ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1447|ئىنكاس: 3

ھەرخىل كېسەلگە، ھەرخىل مېۋە شىپا

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2011-12-17 18:43:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
1. كەم قانلىق: ئۈزۈم ،ئاپېلسىن، ئالما، بۆلجۈرگەن، گىلاس.
2. خولېستېرىن ئېشىپ كېتىش: مانگۇستان، ياڭاق.
3.يۇقىرى قان بېسىم: بانان، تاۋۇز، ئۈزۈم، ياڭاق، ئەبنۇس، شاپتۇل.
4. ئارتېرىيە قېتىش: ئالما، ياڭاق، بانان، پېرسېيە(鳄梨)،
5.سەكتە: ئالما، ئەبنۇس (柿子).ئاناناس.
6.يۈرەك كېسىلى:  ئالما، مايمۇن شاپتۇل، نەشپۈت، تاۋۇز، ئاناناس، ياڭاق، شاپتۇل.
7.ئۆپكە كېسىلى:ئۈزۈم، ئالما، گىلاس، نەشپۈت، ئەبنۇس (柿子).
8. دەم سىقىلىش: شاپتۇل، ئۈزۈم.
9.ئۆپكە تۇبېركۇليوزى:نەشپۈت، شاپتۇل، چارتال(枇杷)،كۇلى بېھىسى(木瓜).
10.ئۈچەي ياللۇغى: ئاناناس(凤梨)، بانان، ئالما، ئانار.
11.ئىچ سۈرۈش: ئالما، جىگدە، دادۇر.
12.ئاشقازان ئاغرىش: كۇلى بېھىسى(木瓜).
13. ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش: نەشپۈت، بۆلجۈرگەن.
14.بوۋاسىر: ئالما، ئەنجۈر، شاپتۇل، بانان، ئەبنۇس (柿子).
15.جىگەر كېسىلى:بۆلجۈرگەن، ئەينۇلا، ئالما، ئۈزۈم، بانان.
16.تېرە كېسىلى: ئالما، بۆلجۈرگەن، ياڭاق، كۇلى بېھىسى(木瓜).
17.ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغلىنىش: نەشپۈت ، ئانار، ئاپلېسىن.
18.زۇكام: بۆلجۈرگەن، ماڭگو، ئاناناس(凤梨)، چارتال(枇杷).
19.(ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى) سىزىك: نەشپۈت، ئالما، ئەبنۇس (柿子).
20. تۇغۇتتىن كىيىن سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە پايدىلىق مىۋىلەر: ياڭاق، ئالما.
21. ئومۇمىي بەدەننى ياخشىلايدىغان مىۋىلەر:ئالما، بانان، ياڭاق.
22.بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق مىۋىلەر: ئالما، نەشپۈت، بانان، بۆلجۈرگەن، تاۋۇز، قوغۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-17 18:44  

ۋاقتى: 2011-12-17 20:22:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆز كىسەللىكلىرى توغۇرلۇق يوقمۇ؟ بىز كومپىيۇتېر چىلار ئىكران ئالدىدا بەك ئۇزۇن ئولتۇرىمىز،  كۆز گە پايدىلىق يىمەكلىك بولسا شۇنىمۇ قىتىپ قويسىڭىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alogli001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-17 20:22  

ۋاقتى: 2013-11-29 18:16:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلاملىققا ئەڭ پايدىلىق 25 خىل مېۋە
ئامرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا ھەر خىل مېۋە – چىۋە كۆكتاتلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش  ئۈنۈمىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ ، ئۇلاردىن 25 خىلىنىڭ ساغلاملىققا ئەڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى باھالاپ چىققان . ئۇلار تۆۋەندىكىچە :
1. ئاناناس ( بولو): بوغۇملارنىڭ ساقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن ، زىققا كېسىلىنى يېنىكلىتىدىكەن .
ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى:

ئاناناس تەركىبىدە ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2، ۋىتامىنB6، ۋىتامىنA، ۋىتامىنC قاتارلىقلار ھەمدە تۆمۈر، ماگنىي، كالىي، ناترىي، كالتىسىي،فوسفور قاتارلىق مىنىېرال ماددىلار بار.
ئاناناسنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش، قىزىتما قايتۇرۇش ، ئىسسىقلىقنى بېسىش، مەستلىكنى يېشىش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ، راكقا قارشى تۇرۇش ، تالنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئاشقازاننى تازىلاپ، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش قاتارلىق رولى بار، مۇۋاپىق مىقداردا ئاناناس يەپ بەرگەندە بۆرەك ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولغانلار ئۈچۈن پايدىلىق.
ئاناناس يەرلىك ئورۇننىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ ، ياللۇغ ۋە سۇلۇق ئىششىقنى تۈگىتىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگشلىك ئىشلار
بەزىلەر ئاناناس يېسە سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كىتىش رېئاكسىيىسى يۈز بېرىشى، ئاناناس كېسلىگە دۇچار بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق كىشىلەردە ئاناناس يەپ15~60 مىنۇت ئىچىدە قورسىقى ئاغرىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، بېشى قىيىش، تېرىسى قىزىرىش، پۈتۈن بەدىنى قىچىشىش، پۇت-قولى ۋە تىلى ئۇيۇشۇش كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا يەنە نەپەس قىيىنلىشىش، ھەتتا شوك بولۇش ئالامىتى كۆرۈلىشى مۇمكىن . يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، ھودۇقۇپ كەتمەي ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بىرىپ داۋالىتىش كېرەك. ئاناناسقا قارىتا سەزگۈرلۈكى ئىشىپ كىتىدىغانلار ئاناناس يېيىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم .
ئاناناسنى يېيىشتە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ شاپىقىنى سويۇۋىتىپ، ياپىلاقلىغاندىن كېيىن سۇس تۇز سۈيىگە30 مىنۇت چىلاپ قويۇش، ئاندىن سۈزۈپ ئىلىپ سوۋۇتۇلغان قايناق سۇغا چىلاپ يۇيۇپ ، تۇز تەمىنى چىقىرۋەتكەندىن كېيىن يىسە بولىدۇ، ئاناناسنى تۇز سۈيىگە چىلاپ قويۇپ ئاندىن يېسە،<>دىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
يارا كېسىلى، بۆرەك كېسىلى قان ئۇيۇتۇش فونكسىيىسى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار ئاناناس يېيىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم ؛ قىزىپ قالغانلار ۋە ھۆل تەمرەتكە چىققان، قىچىشقاق بولۇپ قالغانلار ئاناناسنى كۆپ يېمەسلىكى لازىم .
ئۆينى بىزەتكەندىن كىيىن بەزىلەر غەلىتە پۇراقنى سۈمۈرۈتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆيگە ئاناناس قويۇپ قويىدۇ، بۇنداق قويۇپ قويۇلغان ئاناناسنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
ئاشقازاننى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر، زەئىپلىكتىن يۆتىلدىغانلار ئاناناسنى ھۆل پىتى يېمەسلىكى ياكى ئاناناس شەربىتى ئىچمەسلىكى، ئۇنى قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشى لازىم.

2. مالىنا :چوڭ مېڭىنىڭ قېرىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدىكەن ؛ سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن . تېبابىتىمىزدىكى تۇنۇشتۇرۇلىشى :
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يۇپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ئۆسۈملۈك مالىنا بولۇپ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ‹مالىنا › نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ .
خىمىيىلىك تەركىبى : يۇپۇرمىقى ئورگانىك كىسلاتالار ، قەنتلەر ۋە ۋېتامىن  دىن تەركىب تاپقان .
فارماكولوگىيەلىك تەسىرى: ھايۋانلارنى كۈيلىتىش تەسىرى بار .
تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق .
خۇسۇسىيىتى: باھ ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ، مەنىي تۇتۇش ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ، سۈيدۈكنىڭ قېتىم سانىنى ئازايتىش .
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر : باھ ئاجىزلىقى ، ياشانغانلاردىكى بەدەن ئاجىزلىقى سۈيدۈك تامچىلاش ، بالىلاردىكى سىيىپ يېتىش ، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ .
مالىنا تەركىبلىك بىر نەچچە رېتسىپ

1) مالىنا 20 گرام ، كەتىرا 20 گرام ، قانتېپەر 12 گرام ، ياچىۋەك تۇخۇمى 12 گرام ، بۇغا مۈڭگۈز كۇشتىسى6گرام، شاقاقۇل مىسرى 20 گرام قاتارلىقلارنى 360گرام سۇدا 270گرام قالغىچە قاينىتىپ سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر قوشۇپ كۈندە ئۈچ ۋاق ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن ئىچىپ بەرسە  باھ ئاجىزلىقى ياشانغانلاردىكى ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى ۋە سۈيدۈك تۇتالماسلىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
2) مالىنا 10 گرام ، ياچىۋەك تۇخۇمى 10 گرام ، نىلۇفەر گۈل چېڭى 10 قاتارلىقلارنى قاينىتىپ ئىچۈرسە بالىلاردىكى سىيىپ يېتىش كىسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ .
3) سۆئلەپ مىسرى 10 گرام، بۇغا مۈڭگۈزى 10 گرام، مالىنادىن 10 گرام ئېلىپ سۇپۇپ تەييارلاپ چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقىدىن ئىككى دانە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەپ بەرسە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ .
ھەر قېتىملىق ئىشلىتىش مىقدارى :6-12گرامغىچە .
زىيانلىق تەسىرى : تالغا قۇرۇقلۇق يەتكۈزىدۇ .
تۈزەتكۈچىسى : ئىسكەنجىبىن .
ئۇرۇنباسارى: مۇۋەببەل سەفىد.
پىششىق دورا ياسالمىسى : مالىنا قاينىتىلمىسى .
چىقىش ئورنى : تاغلىق رايونلاردىكى ئوتلاقلاردا ، چاتقاللىقلاردا ئۆسىدۇ ، ئالتاي ۋە تەڭرىتاغ رايونلىرىدىن چىقىدۇ .
3. ئالما : ئىممۇنت كۈچىنى ئاشۇرىدىكەن ، ئۆپكە راكى ۋە مەزى بېزى راكىغا قارشى تۇرىدىكەن ، دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن .
ئالمىنىڭ تېبابىتىمىزدىكى ئىشلىتىلىش
[خىمىيىلىك تەركىبى]ئالما تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ، ئۇندىن باشقا شېكەر ماددىسى ، ئۆزگەرگەن قەنت بار . پىشمىغان ئالمىدا كىراخمال بولۇپ ، بۇ مېۋىنىڭ پىشىشىغا ئەگىشىپ يوقىلىدۇ . كىسلاتالاردىن ئاساسلىقى ئالما كىسلاتاسى

. (Malic acid)  بار
ئۇندىن باشقا خىنىن كىسلاتاسى ، كوينىك
(quinic acid).  كىسلاتاسى
لىمون كىسلاتاسى ،   citirc acid
تار تارىك كىسلاتاسى، Tar tarric acid
ياغ ،پىكىتىن ۋىتامىن،
لار بار.  A، B، C
.[فارماكولوگىيەلىك تەسىرى ] مىۋە يىلىمىنى چىقىرىۋېتىپ تەييارلانغان ئالما ئۇكۇل سۇيۇقلۇقى ئكي توشقىنىنىڭ ۋېناسىغا ئۇكۇل قىلىنسا ، قاندىكى قەنتنى ئۆرلىتىدۇ . ئالما ئۇكۇل سۇيۇقلۇقىنىڭ تەسىرى ئۇنىڭدا تۇتقان ئۈزۈم شېكىرىنىڭ تەسىرىگە قارىغاندا كۈچلۈك ، بۇنىڭ سۈيدۈك ماڭدۇرۇش ئۈنۈمى كېيىنكىسىدىن 2-3 ھەسسە ئارتۇق.
[تەبىئىتى ] تاتلىق ئالما بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق ، چۈچۈمەل ئالما بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سۇغۇق
[خۇسۇسىيىتى ] تاتلىق ئالما: مىڭە ، يۈرەك ، جىگەر ۋە ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، كۈۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش ، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى تەڭشەش، قۇرۇق يۆتەلنى توختىتىش، ئىچ سۈرۈش ۋە قۇسۇشنى توختىتىش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش.
چۈچۈمەل ئالما : يۈرەك – جىگەر ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، قۇرۇتۇش ، تۇتۇش ، قۇسۇش ۋە غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش.
[ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر]  يۈرەك ، مىڭە ، جىگەر ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق ،   بەدەن ئاجىزلىقى ، يۆتەل ، قۇسۇش ، ئۇسسۇزلۇق ، غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان ئىچ سۈرۈش ، كۆڭۈل ئېلىشىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ
ئالما تەركىبلىك بىر نەچچە رېتسىپ:
1)       ئالمىدىن كۈندە ئىككى دانە يەپ بەرسە ، يۈرەك ، ئاشقازان ،    مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.      بەدەننى سەمرىتىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ.
2)        2)ياخشى پىشقان تاتلىق ئالمىدىن 3كىلوگرام ئېلىپ ، ئاقلاپ ، نىپىز يالپاقلاپ ، توغراپ 2 لىتىرسۇ بىلەن سىرلىق قاچىدا ئىچىدكى سۈيى بىر لېتىر قالغۇچە قاينىتىپ ئاندىن ئالمىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ سۈيىگە  شېكەردىن 2 كىلوگرام سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ ، ئاندىن سۈزۈۋېلىنغان ئالمىنى قىيامغا ئارىلاشتۇرۇپ سۇس  ئوت بىلەن سۈزۈك رەڭگە كىرگىچە   قاينىتىلسا ئالما مۇرابباسى تەييار بولىدۇ . بۇ مۇراببانىڭ تەبىئىتى ھۆل  سوغۇق بولۇپ ، ھەزىم  بۇزۇلۇشنى ياخشىلايدۇ، ئىشتەينى ئاچىدۇ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئاشقازان ئاجىزلىقى ، كۆڭۈل ئېلىشىش، يۈرەك ئاجىزلىقى، سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.كۈنلۈك ئىستىمالى  ئىككى  قۇشۇقتىن ئۈچ ۋاخ بولىدۇ. (ئەگەر مۇراببا ئېچىپ قالسا 500گرام شېكەر سېلىپ ئازراق قاينىتىۋېتىپ ئىستىمال قىلىش كېرەك.
3)        3) ئالمىنى يۇيۇپ پوستىنى سۇيۇپ تاشلاپ قىرغۇچ بىلەن قىرىپ ماتا بىلەن سىقىپ سۈيى ئېلىنىدۇ  شۇ سۇدىن 500مىللىلىتىرغا 2 كىلگرام شېكەر سېلىپ بەكمۇ سۇس ئوت بىلەن قىيام قىلىنىدۇ . بۇ شەربەتنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق بولۇپ يۈرەك ، جىگەر ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش ، ئىشتىھانى ئېچىش تەسىرى بار . يۈرەك كېسەللىكلىرى ، جىگەر كېسەللىكلىرى ، مېڭە كېسەللىكلىرى ،ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكلىرى ئۈچۈن ۋە رەڭگى – رويىنى چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.  قۇرۇقتىن بولغان يۆتەلگىمۇ ياخشى تەسىر قىلىدۇ.
        ئىشلىتىش مىقدارى : 12 -24 گرام
        زىيانلىق تەسىرى : كۆكرەككە زىيان قىلىدۇ . قورساقنى ئېسىدۇ .
        تۈزەتكۈچىسى : ھەسەل ، گۈلقەنت ، دارچىن .
         ئورۇنباسارى: بېھى

كۆكيال تور خاتىرىسى دىن ئېلىندى .
ۋاقتى: 2013-11-29 18:19:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىبابىتى يىمەك - ئىچمەك رېتسىپلىرى


<< قوغۇن>>
تەبىئىيتى: ھۆل ئىسسىق
شىپالىق رولى: ئۇسسۇزلۇق، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق، قەۋزىيەت، ئېغىز - بۇرۇنغا يارا چىقىش، ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< تاۋۇز >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش، قىزىتما، ئىسسىقتىن بولغان زىققە، ئۇسسۇزلۇق، ياز - كۈز پەسلىدىكى ئىچ سۈرۈش، كۆيۈك يارىسى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< نەشپۈت >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: يۈرەك، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۆپكىنى ياشارتىپ، بەلغەم بوشتىدۇ، يۆتەل توختىتىدۇ؛ نەپەس يولى ياللۇغى، ئۆپكە سىلى، كۆز قىزىرىپ ئاغرىش، قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< لىمۇن >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: ئۇسسۇزلۇق، يۆتىلىش، بەلغەم كۆپ كېلىش، شاخچە كاناي ياللۇغى، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش، يۇقىرى قان بېسىم، ۋىتامىن c كەملىك كېسىلى، دانىخورەك قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< بانان >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: ئۈچەينى سىلىقلايدۇ، زەھەر ياندۇرىدۇ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ، تاماق سىڭدۈرىدۇ، ئۇسسۇزلۇق، قەۋزىيەت، بوۋاسىرقاناش، يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، قان تومۇر قېتىشىش، ھەزىم خاراكتېرلىك ئاشقازان يارىسى، بوغما ئۈچەي راكى، تېرە راكى، تېرە يېرىلىش، چىش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< گىلاس >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، يەلتاشما، قان ئازلىق، قالقانسىمان بەز ئىششىقى، ئەسۋە، كۆيۈك يارىسى، ئۈششۈك يارىسى، رىماتىزىم، پالەچ، ئادەت خاراكتېرلىك بويىدىن ئاجراپ كېتىش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.
<< دولانا >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: ھەزىم ناچارلىقى، ئاشقازان كىسلاتاسى ئازىيىپ كىتىش، تولغاق، يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي ئېشىپ كىتىش، سېمىزلىك، ۋىرۇس خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، جىددى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، تۇغۇتتىن كېيىنكى قورساق ئاغرىقى، گالغا بىلىق قىلتىرقى تۇرۇپ قېلىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< بېھى >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: خوشلۇق كەلتۈرىدۇ، يۈرەك، مېڭە، جىگەر قاتارلىق ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ، تاماق سىڭدۈرىدۇ.
<< ئالۇچا >>
تەبىئىيتى:ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: تولغاق، ئاپتاپ ئۆتۈپ قىلىش، رىماتىزىم، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى، شېكەر سىيىش كېسىلى، قاناشلارغا شىپا قىلىدۇ.
<< ئامۇت >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: ئاشقازاننى، جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئىشتىھانى ئاچىدۇ، سەپرانىڭ تېزلىكىنى پەسەيتىدۇ. قان پەيدا قىلىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ.
<< جىگدە >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرىدۇ، تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ، ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
<< شاتۇت >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: چوڭ تەرەتنى قاتۇرىدۇ، سەپرانى پەسەيتىدۇ، ئىسسقتىن بولغان گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ، ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ.
<< جىنەستە >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق ئىسسىق
شىپالىق رولى: ئىشتىھانى ئاچىدۇ، بەدەننى سەمرىتىدۇ، ئاشقازان، بەل ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، ھەزىم قىلىشىقا ياردەم قىلىدۇ، بەدەنگە ئوزۇق بولىدۇ.
<< قارىئۆرۈك >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: ئىچىنى يۇمشىتىدۇ، باش ئاغرىقىنى، سەپرا خاركتېرلىك قىزىتمىلارنى پەسەيتىدۇ، تەشنالىقنى قاندۇرىدۇ، كۆڭۈل ئايىنىشنى توختىتىدۇ، قۇسۇشنى پەسەيتىدۇ.
<< كۆسۇلتان >>
تەبىئىيىتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: سەپرانىڭ ئېشىپ كېتىشىنى قۇسۇشنى، ھۆنى ۋە جۈدەتكۈچى قىزىتمىنى پەسەيتىدۇ، ئىچىنى يۇمشىتىدۇ، مېڭە ھەم بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ.
<< ئالىگىرات >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: سەپرانىڭ تېزلىكىنى، ئىچكى ئەزالارنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىدۇ، سەپرانىڭ ئاشقازان - ئۈچەيگە قۇيۇلىشىنى تىزگىنلەيدۇ، ئىچ سۈرۈشىنى توختىتىدۇ، ئاشقازان - جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
<< نارجىل >>
تەبىئىيتى: ھۆل ئىسسىق
شىپالىق رولى: تەبىئىىي ھارارەتنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئورگانىزىمنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، بەدەننى سەمرىتىدۇ، خىلىت پەيدا قىلىدۇ، باھنى كۈچەيتىدۇ، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
<< زىرىق >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: جىگەر، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، سەپرانى پەسەيتىدۇ، قان تازىلايدۇ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، كۆڭۈل ئايىنىشنى، ئىچ سۈرۈشنى توختىىتىدۇ.
<< ئالقات >>
تەبىئىيىتى: قۇرۇق ئىسسىق
شىپالىق رولى: قان ۋە سەپرانىڭ تىزلىكىنى پەسەيتىدۇ، جىگەر ھارارىتىنى پەسەيتىدۇ، قان تازىلايدۇ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
<< خورما >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق ئىسسىق
شىپالىق رولى: ئوزۇق بولىدۇ، قان پەيدا قىلىدۇ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بەدەننى سەمرىتىدۇ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، سوغۇقتىن، بەلغەمدىن بولغان كېسەللىكلەرنى يوقىتىدۇ، قان توختىتىدۇ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىدۇ، بوۋاسىرنىڭ ئىششىقىنى قايتۇرىدۇ، ئاشقازان - ئۈچەيلەرنى تازىلايدۇ، يۆتەل پەسەيتىدۇ.
<< جىغان >>
تەبىئىيتى: مۆتىدىل
شىپالىق رولى: يۆتەل توختىتىدۇ، نەملىك پەيدا قىلىدۇ. قىزىتمىنى ياندۇرىدۇ، ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، نېرۋىنى ياخشىلايدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، تال - ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
<< ئاپتاپپەرەس >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق ئىسسىق
شىپالىق رولى: ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ، ماددىلارنى تازىلايدۇ، مېڭنىڭ، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ، مېڭە، ۋە پەيلەرنىڭ سوغۇقتىن بولغان ئاغرىقلىرىنى، چىش ئاغرىقىنى، پەسەيتىدۇ، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ، باھنى قوزغايدۇ، بوۋاسىرنى، ئۆپكىنىڭ جاراھىتىنى، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۇششاق تاشلارنى ئېزىدۇ، قولىنجىنى يوقىتىدۇ.
<< ئاپلىسىن >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ، سەپرانىڭ تېزلىكىنى پەسەيتىدۇ، ئاشقازان، جىگەر، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۆپكىنى سىلىقلايدۇ، دىئافراگما پەردىسىدە يەل تۇرۇپ قېلىشنى، ياندۇرۇش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< خاسىڭ >>
تەبىئىيتى: مۆتىدىل
شىپالىق رولى: يۆتەل، زىققە، كۆڭۈل ئايىنىش، بالىلاردىكى ھەزىم ناچارلىق، قەۋزىيەت، يۇقىرى قان بېسىمى، قان ئازلىق، قان پلاستىنكىسى ئازىيىش، يۇقىرى خولېستىرېنلىق قان كېسىلى، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، سۈت يىتىشمەسلىك قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مەنبە: <<ئۇيغۇر تېبابىتى يىمەك - ئىچمەك رېتسىپلىرى>> دىگەن كىتابدىن ئېلىندى.
تۈزگۈچى: ئابلىكىم نۇرمۇھەممەت ھاجى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 09:45 , Processed in 0.142374 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat