ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 229|ئىنكاس: 2

يۇمشاق دىتال ئىجادىيىتىدىكى ئۈچ ئاچقۇچ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
1870
تىللا
1417
شۆھرەت
2999
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 10:49:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇمشاق دىتال ئىجادىيىتىدىكى ئۈچ ئاچقۇچ

ئۇچقۇن
2006 - يىلى

يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتىدە لايىھىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا تولا سۆزلەەپ كەتتۇق. بۇ ھەقتە كۆپچىلىكتە كونكرېت چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن يۇمشاق دېتال لايىھىلىگۈچىلېرى ئىگەللەشكە تېگىشلىك بولغان كونكرېت تېخنىكىلىق بىلىملەر توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغۇم كەلدى. بۇ يازغانلېرىمنىڭ پىروگىراممېرلىقتىن لايىھىلىگۈچىلىككە ئۆتۈش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان تورداشلارغا ئانچە-مۇنچە پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلايمەن.

بىرىنچى ئاچقۇچ: UML
UML بولسا Unified Modeling Language نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن مودېل قۇرۇش تىلى دىگەن مەنىدە.
UML-دۇنيا يۇمشاق دېتال ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن سېستىما ئىجادىيىتىدىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئەڭ داڭلىق قۇراللارنىڭ بىرى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ. بىرخىل سۈرەتلىك مودېل قۇرۇش تىلىدىن ئىبارەت بولغان UML، سېستىما ئىجادىيەتچىلېرىنى ئۆلچەملىك، چۈشۈنۈشكە ئاسان بولغان سېستىما لايىھىسىنى سىزىپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، ئوخشاش بولمىغان لايىھىلىگۈچىلەر ئارىسىدا سېستىما لايىھىسى ئۈستىدىن ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە نەتىجىدىن ئورتاق پايدىلىنىشقا بۇلىدىغان بىرخىل قۇرۇلما بىلەن تەمىن ئەتتى.
كۆپچىلىككە ئايان. كوللىكتىپ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتىدە باشقا تۈر ئەزالېرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم بىر ھالقا بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنىڭ لايىھىلەش ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ھەرخىل تەپەككۇرلېرىڭىزنىڭ نەتىجىسىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك. بولمىسا ھەمكارلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. UML بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن سېستىما ئانالېز ئۇستىلېرى ئابونتلار ئېھتىياجىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى ئۆزى چۈشۈنەلەيدىغان يازما بايانلار بىلەن ئىپادە قىلىپ سېستىما لايىھىسىنى يېزىپ چىقاتتى، لېكىن بۇ يازما بايانلارنى ئىككىنچى بىر ئادەم(مەسىلەن پىروگىراممېر) ئوقۇغاندا دائىم چۈشۈنۈش جەھەتتە "خوراش" شەكىللىنىپ، ئابونتلار ئېيتقان A ئۈچۈنچى ئادەمگە كەلگەندە AA غا ياكى B غا ئۆزگۈرۈپ قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن يېزىلغان پىروگىرامما ئابونتلارنىڭ تەلىپىگە تولۇق ئويغۇن كەلمەيدىغان، ھەتتا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن بولمايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقاتتى. چوڭراق سېستىملارنىڭ ئىجادىيىتىدە يۇقارقىدەك چۈشەنچە جەھەتتىكى "خوراش" سەۋەبى بىلەن كېلىپ چىقىدىغان مەسىلىلەر تېخىمۇ كۆپ بولاتتى.
ئۇشبۇ سەۋەپتىن سېستىما ئانالېز ئۇستىسى، لايىھىلىگۈچى، پىروگىراممېر، ئابونت ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق خادىملارغا ئورتاق بولغان، بىرلىككە كەلگەن لايىھە ئىپادىلەش ئۇسولىنىڭ مەيدانغا كېلىشى يۇمشاق دېتال ساھەسىنىڭ جىددى ئېھتىياجىغا ئايلاندى. دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە UML بارلىققا كەلدى.
UML نى Grady Booch,James Rumbaugh,Ivar Jacobson قاتارلىق ئۈچ ئالىمنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى دېيىشكە بۇلىدۇ (بۇ ئۈچەيلەن كېيىنكىلەر تەرىپىدىن يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى "ئۈچ دوست" دەپ ئاتالدى) . بۇ ئۈچ ئالىم 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللېرىدىن باشلاپلا ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن مۇلاھىزە ۋە لايىھىلەش ئۇسولى توغرىسىدا ئۆز ئالدىغا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. 1994- يىلى ئۈچەيلەن Rational شېركىتىگە جەم بۇلۇپ، UML نىڭ دەسلەپكى لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقتى. كەينىدىنلا Rational، مىكروسوفت، Oracle لارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان UML بىرلەشمىسى قۇرۇلدى. 1997-يىلىغا كەلگەندە "ئوبىكىت باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى OMG" يۇقارقى UML بىرلەشمىسى ئوتتۇرغا قويغان UML لايىھىسىنى باھالاشتىن ئۆتكۈزۈپ، دۇنياۋى ئۆلچەم دەپ ئېلان قىلدى. UML نىڭ 1.0 نۇسخىسى مانا شۇنداق بارلىققا كەلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ يۈكسەك ئېتىبار بېرىشىغا ئېرىشكەن UML تېز تەرەققى قېلىپ 1.1، 1.3، 1.4، 1.5، 2.0 نۇسخىلېرى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ ھازىرقى ئەڭ يېڭى نۇسخىسى 2.0.
تۈۋەندە UML دىكى ئاساسى كۆرسەتكۈچلەر بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز.
1. تۈر كۆرسەتكۈچى: تۈرنىڭ كونكېرت قۇرۇلمىسى ۋە ئوخشاش بولمىغان تۈرلەر ئوتتۇرسىدىكى تېنچلىق مۇناسىۋىتىنى بايان قىلىدۇ. مەسىلەن مەلوم تۈرنىڭ نامى، خاسلىقلېرى ۋە خاسلىقلېرىنىڭ سان تىپى، تۈردىكى ئىشلار ۋە ئۇلارنىڭ پارامېتېرلېرى، تۈرلەر ئوتتۇرسىدىكى ھەرخىل مۇناسىۋەتلەر دىگەندەك. بۇ تۈرنىڭ تېچلىق قۇرۇلمىسىنى بايان قېلىدىغان كۆرسەتكۈچ.
2. ئوبىكىت كۆرسەتكۈچى: ئوبىكىتلارنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ تۈرى ئىپادە قىلىنىدۇ.
3. قوللانما كۆرسەتكۈچى: بۇ سېستىما ئابونتلېرىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ سېستىمىنىڭ ئېقتىدارىنى بايان قېلىدىغان كۆرسەتكۈچ.
4. ھالەت كۆرسەتكۈچى: ئوبىكىتلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ھالەتلەرگە ئۆزگۈرۈش جەريانىنى بايان قىلىدۇ.
5. تەرتىپ كۆرسەتكۈچى: تۈرلەر ئوتتۇرسىدىكى قوزغۇتۇش ۋە قوزغۇتۇلۇش مۇناسىۋىتىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق مەلوم سېستىما ئېقتىدارىنىڭ قايسى تۈرلەرنىڭ قانداق ھەمكارلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلىشكە بۇلىدۇ.
6. ھەركەت كۆرسەتكۈچى: سېستىما ئېقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەھەتتىكى سېستىما "ھەركەت"لېرىنى بايان قېلىدۇ.
7. ھەمكارلىق كۆرسەتكۈچى: ھەرقايسى تۈرلەر ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى بايان قېلىدۇ.
8. قوشۇلما كۆرسەتكۈچى: سېستىمىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ھەرقايسى قوشۇلمىلارنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى بايان قېلىدۇ.
9. ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچى: سېستىمىنىڭ كومپىيوتېرلاردىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى بايان قېلىدۇ. مەسىلەن ئاساسى پىروگىرامما قايسى ماشىنىدا، سانلىق مەلوماتلار ئامبىرى قايسى ماشىنىدا دىگەندەك.
بۇندىن باشقا UML نىڭ 2.0 نۇسخىسىدا يېڭى قوشۇلغان قۇرۇلما كۆرسەتكۈچى، ۋاقىت كۆرسەتكۈچى قاتارلىقلارمۇ بار.
UML جۇڭگودا ھازىر ئۇموملىشىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. CSDN تورىنىڭ سىتاتېسكىسىغا ئاساسلانغاندا جۇڭگودىكى يېڭى ئېچىلۋاتقان سېستىمىلارنىڭ 40 پىرسەنتىدە UML ئارقىلىق لايىھىلەش ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. جۇڭگودىكى UMLChina تورىمۇ UML نىڭ جۇڭگودىكى ئۇموملىشى ئۈچۈن ھالقىلىق رول ئويناۋاتىدۇ. مەتبۇئاتلاردىمۇ UML غا مۇناسىۋەتلىك كىتاب-ماتېرياللار ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قېلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن خەلق پوچتا تېلگىراف نەشىرياتى نەشىر قىلغان " UMLئاساسى، مىساللار ۋە قوللانما" دىگەن كىتاب ئاشۇلارنىڭ ئارىدىكى بىرى
()
  ، بۇ كىتاب UML نى يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ ياخشى ئوقۇشلۇقى بۇلالايدۇ.
داڭلىق UML قۇراللېرىدىن Rational Rose, Borland Together, Borland Together for Microsift Visual Studio قاتارلىقلار بار. بۇلار ئارقىلىقUML لايىھەسىنى JAVA ۋە NET. كودلېرىغا بىۋاستە ئايلاندۇرغىلى، قوش يۆنۈلۈشلۈك تەرجىمە (كودنى لايىھەگە، لايىھەنى كودقا ئايلاندۇرۇش) ئېلىپ بارغىلى بۇلىدۇ.

ئىككىنچى ئاچقۇچ: Design Pattern
ئەسكەرتىش: Pattern سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى تەرجىمىسى "قېلىپ"،"مودېل" ئىكەن. شۇڭا مەن Design Pattern سۆزىنى "لايىھىلەش مودېللېرى" دەپ تەرجىمە قىلدىم. لېكىن بۇ تەرجىمە Design Model سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى تەرجىمىسى بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ قالدى، تورداشلارنىڭ مۇۋاپىق تەرجىمىسى بولسا قوللانساق بۇلىدۇ.
لايىھىلەش مودېللېرى كۆپچىلىكنىڭ پەرەز قېلغىنىدەك يۇمشاق دېتال لايىھىسىدىكى ئاممىباپ لايىھىلەش ئۇسوللېرىنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت.
يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى لايىھىلەش مودېلى ئۇقۇمى 1987-يىلى ئوتتۇرغا قويۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا Ward Cunningham ۋە Kent Beck ئۆزلېرىنىڭ "مودېل تىلى ئارقىلىق ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگىرامما لايىھىلەش" ناملىق ماقالىسىدە ئۆزلېرى ئۇچىراتقان لايىھىلەش ئەمىليىتىدىكى ئاممىباپ ھەل قىلىش ئۇسوللېرىنى يەكۈنلەپ ئۇلارنى قېلىپ (مودېل) شەكلىدە ئېلان قىلدى. شۇندىن كېيىن بۇ ئۇقۇم نۇرغۇن يۇمشاق دېتال لايىھىلەش ئۇستىلېرىنىڭ دېققىتىنى قوزغىدى. 1993-يىلىغا كەلگەندە يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى "تۆت كىشلىك گۇرۇھ" دەپ ئاتالغان Erich Gamma, Richard Helm, Ralph Johnson, John Vlissides قاتارلىق تۆت نەپەر ئالىم ئۆزلېرىنىڭ "لايىھىلەش مودېللېرى" ناملىق كىتابىدا 27 خىل لايىھىلەش مودېلىنى رەتلەپ چىقتى. شۇندىن ئېتىبارەن "لايىھىلەش مودېللېرى" دىگەن بۇ ئۇقۇم پۈتۈن دۇنيا پىروگىراممېرلېرىنىڭ بەس-بەستە مۇنازىرە قىلىدىغان "مودا ئۇقۇم"ىغا ئايلاندى. "لايىھىلەش مودېللېرى" دىگەن بۇ كىتابمۇ "دۇنيا پىروگىراممېرلېرىنىڭ ئېنجىلى" دىگەن نام بىلەن تەرىپلەندى.
بۇ كىتابتا ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن لايىھىلەش جەرياندا دۇچ كېلىدىغان تۈرلەر ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، شۇ ئاساستا كېڭەيتىشكە، ئاسىراشقا قولايلىق بولغان يۇمشاق دېتال لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىشقا پايدىلىق بولغان قىلىپلاشقان ھەل قىلىش ئۇسوللېرى بىرمۇ-بىر بايان قېلىنغان. كىتابتىكى لايىھىلەش مودېللېرى ئۈچ چوڭ تۈرگە بۈلۈنگەن:
1. ھاسىلات مودېللېرى(Creational Pattern): بۇ تۈردە يەتتە مودېل بار. ئاساسەن تۈرلەردىن ئوبىكىتلارنى ھاسىل قىلىش (يەنى تۈرلەرنىڭ كونكېرتلىنىش) جەھەتتىكى ئاممىباپ ھەل قىلىش (لايىھىلەش) ئۇسوللېرىنى بايان قىلىدۇ. مەسىلەن ئاددى زاۋۇت (Simple Factory) مودېلى، زاۋۇت ئۇسولى (Factory Method) مودېلى، ئابىستىراكىت زاۋۇت (Abstract Factory) مودېلى دىگەندەك.
2. قۇرۇلما مودېللېرى(Structural Pattern): بۇ تۈردە سەككىز مودېل بار. بۇ تۈردە قانداق قىلىپ تۈر ۋە ئوبىكىتنىڭ بىرلەشمە گەۋدىسىگە تايىنىپ مۇكەممەل قۇرۇلما ھاسىل قىلىشقا ئائىت ئاممىباپ مودېللار بايان قېلىنغان. مەسىلەن بىرىكمە (Composite)مودېلى، بېزەش (Decorator) مودېلى قاتارلىقلار.
3. ھەركەت مودېللېرى(Behavioral Pattern): بۇ تۈردە 12 مودېل بار بۇلۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئوبىكىتلار ئوتتۇرسىدىكى ئىش تەقسىماتى ۋە شۇنىڭغا ئائىت ھېساپلاش ئۇسوللېرى توغرىسىدىكى ئاممىباپ ھەل قىلىش ئۇسوللېرى بايان قېلىنغان. مەسىلەن كۈزەتكۈچى (Observer) مودېلى، مەسئولىيەت ئۇلانمىسى(Chain of Responsibility) مودېلى، بۇيرۇق (Command) مودېلى قاتارلىقلار.
"لايىھىلەش مودېللېرى"نى ئۈگەنسىڭىز دەسلەپتە ئانچە بەك مۇرەككەپ ئەمەستەك ھېس قىلىسىز. لېكىن ئۇنىڭ ھالقىلىق يېرى قانداق ئەھۋالدا قايسى مودېلنى قوللۇنۇشنى بېلىشتىن ئىبارەت. مودېللاردىن جانلىق پايدىلىنىش كېرەك. ئۇنداق بولماي مەجىبورى ئۆزىڭىزنىڭ لايىھىڭىزگە كۆچۈرۈپ قويسىڭىز لايىھىڭىزگە ئەكىسىچە تەسىر بېرىدۇ.
جۇڭگودا لايىھىلەش مودېللېرى ھەققىدە نۇرغۇن كىتاب-ماتېرياللار نەشىر قىلىندى. لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە "لايىھىلەش مودېللېرى"ىنى ھەقىقى تۈردە چۈشۈنۈپ، ئۇلارنى جانلىق بايان قېلغان كىتابلار بەكمۇ ئاز. مەن كۆرىۋاتقان ئېلىكتېر سانائەت نەشىرياتى نەشىر قىلغان "Java ۋە مودېللار"
() دىگەن كىتاب شۇلارنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر ياخشى يېزىلغانلېرىنىڭ بىرى. NET. ساھەسىدىمۇ "لايىھىلەش مودېللېرى"نىڭ قوللانمىلېرىنى دائىم ئۇچىراتقىلى بۇلىدۇ. بىراق Java ساھەسىدەك كۆپ ئەمەس.

ئۈچۈنچى ئاچقۇچ: Refactoring
"لايىھىلەش مودېللېرى" دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم دۇنيا يۇمشاق دېتال ساھەسىنى زىل-زىلىگە سېلىۋاتقان پەيتتە يەنە بىر خىل يېڭىچە لايىھىلەش ئىدىيىسى كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتتى. ئۇ بولسىمۇ Refactoring، يەنى قايتا قۇرۇش.
ئۇنداقتا "قايتا قۇرۇش" دىگەن يەنە قانداق نەرسە؟
ئۇنۇڭغا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىلگەن: قايتا قۇرۇش دىگىنىمىز پىروگىرامما كودىنىڭ تاشقى قىياپەت ۋە ئېقتىدارىنى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا، كودنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ لايىھىسىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت.
يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتىدە يۇمشاق دېتال پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئاسىراش خىزمىتىمۇ خېلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ. كۆپچىلىككە ئايان، يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتى بىر خىل تەدىرىجى تەرەققىيات جەريانىدىن ئىبارەت. ئەينى ۋاقىتتىكى Win95 بىلەن ھازىرقى WinXP نى سېلىشتۇرساقلا بۇنى روشەن ھېس قىلالايمىز. يۇمشاق دېتال پۈتكەندىن كېيىنكى ئەمەلى قوللىنىش جەريانىدا ئۇنداق-مۇنداق چاتاقلار چىقىپ تۇرىدۇ. بۇلارنى ئوڭشاش بىلەن بىرگە ھەممىدىن مۇھىمى ئابونتلارنىڭ يېڭى تەلەپلېرىگە ئاساسەن يېڭى ئېقتىدارلارنى قوشۇشقا، ئەسلى بار بولغان ئېقتىدارلارنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. ناۋادا سىزنىڭ يۇمشاق دېتال ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان دەسلەپكى لايىھىڭىزدە يۇمشاق دېتال پۈتكەندىن كېيىنكى ئۆزگەرتىش ۋە تولۇقلاش ئىمكانىيىتىنى ئويلاشمىسىڭىز، پۈتۈپ بولغان يۇمشاق دېتالنى ئۆزگەرتىش ۋە تولۇقلاش ناھايىتى تەسكە توختايدۇ. بەزىدە ئەسلىدىكى يۇمشاق دېتالنىڭ كۆپ قىسىمىنى، ھەتتا بارلىق ئېقتىدارلېرىنى باشقىدىن يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا پۈتكەن يۇمشاق دېتالنى قايتا ئۆزگەرتىش ۋە تولۇقلاشمۇ بىرخىل سەنئەت ھېساپلىنىدۇ. ئازراقلا دېققەت قىلمىسىڭىز سىزنى پۈتمەس-تۈگىمەس قايتا يېزىش قاينىمىغا باشلاپ كېرىشى مۇمكىن.
ئۇنداقتا زادى قانداق قېلغاندا ئەسلى بار بولغان كودلار ئۈستىدىن ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغىلى بۇلىدۇ؟ "قايتا قۇرۇش" دەل مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلغان.
"قايتا قۇرۇش" ئىدىيىسىنى تۇنجى بۇلۇپ سېستىمىلىق ئوتتۇرغا قويغان كىشى Martin Fowler. ئۇ ئۆزىنىڭ"قايتا قۇرۇش-ئەسلى بار بولغان كودنىڭ لايىھىسىنى ياخشىلاش" دىگەن كىتابىدا 70 تىن ئارتۇق قايتا قۇرۇش ئۇسولىنى ئوتتۇرغا قويغان. قايتا قۇرۇش ئېدىيىسى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن دۇنيا يۇمشاق دېتال ساھەسىدە يەنە بىر قىتىملىق دولقۇن قوزغىغان. نۇرغۇن كىشىلەر Martin Fowler نىڭ يۇقارقى كىتابىنى "لايىھىلەش مودېللېرى" بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان، پىروگىراممېرلارنىڭ يەنە بىر "ئېنجىل"ى بۇلالايدۇ دەپ قارىماقتا.
"قايتا قۇرۇش" ئېدىيىسى سىزگە ئەسلى بار بولغان كودنىڭ قۇرۇلمىسىنى قانداق ئۆزگەرتىش، ئۇنىڭ ئېقتىدارىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا لايىھىسىنى قانداق ياخشىلاش، شۇ ئاساستا كېيىنكى يېڭى ئېقتىدارنىڭ قوشۇلۇشى ئۈچۈن قانداق ئاساس سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆگۈتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىڭىزدە كېلەر قېتىم يېڭى پىروگىرامما يازغاندا قانداق لايىھىلەش ئېلىپ بېرىش، نىمىلەرگە دېققەت قېلىشتىن ئىبارەت يېتەكچى ئىدىيە شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا "قايتا قۇرۇش" يۇمشاق دېتالنى ئاسىراش خىزمىتىدىلا ئەمەس، يېڭى ئىجادىيەت خىزمىتىدىكى لايىھىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا مەن بۇنى ھەربىر پىروگىراممېر ۋە لايىھىلىگۈچى چوقۇم ئىگەللەشكە تېگىشلىك بىلىم دەپ قارايمەن.
يۇمشاق دېتال لايىھىسىدىكى "ئۈچ ئاچقۇچ"نى مۇشۇنچىلىك تونۇشتۇراي. بۇ ئۇقۇملار بەلكىم كۆپۈنچىمىز ئۈچۈن بەك مەۋھۇم تۇيۇلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈستىدىن كونكېرت چۈشەنچە ھاسېل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى يەنىلا ئەمىليەت. شۇڭا تورداشلارنىڭ ھەقىقى جاۋاپنى يەنىلا ئۆز ئىجادىيەت ئەمىليىتىدىن ئىزدىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، UML لايىھىسى سىزمايمۇ، "لايىھىلەش مودېللېرى" ۋە "قايتا قۇرۇش" بىلەن تونۇشمايمۇ ئوخشاشلا ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگىرامما تېخنىكىسى بىلەن يۇمشاق دېتال ئىشلەش مۇمكىن. بۇ خۇددى بىر مەنزىلدىن يەنە بىر مەنزىلگە ئايروپىلاندا ئۇچۇپمۇ، پىيادە مېڭىپمۇ يەتكىلى بولغانغا ئوخشاش ئىش. "باشقىلارنىڭ كۆكتە ئۇچۇش"ىغا ھەۋەس قىلمىساق، "يالاڭ ئاياق تىكەن دەسسەپ" مېڭىۋەرسەكمۇ ئاللاھ خالىغان بىر كۈنى مەنزىلگە يېتىمىز. ئۈمۈدۈم مېنىڭ يۇقىرىدا تونۇشتۇرغانلېرىم كۆپچىلىكنىڭ "كۆكتە ئۇچۇش"ى ئۈچۈن ھەقىقى ئاچقۇچ بۇلالىسا مەن مەقسىدىمگە يەتكەن بۇلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-23 17:06  

Rank: 4

تۆھپە
168
تىللا
304
شۆھرەت
362
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 14:36:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنىڭ ئەسلى يوللانغان ۋاقتى ۋە ئادرىسىنى قوشۇپ قويمامسىز؟
yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
1870
تىللا
1417
شۆھرەت
2999
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 16:59:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
cukkunt يوللىغان ۋاقتى  2011-12-19 14:36
بۇ ماقالىنىڭ ئەسلى يوللانغان ۋاقتى ۋە ئادرىسىنى قوشۇپ  ...

مەن ئىزدەپ باقاي، تاپالىسام تۈزۈتۈپ قويۇمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-26 22:40 , Processed in 0.323645 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش