- توردا
 - 123 سائەت
 - ئاخىرقى قېتىم
 - 2012-4-19
 - تىزىملاتقان
 - 2011-8-1
 - شۆھرەت
 - 1402 
 - تىللا
 - 4399 
 - تۆھپە
 - 905 
 - ھوقۇقى
 - 200
 - جۇغلانما
 - 8571
 - ئالبوم
 - 0
 - بلوگ
 - 0
 - خاتىرە
 - 4
 - يازما
 - 463
 - تېما
 - 3
 - نادىر
 - 0
 - ھەمبەھر
 - 30
 - UID
 - 2667
  
 
 
 
   
- تۆھپە
 - 905 
 - تىللا
 - 4399 
 - شۆھرەت
 - 1402 
 
 
 
 
 
 
 | 
软件 .1 ئاتالغۇسى ئىلگىرى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە قىسقارتىلىپ يۇمتال - دەپ ئېلىندى . مەن ئەزەلدىن بۇنداق ئاتاشقا قايىل بولمۇدۇم . 软件 سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك تەرجىمىسىمۇ ئەسلىدە يۇمشاق دېتال - دەپ ئېلىنىشى كېرەك . يۇمشاق ماتىريال ، يۇمشاق بۆلەك دىگەن ئاتالغۇلار  IT ساھەسىدىكى مەۋھۇم مەشغۇلاتلار بولۇپمۇ كومپىيوتىر سېستىمىسى ، ھەر خىل قوللىنىشچان پىروگىراممىلارنىڭ ئۇيغۇرچە تىل ئىشلىتىش ئادىتىگە پەقەت ماسلاشمايدۇ .  
مەسلەن : يۇمشاق ماتىريال دىسەك ئۇ زادى قانداق يۇمشاق ماتىريال ؟ قۇرۇلۇشتا ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق ماتىريالمۇ ياكى باشقا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق ماتىريالمۇ ؟ بۇ ئۇقۇم تازا ئېنىق مەنا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئۇقۇمنى تولۇقلاپ ئىزاھلاشقا توغرا كېلىدۇ . 
يۇمشاق بۆلەك دەپ ئالساقمۇ پەقەت توغرا بولمايدۇ . ئۇ ھالدا بۇ سۆزنىڭ مەنىسى مەلۇم بىر شەيئىنىڭ بىر بۆلەك قىسمى قاتتىق بولسا يەنە بىر بۆلەك قىسمى يۇمشاق دىگەندەك مەنانى ئىپادىلەپ قويىدۇ .  
شۇڭا (software (软件  ئاتالغۇسىنى يۇمشاق دېتال - دەپ قوللىنىش بىزنىڭ تىل ئىشلىتىش ئادىتىمىزگىمۇ ناھايىتى ئۇيغۇن كېلىدۇ .  
يۇمتال ئاتالغۇسى ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىرامماتىكىلىق سۆز ياساش قائىدىسىگىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس .  
2. 默认) default ) دىگەن ئاتالغۇنى ‹‹ كۆڭۈلدىكىدەك تەڭشەلگەن قىممەت ›› - دەپ ئېلىش بىر قەدەر مۇۋاپىق .  
3. 手机 دىگەن ئاتالغۇنى ئىلگىرى خەنزۇ تىلىنى ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ ئىتوتلىرىدىكىدەك تۈپتۈز تەرجىمە قىلىپ قول تېلفۇن - دەپ ئاتىدۇق . كېينچە يانفۇن ئاتالغۇسى بارلىققا كەلدى . قول تېلفۇن ۋە يانفۇن دەپ ئىشلىتىش رايۇنىمىزنىڭ بەزى جايلىرىدا بەلگىلىك دەرىجىدە ئومۇملاشقان ئىدى . لېكىن 手机 دىگەن ئاتالغۇنى يان تېلفۇن - دەپ بېكىتىش تېخىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق . يان تېلفۇن ئاتالغۇسى ئۇقۇم جەھەتتىنمۇ ياندا ئېلىپ يۈرۈيدىغان تېلفۇن دىگەن مەنانى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ . |   
 
  
 |