ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 671|ئىنكاس: 16

مۇراجەتنامە: ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان قېرىندىشىمىزغا ياردەم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تۆھپە
23
تىللا
18
شۆھرەت
12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 23:39:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
murajat3.jpg


روزىھاجى تۇرسۇن 2011- يىلى 10- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراش سەۋەبلىك، نەق مەيداندىلا ئىككى پۇتىنىڭ گۆشلىرى تىتىلىپ، سۆڭەكلىرى سۇنۇپ كەتكەن. ئىككى پۇتىنى ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن، پۇتلىرى يوتىسىدىن كېسىۋېتىلگەن. ھازىر ئاپتونۇم رايۇنلۇق جۇڭگو تىبابىتى دوختۇرخانىسىدا داۋالانماقتا. روزىھاجى دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقىلى 50 نەچچە كۈن بولغان بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر پۈتۈن بىساتلىرىنى سېتىپ داۋالاتقان بولسىمۇ، يارا ئېغىر بولغانلىقتىن، تېخىچە ياخشى بولۇپ كېتەلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپىراتسىيەدىن كېيىنكى داۋالىتىشقا پۇل يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، دوختۇرخانا داۋاملىق داۋالىتىشنى توختىتىپ قويغان، ھازىر پۇتىنىڭ كېسىلگەن يېرى يېرىڭداپ كېتىۋاتماقتا. بۇ كېسەل ۋاقتىدا داۋالىتىلمىسا ئاقىۋىتى ناھايتتى خەتەرلىك.

دۇنيا مېھىر- مۇھەببەت بىلەن تولغان، ھايات_ قېرىنداشلارنىڭ ھېسداشلىقى، سەمىمىي دوستلىقى، مىننەتسىز ياردىمى بىلەن ئىللىق بولۇپ كەلگەن. ئىنسان ئىنسانغا موھتاج بولمىسۇن. ئەمما، ئىنسان ئىنسانغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، يىقىلغانلارنى يۆلەپ قويۇش، سەكراتتا ياتقان، قىممەتلىك ھاياتقا ئۈمۈد بىلەن قاراۋاتقان ئاجىزلارغا يار- يۆلەكتە بولۇش ئەڭ ساۋابلىق ئىشتۇر ۋە ئىنسانىي پەزىلەت، بۇرۇچتۇر!

ئەي قېرىنداشلار، مۇسۇلمانلار، ئۇيغۇرلار، كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر ئەنە بىر قېرىندىشىمىز سەكراتتا ئىكەن. تېخى ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن بىر ئوغلانىمىز ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىدا جان تالىشىۋېتىپتۇ. جان ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، بىز بەندىلەرنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى پەقەت نىجادلىق تىلەش ۋە ئىمكانىيتىمىزنىڭ بارىچە سەۋەب قىلىش ئىكەن. مۇشۇ قېرىندىشىمىزغا بىر ياردەم قىلايلى. كوچىلىرىمىزدا ساختا مۇراجىئەتنامىنى كۆتۈرىۋېلىپ تىلەمچىلىكنى كەسىپ قىلىۋالغانلار كۆپەيمەكتە. بىز ھەقىقىي ياردەمگە موھتاج بولىۋاتقانلارنى پەرقلەندۈرەيلى، بۇ مۇراجەتنامىنى كۆرگەن ھەر بىر قېرىندىشىمىزنىڭ، ھاياتقا تەلپۈنۈپ تۇرغان بىر ياش يىگىتكە ياردەم قىلىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن سورايمىز.

خالىغانلار بىمارنىڭ ئانىسىغا تېلىفۇن قىلساڭلار، دوختۇرخانىغا بېرىپ بىمارنى يوقلاپ قويساڭلار. ھەممىمىز تەڭ ھەرىكەتكە كەلسەك، تاما- تاما كۆل تولار دېگەندەك، سىزنىڭ قىلغان كىچىككىنە بىر ياردىمىڭىز قېرىندىشىمىزنىڭ داۋالىنىپ ساقىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۈمكىن. ياردىمىمىزنى ئايىمايلى، بىر يۈەن بولسىمۇ ياردەم قىلايلى. اللاھ ھەممىمىزگە سالامەتلىك، ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن!
ئىمكان بولسا باشقا مۇنبەر، بلوگلاردىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز!!!

murajat.jpg

murajat1.jpg

murajat2.jpg

مەنبە http://ad.nur.cn/uqur.cn/2011/murajiatnama


سودا- سانائەت بانكىسى
米力开木·艾力
6222023012005228202

يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىۋى
米力开木艾力
6210088014354813

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1246
تىللا
918
شۆھرەت
2094
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 13:33:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ئىچىم ئاغرىدى بۇ دوستىمىزغا؟
鹰头   [ئىشەنچلىك ئەزا] 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
33
تىللا
62
شۆھرەت
106

تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 14:12:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممەيلەن ئازىراق بولسىمۇ ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى!ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىچى ئاغرىغىدەك ....
ھەممەيلەننىڭ جىنى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، ھەممەيلەنگە ئاللاھتىن ئامانلىق تىلەيمەن!
مومكىن بولسا يىزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كارتىسى بولغان بولسا تور بانكامدىن ئازىراق بولسىمۇ كۆڭلۈمنى يەتكۈزگەن بولار ئىدىم.

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
386
تىللا
737
شۆھرەت
793

تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 17:11:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور بانكىسىدىن يېزا ئېگىلىك بانكدىن سودا سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىسىغا پۇل يۆتگىلى بولىدۇ.
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
13787
تىللا
18370
شۆھرەت
25078

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 22:39:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2 سائەت بۇرۇن خىزمەتدىشىم بىلەن ئاۋۇ دىلى سۇنۇق ئانا بىلەن تېلېفۇندا سۆزلەشتۇق، بىچارىنىڭ تىترەپ چىقىۋاتقان ئاۋازى كۆڭلۈمىزنى بەكمۇ يېرىم قىلدى.
قولىمىزدىن قانچىلىك كەلسە ياردەم قىلىپ قويايلى.
سودا- سانائەت بانكىسى
米力开木艾力
6222023012005228202

يېزا ئىگىلىك بانكىسى
米力开木·艾力
6210088014354813
http://yolyar.com/amma/show.asp?id=58 دىكى يازما ۋە رەسىمنى باشقا بەتتە تەۋسىيە قىلساڭلار رەسىم نورمال كۆرۈنىدۇ.
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
13787
تىللا
18370
شۆھرەت
25078

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 01:16:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار توردا پۇل يۆتكىگەندە ئىسىمنى خاتا دېدى دەيدۇ، ئەتە خىزمەتدېشىم س س بانكىغا بېرىپ پۇل سالىدۇ، شۇنىڭدىكى ئۇچۇرنى تەمىنلەي.
مۇمكىن بولسا بىرەرسىڭلار يېزا ئىگىلىك بانكىسىغا بېرىپ ئۇچۇرىنى ئالساڭلار بوپتىكەن.
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
kuresh 实名认证 

تۇرشاۋۇل

كۈرەش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
748
تىللا
837
شۆھرەت
1646
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 17:08:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بېكىتىمگە رەسىملىك ئېلانىنى چىقىرىپ قوياي ، ئاللاھ بۇ قېرىندىشىمىزغا شىپالىق بەرسۇن !
WWW.UYS60.COM  ئۇيغۇر يانفۇن  ھەۋەسكارلىرى سىزنى قارشى ئالىدۇ

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
754
تىللا
597
شۆھرەت
1134
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 18:52:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھ ! ياراتقان ئىگەم ، بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن ! بۇنداق ئېغىر كۈنلەرنى ھارام قىلغايسەن !
http://www.izdinix.com/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=44229
http://bbs.bilik.co/thread-24539-1-1.html
ئىزدىنىش، بىلىك قاتارلىق توربەتلەردىكى 10 يۈەندىن 1000 يۈەنگخچە ياردەملەرنى كۆرۈپ مېھرىبان قېرىنداشلىرىمدىن سۆيۈندۈم.

ئىئانە قىلغانلار ئۇچۇرىنى http://www.yolyar.com/amma/show.asp?id=58 غا ئىنكاس قىپ قويدۇم، تەستىقلىۋەتسەڭلار.
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
13787
تىللا
18370
شۆھرەت
25078

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 21:32:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tawlan12 يوللىغان ۋاقتى  2011-12-15 18:52
ئاھ ! ياراتقان ئىگەم ، بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆز پا ...

ياخشى قىپسىز، قالدۇرۇلغان سۆزلەر تەستىقلاندى.
http://yolyar.com/amma/show.asp?id=58
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
13787
تىللا
18370
شۆھرەت
25078

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 22:13:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تاما- تاما كۆل بولۇر» دېگەن گەپ ھەقىقەتەن توغرا گەپ.
تۈنۈگۈن خىزمەتدېشىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بۈگۈن ئىشقا چۈشۈپلا ھەرقايسى ئوقۇتۇش گۇرۇپىلىرىغا مەزكۇر مۇراجەتنىڭ باسما نۇسخىسىنى ئېلىپ كىرىپ خىزمەتداشلارنى سەپەرۋەر قىلدۇق، شۇ ۋاقتتتا خەۋەر تاپقان كۆپچىلىك تۆۋىنى 5 يۈەن يۇقۇرىسى 100 يۈەندىن بولۇپ 2 سائەت ئىچىدىلا 1500.0 يۈەندىن كۆپرەك پۇل يىغىلىپتۇ.
مەلۇم بىر 10 كىشىلىك ئوقۇتۇش گۇرۇپىسىدىكى خىزمەتداشلارنىڭ ئايدا 10.00 يۈەندىن تاشلاپ يىغىپ قويىدىغان «،مېھرىبان ئۇستازلار فوندى» باركەنتۇق، ئۇلار شۇ فوندىدىن 200.00 يۈەننى ياردەم قىلدى.
بۈگۈن 17:00 ئەتراپىدا بىزنىڭ ئازغىنە كۆڭلىمىز 1545.00 يۈەن پۇل ئاشۇ دىلى سۇنغان ئانىنىڭ كارتىسىغا بانكا ئارقىلىق ماڭدۇرۇلدى.
ئەتە بۇ ياردەم داۋاملىشىدىغانلىقى ئېنىق.

بۇ ئەسلى خالىس، پىنھان قىلىنىدىغان ئىش بولسىمۇ كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان خىزمەتداشلىرىمغا بولغان مىننەتدارلىقىم شۇنداقلا ئاشۇنداق مېھرىبان كىشىلىرىمىزگە مەدەت، رەھمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن يوللىدىم.

ئەزىز  تورداش، بۇ قېرىندېشىمىز نەچچە ئاينىڭزى ئاغرىق ئازابىدا كۈن ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بۇ نەچچە ئايدىن بۇيان قانچىلىك مۇھتاجلىق، غۇربەتچىلىكنىڭ دەردىنى تارتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس.
بايا خەۋەر تېپىشىمچە بۇ ئانا قەشقەرگە قاراپ كېلىۋىتىپتۇ، ئامۇ بىمار يىگىتنىڭ پۇتىنىڭ ئۇچىغا يېڭىدىن تىرە كۆچۈرۈپتۇ،  دوختۇرخانىدا يەنە بىرەر ئايچە داۋالانمىسا بولمايدىكەن.
مەيلى بۇنى تەشۋىق قىلىڭ ۋە مەيلى قانچىلىك بولسۇن كۆڭلىڭىزنى بىلدۈرۈڭ http://www.yolyar.com/amma/show.asp?id=58 دىكى ۋە بۇنىڭدا كۆرۈلمىگەن خالىس- مېھرىبانلار قاتارىدىن سىزمۇ ئورۇن ئېلىڭ.
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
Koinlun   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

ئاتامان

تەۋرەنمەس تاغ

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
5213
تىللا
4015
شۆھرەت
8806

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 22:54:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللىغان ۋاقتى  2011-12-15 22:13
«تاما- تاما كۆل بولۇر» دېگەن گەپ ھەقىقەتەن توغرا گەپ.
ت ...

13 ئاي ئەمەسكەن، ئىككى ئاي ئەتراپىدا بوپتۇ، ناۋادا پۇل يىتىشمىسە بۇ جاپانى يەنە قانچىلىك تارتىپ كىتەر... مەنمۇ ئازراق كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈپ قويدۇم.
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
13787
تىللا
18370
شۆھرەت
25078

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 23:41:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Koinlun يوللىغان ۋاقتى  2011-12-15 22:54
13 ئاي ئەمەسكەن، ئىككى ئاي ئەتراپىدا بوپتۇ، ناۋادا پۇل ...

ئاپلا، تۈزۈتۈپ قويدۇم.
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
atash 实名认证 

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تۆھپە
511
تىللا
892
شۆھرەت
1092

دەلىللەنگەن ئەزا ئاكتىپ تىرىشچان ھەمكارلىق ئىشەنچ

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 23:55:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سودا- سانائەت بانكىسىدىن پۇل سالغىلى بولمىدى. ئىسىم خاتا ئوخشايدۇ.
Koinlun   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

ئاتامان

تەۋرەنمەس تاغ

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
5213
تىللا
4015
شۆھرەت
8806

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 00:42:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
atash يوللىغان ۋاقتى  2011-12-15 23:55
سودا- سانائەت بانكىسىدىن پۇل سالغىلى بولمىدى. ئىسىم خا ...

خاتا ئەمەسكەن، ماۋۇ رەسىمگە قاراپ سېلىڭ.
yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
1870
تىللا
1417
شۆھرەت
2999
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 17:56:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشۋىق قىلالايدىغانلار تەشۋىق قىلىلى، اردەم قىلالايدىغانلار ياردەم قىلىلى، قانچىلىك قىلالىساق شۇنچىلىك قىلىلى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-28 17:42 , Processed in 0.402194 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش