- توردا
- 107 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-15
- تىزىملاتقان
- 2010-8-12
- شۆھرەت
- 2999
- تىللا
- 1417
- تۆھپە
- 1870
- ھوقۇقى
- 80
- جۇغلانما
- 10030
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 3
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 745
- تېما
- 189
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 2
- UID
- 213
- تۆھپە
- 1870
- تىللا
- 1417
- شۆھرەت
- 2999
|
كەمپىت ياساشتىن تاماكىنىڭ بۇلۇتىغىچە (چوشقا تەركىبلىك مەھسۇلاتلار)[تەرجىمە]
تەرجىمان: agah
چوشقىنىڭ ھەممە يېرى گۆھەردور
شىنلاڭ تورى پەن-تېخنىكا قانىلىنىڭ 18-نۇيابىردىكى خەۋىرى ئەنگىلىيەنىڭ ‹كۈندىلىك پوچتا› گىزىتىدە تۆۋەندىكىدەك بىر مالۇمات بىرىلگەن .
سىز تەملىك سۈرلەنگەن چوشقا گۆشى قاتلىمىسى يەۋاتقان ۋاقتىڭىزدا چوشقا ئۆز ھاياتىنى قۇربان بىرىش بەدىلىگە سىزنى مەزىلىك ئەتتىگەنلىك تاماقتىن ھوزۇرلاندۇرىۋاتقان بولسىمۇ . سىز چوشقىنىڭ گۆشىدىن باشقا جايلىرىنىڭ نەلەرگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن .
29ياشلىق كىرىستىن مىندىسمان ئىسىملىك بىر يازغۇچى چوشقىنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىنىڭ نەلەرگە ئىشلىندىغانلىقىغا قىزىقىپ قاپتۇ ھەمدە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى باشلاپتۇ .ئۇ ‹ھەممىڭلارغا ئوخشاش مەنمۇ چوشقىنىڭ قۇشخانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قانداق ئۆزگۈرۈشلەرنى باشتىن كەچۈردىغانلىقىنى
بىلمەيمەن .شۇڭا مەن بىر تەكشۈرۈپ كۆرمەكچى بولدۇم .شۇنىڭ بىلەن مەن دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ
خوجايىنى بولغان بىر دوستۇمنى ئىزدىدىم ،ئۇ بىر چوشقىسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشۈمگە قوشۇلدى .
كىرىستىن ئىز قوغلاش جەريانىدا شۇنى بايقايدۇكى،قۇلىقىغا سېرىق رەڭلىك 05049 نومۇرلۇق ھالقا ئۆتكۈزۈلگەن بىر دانە چوشقا ئاخىرىقى ھېساپتا 185خىل ساھەگە ئىشلىتىلىدىكەن ،كەمپىت ياساش ۋە چاچ سوپۇنى ياساشتىن تارتىپ بولكا ياساش،بەدەن سۈرتۈش مېيى،پىۋا ۋە مىلتىق ئوقى ھەممىسى چوشقا بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن .كىرىستىن :مەن بىر ئادەتتىكى چوشقىنىڭ نەقەدەر كەڭ
كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىنى بىلىپ قاتتىق چوچىدىم .بۇ ۋاقىتتىكى ھېسياتىم شۇكى چوشقا بىر ئادەتتىكى
ھايۋان بولۇپلا قالماي بەلكى بىر سانائەت خام ئەشياسى يەنى بىر خىل كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىدىغان
سانائەت خام ئەشياسى دىگەن قاراشقا كەلدىم .
شۇنى بايقىدىمكى ،بۇ چوشقىنىڭ 4.9قاداق يەنى 2222 گىرام يېرى كاۋچۇكسىمان كەمپۈت ياساشقا ،2177گىرام يېرى چۈچۈك بۇيا جەۋھىرى ياساشقا ئىشلىتىلىدىكەن ھەمدە بۇ جەريانىدا چوشقا تېنىدىكى
كوللاگىن ماددىسى ئايرىپ ئېلىنىپ ئاق سۈزۈك يىلىمغا ئايلاندۇرۋېلىندىكەن .بۇ ماددا يىمەكلىك سانائىتىدە
ئۇيۇتقۇچى ماددا ئورنىدا ئىشلىتىلىدىكەن .ھەممە كەمپىتلەردە بۇ ماددا بولمىسىمۇ لېكىن كۆپىنچە كەمپىتلەردە بۇ ماددا بار ئىكەن .ھەرقايسى تاللا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان داڭلىق ماركىلىك كەمپىتلەرگە كەڭ كۆلەمدە
ئىشلىتىلىدىكەن .چوشقىدىن ئېلىنىدىغان ئاق سۈزۈك يىلىم كەمپىتلەرگىلا ئىشلىتىپ قالماستىن بەلكى پىۋا،
ئۈزۈم ھاراق ۋە مىۋە شەربەتلىرىنى ئىشلەشتە سۈزۈلدۈرگۈچى ئورنىدا ئىشلىتىلىدىكەن .بەزى ماروژنا ،سۈنئىي
قايماق ،زاۋۇت قېتىغى ۋە سۈنئىي سېرىق ماي ياساشتا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدىكەن .
مېنى ئەڭ چوچۇتقىنى بولسا ،ئاغرىق پەسەيتىش دارىسىدىن تارتىپ،كۆپ خىل ۋىتامىن تولۇقلاش تابلىتكىسىغىچە ھەمدە نۇرغۇن دارىلارنىڭ تەركىبىگە چوشقىدىن ئېلىنىدىغان ئاق سۈزۈك يىلىمنى ئىشلىتىشى بولدى .بەزى ساغلاملىق بويۇملىرى ۋە پەرداز مەھسۇلاتلىرى چوشقىدىن ئىشلەنگەن ئىكەن .چوشقا مېيى كىسلاتاسى
يەنە بەدەن ئۇۋىلاش مايلىرى ، ئۇپا تەگلىكى ۋە قورۇقنى يوقىتىش مېيى ياساشقا ئىشلتىلىۋېتىپتۇ.
چوشقا مېيىدىن چەككىلەنگەن گىلىستىرىن يەنە ھەرخىل چىش پاسلىتىرىنىڭ موھىم تەركىبى قىسمىكەن .
گوللاندىيەلىك كىرىستىن ئىسىملىك بۇ خانىم بەزى شېركەتلەر ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشقا قوشۇلمىغانلىقىنى ئېيىتتى . بەزىلىرى ھەتتا ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان مەھسۇلاتىنىڭ تەركىبىدە چوشقا گۆشىدىن ئېلىنغان ماددىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ .بۇ خۇرۇچلارنىڭ تېشىغا نەدىن كەلگەنلىنى يېزىپ قويماسلىق ئەھۋالى ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا ھەتتا چوشقا ماددىسىنىڭ بارلىقىنى بىلەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ .يىمەكلىك باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئەھۋال ئىگەللەشكە قارىغاندا ،ھەر قايسى زاۋۇت كارخانىلار ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىۋاتقان ئاق سۈزۈك يىلىمنىڭ چوشقىدىن ئېلىنغانمۇ ياكى باشقا ھايۋاندىنمۇ بۇ ئەھۋالنى يېزىپ قويۇش قانونىي مەجبورىيىتى يوق ئىكەن .ئەگەر ئۇلار مەھسۇلات تېشىغا ئاق سۈزۈك يىلىم بار
دەپ يېزىپ قويۇلسا ئىستىمالچىلارنىڭ كۆز ئالدىغا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا چوشقا يىلىمى كېلىدىكەن .ئەھۋالدىن
قارىغاندا كارخانىلار تەننەرخىنى تىجەش ئۈچۈن ئەزان چوشقا يىلىمىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى يوشۇرۇش
ئۇسسولى بىلەن ياپقان ئوخشايدۇ .60يىللىق چوشقا بېقىش تەجىربىسىگە ئىگە ھەمدە ئەنئەنىۋى كۆپەيتىش
ئارقىلىق چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شېركەتنىڭ خوجايىنى ھەمدە ئەنگىلىيە چوشقا
بېقىش ھەمكارلىق كوپراتىپىنىڭ ئەزاسى رىچارد.لوۋىچ چۈشەندۈرۈپ،بۇنداق قالايمىقان ئەھۋالنىڭ شەكىللىنىشى ئاساسلىق چوشقا بېقىش سانائىتىنىڭ كۆلەملىشىپ كەتكەنلىكىدە دىدى .
ئۇ يەنە چۈشەندۈرۈپ،ئەنگىلىيەدە چوڭ كۆلەمدىكى تاۋارلاشقان دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ئۆزلىرى باققان
چوشقىسىنى چوڭ تىپتىكى قۇشخانىلارغا ئاپىرىپ سويغۇزىدىكەن .قۇشخانىلار بولسا چوشقىنىڭ قوشۇمچە
يەرلىرىنى سېتىپ چىقىرىشكە بازار ئىزدەيدىكەن .سېتىپ چىقىرىپ بولالمىسا چوقۇم تاشلىۋېتىشكە
مەجبور ئىكەن .شۇڭا ئامال بار ھەممىسىنى سېتىۋېتىشنى ئۇلار ئەڭ موھىم دەپ بىلىدىكەن .
مۇنداق كونا بىر گەپ بار :‹چوشقىنىڭ ھەممە يېرى بىباھادور›.ئۆتكەنكى يۈز يىل مابەينىدە چوشقىنىڭ
ئىشلىتىلىش ساھەسى توختىماي كېڭىيىۋاتىدۇ .
ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغىنى يەنە رەسىم تارتىشقا ئىشلىتىدىغان پىليونكا يەنى سۈرەت لىنتىسى خام ئەشياسىغا چوشقا سۆڭىكىدىن ئېلىنىدىغان گوللاگىن ماددىسى قوشىلىدىكەن .چوشقا ئۇستىخىنى گوللاگىنى
يەنە خۇرۇم ئاياقنىڭ خۇرۇمىنى ياخشىلاشنىڭ ياخشى ماتىريالىكەن .چوشقا سۆڭىكى مېيى يەنە سۇۋالغۇ يەنى
تۇلىياۋنىڭ پاقىراقلىقىنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن .تاماكا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى سىگارتنىڭ سۈزگۈچىگە چوشقا قىزىل قاندىن ئېلىنىدىغان قىزىل قان ئاقسىلى ئىشلىتىلىدىكەن
كىرىستىن ئاگاھلاندۇرۇپ ،كىلەركى قېتىم بولكا سېتىۋالغاندا ئەڭ ياخشىسى ئورالمىغا دىققەت بىلەن
قاراب بېقىڭ .بەزى بولكىچىلار L-Cysteine 半胱氨酸نى ئىشلىتىشى مۇمكىن .بۇ ماددىنى چوشقىدىن
ياكى باشقا ھايۋاناتلارنىڭ تۈكىدىن ئايرىۋالىدىغان ئاقسىل بولۇپ خېمىرنى تېخىمۇ يۇمشىتىش رولى بار .ئەنگىلىيە بويىچە ئەڭ داڭلىق يىمەكلىك شېركىتى بولغا تېسكونىڭ بولكىسدا مۇشۇنداق تەركىب بار.
ئەڭ قىزىقارلىق يېرى چوشقىدىن ئايرىغان قوشۇمچا مەھسۇلاتلارنىڭ ئوق دورا ياساشتا ئىشلىتىلىشى
بولدى .چوشقا ئۇستىخىنى گوللاگىنى مىلتىق دورىسىنى ئوقنىڭ ئىچىگە تىقىپ كىرگۈزۈشتە سىلىقلىغۇچى
ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ .ئۇنىڭ رولى پۈگەت ئىچىنى سىلىقلاپ يولنى راۋان قىلىش .چوشقىنىڭ بۇ قەدەر
كەڭ دائىرىلىك ئىشلىتىلىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ .
ئەمەلىيەتتە،چوشقىنىڭ ھېچقانداق يېرى ئىسراپ قىلىنىۋېتىلمەيدۇ .مەن ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن 045049 نومۇرلۇق چوشقىنىڭ كالپۇكلىرى مايدا پۇشۇرۇلۇپ ئىت يېمى قىلىنىدۇ .چوشقا
قۇلىقىنىڭ توقۇلمىلىرى ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشاپ كەتكەچكە بەزىدە خىمىيىلىك
قۇراللارنى سىناق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .بەدەنگە رەسىم چىكىدىغان سەنئەتكارلار چوشقا تېرىسىنى مەشىق قىلىشقا ئىشلىتىدۇ .چوشقا تېرىسى ئادەم تېرىسىگە
يېقىن بولغاچقا بەزىدە ئوتتا كۆيۈپ يارلانغانلارنى قۇتقۇزۇشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ .
چوشقىنىڭ تىبابەتكە قوشقا تۆھپىسىمۇ چوڭ بولۇپ ،ئىنسۇلىن ياساشتا ،قاننى
سۇيۇلدۇرىدىغان ‹ھىپرىيىن› ياساشتا چوشقا يۈرىكى كىلاپانى بەك موھىمدور .
لېكىن بەلكىم يوقىرىقى مەلۇماتلار گۆشسىز تاماق يىيىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلار
،مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن ھەرگىز ياخشى خەۋەر ئەمەستور .
پۈتكۈل دۇنيادىكى يىمەكلىك سانائىتىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدىكى
مۇرەككەپ باسقۇچلار بىزنى چوشقىدىن تەلتۆكۈس يىراق بولۇشنى مۇمكىن
بولمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى .
ماقالا مەنبەسى شىنلاڭ پەنتېخنىكا قانىلى
مەسئول تەھرىر: ياڭئەيبو
تەرجىمىدە :agah (ئىزدىنىش ئەزاسى)
خەنزۇچە مەنبە:http://www.china.com.cn/photochina/2009-11/18/content_18911947.htm بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yolum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-23 18:08
|
|