ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 122|ئىنكاس: 0

ئوغۇللارغا 100 نەسىھەت (1-7 ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
1870
تىللا
1417
شۆھرەت
2999
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 11:09:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1- ھېكمەت
ئەي ئوغلۇم، بىر كىشى ئىككىنچى بىر كىشىگە سالام بەرسە، ئۇنى دەرھال ئىلىك ئېلىپ، سالامنىڭ جاۋابىنى بەرگەي، سالامنى تولۇق ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم›› دەپ ئېيتقاي. ‹‹ئەسسالام ئەلەيكە›› دېيىش توغرا ئەمەس. ‹‹سالام ئەلەيكۇم›› ياكى ‹‹سالام›› ۋە ياكى ‹‹ئەلەيكەس سالام››، شۇنداقلا ‹‹سالام باردۇق›› دېيىشكە بولمايدۇ. سالامنىڭ جاۋابى ‹‹ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام›› بولۇپ، بۇنى ‹‹ئەلەيكۇم ئەسسالام››، ‹‹ئەلەيكەس سالام›› ياكى پەقەت ‹‹ئەلەيكۇم›› دەپلا قويۇش توغرا ئەمەستۇر. ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم›› ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ‹‹سىزگە تىنچ–ئامانلىق يار بولسۇن›› دېگەنلىكتۇر. ‹‹ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام›› بولسا ‹‹سىزگىمۇ تىنچ–ئامانلىق يار بولسۇن›› دېگەنلىكتۇر.

ئوغۇللارغا 100 نەسىھەت (2)
ئەي ئوغلۇم، سەككىز خىسلەت ئادەمنى ئابرويلۇق قىلىدۇ، بۇلار: بىرىنچى، ياخشىلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ، ياخشى ئىش–ئەمەللەر بىلىن شۇغۇللىنىش، ئىككىنچى، سەمىمىي بولۇش، بېشىغا قىلىچ تەڭلەنسىمۇ راست سۆزلەش، ئۈچىنچى، ئىلىم ئۆگىنىشنى ۋە ئۆگىتىشنى ياشاش مىزانى قىلىش، تۆتىنچى، ھاۋايى –ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرمەسلىك، نەپسانىيەتچىلىكتىن نېرى تۇرۇش، بەشىنچى، ئەشتا مىننەت قىلماسلىق، خالىس، ئادىل بولۇش، ئالتىنچى، بولمىغۇر گەپ–سۆزلەردىن خالىي بولۇش، كىشىلەرگە ئازار بەرمەسلىك، يەتتىنچى، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاش، باشقىلارنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈش، سەككىزىنچى، شەرمىي–ھايالىق بولۇش.

ئوغۇللارغا 100 نەسىھەت (3)
ئەي ئوغلۇم، تىل دېگەن سېنىڭ ئادەملىكىڭنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ئانا تىل سېنىڭ قېنىڭ ۋە جېنىڭغا ئوخشاش، تەپەككۇرۇڭ ئانا تىلىڭ بىلەن يۇغۇرۇلغان. ئانا تىل ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ زېمىنغا تۆرەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە خەلقىمىزنىڭ تۈرلۈك ئالاقە ئىشلىرىنى قامداپ كەلدى. ئانا تىلىڭ شۇنچىلىك باي، ئىپادىلەش كۈچى شۇنچىلىك زور مەدەنىي تىل. شۇ تىل بىلەن ئاجايىپ بۈيۈك جاھانشۇمۇل ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن. ئانا تىلدىن ياتلىشىش، ئانا تىلدىن يىراقلىشىش ئۆزىمىزدىن، مەدەنىيىتىمىزدىن، ئەجدادلاردىن يىراقلىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئانا تىلدىن ئاينىش مىللىتىڭگە قىلىنغان ئەڭ چوڭ ئاسىيلىقتۇر.

ئوغۇللارغا 100 نەسىھەت (4)

ئەي، ئوغلۇم، توغرا، ھەق مەيداندا تۇرغىن، كۆڭۈل ۋە تىلىڭنى دۇرۇس تۇت. بېشىڭ ھەرقانچە ئاسمانغا يەتسىمۇ چوڭ سۆزلىمە. دۇنيانى دەپ ئۆزۈڭنى ئوتقا تاشلىما. كىشىلەرنىڭ مېلىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالما. ھالالدىن پۇل تاپ، ئۇنى جايىدا ئىشلەت، مال–دۇنيايىڭنى جايىدا، ئورۇنلۇق ئىشلىتىشنى بىلسەڭ، بۇ دۇنيادا خارلىق كۆرمەيسەن. ئىقتىسادىڭنى ياخشى باشقۇرماي بۇزۇپ چاچساڭ تاغمۇ توشۇمايدۇ، ئاخىرىدا خار بولۇپ قالىسەن. ئىش–ھەرىكىتىڭ توغرا بولسۇن، بۇ دۇنيادا خۇشال ياشىيالىشىڭ دۇرۇسلىقىڭغا باغلىق. باي بولۇش تىلىكىڭ بلسىمۇ، يەنىلا دۇرۇس يول تۇتۇش ئارقىلىق ئۇ تىلىكىڭ ھاسىل بولىدۇ.


ئوغۇللارغا 100 نەسىھەت (5)
ئەي ئوغلۇم، پۇل توپلاشتىن بۇرۇن خۇلقۇڭنى ياخشى قىل. خۇلقۇڭ ياخشى بولسا پۇل تېپىشتىنمۇ غەم قىلما. يامانلارغا بايلىق ياراشمايدۇ. ھەرقانداق ئىشنى ھودۇقماي، ئېغىر–بېسىقلىق بىلەن قىل. باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ئوچۇق، شېرىن سۆزلۈك بول. تىلىڭنى ياخشى كۆزەت، ئۆزۈڭنى ئەسكى ئىشلارغا قاراتما، تائام يېگەندە ئاستا ھەم ئاز–ئاز يېيىشكە ئادەتلەنگىن. كۆپ تاماق يېيىش پايدا قىلمايدۇ، ئۇ مىجەزىڭنى بۇزۇپ كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ. قۇرۇق ھاۋايى ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرمە. ھەرقانداق ئىشقا كىرىشىشتىنب بۇرۇن ئاخىرقى نەتىجىسىنى ئوبدان ئويلان. ئىككى ئشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالما. بىرى، ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ قالما، يەنە بىرى، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالما.

ئوغۇللارغا 100 نەسىھەت (6)
ئەي ئوغلۇم، ھاراقكەشلەرگە ئارىلاشساڭ ساڭا مۇنداق بەش تۈرلۈك زىيان بار: بىرىنچى، ھاراقكەشلەر ۋاپاسىزلىق بىلەن سېىنى داغدا قويىدۇ. ئىككىنچى، سېنىمۇ كىشىلەر شۇ خىل كىشىلەر جۈملىسىدىن سانايدۇ. ئۈچىنچى، ئەل ئىچىدە ئېتىباردىن قېلىپ قالىسەن. تۆتىنچى، ئۇلار بىلەن ئارىلشقاندىن كېيىن ئايرىلمىقىڭ تەس بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قۇرۇق، مەنىسىز گەپ–سۆز، ئىش–ھەرىكەتلىرىگە گول بولۇپ، ھاياتىڭ كەلكۈن سۈيىدەك نىشانسىز، مەنىسىز ئۆتۈپ كېتىدۇ. بەشىنچى، ھاراقكەشلەرگە قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭمۇ ھاراق ئىچىشتىن ساقلىنالمايسەن. شۇنىڭ بىلەن ئەل مەنپەئەتىگە خىلاپ ئىش–ھەرىكەت ۋە گەپ–سۆزلەرنى قىلىپ قويۇپ بالاغا قالىسەن ياكى سىرىڭنى ئاشكارىلاپ قويۇپ، ئۆزۈڭنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىسەن.

ئوغۇللارغا 100 نەسىھەت (7)
ئوغلۇم، ھايا ۋە نومۇس ئىنسان پەزىلەتلىرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى ۋە ئەڭ چىرايلىق گۈلى. ئۇيات سېنى يامان ئىشتىن توسقۇچى باغلاق، قەلبىڭنى پاك ساقلىغۇچى مۇقەددەس قورغان، ئۇ سېنى دائىم ياخشى ئىشقا ئۈندەيدۇ، ئەخلاقسىزلىققا، ۋىجدانىڭغا خىلاپ ئىش قىلىپ قويۇشقا يول قويمايدۇ. ئەگەر سەندىن ھايا پەردىسى كۆتۈرۈلىدىكەن، ئادەملىك ئالاھىدىلىكىڭنى يۇيۇپ، ھايۋانلىق دەرىجىسىگە يېتىسەن. ئۇياتسىزلىق، ھاياسىزلىق دېگەن بەك يىرگىنچلىك كېسەلكى، ئۇنداق ئادەمدىن ھەرقانداق پەسكەشلىكلەرنى كۈتۈش مۇمكىن. ھاياسىز، نومۇسسىز ئادەم — ۋىجدانسىز، ۋاپاسىز ئادەم، ۋىجدانسىز، ۋاپەسىز ئادەم ھېچقانداق ئىشقا يارىمايدۇ. شۇڭا، ھاياسىز ئادەمدىن پەرھىز قىل.

تۈزگۈچى: ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن

شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى نەشر قىلغان ‹‹ئوغۇللارغا 100 نەسىھەت›› ناملىق كىتابچىدىن ئېلىندى
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-19 11:12  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-28 00:09 , Processed in 0.229418 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش