- توردا
- 18 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-18
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 168
- تىللا
- 183
- تۆھپە
- 130
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 674
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 25
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 16
- تۆھپە
- 130
- تىللا
- 183
- شۆھرەت
- 168
|
ئەسسالام يانفون ھەۋەسكارلىرى!
ئۇيغۇر يانفون تورى بۈگۈندىن باشلاپ قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى!
http://www.xjtel.com
مەزمۇندىكى ئاتالغۇلار ھەققىدە:
ئەپ --- كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە قاچىلىنىدىغان بارلىق يۇمشاق دېتاللارنى كۆرسىتىدۇ.
يەرلىكلەشتۈرۈش---- باشقا تىلدىكى پروگرامما ۋە باشقا كومپىيۇتېر ماتېرىياللىرىنى يەرلىك تىلدا تەرجىمە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
مۇنبەرنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھەققىدە :
- مۇنبەر ئۇسلۇبى% 70ھالەتتە يەرلىكلەشتۈرۈلۈپ تەڭشەلدى.
- مۇنبەر تىلى نۇرقۇت ئەترىتى تەمىنلىگەن ھالەتتە قۇرۇلدى، بەزى ئورۇنلاردىكى خەنزۇچە ئاتالغۇ كۆرسەتمىلەر داۋالمىق تەرجىمىدە...
- مۇنبەرگە ھازىرچە پەقەت ئۆزۈم تەرجىمە قىلغان ئەپلەر يوللاندى، ھەم داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىپ يوللىنىدۇ.
- مۇنبەرگە ھېچقانداق ئېلان قىستۇرۇلمىدى ۋە قىستۇرۇلمايدۇ.
- مۇنبەر ئەزالىرى ۋە سەيياھلار ئوخشاشلا تېما مەزمۇنىدىكى قوشۇمچىلانى كۆرۈش ۋە چۈشۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە ، ھېچقانداق چەك قويۇلمىدى.
- مۇنبەرنىڭ پەقەت مۇنبەر قىسمىلا ئىشلىتىلدى، باشقا مەيدان، ھويلا دىگەندەك ئىقتىدارلار ھاجەتسىز دەپ قارىلىپ تاقىۋىتىلدى.
- مۇنبەرنىڭ يانفوندا زىيارەت قىلىش قىسمى تەييارلىنىۋاتىدۇ( ئاللاھ خالىسا بارلىق مەزمۇنلار ئاپتوماتىك كېڭەيتىلگەن رايۇنغا ئالمىشىدىغان قىلىپ تەڭشىلىدۇ)
- تىزىملىتىش، كىرىش، ئىنكاس يوللاش قاتارلىق رايۇنلار ئەڭ ئىخچام ھالەتكە تەڭشەلدى، ئارخىپتىكى ئارتۇقچە شەخسى ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇش ھاجەتسىز.
- مۇنبەر سەھىپىلىرى ئەڭ ئاددى ھالەتتە تەڭشەلدى(ھاجەت بولسا يەنە داۋاملىق كېڭەيتىلىدۇ ۋە قىسقارتىلىدۇ).
كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانى:
- ئىزچىل ھالدا يەرلىكلەشتۈرۈلگەن (ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان) ئەپلەر تەرجىمەقىلىندۇ.
- ئاندرويىد Romلىرىدىن MIUI سىستېمىسى 4.0 دىن باشلاپ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچىنى تەڭ قوللايدىغان قىلىپ تەرجىمە قىلىنىدۇ.
- ئاندرويىد ئەسلى سىستېمىسى بولسا ساقىت قىلىندى(UyghurDevدىكى قېرىنداشلار يەرلىكلەشتۈرىۋاتىدۇ، تەكرار بولماسلىقى كۆزدە تۇتۇلدى).
- ھەر قايسى مىللەت سۆيەر، ئابروي قوغلاشمايدىغان قېرىناشلاردىن ئۇيغۇرچە ئەپ تەرجىمە قىلىش گورۇپپىسى قۇرۇلىدۇ.
- مۇنبەر يەنە داۋاملىق ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ ئەڭ ئىخچام، كۆركەم، چۈشۈنىشلىك ھالەتكە كەلتۈرىلىدۇ.
- تەرجىمە قىلىشقا كېتىدىغان بارلىق تېخنىكىلار % 100 سىر تۇتۇلمىغان ئاساستا ئاشكارلىنىدۇ.
تەرجىمە گورۇپپىسىغا مەيلى بارلاغا تەلەپ:
- چوقۇم بەلگىلىك كومپىيۇتېر ساۋادىغا ۋە دەرىسلىك ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىشى كېرەك.
- ئانا تىلنى سۆيىدىغان ، ئىملاسى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بولىشى كېرەك.
- يەرلىكلەشتۈرگەن ئەپلەر ھەقسىز ، ھېچقانداق مىھنەتسىز تارقىتىلىدۇ، بۇنىڭغا چوقۇم بويسۇنىشى كېرەك.
- ھەر ئايدا چوقۇم 2دىن ئارتۇق ئەپ تەرجىمە قىلغۇدەك ۋاقتى بولىشى كېرەك.
(تەرجىمىگە كېتىدىغان قورال تېخنىكا ۋە باشقا لازىملىق ماددى ۋە مەنىۋىي بۇيۇملار يۇقارقى شەرىتكە توشىدىغانلار ئۈچۈن ئالدىن ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ)
مەقسەد ۋە ئويلىرىم:(تۆۋەندىكىسى شەخسى پىكىر -ئويلۇرۇم)
ئۇيغۇر IT ساھەسىدىكى نامراتچىلىق ، كومپىيۇتېر ساھەسىدىن تارتىپ ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرگىچە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، مىللەت ۋە جەمئىيەت ئەزالىرى بولغان بىز چوقۇم كەلگۈسى ئەۋلادلارغا مۇشۇ ساھەدە مەنىۋىي ۋە ماددىي جەھەتتىن ئازدۇر كۆپتۇر مەنپەئەت قالدۇرىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن.
ئاچچىق قىلىپ ئېيىتسام ئۆزۈم كومپىيۇتېر ساھەسىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ بىرەر ئادەمنى خوش قىلغۇدەك مۇۋاپىقىيەت توغرىسىدا خەۋەر ياكى شەخىسنى بايقىمىدىم .
مەيلى كومپىيۇتېر ، مەيلى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر بولسۇن بىز تېخىچە كىرگۈزگۈچ ۋە خەت نۇسخىسى باسقۇچىدا ، تېخى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرنىڭ كۆپۈنچىسى ئەرەبچە ۋە باشقا ئوخشاش قۇرۇلمىدىكى يات مىللەت خەت نۇسخىسىدىن كۆچۈرۈلۈپ كېلىنگەن دىيىشكە بولىدۇ.
كىرگۈزگۈچلەر بولسا پايدا زىيان مۇناسىۋىتى ئۈستىگە قۇرۇلغان (ئەلۋەتتە بۇنى خاتا دەپ قارىمايمەن) ، ھەركىم ھەرخىل ئۆلچەمدە كىرگۈزگۈچلەرنى ياساپ تارقىتىپ يۈرگەن مەزگىللەرمۇ تېخى يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئاخىرلاشتى
مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى ئىش ئەمەس دىمەكچىمۇ ئەمەس، يوقتىن ياخشى، لېكىن ئىھتىياجىمىز بۇنىڭدىن نەچە ھەسسە كۆپ ئىدى.
خوش، بۇيەرگىچە ئوقىغان بولسىڭىز بەلكىم ئاچچىقىڭىز كەلگەن بولشى مۇمكىن.
سەل چوڭ سۆزلىگەنمۇ بولاي، ئەلۋەتتە ئويلاۋاتقىنىڭىزدەك مەن تېخى بۇ ساھەگە يىڭنىچىلىك تۆھپە قوشقىنىممۇ يوق، لېكىن بىر ئىككى ئېغىز كۆز قارىشىمنى سۆزلەش ھوقوقۇم بار دەپ ئويلايمەن، چۈنكى مەنمۇ ئۇيغۇر دىگەن نام بىلەن ئاتىلىپ تۇغۇلدۇم ،ئۆستۈم ،ھەم مۇشۇ نامدا ئۆلسەم پەخىرلىنىمەن.
خۇلاسەم:
يۇقارقىدەك ئاستا كېتىۋاتقان <تەرەققىيات > نىڭ سەۋەبى بولسا <مېۋىسىنى بېرىپ تېخنىكىسىنى بېسىپ يېتىش >، <مەن ياراتمايمەن قوڭۇمنى باسۇرۇپ، قوڭۇم ياراتمايدۇ مىنى ئوسۇرۇپ> دىگەندەك بىر قاتار <ياخشى ئىللەت> لەردىن كېلىپ چىققان دەپ قارايمەن. بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلىگۈم يوق.
ئەمدى قايتىپ بېكەت ھەققىدىكى گەپكە كەلسەك بۇ قېتىمقى مەقسىدىم ئاز بولسىمۇ ئاندرويىد ساھەسىدىكى نامراتچىلىقنى تۈگۈتۈپ مۇشۇ ساھەدە بولسىمۇ بىر ياخشى باشلىنىش بولۇشىنى مەقسەد قىلدىم ھەم تىرىشىمەن.
يېقىندىن بېرى ئاندرويىد قىزغىنلىقى خېلى كۆرىنەرلىك كۆتۈرۈلدى، بۇنى قۇتبىلىك بىلوگى، قۇتيار مۇنبىرى، ئىنتىل سەيناسى ۋە بىلكان شىركىتى قاتارلىق شەخىس ۋە تەشكىلاتلاردىكى مەزمۇن ۋە ھەرىكەلىرىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.
ئاندرويىددىن ئىبارەت بۇ ساھەنىڭ كومپىيۇتېر ساھەسىدەك نامراتچىلىق ئىچىدە ئۆتىشىى خالىمىغان ۋە ئىزدىنىۋاتقان بارلىق شەخىس ۋە ئورۇنلار ---- ھارمىغايسىلەر.
ئاخىرىدا
مىنى قوللىغان دوست بۇرادەرلىدىمگە-
كومپىيۇتېر ساھەسىدىكى چۈشەنچە ۋە بىلىمىمنىڭ زور دەرىجىدە ئىلگىرلىشىگە تۈرۈتكە ۋە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن ئالپسوفىت شىركىتىگە -
بىكەت پىروگراممىسىنى تەمىنلىگەن شەرەپلىك نۇرقۇت ئەترىتىگە-
يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان قۇتيار توربىكىتى ۋە ئىنتىل سەيناسىغا-
شۇنداقلا كومپىيۇتېر بىلىملىرى بىلەن تەمىنلەۋاتقان تور بىكەتلەرگە ھۆرمەت تەشەككۈرۈمنى يوللايمەن.
2011.12.23
|
|