ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 157|ئىنكاس: 0

ئائىلىدە سىزمۇ بىر ياخشى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولالايسىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
1870
تىللا
1417
شۆھرەت
2999
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 13:39:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق قىلغاندا بالىلارنى ماتېماتىكاتېخىمۇ يىقىنلاشتۇرغىلى،ئۇلارنىڭ ماتېماتىكىلىق تەپەككۈر قىلىشقا بولغان مايىللىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ تەبىئىي پەنلەرنىڭ بولۇپمۇ ماتېماتىكىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يېتىۋاتقان نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار نۆۋەتتە بۇ مەسىلىگە چوقۇم قىزىقىدۇ دەپ قارايمەن.
ئەمەلىيەتتە،بۇنىڭ جاۋابى بەك ئاددى،ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بولسا،ئالاھىتەن يېتەكچى تەكلىپ قىلمىسىڭىزمۇ،ئۇنىڭ ماتېماتىكا سەۋىيىسىنى ، قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايسىز.


ئەگەربالىڭىز ماتېماتىكىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىلا ئىكەنلىكىنى، ماتېماتىكىلىق تەپەككۈر قىلىشنىڭ ئىنتايىن قىزىقارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىسا،ئۇنداقتا تەبىئىيلا بۇ »قىيىن» پەننى ياقتۇرۇپ قالىدۇ.
ئۇنداقتا قاراپ باقايلى، بالىڭىزنىڭ ئەتىراپىدا قايسى جايلاردا ماتېماتىكا باركىن؟

ئاشخانا ئۆيىدىكى ماتېماتىكا

ئاشخانا ئۆي-ئەمەلىيەتتەناھايىتى ياخشى  بولغان سىنىپ ھېسابلىنىدۇ.سىز بازاردىن سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەلگەن كۆكتات، مېۋە-چىۋە قاتارلىقلارنى بالىڭىز بىلەن بىرگە رەتلەڭ. سىزئۇنىڭغا يۇقارقىلارنى تۈرى،رەڭگى،شەكلى قاتارلىق خاسلىقلىرى بويىچە ئايرىشنى تاپشۇرسىڭىزبولىدۇ،ئۇ چوقۇم بۇ ۋەزىپىنى قىزغىنلىق بىلەن ياخشى ئادا قىلىدۇ.
تاماق تەييارلاش باشلاندى، سىزمەلۇم ھەجىمدىكى قاچا ياكى ساپلىق دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن ئۇن،ياغ،گۇرۇچ قاتارلىقلارنى ئۆلچەپ ئالسىز،بۇ يەردە ئەلۋەتتە مىقدارھەققدىكى دەسلەپكى چۈشەنچىلەر بېرىلىدۇ.ئۇندىن باشقا تۈرلۈك تاماقلارنىڭ نەچچىلىك ۋاقىتتا پىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ۋاقىتقا دائىر بىلىملەرنى، گۆشنان، قازان نىنى قاتارلىقلارنى تەييارلىغان كۈنلىرى بالىڭىزغا كېسىپ بەرگەندە، ئۇنىڭدىن»ئىككىدىن بىرىنى يەمسەن ياكى تۆتتىن بىرىنىمۇ ؟…»دېگەندەك ماتېماتىكىلىق ئۇقۇملارنى سىڭدۈرىۋەتسىڭىز تامامەن بولىدۇ.

تاللابازىرىدىكى ماتېماتىكا
تاللا بازىرىغا كېرىپ مال سېتىۋالمىساقمۇ،بالىمىزغا  ماتېماتىكا دەرىسى ئۆتىۋىلىشقا بولىدۇ.سىزبالىڭزنى تاللا بازىرىغا ئېلىپ بېرىپ،ئۇ ياخشى كۆرىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا قايسى تاۋارنىڭ ئەڭ قىممەت،قايسىنىڭ ئەڭ ئەرزان ئىكەنلىكىنى سېلىشتۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسىنى بەرسىڭىزبولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئوخشاش بولمىغان ئورام-قاپلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى،بۇيۇملارنىڭ رەڭگى،تېگىشش سېزىمى قاتارلىقلارنى سىلاشتۇرۇپ چىقالايدۇ، قاراڭ بالىڭىز ئىككىنچى دەرىجىلىك تۈرگە ئايرىشنى بىلىۋالدى!
ۋاي ،تېخى سىز بالىڭىزدىن سۆيۈنۈپ كېتىپ، ئۇنىڭغا بىرسوۋغات سىتىۋالدىڭىز،ياخشى ئۇنداقتا ھېسابات قىلىشتىن ئىبارەت ھەقىقىي ماتېماتىكلىق مەسىلىدىن بىرسى چىقتى.
سېتىۋالغان نەرسىڭىزنىڭ بىردانىسى بىر يۈەن، ئۇنداقتا سىز سېتىۋالغان 10 دانىسى قانچە پۇل بولدى؟…ھاھ-ھاھ بۇنى سىزدىن سورىمىدىم جۇمۇ.

يول ئۈستىدىكى ماتېماتىكا

سىز ئەمەلىيەتتە دائىم دېگۈدەك بالىڭىزنى ئېلىپ ئۇ-بۇ سەۋەبلەر بىلەن سىرتلاردا يول يۈرىسىز.ئەلۋەتتە بۇ جەرياندىمۇبالىڭىزغا ماتېماتىكا دەرىسى بېرەلەيسىز. ئۆيىڭلار بىلەن كۇتۇبخانىنىڭ ئارىلىقى قانچىلىك؟ مەكتەپنىڭچۇ؟
ئۇ يول بويى خىلمۇ-خىل رەڭدىكى ماشىنىلارنى كۆزىتىدۇ، ئوخشاش بولمىغان نومۇر تاختىلىرىنى كۆرىدۇ.ھىم،مانا ماشىنا نومۇر تاختىسىدىن ئوبدانلا بىر ماتېماتىكلىق ئويۇن ھازىرلىغىلى بولىدۇ. ئىككىڭلار كىمنىڭ نۇمۇرتاختىسىدىكى نومۇرلارنى تولۇق يادىدا تۇتالايدىغانلىقى ھەققىدە بەسلەشسەڭلار بولىدۇ.بۇ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ئەمەسمۇ؟

ئۆي ئىشلىرىدىكى ماتېماتىكا

بىلىسىز بالىلارنى كېچىكىدىن چامى يەتكەن ئۆي ئشىلىرىغا سېلىشنىڭ پايدىسى كۆپ،ئەگەر بۇ جەريانغا ماتېماتىكا قىتىۋەتسەكچۇ؟
بالىڭىزغا چېچىلىپ ياتقان پايپاقلارنى يىغدۇرۇڭ،ئۇ رەڭ ۋە چوڭ-كىچىكلىكى ماس كېلىش ئۆلچىمى  بويىچە توپلىسۇن.
كىرلارنى كىرئالغۇغا سالدىڭىز ئۇنداقتا پاراشۇك سالىدىغان ۋاقتىڭىزدا ئەسكەرتىپ قويۇڭ:ئالدىنقى قېتىم بىز پەقەت بىر قوشۇق پاراشۇك سالغان ئىدۇق، بۇقېتىم ئىككى قوشۇق سالىمىز،چۈنكى بۈقىتىم يۇيماقچى بولغان كىرىمىزئالدىنقى قېتىمقىنىڭ ئىككى ھەسسىچىلىك كېلىدۇ.
ئەركىلىتىپ ئوينىتىشتىكى ماتېماتىكا
بالىلارنى دائىم دېگۈدەك ئەركىلىتىپ ئوينىتىمىز، بۇ ئۇلارغا زور خۇشھاللىق تۇيغۇسى بەخىش ئېتىدۇ.نۇرغۇن ئويۇنلاردا كونتاكىت ھادىسى مەۋجۇت. مەسىلەن : چاۋاك چېلىپ ئويناش، تارتىشىپ ئويناش قاتارلىقلاردا. بۇنداق چاغلاردا بىزساناق سان ساناپ بەرسەك، بالىلارنىڭ ئېسىدە قىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
….
ئەمەلىيەتتە كۈندىلىك تۇرمۇش ماتېماتىكا بىلەن ئىنتايىن زىچ باغلىنىپ كەتكەن،كېچىك بالىلارنى ماتېماتىكىغا يېتەكلەشتە ئەڭ ئاددىي، تەبىئي ئۇسۇللاردا ئاز-ئازدىن ئۇقۇم يېتىلدۈرۈش كېرەك دەپ ئويلايمەن.
بۇ ماقالە ماتېماتىكا بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-28 05:06 , Processed in 0.223021 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش