ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 532|ئىنكاس: 7

پارلان شىركىتنىڭ 2-قېتىملىق ئىختىساسلىقلارنى تاللىشى ئاخىرلاشتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
284
تىللا
332
شۆھرەت
560

تىرىشچان

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 15:02:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پارلان شىركىتنىڭ 2-قېتىملىق ئىختىساسلىقلار تاللىشى ئاخىرلاشتى


35.gif

تاللانغانلار
غالىپجان غۇلام، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى
ياسىن تۇراپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى
نۇرۇللا ھامۇت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى
شائىرە ئۆمەر  غەربى شىمال سانائەت ئۇنىۋېرسىتى
ئابدۇرېشىت ئىسمائىل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى
ئالىمجان رەجەپ شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتى

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،تورداشلار ، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 26-كۈنى پارلان مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى ئۈرۈمچىدە لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرىدىغان بۇلۇپ،بۇ قېتىملىق لېكسىيىگە جەمئىيتىمىزدىكى داڭلىق شىركەت-كارخانىلارنىڭ باش دىرېكتورلىرى ،باشقۇرغۇچىلىرى قاتنىشىدۇ، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى، دوكتور، شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى مۇستەقىل لىدىرى، مۇئاۋىن باش دىرېكتۇرى،شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئسىتانسىسى بۈگۈنكى سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىسى سۇلايمان ئىسلام دوكتور سۆزلەيدۇ
بۇ قېتىمقى لېكسىيەنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
. كارخانىلارنىڭ مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرىشىدىكى مۇھىم ھالقا-يادرولۇق رىقابەت كۈچى توغرىسىدا

تەكلىپ قىلىنغان مېھمان:

شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنۋېرىستىتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى، دوكتۇر، شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سېلىش گوروھىنىڭ مۇستەقىل لىدىرى، مۇئاۋىن باش دىرېكتۇرى،شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئسىتانسىسى بۈگۈنكى سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىسى سۇلايمان ئىسلام دوكتۇر سۆزلەيدۇ

لىكسىيە تېمىسى:

1.كانادالىق ئويغۇر ئىقتىساد شۇناس ئادىل ئابلىمىت ئەپەندى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادى ئېقىملىرى توغرىسىدا سۆھبەت.

تەكلىپ قىلىنغان مېھمان:

ئادىل ئابلىمىت ئەپەندى1998يىلى كاناداغاكۆچمەن بۇلۇپ چىقىپ كەتكەن، كانادا يورك ئونۋىرسىتى خەلىقئارا ئقتىساد پۇل مۇئامىلە كەسپىنى پۈتتۈرگەن،2006-2009يىلغىچە كانادا مىننامار پاي مەبلەغ سىلىش شىركىتىدە پاي-چەك بازىرى مەسلھەتچىلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن.2010-يىلى ئامىرىكا بېلمانىت شىركىتىنىڭ مەبلەغ باشقۇرۇش ،پاي-چەك مۇئامىلە كەسپى بىلەن  شۇغۇللانغان.ھازىر بېلمانىت شىركىتنىڭ شاڭخەي تارمىقىدا ئالي مەسلىھەتچىلىك ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى قىلىۋاتىدۇ.


پارلان شىركىتى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىگە مۇشۇ چوڭ سورۇندا بىر قېتىملىق ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇش پۇرسىتى  يارىتىپ بەرمەكچى ۋە  جەمئىيەتتىن ئاشكارە ئىختىساس ئىگلىرنى تاللىماقچى.مەيلى سىز ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا بۇلۇڭ ياكى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدەۋاتقان بۇلۇڭ ۋە ياكى جەمئىيەتتە ئىش كۈتۈپ تۇرغان بۇلۇڭ سىزنىڭ تالانتىڭىز بولسىلا بۇ پۇرسەتكە ئېرىشەلەيسىز،ئەگەر سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىز،بىلمىڭىز شۇ سورۇندىكى شىركەت – كارخانىلارغا ياراپ قالسا سىز بىلەن توختام تۈزۈپ ئىشلىتىدۇ.
شەرتى:تەۋەلىكى،بوي ئىگىزلىكى،جىنسى،تەقى –تۇرقى،ئائىلە ئەھۋالى مۇھىم ئەمەس،ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ ئەمىلى خىزمەت ئىقتىدارىڭىز ۋە ئاكتىپ خىزمەت پوزىتسىيىڭىز لازىم.
ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى تالانتىلىق،ئىقتىدارلىق چاغلىسىڭىز شىركەت،كارخانىدا ئىشلەشكە ماس كەلسىڭىز بۇ يەرگە كېلىپ ئۆزىڭىزنى سىناپ بېقىڭ .بۇ بەلكىم سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى بىر بۇرلۇش نوقتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بەرمەڭ.
تىزىملىتىش توردا  ئېلىپ بېرىلدۇ. تىزىملىتىشقا ھەق ئېلىنمايدۇ.
ۋاقتى:1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 24-كۈنگىچە.
سىز پەقەت ئاستىدىكى جەدىۋەلنى چۈشۈرۈپ ،تولدۇرۇپ بىزگە‹ intilx@126.com› تور ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بىز  يىغىلغان جەدۋەلدىن ئەڭ ياخشى 15تىزىملاتقۇچىنى تاللاپ  خەۋەر قىلمىز ، سىز بىلەن بىر قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشىمىز ۋە 10تىزىملاتقۇچىلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ سەرخىل 5  ئىختىساس ئىگىسىنى رەسمى 35-قېتىملىق پارلان لېكسىيىسىگە قاتناشتۇرۇپ،ئۆزىنى  سورۇندىكى شىركەت – كارخانىلار خوجايىنلىرى ئالدىدا  تۇنۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە  ئىگە قىلىمىز.سىز شىركەت-كارخانا خوجايىنلىرىغا ياراپ قالسىڭىز سىز بىلەن توختام تۈزۈپ رەسمى ئىشلەيسىز ھېچ بولمىغاندا ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز.
پۇرسەت سىز تەرەپكە قاراپ كەتتى تۇتۇش ياكى تۇتالماسلىق ئۆزىڭىزگە باغلىق.
جەدۋەلنى چۈشۈرۈش
http://quxurux.net/parlan/jediwel.doc
http://quxurux.net/parlan/jediwel.doc

بۇ پائالىيەت ئاللا خالىسا كېلەر ئاي يەنە ئۆتكۈزۈلمەكچە،شۇ تورداشلارنىڭ ئۈمىد سىزلەنمەي داۋاملىق تىزىملىتىشىنى ئۈمىد قىلمىز.
كېلەر قېتىم مۇشۇ تېمىنى ئۆزگەرتىپلا قويمىز ۋە ئاستىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكاسلارنى يازمىز ،پارلان شىركىتى نامىدىن ئىنتىل ئەپەندىگە رەخمەت ئېيتىمىز.

پارلان تورىغا داۋاملىق دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ.
ئالاقىلاشقۇچى:يۈسۈپجان تېلفۇن:15199009412  qq:915093332
   intilx@126.com  ئېلپوچتا:.


مەنبە:http://xjparlan.com/shownews.asp ... &smallclassid=2
ئىنتىل ئەپەندىمنىڭ پائالىيىتىمىزنى قوللاپ بەرگەنگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   intilish تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-25 12:27  

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
284
تىللا
332
شۆھرەت
560

تىرىشچان

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 20:09:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم سىز ھازىر ئىش تاپالمايۋاتقان بولىشىڭىز ياكى ئورۇق-تۇققان،دوسىت بۇرادەرلىرڭىز قابىليىتى تۇرۇپمۇ ئىش تاپالماي يۈرگەن بۇلىشى مۇمكىم،بۇ بىر ياخشى پۇرسەت،ھەق ئالدىغان ئىشقا تۇنۇشتۇرۇش ئورنىغا ۋەئىمتىھانلار بېرىپ نەچچە يۈز يۈەننى خەجلەپ بولغانسىز،پارلان شىركىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىختىساس ئىگلىرنى تۇنۇشتۇرىشى ھەقسىز،سىزنىڭ تاللىنىش ئېھتىماللىقىڭىز يۇقۇرى،بىكار يۈرگەندىن سىناپ بېقىڭ.‹بىزنىڭ مۇشۇ پۇرسەتنى يارتىشمىزمۇ ئاسان توختىمىدى› بىر كۈندە 5 ئادەم جەدۋەلنى ئەۋەتىپتۇ،ئۇلارغا پۇرسەت كەلدى،سىزگىمۇ كەلدى تۇتالمىسىڭىز باشقىلاردىن ئاغرىنماڭ.شەرتىمىز يۇقىرى ئەمەس. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   intilish تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-9 20:35  

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
284
تىللا
332
شۆھرەت
560

تىرىشچان

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 20:29:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە كۈتسەممۇ ئاران ئوندەك ئادەم ئۇچۇر يوللاپتۇ،جەميىتىمىزدە ئىش تاپالمايۋاتقان ئىختىساس ئىگلىرى قالمىغان ئوخشايدۇ،ياكى ئۇلار كۈندە ئىش ئىزدەش بىلەن بولۇپ تورغا چىقمامدۇ؟ تىزىملىتىز ئەتە كەچتە ئاخىرلىشىدۇ،ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى سىناپ باقسىمۇ بولىدۇ،ئەگەر 100 كوي پۇل ئالمىز،ئىشقا تۇنۇشتۇرمىز مائاشىڭ 1000-1500 گىچە دېسەك نۇرغۇن ئادەم يىغلاتتى،بىكارلىق بولغاچقا .........

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
284
تىللا
332
شۆھرەت
560

تىرىشچان

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 11:04:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاللانغانلارنى توردا ئېلان قىلىپ قوياي،بولمىسا ئۇچۇق-ئاشكارە تاللاش بولماي قالىدۇ.
1.ئالىمجان رەجەپ شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتىدىن
2.مەمەتئېلى مەمتىمىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىدىن
3.ئايگۈل ئىمەر  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىدىن
4.:ئايشەم تۇنىياز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىدىن

  ئەسلى بەش نەپەر تالىماقچى بولغان لېكىن تىزىملاتقانلارنىڭ سانى ئاز ۋە ھازىرچە تالاشتىن ئۆتكىنى تۆت بولغاچقا بىر سان ئاز بۇلۇپ قالدى.ئاللا خالىسا بۇنداق شىركەت-كارخانىلارغا تۇنۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى داۋاملق قىلمز  ۋە توردا ئېلان قىلمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   intilish تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-20 11:08  

Koinlun   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

ئاتامان

تەۋرەنمەس تاغ

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
5213
تىللا
4015
شۆھرەت
8806

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 13:10:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پارلان شىركىتى زادى قانداق شىركەت؟ نىمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟ بۇ قېېتىملىق تاللاشتىن ئۆتكەنلەر نىمە ئىشلار بىلەن شۇغۇنلىنىدۇ؟ بۇ ھەقتە تورداشلارنى تېخىمۇ كۆپرەك چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ قويسىڭىز بولاتتى، راستىنى دىسەم مەنمۇ مۇشۇ تېما يوللانغاندا ئاندىن پارلان شىركىتى بارلىقىنى بىلدىم، ئەمما نىمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدىم.

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
284
تىللا
332
شۆھرەت
560

تىرىشچان

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 12:22:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارلان شىركىتىنىڭ تور ئادىرسى:http://www.xjparlan.com/
بۇ يەردىن سورىغان سۇئاللىرڭىزغا جاۋاب تاپالايسىز

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
284
تىللا
332
شۆھرەت
560

تىرىشچان

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 15:00:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارلان شىركىتنىڭ 2-قېتىملىق ئىختىساسلىقلارنى تاللىشى باشلاندى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
284
تىللا
332
شۆھرەت
560

تىرىشچان

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 12:24:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-قېتىملىق پائالىيەتكەتاللانغانلار
غالىپجان غۇلام، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى
ياسىن تۇراپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى
نۇرۇللا ھامۇت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى
شائىرە ئۆمەر  غەربى شىمال سانائەت ئۇنىۋېرسىتى
ئابدۇرېشىت ئىسمائىل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى
ئالىمجان رەجەپ شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتى

تورداشلارنىڭ داۋاملىق ئاكتىپ ھالدا قاتنىشىنى ئۈمىد قىلمىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   intilish تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-25 12:26  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-27 15:24 , Processed in 0.597259 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش