ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 295|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇرچە يانفون گېزىتى — «يىپەك يولى تېز خەۋىرى» رەسمىي تارقىتىلدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
754
تىللا
596
شۆھرەت
1134
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 14:24:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرچە يانفون گېزىتى — «يىپەك يولى تېز خەۋىرى» رەسمىي تارقىتىلدى


    ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز ئېھسان خەۋىرى ، فوتوسى : شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، تەڭرىتاغ تورى، نازىركوم پەن–تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ روياپقا چىقارغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرچە يانفون گېزىتى — «يىپەك يولى تېز خەۋىرى» بۈگۈندىن باشلاپ رەسمىي تارقىتىلدى.


    تارقىتىش يىغىنىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇۋىي، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل خالىق قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خوۋ خەنمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق تور ئالاقە مەركىزىنىڭ مۇدىرى، تەڭرىتاغ تورىنىڭ باش مۇھەررىرى جۇ جيەنخۇا تەڭرىتاغ تورىنىڭ 10 ياشقا كىرگەن قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنىدە يېڭى بىر ئەۋلات ئۇيغۇرچە يانفون گېزىتىنىڭ روياپقا چىققانلىقىنى شۇنداقلا تەڭرىتاغ تورىنىڭ 10 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك فاڭجىن - سىياسەتلىرىنى، قانۇن - تۈزۈملىرىنى يەتكۈزۈشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، شىنجاڭنى مەملىكىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇتۇشتا نۇقتىلىق ئورۇندا باشلامچىلىق رول ئوينىغانلىقىنى شەرھىلەپ ئۆتتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇۋىي مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدا  پارتىيەنىڭ 17 - نۆۋەتلىك 6 -ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سەككىزىنچى قېتىملىق پارتىيە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگۈنۈۋاتقان ۋە ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشتەك ئىككى تارىخىي ۋەزىپىنىڭ مۇھىم پەيتىدە، بىز تەڭرىتاغ تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتىمىز. بۈگۈن، تەڭرىتاغ تورى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ روياپقا چىقارغان ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى يېڭى بىر ئەۋلات ‹‹ يىپەك يولى تېز خەۋىرى ›› يانفۇن گېزىتى رەسمىي تارقىتىلدى. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تەڭرىتاغ تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى ۋە ‹‹ يىپەك يولى تېز خەۋىرى ›› يانفۇن گېزىتىنىڭ رەسمىي تارقىتىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە تەڭرىتاغ تورىدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

    ئىگىلىنىشىچە، «يىپەك يولى تېز خەۋىرى» يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى يانفون گېزىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يانفون خېرىدار بۆلىكى ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلىنغان يانفوندا ئۇيغۇرچە يېزىق كۆرۈنۈش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، ئابۇنىتچىلارنى ۋاقتىدا مول ئاخبارات ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ھازىر بازاردىكى يانفونلار ئۇيغۇرچە يېزىقنى ئومۇميۈزلۈك قوللىمايدىغان بولغاچقا،بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ئۇيغۇرچە يېزىقنىڭ يانفوندا نورمال كۆرۈنۈشى ئەمەلگە ئاشۇرغان. بۇ ئارقىلىق رەڭلىك ئۇچۇر ئاساسىدىكى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇرچە خەتلىك يانفون گېزىتلىرىنىڭ سۈرەت شەكلىدە تارقىلىشى، مەزمۇنىنىڭ مول بولماسلىقى، خەتلىرىنىڭ روشەن كۆرۈنمەسلىكىدەك مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا «يىپەك يولى تېز خەۋىرى» بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە يانفون گېزىتلىرىنىڭ مەزمۇن قوبۇل قىلىشتىكى پاسسىپ ئۇسۇلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئابۇنىتچىلار ئاكتىپ زىيارەت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەزمۇنلارنى تاللاپ كۆرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

تۈنۈگۈن 13:33 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (103.92 KB)


تۈنۈگۈن 13:33 چىقىرىش
  
    «يىپەك يولى تېز خەۋىرى» ھازىر «خەۋەر»، «ئۇچۇر»، «تۇرمۇش»، «قىزىقارلىق» قاتارلىق تۆت سەھىپىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ ، مەزمۇنلار ئاممىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللانغان. بۇ گېزىتتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەر ئابۇنىتچىلارنى دەل ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك، كېرەكلىك، قىممىتى بار ئاخبارات مەزمۇنلىرى بىلەن تەمىنلەپ، جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، شىنجاڭنىڭ بۈيۈك ئېچىۋېتىش، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك تەرەققىيات، بۈيۈك گۈللىنىش قىياپىتىنى نامايان قىلىدىكەن. يانفون گېزىتى ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك خەۋەرلەر بويىچە كۈنىگە ئىككى قېتىم يېڭىلىنىدىكەن ھەم ئالدىنقى يەتتە كۈنلۈك مەزمۇنلارنى قايتا كۆرگىلى بولىدىكەن.
    كەڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتچىلىرى ئۈچ ئايغىچە يان تېلېفون گېزىتىدىن ھەقسىز بەھرىمان بولالايدىكەن، ئابونتلار ۋە تورداشلار http://www.yangezit.com غا كىرىپ، تېلېفونغا شۇ يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرسىلا ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى يان تېلېفون گېزىتىنىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىدىن بەھرىمان بولالايدىكەن.
توربەت ئادرىسى http://www.yangezit.com

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
393
تىللا
935
شۆھرەت
712

تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 21:17:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى قايسى خىلدىكى يانفونلار قوللايدكەن ؟ بولسا ئېنىق بىر چۈشەنچگە ئىگە بولغان بولساق ياىشى بۇلاتتى
ئۈگنىش ، ئۈگنىش ،يەنە ئۈگنىش

Rank: 2

تۆھپە
33
تىللا
38
شۆھرەت
29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 13:08:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى باردەك تۇرىدۇ.لىكىن htc ماركىلىق يوقكەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-28 16:08 , Processed in 0.256514 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش