- توردا
- 44 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-18
- تىزىملاتقان
- 2011-5-16
- شۆھرەت
- 141
- تىللا
- 135
- تۆھپە
- 105
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 552
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 30
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 2308
- تۆھپە
- 105
- تىللا
- 135
- شۆھرەت
- 141
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئىنتىلدىكى قېرىنداشلار ، ئالىپ ئەپەندى ! ھەممىڭلار سالامەت تۇردۇڭلارمۇ؟
يېقىندا Adobe Audition CS 5.5 نىڭ Mac OS X دىكى نەشرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلاي دېگەنتىم ، ھەم دەسلەپكى قىسمەن تەرجىمە سىنىقىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
بۇ جەرياندا مۇنداق بىر مەسىلىگە يولۇقتۇم : ئادەتتە Mac OS X دىكى كۆپىنچە دېتاللارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ، تەرجىمە قىلىپ بولغان تىل بولىقىنى ( ug.lproj ) مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا قويۇپ ، سېستىما تىل تەڭشىكىدىن ئۇيغۇرتىلىنى ئالدىن قوللىنىدىغان قىلىپ تەڭشىسەكلا بولاتتى ، بۇ چاغدا ئاشۇ دېتال ئارا يۈز تىلى ئۇيغۇرچە بولاتتى ۋە خەت يۆنىلىشىمۇ ئوڭدىن سولغا ئۆزگىرەيتتى( بۇنىڭغا كۈچ چىقارغان بارلىق كىشىلەرگە تەشەككۈرلەر بولسۇن ).
لېكىن مەن تەرجىمە قىلماقچى بولغان بۇ دېتالدا ئۇنداق بولمايدىكەن ، يەنى مەسىلەن ، سېستىما تىل تەڭشىكىدىن ياپون تىلىنى ئېنگىلىزتىلىنىڭ ئالدىغا يۆتكىسەك ( مۇشۇ دېتالدا ياپون تىلى بولىقى تەمىنلەنگەن ) ، دېتال ئارا يۈزىدە پەقەت قىسمەن سۆزلەرلا ياپونچە كۆرۈندى ، مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا ئېنگىلىزچە . مەن يەنە دېتالدا تەمىنلەنگەن باشقا تىللارنىڭمۇ ھەممىنى سىناپ باقتىم ، نەتىجە ئوخشاش چىقتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن توردىن خەنچە تىل بولىقىنى تاپتىم ۋە شۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدىم ، نەتىجىدە دېتال ئارا يۈزى پۈتۈنلەي خەنچە ھالەتتە كۆرۈندى . بۇ «خەنچە تىل بولىقى» دا تۆۋەندىكى ئىككى تال ھۆججەت بار ئىكەن ، شۇلارنى دېتالدىكى ئوخشاش ئىسىملىك ھۆججەت بىلەن ئالماشتۇرساقلا بولىدىكەن ، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئىسمى ۋە ئورنى تۆۋەندىكىچە :
1.au_zdictionary_en_US.txt ( بۇنىڭدىكى en_US تىن ئۇنىڭ ئېنگىلىزتىلى بولىقى ئىكەنلىكى ئېنىق ) ، ئورنى:
Contents/Resources/dict
2.AuUI , ئورنى :
Contents/Frameworks/AuUI.framework/Versions/A
دېمەك ئۇلار بۇيەردە ئازراق ھۈنەر ئىشلىتىپ ( ئاساسلىقى AuUI ھۆججىتىگە ) ، دېتالنىڭ ئېنگىلىزتىلى لۇغەت ھۆججىتىنى خەنچىگە تەرجىمە قىلىپلا ئىشنى پۈتتۈرگەن . مەنمۇ مۇشۇ ھۆججەتلەرنى ئىشلىتىپ ، ئاۋۇ لۇغەت ھۆججىتىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قارىسام دېتال ئارا يۈزىمۇ ئۇيغۇرچە كۆرۈندى ، لېكىن مەسىلە ، خەت يۆنىلىشى سولدىن ئوڭغا !
جىق سۆزلەپ كەتتىم ، دېمەكچى بولغىنىم مۇشۇ ، قانداق قىلىپ خەت يۆنىلىشىنى ئوڭدىن سولغا قىلىمىز؟ يەنى قانداق قىلىپ سېستىمىغا بۇ دېتال ئۇيغۇرچە دەپ تونۇتىمىز؟ ياكى قانداق ھۈنەر ئىشلىتىمىز ؟
ئالىپ ئەپەندىنىڭ ۋە سەينادىكى باشقا ئۇستازلارنىڭ پېقىرغا يول كۆرسىتىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن ! ئالدى بىلەن رەھمەت ئېيتقاچ تۇراي ! ھەممىڭلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن ! رەھمەت سىلەرگە !
دېتالنى چۈشۈرۈش
خەنچە تىل بولىقى
|
|