ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 578|ئىنكاس: 1

كورتلار ۋادىسىدىكى داڭلىق چولپان خالو دايى ۋاپات بولدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
3256
تىللا
3063
شۆھرەت
5404

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 21:10:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كورتلار ۋادىسى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارقىلىق خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولغان خالو دايى(خالىل تاغا)تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان ئىدى.گەرچە دوختۇرلار يۈرەك سوقۇشىنى نورماللاشتۇرغان بولسىمۇ نەچچە كۈن ھوشسىز ياتقان سۆنمەز ئاتاسوي تۈنۈگۈن كىچە سائەت 00:15 تە ۋاپات بولدى.سۈلەيمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي فاكۇلتېتىغا قاراشلىق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى باش دوختۇرى پروفېسسور تۇغرۇل سەزەر ئاتاسوينىڭ مېڭە فونكىسىيونلىرىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت پالەچ ھالدا بولغانلىقتىن جىددىي قۇتقۇزۇش قىلىنغانلىقى ئەمما كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئەپسۇس سائەت 00:15 تە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقانلىقىنى ئېيتتى.
تاڭ ئاتقاندا ئاتاسوينىڭ قىزى فەدىك سەۋىن ئاتاسوي سۆيۈملۈك دادامنىڭ بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغانلىقىدىن كۆڭلۈم بەك يېرىم ئۇنىڭ ئاۋازى ھەر ۋاقىت قۇلىقىمدىن كەتمەيدۇ.سۈلەيمان دەمىرەل دوختۇرخانىسىغا ۋە يۈرىكى بىز تەڭ سوققان بارلىق كىشىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.جىنىم دادا ياتقان يىرىڭ يورۇق بولسۇن،گۈللەرگە تولسۇن،جەننەتتە بولسۇن)دەپ يىغلاپ كەتكەن.
ئاتاسوي ئۈچۈن بۈگۈن ئەتىگەن ئەنقەرە تىياتىرخانىسىدا ئۇزىتىش مۇراسىمى بېرىلىدىكەن.چۈشكە يېقىن كوجا تەپە جامىسىدە مېيىت نامىزى چۈشۈرۈلۈپ يەرلىككە قۇيۇلىدىكەن.
sakarya firat تېلېۋىزىيىسىدە ئىسپارتادا رول ئىلىۋاتقان ئاتاسوي 8-چېسلا دەم ئىلىش مەزگىلىدە كۆكرەك تەرىپىنىڭ تۇيۇقسىز ئاغرىشى بىلەن دوختۇرخانىغا جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئاپىرىلغان.دوختۇر تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغالغان دەپ دىئاگنوز قويغان.
سۆنمەز ئاتاسوي كىم؟
1944-يىلى كارستا تۇغۇلغان سۆنمەز ئاتاسوي ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئاكتىيورلۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.1968-يىلى دۆلەت تىياتىرخانىسىدا ئىشلەشكە باشلىغان.40 يىل ئاكتىيور ۋە رېژىسسور بولۇپ ئىشلىگەن.سەنئەت ساھەسى تەرىپىدىن ئىككى قېتىم ئەڭ ياخشى كىنو ئارتىسى ۋە ئەڭ ياخشى رېژىسسور بولۇپ باھالانغان.كورتلار ۋادىسى تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن يەنە بىر قېتىم نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ مىيىت نامىزىدا پولات ۋە ھۈسۈنىلار بار ئىكەن.









http://img.vol.io/yazete/fotogaleri/act/13663_1390_16122011_3.jpg
kuresh 实名认证 

تۇرشاۋۇل

كۈرەش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
834
تىللا
941
شۆھرەت
1839
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 13:07:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىمنىڭ داۋامقى يەنە كىچىكىپ چىقىدىغان بولدى دە .....  ئالدىنقى قېتىم مۇشۇ فىلىمنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى «كورتلار ۋادىسى» دا رول ئالغان لەززىيا ۋاپات بولۇش سەۋەپلىك بىر مەزگىل كىچىكتۈرۈلگەن ئىدى ، بۇ قېتىممۇ يەنە كىچىكتۈرۈلگىدەكدە ئەمىسە ، ئاللاھ  ئۇلارنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن ئامىن !
www.anatil.net  ئانا تىل يانفون سىزنى قارشى ئالىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-14 00:26 , Processed in 0.106529 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش