ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelword
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 270 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 91|ئىنكاس: 0

تور بېكەت،مۇلازىمەت ۋە باشقىلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1050
تىللا
731
شۆھرەت
1772
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 17:13:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورى: زەپەرىستان
تور بېكەتنىڭ ياخشى نەرسىلىكىدە گەپ يوق.نۇرغۇن ئادەم مۇشۇنداق قارىغاچقا تور بېكەت قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن  پۇل تېپىشنىڭ يولىغا قىستىلىشىپ كېرىۋېلىشتى ھەم كىرىۋېلىشماقتا.نۆۋەتتىكى تور بەتلەرنىڭ تېماتىك قۇرۇلمىسى قانداق بولۇۋاتىدۇ،مەۋقەسى قانداق بولۇۋاتىدۇ،تور بېكەت قۇرۇشتىكى مەقسىدى نېمە بولۇۋاتىدۇ،خېرىدارلار بىلەن  بولغان مۇئامىلىسى قانداق بولۇۋاتىدۇ...مۇشۇ سوئاللارنى ئوتتۇرىغا سۆرەپ چىقپ دېيىشىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى. نۇرغۇن تور بېكەت قۇرغۇچىلار ئىنتىلدا بار بولغاچقا،بۇ تېمىنىڭ بىزە بولسىمۇ ئەھمىيتى بوپ قالار.

ئاۋال ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى بايان قىلىپ ئۆتەي.
تور بېكەت قۇرىدىغانلارنىڭ تولىسى ئۇنېۋېرسال تور بېكەت قۇرۇپ، تورداشلارنى كۆندۈرگىسى،ئۆزىنىڭ تور بېكىتى ئارقىلىق ئەڭ مۇكەممەل خەۋەر بازىسى ،كۆڭۈل ئېچىش سەيناسى ئۇچۇر سەھنىسى،تۈرلۈك قوراللار باغچىسى بەرپا قىلغۇسى ۋە كۆلەملەشتۈرۈپ كىرىمىنى كۆپەيتكۈسى بار.
بۇ يولدا تىرىشىش بار،تىرمىشىش بار.ئەپسۇس ، نۇرغۇنلىرىدا مۇشۇ سەھىپىلەرنى قانداق باشقۇرۇش ھەققىدە ئىلمىي پىلان يوق.كونكېرتراق ئېيتساق، تاللاش ۋە پەرقلەندۈرۈش دىتى يوق.خەۋەر تەرجىمە قىلىشلاردا،ئەسلى خەۋەرنىڭ روھىنى بۇرمىلايدىغان،ئەسلى خەۋەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خاتا ياكى كام تەرجىمە قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆپ. تەرجىمە بەك ئۆلۈك.خەۋەر سۈرەتلىرى خۇنۈك.ھەتتا بەزى تور بېكەت قۇرغۇچىلار خەۋەر بىلەن ئۇچۇرنى  پەرق ئېتەلمەيدۇ.خۋەر دەپ قامۇسقا كىرىدىغان مەزمۇنلارنى يوللايدۇ.يېڭىلىنىشنى ئالدىغا قويۇۋېلىپ،شۇم خەۋەرلەرنى باش بەتكە توشقۇزۇۋېتىدۇ....
بەزى ئالدىغا چىقىپ قالغان تور بېكەتلەر خېرىدارلار بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ؟بۇنىمۇ ئويلىنىش كېرەك. شۇنىسى ئېنىقكى، تور بېكەتلەرنىڭ ئېلان ئورۇنلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ھازىرقى مال باھاسىدىنمۇ تېز بولۇۋاتىدۇ. بۇلتۇرلا 400 يۈەنگە ئالغىلى بولىدىغان ئورۇنلار بۇ يىل 1000 يا 1200. مېنىڭچە بۇنى بۇنداق تېز ئۆستۈرۈپ  ئاسمان پەلەككە چىقىرىۋالماسلىق كېرەك،ھەممە كارخانا بەك ئېگىز مەنزىللەرگە چىقىپ بولالمىدى.بىر تور بېكەت مىللىي ئىقتىسادنى قوللاش جەھەتتە پوققا  كارغا كەلمەي،تورخۇمارلارنى ناخشا مۇزىكا ۋە شۇم خەۋەر بىلەنلا تەمىنلەيدىغان تور بېكەت بولسا،ئۇنىڭ بولغىنىدىن بولمغىنى تۈزۈك. (يا بولمىسا  دەبدەبە ئىسىملارنى قويۇۋالماي،شۇم خەۋەر تورى دەپلا ئۆزگەرتىڭ تور بىكىتىڭىزنىڭ نامىنى)تور بېكەت قۇرۇشنىڭ دەششەت جاپالىق ئىكەنلىكىنى مەنمۇ بىلىمەن،نېرۋا ئۇپرايدىغان،جانغا ئېكەك سالىدىغان مۈشكۈل خىزمەت.شۇنداقتىمۇ ،شۇ جاپاغا چۇشلۇق ھەققىي  قىممەتنىڭ نەدىن كېلىشى كېرەكلىكىنى ۋە ھاردۇقنىڭ نەدىن چىقىدىغانلىقىنىمۇ ئويلاپ قويۇش كېرەك. نەچچە يىل  ئاۋاللا پەشكە سۆيۈپ يۈرۈيدىغان ھەۋەسكار بالىلار بۈگۈنكى كۈندە بىر تور بېكەتنىڭ خوجايىنى بولۇۋېلىپ، «سەن بەرمىسەڭ بېرىدىغان چىقىدۇ»دەپلا «مانچە پۇل،كۆنسەڭ مانا،كۆنمىسەڭ نېرى تۇر»دەيدىغان بولۇۋالسا، (ئېلاننىڭ خاراكتېرىنى سوراپ خاراكتېر بويىچە باھا قويىدىغان ئىشمۇ باركەن.بۇنى كونكېرت ئۇقۇپ كەتمىدىم.)
شۇنىڭ بىلەن قېنى قىزىققلار «توختىغىنە،مەنمۇ قۇرالايمەنغۇ تور بېكەت دېگەن نېمىنى»دەپ ئۇمۇ ئۆز ئالدىغا تور بېكەت قۇرۇشنى باشلىۋەتسە، شەكىل جەھەتتە « بارچە قۇشلار بەس-بەستە سايراش»قان بىلەن،كۈچ چېچىلىپ، ئىش ئاۋۇمايۋاتقان. «بۈگۈنكى سۆھبەت»نىڭ قايسى بىر سانىدا «كىچىك كارخانىلار قوشۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دېگەن گەپ ماڭا ساپ داۋا ئۆپكە ياشارتىش ھەسىلىدەك ياقتى.تور بېكەتلەرمۇ شۇنداق قىلالىغان بولسا.تېخنىكىسى بارى تېخنىكىسىنى،دىتى بارى دىتىنى،قەلەمدە ياخشىسى قەلىمىنى چىقارسا....(بۇغۇ ئەمەلگە ئېشىشى تەس بولغان بىر ئارزۇغۇ) ھېچبولمىسا،ئېلان باھاسىنى مۇۋاپىق تەڭشىسە،يېڭى ئىش باشلىغانلارمۇ ئۇنىڭغا ئېلان بېرەلىسە،پايدىلىنالىسا دېمەكچى. ئاندىن قالسا،مەۋقەنى توغرىلاش مەسىلىسى. تور بەتمۇ ئۆز نۆۋىتىدە مەدەنىيەت سەھنىسى،بۇ ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم رولى، ماھىيەتلىك فۇنكىسىيىسى.ھازىرقى ئەھۋالدا ھېچقايسى بىر ئۇيغۇرچە تور بېكەت « مانا مەن ئەڭ ياخشى قىلالىدىم، مەندەك قىلىشى كېرەك»دېيەلمەيدۇ.ئەڭ ياخشى قىلغان قانداق بولىدۇ؟ئاۋامنى ئىلمىي مەدەنىيەت مۇھىتىغا باشلىيالىغان تور بېكەت ئەڭ ياخشى قىلغان ھېسابلىنىدۇ.(ئەلۋەتتە،تور بېكەتنىڭ ئۆز ئالدىغا خاراكتېرى بولىدۇ.مېنىڭ دەۋاتقىنىم ئۇنېۋېرسال تور بېكەتلەر).

بېسىپ ئولتۇرۇپ تېزىس تۈزۈپ يازسام باشقىچە چىقاتتى،مۇشۇنداقلا چۇۋالچاق چىقىپ قالدى،دېگەچ تۇراي دېدىم.
ئەپۇ قىلىڭلار.قالغان گەپلەر سىلەرگە ئامانەت.
بىلسەم يازىمەن، بىلمىسەم سورايمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-1-28 16:17 , Processed in 0.763224 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش