ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 582|ئىنكاس: 1

سىزنى تەسىرلەندۈرىدىغان<<ئالما دەرىخى>>

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2011-12-19 13:15:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بىر تۈپ ئالما دەرىخى بار ئىكەن...
ئۇ بىر بالىغا بەك ئامراق ئىكەن، ئوغۇل بالا ھەر كۈنى ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كېلىدىكەن.
ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرىنى يىغىپ، يوپۇرماقتىن تاج ياساپ، ئورمان پادىشاھى سىياقىدا ياسىنىدىكەن.
بالا دەرەخ غولىغا يامىشىپ چىقىدىكەن.



دەرەخنىڭ شاخلىرىغا ئېسىلىپ ئىلەڭگۈچ ئۇچىدىكەن.



ئالمىلارنى يەيدىكەن.



ئۇلار بىرلىكتە مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئوينايدىكەن.


ئويناپ ھارغاندا  بالا بۇ دەرەخنىڭ سايىسىدا ئۇخلايدىكەن.


بالا بۇ دەرەخنى بەك... بەك ياخشى كۆرىدىكەن، دەرەخ ناھايىتى خۇشال ئىكەن.


كۈنلەر بىر-بىرلەپ ئۆتۈپتۇ.



بالا چوڭ بولۇپتۇ.



دەرەخ دائىم يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ.



بىر كۈنى  بالا دەرەخ تۈۋىگە كەپتۇ. دەرەخ:
-كەل بالام، كەل، غولۇمغا ياماش، شاخلىرىمغا ئېسىلىپ ئىلەڭگۈچ ئۇچ، ئالمىلاردىن يە، سايەمدە خۇشال-خورام ئوينا!،- دەپتۇ.


-مەن ئەمدى كىچىك بالا ئەمەس، دەرەخكە يامىشىپ ئوينىمايمەن،- دەپتۇ  بالا،- مەن بىر نەرسە سېتىۋېلىپ ئوينايمەن، ماڭا پۇل كېرەك، بىر ئاز پۇل بېرەلەمسەن؟


-ھەقىقەتەن خىجىلمەن،- دەپتۇ دەرەخ،- مەندە پۇل يوق، پەقەت يوپۇرماق ۋە ئالمىلىرىملا بار. بالام، ئالمىلىرىمنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ ساتقىن. شۇنداق قىلساڭ پۇلۇڭ بار بولىدۇ، خۇشال-خۇرام ئۆتىسەن،- دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوغۇل بالا دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ ئالمىلارنى ئۈزۈپ، بىرنىمۇ قالدۇرماي ئېلىپ كېتىپتۇ. دەرەخ ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ.


بالا ئۇزاققىچە قايتىپ كەلمەپتۇ... دەرەخنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولۇپتۇ.


بىر كۈنى  بالا قايتىپ كەپتۇ، دەرەخ خۇشال بولغىنىدىن تىترەپ كېتىپتۇ، ئۇ:
-كەل! بالام، غولۇمغا ياماش، شاخلىرىمغا ئېسىلىپ ئىلەڭگۈچ ئۇچ، شادلان،- دەپتۇ.


-مەن بەك ئالدىراش، دەرەخكە ياماشقۇدەك ۋاقتىم يوق،- دەپتۇ  بالا،- مەن ئىسسىق بىر ئېغىز ئۆيۈم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن، مېنىڭ خوتۇن-بالىلىق بولغۇم بار، شۇڭا مەن بىر ئېغىز ئۆيگە ئېھتىياجلىق. ماڭا بىر ئېغىز ئۆي بېرەلەمسەن؟


-مېنىڭ ئۆيۈم يوق،- دەپتۇ دەرەخ،- ئورمانلىق مېنىڭ ئۆيۈم. بىراق سەن شاخلىرىمنى كېسىپ ئاپىرىپ ئۆي سالساڭ بولىدۇ، شۇنداق قىلساڭ خۇشال-خۇرام ئۆتىسەن.


شۇنىڭ بىلەن بالا دەرەخنىڭ شاخلىرىنى كېسىپ، ئۆي سېلىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىپتۇ.


دەرەخ بۇرۇنقىدەكلا ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ.


ئەمما بالا شۇ كەتكەنچە ئۇزاققىچە قايتىپ كەلمەپتۇ. شۇڭا بالا يەنە بىر قېتىم كەلگەندە دەرەخ ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ، خۇشاللىقىدىن ئاغزى گەپكە كەلمەي قاپتۇ:
-كەل! بالام،- دەپتۇ ئۇ ئاستاغىنا،- كەل، ئوينىۋال!


مەن قېرىپ كەتتىم ھەم كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ تۇرىدۇ، ئوينىغۇدەك ماجالىم يوق،- دەپتۇ بالا ،- بىر كېمەم بولسا، ئۇنىڭ بىلەن يىراقلارغا كەتسەم، دەيمەن. ماڭا بىر كېمە بېرەلەمسەن؟


-مېنىڭ غولۇمنى كېسىپ ئاپىرىپ كېمە ياسا،- دەپتۇ دەرەخ،- شۇ چاغدا يىراقلارغا سەپەر قىلالايسەن، خۇشال بولىسەن.
شۇنىڭ بىلەن بالا دەرەخنىڭ غولىنى كېسىپ بىر كېمە ياساپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ كېتىپ قاپتۇ.


دەرەخ ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ...، لېكىن بۇ قېتىمقىسى ھەقىقىي خۇشاللىق ئەمەس ئىكەن.


ناھايىتىمۇ ئۇزاق ۋاقىت ئۆتۈپ، ھېلىقى بالا يەنە قايتىپ كەپتۇ.
-بەك خىجىلمەن، بالام،- دەپتۇ دەرەخ،- ساڭا بەرگۈدەك ھېچنەرسەم قالمىدى. ئالمىلىرىم تۈگىدى.
-بۇ چىشلىرىم بىلەن ئالما يېيەلمەيمەن.
-شاخلىرىم يوق، ئېسىلىپ ئىلەڭگۈچ ئۇچالمايدىغان بولدۇڭ.
-مەن بەك قېرىپ كەتتىم، ئىلەڭگۈچ ئۇچالمايمەن،- دەپتۇ بالا .


-غولۇم يوق،-دەپتۇ دەرەخ،- يامىشالمايدىغان بولدۇڭ...
-مەن بەك چارچاپ كەتتىم، ياماشقۇدەك ماجالىم يوق،- دەپتۇ بالا .
-بەك خىجىلمەن،- دەرەخ ئۇھ تارتىپتۇ،- مېنىڭ راستتىنلا ساڭا بىرەر نەرسە بەرگۈم بار ئىدى... بىراق مۇشۇ قېرى يىلتىزىمدىن باشقا ھېچنېمەم قالمىدى. مېنى كەچۈر...


-ماڭا ھازىر كۆپ نەرسە كېرەك ئەمەس،- دەپتۇ بالا ،- پەقەت جىمجىت، ئولتۇرۇپ ئارام ئالغىدەك جاي بولسىلا بولدى، مەن بەك ھېرىپ كەتتىم.


-بولىدۇ،- دەرەخ شۇنداق دېگەچ قەددىنى رۇسلاپتۇ،- ئوبدان گەپ، قىرى يىلتىز ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ. كەل، بالام، ئولتۇر، ئولتۇرۇپ ئارام ئال.


بالا ئولتۇرۇپتۇ، دەرەخ خۇشاللىققا چۆمۈپتۇ.


بىر تۈپ دەرەخ بار،
باھاردا ئۇنىڭغا يۆلىنىپ خىيال سۈرىمىز؛
يازدا ئۇنىڭغا تايىنىپ باراقسانلايمىز؛
كۈزدە ئۇنىڭغا تايىنىپ پىشىپ يېتىلىمىز؛
قىشتا ئۇنىڭغا يۆلىنىپ چوڭقۇر ئويغا چۆمىمىز؛
بۇ دەرەخ--- ئاتا-ئانا.


بارلىق ئاتا-ئانىلار سالامەت، تىنچ-ئامان بولسۇن!
















ۋاقتى: 2011-12-19 18:25:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك بەلەن تېمىكەن،رەھمەت! دىمىسىمۇ ئاتا-ئانىلار قىزىم،ئوغلۇم دەپ بىر ئۈمۈر جاپا تارتىدىكەن،بەلكىم بىزمۇ ئاتا-ئانا بولغاندا ئاندىن ھەقىقىي چۈشۈنەرمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-1 22:09 , Processed in 0.126782 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat