىنىڭ ئۆزۈمنى ۋە قايتا تونۇتۇپ، مېنى تۇرغۇزغانلىقىغا رەھمەت، ھىراغا رەھمەت، ئۇنىڭ سۆزلىرى ماڭا زور ئىلھام بولۇپ، مېنى قۇل ھالىتىدە ئىگىلىپ ياشاشتىن ھۆر ئادەمگە ئايلاندۇردى.»
«قاتتىق ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن تۈگىلەرنىڭ كۆزى بىردىنلا نۇرلىنىپ كەتتى، بىر ھازا تىرشچانلىقلاردىن كېيىن، ئۇلار ئاخىرى ئورنىدىن تۇردى. ھۆر ئادەمنىڭ روھى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىرادىسېنى ئويغاتقان ئىدى. ئۇلار ئەنە شۇ ئەڭ ئاخىرىقى غەيرىتى بىلەن مېنى مىندۈرۈپ، شەرىق تەرەپكە قاراپ ماڭدى. قەلبىمدە: ‹چۇقۇم بابىلون شەھرىگە قايتالايمىز› دېگەن ئاۋاز جاراڭلايتتى.»
«تەڭرىنىڭ شاپائىتىگە رەھمەت، كېيىنكى يولدا ئاخىرى سۇنى ئۇچراتتۇق. شۇ چاغدا مەن ھاياتىمدىكى يېڭى بىر قۇياشنى كۈتىۋالدىم. ناھايىتى تېزلا مۇنبەت زىمىننى تېپىۋالدۇق.  بۇ يەردە ئوت-چۆپ ۋە مېۋىلەر بار ئىدى، تېخىمۇ ياخشى بولغىنى، بابىلونغا قايتىدىغان يولنىمۇ تاپتىم. كۆڭلۈمدە توختىماستىن تەڭرىگە رەھمەت ئېيتاتتىم، ھۆر ئادەمنىڭ روھىغا رەھمەت ئېيتاتتىم، ھۆر ئادەم بويىچە قارىغاندا نۇرغۇن مەسىلىلەر ۋە سىناقلارغا يۈزلىنىپ ئۇلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشى كېرەك. مانا بۇ ھۆر ئادەمنىڭ روھى ئېلىپ كەلگەن كۈچ-قۇۋۋەت. ئەمما، قۇللۇق روھى: ‹مەن پەقەت ئەركىنلىكىمنى يوقاتقان بىر قۇل تۇرسام، قانداقسىگە قۇل بۇلۇشتن ئىبارەت ئېچىنىشلىق تەقدىرىم بىلەن ئېلىشالايمەن؟› دەپ خۇرسېنىدۇ خالاس.»
سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، داباشىر تېمىنى بۇراپلا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن: «تاكاد سەنچۇ؟ ھازىر ئاشقازىنىڭ قۇپقۇرۇق، ئاچلىق مېڭەڭنى سەگەكلەشتۈرۈپ، ھۆر ئادەملىك روھىڭنى ئويغاتتىمۇ يوق؟ ئەركىن ئادەملەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئىززەت-ئابرويىڭنى قايتۇرۇپ كېلىشنى خالامسەن؟ بۇ دۇنيانىڭ ھەقىقى رەڭگىنى كۆرەلىدىڭمۇ؟ قەرىزىڭنىڭ قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر، سەمىمىيلىك بىلەن  ئۇلارنى قايتۇرۇپ، قايتىدىن بابىلونلىقلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر كىشى بولۇشنى خالامسەن؟»
بۇ ۋاقىتتا، تاكادنىڭ كۆزى ياشقا تولدى. قەلبىدە بىر ئاۋاز ئۇنى چاقىرىۋاتاتتى، ئۇ قاتتىق ھاياجانلانغىنىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە ئۈنلۈك ئاۋازدا: «سىلى ماڭا بىر ئۆمۈر ئۇنتۇلغۇسىز دەرس ئۆتتىلە، ھىكايىلىرى ماڭا ئىلھام ۋە تەلىم بەردى، دۇنيانىڭ ھەقىقى رەڭگىنى ئېنىق كۆرسىتىپ قويدى. قەلبىمدە ئەركىن ئادەمنىڭ روھى چاقىرىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، مەن ئەركىن ئادەمنىڭ ئىرادىسى ۋە غەيرىتى بىلەن قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇشۇم كېرەك!»
ھىكايىنىڭ نەتىجىسىگە قىزىقىپ قالغان ئاڭلىغۇچىدىن بىرى سورىدى: «داباشىر، كېيىن سېلى قەرىزلىرنى قانداق قايتۇردىلا؟»
داباشىر جاۋابەن: «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە! مەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، چىقىش يولى ئىزدىدىم،  ھامان بىر كۈنى قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇشنى ئارزۇ قىلدىم. ھۆر ئادەمنىڭ روھى سېنى ئۈزلۈكسىز تېرىشىشقا ئۈندەيدىكەن، ھۆرلۈك روھىنىڭ ياردىمى ئاستىدا تۆلىگەن بەدەللىرىڭگە قاراپ نەتىجە كۆرىدىكەنسەن. بىراق قۇللۇق روھى سېنى توختىماي قەرىزدىن قېچىشقا ئۈندەيدىكەن، بۇنداق ئادەم قۇللۇق روھىنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن تېگى يوق ھاڭغا قاراپ ماڭىدىكەن. مەن زور قەرىزگە يۈزلەنگەندىن كېيىن، ھۆر ئادەمنىڭ روھى مېنى كۆپ قوللىدى. ئاۋۋال بارلىق قەرىز ئىگىلىرىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن قەرىز مۆھلىتىنى ئۇزارتىپ بىرىشنى، پۇل تاپقاندىن كېيىن قەرىز قايتۇرۇشقا يول قۇيۇشنى ئۈتۈندىم.  بەزى قەرىز ئىگىلىرى مېنى ھاقارەتلەپ قاتتىق تىللىغان بولسىمۇ، بەزى قەرىز ئىگىلىرى ماڭا ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سەرراپخانا خوجايىنى ماسسون زۆرۈر ياردەم ۋە سەمىيمى مەسلىھەتلەرنى بەردى. ئۇ مېىنڭ سۈرىيىدە تۆگىچى بولغانلىقىمنى ئاڭلاپ، تۆگە سودىگىرى  ناباتقا تۇنۇشتۇرۇپ قويدى، شۇ ۋاقىتتا ئۇ دەل بابىلون شاھىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، تەرەپ-تەرەپتىن ئېسىل تۆگىلەرنى سېتىۋېلىۋاتقان ئىكەن، ناباتنىڭ يېنىدا تۆگىچىلىكىم ناھايتى ئەسقاتتى، مەنمۇ ئاستا-ئاستا قەرىزلىرىمنىڭ ھەممىنى قايتۇرۇپ بولدۇم. ئەڭ ئاخىرى قەرىزىمنى تۆلەپ بولغاندا، ئۆزۈمنى ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىگە ئايلانغاندەك ھېس قىلدىم.»
«قەرىز قايتۇرۇشنىڭ تەپسىلى جەريانىغا كەلسەك، مەن بەش پارچە سېغىز تاختاي ئۇيۇپ قالدۇرۇپ قويدۇم، خالىغان ۋاقىتتا بېرىپ ئوقۇۋالساڭلار بولىدۇ، سىلەرگە ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپچىلىكتىن كۈتىدىغان ئۈمىدىممۇ شۇ، ھىكايىلىرىم كۆپچىلىكنىڭ قەلبىگە كۈچ ئېلىپ كېلىپ، ھۆرلۈك روھىنى ئۇرغۇتۇپ، نامراتلىق ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا ئىلھام بولغاي.»
داباشىر دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم تاماقلارغا يۆتكىگەندىن كېيىن، ئاشخانا تەرەپكە قاراپ توۋلىدى: «كاۋسىك، ئېزىلەڭگۈ قۇلۇلە، كەلتۈرگەن تاماقلىرىڭ سۇۋۇپ كەتتى. چاپسان يېڭى پىشۇرۇلغان قوي كاۋىپى كەلتۈر، تاكادقىمۇ بىر تەخسە كەلتۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالما، بۇ قەدىناس دوستۇمنىڭ ئوغلىنىڭ قورساقلىرى ئېچىپ بولالماي قالدى. ھىكايىنى سۆزلەپ بولدۇم، ئۇنىڭمۇ زېھنى ئېچىلىپ قالدى، ئەمدى ئۇنىڭ قەرىزلىرىمنى قايتۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەمدى ئۇمۇ مەن بىلەن بۇ مىزىلىك تاماقلاردىن ھۇزۇرلانسا بولىدۇ.»
بۇ ھەقىقەتلەر ئۇزۇن يىللار داۋامىدا كىشىلەرنىڭ قەرىزدىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرىۋېتىشكە، شۇنىڭدەك ئۆزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا يېتەكچى بولۇپ كەلدى. شۈبھىسىزكى كەلگۈسىدىمۇ ئەقىللىق كىشىلەرگە ياردەمچى بولۇپ، ئۇلارغا سىرلىق كۈچنى ھېس قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر كىشى مۇنداق بىر داۋلىنى ئېسىدە مەھكەم تۇتىشى كېرەك: قىيىن ئىش يوق ئالەمدە كۆڭۈل قويغان ئادەمگ‍ە!


ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلەنمىسى

نامراتلار ۋە بايلار ئارىسىدا قايسى خىلدىكى ئادەم بولۇشنى خالايسىز؟ شۈبھىسىزكى قەلبىڭىز چۇقۇم باي ئادەم بولۇشنى تاللايدۇ، ئۇنداقتا، داباشىرغا ئوخشاش باتۇرلۇق بىلەن قەرىزلىرىڭىزگە يۈزلىنىڭ، مۇۋەپپەقىيەت يولىدا ھارماي چېپىڭ، زادىلا بەل قويىۋەتمەي ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىڭ، ھامان كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر باي بولالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ!  

مەخپىي سۈزۈندىلەر
1. ئەگەر سىز رەڭلىك كۆزەينەك تاقىۋېلىپ دۇنياغا قارىسىڭىز (مۇئامىلە قىلسىڭىز)، ئۇنداقتا مەڭگۈ دۇنيانىڭ ھەقىقى رەڭگىنى كۆرەلمەيسىز، قۇللۇق پىسخىكى ۋە رەزىل خىياللار ئىلكىدە گاڭگىراپلا يۈرۈيسىز.
2. ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىنى تىزگىنلىيەلمىسە، ئۆزىگە گۆر كولىغانلىق بىلەن باراۋەر، ئۆزىنى ئۆز مەيلىگە قويىۋېتىش يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنداق ئادەم ھامان بىر كۈنى قىينچىلىق ۋە ئارا نۇمۇستا قالىدۇ.
3. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە قۇلنىڭ روھى مەۋجۇت بولسا، كېلىپ چىقىشىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئاخىرى ھەقىقى قۇلغا ئايلىنىدۇ. چۈشكىنلىشىش ئالغا ئىلگىرلەشتىن ئاسان، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئەمما بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ھۆر ئادەمنىڭ روھى مەۋجۇت بولسا، قانچىلىك ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ يەنىلا بىر شەھەر ھەتتا پۈتكۈل ئەلنىڭ ئەركىن پۇقراسى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.
4. قەرىز ئەڭ چوڭ دۈشمىنىڭ، ئۇ سېنى بابىلوندىن قوغلاپ چىقاردى. ئەگەر ئۇنى ئۆز ئەركىگە قويىۋېتىپ كارىڭ بولمىسا، ئۇ تېخىمۇ كۈچلىنىپ كەتكەندەك بىلىنىدۇ. ئەمما، ئۇنى دۈشمىنىم دەپ قاراپ، ئۇنىڭ بىلەن جان تىكىپ ئېلىشساڭ، چۇقۇم ئۇنى بويسۇندۇرالايسەن، ھەمدە قايتىدىن شەھەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر كىشى بۇلالايسەن.
5. ئەركىن ئادەم نوقتىسىدىن قارىغاندا، تۇرمۇشتا ھەمىشە نۇرغۇن مەسىلە ۋە سىناقلارغا يۈزلىنىشكە توغرا كېلىدۇ، ئەركىن ئادەم پەقەت بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش زۆرۈر دەپ قاراپ، چۇقۇم باتۇرلۇق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. ئەمما قۇل بولىدىغان روھ پەقەت: «مەن قۇلدىن باشقا نەرسە ئەمەس،  يەنە نېمىمۇ قىلالايتتىم؟» دەپ خۇرسېنىشنىلا بىلىدۇ.
6. ئەگەر سەندە ئەركىن ئادەم بولۇش روھى بولسا، ئۇنداقتا ئۆزۈڭنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە ئىرادىسىگە تايىنىپ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىڭ ‐‐‐ قەرىزنى مەغلۇپ قىلىپ، قايتىدىن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر، ھۆر ئادەمگە ئايلان!
7. ھۆرلۈك روھى سېنى ئۈزلۈكسىز تېرىشىشقا ئۈندەيدۇ، ھۆرلۈك روھىنىڭ ياردىمى ئاستىدا تۆلىگەن بەدەللىرىڭگە قاراپ نەتىجە كۆرىسەن. بىراق قۇللۇق روھى سېنى توختىماي قەرىزدىن قېچىشقا ئۈندەيدۇ، بۇنداق ئادەم، قۇللۇق روھىنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن تېگى يوق ھاڭغا قاراپ ماڭىدۇ.
8.ئۆتمۈش ياكى كەلگۈسىدە بولمىسىۇن، ھۆرلۈك روھى ئەقىل پاراسەتكە ئىگە كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئۇلارغا سىرلىق كۈچنى ھېس قىلدۇرىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئادەم مۇنداق بىر داۋلىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلىسۇن: «قىين ئىش يوق ئالەمدە كۆڭۈل قويغان ئادەمگە!»

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
442
تىللا
232
شۆھرەت
614
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 17:30:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخپىيەتلىك___ قەدىمقى بابىلوننىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش پاراسەتنامىسى(3)

ئىككىنچى باب

بايلىق ۋە ئامەتنىڭ مەخپىيتى ‐‐ بايلىق ۋە ئامەت پەقەت تىرىشىپ ئىشلەيدىغان كىشىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ.
بەزىلەر ئىشلەشتىن بىزار بولۇپ، خىزمەتنى دۈشمەن قىلىۋالىدۇ. خىزمەتنىڭ جاپالىق ۋە قىيىنلىقىغا پىسەنىت قىلمىسىڭىزلا خىزمەت ئەڭ يېقىن دوستىڭىزغا ئايلىنىدۇ. ئىشنى ياخشى قىلىش بىلەن بىرگە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە ياردەملەشسىڭىز، تېخىمۇ قالتىس ۋە تېخىمۇ بەخىتلىك ئادەمگە ئايلىنىپ، ئامەت ۋە بايلىق سىزگە يار بولىدۇ.

باب يېتەكچىسى
ھەممە ئادەم ئامەتنىڭ ئۈزىگە كۈلۈپ قارىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە، پەقەت تىرىشىپ ئىشلەشلا سىزگە ئامەت ئېلىپ كىلىدۇ، تۆلىگەن بەدەلگە لايىق جاۋاپقا ئېرىشىسىز، سارۇنادانىڭ ھېكايىسى بىزگە ئىلھام بولۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا خىزمەتنىڭ ۋاقتى ئۆتمەيدىغان بىر خىل ھاياتتىن ھۇزۇرلىنىش شەكلى بەخىش ئېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھېكايىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بىزنى ئۆز خىزمىتىمىزگە قايتىدىن قاراپ چىقىشقا ئۈندەيدۇ.
روھنى خۇجا قىلىشقا بولسا
سارۇنادا بابىلون سودا ساھەسىدىكى ئاجايىپ شەخىسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىت شۇنىڭدەك قىممەت باھالىق تاۋارلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، گەرچە ئۇنىڭ بايلىقىنى بابىلوندىكى ئەڭ داڭلىق شەخىس ‐‐‐ ئاكادقا سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بابىلوندىكى مۇھىم شەخىس ھېسابلىنىدۇ.
ئاشۇ چاغدا، سارۇ.نادا ئاتقا مىنىۋالغان بولۇپ، گىدەيگەن پېتى ھەيۋەتلىك سودا كارۋىنىنىڭ ئەڭ ئالدىدا كېتىپ باراتتى. ئۇنىڭ كىيىۋالغىنى ئۆزى ياقتۇرىدىغان قىممەت باھالىق ئېسىل كىيىم بولۇپ قارىماققا ئۇنىڭغا ناھايىتى ماس كەلگەن ئىدى، مېنىۋالغىنى ئاجايىپ ئېسىل ئات، ئۇنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغىنى ئېسىل ئاتقا مىنىپ مەغرۇر ھالدا سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا مېڭىش ئىدى. بۇ خىل بايلىق ۋە مەرتىۋە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل پەيتلەر ھىسابلىناتتى. ئاشۇ تۇرىقىدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى زادىلا بىلگىلى بولمايىتتى. ئەلۋەتتە كىشىلەر ئىلگىرى ئۇنىڭ جاپا-مۇشەقەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، بۇ نوقتىدىن ھېچكىممۇ گۇمانلانمايدۇ. نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئۆزگىچە كەچۈرمىشلىرى بولىدۇ، بۇ خىل كەچۈرمىشلەرگە ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ بەرداشلىق بېرەلىشى ئاسان ئەمەس. بۇ بەلكىم جوڭگۇلۇقلارنىڭ «جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق، ئېناق بولماي سائادەت يوق» دېگەن سۈزىگە ئوخشىسا كېرەك. سارۇ.نادامۇ چۇقۇم كۆپنى كۆرگەن ئادەم، شۇڭلاشقا ئۇ بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغان. ئەمما، ھەممە ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولى ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ.
دەمەشىقتىن بابىلونغا باردىغان مۇساپە ئىنتايىن ئۇزۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارلىقتا قۇملۇقتىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىغان بولۇپ يۈرۈش ئىنتايىن جاپالىق. يەنە كېلىپ، يول بۇيىدىكى ئەرەب قەبىلىسېنىڭ ئەرلىرى جەڭ قىلىشقا ماھىر، قاراقچىلارغا ئوخشاش ئەخلاقسىز بولۇپ، ماللىرىڭىزنى كۆرۈپ قالسىلا، ئاسانلىقچە قېچىپ قۇتۇلالمايسىز، ھەتتا ھاياتىڭىز خەۋىپكە ئۇچرىشىمۇ مۇمكىن. ئۇلار يول بويى سىزگە يىرتقۇچلاردەك خىرىس قىلىپ تورىدۇ، شۇڭا ھەر ۋاقىت سىزگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى بار. مانا بۇ قۇملۇق كارۋىنىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى، ئەمەلىي كۈچى ئاجىز كارۋانلارنىڭ تەڭرىدىن ئۆز پاناھىدا ساقلاشنى تىلەشتىن باشقا ئامالى يوق. ئەمما، سارۇ.ناداغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇنداق ئەھۋاللارنى ئويلىمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ياللىۋالغان زور تۈركۈمدىكى چەۋەندازلار بىلەن كاماندازلار ئۇلارنى قوغداپ ماڭىدۇ، شۇڭا  بۇنداق ئىشلار زېھنىنى سەرىپ قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ. ئۇ ئۆزى تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەلگەن قوغدىغۇچىلىرىنىڭ سودا كارۋىنىنى قوغدىيالايدىغانلىقىغا مۇتلەق ئىشىنىدۇ.  
بىراق، سارۇنادانىڭ كۆز ئالىدىدا ھەقىقەتەنمۇ بىر قىسىم باش قېتىنچىلىقلىرى مەۋجۇت. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنى ئەڭ ئەنسىرىتىۋاتقىنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كېتىۋاتقان ياش يىگىت ئىدى. خادان گۇرا ئىسىملىق بۇ يىگىت دەمەشىقتىن تارتىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەچكە، ئۇ سەپەرىدىكى بىر قىيىنچىلىق بولۇپ قالدى. خادان بۇرۇنقى سودا مەيدانلىرىدىكى ھەمراھى ۋە شاپائەتچىسى ‐‐‐ئاراد.گۇرانىڭ نەۋرىسى ئىدى. سارۇ ئارادنىڭ شەپقىتىگە بىر ئۆمۈر جاۋاب قايتۇرالمايمەن دەپ قارىغاچقا، دائىم ئارادنىڭ نەۋرىسىگە بىر ئىش قىلىپ بىرىشنى ئويلاپ يۈرەتتتى. ئەمما، بۇ ياشنىڭ مىجەز-خۇلىقى بوۋىسېنىڭكىگە ئەسلا ئوخشىمايتتى، ئۇ قايسى ئۇسۇل بىلەن بۇ ياشقا ھەقىقى ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمىدى، ئەجەبا قاراڭغۇ زۇلمەتتە قالغاندا، يۇرۇقلۇق ئاتا قىلىپ يېڭى ھاياتلىق يۇلىنى پارلاتقان ئۇشبۇ قوياش، بۇ يگىتنىڭمۇ كەلگۈسى يۇلىنى يورىتالماسمۇ؟
سارۇنادا يېنىدىكى بۇ ياش يىگىتكە كۆزىنىڭ قويرۇقىدا قاراپ قويدى. يىگىت بارمىقىغا ئۈزۈك سېلىۋالغان، قۇلاقلىرىغا ھالغا ئېسىۋالغان ئىدى، سارۇ كۆڭلىدە: «ئۇ ئەرلەرمۇ ئۈنچە-مەرۋايىت، زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدىكەن، ئۇنىڭ چىرايى بوۋىسىغا ئوخشىسىمۇ، ئەمما، بوۋىسېنىڭ مۇنداق چاكىنا ياسېنىش ئادىتى يوق ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ تاپقان-تەرگىنىنى ئورۇنسىز يەپ-ئىچىپ تۈگىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىم كېرەك.» دەپ ئويلىدى.
سارۇنادا بۇ ياشقا قانداق ياردەم بېرىش ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقاندا، خادان ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلىۋەتتى، ئۇ تۇيۇقسىز: «نىمىشقا قەھرىتان سوغۇق، پىژغىرىم ئىسسىقلاردا كارۋاننى باشلاپ شۇنچە ئوزۇن يولنى بېسىپ قۇملۇقلارنى كېزىپ جاپالىق ئىشلەپ يۈرۈيسىز؟ يېشىڭىز بىر يەرگە بېرىپ قالغاندا ۋاقىت ئاجرىتىپ كشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرسىڭىز بولمامدۇ؟ ھاياتىڭىزدا ئشلەشتىن باشقا  قىلىدىغان ئىشىڭىز يوقمۇ؟ كۈنلىرىڭىزنى مەنىسىز ئۆتكۈزگەندەك ھېس قىلمامسىز؟» دەپ سوراپ قالدى.
سارۇ مېيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ ئۇنىڭدىن: «ھاياتتىن ھۇزۇرلىنىش؟! قانداق قىلغاندا ئاندىن ھاياتتىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ؟ ئەگەر ئورنۇمدا سەن بولساڭ، ساناپ تۈگەتكۈسىز بايلىقىڭ بولسا، ھاياتتىن قانداق ھۇزۇرلىناتتىڭ؟» دەپ سورىدى.
«ئەگەر مەن سىلىگە ئوخشاش باي بولغان بولسام، تۇرمۇشتىن شاھزادىلاردەك ھۇزۇرلانغان بولاتتىم. بۇنداق پىژغىرىم ئىسسىقتا ئۇۋىسى چۇۋۇلۇپ كەتكەن چۈمىلىلەرگە ئوخشاش ئۇياقتىن-بۇياققا قاتراپ يۈرمەيتتىم، پىژغىرىم ئىسسىقتا ھەتتا چۈمىلىلەرمۇ ئۇۋىسىغا كىرىپ سالقىندايدۇ. مەن دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل كىيىملەرنى كىيەتتىم ۋە ئەڭ قىممەتلىك ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى تاقاپ، ھەركۈنى يېنىمدىكى پۇللارنى خەجلەپ تۈگىتەتتىم. مانا بۇ مۇكەممەل تۇرمۇش، مەن ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ھاياتلىق يولى» خادان.گۇرانىڭ سۆزى تۈگىشىگىلا ئىككىسى زورىغا كۈلۈپ قۇيۇشتى. سارۇ.نادا بۇ ياشنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئاراد.گۇرانىڭ ۋارىسىغا زادىلا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، سېپى ئۈزىدىن راھەتپەرەس (ئېپىكۇرېئىزىمچى) ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
سارۇ ئۇنىڭغا تەربىيە يۈزىسىدىن: «ئەمما، بىلەمسەن سېنىڭ بوۋاڭ ئەسلا ئۈنچە-مەرۋايىت تاقىمايتتى، ناھايىتى تىجەشلىك ئادەم ئىدى» دېدى، ھەمدە چاقچاق تەلەپپۇزىدا: «مۇشۇنداق ياش تۇرۇپ زېھنىڭنى ئەھمىيەتلىك ئىش ئۈچۈن سەرىپ قىلىشنى ئويلىشىپ كۆرمىدىڭمۇ؟ بارلىق راھەت-پاراغەتنىڭ جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق كېلىدىغانلىقىنى بىلمەمەسەن؟» دەپ سورىدى.
خادان ئىختىيارسىز سۆزلەپ كەتتى: «توغرا، مەن ئەزەلدىن خىزمەت قىلىشنى ئويلاپ باقمىغان، مېنىڭچە ئىشلەش قۇللارنىڭ ئىشى. خىزمەتكە قىزىقمايمەن، بىرلا قېتىم كىلىدىغان بۇ ھاياتلىقتا قانغۇچە ھۇزۇر-ھالاۋەت سۈرىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىمەن، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ھاياتلىق مەسئۇلىيتىمنى ئادا قىلغان بولىمەن.»
سارۇ خاداننىڭ بۇ سۆزىگە رەددىيە بېرىشكە تامامەن ھازىر جاۋاب بولسىمۇ، بىراق كېيىنكى بىر جۈملە سۆزىنى يۇتىۋەتتى ھەمدە بىردىنلا جىمىپ قالدى. ئالتۇن-كۈمۈش تاقاپ، پوزور كېيىنىپ يۈرگەن بۇ ياشنىڭ سۆزلىرى ئۇنى ۋاپات بولغان دوستى ئاراد.گۇراغا چەكسىز ئېچىندۇردى، ئۇنىڭ قانداقسىگە بۇنداق نەۋرىسى بولۇپ قالغاندۇ! شۇنچە تىرىشچان بىر ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرى ئىشلەشكە ئازراقمۇ قىزىقمىسا......سارۇ.نادا ئۈندىمەستىن ئات ئۈستىدە كېتىپ باراتتى، ئۇ شۇ تەرەققىدە مېڭىپ كىچىك قىياغا كېلىپ توختىدى ھەمدە ئالدى تەرەپنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ياشقا: «كۆردۈڭمۇ؟ غۇۋا كۆرۈنگىنى بابىلون شەھرى، كۆرۈنگەن ئېگىز مۇنار بېل ئىبادەتخانىسى. تېخىمۇ يىراققا نەزەر سالساڭ، بېل ئىبادەتخانىسېنىڭ ئۆگزىسىدىكى كۆيىۋاتقان مەڭگۈلۈك ئوتنى ۋە ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقان كۆك ئىسنىمۇ كۆرەلەيسەن. مانا بۇ رىۋايەتلەردىكى بايلىق شەھرى بابىلون» دېدى.
خادان جاۋابەن: «كۆرەلىدىم، ئەجىبا ئۇ رىۋايەتلەردىكى بايلىق شەھرى ‐‐‐ بابىلونمۇ؟ مەن ئۇزۇندىن بىرى بۇ دۇنيادىكى داڭلىق بايلىق شەھىرىنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولۇپ كەلگەن ئىدىم. بۇ يەردە راستىنلا رىۋايەتلەردىكىگە ئوخشاش ھەممە يەردە ئالتۇن تۆكۈلۈپ تۇرامدۇ-يوق، ئۆز كۆزۈم بىلەن بىر كۆرۈپ باقاي، بۇ بوۋام قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن جاي، ئەگەر ئۇ ھازىرغىچە ھايات بولغان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بۇلاتتى-ھە! ئۇ ۋاقىتتا بىزمۇ بۇنداق قىيىن ئەھۋالدا ياشىمىغان بولاتتۇق» خادان سۆزىنى تۆگىتىپ بولۇپ، ئىختىيارسىز ئېغىر خۇرسىندى.
سارۇ يەنە ئېغىز ئاچتى: «نېمىشقا بوۋاڭنىڭ ھايات بولىشىنى ئۈمىد قىلىسەن؟ ئاتاڭ بىلەن ئىككىڭلار ئۇلارنىڭ مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزۈڭلار ئىگىلىك تىكلىسەڭلەر بولىدىغۇ! ئۈزۈڭلارنىڭ ئىگىلىكى بولىشىنى خالىمامسىلەر؟ ئەقىل پاراسىتىڭلار راستىنلا بوۋاڭلارغا يەتمەمدۇ؟»
«ھەي! ئاتا-بالا ئىككىمىزدە بوۋىمىزنىڭ تالانتى يوق. بوۋامنىڭ پۇل تېپىشتىكى سىرىنىمۇ ئىگىلىيەلمىگەن.» خادان ئېغىر خۇرسېنىپ قويدى.
سارۇنادا بۇ ياشنىڭ جاۋابىغا رازى بولمىدى. چۈنكى، ئۇ بوۋىسىنىڭ قانداق قىلىپ كاتتا بايغا ئايلانغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئەينى يىللاردا قانچىلىك جاپالىق ئىشلىگەنلىكىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. سارۇنادا  ئۈن-تېنسىز ئاتنىڭ بېشىنى بۇراپ چىگىش خىياللار ئىچىدە پەسكە سوزۇلغان يانتۇ يولغا چۇشۈپ، جىلغىغا قاراپ ئىلگىرلىدى. ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كەلگەن سودا كارۋىنى يول بويى ئاسماننى بىر ئالىدىغان سېرىق قۇيۇن چىقىرىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلار ناھايىتى تېزلا بابىلوندىن ئۆتىدىغان چوڭ يولغا چىقىپ جەنۇب تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. يولدىن ئۆتسىلا يېڭىلا سۇغۇرۇلغان مۇنبەت ئېتىز بار ئىدى.


ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلەنمىسى

روھ كىشىگە مىراس قالمايدۇ، ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ بىرىشىگە ئۈمىد باغلىماسلىق، ئۇلارنىڭ ئىگىلىكىدىن بەھىرلىنىشنى تاما قىلماسلىق كېرەك! پايدىلىنىشنىلا بىلىدىغان ئادەم بايلىقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ، پەقەت تىرىشىپ ئىشلىگەندىلا بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتكىلى بولىدۇ. بۇ بىردىن-بىر يول! دۇنيادا ئەجىر-مېھنەتسىز مېۋە قانداقمۇ چىچەكلىسۇن! ھەرگىز ئىشلىمەي چىشلەيمەن دېگەن ئېدىيىدە بولماسلىق كېرەك!
زەردار قۇل بولغان
يېڭىلا سۇغۇرۇلغان ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان ئۈچ تېرىقچى، ئىختىيارسىز سارۇ.نادانىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇلارنى خۇددى بىر يەردە كۆرگەندەكلا قىلاتتى. ئەمما، يەنە بىر قارىماققا بىرئاز ناتۇنۇش كۆرىنەتتى. بۇ خىل تۇيغۇ ئۆزىگىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلدى. بىر ئادەم 40 يىلىدىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندە بايقىغىنى يەنىلا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بىر توپ ئادەملەرنىڭ شۇ ئېتىزدا ئىشلىشى ئىدى. مانا بۇ مىڭ بىر كېچە. ئەجىبا بۇ راستمىدۇ؟ سارۇنادا ئۆز-ئۆزىدىن سورىدى. ئەمما، ئۇ ئۆزىنىڭ خاتا تونۇپ قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىدى. توغرا، بۇ ئۈچ پىشقەدەم تېرىقچى 40 يىل بۇرۇنقى ئاشۇ ئادەملەر ئىدى. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرىنىڭ قولى تېلىپ كەتكەن بولسا كېرەك، دەرھال ئىشتىن توختاپ سوقا (بۇغۇسا) سېپىغا يۈلىنىپ ئارام ئېلىشقا باشلىدى. قالغان ئىككىسى ئاۋالقىدەكلا ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرەپ يەر ھەيدەۋاتاتتى. ئۇلار تاياق بىلەن كالىنى ھەيدەيتتى. ئەمما، ھېچقانداق ئۈنۈمى يوقتەك قىلاتتى. كالا تېرىقچىلارغا پىسەنتمۇ قىلىپ قويماستىن، ئاۋالقىدەكلا كۆشىگىنىچە كېتىپ باراتتى.
40 يىل ئىلگىرى سارۇ بۇ تېرىقچىلارغا ناھايىتى ھەۋەس قىلاتتى. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار بىلەن سالاھىيتىنى ئالماشتۇرالىغان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى-ھە! ئەمما، ھازىر ئۇنىڭ خىيالى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن ئىدى. ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا ئارقىسىدىكى ھەيۋەتلىك سودا كارۋىنىغا قارىۋەتتى. تاللانغان تۆگە ۋە ئېشەكلەر، يەنە دەمەشىقتىن ئېلىپ كەلگەن قىممەت باھالىق ماللار......بۇ ئۇنىڭ بايلىقلىرىنىڭ ئاز بىر قىسىمىلا ئىدى خالاس. شۇ دەقىقىلەردە سارۇ.نادانىڭ قەلبى ئىپتىخار ۋە مەغرۇرلۇق بىلەن تولغان ئىدى. ئۇ 40 يىل ئاۋالقى ھالىتىنى ئويلاپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتى.  
ئۇ قولى بىلەن ئېتىزدىكى پىشقەدەم تېرىقچىلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ خادانغا: «بۇ كىشىلەر 40 يىلدىن كېيىنمۇ ئاشۇ ئېتىزدا ئىشلەۋېتىپتۇ.» دېدى.
ــــ  قارىماققا شۇنداقتەك قىلىدۇ. ئەمما، سىز ئۇنىڭ 40 يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ تېرىقچىلار ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىسىز؟  
سارۇنادا بۇ چۈشەندۈرۈشنىڭ تازا ئېنىق بولمىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، سالماقلىق بىلەن: «ئىلگىرى ئۇلارنى مۇشۇ يەدە كۆرگەن.» دېدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتكەن 40 يىللىق ھاياتىنى ئەسلەۋاتاتتى. نېمە ئۈچۈن ئۇ ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇ، ئۇ ھازىر بىر ئوبدان ياشاۋاتمامدۇ؟ شۇ پەيتلەردە، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئاراد.گۇرانىڭ دوستانە، ئىللىق چىرايى نامايەن بولدى. بۇ ۋاقىتتا يېنىدىكى بۇ ياشنىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن مەزگىللىك ناچار كەيپىياتى بىردىنلا يوقاپ كەتتى. ئەمما، مېڭىسى ھۇزۇر-ھالاۋەت بىلەن توشۇپ كەتكەن، ئۈنچە-مارجانلارنى تاقاشنىلا بىلىدىغان بۇ ياشقا قانداق قىلىپ ياردەم بېرىشنى زادىلا بىلەلمىدى. ئەگەر بۇ ياش ئىشلەشنى خالىسا، سارۇ.نادا ئۇنى ھەرقانداق خىزمەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشتىن يانمايتتى. بىراق، پايدىلىنشنىلا بىلىپ ئىشلەشنى بىلمەيدىغان بۇ ياشقا ھەرقانچە ياخشى خىزمەت تېپىپ بەرگەن بىلەنمۇ قىلچە ئەھمىيىتى يوقتەك ئىدى. خىزمەت بۇ ياشقا نىسبەتەن بىر يۈك بولۇپ، ھوزۇرلىنىش ھېسابلانمايتتى. سارۇ ئارادقا ناھايىتى كۆپ ئادەمگەرچىلىك قەرىزىگە بوغۇلۇپ قالدىم دەپ ئويلايدىغان بولغاچقا، ئارادنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىشىگە ھەقىقى ياردەم بېرىشنى ئويلايتتى. ئەمما، بۇ بەڭۋاش ياشنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۇنىڭغا زادىلا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بۇزۇپ چېچىش ۋە ھوزۇ-ھالاۋەتتە ياشاشنىڭ كويىدىلا يۈرەتتى.
تۇيۇقسىز سارۇ.نادانىڭ كۆڭلىگە بىر پىلان كېلىپ قالدى. ئەمما، جەمەتى ۋە ھازىرقى سالاھىيىتىنى ئويلاشقاندا، بۇ پىلان ئۇنى تولىمۇ خىجالەتچىلىكتە قالدۇراتتى. بۇ پىلان بىر ئاز شەپقەتسىز، ھەتتا كىشىگە ئازاپ ئېلىپ كەلسىمۇ، ئەمما ئەزەلدىن ئىشلارنى كەسكىن بىرتەرەپ قىلىدىغان سارۇ.نادا قەلبىدىكى بۇ توقۇنۇشلارغا قارىماي، پىلاننى قەتئىي ئىجرا قىلىشنى قارار قىلدى.
ئۇ خاداندىن: «بوۋاڭنىڭ مەن بىلەن قانداق ھەمكارلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا قانداق بېيىغانلىقىنى بىلگۈڭ بارمۇ؟» دەپ سورىدى.
يىگىت ھاياجانلانغان ھالدا: « شۇنچە كۆپ پۇلنى قانداق قىلىپ تاپقانلىقىڭلارنى ئېيتىپ بەرسىڭىزلا بولدى، ماڭا ئەڭ زۆرۈر بولغىنىمۇ دەل شۇ.» دېدى.
سارۇ ئۇنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماستىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: «مەنمۇ ئىلگىرى مۇشۇ تېرىقچىلارغا ئوخشاش ئاشۇ ئېتىزدا ئشلەيىتتىم. ئۇ ۋاقىتتا مەن سەنچىلىك بار ئىدىم. تۆتىمىز بىر سەپ بولۇپ يەر ھەيدەيتتۇق. مەجىد ئىسىملىك بىر بۇرادەر بولۇپ، ئۇ تېرىقچىلارنىڭ ئىشلىگىنىگە قاراپ، ماڭا: ‹قارا ئۇ تېرىقچىلارغا سوقا سېپىنىمۇ چىڭ تۇتالمىغان. شۇڭا ئاغدرۇغان يەرلىرى شۇنچە تېيىز. ئاۋۇ كالا ھەيدەيدىغىنىچۇ تېخى، بۇنداق تېرىلغان يەردىن قانداقمۇ ھوسۇل ئالغىلى بولسۇن؟› دەپ كايىپلا كەتكەن.»
خادان ئەجەبلەن‍گەن ھالدا: «نېمىلەرنى دەۋاتىسىز؟ مەجىد بىلەن بىرلىكتە چېتىقلىقمىتىڭىز؟» دەپ سورىدى.
«شۇنداق، بوينىمىزدا مىستىن ياسالغان كىشەن بولۇپ ئىككى كىشەن زەنجىر بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان، مەجىدنىڭ يېنىدىكى كىشى قوي ئوغىرىسى ساباد ئىدى. ئۇنى يۇرتۇمدىكى چاغدىلا تونۇيتتىم. ئەڭ چەتتىكى كىشى ئىسمىنى ئېيتىپ بەرمىگەچكە ‹دېڭىز قاراقچىسى› دەپ قوياتتۇق. پەرىزىمىزچە ئۇ ماتروس بولغان. چۈنكى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە يىلان شەكىلللىك رەسىم چىكىلگەن بولۇپ، بۇ ئەينى ۋاقىتتا ماتروس ۋە كېمىچىلەر  ئارىسىدا مودا بولغان ئىشى ئىدى. بىز تۆتىمىز بىر زەنجىرگە باغلانغان بولۇپ، بىر سەپتە ماڭاتتۇق.»
خاداننىڭ چىرايىدىن ھەيرانلىق ۋە ئىشەنمەسلىك نەزىرى چىقىپ تۇراتتى: «نېمە دەۋاتىسىز؟ مەن خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن، قۇل قىلىنىپ باغلاپ قويۇلغان!؟ مېنى ئالدىمايۋاتقانسىز؟ سىزنىڭ قۇل بولىشىڭىز مۇمكىنمۇ؟»
«بۇۋاڭ ساڭا مېنىڭ قۇل بولغانلىقىمنى ئېيتمىغانمىتى؟» سورىدى سارۇ.نادا.
«بۇۋام بىلەن دائىم سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلىشاتتۇق. ئەمما، ئۇ سىزنىڭ قۇل بولغانلىقىڭىزنى ئەسلا تىلغا ئېلىپ باقمىغان.»
«بوۋاڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلىيالايدىغان ئىشەنچلىك دوستۇم ئىدى. يىگىت، سەنمۇ بوۋاڭغا ئوخشاش ئىشەنچىلىك، شۇنداقمۇ؟» دېدى سارۇ.نادا خادانغا قاراپ تۇرۇپ.
«ماڭا ئىشەنسىڭىز بولىدۇ، ھەرگىزمۇ باشقىلارغا ئېيتمايمەن. ئەمما بۇ ئىش مېنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى، تېزراق ئېيتىپ بىرىڭە! زادى قانداق ئىش سىزنىڭ قۇل بولۇپ قېلىشىڭىزغا سەۋەبچى بولغان؟»
سارۇ مۈرىسېنى قېقىۋەتكەندىن كېيىن سۆۈزلەشكە باشلىدى: «ئەمەلىيەتتە، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ھەممە ئادەم قۇل، ھەممىسى مەلۇم نەرسىگە قۇل بولۇپ ياشايدۇ. مېنىچۇ، قىمار مەيدانى بىلەن شاراپ قۇل قىلىپ قويغان. ئاساسلىق مەسىلە ئاكامدا. ئاكام بىر ئىشتا ھېسياتقا بەك بېرىلىپ كېتىدىغان ئادەم ئىدى، ئۇنىڭ ئاشۇ ئۆزىنى باسالمايدىغان مىجەزى ۋە قاراملىقى مېنى قۇربانلىق قويغا ئايلاندۇرۇپ قويغان.
ـــ ئاكام بىر قېتىم، قىمار مەيدانىدىكى جىدەلدە دوستىنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. دادام ئاكامنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، پۇل خەجلەپ دەۋادا يېڭىپ چىقىشنىلا ئويلاپ مېنى بىر تۇل خۇتۇنغا رەنىگە قويدى. ئەمما، پۇل قايتۇرش ۋاقتى كەلگەندە، دادام مېنى قايتۇرۇپ كېتىشكە يەتكۈدەك پۇل تاپالمىدى، شۇنىڭ بىلەن تۇل خوتۇننىڭ ئاچچىقى كېلىپ، مېنى قۇل سودىسى قىلىدىغان بىر سودىگەرگە سېتىۋەتتى. شۇنداق قىلىپ بىر قۇلغا ئايلىنىپ قالدىم. ئۇ ۋاقىتلاردا مەن ياش ئىدىم. ئەمما، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئېغىر قىسمەتلىرىنى يۈدىۋېلىپ، ئۆزۈمگە نۇرغۇن ئازاپ-ئوقىبەتلەرنى ئېلىپ كەلدىم. ھازىر  40 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئاشۇ ئىشلارنى تىلغا ئېلىشنى خالىمايمەن.»
خادان غەزەپلەنگەن ھالدا: «نېمىدىگەن نۇمۇسسىزلىق، ئازراقمۇ ئادىللىق يوق! كېيىنچۇ، قانداق قىلىپ ھۆرلۈككە ئېرىشتىڭىز؟» دەپ سورىدى.
«ئالدىراپ كەتمە، مېنى سۆزلىگىلى قوي! ھىكايىلىرىمنىڭ ھەممىسېنى ساڭا بىر-بىرلەپ ئېيتىپ بېرىمەن.» دېدى سارۇ.
«بىز ئاشۇ ھورۇن تېرىقچىلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ھەتتا ئۇلارمۇ كۈلۈشۈپ بىزنى مەسخىرە قىلىشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن شىلەپىسېنى ئېلىپ، بىزگە ئىگىلىپ تورۇپ: ‹سىلەرنى قارشى ئالىمىز، پادىشاھنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى! بابىلونغا كەلگەنلىكىڭلارنى قارشى ئالىمىز! پادىشاھ سىلەرگە ھاردۇق چېيى بىرىش ئۈچۈن سېپىل ئۈستىدە ساقلىماقتا، ھەيۋەتلىك مۇراسىم سىلەرنى كۈتۈپ تۇرماقتا! كېسەكتە پىشىرۇلغان مىزىلىك باش پىيازنىڭ تەمىنىمۇ تېتىيسىلەر تېخى!›دېدى. باشقا تېرىقچىلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ توختىماستىن قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.»
«دېڭىز قاراقچىسى غەزەپلىنىپ ئۇلارنى قارغاپ كەتتى.‹تېرىقچى ئېيتقان پادىشاھ سىلەرگە ھاردۇق چېيى بىرىش ئۈچۈن سېپىل ئۈسىتىدە ساقلىماقتا دېگەن قانداق گەپ؟› دەپ سورىدىم دېڭىز قاراقچىسىدىن.
ئۇ ماڭا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پادىشاھ بىزنى بېلىمىز سۇنۇپ كەتكىچە سىپىلغا خىش توشىغىلى سالىدۇ. بەزىلەر بەلكىم بېلى سۇنۇپ كېتىشتىن بۇرۇن نازارەت قىلغۇچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرىلىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ مېنى ئۇرىشىغا يول قويمايمەن، ئەگەر قول سېلىشقا پېتىنسا ئۇلارغا جېنىمنى تىكىمەن.» دېدى.
«بۇ چاغدا مەجىد ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلەن: ‹ئىگىمىزنىڭ ئىشچان قۇللارنى ئۆلتۈرىۋېتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، ئۇلار ئىشچان قۇللارغا ئامىراق، شۇڭا ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ.› دېدى.
ساباد سەل ئاغرىنغان ھالدا: ‹ئۇنداقتا، كىم تىرىشىپ ئشلەيدۇ؟ ئىشچان كۆرىنىدىغان ئاۋۇ تېرىقچىلارغا قاراپ باقە، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھورۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارمۇ چارچاپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇيەردە ساختا قىياپەتكە كىرىۋېلىشى، كۈن ئۆتكۈزۈشتىن باشقا ئىش ئەمەس.›»
«خىزمەت توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەر باشلىنىپ كەتتى، ئەمما بۇ مۇلاھىزىلەر ھاياتىم ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە، بىلەمسەن؟ ئۇلارنىڭ مۇلاھىزىلىرى ماڭا زور ئىلھام ئاتا قىلىپ، مەندە قايتىدىن ياشاش ئسىتىكى پەيدا قىلدى.»


Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
442
تىللا
232
شۆھرەت
614
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 17:30:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلەنمىسى

قەدىمقى بابىلوندا، نۇرغۇن زەردارلار دەسلەپتە قۇل بولغان. ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بولىدۇ، بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم نوقتا خىزمەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشتا، تىرىشىپ ئىشلىگەن ئادەم ھامان بىر كۈنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ، ۋاقىتلىق راھەت-پاراغەتكىلا بىرىلىدىغان، ھورۇن ئادەم، نەچچە ئون يىل ئۆتسىمۇ يەنە ئاشۇ ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان كىشىگە ئوخشايدۇ.
تىرىشىپ ئىشلەش كەلمىشلىرىڭىزدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ
«مەجىد دەرھال رەددىيە بىىرىپ: ‹كۈن ئۆتكۈزۈش بىلەن ھورۇنلۇقنى ئارىلاشتۇرىۋەتسەك بولمايدۇ. ئەگەر سەن بىر كۈندە يۈز مۇ يەر ھەيدىسەڭ، خوجايىن ئىشلىگىنىڭنى كۆرۈپ خۇشال بولىدۇ. ئەمما، پەقەت 50 مولا يەر ھەيدىسەڭ، ئېنىقكى بۇ سېنىڭ ھورۇنلۇقۇڭ. مەن ئەزەلدىن ھورۇنلۇق قىلىپ باقمىغان، ئىشنىمۇ ياخشى قىلىمەن، چۈنكى خىزمەتنى ئەڭ ياخشى دوست دەپ قارايمەن. تىرىشىپ ئىشلىگەنلىكىم ئۈچۈن نۇرغۇن گۈزەل نەرسىلەرگىمۇ ئىگە بولغانمەن، زېمىن، ئىنەك، زىرائەت، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە، ھەممىگگە...›
ساباد ئۇنى مازاق قىلىپ ئۈلگۈردى: ‹شۇنداق، ئەمما، ھازىر ئۇ گۈزەل نەرسىلەر قېنى!؟ تىرىشىپ ئىشلەشلا كۇپايە قىلمايدۇ، كاللا ئىشلىتىش كېرەك، شۇندىلا پۇل تېپىپلا قالماي، يەنە ئېغىر ئىشلارنى قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر بىز سېپىل تەرەپكە سېتىۋېتىلسەك، مەن ساباد چۇقۇم سۇ تۇشۇش ۋە شۇنىڭدەك يىنىك ئىشلارنى قىلىشقا ئەۋەتىلىدۇ. بىراق سەنچۇ؟ ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان ئادەم. چوقۇم خىش تۇشۇيدىغان ئىشقا ئەۋەتىلىسەن. شۇ چاغدا بېلىڭنىڭ سۇنۇپ كەتمىگىنىنى بىر كۆرەي. قاراپ تۇر، تەقدىرىمىز ئوخشاش بولمايدۇ. مانا بۇ ئارىمىزدىكى پەرق.›
ئۇ كۈنى كەچتە، قورققىنىمدىن كۆزۈمگە زادىلا ئۇيقۇ كەلمىدى، قاتتىق ۋەھىمە مېنى چىرمىۋالغان ئىدى. مەن بىلەن بىرگە باغلانغان باشقا قۇللار ئۇيقۇغا كەتكەندىن كېيىن، قەستەن ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىغا يېقىنلاپ، بىرىنچى قېتىم نۆۋەتچىلىكتە تۇرغان قوغدىغۇچى گېدوسنىڭ دىققىتىنى تارتتىم. گېدوس ئىلگىىرى ئەرەب قاراقچىسى ئىدى. ئۇلار ۋەھشىي يىرتقۇچلار دېگەن نامى بىلەن مەشھۇر. ئەگەر ئۇ سېنىڭ ھەميانىڭنى كۆرۈپ قالسا بۇلىماي قالمايدۇ. يەنە تېخى بېشىڭدىنمۇ ئايرىلىپ قالىسەن.» نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئۇنىڭدىن سورىۋالمىسام بولمايتتى، شۇڭا ئامالسىز ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ ماڭا بىر قىسىم ياردەملەرنى بىرىشىنى ئۈمىد قىلدىم.
«مەن پەس ئاۋازدا ئۇنىڭدىن: ‹گېدوس، ماڭا بىر ئىشنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز، بىز بابىلونغا بارغاندىن كېيىن سېپىل تەرەپكە سېتىلىۋېتىلەمدۇق؟›» دەپ سورىدىم
«ئۇ مەندىن ناھايىتى قىزىقىپ سورىدى: ‹نېمە دەپ بۇ ئىشنى سورىغىڭ كەپقالدى؟›»
«مەن پەس ئاۋازدا ئۇنىڭغا يېلىنىپ تۇرۇپ: ‹مەن شۇنچە ياش تۇرسام، ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتسەم قانداق بولىدۇ، يەنە ياشىغۇم بار، مېنىڭ سېپىلدا ھېرىپ ئۆلگۈم ياكى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگۈم يوق. قانداق قىلسام ياخشى خوجايىنغا ئۇچىرارمەن؟› دېدىم»
«ئۇمۇ پەس ئاۋازدا: «راست گەپنى قىلسام، سەن يامان ئەمەس يىگىت ئىكەنسەن. ئەزەلدىن ماڭا ئاۋارىچىلىق توغدۇرمىدىڭ. ساڭا بىر مەخپىيەتلىكنى ئېيتىپ بېرەي، ئادەتتە سىلەر ئالدى بىلەن قۇل بازىرىغا ئاپىرىلىپ بازارغا سېلىنىسىلەر، شۇنى ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىنكى، كىشىلەر قۇل سېتىۋالغىلى كەلگەندە، سېنى سېتىۋالماقچى بولغان خوجايىنلارغا ئۈزۈڭنىڭ ياخشى ئىشلەمچى ئىكەنلىكىڭنى، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىڭنى، خۇجاينىڭغا جان تىكىپ ئىشلەپ بېرىدىغانلىقىڭنى ئېيتىپ ئۇلارنى سېنى ئېلىپ كېتىشكە قايىل قىلسەن. ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساڭ ئىككىنچى كۈنى سېپىل تەرەپكە ئېلىپ بېرىلىپ خىش توشۇيسەن. بىلىشىك كېرەككى تىرىشىپ ئىشلەشنىڭ كۈچى ناھايىتى زور، شۇڭا چۇقۇم ئۇ كۈنى ياخشى خوجايىندىن بىرنى تېپىۋېلىشىڭ كېرەك. شۇندىلا سېپىل يېنىغا بېرىپ ئىشلەشتىن قۇتۇلالايسەن!›دېدى.»
«گېدوس كەتكەندىن كېيىن، ئىللىق تۇپراق ئۈستىدە يېتىپ، چاراقلاپ تۇرغان يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قاراپ، تىرىشىپ ئىشلەش توغۇرسىدا ئويلاندىم. مەجىدمۇ خىزمەت ئەڭ ياخشى دوست دېدى. ئۇنىڭ سۆزى ماڭا ناھايىتى ئەھمىيەتلىكتەك بىلىندى. ئەمما، خىزمەت مېنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇممۇ ئەمەسمۇ؟ ئەگەر تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق سېپىل يېنىغا بېرىشىتن ئىبارەت ئېچىنىشلىق كەلگۈسۈمنى ئۆزگەرتەلىسەم، ئۇنداقتا خىزمەت ئەڭ ياخشى دوستۇم بولغان بولىدۇ. ئېنىقكى، مەجىدنىڭ سۆزلىرى ماڭا ئىلھام بولغان، كەلگۈسۈمگە نىسبەتەنمۇ ئىشەنچ تۇرغۇزغان ئىدى. پەقەت ياخشى ئىشلىسەملا، ئېچىنىشلىق قىسمەتتىن قۇتۇلۇپ، ھۆر ئادەمگە ئايلىنىمەن دەپ ئويلىدىم. ئەمما، كەلگۈسۈمنىڭ قانداق بولىشى ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق ئىدى.»
«مەجىد ئويغانغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا بۇ ئامالنى ئوغۇرلۇقچە ئېيتىپ بەردىم. بۇنى ئىككىمىزنىڭ بابىلونغا قاراپ مېڭىش يولىدىكى ھاياتلىقنىڭ ئۈمد نۇرى دېيىشكە بۇلاتتى. كەلگۈسىمىزنىڭ قانداق بۇلىشىنى بىلمىسەكمۇ، ئەمما قانداق ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى بىلىۋالغان ئىدۇق. چۈشتىن كېيىن بابىلون شەھەر سېپىلى يېنىغا يىتىپ كەلدۇق. سەپ-سەپ بولۇپ تىزىلغان قۇللار خۇددى بىر توپ چۈمىلىگە ئوخشاش، بىر بۆلەك يانتۇ يولدا توختىماستىن چۈشۈپ چىقىپ يۈرىشەتتى. سېپىلغا تېخىمۇ يېقىنلاپ كەلگەندە نەچچە مىڭلىغان قۇلنىڭ ئىشلەۋاتقىنىنى ئېنىق كۆردۇق. بەزىلىرى سېپىل خەندىكى كولاۋاتاتتى، يەنە ئاز بىر قىسىم قۇل قۇم توپىنى لاي خىشلارغا ئارىلاشتۇرىۋاتاتتى. نۇرغۇن قۇل يانتۇ تەكشىلىك ئارقىلىق خىشلارنى تەكشىلىك چوققىسىدىكى قۇرلۇشقا تۇشۇۋاتاتتى.»
ئىش نازارەتچىلىرى ھەركىتى ئاستا قۇللارنى قاتتىق تىللايتتى. توختىماستىن قولىدىكى قامچىنى شىلتىپ سەپكە يېتىشەلمەي قېلىۋاتقان قۇللارنى قامچىلايتتى. تېنى ئاجىز، ھېرىپ ھالى قالمىغان قۇللار دەلدەڭشىپ، ئېغىر يۈككە بەرداشلىق بېرەلمەي يېقىلىپ چۈشۈپ قايتا ئورنىدىن تۇرالمايتتى. ئىش نازارەتچىلىرىنىڭ قامچىلاشلىرىمۇ كار قىلمىغاندىن كېيىن، بۇ قۇللار يول ياقىسىغا سۆرەپ چىقىلىپ، بەدىنى پۈكلەنگەن ھالەتتە تىزلاندۇرۇپ قويىلاتتى. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، ئورنىدىن تۇرالمىغان باشقا قۇللار بىلەن قەبرىگە تىرىك تاشلىۋېتىلەتتى. بۇ قورقۇنۇچلۇق مەنزىرە ئىختىيارسىز تېنىمنى شۈركەندۈرىۋەتتى. ئەگەر ئاتام ھەق تۆلەپ مېنى ئېلىپ كېتەلمىسە، ئۇنىڭ بىچارە ئوغلى مۇشۇ يەردە قىينىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا پاجىئەلىك ھالدا ئۆلۈپ كېتەتتى. شۇ ۋاقىتتا قەلبىمنى پۈتۈنلەي قورقۇنۇچ قاپلىغان ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا سەن مېنىڭ ئورنىمدا بولغان بولساڭ، مەندىنمۇ بەك قورقۇپ كەتكەن بۇلاتتىڭ.
«ئىشلار گېدوس ئېيتقاندەك بولدى. بىرى بىزنى باشلاپ شەھەر قۇۋىقىدىن ئۆتكۈزدى، ئاندىن قۇللار گۇندىسىغا قامالدۇق. ئىككىنچى كۈنى قۇل بازىرىدىكى رىشاتكىلىق چىتلاققا سولاندۇق، چىتلاق ئىچىدىكى قۇللارنىڭ ھەممىسى قورققىنىدىن بىر-بىرىنى قىستاشماقتا ئىدى. مۇھاپىزەتچى نەچچە قامچا شىلتىۋىدى، ئۇلار خېرىدارلارنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشى ئۈچۈن ئۆزلىكىدىن ئالدىغا چىقىشتى. ئەمما، مەجىد بىلەن ئىككىمىز پۇرسەت تالىشىپ بىزنى كۆرۈپ بېقىشنى خالايدىغان ھەر بىر خېرىدارنى بىزنى ئېلىپ كېتىشكە قايىل قىلىشقا تېرىشاتتۇق، بۇ سېپىل تەرەپكە بېرىپ ھېرىپ ئۆلۈشتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن بىر چارىسى ئىدى.»
سېتىقچى ئاۋۋال پادىشاھ مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىدىكى بىر ئەمىرنى باشلاپ كەلدى، ئۇ قاراپلا دېڭىز قاراقچىسېنى تاللىدى، ئەسكەرلەر ئۇنى ساۋىدىغاندا(ئۇرغاندا) ئۇ جېنىنىڭ بارىچە قارشىلىق قىلدى، ئەسكەرلەر ئات ئۈستىدە تۇرۇپ ئۇنى نەچچە قامچا سېلىۋەتتى. دېڭىز قاراقچىسى ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق ئېچىندۇق ۋە قايغۇردۇق. ئەگەر ئۇ خوجايىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالىغان بولسا، ئۇنداق زەھەرخەندىلىك بىلەن ئۇرۇلمايتتى. ئەركىنلىكتىن ئايرىلغان قۇللارنىڭ ھېچنىمىسى يوق، قارشىلاشسا ئازاپلىرىنى ئېغىرلىتىۋالىدۇ، تىرىشىپ ئىشلىگەندە بولسا خوجايىننى قايىل قىلىپ خېلى ئازادە ياشىغىلى بولاتتى.»
«‹نۆۋەت بىزگە كېلىپ قالاي دېدى.›دېدى مەجىد، ماڭا تەسەللىي بىرىپ. ئۇ يەنە: ‹خىزمەت بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، بەزىلەر خىزمەتنى ياقتۇرماي، ئۇنى دۈشمەن ئورنىدا كۆرىدۇ. ئەمما، خىزمىتىڭ قانچە جاپالىق بولىشىدىن قەتئىينەزەر تىرىشىپ ئىشلە، ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھەشەمەتلىك ئىمارەتتىن بىرنى سېلىشنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىڭدا، دوپ ياغىچىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقى، سۇ ۋە لاي توشۇش ئۈچۈن يېراققا بارىدىغانلىڭغا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىسەن؟ ئىېسىڭدە بولسۇنكى، ئەگەر سېتىلىپ كەتسەڭ، پۈتۈن ئىخلاسىڭ بىلەن خوجايىن ئۈچۈن خىزمەت قىل. قانچىلىك تىرىشىپ ئىشلىسەڭمۇ سەندىن تەسىرلەنمىسىمۇ، ئىلھام بەرمىسىمۇ مەيلى. خىزمەتنى ياخشى ئىشلىسەڭ، ھەمدە باشقىلارغا ياردەم قىلساڭ، چۇقۇم تېخىمۇ قالتىس ۋە تەلەيلىك ئادەمگە ئايلىنىسەن!› مەجىد ئەمدى سۆزىنى توختاتتى، چۈنكى بەستلىك كەلگەن بىر تېرىقچى بىز سولانغان قەپەز ئالدىغا كېلىپ بىزنى كۆرۈپ بېقىۋاتاتتى.»
«مەجىد تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ تېرىقچى بىلەن سۆزلەشتى، تېرىقچىنىڭ ئېكىنزارلىقى ۋە ھوسۇلىنى سورىغاندىن كېيىن، ئۆزىنى تەرىپلەپ ناھايىتى تېزلا خوجايىننى ئۆزىنى ئېلىپ كېتىشكە قايىل قىلدى. تېرىقچى قۇل سودىگىرى بىلەن بىر مەھەل كەسكىن باھا تالاشقاندىن كېيىن، قوينىدىن لىق پۇل قاچىلانغان ھەمياننى چىقىرىپ، پۇل تاپشۇرۇپ مەجىدنى ئېلىپ كەتتى. مەجىد كېتىشىگىلا ساراسىمىگە چۈشۈشكە باشلىدىم. كەلگۈسۈم توغرىسىدا ھېچنىمىنى بىلمەيتتىم، مېنى سېتىۋالىدىغان خوجايىننىڭ قايسى ۋاقىتتا كېلىشىمۇ ماڭا قاراڭغۇ ئىدى. شۇ ۋاقىتتا بىر خوجايىننىڭ مېنى سېتىۋېلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. چۈنكى ياخشى بىر خوجايىن ھاياتىمدىكى زور بورۇلۇش ئىدى.»
«ئۇ كۈنى ئەتتىگەن نۇرغۇن قۇللار سېتىلدى ياكى ئېلىپ كېتىلدى. چۈش ۋاقتىدا، گېدوس ماڭا ئاستاغىنە، قۇل سودىگىرىنىڭ تاقەتسىزلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەتە كەچكىچە بۇ نەس باسقان جايدىن كېتىدىغانلىقى، شۇڭا بۈگۈن كەچتە ئېشىپ قالغان قۇللارنى پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدى. تۆت كۆزۈم بىلەن تەلمۈرۈپ تۇرغىنىمدا، بىر مۇلايىم سېمىز ئۇستاز مەن تەرەپكە كېلىپ، ئارىمىزدا بولكا ئىتىشنى بىلىدىغانلارنىڭ بار-يوقلىقىنى سورىدى. بۇ مەن ئۈچۈن بىر ئۈمىد يۇلتۇزى ئىدى.»
«مەن دەرھال ئۇنىڭغا: ‹سىلىدەك ياخشى ئۇستاز نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئۇسۇلدا ياردەمچى تاللاشنى ئويلاپ قالدىلا؟ بۇ يەردىن بولكا ئىتەلەيدىغان قۇلنى تاللىغانلىرىدىن كۆرە، بولكا ئېتىشنى ئۆگىنىشنى خالايدىغان شاگىرىت تاللىغانلىرى ياخشىراق ئەمەسمۇ؟! قارىسلا، مەن ياش، كۈچلۈك، سېلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولۇشنى تولىمۇ خالايمەن. ماڭا بىر پۇرسەت بەرسىلە، سىلىگە تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ بېرىمەن.›دېدىم.»
«ئۆزۈمنى تەرىپلەشلىرىم ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بولسا كېرەك، ئۇ ناھايتى تېزلا قۇل سودىگىرى بىلەن باھا تالىشىشقا چۈشتى، ماڭا ئەزەلدىن كۆز قىرىنى سېلىپ قويمىغان سودىگەر مېنى خۇددى سېمىز كالىنى قاسساپقا ماختىغاندەك ماختايتتى: ھۆنەر بىلىدۇ، تېنى ساغلام، مىجەزىمۇ ياخشى...... ئىككەيلەن ئاخىرى كېلىشتى. بۇ ھال مېنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇرىۋەتتى. مەن ئاخىرى سېپىل يېنىغا بېرىپ خىش توشۇشتىن قۇتۇلىدىغان بولدۇم. ئەمدى بۇ ئورۇق تېنىم ئېغىر ئەپكەشلەرنى كۆتۈرمىسىمۇ بولىدۇ. ھاياتىمدا بىر بورۇلۇش بولغان ئىدى. يېڭى خوجايىنىم مېنى ئېلىپ قۇل بازىرىدىن ئايرىلغان ئاشۇ ۋاقىتتا، ئىچىمدە ئۆزۈمنى پۈتۈن بابىلوندىكى ئەڭ تەلەيلىك ئادەمدەك ھېس قىلغان ئىدىم.»


ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلەنمىسى

تىرىشىپ ئىشلەش كەلگۈسى قىسمەتلەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىن بىر يولى! تەڭرى ھورۇن ئادەمگە ياردەم بەرمەيدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، تىرىشىپ ئىشلىسىڭىز، ئۇزاققا بارمايلا تەڭرى سىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئەمما، ھورۇن ئادەملەر ئەڭ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ھورۇنلۇقى تۈپەيلىدىن ئاستا-ئاستا ئۆزىگە بىر گۆر كولايدۇكى، ئاخىرى بېرىپ ئاشۇ قەبرىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇلار مەڭگۇ تىرىشىپ ئىشلەش بەدىلىگە كەلگەن ئامەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.
تىرىشىپ ئىشلەش پۇل تېپىشنىڭ باشلىنىشى
«خوجايىننىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولدى. ئۇنىڭ ئىسمى نانەيد بولۇپ، ماڭا ناھايتى تېزلا ئارقا ھويلىدىكى تاش تۈگمەندە بۇغداي ئېزىشنى، قانداق ئوت قالاشنى، ھەسەل تورتى يۈزىگە سىپىدىغان كۈنجۈتنى قانداق ئۇۋىتىشنى ئۆگىتىپ بولدى. ئۇنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشىم ئۈچۈن خوجايىن ئۆگەتكىلى بولىدىغانلىكى ھۆنەرلىرىنى ئاساسەن دېگۈدەك ئۆگىتىپ قويدى. مەنمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەندىم. بۇنداق قىلىشمۇ مېنىڭ ئارزۇيۇم ئىدى. خوجايىن مېنىڭ قۇسۇر تاپقىلى بولمايدىغان قۇل ئىكەنلىكىمنى بىلگەن چاغدا، مېنىڭ ئەھۋالىمدىمۇ ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى. ئۇ مېنى ئاشلىق ساقلايدىغان ئامبارغا قارىغاچ ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئامباردا بىر كارىۋات بار ئىكەن. بۇ يەر ناھايىتى تىنىچ بولۇپ كۆڭۈلدىكىدەك ئارام ئالىدىغان جاي ئىدى. سېپىل يېنىدا خىش تۇشۇيدىغان قۇللارغا سېلىشتۇرغاندا ئەھۋالىم كۆپ ياخشىلىنىپ كەتكەن ئىدى. قېرى دېدەك شىۋاسىد ماڭا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى، دائىم ماڭا ياخشى نەرسىلەرنى پىشۇرۇپ بېرەتتى. چۈنكى، بەزىدە ئۇنىڭغا بىر قىسىم ئېغىر ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىپ يۈكىنى يەڭگىللىتەتتىم. »
«مەندە ئاخىرى خوجايىننىڭ ئۆيىدە ياشاش ئىشەنچىسى تۇغۇلدى. ئەمدىكى نىشانىم خوجايىنغا ئۆزۈمنىڭ كارغا كېلىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلاپ بىرىش، ئاندىن ئامال قىلىپ ئەركىنلىكىمنى قايتۇرىۋېلىش ئىدى. شۇنداق قىلىپ تىرىشىپ ئىشلىگەنلىكىم ئۈچۈن، ئاخىر ھاياتلىق شەپىقىنى كۆرەلىدىم، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى.»
«مەن دائىم نانەيدتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن خېمىرنى قانداق يۇغۇرۇپ، زۇلىنى قانداق تۈگۈشنى، بولكىنى ئوتقا قانداق قاقلاشنى ئۆگىتىپ قويۇشىنى ئۈتۈنەتتىم. بۇ خىل ئاكتىپ ئۆگىنىش پوزىتسىيسى خوجايىننى تۇلىمۇ قايىل قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇمۇ خۇشاللىق بىلەن ئۆگىتىپ قوياتتى. ئۇزۇنغا بارماي ئۇ بارلىق ھۆنەرلىرىنى ماڭا ئۆگىتىپ بولدى. مەن نۇرغۇن ماھارەتلەرنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە خوجايىندىن ھەسەل تورتىنى قانداق قاقلاپ پىىشۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدىم. خوجايىن ناھايىتى خۇشال بولدى، كېيىن بۇ يەردىكى بارلىق ئىشلارنى مەن قىلىدىغان بولدۇم. خوجايىننىڭمۇ ئارام ئالىدىغان ۋاقىتلىرى چىقتى. بىراق شىۋاسىد مەندىن ئەنسىرەپ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ: ‹ئەگەر سەندىن پايدىلىنىشنى بىلىۋالغان بولسا، بۇ ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس.› دېدى، ئەمما مەن ئۇنىڭ سۆزىگە پەرۋا قىلمىدىم، تېخىمۇ ياخشى قىلالىسام، خوجايىن ئۈچۈنمۇ ياخشى ئىش. قىسقىسى ئۇنىڭغا مۇھىم ئادەم ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدۇرالايمەن. بۇنداق بولغاندا ئۇ مېنى ئۇرۇپ تىللىمايدۇ.»
«ھەر كۈنى چۈشتە بولكا ۋە تورتلارنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، قىلىدىغان ئىش يوق. بۇ ۋاقىتتا مەن قانداق پۇل تېپىپ ئۆز ئەركىنلىكىمنى قايتۇرىۋېلىش ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم. مۇشۇنداق بوش ۋاقىتلاردا بېرىپ پۇل تاپقۇدەك بىرەر ئىش قىلسام، خوجايىن جەزمەن قارشى چىقمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتىن كېيىن ئىشلەپ ئەكەلگەن پۇللارنى بىرلىكتە خەجلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن مەن كۆپرەك بولكا ۋە تورت ياساپ، بازارغا ئېلىپ بېرىپ قورساقلىرى ئېچىپ كەتكەن كىشىلەرگە سېتىشنى ئويلىدىم ھەمدە بۇ پىلانىمدىن تۇلىمۇ رازى بولدۇم. چۈنكى، پۇل تېپىشنى باشلىۋالساملا ھامان بىر كۈنى ئەركىنلىكىمنى سېتىۋالالىغۇدەك پۇل يىغالايتتىم. شۇنداق قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خوجايىنغا مەخسىتىمنى ئېيتىپ: ‹چۈشتە ئىشىمنى تۈگىتىپ بولۇپ، چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بىر ئاز پۇل تېپىپ كەلسەم ئۆزۈمگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالالايدىكەنمەن. ئەگەر ھەر كۈنى مۇشۇ ئۇسۇلدا تاپقان پۇلنى سېلى بىلەن تەڭ خەجلىسەم سېلىنىڭ كىرىملىرى ئېشىپلا قالماي، خېرىدارلارمۇ كۆپىيىپ كېيىنكى تىجارەت تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن، مەنمۇ بىر ئاز پۇلغا ئىگە بولىدىكەنمەن. سېلىنىڭچە شۇنداق قىلسام بۇلارمۇ؟› دېدىم.»
«ئۇ ناھايىتى تېزلا قارىشىمغا قوشۇلدى. ھەمدە مېنى: ‹ئىشچان ھەم تىرىشچان يىگىت جۇمۇ سەن.› دەپ ماختاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە ئۇنىڭغا، سىرتقا چىقىپ بىز ئەتكەن ھەسەل تورتلىرىنى سېتىش خىيالىم بارلىقىنى ئېيتتىم. ئۇ ئاڭلاپ تېخىمۇ خۇشال بولۇپ: ‹ئەمىسە شۇنداق بولسۇن بىر تورتنى ئىكى تورتنىڭ باھاسىدا ساتقىن. ساتقان ھەر بىر تورتنىڭ پۇلىدىن يېرىمىنى ئۇن، ھەسەل ۋە ئوتۇن پۇلىسىغا تۇتۇپ قالىمەن. قالغان يېرىمىنى ئىككىمىز تەڭ بۆلىشەيلى.› نانەيىد ناھايىتى مەردلىك بىلەن ماڭىمۇ پايدا بۆلۈپ بىرىدىغان بولدى.»
«ئۇنىڭ سېخلىقىدىن مەن تولىمۇ تەسىرلەندىم، چۈنكى ئۇ ماڭا پۈتۈن كىرىمنىڭ  نى قالدۇرۇپ قويغان ئىدى. شۇ كۈنى كەچكىچە ئىشلەپ بىر پەتنۇس ياساپ چىقتىم. نانەيىدمۇ مېنى تورت ساتقاندا قۇلغا ئوخشاپ قالماسلىقىم ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن خالىتىنى ماڭا سوۋغا قىلىۋەتتى. شىۋاسىد خالاتنى ياماپ يويۇپ پاكىزلاپ بەردى. بۇ مەن ئۈچۈن بىر يېڭى باشلىنىش ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە داۋاملىق تىرىشىپ ئىشلىسەملا، كەلگۈسىدە بابىلوننىڭ ئەركىنلىك نورىنى كۆرەلەيتتىم.»
«ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كۆپرەك ھەسەل تورتى پىشۇرىۋالدىم. چۈشتىن كېيىن، ئۆزۈم ياسىۋالغان ھېلىقى پەتنۇسقا ئارتۇق پشىۇرىۋالغان ھەسەل تورتلىرىنى تىزىپ، بازارغا ئېلىپ چىقىپ توۋىلاپ ساتتىم. دەسلەپتە كىشىلەر ماڭا دىققەت قىلمىدى. مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى ئۈمىدسزلەندىم. ئەمما، داۋاملىق توۋلاۋەردىم. كەچ كىرگەندە كىشىلەرنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەن بولسا كېرەك كىشىلەر تورتلىرىمنى بىر-ئىككىدىن ئېلىشقا باشلىدى. پەتنۇستىكى تورتلار ھەش-پەش دېگۈچە سېتىلىپ تۈگىدى. تۇنجى باشلىنىش ماڭا زور ئۈمىد ئاتا قىلدى. شۇنداق قىلىپ تۇنجى كۈنلۈك ۋەزىپەمنى ئۇرۇنلاپ بولدۇم.»
«قايىتقاندىن كېيىن بىر كۈنلۈك تاپاۋەتنى خۇجاينىغا تاپشۇردۇم. ئۇ سودامنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى، ھەمدە پايدىنىڭ ماڭا تېگىشلىك بولغان قىسمىنى بۆلۈپ بەردى. مەنمۇ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ئاخىرى مېنىڭمۇ پۇلۇم بولۇشقا باشلىدى. مەجىدنىڭ دېگىنى ناھايىتى توغرا ئىكەن. خوجايىنلار ئۆزلىرى ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىگەن قۇلللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىكەن. ئۇنىڭ سۆزى قىسمىتىمنى ئۆزگەرتتى. ئۇ كۈنى كەچتە زادىلا ئۇيقۇم كەلمىدى. ئۆز مۇۋەپىقىيىتىم ئۈچۈن تولىمۇ خۇشال بولدۇم. بىر يىلدا قانچىلىك پۇل يىغالايدىغانلىقىمنى، قانچىلىك ۋاقىتتا ئاندىن ئەركىنلىكىمنى سېتىۋالالايدىغانلىقىمنى ھېساپلاپ چىقتىم.»
«شۇنداق قىلىپ ھەر كۈنى بازارغا چىقىپ تورت ساتتىم. ناھايىتى تېزلا موقىم خېرىدارلىرىم بار بولدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بوۋاڭ ئاراد.گۇرامۇ بار ئىدى. مەن دەل شۇ ۋاقىتلاردا ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم بىلەن تونۇشقان ئىدىم. نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيدىغىنىمنى ئالدىرىماي سۆزلەپ بېرىمەن. ئۇ ۋاقىتتا ئۇ گىلەم سودىگىرى بولۇپ، گىلەملىرىنىڭ تولىسېنى ئايال خوجايىنلارغا سېتىپ بېرەتتى. ئۇ ھەمىشە گىلەم ئارتىلغان ئېشىكىگە مىنىپ نىگىر قۇلىنى ئەگەشتۈرۈپ گېلەم سودىسى  قىلاتتى، ئانچە باي بولمىسىمۇ، ئەمما ئەقىللىق سودىگەر ئىدى، ھەمىشە سودامغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇراتتى. ئۇ مەندىن سېتىۋالغان تورتنىڭ ئىككىسىنى ئۆزى يەپ، قالغان ئىككىسىنى نىگىر قۇلىغا بېرەتتى، ھەمىشە تورت يېگەچ مەن بىلەن پاراڭلىشاتتى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا شۇ ۋاقىتتىلا ئىككىمىز يېقىن دوستلارغا ئايلىنىپ قالغان ئىدۇق.»
«بۇۋاڭنىڭ: ‹يىگىت تورتۇڭنى تۇلىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم. مەن يەنە بۇ خىل تىجارەت شەكلىگىمۇ ناھايىتى قايىل بولدۇم. سېنىڭ بۇنداق ئالغا ئىلگىرلەش روھىڭ بولسىلا، كەلگۈسىدە جەزمەن زور مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسەن.› دېگەن بىر جۈملە سۆزى ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە»
«ئەينى ۋاقىتتا مەندەك ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قاباھەتلىك قىسمەتلىرى بىلەن كۆرەش قىلىپ قۇللۇق ئارا-نومۇسېنى يۇيۇشنى ئويلاۋاتقان مەندەك بىر قۇلغا بۇۋاڭنىڭ ئاشۇ سۆزلىرىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلەمسەن؟ ئۇنىڭ سۆزلىرى ماڭا ئىپادىلەپ بەرگۈسىز دەرىجىدە ئىلھام ئاتا قىلغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ ھامان بىر كۈنى بوۋاڭغا ئوخشاش ھۆر ئادەمگە ئايلىنىشقا بەل باغلىدىم.»
«كېيىنكى نەچچە ئايدا كۈن بويى جاپالىق ئىشلەپ توختىماي پۇل يىغىدىم، ھەميانىمدىكى پۇللارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. خۇددى مەجىد ئېيتقاندەك خىزمەت ئەڭ يېقىن دوستۇمغا ئايلاندى، ئۆزۈمنىڭ بارغانسېرى جۇشقۇنلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدىم. ئەمما، شىۋاسىد ئەندىشە قىلىپ: ‹خوجايىن ۋاقتىنى قىمار مەيدانىدا ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىمەن.› دەيتتى. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىدىم. بىراق، ئەينى ۋاقىتتا مەن خوجايىننى بالدۇرراق قىماردىن توسقان ياكى نەسىھەت قىلغان بولسام، بەلكىم قۇللۇقتىن بۇرۇنراق قوتۇلالىشىم مۇمكىن ئىدى.  ئاشۇ چاغدىكى بىپەرۋالىقىم مېنى يەنە بىر قېتىملىق ئېچىنىشلىق تەقدىرگە مۇپىتىلا قىلدى. بۇنى كېيىن ئالدىرىماي سۆزلەپ بېرىمەن.»
«ئەمدى ساڭا، مەجىدنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرەي. بىر كۈنى تورت سېتىۋاتقىنىمدا ئۇنى تاساددىپىي ئۇچرىتىپ تولىمۇ خۇشال بولۇپ كەتتىم. مەجىد سەي تۇشۇيدىغان ئېشەكتىن ئۈچنى يىتىلەپ بازارغا كىرگەن ئىكەن. ئۇ ماڭا: ‹خىزمەتنى ياخشى قىلغانلىقىم ئۈچۈن، خوجايىنىم ماڭا كۆپ ئىلتىپات قىلىدى، ھازىر ئىش بېشى بولدۇم. ئۇ يەنە ماڭا ئىشىنىپ مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تاپشۇردى، يەنە تېخى ئائىلەمدىكىلەر بىلەن جەم بۇلۇشىمغىمۇ رۇخسەت قىلدى. تىرىشىپ ئىشلەش قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشۇمغا ياردەم قىلدى. كەلگۈسىدە ئۇ  ئەركىنلىكىمنى قايتۇرىۋېلىشىمغا ياردەم بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە تىرىشىپ ئىشلىگەنلىكىم ئۈچۈن شەخسى مۈلۈكۈممۇ بار بولدى.› ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭغا ئوخشاش تىرىشىپ ئىشلەپ بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم ھەسسىلەپ ئاشتى.»


Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
442
تىللا
232
شۆھرەت
614
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 17:31:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلەنمىلىرى

تىرىشىپ ئىشلەش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىىشنىڭ بىردىنبرى ئۇسۇلى، شۇنداقلا پۇل تېپىشنىڭ ئەڭ توغرا يولى. پۇل تېپىشتا ئامەتكە تايىنىشقا بولمايدۇ، ئۇ سىزنى ۋاقىتلىق بايلىققىلا ئېرىشتۈرىدۇ ياكى بىر ئۆمۈر ئېچىنىشلىق تورمۇشقا مۇپتىلا قىلىدۇ. ئەمما، تىرىشىپ ئىشلىگەنلەر پۇل تاپالايدۇ. مانا بۇ تىرىشىپ ئىشلەش بىلەن ھورۇنلۇقنىڭ پەرقى.  
ئامەت قۇشى تىرىشىپ ئىشلىگەنلەرنىڭ بېشىغىلا قونىدۇ
«ئەمدى ساڭا خوجايىنىمنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ بېرەي. ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى، كېيىنكى بىر مەزگىلدە نانەيىد تورت سېتىشنى يىغىشتۇرۇپ دۇكانغا قايتىپ كېلىشىمنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ھەركۈنى قايتىپ كېلىشىمگىلا تاقەتسىزلەنگەن ھالدا تاپقان پۇللارنى ھېسابلاپ، ماڭا تېگىشلىكىنى بېرىۋېتەتتى ۋە ماڭا بازارنى كېڭەيتىپ، كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇشنى تەكىتلەيىتتى. ئەينى ۋاقىتتا بەلكىم خوجايىن سودىسېنى كېڭەيتىشكە ئالدىراپ كەتكەن ئوخشايدۇ، مەن پەقەت تىرىشىپ ئىشلەپ خۇجاينغا پۇل تېپىپ بىرىش بىلەن بىرگە ئازراق پۇل يىغىۋالساملا بولدى دەپ ئانچە كۆپ ئويلاپ كەتمەپتىكەنمەن.
شۇنىڭ بىلەن شەھەر سىرتىغا چىقىپ ئىش نازارەتچىلىرىگە تورت سېتىشقا باشلىدىم. دائىم كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئېچىنىشلىق مەنزىرىلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تورىدىغان بۇ نەس باسقۇر يەردىن قاتتىق نەپرەتلەنسەممۇ، ئەمما يەنىلا ئۇ ئىش باشلىرىغا قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتىم. چۈنكى ئۇلار ناھايىتى مەرد ئىدى. ھەيران قالارلىقى، بۇ يەردە يەنە بىر كىشى ‐‐‐ سابادنىڭ قىسمىتىنى كۆردۈم. تورت سېتىپ يۈرگەن بىر كۈنى ئۇ قۇللار ئارىسىدا خىش توشۇش ئۈچۈن ساقلاۋاتقان ھالەتتە كۆرۈپ ناھايتى ئېچىندىم ھەمدە بىر پارچە تورت بەردىم. ئۇ تاقەتسىزلەنگەن ھالدا تورتنى ئاغىزىغا تىقىپلا يالماپ يوتىۋەتتى. ئۇنىڭ ئېچىرقاپ كەتكەن ھالىتىنى كۆرۈپ تۇرۇشقا تاقەت قىلالماي، رەھمەت ئېيتىشىنى كۈتمەيلا ئۇيەردىن ئايرىلدىم. سېپىل تەرەپكە بېرىپ قۇل بولۇپ جاپالىق ئىشلەشمۇ كىشىنى ئۆلگۈدەك چارچىتىدۇ، ھورۇنلۇق بىلەن كۈن ئۆتكۈزسىڭىزمۇ ئوخشاشلا ئۆلۈپ كېتىسىز. مەن مەجىدنىڭ سۆزلىرىنىڭ ناھايىتى مول مەنتىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. خىزمەت مېنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇم، ئۇ مېنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلەردىن قۇتۇلۇشۇمغا ياردەم بېرىدۇ.
بىر كۈنى، بوۋاڭنى يەنە ئۇچرىتىپ قالدىم. شۇ كۈنى ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ‹يىگىت، نېمە ئۈچۈن بۇنداق جېنىڭنىڭ بارىچە ئىشلەيسەن؟› ئۇ خۇددى بۈگۈن سەن مەندىن سورىغانغا ئوخشاش سورىغان ئىدى. ئەمما، سەن بوۋاڭغا زادىلا ئوخشىمايسەن، ئۇ ناھايىتى تىرىشچان ئادەم ئىدى. مەن مەجىدنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردىم ھەمدە ھەميانىمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ پەخىرلەنگەن ھالدا كەلگۈسىدە ئۆز پۇلۇمغا تايىنىپ قايتا ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئارزۇيۇمنى ئېيتتىم.
ئۇ يەنە مەندىن: ‹ئەگەر بىر كۈنى قايتىدىن ئەركىنلىككە ئېرىشسەڭ، نېمە ئىش قىلىسەن؟ كەلگۈسىڭ توغرىسىدا قانداق پىلانلىرىڭ بار؟› دەپ سورىدى.
مەن ئۇنىڭغا: ‹ئەگەر قايتىدىن ئەركىنلىككە ئېرىشەلىسەم، تىجارەت قىلىمەن. باي بولۇپ كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىمەن، ئۆزۈمنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىمنى ئۆزگەرتىمەن.› دېدىم
بۇ ۋاقىتتا ئۇ ماڭا ھېچكىم ئويلاپ يېتەلمەيدىغان بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى. ئاڭلىساڭ سەنمۇ ھەيران قالىسەن، ئۇ ماڭا: ‹ئەمەلىيەتتە ھازىر مەنمۇ بىر قۇل، خوجايىن بىلەن ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىۋاتىمەن› دېدى.»
سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە خادان.گۇرا سارۇنىڭ گېپىنى ئۈزىۋەتتى ھەمدە ئېتىراز بىلدۈرۈپ: «توختاڭ، توختاپ قېلىڭ، بۇۋام ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلماڭ! جۆيلۈشلىرىڭىزنى ئەمدى ئاڭلىغۇم يوق. ئۇ قۇل ئەمەس، بۇنداق بۇلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس! ئۆلۈپ كەتكەن مەرھۇمغا ئۇنداق ھاقارەت قىلماڭ!» خادان سۆزلەۋاتقاندا كۆزلىرى غەزەپكە تولغان بولۇپ، سارۇ.نادانىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭغا غەلىتە بىلىنىپلا قالماي، يەنە غەزىپىنى كەلتۈرىۋەتكەن ئىدى.
«مەن بوۋاڭنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيمەن. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ بەخىتسىز قىسمەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، دەمەشىقنىڭ ئىسىل ئوغلانىغا ئايلاندى. ئەمما، ئۇنىڭ نەۋرىسى بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن، مۇشۇنچىلىك ھەقىقەتكىمۇ جاسارەت بىلەن يۈزلىنەلمەمسەن؟ ياكى پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتكىنىڭگە رازى بولۇپ ئۆتۈۋەرمەكچىمۇ؟ دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راسىت، بۇلارنى ماڭا بوۋاڭ ئۆز ئاغىزى بىلەن سۆزلەپ بەرگەن، تەڭرىنىڭ نامىدىن قەسەم قىلىپ بىرەلەيمەن.» دېدى سارۇ سالماقلىق بىلەن.
خادان تۆگە ئۈستىدە بېلىنى رۇسلاپ، كەيپىياتىنى سەل تۇراقلاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن: «بوۋام ھەممە ئادەم ھۆرمەت قىلىدىغان كىشى ئىدى، ئۇ ئۆمرىدە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلغان. سۈرىيىدە قەھەتچىلىك يۈز بەرگەندە، نۇرغۇن تىللا خەجلەپ مىسىردىن ئاشلىق سېتىۋېلىپ، دەمەشىقتىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئاچارچىلىقتىن قۇتقۇزىۋالغان. ئەمما، سىز ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلىپ بابىلوندا قۇل بولغان دەۋاتىسىز، ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرەلمەيۋاتىسىز، سىز مەرھۇمغىمۇ ھاقارەت قىلىدىغان تۆھمەتخور ئادەم ئىكەنسىز.» دېدى.
«ئەگەر ئۇ بابىلوندا قۇل بولۇشنى خالىغان بولسا، ئەلۋەتتە كىشىلەر تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغان، خۇددى ئەسكى داشقالدەك تاشلىۋېتىلگەن بولاتتى. بىراق، ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق دەمەشىقتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شەخىسكە  ئايلانغاندا، تەڭرى ئۇنى بەختسىزلىكتىن قۇتقۇزۇپ ئىززەت-ئىكرام ئاتا قىلىدى. ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق شۆھرەت قازاندى. شۇڭا ئۇ مەرتىۋە ۋە بايلىقتا، ھەممە ئادەمنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئەرزىيدۇ. قىلچە ھاقارەت قىلىش نىيىتىم يوق. پەقەت شۇ ۋاقىتتىكى ھەقىقى ئىشلارنىلا سۆزلەۋاتىمەن. ئەمما، بۇنى ئىسپاتلاشقا ئامالسىزمەن. چۈنكى سىلەر دەمەشىقلىق ئەمەس. ئۇ يەردىكى كىشىلەر بوۋاڭنىڭ قۇل بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ، بوۋاڭ شۇ سەۋەبتىنلا دەمەشىققە كەتكەن.» دېدى سارۇ.نادا.
خادان ئېغىز ئاچماستا سارۇ يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى: «ئۇ ماڭا يەنە ئەركىنلىككە ئېرىشىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى سېتىۋالالىغۇدەك پۇلى بولسىمۇ، ئەمما ھۆرلۈككە ئېرىشكەندىن كېيىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكىدىن، خوجايىننىڭ ئۇنى يەنە قوللىماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى شۇڭا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغانلىقىنى ئېيىتتى.  شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن باي تۇرۇپمۇ يەنىلا قۇل بۇلۇشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەن ئىدىم. ئەمەلىيەتتە، بۇمۇ نۇمۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەس، بايلىق مەلۇم مەنىدىن بىر ئادەمنىڭ مەرتىۋىسېنى بەلگىلىيەلەيدۇ. پەقەت ساناپ تۈگەتكۈسىز پۇللىرىڭ بولسىلا، قۇل بولساڭمۇ ئۇخشاشلا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلىشىڭ مۇمكىن.»
«بوۋاڭنىڭ نېمىگە ئىككىلىنىدىغانلىقىنى تازا چۈشىنەلمەي، ئۇنىڭغا مۇنداق تەكلىپ بەردىم: ‹ئەمدى خوجايىنىڭىزغا تايانماڭ. قايتىدىن ھۆر ئادەم بولۇڭ، ھۆرلۈكنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىڭ! ھۆر ئادەمگە ئوخشاش تىرىشىپ مۇۋەپىقيەت پۇرسىتى ئىزدەڭ. مۇقىم بىر نىشان تۇرغۇزۇرپ، تىرىشىپ ئىشلەپ نشانىڭىزنى ئۇرۇنداڭ!› ئۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى ھەمدە گۈزەل ئارزۇلار ئىلكىدە يېنىمدىن ئايرىلدى. كېيىن ئۇ ئۆزى تاپقان پۇللىرىغا ئەركىنلىكىنى قايتۇرىۋاپتۇ، خوجايىنى ئاۋالقىدەكلا ئۇنى قوللاپ بىرىپتۇ، سودىسىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىپتۇ. (قەدىمقى بابىلوندا قۇللارنىڭ بەزى ھوقۇقلىرى قانۇن ئارقىلىق قاتتىق قوغدىلاتتى. بۇخىل قانۇنلارنى ھازىرقى ئادەملەرمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ماددا بولۇپ، قۇللار مال-مۈلۈككە ئىگە بولسا، ھۆر ئادەملەر بىلەن توي قىلسا بولىدۇ. ئەگەر قىز تەرەپ ھۆر بولسا، يىگىت تەرەپنىڭ سالاھىيتىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھۆر ئادەم ھېسابلىنىدۇ دېيىلگەن. بابىلوندىكى نۇرغۇن سودىگەرلەر خوجايىنى بىلەن شىرىكلىشىپ سودا قىلىدىغان قۇللار ئىدى._ــــ تەرجىماندىن)»
«ئەمدى ساڭا يەنە بىرەيلەننىڭ يەنى، دېڭىز قاراقچسېنىڭ تەقدىرىنى سۆزلەپ بەرمىسەم بولمىدى. بىر كۈنى شەھەر قوۋىقى تەرەپتە تورت سېتىۋاتقىنىمدا، نۇرغۇن ئادەملارنىڭ يىغىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قىزىقىپ، بىر بوۋايدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدىم، ئۇ ماڭا: ‹تېخى ئاڭلىمىدىڭمۇ، بىر قۇل قېچىش ئۈچۈن، پادىشاھنىڭ بىر نەۋكىرىنى ئۆلتۈرىۋېتىپۇ. ئەمما، تۇتۇلۇپ قېلىپ سوتقا تاپشۇرۇلۇپتۇ. سوت ئۇنىڭغا قامچىلاپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بىرىپتۇ. ھۆكۈم مۇشۇ يەردە ئىجرا قىلىنغۇدەك. سەل تۇرۇپ پادىشاھ ئۆزى كېلىپ جازا ئىجرا قىلىش جەريانىنى كۆرىدىكەن.› دېدى. مەن تورتلىرىمنىڭ قىستاڭچىلىقتا ئىزىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ تېخى پۈتمىگەن سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، جازا مەيدانىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان  ئىنتايىن ياخشى ئورۇندىن بىرنى تاپتىم. شۇ چاغدا مەن پادىشاھ نىبوجانىسنى كۆرۈش شەرىپىگە مۇۋەپپەق بولدۇم. ئۇ ئالتۇن ھەللىك جەڭ ھارۋىسىدا ھەيۋەت بىلەن كېلىۋاتاتتى. پار-پۇر نۇر چاقنىتىپ تورىدىغان خانلىق تون، ئالتۇن كىمخاپ ۋە مامۇق بىلەن بېزەلگەن رەختلەر، بۇ مەن كۆرگەن ئەڭ ھەشەمەتلىك مەنزىرە ئىدى. بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم بېيىشنى ئارزۇ قىلماي قالمايدۇ. بۇ خىل كۆرۈنۈش ھەر قانداق ئادەمگە بايلىققا ئېرىشىشنىڭ پەخىرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ.
«ناھايىتى يىراق جايدىن قۇلنىڭ ئېچىنىشلىق ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان بولساممۇ، جازانىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئېنىق كۆەلمىدىم. ئۆزۈمنىڭ كۆزىگە پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. ئاشۇنداق باتۇر ۋە ئاليجاناپ كىشى، بۇنداق ئېچىنىشلىق مەنزىرىگە قانداق چىداپ تۇرالايدىغاندۇ؟ ئەمما، شاھ نىبوجانىس يېنىدىكى جازا ئىجرا قىلىش جەريانىنى كۆرۈش ئۈچۈن بىللە كەلگەن ئاقسۆڭەكلەرگە بىر نىملەرنى دەپ كۈلىشەتتى. شاھ نىبوجانىسنىڭ ياۋۇز خان ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئىنساپسىزلىق بىلەن قۇللارغا سېپىل ياسىتىدىغانلىقىنى ئاخىرى چۈشەندىم. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم بايلار ۋە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئىكەن.ئەمەلىيەتتە،شەھەردىكى زور كۆپ سانلىق نامرات پۇقرالار ئۈچۈن سېپىل سېلىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق.
بىچارە قۇل قامچىلاپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى ئېگىز تۈۋرۈككە ئېسىلىپ ئاممىغا ئىبرەت قىلىندى. كىشلەر تارقاپ كېتىشكەندىن كېيىن ئىختىيارسىز جازا مەيدانغا بېرىپ كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم، ئۇ قۇلنىڭ كۆكرىكىگە ئىككى تال يىلاننىڭ رەسىمى چىكىلگ‍ەن ئىدى. شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ دېڭىز قاراقچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. مانا بۇ دېڭىز قاراقچىسېنىڭ تەقدىرى. ئەگەر ئۇ ھېلىقى باشقۇرغۇچىنىڭ ئۆيىدە ياخشى ئىشلىگەن بولسا قاتتىق ئۇرۇلمايتتى. قېچىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. پەقەت ياخشى ئىشلىگەنلا بولسا قىسمەتلىرىنى ئۆزگەرتەلىگەن بولاتتى. ئەمما، ھازىر بەك كىچىكتى. ئۇنىڭ روھى ئاللىقاچان تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا كەتكەن ئىدى، ئۇ بارلىق ئارزۇلىرى، غەزەپ ۋە ئۆچمەنلىكلىرىنى ئېلىپ كەتتى، بۇ دۇنيا مانا مۇشۇنداق ئادالەتسىز. قۇللارنىڭ قىسمەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ خۇجايىنى ياكى خىزمىتىدىمۇ پەرقلەر بولىدۇ. ئويلاپ باق، تۆت قۇلنىڭ ئارىسىدىكى تىرىشىپ ئىشلىگەن ئىككىمىز ئامەت قۇشىنىڭ نەزىرىگە ئىلىندۇق. ئەمما، دېڭىز قاراقچىسى بىلەن ساباد بالدۇرلا ھاياتى بىلەن خوشلىشىپ، ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئاخىرلاشتۇردى.
بوۋاڭ ئاراد.گۇرا بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچراشقىنىمدا، ئۇ باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى. ئۇ قىزغىن ھالدا مەن بىلەن كۆررۈشكەندىن كېيىن ‹قارا، سەن تونۇيدىغان بۇ قۇل ھازىر ئەركىن ئادەمگە ئايلاندى. سېنىڭ سۆزلىرىڭ ئەپسۇنغىلا ئوخشايدىكەن ئەمەسمۇ؟ سودام كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ پايدىمۇ كۆپەيدى. ئايالىممۇ مەن ئۈچۈن پەخىرلىنىدۇ. ئۇ خۇجايىنىمنىڭ جىيەن قىزى ئىدى. ئۇنىڭ مەن بىلەن باشقا شەھەرگە كەتكۈسى بار ئىكەن. ئۇ يەردە كىشىلەر مېنىڭ قۇل ئىكەنلىكىمنى بىلمەيدۇ. بالىلىرىمىز ھۆر ئادەم بولىدۇ. ھازىر خىزمەت ئەڭ ياخشى دوستۇم ۋە ياردەمچىم بولۇپ قالدى، تىرىشىپ ئىشلەش ماڭا زور ئىشەنچ ئاتا قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سودىغا بولغان ئىشەنچىممۇ بارغانسېرى ئاشتى.› دېدى.
مەن شۇنداق ئەرزىمەس ئۇسۇل بىلەن ئۇنىڭ مەدەت ۋە ئىلھاملىرىغا جاۋاب قايتۇرغان ئىدىم. بىر كۈنى كەچتە شىۋاسىد غەمكىن ھالدا مېنى ئىزەپ كەپتۇ، ئۇ: ‹خۇجايىنىڭىز چوڭ ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ قايغۇرىۋاتىمەن. ئۇ نەچچە ئاي ئىلگىرى قىمار مەيدانىدا پۇللىرىنى ئۇتتۇرىۋېتىپ، تېرىقچىلارغا ئاشلىق ۋە ھەسەلنىڭ پۇلىنى بېرەلمەپتۇ. قەرىز ئىگىلىرىگىمۇ بەرگۈدەك پۇلى قالماپتۇ. ئۇلار قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭغا تەھتىد ساپتۇ.› دېدى.»
«مەن كۆپ ئويلاپ كەتمەيلا، ئۇنىڭغا: ‹نېمە ئۈچۈن خۇجايىنىىڭ ھاماقەتلىكىگە ئۇنچە قايغۇرۇپ كەتتىڭىز؟! ئۇ دېگەن خۇجايىن تۇرسا بىز نېمە قىلالايتتۇق؟ ئۇنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغۇدەك ھوقۇقىمىز يوق.› دەپتىمەن.»
« شىۋاسىد سۆزۈمنى ئاڭلاپ مېنى تىللاپ كەتتى: ‹ھاماقەت، كالۋا، ئەجىبا سەن خۇجايىنىڭنىڭ قۇلى ئىكەنلىكىڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ سەن دېگەن خۇجايىننىڭ مۈلىكى، خۇجايىن سېنى گۆرۆگە قويۇپ قەرىز ئالىدۇ، سېنى خالىغانچە سېتىۋەتسە بولىدۇ. نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىمغۇ، ئۇ ناھايىتى ياخشى خۇجايىن ئىدى، نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىش يۈز بېرىدىغاندۇ؟›»  
«شىۋاسىدنىڭ قايغۇسى مېنى تېزلا پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. ئىككىنچى كۈنى بولكا پىشۇرىۋاتقىنىمدا، بىر قەرىز ئىگىسى ساھى ئىسىملىك بىرىنى باشلاپ كەپتۇ. ئۇ ماڭا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن، باش لىڭشىتىپ قويدى.»
«شۇنداق قىلىپ خۇجايىنىم كەلمەستە، ساھى مېنى ئېلىپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتا پەقەت بىر خالاتلا كىيىۋالغان ئىدىم، خالاتنىڭ يانچۇقىدا لىق پۇل بار ئىدى. تېخى پىشىپ بولالمىغان بولكىنىمۇ شۇ پېتى قويۇپ قۇيۇپ ئالدىراش يولغا چىقتىم.»
«نېمىدىگەن بەخىتسىزلىك، تۈزگەن پىلانلىرىم، ئارزۇ ئارمانىلىرم... ھەممىسى كۆپۈككە ئايلاندى. خۇددى سۇدىن ئېلىپ ئوتقا تاشلانغاندەكلا بولۇپ كەتتىم. مەن يەنە بىر قېتىم قىمارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، تەقدىر قىسمەتنىڭ قاپقىنىغا چۈشكەن ئىدىم. نەگە، قەيەرگە بارىدىغانلىقىمنى، قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىممۇ ماڭا قاراڭغۇ ئىدى. ئەمما، ياخشى ئىشلىسەملا مەيلى قەيەردە بولماي قىسمەتلىرىمىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم. ئەنە شۇنداق خىياللار ئىلكىدە خۇجايىننىڭ ئۆيىدىن ئايرىلدىم.»


ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلەنمىسى

تىرىشىپ ئىشلىگەن ئادەم چۇقۇم ئامەت قۇشىنىڭ ئىلتىپاتىغا نائىل بولۇپ، كىشىىك ھاياتتا ئۇتۇپ چىقالايدۇ. ھورۇن ئادەملەر ئامەت قۇشىنىڭ قاناتىلىرىغا سۈركېلىپلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. تىرىشچان ئادەم بولۇڭ! كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئامەت قۇشى ئۇچۇپ كەلگەندە، ئەسلىدە ئۆزىڭىزنىڭ بايلىق پادىشاھلىقى «بابىلون»دىكى ئەڭ تەلەيلىك ئاشۇ ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بايقايسىز.
بېييىشنىڭ ھەقىقى مەخپىيىتى ‐‐‐ تىرىشىپ ئىشلەش  
«ساھى بىلەن پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىر ئەخمەق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. بابىلون شەھرىدىن چىقىۋاتقاندا ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ياخشى قۇل ئىكەنلىكىمنى، نانەيدكە قانداق تىرىشىپ ئىشلەپ بەرگىنىمنى، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ياخشى ئىشلەپ بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئەمما، ئۇ مېنىڭ سۆزلىرىمگە قىلچىمۇ پىسەنت قىلىپ قويمىدى. پەقەت: ‹خۇجايىنىم مېنى ئىش بېشى قىلىپ تەيىنلەپ، كۆپرەك قۇل سېتىۋېلىپ پادىشاھ خۇجايىنىمغا تاپشۇرغان بۈيۈك قانالنى قېزىش ۋەزىپىسېنى تېزراق تاماملىمىسام بولمايدۇ. بىراق ئۇنداق زور قۇرلۇشنى شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قانداق تاماملاپ بولغىلى بولسۇن!› دەپ خۇرسىندى.»
«ئادەم ئايىغى باسمىغان ئۇ قۇملۇقتا چاتقالدىن باشقا ھېچنىمە يوق. ئوتتەك رەھىمسىز قۇياش تەپتىدىن چۆگۈندىكى سۇمۇ قايناپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ. ئىچەي دېسەڭمۇ ئىچەلمەيسەن. قۇللار بىر سەپ بولۇپ ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئىشلەيدۇ، ئەزەلدىن ئارام ئالمايدۇ. ئۇلار چوڭقۇر خەندەكتىن تۇپا كولاپ توسمىغا توشۇيدۇ.»

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
442
تىللا
232
شۆھرەت
614
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 17:33:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قۇللار يەيدىغان يېمەكلىك چوشقا ئوقۇرىغا ئوخشاش ئۇزۇن ساندۇققا قاچىلانغان. ئۇلارنىڭ ياتىدىغان يېرى يوق. كېچىنى قۇملۇقتا ئۆتكۈزىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى خىزمەت مۇھىتىنى ھەرگىزمۇ تەسەۋۋرۇ قىلالمايسەن. مەن يىغقان پۇللىرىمنى بىر يەرگە كۆمۈپ تاپالماي قالماسلىقىم ئۈچۈن بەلگە قىلىپ قويدۇم.»
«ئىش باشلىنىشتا ناھايىتى تىرىشچانلىق ۋە قىزغىنلىق بىلەن ئىشقا كىرىشىپ كەتتىم. ئەمما نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئىرادەم گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشكە باشلىدى. بەدىنىم ئەزەلدىن ئۇرۇق ۋە ئاجىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىزىك بىلەن يۇقۇملىنىپ ھېچنەرسە يېيەلمىدىم. كۆكتات ۋە گۆشلەرنى يېيىشتىن ئەسلا ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى. كەچ كىرگەندە ئويقۇم كەلمەي ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ ياتاتتىم.»
«بۇ ئېچىنىشلىق قىسمەتلەر ماڭا سابادنىڭ، ‹تىرىشىپ ئىشلىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا بەل سۇنۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.› دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلەتتى. ئەمما، يەنىلا سابادنىڭ بۇ قارىشىغا قۇشۇلمايتتىم. مەنچە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى چارىسى ئەمەس ئىدى.»
«بىردىنلا دېڭىز قاراقچىسېنىڭ پاجىئەلىك كۆرۈنۈشى كۆز ئالدىمغا كەپقالدى. ئەجىبا ئۇنىڭغا ئوخشاش قارشىلىشىپ ئۆلۈپ كېتەمدىم؟ دېڭىز قاراقچىسىغا قامچىلاپ ئۆلتۈرش جازاسى بېرىلگەن ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئېچىنىشلىق چىرقىراش، بەدىنىدىن ئاققان قىپقىزىل قانلاردىن ئۇنىڭ ئۇسۇلىنىمۇ ئويلاپ كۆرۈشكە بولمايتتى.»
«ئەڭ ئاخىردا مەجىد خىيالىمدىن كەچتى. بىر جۈپ قولىنى قېلىن قاداقلار قاپلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئىللىق تەبەسسۇمى ۋە رازىمەنلىك كەيپىياتىدىن قوللانغان ئۇسۇلنىڭ توغرا ئىكەنلىكى چىقىپ تۇررتتى.»
«مەجىد ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان ئادەم بولسىمۇ، ماڭا ئوخشاش جېنىنىڭ بارىچە ئىشلەپ باقمىغاندۇ!»
«نېمە ئۈچۈن ئوخشاشلا جاپالىق ئىشلەپ تۇرۇپ مەجىدنىڭ ئېرىشكىنى مۇۋەپپەقىيەت ۋە بەخىت بولىدۇ. ئەمما مېنىڭ ئېرىشكىنىم ئازاپ-ئۇقۇبەت ۋە دەرد-ئەلەم بولىدۇ. ئەجىبا مەن تەڭرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە ئېرىشەلمەسمەنمۇ؟ بۇ ئادىمىزاتسىز قاقاس چۆلدە شۇنچە تىرىشىپ ئىشلەپ تۇرۇپ، ئارزۇ قىلغان بەخىت ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە مەڭگۈ يىتەلمەي ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ؟ خىياللار يۈرىكىمنى تىلغايتتى. نېرۋىلىرىم قالايمىغانلىشىپ، بۇنىڭغا جاۋاپ تاپالمايتتى. ماڭا ھەمراھ بولىدىغىنى گاڭگىراش ۋە قايغۇدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.»
«نەچچە كۈن چىداپ ئىشلىدىم. بەرداشلىق بىرىش ئىقتىدارىم ئاخىرقى چەككە بېرىپ قالاي دېگەن ئىدى. ئەمما، سۇئاللىرىمغا جاۋاب تاپالمىغان ئىدىم. مەجىدنىڭ ئۇسۇلىدىن ئۈمىد ئۈزەي دەپ تۇرغاندا، ساھى مېنى تېپىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىپتۇ. كەلگەن ئادەەمنىڭ ئېيتىشىچە، بىر خۇجايىن  مېنى بابىلونغا قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن ئالاقىچى ئەۋەتىپتۇدەك. مەن پۇللىرىمنى كۆمۈپ قويغان يەردىن كولاپ چىقىرىپ، ئەسكى خالىتىمنى كىيىپ ئالاقىچى بىلەن بابىلونغا قايتتىم.»
«قىزىتمام ئۆرلەپ كەتكەچكە، يول بۇيى شامالدا ئۇچۇپ چۈشكەن بىر پارچە يۇپۇرماققا ئوخشاپ قالغان ھاياتىمدىكى بەخىتسىزلىكلەرنىلا ئويلاپ چىقتىم. ئۇ ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈش خۇددى يۇرتۇمدىكى بىر كوپىلىيت قۇشاققلا ئوخشايىتتى:
بولۇپ قۇيۇن تەتۈر پەلەك،
قارا يامغۇر بىرلە يالماپ كەتمەك.
مەنزىلگاھ قاياندۇر يېتەلمەس ھېچكىم،
نە بۇلۇر ئاقىۋەت بىلەلمەس ھېچكىم.»
«كېيىن يەنە قانداق قىسمەتلەر مېنى كۈتۈپ، قانچىلىك ئۈمىدسىزلىنىشلەرنىڭ تەمىنى تېتىيدىغانلىقىمنى بىلگىلى بولمايتتى. ‹كەلگۈسى›دېگەن بۇ ئۇقۇم ئەمدى مەن ئۈچۈن يات بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قانداق يۈزلىنىشىممۇ نامەلۇم ئىدى. جاپالىق ئىشلەش ماڭا زادى نېمە ئېلىپ كەلدى؟»  
«بىز خۇجايىننىڭ ھويلىسىغا كىرگەندە، ھاڭ-تاڭ قالدىم. خۇجايىنىمنىڭ كىملىكىنى پەرەز قىلالماسلىقىڭ مۇمكىن. ئۇ دەل سېنىڭ بۇۋاڭ ئاراد.گۇرا بولۇپ، ھويلىدا مېنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن. ئو كېلىپ يۈك-تاقلىرىمنى چۈشۈردى ھەمدە خۇددى نەچچە يىل كۆرۈشمىگەن قېرىندىشىنى كۆرگەندەك مېنى چىڭ قۇچاقلىدى.»
«ئۆيگە كىرىدىغان ۋاقىتتا، مەن قۇلغا ئوخشاش ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كىرمەكچى بولدۇم. ئەمما، ئۇ رەت قىلدى ھەمدە مۆرەمدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ سۆز باشلىدى: ‹سېنى ئىزەپ بارمىغان يېرىم قالمىدى. سەندىن ئۈمىد ئۈزەي دەپ يۈرگەن ۋاقتىمدا، شىۋاسىدنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ ماڭا خۇجايىنىڭنىڭ قەرىز ئىگىسېنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەردى، قەرىز ئىگىسىىدىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق سېنى سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەتكەن ھېلىقى كىشىنى تاپتىم. سېنىڭ يېڭى خۇجايىنىڭ مەن بىلەن ئۇزۇن باھا تالاشتى، نۇرغۇن پۇل خەجلىدىم. ئەمما  سەن ئۈچۈن قانچىلىك پۇل خەجلىسەممۇ ئەرزىيدۇ. چۈنكى سېنىڭ ھاياتقا بولغان قارىشىڭ، ئىلگىرلەش روھىڭ، ماڭا زور ئىلھام بولدى. شۇنداق بولغاچقىلا بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىدىم. سەندەك دوستۇمنىڭ بولغانلىقىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن! ›»
« مەن ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتتىم: ‹ئۇ مەجىدنىڭ كىشلىك تۇرمۇش پەلسەپىسى، مىنىڭ ئەمەس.›»
«‹مەجىد بىلەن ئىككىڭلارنىڭ تۇرمۇش پەلسەپىسى. ئىككىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. ھازىر ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ دەمەشىققە كەتمەكچى، شېرىكىم بولۇشىڭنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن. سەنمۇ كەلگۈسىدە ھۆر ئادەمگە ئايلىنىسەن.› ئۇ سۆزلىگەچ تونى ئىچىدىن ئىسمىم ئويۇلغان بىر پارچە سېغىز كېسەكنى چىقىرىپ: ‹بۇ قۇللۇققا ۋەكىللىك قىلىدىغان تاختاي، مەن ئۇنى ۋەيران قىلىۋېتىمەن› دېدى. ھەمدە بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ يەرگە قاتتىق تاشلىدى. سېغىز پارچىسى پارە-پارە بولۇپ كەتتى. ئۇ يەنە بولدى قىلماي سېغىز پارچىلىرىنى يانچىپ توپىغا ئايلاندۇرىۋەتتى. مانا شۇنداق قىلىپ ئەھۋالىمدا ئاخىرى ئۆزگىرىش بولدى. مەن قۇللۇق ئىسكەنجىسىدىن ئۈزۈل-كىسىل قۇتۇلۇپ، قايتىدىن ھۆر ئادەمگە ئايلاندىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى بوۋاڭنىڭ ئىلتىپاتى. ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە ناھايىتى ئۇلۇغ ئادەم. ئۇ ئۆمرىدە كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلدى. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەيدۇ. »
«ھاياجاندىن كۆزلىرىم نەملەشتى. شۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمنىڭ بابىلوندىكى ئەڭ تەلەيلىك ئادەم ئىكەنلىكىمنى چۈشەنگەن ئىدىم.»
«ئەڭ جاپا تارتقان ۋاقىتلاردا، يەنىلا تىرىشىپ ئىشلەش مېنىڭ يېقىن دوستۇم بولۇپ، قانال ياساشتىن ئىبارەت كۈلپەتلىك قىسمىتىمنى ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بوۋاڭنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتۈردى. تىرىشىپ ئىشلىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى قۇتقۇزىۋالدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ بوۋاڭنىڭ سودىدىكى يېقىن ھەمراھى بولۇپ قالدىم.»
خادان.گۇرا قىزىقىپ سورىدى : «بوۋامنىڭ بېيىشتىكى مەخپىيەتلىكى پەقەت تىرىشىپ ئىشلەشلىما؟»  
سارۇ كەسكىن ھالدا: «بوۋاڭنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندىن باشلاپ، بېيىشتىكى مەخپىيىتىنىڭ تىرىشپ ئىشلەش ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدىم. بوۋاڭ تولىمۇ تىرىشچان، خىزمەتنى قىزغىن سۆيىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى تەڭرىنىمۇ تەسىرلەندۈرگەچكە، ئۇنىڭغا سېخىيلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇردى!» دېدى.
خادان چۈشتىن ئويغانغاندەك بولدى ھەمدە: «ئەمدى بىلدىم، تىرىشىپ ئىشلەش بىر نىيەتتتىكى كىشىلەرنى جەلىپ قىلىپ، شىرىكى ۋە ھەمراھىغا ياكى دوستىغا ئايلاندۇرۇپتۇ، ئۇ ئاشۇ دوستى ۋە ھەمراھلىرىنىڭ ياردىمىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپتۇ. تىرىشىپ ئىشلەش بوۋامنى دەمەشىقتە چەكسىز شان-شەرەپكە ۋە ھۆرمەتكە ئىگە قىپتۇ، قىسقىسى، ئۇنى بارلىق ئارزۇلىىرىغا يەتكۈزۈپتۇ. تىرىشىپ ئىشلەش قۇللارنىڭ ئىشى دەپ قاراپ، بەك ئەقىلسىزلىق قىپتىمەن.» دېدى
سارۇ خۇشال بولغان ھالدا: «ھاياتلىقتا نۇرغۇن ھۇزۇر-ھالاۋەتلەر بەھىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ. ئەلۋەتتە، ھۇزۇرلىنىش كېرەك. مەن ناھايىتى خۇشال. ئىشلەش  قۇللارنىڭلا ھوزۇرى بولۇپ قالغان بولسا ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شادلىقلىرىمۇ بولمىغان بولاتتى. ئەمەلىيەتتە، باشقا ھوزۇ-ھالۋەتلەردىنمۇ بەھىرلىنىمەن. بىراق، ھەرقانداق بەھىرلىنىش تىرىشىپ ئىشلەش ئېلىپ كەلگەن رازىمەنلىك تۇيغۇسېنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ!» دېدى.
بۇ ۋاقىتتا، سارۇ.نادا بىلەن خادان.گۇرا بابىلون شەھەر سېپىلىنىڭ يېنىغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئۇلار توختىماي ئىلگىىرلەپ مىستىن ياسالغان غايەت زور شەھەر قۇۋىقىدىن ئۆتىۋاتقاندا شەھەر سېپىلىىدىكى مۇھاپىزەتچى لەشكەرلەر قىياپىتىنى رۇسلاپ دىققەتتە تۇرۇشتى. شۇ دەقىقىلەردە ئۇلار شەرەپ بىلەن بابىلوندىكى داڭلىق شەخىسكە ھۆرمەت بىلدۈرۈۋاتقاندەك قىلاتتى. سارۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، پەخىرلەنگەن ھالدا ھەيۋەتلىك سودا كارۋىننى باشلاپ شەھەرگە كىرىپ كەتتى.»
خادان.گۇرا سارۇ.ناداغا ئاستاغىنە: «ئىزچىل ئاتامدەك داڭلىق شەخىس بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدىم. ئىلگىرى ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەي يۈرۈپتىمەن. دادامنىڭ ھېكايىسېنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇۋامغا تېخىمۇ قايىل بولدۇم. مەنمۇ بوۋامنى ئۆلگە قىلىپ ئۇنىڭغا ئوخشاش داڭلىق شەخىسكە ئايلىنىمەن. ماڭا بوۋامنىڭ بېيىش مەخپىيەتلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن شەپقىتىڭىزگە ئۆمۈر بويى جاۋاپ قايتۇرۇپ بولالماسلىقىم مۇمكىن. بۈگۈندىن باشلاپ، مېنىڭ ھاياتىم خۇددى بوۋامغا ئوخشاش جاپالىق ئىشلەش بىلەن ئۆتىدۇ. ئشىنى كىچىكتىن باشلايمەن. بۇ سالاھىيتىمنى مەرۋايىتلارنى تاقىغىنىمدىن، رەڭدار ئېسىل كىيىملەرنى كىيگىنىمدىنمۇ بەكرەك ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.» دېدى.
«خادان.گۇرا سۆزلىگەچ قولىقىدىكى چاكىنا ھالقا، بارماقلىرىدىكى قىممەت باھالىق ئۈزۈكلەرنى ئېلىۋەتتى. ئاندىن ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتىپ بىر قەدەم كەينىگە چىكىندى ۋە چەكسىز ھۆرمەت بىلەن، كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان سودا كارۋىنىنىڭ سەركىسى سارۇ.ناداغا ئەگىشىپ ئالغا قاراپ ئىلگىرلىدى.»
«كېيىنكى ئەھۋاللارنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ، بۇ نادان، ھورۇن ياش بوۋىسىدىن قالغان مۇۋەپپەقىيەت مەخپىيىتىگە ئاساسەن، تېزلا كشىلىك تورمۇش كۆرىشىنى باشلىۋەتتى. ئۇ بوۋىسى ئاراد.گۇرانىڭ ئېسىل پەزىلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، ئۇلاردىن قېلىشمىغۇدەك بايلىق ياراتتى.


ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلەنمىسى

تېرىشچان ئېسىل پەزىلەتلىك كىشى، چۇقۇم بىر زەردارغا ئايلىنالايدۇ. چۇنكى، تىرىشچانلىق بېيىشنىڭ ھەقىقى مەخپىيىتى. تىرىشىپ ئىشلە! بىر كۈنلەردە بايلىق سارىيىڭنىڭ ئۆگىزىسىگە چىقىپ پەسكە قارىغىنىڭدا  تىرىشىپ ئىشلەشنىڭ بېيىشنىڭ ھەقىقى مەخپىيىتى ئىكەنلىكىنى بايقايسەن.



مەخپىي سۈزۈندىلەر

1. قۇل بولساڭمۇ، تىرىشىپ ئىشلىسەڭ كۈنلىرىڭ ياخشى ئۆتىدۇ، خۇجايىن تىرىشىپ ئىشلىگەن قۇلنى ئۆلتۈرىۋەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ياقتۇرىدىغىنى تىرىشىپ ئىشلەيدىغان قۇل. شۇڭا ئۇلار بۇنداق قۇللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ.
2. ھورۇنلۇق قىلما، خىزمىتىڭنى قىزغىن سۆيۈپ، تېخىمۇ ياخشى ئىشلە. چۈنكى، خىزمەت ئەڭ ياخشى دوست. تىرىشىپ ئىشلەش سېنى گۈزەل نەرسىلەرگە، ئېرىشمەكچى بولغان بارلىق نەرسىلەرگە ئىگە قىلىدۇ.
3. خىزمىتىڭنى قىزغىن سۆي، شۇنداق قىلساڭلا بەخىت قۇشى سەندىن ئەگىپ كېتەلمەيدۇ، ئۇ سېنى كۈلپەتلىك قىسمەتلەردىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
4. ياخشى ئىشلىسەڭ ۋە باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە ياردەم بەرسەڭ، چوقۇم تېخىمۇ ئۆزگىچە، تېخىمۇ ئامەتلىك كىشىگە ئايلىنىسەن. چۈنكى، دۇنيادا تىرىشىپ ئىشلەشتىنمۇ ياخشى دوست بولمىسا كېرەك.
5. ھەرقانداق بايلىق جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق ئاز-ئازدىن ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. تىرىشىپ ئىشلىگەنسېرى، ئېرىشكەن بايلىقىڭ شۇنچە كۆپىيىدۇ. نۇرغۇن بايلىققا ئىگە زەردارغا ئايلىنىسەن.
6. ئامەت قۇشى پەقەت تىرىشىپ ئىشلىگەن ئادەملەرنىڭ بېشىغىلا قونىدۇ. خىزمەتتىن بىزار بولغان ۋە ئىشلەشكە سەل قارايدىغان ئادەملەر تەتۈر پەلەكنىڭ دىشۋارچىلىقىغا يولۇقۇپ، ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
7. تىرىشچان ۋە ئەمگەكتىن بەھرىمەن بولۇشنى بىلىدىغان ئادەمگە تەڭرى ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. يەنە ئۇنىڭغا سىېخلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ.

مەنبە: مىسرانىم
ئېنگلىزچىسى لازىملار بۇ يەردىن چۈشۈرىۋېلىڭلار: http://www.ccsales.com/the_richest_man_in_babylon.pdf
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tahirbeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-24 17:36  

سەھىپە باشلىقى

كۆلتېكىن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تۆھپە
383
تىللا
746
شۆھرەت
813

تىرىشچان پىداكار ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 17:34:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلىۋېلىپ ئالدىرماي ۋاقىت چىقىرىرىپ ئۇقاي جۇمۇ ناھايىتى ياخشى ئەسەردەك قىلىدۇ

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
442
تىللا
232
شۆھرەت
614
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 17:38:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ داۋامىمۇ ئەمەسمۇ بىلمىدىم، ئاپتور مەنبەگە يوللاپ قويۇپتۇ قىزىقساڭلار كۆرۈڭلار

ئۈچىنچى باب

ئىگىلىك باشقۇرۇشنىڭ مەخپىيتى — پۇلنىڭ قۇشۇلما قىممىتىنى قانداق ئاشۇرۇش
گۆرۆ ساندۇقۇمدىكى ئۇ ھىكايىلەرنى ئېسىڭدە چىڭ ساقلا: ھەميانىڭدىن بىر تىللا چىقىرىشتىن ئاۋۋال، ئەڭ ياخشىسى چىقارغان تىللا بىخەتەر قايتىپ كېلەلەمدۇ-يوق ئوبدان ئويلان. چۈنكى مەبلەغ بىخەتەر سېلىنغان ئەھۋال ئاستىدىلا ساڭا ئەڭ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن پۇللىرىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.  

باب يېتەكچىسى  
ھەممە ئادەم بايلىقنى ئارزۇ قىلىدۇ. چۈنكى بايلىق بولغاندىلا قىيىن تۇرمۇش شارائىتلىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؛ بايلىق بولغاندىلا ھاياتلىق مەئىشەتلىرىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ؛ بايلىلقنىڭ كۈچىگە سال قارىغىلى بولمايدۇ. بايلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنى قانداق باشقۇرۇش كېرەك؟ بەتخەجلىك بىلەن ھاياتتىن قانغۇچە ھوزۇرلىنامدۇق ياكى تۆمۈر خۇرازغا ئوخشاش پۇللىرىمىىزنى يۇشۇرۇپ قويۇپ نامراتلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر دۆۋە ئالتۇننى قۇچاقلاپ ئاچ پېتى ئۆلۈپ كېتەمدۇق؟ بۇ ھەقتە لۇداننىڭ ھېكايىسى سىزگە زور ئىلھام ئاتا قىلىدۇ.
پۇلغا ئىگە بولغاندىن كېيىنكى گاڭگىراش
بابىلوندا كۆزگە كۆرۈنگەن تىغ ياسايدىغان ھۆنەرۋەن لۇدان خان سارىيى ئالدىدىكى كەڭ يولدا خۇشال ھالدا كېتىپ باراتتى. ئۇ بايىلا ياسىغان تىغنى پادىشاھقا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى. بۇ خىل يېڭى تىپتىكى تىغنى ئۆزى ياسىغان بولۇپ، پادىشاھ ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغاچقا، خۇشاللىقىدىن 50 تىللا ئىنئام قىلىۋەتكەن ئىدى. ساپ ساق 50 تىللا! ئۇ ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ تومپايغان ھەمياننى سىلاپ، خۇشاللىقىدىن بۆكىنى ئاسمانغا ئېتىشقا تاسلا قالدى، ئۇ ئەزەلدىن بۇنچە كۆپ تىللانى تۇتۇپ باقمىغان ئىدى. ئۇ مەردانە قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلىمەكتە ئىدى. ھەر قەدىمىدە، ھەمياندىكى تىللالار شارقلاپ ئاۋاز چىقىراتتى. ئۇ بۇ ئۆمرىدە ئاڭلىغان ئەڭ يېقىملىق مۇزىكا. ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن بايلىققا ئىگە بولۇش تەسۋىرلىگۈسىز خۇشاللىق ئىش. ئەلۋەتتە، لۇدانمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. 50 تىللا! بۇ پۈتۈنلەي ئۆزىگە تەئەللۇق ئالتۇن. ئۇ بۇنىڭ راستلىقىغا، ئۇزىنىڭ شۇنچىلىك ئامەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە پېتىنالمايتتى. بۇنچە كۆپ ئالتۇن ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم-ھە! بۇ بايلىق بىلەن ئۇ ئېرىشمەكچى بولغانلىرىنى سېتىۋالالايدۇ، كاتتا ئۆي، بىر پارچە زېمىن، بىر توپ مال-چارۋا يەنە تېخى نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان جەڭ ھارۋىسى... ئۇ ھەممىگە ئىگە بولالايتتى! لۇدان گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئويلاپ قەلبى ھاياجانغا تولدى. ھەمدە ئالدى بىلەن بۇ خۇشاللىقنى ھەدىسىگە ئېيتماقچى بولدى.
بۇ تىللالارنى زادى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟ شۇ كۈنى كەچتە ئۇ ھەدىسېنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان يولدا كېتىۋاتاتتى، خىيالىدا پارقىراپ تۇرغان ئالتۇنلاردىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى،  ئالتۇندىن باشقا ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مۇھىم ئەمەستەك بىلىنەتتى. ئەمما، كۆڭلىدە ئالتۇنلارنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىىدا ئېنىق بىر پىلان يوق ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم شۇنچە كۆپ ئالتۇنغا ئېرىشىشى بولغاچقا  تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئامەت ئۇنى گاڭگىرىتىپ قويغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ بۇ ئالتۇنلارنى تېزراق خەجلىۋېتىشنى ئويلايىتتى.  
ئەمما، نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىنكى قاش قارايغان ۋاقىت لۇداننى غەم-ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ئۇ يەنە قايتا شادلىنالمىدى. ئۇ بۇ پۇللارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى زادىلا ئويلاپ يېتەلمىدى. خەجلىۋىتەي دېسە، پۇللىرىنىڭ ئىسسىراپ بولۇپ كېتىشىگە كۆزى قىيمىدى. قانداقلا بولمىسۇن ئالتۇن ئۇنىڭ نەچچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكى نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەرخىل تەكلىپلەرنى بېرىشتى. ئەمما، ئۇلارنى ئىشەنىچلىك ئەمەس دەپ قارىدى. ھەدىسىمۇ ئۇنى ئۆزىنىڭ يولدىشىغا بىرەر ئىشقا مەبلەغ سېلىپ بىرىشكە رىغبەتلەندۈردى. ئۇ نېمە قىلىشنى بىلەلمەيلا قالغان ئىدى. ئۇ ئامالسىز كەسپىي ئەھلىلىرىدىن تەلىم ئېلىشنى ئويلاشتى. ئۇنىڭچە مۇشۇنداق قىللغاندا بۇ پۇللارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا چوڭ ياردىمى بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ غەمكىن ھالدا ماسسوننىڭ سارىيىغا كىرىپ كەلدى. ماسسون بابىلوندىكى داڭلىق سەررەپ بولۇپ گۆھەر ۋە يىپەك سودىسىمۇ قىلاتتى. لۇدان سارايغا تىزىلغان چىرايلىق ماللارغا قاراپمۇ قويماي، قۇبۇل قىلىش ئورنىدىن ئۆتۈپ ئۇدۇل ساراينىڭ ئەڭ ئىچكىرىكى خانىسىغا كىردى. خانىدا گىلەم ئۈستىدە قىيسىيىپ ئولتۇرغان ماسسون نېگىر قۇل ئېلىپ كەلگەن ئېسىل يېمەكلىكلەردىن ھوزۇرلىنىۋاتاتتى.  
لۇدان نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي بىر ئاز تۇرۇپ قالدى. ئاندىن ئامالسىز قىياپەتتە مۇنداق دېدى: «مەن بىر ئاۋارىچىلققا يولۇقتۇم. بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى زادىلا بىلەلمەي سېلىدىن تەلىم ئالاي دەپ كەلدىم. قانداقلا بولمىسۇن سېلى مۇشۇ ساھەدىكى كەسىپ ئىگىسى.»
ماسسون سالاملىشىش تەرەددۇدىدا ئورۇقراق كەلگەن سېرىق چىرايىغا دوستانە كۈلكە يۈگۈرتتى. ئاندىن ئۇنىڭغا: «مەندەك سەرراپنى ئىزدەپ كەلگۈدەك  زادى نېمە ئىش قىلىپ قويدۇڭ؟ قىمار مەيدانىدا تەلىيىڭ ئوڭدىن كەلمىگەن ئوخشىمامدۇ؟ چىرايلىق بىر نازىنىنغا مەپتۇن بولوپ قالمىغانسەن؟! سېنى ئوبدان چۈشىنىمەن، تۇنۇشقىنىمىزغا شۇنچە ئۇزۇن يىل بوپتۇ، ئەزەلدىن يېنىمغا ياردەم سوراپ كېلىپ باقمىغان ئىدىڭ. سەن چوقۇم چوڭ مەسىلىگە دۇچ  كەلگەن ئوخشايسەن.» دېدى.
«ياق! ياق! ئۇنداق ئىش يوق، سېلىدىن پۇل سوراپ كەلگىنىممۇ يوق. پەقەت ئۆزلىرىدىن بىر ئىشتا مەسلىھەت سوراي دەپ كەلگەن.»
«ئاڭلىدىڭلارمۇ! بۇ ئادەم زادى نېمە دەۋاتىدۇ؟ مەندەك ئالتۇن-كۈمۈش قەرىز بىرىدىغان ئادەمدىن ھېچكىم تەلىم ئالىمەن دەپ كېلىپ باقمىغان، قۇلۇقۇمدىن چاتاق چىقمىغاندۇ-ھە!»
«ئۇنداق ئەمەس، مەن ئەستايىدىللىق بىلەن دەۋاتىمەن.» دېدى لۇدان ھودۇقۇپ.
«راستىنلا شۇنداقمۇ؟ تىغ ئۇستىسى لۇدانننىڭ سەرراپخانىغا كېلىشى مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن ئىكەندە، ئۇ چۇقۇم ئويۇن ئويناۋاتىدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزى قىلىپ سالغان كىشى قوبۇل قىلالمىغۇدەك ئىشلىرى ئۈچۈن مەندىن قەرىز سوراپ كىلەتتى. ئەمما ھېچكىممۇ نەسىھىتىمنى ئاڭلاشنى خالىمايتتى. بىراق، مەسلىھەت بىرىشكە دۇنيادا كىممۇ بىزدەك باشقىلارغا پۇل قەرىز بىرىپ تورىدىغان سەرراپخانا خوجايىنلىرىغا يېتەلىسۇن؟ ئادەمنى توغرا تاللاپسەن.»
«بولىدۇ. لۇدان بىللە كەچلىك تاماق يەيلى، سەن دېگەن مېنىڭ مىھمىنىم!» دېدىن ئاندىن ماسسون ئۇلاپلا نىگىر قۇلغا جىكىلەپ: «ئەنلا، مەندىن مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن كەلگەن، بابىلوندا كۆزگە كۆرۈنگەن تىغ ئۇستىسىغا زىلچا كەلتۈر! ئۇ بۈگۈن كەچتىكى ئەزىز مېھمان! ئۇنىڭغا يەنە ئېسىل نازۇ-نىممەتلەردىن ئېلىپ كەل! چوڭ قەدەھ تەييارلا! ئۇنىڭ بىلەن قانغۇچە ئىچمىسەم بولمايدۇ.»


ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلەنمىسى

بايلىققا ئېرىشىشنى ھەممە ئادەم ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭغا ئېرىشەلەيدىغانلار ناھايىتى ئاز. بايلىققا ئىگە بولغاندىن كېيىن نۇرغۇن باش قېتىنچىلىقلىرىمۇ پەيدا بولىدۇ. دوستلىرىڭىز سىزدىن پۇل سوراپ كېلىشىدۇ. ئۇنداقتا بۇنىڭغا قانداق تەدبىر قوللىنىش كېرەك؟
دۆت ئېشەك بولماڭ
« ئەمدىغۇ قانداق قىيىنچىلىققا يولۇققانلىقىڭنى دەپ بېرەرسەن؟»
«ساغۇن شاھ ماڭا بىر سوۋغات بەرگەن ئىدى، بۇ مېنىڭ بېشىمنى قاتۇرىۋەتتى.»  
« شاھ سوۋغا قىلغان نەرسە ساڭا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلدى؟ ئۇ ساڭا زادى نېمە سوۋغا قىلغان؟»
«شاھ مۇھاپىزەتچىلىرى ئۈچۈن ياساپ بەرگەن يېڭى تىپتىكى تىغلىرىم ئۇنىڭغا بەك ياراپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ماڭا 50 تىللا ئىنئام قىلغان ئىدى. بىراق ئۇ تىللالار ماڭا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەردى.»
لۇدان سەل توختىۋېلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى: «بۇ بىر قانچە كۈندىن بېرى، ئەتراپىمدىكى ئۇرۇق-تۇققان ۋە دوست بۇرادەررلىرىمنىڭ ھەممىسى ئازراق تىللا بىرىشىمنى ئۈتۈنىۋاتىدۇ.»
«ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ، نۇرغۇن ئادەملەر ئالتۇنغا ئىگە بولۇشنى ئويلايدۇ، ئەمما ئالتۇنى بارلار ناھايىتى ئاز. مۇبادا بىرى ئۇنىڭغا ئىگە بولسا، ئەتراپىدىكى نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزلىرى بىلەن بىللە بەھىرلىنىشنى ئۆتۈنىشىدۇ. سەن ئۇلارغا ياق دېسەڭ بولمامدۇ؟ ئىرادەڭ مۇشتۇمۇڭچىلىكمۇ قاتتىق ئەمەسمۇ؟ ئەجىبا سەن يانچۇقۇڭدىكى ئالتۇنلىرىڭنىڭ سۇدەك ئېقىپ كېتىشىنى خالامسەن؟ ئۆزۈڭنىڭ ئالتۇنلىرىنىمۇ ساقلىيالمامسەن؟» دېدى ماسسون.
«ئالتۇنلىرىمغا ياخشى قارىشىم قارىيالايمەن، نۇرغۇن كىشىلەرگە ‹ياق› دېگەن بولساممۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا باش چايقاشتىن باش لىڭشىتىش ئاسان ئىكەن. ھەتتا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھەدەمگە بەرسەممۇ بولمامدۇ؟ دىيىشكىمۇ ئۇيىلىمەن، مەنغۇ پۇلنى دەپ ئۇرۇق تۇققانلاردىن ۋاز كېچىدىغانلاردىن ئەمەس، ھەدەم ماڭا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، ئالتۇنلىرىمنى ئۇنىڭدىن ئاياشنى خالىمايمەن.»
«دېمىسىمۇ شۇنداق، بىراق ھەدەڭ ئالتۇنغا يالغۇز ئىگە بولۇش خۇشاللىقىڭنى تارتىۋالىدىغان ئۇنچە باغرى تاش ئايال ئەمەستۇ؟»
«ئۇنىڭ مەندىن ئالتۇن سورىشى يولدىشى ئالامەن ئۈچۈن. ئۇ يولدىشىنىڭ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر كىشى بولىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما، ئالامەن شۇنچە قىلغان بولسىمۇ بېيىيالمىدى. ھەدەم ئۇنىڭ سودا قىلغۇدەك سەرمايىسى يوقلىقىدىن مۇشۇ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى دەپ قاراپ، ئازراق ئالتۇن بىرىپ ئالامەنغا بېيىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشنى ئۆتۈنىۋاتىدۇ. ئۇ يەنە كېينكى پايدىسى ئارقىلىق ئالتۇنلىرىمنى قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇلارنى تىلغا ئېلىشتىنمۇ خىجىل بولىۋاتىمەن. لازىم بولسا بىرىپ تۇرۇش ئەمەس، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا بېرىۋېتىشىم كېرەك. ئەمما، ھەدەمنىڭ يېزنەمنىڭ سودىغا ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقى بىلەن كارى بولمايۋاتىدۇ. مېنىڭچە ئۇ سودىغا پەقەت ماس كەلمەيدۇ.»
ماسسون بىردەم چوڭقۇر ئويغا چۆككەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «قەدىرلىك دوستۇم، سەن ئوتتۇرغا قويغان بۇ مەسىلە مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ئالتۇنغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ھەقىقەتەنمۇ بىزگە نۇرغۇن مەسئۇلىيەتلەر يۈكلەنگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋاقىتتا سېنىڭ مەرتىۋەڭ باشقىلارنىڭكە ئەسلا ئوخشىمايدۇ. ئەمما، ئالتۇننىڭ يوقاپ كېتىشدىن، باشقىلارنىڭ ئالداپ ئېلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيسەن. ئالتۇننىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇ نۇرغۇن ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ؛ بىزئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايمىز. بىراق، ئالتۇن پۇرسەت ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە يەنە تەڭقىسلىق ۋە ئاۋارىچىلىقمۇ ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنى ئالتۇنغا ئىگە بولغۇچىنىڭ باغرى يۇمشاقلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەمەلىيەتتە، سۈرۈشتۈرسەك سەن بايلىقنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەيدىكەنسەن، بۈگۈن بىز بۇ مەسىلىنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى.»
«مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلاپ باققانمۇ! نىنەۋە(ئىراقتىكى بىر جاينىڭ نامى)دە بىر تېرىقچى ھايۋاناتلار ئوتتۇرسىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلىيالايدىكەن. مەن بۇ ئادەمنى ئەسلا تونىمايمەن. چۈنكى بۇ ھىكايىنى سەرراپخانا ئاچىدىغانلار ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، ئالتۇنلىرىڭنى باشقا بىر ئادەمگە بىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، پۇل ئارىيەت بىرىش ياكى ئېلىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. ئىش ئۇنداق ئاددىي بولسا ھەممە ئادەم بېيىپ كەتكەن بولاتتى.»
« ئەمما بۇ ھېكايىنى يەنىلا ساڭا ئېيتىپ بېرەي: ئېيتىشلارغا قارىغاندا نىنەۋەلىك بۇ تېرىقچى ھايۋانلارنىڭ تىلىنى بىلەرمىش. ھەركۈنى قاش قارايغان ۋاقىتتا، دائىم ئېكىنزارلىققا بېرىپ، ھايۋاناتلار ئارىسىدا بولىۋاتقان پارڭلارنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىۋالىدىكەن. بىر كۈنى كەچتە، ئۇ بۇقا بىلەن ئېشەكنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ قاپتۇ. بۇقا ئېشەككە ئۆز تەقدىرىدىن ئاغرىنىپ: ‹ئېشەكۋاي، سەن مېنىڭ ياخشى دوستۇم. مەن ھەركۈنى ئەتتىگەندىن كەچكىچە جاپالىق ئىشلەيمەن. قانچىلىك ئىسسىق بولىشىدىن، پۇتلىرىمنىڭ قانچىلىك تېلىپ كېتىشىدىن، بويۇنتۇرۇقنىڭ گەجگەمنى قانچىلىك ئۇپىرىتىۋېتىشىدىن قەتئىي نەزەر يەنىلا ئىشلىمسەم بولمايدۇ. ئەمما، سەنچۇ، قاچانلا قارىسام بىكار يۈرىسەن. ھەركۈنى چىرايلىق گىلەمنى ئارتىپ، خۇجايىننى كۆتۈرۈپ بارىدىغان يېرىگە ئاپىرىپ قويساڭلا ئىشىڭ تۈگەيدۇ. ئۇ سىرتقا چىقمىغان ۋاقىتلاردا كۈن بويى ئارام ئالىسەن، يېڭى ئوت چۆپلەردىن ھوزۇرلىنىسەن! مەن ساڭا ناھايىتى ھەۋەس قىلىمەن! ساڭا ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن!›دەپتۇ.»
«ئېشەك بۇقىنىڭ قارىشىنى ئانچە قوللاپ كەتمىسىمۇ، ئەمما بۇقا دۇچار بولغان تەتۈر قىسمەتلەر ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۇقىنى ئەك يېقىن دوستى قىلىۋالغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇقىغا مۇنداق دەپتۇ: ‹قەدىرلىك دوستۇم، سەن راستىنلا ناھايىتى تىرىشچان، خىزمىتىڭمۇ جاپالىق، سېنىڭ ئازاپلىرىڭنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن مەن ساڭا بىر كۈن ياش ئوت-چۆپلەردىن يەپ ئوبدان ئارام ئالىدىغان بىر ئامالنى ئيتىپ بېرەي، ئەتە ئەتتىگەندە، خۇجايىننىڭ قۇلى ئېتىز بېشىغا ئىلىپ چىققاندا، يېتىۋېلىپ قوپما يەنە ئېچىنىشلىق مۆرەپ قوي. مۇشۇنداق قىلساڭ خۇجايىن سېنى ئاغرىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىشقا چىقماي بىر كۈن ئارام ئېلىۋالىسەن. ئىشىنىمەنكى بىر كۈنۈڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتىدۇ، ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان تۇيغۇغا كېلىسەن.»
«شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگەندە، بۇقا ئېشەكنىڭ دېگىنى بويىچە يېتىۋاپتۇ. قۇل دەرھال خۇجايىنغا، بوقىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى دوكلات قىپتۇ. خوجايىن ئامالسىز قۇلغا: ‹ئۇنداقتا، سوقا سۆرەشكە ئېشەكنى ئىشلىتىڭلار، ئېتىزدىكى ئىشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ›  دەپ بۇيرۇپتۇ.»   
«پۈتۈن نىيىتى بىلەن دوستىغا ياردەم قىلىشنى ئويلىغان ئېشەك ئامالسىز بۇقىنىڭ ئورنىدا يەر ھەيدەشكە مەجبۇر بوپتۇ. بۇنداق ئېغىر ئىشقا ھەرقانداق  ئېشەك چىدىمايتتى. بىچارە ئېشەك قاش قارايغان ۋاقىتتىلا ئاندىن بىر كۈنلۈك زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپتۇ. ئۇنىڭ كۆڭلى ناھايىتى پەرىشان بولۇپ، پۇتلىرى تالغىنىدىن سەزمەيدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى. بوينىمۇ ئىششىپ مىدىرلىتالماس  بولۇپ قالغان يەنە تېخى سۈركۈلۈشتىن تېرىسېنىڭ بىر پارچە يېرى سۈرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئوت كەتكەندەك ئېچىشاتتى. ئېشەك دوستىغا ياردەم قىلغىنىغا بىر ئاز پۇشايمان قىلدى. ئۆزى كۆرسەتكەن ئامال ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغان ئىدى.»
«كەچ كىرگەندە تېرىقچى قوتانغا بېرىپ يەنە ئۇلارنىڭ پارڭلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاپتۇ.»
«بۇقا ئاۋال ئېغىز ئېچىپ: ‹قەدىرلىك ئىشەكۋاي! سەن ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇم. سېنىڭ ئەقلىڭ بىلەن بىر كۈن ياش ئوت-چۆپلەردىن يەپ، ئارام ئېلىۋالدىم. ئۆمرۈمدە بۇنداق راھەتلىنىپ باقمىغان ئىدىم. ئەسلىدە ھاياتتىن ھوزۇرلىنىش دېگەن شۇنداق پەيزى بولىدىكەن ئەمەسمۇ! كۈندە مۇشۇنداق بۇلىدىغان بولسا نېمىدىگەن ياخشى.› دەپ ئېشەكنى ماختاپ كېتىپتۇ. ئەمما ئېشەك ئاچچىقلانغىنىدن قايناپ كېتىپتۇ: ‹ساددىلىقىم تۈپەيلى دوستۇمغا ياردەم بېرىمەن دەپ، ئۇنىڭ ئورنىدا بىر كۈن قىينالدىم. ئەڭ ياخشىسى ئەتىدىن باشلاپ سۇقاڭنى ياخشى سۆرە.  چۈنكى خۇجايىننىڭ قۇلغا: ‹ئەتە كالا ساقايمىسا قۇشخانىغا ئېلىپ بېرىپ سېتىۋېتىڭلار!› دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. راستىنلا شۇنداق بولىشىنى ئارزۇ قىلىپ قالدىم. چۈنكى، سەن بەك ھورۇن بىر نېمە ئىكەنسەن. سېنى قالدۇرۇپ قويغاننىڭمۇ پايدىسى يوق. سەندەك دوستۇمنىڭ بولغانلىقىدىن نومۇس قىلىۋاتىمەن.› دەپتۇ. بۇقا  ھېچنىمە دېيەلمەپتۇ. چۈنكى، ئۆزىنىڭ ھالاۋىتى دوستىغا زىيانكەشلىك قىلغان ئىدى. ئەمما، ئېشەكنىڭ سۆزلىرىگە ناھايىتى ئاچچىقى كەپتۇ ھەمدە كۆڭلىدە بىر قېتىم ياردەم قىلىپ قويغىنىغا شۇنچە قىلىپ كېتىش كېتەمدۇ. بۇنداق دوستنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشى ئىكەن، دەپ ئويلاپتۇ.»
«شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇلار بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشماپتۇ. ئاشۇ ئىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دوستلۇقى بۇزۇلۇپتۇ. لۇدان، ھېكايىدە قانداق مەنتىقە سۆزلەنگەنلىكىنى بىلەلىدىڭمۇ؟»
لۇدان: «بۇ راستىنلا ياخشى ھىكايە ئىكەن، ئەمما قانداق مەنتىقە سۆزلەنگىنىنى بىلەلمىدىم. سىلىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقلىرىنىمۇ تازا چۈشىنەلمىدىم.» دېدى جاۋابەن.
«نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش، سەنمۇ بۇ رۇشەن قائىدىنى چۈشىنەلمەپسەن. ئەمما، بۇ ھېكايە كىشىلەرگە مۇنداق بىر ئاددى قائىدىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. دوستۇڭ ساڭا مۇھتاج بولغاندا ياردەم قىلساڭ تامامەن بولىدۇ. ئەمما، دوستۇڭنىڭ يۈكىنى پۈتۈنلەي ئۆزۈڭ  ئارتىۋالساڭ بولمايدۇ.»
«بۇ ھىكايىدە بۇنداق پاراسەتنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. يېزنەمنىڭ ئېغىر يۈكىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئارتىۋالسام بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم. ئەمما، يەنە بىر نوقتىنى چۈشىنەلمىدىم. نۇرغۇن ئادەملەرگە ئالتۇن بىرىپ تۇرىسىز، ئۇلار بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قايتۇرۇپ بولالامدۇ؟»
ماسسوننى بۇ جەھەتتە كەسىپ ئەھلى دېيىشكە بولاتتى. ئۇ مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ: «بۇ راستىنلا چۈشەندۈرۈشكە تىگىشلىك مەسىلە. ئەگەر ئالتۇننى ئارىيەتكە بىرىپ قويۇپ ئارىيەت ئالغۇچى ۋاقتىدا قايتۇرالمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن قەرىز ئالغان تىجارەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلى ئېگىلەپ ياخشى ھۆكۈم چىقىرىپلا قالماي، ئارىيەتكە بەرگەن ئالتۇنلارنى پۈتۈنلەي قايتۇرالايدىغان ياكى قايتۇرالمايدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەش كېرەك. ئەلۋەتتە قەرىز ئالغۇچى ئالتۇنلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنالماي زىيان تارتىپ، نەتىجىدە قەرىز ئىگىلىرى ئالتۇنلىرىنى قايتۇرىۋالالمايدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ، مەن بىلەن كىرىپ ئامبارغا قاراپ باق! ئامباردىكى نەرسىلەر بۇ مەسىلىدىن قانداق ساقلىنىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ بېرىدۇ.»


ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلەنمىسى

پۇل ئارىيەت بىرىپ باشقىلارغا ياردەم قىلىش ياخشى ئىش. ئەمما، بەزىدە ياخشى ئىش يامان ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا پۇل ئارىيەت بىرىشىنىڭ ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىۋېلىش زۆرۈر. شۇندىلا كەتكەن پۇلىڭىزنىڭ قايتىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. باشقىلارغا ياردەم قىلغاندا ئېغىر يۈكنى ئۆز ئۈستىگە ئارتىۋالماسلىق كېرەك.
تېخىمۇ بىخەتەر قەرىز بىرىشنىڭ مەخپىيىتى
ماسسون لۇداننى باشلاپ ئامبارغا كىردى. ئاندىن بىر ساندۇقنى ئالدى، ساندۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۇنىڭ بىلىكى ئۇزۇنلۇقىدا بولۇپ، ئۈستى بىر قەۋەت قىزىل رەڭلىك چوشقا تىرىسى بىلەن ئۇرالغان، تۆت تەرىپى مىس ياپراقچىسى بىلەن قاپلانغان ئىدى. ئۇ زوڭزىيتىپ ساندۇق ئېغىزىنى سىلاپ قويدى.
ئاندىن مۇنداق دېدى: «مەندىن ئالتۇن ئارىيەت ئالغۇچى جەزمەن ساندۇققا گۆرۈ بۇيۇمى قويۇپ قويۇش كېرەك. ئۇلار قەرىزنى قايتۇرۇپ بولغاندىلا ئاندىن بۇ بۇيۇملارنى ئېلىپ كەتسە بولىدۇ. ئەمما، ئۇلار قەرىزنى قايتۇرالمىسا، بۇ بۇيۇملار ئۇنىڭ يەنە مەندىن قەرىز ئالالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.»
«ساندۇقتىكى گۆرۆ بويۇملىرى ۋە كۆپ يىللىق تەجرىبەم ماڭا، قەرىز بەرگەن ئالتۇنلاردىنمۇ كۆپ بايلىقى بار كىشىلەرگە قەرىز بىرىشنىڭ ئالتۇنلارنىڭ ساق-سالامەت قايتىپ كېلىشتىكى ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئۇلارنىڭ يېرى، ئۈنچە مەرۋايىتلىرى، تۆگىلىرى شۇنىڭدەك باشقا پۇلغا يارايدىغان نەرسىلىرى بولىدۇ. بۇ نەرسىلەرنى سېتىۋەتسە ئۇلار قەرىزلىرىنى قايتۇرالايدۇ. بەزىلەر ئېلىپ كەلگەن گۆرۆ بۇيۇمىنىڭ قىممىتى مەن قەرىز بەرگەن ئالتۇنلارنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. يەنە بەزىلەر ماڭا ئەگەر قەرىزنى قايتۇرالمىسا ئۆيىنى سېتىپ بولسىمۇ قەرىزنى قايتۇرۇدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىدۇ. بۇنداق قەرىزدارلارغا خاتىرجەم قەرىز بىرىمەن.»
«يەنە بىر خىل ئادەملەرنىڭ پۇل تېپىشقا ئېپى بار. ئۇلار قاۋۇل ناھايىتى تىرىشچان بولۇپ، ھۈنەر ياكى ھەرخىل مۇلازىمەتلەر ئارقىلىق كىرىم قىلالايدۇ. ئۇلار مۇقىم ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك كىرىمگە ئىگە. ئەگەر بۇنداق ئادەملەر پەۋقۇلئاددە قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ قالسا، سەمىمى ۋە ياۋاش بولسا، ئۇلارنىڭ قەرىز قايتۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە بولىدۇ، قەرىز ئېلىش مىقدارى قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا قاراپ ھېسابلىنىدۇ.»
«يەنە بىر تۈردىكى ئادەملەر بولۇپ مۈلكى مۇقىم، ئىقتىسادى مەنبەسىمۇ يوق. ئەمما، مۇشەققەتلىك تۇرمۇشقا سەۋىر قىلالمايدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ قولىدا بىر يارماقمۇ يوق. مەن ئۇلارغىمۇ مەلۇم مىقداردا قەرىز بىرىپ تۇرىمەن. ئەمما، شەرتىم شۇكى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي پەزىلەتكە ئىگە  ۋە دوستانە كىشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلىشىم كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن گۆرۆ ساندۇقى مېنى سەگتىپ قويىدۇ.»
ماسسون سۆزلىگەچ ساندۇقنى ئاچتى. لۇدان قىزىقىپ ساندۇققا قارىدى.
ساندۇقنىڭ ئەڭ ئۈستىدە قىزىل لاتا بىلەن يېپىپ قويۇلغان زەنجىر بار ئىدى. ماسسون زەنجىرنى ئاستا ئېلىپ قايغۇرغان ھالدا: «بۇ زەنجىر ساندۇقتا مەڭگۈ تورىدۇ. چۈنكى، زەنجىرنىڭ ئىگىسى ئۆلۈپ كەتتى. بۇنى گۆرۈ بۇيۇملىرى قاتارىدا ساقلىشىمدىكى سەۋەپ— ئۇ مېنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇم ئىدى. ئىلگىرى بىز بىللە سودا قىلاتتۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىمىز بىرلىكتە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرمۇ قازانغان. بىراق، ئۇ كېيىن ئۆيلەندى. يەنى، چىرايلىق بىر شەرىق قىزى بىلەن توي قىلدى. بۇ شەرىقلىق قىز بىزنىڭ بۇ يەردىكى قىزلارغا ئوخشىمايتتى. ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل ئىدى. دوستۇم ئۇنىڭغا ناھايىتى ئامراق بولۇپ پۇللىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ تويماس نەپسىنى قاندۇراتتى ئاماللارنىڭ بارىچە قاندۇراتتى. دوستۇم. ئەمما، دوستۇم بارلىق ئالتۇنلىرىنى خەجلەپ تۈگەتكەندىن كېىن يەنە مېنى ئىزدەپ كەلدى. مەن سەۋىرچانلىق بىلەن ئۇنڭغا نەسىھەت قىلدىم. ھەمدە، ئۇنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرىشى ئۈچۇن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇمۇ تەڭرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، قايتىدىن باش كۆتۈرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. ئەمما، ئاخىرى ئەمەلگە ئاشۇرالمايلا ئۆلۈپ كەتتى. ئايالى بىلەن بولغان بىر قېتىملىك كەسكىن جىدەلدە، ئايالى خەنجەر بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىدىن تۆشۈك ئېچىپ تاشلاپتۇ.» دېدى.
لۇدان تاقەتسىزلىك بىلەن سورىدى: «كېيىنچۇ؟ ئۇ قانداق بولدى؟»
ماسسون قىزىل رەخىتنى قولىغا ئېلىپ، ئاستا سۆزلەشكە باشلىدى: «بۇ قىزىل لاتىنى ئۇنىڭ ئايالى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇ پۇشايمان ۋە دەرد-ئەلەمدە ئېپرات  دەرياسىغا سەكرەپ ئۆلىۋالدى. شۇڭا ئۇ ئالغان قەرىزنى مەڭگۈ قايتۇرالمايدۇ. بۇ گۆرۆ بۇيۇمى بىزگە ئالتۇنلارنى دەردى كۆپ ئادەملەرگە بېرىشنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدىن كېىين بۇنداق قەرىز ئالغۇچىلارنى كەسكىن رەت قىلدىم. مەن ئۆز خاتالىقىم تۈپەيلى ئالتۇنلىرىمنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى خالىمايمەن.»

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
442
تىللا
232
شۆھرەت
614
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 17:39:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماسسون يەنە كالا سۆڭىكىدە ئويۇلغان نەپىس كالا ھەيكىلنى ئېلىپ: «بۇنىڭغا قارا! بۇ گۆرۈ بويۇمى ئالدىنقىسىغا ئوخشىمايدۇ. بۇ بىر تېرىقچىنىڭ نىشانىسى. مەن دائىم ئۇنىڭ ئايالىدىن گىلەم سېتىۋالاتتىم. ئەمما، بىر قېتىملىق چىكەتكە ئاپىتىدە ئۇلارنىڭ يىگۈدەك نەرسىسىمۇ قالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئالتۇنلىرىمنى ئۇلارغا ئارىيەت بىرىپ، بېيىغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىشنى ئېيتتىم. كېىيىن بۇ تېرىقچى يەنە مېنى ئىزدەپ كېلىپ، يىراق بىر جايدا بىر توپ ئۆچكىنى كۆرگەنلىكى، يۇڭلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپلا قالماي ناھايىتى يۇمشاق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن بابىلوندىكى ئەڭ ياخشى گىلەم توقىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى شۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇنىڭغا ئالتۇن بىرىپ، ئاشۇ ئۆچكىلەردىن ئېلىپ كېلىشىنى ئېيتتىم. ھازىر ئۇ ئاشۇ ئۆچكىلەرنى بېقىۋاتىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن بابىلوندا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ناھايىتى قىممەت باھالىق گىلەملەرنى سېتىۋالغانلىقىنى كۆرەلەيمەن. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ كالا ھەيكىلىنى تېرىقچىغا قايتۇرۇپ بىرىمەن. ئۇمۇ ئالتۇنلارنى چۇقۇم قايتۇرۇپ بىرىدۇ.» دېدى.
لۇدان: «پۇل ئارىيەت ئالغۇچىلار ئىچىدە گۆرۈ بۇيۇمى يوقلارمۇ بارمۇ؟» دېدى.
«ئەگەر ئۇلارنىڭ پۇل ئارىيەت ئېلىشتىكى مەقسىتى پۇل تېپىش ئۈچۈن بولسا، مەنمۇ قىلماقچى بولغان سودىسى بولىدىكەن دەپ قارىسام ئۇلارغا پۇل بېرىپ تۇرىمەن. ئەمما، ئۇلار بىر قىسىم ئەرزىمەس ئىشلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن قەرىز ئالماقچى بولسا، ئۇنداقلارغا ھەرگىز قەرىز بېرىشكە بولمايدۇ. ئۇنداقلارغا بەرگەن پۇل قودۇققا چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ ئالتۇنلىرىڭنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساڭا بىرىدىغان مۇھىم تەكلىپىم.»دېدى ماسسون.
شۇ ئەسنادا لۇدان گۆھەر ئورنىتىلغان كەمدىن-كەم تېپلىدىغان ئىنتايىن چىرايلىق بىلەيزۈكتىن بىرنى كۆرۈپ قالدى ھەمدە قولىغا ئېلىپ ماسسوندىن: «بۇ چىرايلىق بىلەيزۈكنىڭ قانداق ھېكايىسى بار؟» دەپ سورىدى.
ماسسون لۇدانغا چاخچاق قىلىپ: «سېنىڭ ئاياللارغىمۇ ھەۋەس قىلىدىغانلىقىڭنى بىلمەپتىكەنمەن-دە!» دېدى.
«سىلىگە يەتمەيمىز.» دېدى لۇدان جاۋابەن.
ماسسون سۆزىنى يەنە باشلىدى: «شۇنداق بولغاچ تۇرسۇن، ئەمما ئىش سەن ئويلىغاندەك ئۇنچە رومانتىك ئەمەس. بۇ بىلەيزۈكنىڭ ئىگىسى يۈزلىرىنى قورۇق قاپلاپ كەتكەن قېرى موماي. ئۇ ناھايىتى ھازازۇل، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆزلىرىنى تازا چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئۇنى كۆرسەملا كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدۇ. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىلگىرى خېلى باي ئائىلە ئىدى. ئەمما، كيىن ئائىلە ئىقتىسادى يامانلىشىپ كەتكەچكە ئوغلىدىن ناھايىتى چوڭ ئۈمىد كۈتەتتى. ئۇ يەنە مېنىڭ ياخشى خېرىدارىم ئىدى. ئانچە-مۇنچە باردى كەلدىمۇ قىلىشاتتۇق. ئۇ ئوغلىنىڭ بىر ياش زەردار بولالايدىغانلىقىغا ئىزچىل ئىشىنەتتى، شۇڭا مەندىن ئالتۇن سوراپ كەلگەن. ئۇ ئوغلىنى قۇملۇق سودا كارۋىنىغا ئەگەشتۈرۈپ سودا قىلدۇرماقچى ئىكەن.»
«ئەمما كىم بىلسۇن، ئۇنىڭ شىرىكلىرى بىر توپ ئەسكى ئادەملەر ئىكەن. ئوغلى ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتە ئۇنى ياقا يۇرتتا يالغۇز قويۇپ قېچىپ كېتىپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا، مەن ئۇنى سەل چوڭ بولغاندىن كېيىن پۇللىرىمنى قايتۇرىۋالارمەن دەپ ئويلىغان. ئەمما، ئانىسېنىڭ ۋالاقلاشلىرىدىن باشقا پۇل قايتۇرىدىغان نىيىتى يوق. بۇ بىلەيزۈكنىڭ باھاسى مەن بەرگەن ئالتۇنلاردىنمۇ قىممەتلىك. شۇڭا ماڭا ھېچقانداق زىيان بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ بۇ بىلەيزۈكنى گۆرۈگە قويغان. ئەگەر ئوبۇرۇتتىن چاتاق چىقسا، ئۇنى سېتىۋېتىمەن.»
«بۇ موماي سىزدىن قەرىز ئېلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورمىغانمىتى؟»
«سورىمىغان، ئۇ ئوغلىغا پۈتۈنلەي ئىشەنچ قىلىپ ئۇنىڭدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتەتتى، سەل قوشۇلماسلىق ئىدىيىسىدە بولىدىغان بولسام، ئېغىزىنى بوزۇپ تىلاشتىن يانمايتتى. ئەمەلىيەتتە ئوغلىنىڭ سودىغا بەك كىچىك، تەجرىبىسىز كەپ قالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ بولغان. بىراق ئۇ كېپىللىك بەرگەن ھەم گۆرۆ بۇيۇمى بولغاچقا رەت قىلالمىدىم.»
ماسسون قولىنى پۇلاڭلىتىپ، بىر باغلام ئارغامچىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بۇ تۆگە سودىگىرى ناباتنىڭ گۆرۆ بۇيۇملىرى بىر قېتىم ئۇ بىر تۈركۈم تۆگە سېتىۋالماقچى بولۇپ، قولىدىكى ئالتۇنلىرى يەتمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ بىر باغلام ئارغامچىنى  گۆرۈگە قويدى. مەن ئۇنىڭغا لازىملىق ئالتۇننى بەردىم. ئۇ ناھايىتى زېرەك سودىگەر، مەن ئۇنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا قول قويىمەن. شۇڭا خاتىرجەم ھالدا قەرىز بىرىپ تۇردۇم. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم بابىلونلۇق سودىگەرلەر ناھايىتى ئىشەنچلىك. چۈنكى ئۇلار تۇلىمۇ سەمىمى، دائىم گۆرۈ بۇيۇملىرىنى قويۇپ كېتىدۇ، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئالتۇنلىرىمنى قايتۇرۇپ بېرىپ گۆرۆ بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇنداق سەمىيمى ۋاپادار سودىگەرلەر بابىلوننىڭ قىممەتلىك بايلىقى، مەنمۇ ئۇلارغا ياردەم بىرىش ئارقىلىق بابىلوننىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.»
ماسسون تۇركۋويستىن ئويۇلغان قوڭغۇراقنى ئېلىپ، مەنسىتمىگەن قىياپەتتە ساندۇققا سېلىپ قويدى. ھەمدە مۇنداق دېدى: «بۇ بىر مىسىرلىق ياش گۆرۈگە قويغان سېسىق قوڭغۇراق. ئۇ ئەزەلدىن قەرىزلىرىنى قايتۇرۇپ بولالامدۇ- يوق پىسەنتمۇ قىلىپ قويمايدۇ. ئۇنىڭدىن قەرىز سۈيلىسەم، ھەمىشە ئامالسىز: ‹تەلىيىم شۇنداق كاج تۇرسا، قەرىزنى قانداقمۇ قايتۇرالايمەن؟ مەن قويغان گۆرۈ بۇيۇمى ئاتامنىڭ قىممەتلىك نەرسىسى، ئۇ نۇرغۇن يەر زېمىنى بار ئادەم، ئۇنىڭ يەرلىرى ۋە مال-چارۋىلىرى بىلەن مېنىڭ بىر ئىش تەۋرىتىشىمنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.› دەيدۇ. بۇ ياشنىڭ دەسلەپتە سودىسى يامان ئەمەس ئىدى. ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئالدىراپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلىمى ۋە تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، ئاخىرى مەغلۇپ بولدى. ئالتۇنلىرىمنىمۇ قايتۇرۋالالمىدىم، بۇ مېنىڭ ساۋىقىم. شۇڭا ياشلار قەرىز ئالىمەن دەپ كەلسە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرىمەن.»


ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلەنمىسى

باشقىلارغا قەرىز بەرگەندە چۇقۇم پۇللىرىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلەلىشىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى يېتەرلىك بويۇمنى گۆرۆگە قويۇش. بۇ قەرىز كاپالىتىنىڭ مەخپىيىتىدۇر. قەرىزنى يېتەرلىك گۆرۈ بۇيۇمى بارلار ۋە ئىشەنچىلىك كىشىلەرگىلا بىرىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا پۇللىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايسىز. بولمىسا ئۆزىڭىز پۇشايماندا قالىسىز.
يەڭگىللىك بىلەن قەرىز بەرمەسلىك كېرەك
ماسسون جىمىپ قالدى ھەمدە خۇرسىنغان ھالدا: «ھازىرقى ياشلار بەك ئاچكۆزلىشىپ كەتتى. ئۇلار تېزلا بېيىسام دەپ ئويلايدۇ. تېز سۈرئەتتە مۇۋۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي باشقىلاردىن قەرىز ئالىدۇ، ھېچقانچە تەجرىبىسى بولمىغاچقا قەرىزنى قانداق قايتۇرۇشنى بىلمەيدۇ، بۇنداق ياشلارنى ساسلىققا ئوخشىتىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭغا چۈشۈپ قالغان كىشى مەڭگۈ قۇتۇلالمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر نەچچە يىل ئېلىشىپمۇ، بۇ ساسلىقتىن ئۆزىنى تارتالمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ساسلىق مۇدھىش قاراڭغۇ كىچىلەر بىلەن تولغان بولۇپ ئۇيقۇسىزلىق ئازابى كىشىنى قىينايدۇ. مەن ياشلارنىڭ قەرىز ئېلىشىغا قارشى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ قەرىز ئېلىشىنى قوللايمەن. بىراق، تەكلىپىم شۇكى، پۇللىرىنى تەمكىنلىك بىلەن مۇۋاپىق ئۇرۇنغا ئىشلىتىش كېرەك. مەنمۇ تۇنجى قېتىملىق سودامنى قەرىز ئارقىلىق باشلاپ ھازىرقىدەك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.» دېدى.
ماسسون سۆزىنى داۋام قىلدى: «ئەگەر ياشلار قەرىز ئالىمەن دەپ كەلسە، قەرىز بەرگۈچى تەرەپ قانداق قىلىش كېرەك؟ ئادەتتە قەرىز ئالماقچى بولغانلارنىڭ كۆپۈنچىسى چۈشكۈن ياشلار بولۇپ بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ، ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن قەرىز قايتۇرغۇدەك ئىقتىدارى يوق. مەن ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسېنىڭ يەرلىرى ۋە ماللىرى بىلەن قەرىز قايتۇرۇشىغا قانداقمۇ چىداپ تۇرالايمەن؟»
لۇدان دەل مۇشۇ پەيتتە ئۆزىنىڭ مەسىلىسېنى تىلغا ئالدى: «نۇرغۇن ياخشى ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بەردىلە. ئەمما، مېنىڭ مەسىلەم يەنىلا ھەل بولمىدى. ئەگەر يېزنەم تىللالىرىمنى بىرىپ تورۇشنى ئۆتۈنسە قانداق قىلىمەن؟»
«ھەدەڭ ئىشەنچىلىك ئادەم، مەنمۇ ئۇنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيمەن. ئەگەر سېنىڭ ئورنىڭدا بولسام يېزنەڭ ئالتۇنلارنى سوراپ كەلسە، مەن ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن نېمىگە ئېشلىتىدىغانلىقىنى سورىغان بۇلاتتىم.» دېدى ماسسون كەسكىن قىلىپ.
«يېزنەڭ ئۈنچە-مەرۋايىت، زىبو-زىننەت بۇيۇملىرى سودىگىرى بولىمەن دېسە، ئۇنىڭدىن: ‹بۇ كەسىپنى قانچىلىك چۈشىنىسەن؟ تەجرىبەڭ قانچىلىك ؟ قەيەردە بۇنداق بۇيۇملارنىڭ باھاسى ئەڭ تۈۋەن، قەيەردە ئەڭ مۇۋاپىق باھادا ساتالايسەن؟› دەپ سورىغان بولاتتىم. يېزنەڭ بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بىرەلەمدۇ- يوق؟»
لۇدان: «ياق، ئۇ بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى بىلمەيدۇ، تەجرىبىسىمۇ يوق. ئۇ ئىلگىرى تىغ ياسىشىمغا ياردەملىشىپ بەرگەن. ئەمما، سودىغا زادى ماس كەلمەيدۇ، ئۇنداق ئىقتىدارىمۇ يوق، ئالتۇنلىرىمنى ئۇنىڭغا بىرىپ قويسام، بىر كۈنلىرى قايتۇرۇۋالالماسلىقىمدىن ئەنسىرەيمەن، بۇ مەن ئۈچۈن كىچىك زەربە ئەمەس.» دېدى.
«راستىنلا شۇنداق بولسا، ئۇنىڭغا قەرىز ئېلىشىنىڭ ئاقىلانىلىق ئەمەسلىكىنى، سودىگەر بولماقچى بولسا، چۇقۇم مەلۇم بىر ساھەدىكى سودىغا پىششىق بۇلىشى، شۇ سودىنى چۈشىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتاتتىم. ئۇنىڭ ئىرادىسى كىشىنى قانچىلىك قايىل قىلارلىق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىشى روياپقا چىقمايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا ئالتۇنلارنى بەرمەيتتىم.»
«ئەمما، ئۇ: ‹توغرا، مەن ئىلگىرى بىر قىسىم سودىگەرلەرگە ئىشلەپ بەرگەن. ئىسمىناغا قانداق بېرىپ شۇ يەرلىك ئاياللار تۇقىغان گىلەملەرنى تۈۋەن باھادا سېتىۋېلىشنى بىلىمەن، يەنە نۇرغۇن بابىلونلۇق بايلارنى تونۇيمەن، گىلەملىرىمنى ئۇلارغا ياخشى باھادا ساتالايمەن.› دەپ جاۋاب بەرسە، ئۇنىڭغا مۇنداق دەيتتىم: ‹پۇل قەرىز ئالىمەن دەپ تولىمۇ ياخشى ئويلاپسەن، پىلانىڭمۇ بولىدىكەن. ئەگەر ئالتۇنلىرىمنى ۋاقتىدا قايتۇرالىساڭ، 50 تىللانى ساڭا بىرىپ تۇرۇشنى خالايمەن.› دېگەن بۇلاتتىم، ئەگەر ئۇ: ‹مەندە سىلىگە رەنىگە قويغۇدەك سەمىمىيتىمدىن باشقا نەرسەم يوق، ئەمما ئالتۇنلىرىڭنى چۇقۇم ۋاقتىدا قايتۇرىمەن.› دېسە، مەن يەنە: ‹ھەر بىر تىللانى چۇقۇم قەدىرلە، مۇبادا يولدا بىرەر ئىش چىقىپ قالسا، مەسىلەن قاراقچىغا يولۇقۇپ قېلىپ ئالتۇنلارنى ياكى گېلەمنى بۇلاپ كەتسە، مەنمۇ ئالتۇنلىرىمدىن ئايرىلىپ قالىمەن. › دەيتتىم.
ماسسون ئەستايىدىللىق بىلەن سۆزىنى داۋام قىلدى: «لۇدان، ئېسىڭدە مەھكەم تۇت، ئالتۇن كرېدىتچىلارنىڭ مېلى. ئۇنى ئارىيەتكە بېرۋېتىش ئاددىي ئىش، ئەمما، ئاقىلانىلىك بىلەن بەرمىسەڭ قايتۇرىۋالالمايسەن. ھەر قانداق بىر ئەقىللىق ئادەم مەيلى ئارىيەت ئالغۇچى تەرەپنىڭ رەنىگە قويغۇدەك بۇيۇمى بولسۇن، مەيلى قەرىزنى ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلالىسۇن، پۇللىرىنى باشقىلارغا خالىغانچە بېرىۋېتىدىغان تەۋەككۈلچىلىكنى قىلمايدۇ.»
«بىر ئادەمنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەرگە ياردەم قىلىشى ياخشى ئىش؛ ئىگىلىك تىكلەۋاتقان قىيىنچىلىق مەزگىللەردە تۇرىۋاتقان، كۆرىنەرلىك نەتىجە قازىنالايدىغان ئاشۇ كىشلەرگە ياردەم قىلىشمۇ ياخشى ئىش. ئەمما، ھەر قانداق ۋاقىتتا باشقىلارغا ياردەم بەرگەندە كاللا سەگەك بولىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا دىھقانچىلىق مەيدانىدىكى ھاماقەت ئېشەكتەك بولۇپ قېلىشنىڭ، باشقىلاغا قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بەرگەندە پاسسىپ ھالەتتە تۇرىۋالىدىغان، يۈكىنى باشقىلارغا ئارتىپ قويىدىغان ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۆزۈڭگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ساڭا ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىشلارغا ياردەم قىلشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلە، بولمىسا ئالتۇنلىرىڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن، يەنە تېخى دوستلىرىڭدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشىڭ مۇمكىن.»
«لۇدان، مەن يەنە كۆپ سۆزلەپ كەتتىم، ئەمما، جاۋابىمنى ئېسىڭدە     مەھكەم ساقلا: تىللالىرىڭنى چىڭ تۇت.  ئۇلارنى ھۆنىرىڭگە تايىنىپ تاپقان. ئۇ سەن ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەق، ھېچكىمنىڭ سەن بىلەن بىللە بەھىرلىنىشىگە ھوقۇقى يوق، ئۆز ئىختيارلىقىڭ بىلەن بولسىمۇ شۇنداق. ئەگەر، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنى ئويلىساڭ، چۇقۇم ئېھتىياتچان بولۇشۇڭ كېرەك، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل تارقاق قەرىز بىرىش، بۇنداق بولغاندا قەرىز بەرگەن پۇللارنىڭ خەتىرىنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولدۇ. ئالتۇنلىرىمنىڭ بىكار تۇرۇشىنى ياقتۇرمايمەن، بىراق، ئۇلارنىڭ چوڭ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشىنى تېخىمۇ خالىمايمەن.»
ماسسۇن تۇيۇقسىز توختاپ لۇداندىن سورىدى: «لۇدان، سەن تىغ ياسايدىغان بۇ ھۆنەرنى قىلىۋاتقىلى قانچە يىل بولدى؟»
«توپتوغرا ئۈچ يىل بولدى.»
«پادىشاھ ساڭا ئىنئام قىلغان تىللالاردىن باشقا، يەنە قانچىلىك ئالتۇنۇڭ بار؟»
«ئۈچ تىللا.»
«ئۈچ يىل جاپالىق ئىشلەپ ئاران ئۈچ تىللا يىغالىپسەن. دېمەك، 50تىللانى يىغىش ئۈچۈن تىجەشلىك بولساڭ 50 يىل ۋاقتىڭ كېتىدۇ، ئۇ دېگەن بىر ئۆمۈر ئىشلەپ تاپقان پۇل دېگەن گەپ.»
«ھەدەڭ بەك ھاماقەت ئىكەن، ئۇ يولدىشىنىڭ سودا قىلىپ سىناپ بېقىشى ئۈچۈن سەن 50 يىلدا ئاران تاپالايدىغان ئالتۇن بىلەن تەۋەككۇلچىلىك قىلماقچى بوپتۇ. شۇنداقمۇ؟»
«ئەمەلىيەتتە شۇنداق، بىراق، مەن قانداقمۇ ئۇنىڭغا سېلى دېگەن بۇ گەپلەر بىلەن مۇئامىلە قىلالايمەن.»
«سەن بېرىپلا ئۇنىڭغا: ‹ئۈچ يىلدىن بۇيان، پەرھىز كۈنلىرىدىن باشقا كۈنلەردە كۈن بۇيى جاپالىق ئىشلەپ، ناھايىتى تىجەشلىك كۈن ئۆتكۈزدۈم. ھەتتا، ئۆزۈمگە لازىمەتلىك نەرسىلەرنىمۇ سېتىۋېلىشقا كۆزۈم قىيمىدى، مۇشۇنداق ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى، شۇنداق ئىشلەپ ئاران ئۈچ تىللا يىغالىپتىمەن. مەن سېنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، سەن يولدىشىڭنىڭ نەتىجە قازىنىشىنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلىسەن. مەنمۇ يېزىنەمنى يۈز ئابرويلۇق بولۇپ كەتسىكەن دەيمەن. ئەگەر ئۇ دوستۇم ماسسوننىڭ ئېيتىپ بەرگەن پىلانى بويىچە قىلالىسا، ئۇنىڭغا پۇللىرىمنى بىر يىللىق بىرىپ تۇرۇپ ئۆزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرەي.› دېگىن،  ئەگەر يېزنەڭنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىرادىسى ۋە ئاقىلانە پىلانى بولسىلا، ماڭا چۈشەندۈرىدۇ. بىراق ئۇنىڭ پىلانى مەغلۇپ بولسا، ئارىيەت ئالغان ئالتۇنلارنى يەنىلا قايتۇرمىسا بولمايدۇ.»

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
442
تىللا
232
شۆھرەت
614
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 17:40:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىل-پارسەت جەۋھەرلەنمىسى

پۇل ئارىيەت بىرىشتە چۇقۇم ئېھتىياتچان ۋە تەمكىن بولۇش كېرەك. ئەمەلىي پىلانى يوق، پەقەت بېيىشنىلا ئويلايدىغان، پۇل ئارىيەت ئالمىسىمۇ بولىدىغان كىشىلەرگە پۇل بەرمەسلىك كېرەك. پۇل ئارىيەت بەرگەندە، چۇقۇم پۇلنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇزۇن مۇددەت بايلىق كۇرسىدا خاقان بولغىلى بولىدۇ.
پۇل تۇغدۇرۇشنىڭ مەخپىيىتى
ماسسون يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: «مېنىڭ ئالتۇن ئارىيەت بېرىدىغان سەرراپ بۇلۇپ قېلىشىمدىكى سەۋەپ — ئالتۇنلىرىم بەك كۆپ. سودا قىلساممۇ ئىشلىتىپ تۈگىتەلمەيمەن. مەن ئالتۇنلىرىمنىڭ باشقىلارغا ياردىمى بولىشىنى، ئۇلارنىڭ ئالتۇنۇمنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىمەن. ئەمما، ھەرگىز ئۆزۈمنىڭ ئالتۇنلىرىغا زىيان ئېلىپ كېلىشىنى خالىمايمەن. چۈنكى، مەن بۇ ئالتۇنلارنى تېپىش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىگەن، كۆپ يىل تېجەشلىك بىلەن يىغىش ئارقىلىق تاپقان. شۇڭا ئالتۇنلارنى قايتۇرىۋېلىشقا ئىشەنچىم بولمىسا ھەرگىز ئارىيەت بىرىپ تۇرمايمەن.»
«لۇدان، ساڭا رەنە بۇيۇملىرى ساندۇقى توغرىسىدىكى ھىكايىلەرنىڭ ھەممىسېنى ئېيتىپ بەردىم. بۇ ھېكايىلەردىن ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى ۋە سەۋەنلىكلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ پۇل قەرىز ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى ئەمما پۇل قايتۇرۇش ئىشەنچىسى بولماسلىقتەك پىسخىك ھالىتىگە قارىتا مەلۇم تۇنۇشقا ئىگە بولىسەن. بۇ ھىكايىلەر بىزگە قەرىز ئالغۇچى پەقەت ئۇلار ئەقىللىق ۋە ئىقتىدارلىق بولسلا ئالتۇنغا ئىگە بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئالتۇن تاپالايدىغانلىقىنى، ئەمما قەرىز ئالغۇچى تەجرىبىسىز ۋە ئىقتىدارسىز، مەشىقلەنمىگەن(تەربىيلەنمىگەن) بولسا، ئۇلارنىڭ بېيىش چۈشىنىڭ تېزلا ۋەيران بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.»
«لۇدان، سەن خېلى كۆپ ئالتۇنغا ئىگە بولدۇڭ. ئەمدى بۇ ئالتۇنلىرىڭدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ ئالتۇن تېپىشىڭ كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ماڭا ئوخشاش ئالتۇن قەرىز بىرىپ تورىدىغان سودىگەرگە ئايلىنالايسەن. ئالتۇنلىرىڭىنى ئېھتىيات  بىلەن باشقۇرالىساڭ، ئۇلار ساڭا ناھايىتى كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇلار ئۆمرۈڭنى شاد-خۇرام ئۆتكۈزۈشنىڭ مەنبەسى. ئەگەر بەتخەجلىك قىلىپ ئالتۇنلىرىڭنى سۇغا ئوخشاش ئېقىتىۋەتسەڭ، ئۆمرۈڭنى ئازاپ ۋە پۇشايمان ئىچىدە ئۆتكۈزىسەن.»
«ئالتۇنلىرىڭنى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى بولىۋاتىسەن؟» سورىدى ماسسون تېمىنى يۆتكەپ.  
«ئۇلارنى ياخشى ساقلايمەن.» ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاپ بەردى لۇدان.
ماسسون ئۇنى قوللاپ: «دېگىنىڭ ياخشى بولدى، ئالتۇنلىرىڭنىڭ بىخەتەرلىكى ھەممىدىن مۇھىم. ئۇنداقتا، يېزنەڭنىڭ باشقۇرىشىدا ئالتۇنلىرىڭ زىيانغا ئۇچرىماي بىخەتەر تۇرالامدۇ؟» دېدى.
«بەلكى بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى يېزنەمنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشتا باشقىلاردىن ئېشىپ كېتەلىگۈدەك ئارتۇقچىلىقى يوق. ئۇ ئىشلەشكىلا ماس كېلىدۇ. سودىغا ماس كەلمەيدۇ. ئۆزى سودا قىلسا دەسمايىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.»
«ئۇنداقتا، ھاماقەتلەرچە ھېسداشلىق قىلىش ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالما! ئالتۇنلىرىڭىنى بۇنداق ئادەمگە بەرسەڭ بولمايدۇ. ئەگەر سەن ئائىلەڭدىكىلەر ياكى دوستلىرىڭغا ياردەم بېرىشنى ئارزۇ قىلساڭ، باشقىچە ئامال ئىزدەپ باق. بىراق، ھەرگىزمۇ ئالتۇنلىرىڭنى تەۋەككۇلغا بېرىۋەتمە. شۇنى ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىنكى، ئالتۇن ئىگلىك باشقۇرۇشنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ قۇلىدا تېزلا ئېقىپ تۈگەيدۇ.»
«ئالتۇنلىرىڭنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قانداق قىلماقچى؟»
لۇدان جاۋابەن مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلاردىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ ئالتۇن تاپىمەن.»
«ناھايىتى توغرا! سۆزۈڭ ئەقىل-پارسىتىڭنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. ئالتۇنلىرىڭنى تېخىمۇ كۆپ ئالتۇن تېپىشقا ئىشلەتسەڭ، ئالتۇنلىرىڭنى كۆپەيتەلەيسەن. سەندەك ياش يىگىتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ئالتۇنلىرىڭنى ئىھتىياتچانلىق ۋە ئاقىلانىلىق بىلەن قەرىز بىرەلىسەڭ ناھايىتى تېزلا ئەسلىدىكسېنىڭ بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئالتۇن تاپالايسەن. بىراق، خالىغانچە قەرىز بېرىۋەتسەڭ، ئالتۇن تېپىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىپلا قالماي، ئالتۇنلىرىڭىدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭ مۇمكىن.»
«شۇڭا، ئۇنداق ئادەملەرنىڭ قالايمىقان قىزىقتۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالما، ئۇلارنىڭ پىلانلىرى ئەمەلىي ئەمەس. ئۇلار ئۆزلىرىگە چوڭ بېيىش پۇرسىتى كەلدى دەپ ئويلايدۇ. ئەمما، بۇ خىل پىلانلار ئۇخلىماي چۈش كۆرگەنلىك، ئۇلاردا ھېچقانداق تەجرىبە ۋە بىلىم يوق، سودىغا ئېپىمۇ يوق. شۇڭا پۇل تېپىشنى، ھاياتتىن بەھىرلىنىشنى قانچىلىك ئارزۇ قىلىپ كېتىشىڭدىن قەتئىينەزەر، ئالدى بىلەن بىر خىل ئىھتىياتچانلىق پوزىتسىيسېنى ساقلىشىڭ كېرەك. زور پايدىنى كۆزلەپ قارىغۇلارچە باشقىلارغا قەرىز بىرىپ تۇرساڭ، بۇرنىڭغا يەيسەن. پۇللىرىڭ قىلتاققا چۈشىدۇ. ئالتۇنلىرىڭ باشقىلارنىڭ ئالتۇنلىرىغا ئوخشاشلا ناھايىتى قىممەتلىك. شۇڭا، ئۇلارنى يانچۇقىڭدىن بىخەتەر ھالدا چقىرىشىڭ، ئاندىن بىىخەتەر ھالدا قايتۇرۇپ كېلىشىڭ كېرەك.»
«ئۇنىڭدىن باشقا، ساڭا يەنە بىر تەكلىپ بېرەي! ئىگىلىك باشقۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، تەجرىبسى مول زەردار ياكى دۇكان خۇجايىنلىرى بىلەن باردى-كەلدى قىل، ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە تەجرىبىسى ئاستىدا، ئاندىن بايلىقلىرىڭنى يورغىلىتپ، ئۈزلۈكسىز كىرىم قىلالايسەن.»
«ئەمما، ئۇلار ماڭغان كونا يۇلىدىن ماڭماسلىقىڭنى ئۈمىد قىلىمەن، بولمىسا ھەممىسى كۆز بۇيامچىلىق بىلەن ئالتۇنلىرىڭنى سورۇپ تۈگىتىپ، ھەميانىڭنى قورۇغداپ قويىدۇ.»
بۇ سەمىمىي مەسلىھەتلەردىن لۇداننىڭ كۆزلىرى بىردىنلا يۇرۇپ كەتكەندەك بولدى. ئالتۇننى چىڭ تۇتۇش ۋە ئىشلىتىش توغرىسىدا ئاز بولمىغان بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇپ ئىختىيارسىز مەمنۇن بولدى. ماسسونغا رەھمىتىنى بىلدۈرمەكچى بولغاندا، ماسسون يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: «سېنىڭ بۇ قتېىمقى شاھنىڭ سوۋغىسىدىن ئاز بولمىغان ئىگىلىك باشقۇرۇش بىلىملىرىنى بىلىۋالغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن. ئەگەر سەن يەنە تىللاغا ئېرىشمەكچى بولساڭ چۇقۇم ئېھتىياتچان بولۇشۇڭ كېرەك. نۇرغۇن ئارىيەت ئالغۇچىلارنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا ئۇچرايسەن، نۇرغۇن كىشىلەر قىزغىنلىق بىلەن مەبلەغ سېلىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە چوڭ بېيىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىڭ مۇمكىن. ئەمما، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، رەنە بۇيۇملىرى ساندۇقۇمدىكى ئۇ ھېكايىلەرنى ئېسىڭدە مەھكەم ساقلا! ئالتۇنلارنى ئارىيەت بېرىشتىن ئىلگىرى، چۇقۇم ئارىيەت بەرگەن ئالتۇنلىرىڭنىڭ ساق-سالامەت قايتىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىڭ كېرەك. ئەگەر بىرەر مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇرالمىساڭ، مېنى ئىزلە، خۇشاللىق بىلەن ياردەم بېرىمەن.»
«سەن مېڭىشتىن ئىلگىرى، رەنە بۇيۇملىرى ساندۇقۇمنىڭ تېگىگە ئۇيۇپ قويغان ھېكمەتلىك سۆزۈمنى ئۇقىۋال، ئۇ ئالتۇن قەرىز بەرگۈچىلەرگە ۋە خاتا قەرىز بېرىپ قويغۇچىلارغا ماس كېلىدۇ: ‹كېمەڭنى ئېھتىيات بىلەن ھەيدە(小心驶得万年船).›»
«ئىككەيلەن ئەنە شۇنداق پاراڭلىشىپ كەچ كىرىپ قالدى، لۇدان مىننەتدارلىق ئىلكىدە ماسسون بىلەن خوشلاشتى. ئۇ ئۆيىگە قايتىش يۇلىدا ئىزچىل ماسسوننىڭ سۆزلىرىنى ئويلاپ ماڭدى. بۈگۈنكى بۇ دەرس ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئىدى. ماسسوننىڭ بۇ ئاقىلانى مەسلىھەتى ئۇنىڭ ئۈچۈن 50 تىللادىنمۇ ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بىر ئۆمۈر ئىشلىتىشىگە يېتەتتى.»
ئەقىل پاراسەت جەۋھەرلەنمىسى
كېمەڭنى ئېھتىيات بىلەن ھەيدە (小心驶得万年船). بۇ قەدىمقى سۆز ناھايىتى ياخشى ئېيتىلغان. قەدىمقى بابىلونلۇق زەردارلار ئۆز تەجرىبىلىرى ئارقىلىق بۇ ھېكمەتلىك سۆزنى يەكۈنلەپ چىققان. بۇ ئۇلارنىڭ نەچچە يىللىق ئىگىلىك باشقۇرۇش جەۋھىرى. كۆپ يىللىق ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق، بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن. بۇ سۆز، ئىگىلىك باشقۇرۇشقا تۇلىمۇ ماس كېلىدۇ. پۇلدىن پۇل تۇغدۇرغاندىلا بايلىق ئۆزۈلۈپ قالمايدۇ، ئۆزىنىڭ بايلىقىدىن ھەقىقى بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ.


مەخپىي سۈزۈندىلەر

1. دوستۇڭ ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا، ياردەم بەرسەڭ تامامەن بولىدۇ. ئەمما، دوستۇڭنىڭ يۈكىنى ئۆز ئۈستۈڭگە ئارتىۋالساڭ، ئۆز يۈكىگە ئايلاندۇرىۋېلىشقا بولمايدۇ.  
2. پۇللىرىڭنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان ئەھۋال ئااستىدا، يېنىكلىك بىلەن دوسىتلىرىڭغا بىرىپ تۇرما بولمىسا زىيان تارتىپلا قالماي، يەنە دوسىتلىرىڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن.
3. مۇنداق ئۈچ خىل ئادەمگە پۇل بىرىپ تۇرۇشقا بولىدۇ. بىرىنچى، نۇرغۇن بايلىقى بار، قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم؛ ئىككىنچى، ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىم ئىقتىسادىي كىرىمگە ئىگە، مۇئەييەن قابىلىيەتكە ئىگە ئادەم؛ ئۈچىنچى، مۇئەييەن رەنە بۇيۇمى ياكى ئىشەنچىلىك كېپىلى بولغان ئادەم.
4. مۇنداق ئۈچ خىل ئادەمگە پۇل بىرىپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. بىرىنچى، كەيپىياتى تۇراقسىز، چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىپ قالغان ئادەم؛ ئىككىنچى، بىلىم ۋە تەجرىبىسى ياكى ئىقتىدارى يوق ئادەم؛ ئۈچىنچى، قەرىزى كۆپ ئەمما قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق ئادەم؛
5. مۇئەييەن مىقداردىكى بايلىققا ئىگە بولغاندىن كېيىن، مۇنداق ئىككى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك: بىرىنچى، بايلىقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئىككىنىچى، پۇل ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش كېرەك.
6. پۇل قەرىز بىرىپ تۇرۇشتا، مۇنداق ئەقلىيە سۆزنى ئېسىڭدە مەھكەم ساقلىشىڭ كېرەك: كېمەڭنى ئېھتىيات بىلەن ھەيدە! شۇندىلا بايلىقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پۇلدىن تېخىمۇ كۆپ بايلىق يارىتالايسەن. بۇ پۇل تېپىشنىڭ مۇھىم مەخپىپيىتىدۇر.





تۆتىنچى باب

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ مەخپىيتى ‐‐‐ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارغا مۇراجىئەت قىلىشتىن ئۇيالماسلىق
نېمە ئۈچۈن بەزىلەر گۈزەل نەرسىلەر ۋە شانۇ-شەۋكەتتىن بەھىر ئالالايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بەزىلەر جاپا مۇشەقەتتىلا كۈن ئۆتكۈزىدۇ ۋە بىر ئۆمۈر نامراتلىق پاتقىقىدىن قۇتۇلالمايدۇ؟ زادى قايسى ئامىل بۇ پەرىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؟ مەسىلە زادى قەيەردە؟ بۇ بېيىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەر بىر ئادەم ھەقىيقى ئويلىنىشقا ۋە يۈزلىنىشكە تېگىشلىك مەسىلە.

باب يېتەكچىسى
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئادىمىگەرچىلىك تەرەپلىرى بولىدۇ، نامراتلارنىڭ نامراتلىىشىپ قېلىشتىكى سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ ئەمما، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئورتاق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولى بولىدۇ. بەنشىرنىڭ ھېكايىسېنى ئۇقۇغاندىن كېيىن، بېيىشنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە نامراتلارنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىۋالىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
نامراتلارنىڭ چۈشى ۋە رېئاللىقتىكى ئىسەنكىرىشى
بەنشىر بابىلوندىكى جەڭ ھارۋىسى ياساش بىلەن داڭق قازانغان ئۇستا ھۆنەرۋەن ئىدى. قەدىمقى بابىلون ئۇزۇن يىل ئۇرۇش بولغان ئەل، شۇڭا جەڭ ھارۋىسىى كىشىلەرنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن. شۇ دەۋىردە جەڭ ھارۋىسېنى كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى ۋە مەرتىۋىسېنىڭ سىمۋۇلى دېيىشكە بولاتتى. بەنشىر دەل مۇشۇنداق جەڭ ھارۋىلىرىنى ياسايدىغان داڭلىك ھۆنەرۋەن. ئەلۋەتتە بۇنداق ھۆنەرنى قىلىدىغانلارنىڭ تۇرمۇشى ياخشى ئۆتىشى كېرەك ئىدى. بىراق، ھۆنىرى ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئىقتىسادىي كىرىم ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىزچىل نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىدى. پۇللىرىنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ شۇنچە ئۇستا ھۆنەرۋەن تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن نامراتلىق قالپىقىنى چۆرىۋېتەلمىگىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى.
بەنشىر ماغدۇرسىزلانغان ھالدا ئۆيىنىڭ پاكار تېمى ئۈستىدە، نامراتلىقتىن قۇرۇقدىلىپ قالغان ئۆيى ۋە ئۈستى ئۇچۇق كارخانىسىغا قارىغىنىچە خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى، كارخانىدا تېخى پۈتمىگەن جەڭ ھارۋىسى تاشلىۋېتىلگەن يىتىم بالىدەك بوينىنى قىسىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەمدى بۇ ھۆنەرنى پەقەت قىلغۇسى كەلمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنچە ئېسىل جەڭ ھارۋىسى ياساپ تۇرۇپمۇ نېمە ئۈچۈن گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئويلاپ جىمىپ كەتكەن ئىدى.
بەنشىرنىڭ ئايالى ئىشىك تۈۋىدە تۇختىماستىن ئۇياق-بۇياققا مېڭىۋاتاتتى. ئۇ بەزىدە ئىچىگە نەزەر سېلىپ، يولدىشىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىىغا قاراپ قۇياتتى، ئۇ يولدىشىنىڭ جەڭ ھارۋىسېنى تېزراق پۈتكۈزىشىنى، ئاندىن ئۇنى ياخشى باھادا سېتىپ تۇرمۇشىنى بىر مەزگىل بولسىمۇ ئازادە ئۆتكۈزۈشىنى ئارزۇ قىلاتتى. بەنشىرمۇ  ئۆيىدە بىر تالمۇ ئاشلىق قالمىغانلىقى، يانچۇقىنىڭمۇ پۈتۈنلەي قۇرۇقدىلىپ، تېزراق بېىرىپ ئشىلىمىسە ئاشلىق كىرزىسىغا دۇچ كىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدى. ئۇ كۆڭلىدە: بېرىپ جەڭ ھارۋۇسىنى سۈركەپ پارقىرىتىپ رەڭ بېرەى، ئامالنىڭ بارىچە تېز ۋە سۈپەتلىك پۈتتۈرۈپ، بىر بايغا ساتسام، ۋاقىتلىق كىرزىسېنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ھېچ بولمىغاندا ئىسسىنىشتىن ۋە تۇيۇنۇشتىن غەم قىلمايمەن، دېگەنلەرنى ئويلىدى.
ئەمما، ئۇ يەنىلا ئورنىدىن تۇرمىدى. ئاشۇ دەقىقىلەردە ئۇ ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتاتتى، بىراق مۇۋاپىق جاۋاپ تاپالمايتتى. بۇ كۈنى ھاۋا ئالاھىدە ئىسسىق ئىدى. بەنشىر پەقەت ھالسىرىغىنىدىن ئولتۇرۇپ قالغان بولۇپ، ماڭلىيىدىن چىققان تەر تامچىلىرىنىڭ كۆكرىكىگە تامچىلىغىنىنىمۇ سەزمەيۋاتاتتى. يىراقتىكى بابىلون شەھەر سېپىلى قۇرلىشىدىن چىققان غايەت زور ئاۋازمۇ ئۇنى چوڭقۇر خىيالدىن رېئاللىققا قايتۇرالمىدى. ئۇنىڭ بارلىق خىيالى ئاشۇ سۇئالدا، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە نامرات ئىكەنلىكىدە ئىدى.
بەنشىرنىڭ ئۆيىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بابىلون شەھەر سېپىلى قورۇلىشى ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. سېپىلنى بويلاپ ئۇدۇل ماڭسا تېزلا ئاجايىپ كۆركەم، كۆككە تاقىشىدىغان، بابىلون زىمىنىنىڭ ئىلاھى نامى بىلەن ئاتالغان، بابىلونلۇقلار پەخىرلىنىدىغان ئۇلۇغ قۇرلۇشلارنىڭ بىرى بېل ئىبادەتخانىسىغا بارغىلى بولاتتى.  
بابىلون شەھرى پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرىگە نىسبەتەن باي مەملىكەتنىڭ مەركىزى. ئەمما، بۇ شەھەردە يەنىلا باي ۋە نامراتتىن ئىبارەت ئىككى خىلدىكى ئادەملەر مەۋجۇت. بۇ ھەرقانداق شەھەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئىدى. بەنشىرنىڭ ئائىلىسىكىلەر نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش ئاددىي ئۆيدە ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ ئۆيى خان ئوردىسى ۋە شەھەر سېپىلىنىڭ سايىسىدا، تېخىمۇ ئاددىي ۋە نامرات كۆرىنەتتى. ھەر قانداق بىر شەھەر نامرات بىلەن بايلارنىڭ ئارىلاشمىسىدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. شەھەردە پەرىق يەنىلا ئەنە شۇنداق روشەن بۇلىدۇ. بۇنداق ئېنىق سېلىشتۇرۇشتا بايلارغا نىسبەتەن شەھەر جەننەت، نامراتلارغا نىسبەتەن دۇزاختەك بىلىنىدۇ. بەنشىر ئۆلگەندىن كېيىنمۇ بايلارنىڭ جەڭ ھارۋىسى شاۋقۇن سۆرەن بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ، كۇچىنىڭ ياقىسىدا پايپاق كەيگەن نۇرغۇن يايمىچى ۋە پايپاق كەيمىگەن نۇرغۇن تېلەمچىلەر تۇرۇشقان بولىدۇ.
مانا بۇ شەھەردىكى نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ رۇشەن سېلىشتۇرمىسى. بۇ قارىماققا ئادىل ئەمەستەك كۆرىنىدۇ. ئەمما، ماھىيەتتىن ئېيتقاندا ئادىل ھېسابلىنىدۇ. ھەرقانداق ئادەم ئىرىشكەن بايلىق ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق كېلىدۇ. نامراتلاردا باي بولغۇدەك ئەقىل-پاراسەت يوق شۇڭا ئۇلار نامرات پېتى ئۆتېۋېرىدۇ. يارىتىلىش تەڭرىدىن يارالمىش ئۆزۈڭدىن. بۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا ئوخشاشلا بىر ھەقىقەت. بىچارىلەرنىڭ چۇقۇم بىر يىرگىنىچلىك تەرىپى بولىدۇ. قانداقمۇ ئادىللىق نوقتىنەزىرى بىلەن بۇ شەھەرگە باھا بەرگىلى بولسۇن، ھەرقانداق شەھەر ئەنە شۇنداق.
بۇنداق مەنزىرە نۇرغۇن قېتىم ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتكەن. ئەمما، بۈگۈن بەنشىر چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ كەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ مەسىلىسىدە تېڭىرقاش ئىچىدە قالغان ئىدى: «نېمە ئۈچۈن مەندەك تالانتلىق، تىرىشىپ ئىشلەيدىغان ئادەم قورسىقىنى ئارانلا تويغۇزۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۈۋەن قاتلىمىدا ياشايدۇ؟  ئەمما ئۇ بايلار كۈن بۇيى ھېچ ئىشى بىلەن كارى يوق، پوزور كېيىنىپ گىدىيىپ يۈرىشىدۇ، ئەجىبا ئۇلارنىڭ بېيىشىدا بىرەر مەخپىيەتلىك بارمىدۇ؟» بەنشىر مانا شۇنداق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلانماقتا، ھەتتا قايناق بازاردىكى شاۋۇقۇن-سۆرەنلەرمۇ ئۇنىڭ دىققىتىنى چاچالمايتتى. ئۇ بۇ مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى تېزراق تېپىپ، نامراتلىق قالپىقىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.
بۇ ۋاقىتتا، چالغۇ ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇ يەتتە تارىلىق چالغۇ(七弦琴)دىن چىقىۋاتقان يېقىملىق ئاۋاز ھەر ھالدا ئۇنى رىئال دۇنياغا قايتۇرۇپ كەلدى. ئەسلىدە كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان يېقىن دوستى ‐‐‐ تالانتلىق سازەندە كوبى ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدى. كوبىنىڭ كەلگىنىگە بەنشىر ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. دوستىنىڭ يىراقتىن يوقلاپ كېلىشى، خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى. بىراق، بەنشىر يەنىلا خۇشال بولالمىدى. كوبىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش نامرات بولۇپ، چوڭقۇر غەمگە پاتقان بۇ ئىككى كىشى بىللە ماڭماقتا. ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن كۆڭلى سۇۋۇپ كېتىشىگە پول قەرىز ئېلىشقانلىقى ئەمەس بەلكى بىر-بىرىدىن ئاغرىنىشى سەۋەب بولغان ئىدى. كوبى بەنشىرنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: «تەڭرىمنىڭ دوستۇمنى شۇنچە ئەركىن ئازادە ۋە ئامان-ئېسەن قىلغىنىغا رەھمەت، تەڭرىم سېنى خىزمەتنىڭ جاپاسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قويۇپتۇ. سېنىڭ بۇ يەردە ئارام ئېلىپ ئولتۇرغىنڭنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، مۇشۇ پەيتلەردە، ھەميانىڭ تولۇپ كەتكەندۇ، بۈگۈن سېنى ئىككى شېكىل (قەدىمقى بابىلوننىڭ پۇل بىرلىكى) بېرىپ تۇرامدىكىن دەپ كەلگەن، كەچتە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بىر مۇراسىمىغا بارماقچى ئىدىم، زىياپەت تۈگىگەن ھامان پۇللىرىڭنى ساق-سالامەت قايتۇرۇپ بىرىشكە كاپالەتلىك قىلىمەن. كونا دوستۇڭ بۇلۇش سالاھىيىتىم بىلەن كاپالەت بېرەي، تەڭرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلاي، پۇلۇڭنى چۇقۇم ۋاقتىدا قايتۇرىمەن.» دېدى.
بەنشىر كۇبىغا سۇغۇق نەزىرى بىلەن قارىۋەتكەندىن كېيىن: «مەندە ئىككى شېكىل بولغان تەقدىردىمۇ، باشقىلارغا بېرەلمەيمەن، ئەڭ يېقىن دوستۇم بولغان سەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، بېلىشىڭ كېرەككى، ئەگەر مەندە ئىككى شېكىل بولسا، ئۇ مېنىڭ بارلىق بىساتىم ھېسابلىنىدۇ. مەن قانداقسىگە بارلىق بىساتىمنى باشقىلارغا ئارىيەت بېرىپ تۇراي؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە يېنىمدا بىر شېكىلمۇ يوق، ساڭا نېمىنىمۇ بېرەلەيمەن؟»
كوبى ھەيرانلىق بىلەن بەنشىردىن: «تەڭرىم! كاللامدىن چاتاق چىقمىغاندۇ-ھە، يېنىڭدا بىر شېكىلمۇ بولمىسا، بۇ يەردە مۇشۇندا ئارام ئېلىپ ئولتۇرالامسەن! بۈگۈن ساڭا نېمە بولدى؟ نېمە دەپ بۇ جەڭ ھارۋىسېنى تېزراق پۈتتۈرىۋەتمىدىڭ، بۇ جەڭ ھارۋىسى ھېچ بولمىغاندا سېنى بىر مەزگىل تۇرمۇشۇڭنى قامدىغۇدەك پۇلغا ئىگە قىلاتتى ئەمەسمۇ؟ بۇ يەردە شۇنداق بىكار ئولتۇرغۇدەك باشقا كىرىمىڭ بارمۇ-يا؟ بۈگۈن بىلدىم، سەن ئۆزگىرىپ كېتىپسەن، مەن تونىيالمىغۇدەك بولۇپ كېتىپسەن. قىزغىنلىقىڭ نەگە كەتتى؟ بىرەر قىيىنچىلىق ياكى ئاۋارىچىلىققا يۇلۇقتۇڭمۇ-يا؟ قانداق نەرسە سېنى بۇ جەڭ ھارۋىسېنى ياساشتىنمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش ئۈستىدە ئويلاندۇرۇپ قويدى؟» دەپ سورىدى.
بەنشىر بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ: «تەڭرىم راستىنلا مەن بىلەن ئوينىشىۋاتامدىغاندۇ. تۈنۈگۈن بىر چۈش كۆرۈپتىمەن، چۈشۈمدە، ھەممە ئادەم ھەۋەس قىلىدىغان كاتتا زەردارغا ئايلىنىپتىمەن. قولۇمدىكى تىللالارنى نامراتلارغا چېچىپ بەرگۈدەكمەن. ئايالىمغا نۇرغۇن كىيىملەرنى ئېلىپ بەرگۈدەكمەن، بۇ كىيىملەرنىڭ باھاسېنى سوراپمۇ قويمىغۇدەكمەن، ئالماقچى بولغان بارلىق نەرسىلىرىمنى ئالغۇدەكمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مېنىڭ يەنە نۇرغۇن ئالتۇنلىرىم بولۇپ، ئۆز ئىختىيارىمچە ئىشلەتكۈدەكمەن. كۈنلىرىم چەكسىز بەخىت ئىلكىدە ئۆتكۈدەك، ئەگەر شۇ ھالىتىمنى كۆرەلىگەن بولساڭ جاپالىق ئىشلەيدىغان ئەمما كىرىمى ئىنتايىن ئاز مەندەك دوستۇڭنى تونىيالمىغان بولاتتىڭ، ئايالىم ياشىرىپ باشقىچە ئادەم بولۇپ قالغۇدەك، چىرايلىق كېيىنگەن، تېرىلىرى ئاپئاق بولۇپ كۈلۈمسىرەشلىرى كىشنى مەست خۇش قىلىدىغان، گۈزەل قىزلارغا ئوخشاپ قالغۇدەك. نېمىدىگەن گۈزەل –ھە! ئەمما، ئۇلار بىر چۈش خالاس! ئويغانغاندىن كېيىن ھېچنىمەم يوقلىقىنى چۈشەندىم، ...

ھازىرچە مۇشۇ يەردە تامام، مىسرانىم تورى ۋە تورغا يوللىغۇچىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بۇنى ئېلكىتابلاشنى ئىلتىماس قىلىمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-4-17 01:37 , Processed in 1.210217 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش