ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 269 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 264|ئىنكاس: 2

كومپىيۇتېر ۋە ئەرلەر( قىزىقارلىق)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

tamkin 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
81
تىللا
246
شۆھرەت
175
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 14:41:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
m_13014727810986.jpg


                                                                             كومپىيۇتېر ۋە ئەرلەر( قىزىقارلىق)
                                                                                       

كومپىيوتېر ئادەم مېڭىسىگە تەقلىدى قىلىنغان ئۈسكۈنە بولغاچقا،
نۇرغۇن مىجەزلىرى ئادەم مىجەزىگە ئوخشىشىپ قالىدۇ، بولۇپمۇ ئەرلەرگە!   

ۋىروس تىپىدىكى ئەرلەر:سىز مەيلى ياخشى كۆرۈڭ-كۆرمەڭ، ھامان چاپلاشقىنى چاپلاشقان. ئۇنىڭدىن قۇتۇلماقچى بولسىڭىزمۇ نۇرغۇن نەرسىلىرىڭىزدىن ئامالسىز ۋاز كېچىسىز.

مۇلازىمەت بىكىتى تىپىدىكى ئەرلەر:سىز ئۇنىڭغا موھتاج بولغاندا،
ئۇ ھامان ئالدىراش بولىدۇ.
   
windows تىپىدىكى ئەرلەر:ئۇنىڭ نۇرغۇن كەمچىلىكى بولسىمۇ،
ئۇنىڭسىز ياشىيالمايسىز  .     
   
powerpointتىپىدىكى ئەرلەر:ئەگەر بۇنداق ئەرنى تاپماقچى بولسىڭىز،
چۈشىڭىزدىن ئويغانماڭ.
   

excelتىپىدىكى ئەرلەر: گەرچە ئۆز خىزمىتىدە ئەلا بولسىمۇ،
باشقا ساھەدە چوڭ رولى بولمايدۇ.
         
word تىپىدىكى ئەرلەر: ھەر قاچان سىزنى ھەيران قالدۇرالايدۇ.
لېكىن ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ نامايەن قىلالايدىغان ئايال بولمايدۇ.
     
قاتتىق دىسكا تىپىدىكى ئەرلەر: كۆرگەنلىكى قىزنىڭ
ھەر قاندىقىنى ئىسىدە تۇتالايدۇ.
     
مائوس تىپىدىكى ئەرلەر:پەقەت تارتۇشقۇلاپ تۇرۇپلا ئىشقا
سالغىنى بولىدۇ.
     
ئېلخەت تىپىدىكى ئەرلەر:سىز ئاڭلىغان ئون ئېغىز گېپىنىڭ توققۇزى
كۆپتۇرۈلگەن ئېلاندىن ئىبارەت.
   
ئائىلە كومپىيوتىرى تىپىدىكى ئەرلەر(تورغا چېتىلمىغان):بۇنداق ئەرلەر ئۆيدىلا ئولتۇرىدۇ،ھەممە ئىشنى ئايالىنىڭ تاپشۇرغىنى بۇينچە بىجىرىدۇ.لىكىن ئۇداۋاملىق ئۆيدىلا بولغاچقا يېڭىلىق بولمايدۇ دە سىزنى بىردەمدىلا زىرىكتۈرىدۇ.

ئائىلە كومپىيوتىرى تىپىدىكى ئەرلەر(تورغا چېتىلغان):بۇنداق ئەرلەر پات-پات سىرىتقا چىقىدۇ،لىكىن ئۇ ئەرنى باشقۇرۇش ھۇقۇقى ئايالىدا بۇلىدۇ.ئايالى بار دىگەن يەرگە بارىدۇ،كەل دىگەن ۋاقىتا كىلىدۇ.بۇ ئەرلەر ئائىلە كومپىيوتىرى تىپىدىكى ئەرلەر(تورغا چېتىلمىغان)غا قارىغاندا بىرقەدەر ئەركىنرەك بۇلىدۇ.

ۋاڭبا كومپىيوتىرى تىپىدىكى ئەرلەر:بۇنداق ئەرلەر قىلىمەن دىگىنىنى قىلىدۇ.لىكىن ئۇ يەنىلا باشلىقىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىن چىقىپ كىتەلمەيدۇ.   
   
خاتىرە كومپىيوتىرى تىپىدىكى ئەرلەر:بۇنداق ئەرلەرنى جاھان كىزىپ سودا قىلىدىغان سودىگەرلەر گە ئوخشاتساق بۇلىدۇ.

مائۇس تىپىدىكى ئەرلەر: ئاياللارنىڭ بۇيرۇقىنى بىجاندىل ئىجرا قىلغۇچىلاردۇر. ئوڭ قۇلقى(مائۇسىنىڭ ئوڭ كونۇپكىسى) سول قۇلىقى(مائۇسنىڭ كۇنۇپكىسى) ئارقىلىق ئۇلارنى خىلىلا ئوبدان باشقۇرغىلى بولىسۇ، ئەلۋەتتە يەنە قوشۇمچە قىلنغانلىرىمۇ بار. بۇنىڭغا سالغاندا مائۇس تىپىدىكى ئەرلەر زامانىمىزدىكى«سايىم نوچى»لارنىڭ نەق ئۆزى.

كۇنۇپكا تاختىسى تىپدىكى ئەرلەر: بۇنداق ئەرلەر مۇستەقىل كۆز قارىشى يوق ئەرلەرنىڭ جۈمىلىسىندۇر، سىز ئۇلارغا نىمىنى دىگۈزىسىڭىزئۇلار شۇنى دەيدۇ، بۇلارنى تىپىك خۇشامەتچى دىسىڭىز بولىدۇ.

ئىچكى ساقلىغۇچ تىپىدىكى ئەرلەر : بۇلارنىڭ كۆڭلى كۆكسى ئاجايىپ كەڭرى بولوپ ،مەيلى ئۆز ئايالى بولسۇن مەيلى سىرىتتىكى ئاياللار (ۋىرۇسنى دىمەكچى) ھەممسىنىڭ مۇھەببىتىنى ئۆزىگە سىغدۇرالايدۇ ، شۇ سەۋەپلىك ئۆزى ۋەئائىلىسگە ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلقلارنى سالىدۇ.

پىرىنتىر تىپىدىكى ئەرلەر : بۇ تىپتىكى ئەرلەر سىر ساقلاش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان ، ئاسانلا باشقىلارغا خائىنلىق قىلدىغانلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. پەقەت ئۇلارنىڭ ئاغزىغا بىر نەرسە تىقىلسىلا ئۆزىدە بار بولغان سىرنىڭ ھەممسىنى يىيىشتىن يانمايدۇ.

ۋىرۇس تازلىغۇچ دىتالى تىپىدىكى ئەرلەر: بۇنداق ئەرلەرنى رازىۋىتكا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەرلەر دىيىشكە بولىدۇ، پۇل ئۈچۈن باشقىلارغا خىزمەتقىلىپ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكى باشقىچە ھىسىياتلارنى تازلاپ چىقىرىدۇ. پۇلى ئاز چىقىرلسا ياكى تەجىربىسى ئاز بولسا رازىۋىتكا قىلىش ئۈنۈمى دىگەندەك ياخشى بولمايدۇ .



مەنبە : تەرمىلەر ژورنىلى
yasin   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
499
تىللا
736
شۆھرەت
931
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 14:14:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەينادىكى دوسىتلار سىلەر قايسى تىپتىكى كومپىيوتېرغا كىرسىلەر تەسىراتىنى سۆزلەپ باقدىغانلار يوقمۇ.

Rank: 2

تۆھپە
38
تىللا
43
شۆھرەت
40
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 20:00:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا!!! مەن ۋاڭبا كومپىيۇتىرى تىپىدىكى ئەرلەر قاتارىغا كىرىپ قالامدىم نىمۇ؟؟؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-2-2 11:23 , Processed in 0.598306 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش