ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 258 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 424|ئىنكاس: 7

قارلۇق شىركىتىدىن ئاخىرى سادا چىقتى !   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
533
تىللا
324
شۆھرەت
815
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 11:05:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىزگە مەلۇمكى قارلۇق مېدىيا پەن -تېخنىكا شىركىتى دىيارىمىزدىكى ئالما مەھسۇلاتلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان پەن -تېخنىكا شىركىتى ، ئۇزۇندىن بۇيان بۇ شىركەت ئۆزنىڭ تەتىقىقات نەتىجىلىرىنى «قەتئى مەخپى » تۇتۇۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن بۈگۈن ، يەنى 6-دېكابىر app store  (ئالما قوللىنىشچان ئەپ ماگزىنى) غا ئالما شىركىتىنىڭ سەرخىل كوزۇرى بولغان ipad ئۈچۈن باشقا مەلۇم سۇپىلارغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئاساس قىلغان تۇنجى ئەپ ----« خاتىرەم» نى ھەقسز چىقىرىپتۇ ، بۇ  app store   تاكى ھازىرغىچە دىيارىمىزدا مۇشۇ ساھەدىكى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ  app store   غا چىقارغان تۇنجى مىۋىسى بولۇپ ، ipad گە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپتۇ ، يەنى كىلىپ ھەقسىز ئەپ ئىكەن . ipad گە ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان ئەپ مەيدانغا كەلەەندىن كېيىن ، iphone ئۈچۈن مۇشۇ شەكلىدىكى ئەپنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە ئانچە ئۇزۇن قالمىدى دېگەن گەپ ، كەڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى قارلۇق شىركىتىنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە نەتىجىلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ، ئاخىرىدا ئالما مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا يادروسىدىنلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قوشۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .
ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەپ «خاتىرەم» نىڭ ئۇلىنىش ئادرېسى :
http://itunes.apple.com/cn/artist/qarluq-media-tech-co.-ltd./id484486375






ئەپنى قارلۇق شىركىتى مۇنداق چۈشەندۈرۈپتۇ:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،‬
‫خاتىرەم بىرلا مەقسەت يەنى - ئايپەدتە ئۇيغۇرچە خاتىرە يېزىپ ئۇنى مەلۇم سۇپىلارغا يوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن. خاتىرەم ئارقىلىق گۈدۈك، ئىلخەت، ئايمەسىجلەرگە ئۇچۇر يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. كونۇپكا تاختىسىنى بىز ئەسلىدىكى "كىلاسسىك ئۆلچەم" بويىچە ئورۇنلاشتۇردۇق. ئەلۋەتتە، سىز بۇ خىل كونۇپكا لايىھىسىغا بۇرۇنلا ئادەتلىنىپ بولغان. ‬
‫ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى:‬
‫☜ ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك كونۇپكا تاختىسى بىرىكتۈرۈلدى. ‬
‫☜ يازمىنى گۈدۈك، ئايمەسىج ۋە ئىلخەتكە يوللىيالايسىز‬
‫☜ ئېكران يورۇقلۇقىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ‬
‫☜ پۈتۈن ئېكراننى تازلاش ئىقتىدارى بار‬

‫ياقتۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.‬
‫قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا شىركىتى
مەنبەسى: ئىزدىنىش تورى
uyghurboy   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

مۇشاۋۇر

www.hotanab.tk

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
613
تىللا
733
شۆھرەت
1056

ئاكتىپ داڭدار پىداكار ھەمكارلىق تۆھپە تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 13:14:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ .ئاپرىن !
abduhalik   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
264
تىللا
376
شۆھرەت
514

ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 13:19:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghurboy يوللىغان ۋاقتى  2011-12-7 11:14
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ .ئاپرىن !

راس ئاخىر ئېغىز ئېچىپتۇ......
پەيغەمبىرىمىز: ئىلىم ئېلىش ئۆلگىچە پەرز، دىگەن.

Rank: 2

تۆھپە
47
تىللا
39
شۆھرەت
31
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 16:03:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى ئىش بوپتۇ ، قارلۇقنىڭ داۋاملىق تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

تېما ئىگىسىگە : خەۋەرنى ناھايتى ياخشى يوللاپسىز ، لېكىن ئاۋۇ سۈرەتنىڭ ئۈستىدىكى مەزمۇنلارنىڭ كىلىش مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىۋەتكەن بولسىڭىز تېخمۇ ياخشى ئىش بولاتتى ، بىلىك كۇلۇبى ياكى ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدىن كۆچۈرۈپ ئالغانلىقىڭىزنى ئېنىق ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىزچۇ ؟ يەنە كىلىپ قەستەن خاتا يازغان ئىملانىمۇ تۈزەتمەي شۇ پېتى چىقىرىپ قويۇپسىز .

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1037
تىللا
721
شۆھرەت
1751
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 16:49:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mayor يوللىغان ۋاقتى  2011-12-7 16:03
ناھايتى ياخشى ئىش بوپتۇ ، قارلۇقنىڭ داۋاملىق تىرىشىشى ...

بۇ يازمىنى ئىزدىنىشتىن كۆچۈرۈپ تەۋسىيە قىلدىم شۇنى قوشۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
بىلسەم يازىمەن، بىلمىسەم سورايمەن

Rank: 2

تۆھپە
47
تىللا
39
شۆھرەت
31
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 17:59:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىۋىم: تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
274
تىللا
550
شۆھرەت
604
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 18:40:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بولسا بۇ يىڭى خەۋەرنى ھەممە مۇنبەرگە يوللايلى ......ھەممەيلەن پايدىلانسۇن.....

Rank: 4

تۆھپە
238
تىللا
195
شۆھرەت
410
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 23:04:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارلۇقتىن ئالما ھەققىدىكى سادا   2008- يىلى چىققاندەك قىلىدۇ

شۇنىڭدىن بۇيان چىققان سادا مۇشۇ بولسا كېرەك . بۇنداق سادانىڭ داۋاملىق ياڭراپ تۇرۇشىغا تىلەكداشمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-1-10 07:47 , Processed in 0.665868 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش