+==+  ئوقۇ، ئۆگەن، ئۆگەت، ئىزدەن، تىرىش، ئالغا باس. ئوقۇ، ئۈگەن، ئۈگەت، يولۇڭنى ئاچ، يوللارنى ئاچ، ئەلنى سۆي، ياخشى ئەمەللەردە بول، ھالال ياشا   +==+

ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 264 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 205|ئىنكاس: 0

ئۆز تىلىمىز ئۈچۈن تۆھپە قوشايلى! (80 تىللىق چوڭ لوغەت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

yolum 实名认证 

تۇرشاۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1741
تىللا
1338
شۆھرەت
2795
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 17:37:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرنداشلار:
ھازىر ھەممىمىز تىل ئۈگىنىشكە مۇھتاج، ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلقىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ «ئۇيغۇرتىلى-باشقا تىللار »لوغەتلىرى كۆپلەپ بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ،لىكىن تېخى مۇكەممەللەشكىنى يوق. بولۇپمۇ كومپىيۇتېر ئاتالغۇللىرى جەھەتتە. بۇ ھەقتە ھەرقايسى مۇنبەرلەردە كۆپ مۇنازىرلەر ئېلىپ بېرىلغان،لىكىن بىرلىككە كىلەلمىدى.
مەقسەتكە كەلسەك ، مەن تۆۋەندە سىلەرگە دۇنيا بوبيچە ئالدىنقى قاتاردىكى ،ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان 80 دىن ئارتۇق تىللار ئارىسىدا ئۆز -ئارا سۆز تەرجىمە ،20دىن ئارتۇق تىللار ئارىسىدا ئۆز -ئارا تىكىست تەرجىمە ئېلىپ بارالايدىغان ئونۋېرسال لوغەت lingose نى تەۋسىيە قىلىمەن.
بو لوغەت چەت ئەللىك ئىنسانپەرۋەر Kevin Yau دىگەن كىشى تەرپەدىن تۇزۇلگەن،ھەمدە بۇنى پۈتۈن دۇياغا ھەقسىز تارقاتقان .
ئاساسلىق ئىقتىدارى:
ھازىر 80 دىن ئارتۇق تىللار ئارىسىدا ئۆز -ئارا سۆز تەرجىمە ،20دىن ئارتۇق تىللار ئارىسىدا ئۆز -ئارا تىكىست تەرجىمە ئېلىپ بارالايدۇ. داۋاملىق سۆز ئامبىرى قوشىلىۋېتىپتۇ.
ئىكىراندىن خەت تۇتۇپ تەرجىمە قىلىش( Ctrl+ ماۋۇس ئوڭ كونۇپكىسى)، كىسىپ چالاش تاختىسىدىن تەرجىمە قىلىش. (مەسلەن بىز مەلۇم .ئورۇندا بىر خەتكە «كۆپەيتىش»بۇيرىقىنى بەرسەك ئاستىدا كىچىك رامكىدا تەرجىمىسى چىقىدۇ).
ئىنگىلىسچە سۆزلۈك تەلەپپۇز قىلىش
يەنە كالىندار ، دۇنيادىكى ھەرقايسى رايۇنلارنىڭ تېلېفۇن رايۇن نومىرى……………..
بۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى بولسا خالىغانچە سۆزلۈك ئامبىرى قوشقىلى بولىدىكەن،ھەمدە يۇمتال تىلىنىمۇ يۇنكود ئۆلچىمىدىكى باشقا تىللىارغا ئۆزىمىز خالىغانچە ئۆزگەرتسەك بولىدىكەن. مەسىلەن ئۇيغۇر تىلى، خەنزۇ تىلى….،بۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشمۇ بەك ئاددىي، تۈزگۈچىنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە lingose قاچىلانغان مۇندەرىجە ئىچىدىكى lang / lang-ug-CN.ini تىكىسىت ھۆججىتىنى ، ئاللىبۇرۇن بىرەيلەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بوپتۇ.
ئەمدى بىزگە قۇيۇلغان تەلەپ نىمە؟؟؟؟؟
بۇ بولسىمۇ – بۇنىڭغا «ئۇيغۇرتىلى-باشقا تىللار » سۆزلۈك ئامبىرى قوشۇش .
بۇنى كىم قىلىدۇ؟؟؟؟
ئەلۋەتتە بىز ئۇيغۇرلار قىلىشىمىز كىرەك. چۈنكى بۇ چەتئەللىك ئۇيغۇر تىلىنى بىلمەيدۇ.
ھازىرقى شارائىتىمىز دا مەيلى بىزدەك پىروگىراممىر لار بولسۇن، ئوقۇغۇچى ئۇستازلار بولسۇن ۋە باشقا ساھەدىكىلەر بولسۇن تىل ئۈگىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ئايدىلىنىش بەكمۇ زۆرۈر.
مەن ئەسلى بۇ سۆزلۈك ئامبىرنى ئۆزۈم تۈزۈپ سېتىشنى ئويلىغان ،لىكىن تۈزگۈچى شۇنچە جاپا تارتىپ تۈزۈپ ھەقسىز تارقاتسا ،مەن بۇنداق قىلسام تازا بىمەنىلىك قىلغان بلىدىكەنمەن ، شۇڭا مەن بۇنى تۈزۈپ ھەقسىز تارقىتىپ مىللىتىمىزنىڭ بۇجەتتىكى ئىھتىياجى ئۈچۈن بىركىشلىك ھەسسە قۇشۇشنى ئويلاپ بۇھەقتە كۆپ ئىزدەندىم ، تۈزگۈچى Kevin Yau بىلەنمۇ ئالاقىلاشتىم ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز پەقەت ئادەتتىكى خاتىرە دەپتەردە،ۋە باشقا تەھرىرلىگۈچلەردە ، تۈزگۈچىنىڭ كۆرسەتكەن شەكلى بويچە يەنى
http://www.lingoes.cn/zh/dictionary/dict_format.php دە كۆرسىتىلگەندەك تۈزۈپ يۇنكود ھالىتىدە ساقلاپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن تۈزگۈچىگە يوللاپ بەرسەك سۆزلۈك ئامبىرى شەكلى ld2گە ئايلاندۇرۇپ تۇردا تارقىتىدىكەن.
بۇنداق قىلساق بىز ئۈچۈنلا ئەمەس باشقىلار نىڭ بىزنىڭ تىلىمىز نى ئۈگىنىشىگە ياردىمى بولىدۇ.
مەن تور ئارلاپ قارىسام ئۇيغۇر تىلدىكى تور بەتلەرنى چەتئەلدە زىيارەت قىلىدىغانلارمۇ خېلى كۆپكەن.
لىكىن مەن بۇنى تۈزۈش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت چىقىرالماي ،ۋاقىت بەك ئۇزىراپ كەتكۈدەك. شۇڭا بۇنى قىرىنداشلاربىلەن بىرگە تۈزۈپ چىقساق تېخىمۇ مۇكەممەل بولغىدەك . كىيىن يەنە بۇنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ئۇيغۇر تىلى -روس تىلى ، ئۇيغۇر تىلى-ئەرەپ تىلى ۋە باشقا تىللار سۆزلۈك ئامبىرنىمۇ تۈزسەك دەپ دەپ ئويلاپ مۇنبەر گە يوللۇدۇم . بۇنىڭغا تەكلىپ – پىكىرىڭلارنى ئوتتۇرغا قويۇشىۇڭلارنى ئۆمۈد قىلىمەن…
بۇنىڭ ئۈچۈن بىلىم بۇلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن سەركىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كىلىۋاتقان بىلىك كولۇبنىڭ قوللاپ – قۇۋەتلىشىگە ئىشىنىمەن. ھەمدە بۇھەقتە تەرتىپلىك بىر لاھىيەنى ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىشىنى سەمىمى ئۆمۈد قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن : ئابدۇشۈكۈر
لوغەتتىن پايدىلىنىش ئادرېسى :http://www.lingoes.cn
مەنبە http://uyghuracademy.com/?p=14084
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-1-17 04:56 , Processed in 1.630767 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش