lpk.dll ۋە usp10.dll ۋىرۇسىنىڭ قاتىلىنى ئىشلىتىڭ
مەن ئۆتكەندە بارماق دىسكامغا 重要文件.exe ۋىرۇسى يۇقىۋىلىپ، ناھايتى بەك جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدىم، ۋە تازىلاپ بولالماي يامان تىت-تىت بولغان ئىدىم. مانا ئەمدى ئىككى كۇندىن بىرى lpk.dll دىگەن ماۋۇ سالجا ۋىرۇستىن يامان تويدۇم،سىستىمىنى قايتا قايتا قاچىلىساممۇ تۇرىدۇ، ئالتۇنتاغ،360 دىگەندەكلەرمۇ ئىشلىمىدى، بولۇپمۇ بارلىق rar ۋە zip ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىدە شۇ رودىپاي،ئالتۇنتاغ،360 قاتارلىق دوت ۋىرۇسخۇلار ساق ھۆججەتنىمۇ قاراپ تۇرۇپ، ئادەمنى قارىتىپ قويۇپ lpk.dll بىلەن بىرگە ئۆچۇرۇپ يامان كەيپىمنى ئۇچۇردى، ئاخىرى ئىزدەپ يۇرۇپ مانا ئاخىرى ئامال تەپتىم، سىزمۇ سىناپ بىقىڭ چوقۇم مۇۋاپپىقىيەت قازىنىسىز.
ئاستىدىكى بىرسى مەخسۇس ھۆججەت قسقۇچلار ئارىسىدىكى يەنى پۇتۇن دىسكا رايۇنىدىكى lpk.dll ۋە usp10.dll ۋىرۇسىنى تازىلايدۇ، باشقا ھۆججەتلەرگە ھۇجۇم قىلمايدۇ.
يەنە بىرسى بولسا rar ۋە zip ھۆججەتلەر ئارىسىغا يۇشۇرنىۋالغان سالجا ۋىرۇس lpk.dll ۋە usp10.dll نى تازىلاپ يوقىتىدۇ.
سىناقتىن تولۇق ئۆتتى. شۇنداق بولسىمۇ پەۋقۇلئادە مۇھىم ماتىريالىڭىزنى زاپاسلاپ قويۇپ ئىشلىتىڭ.
مانا بۇ يەردىن چۇشۇرۋىلىڭ
|