تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

بازارغا ماڭدىڭىزما؟ ( ھەجۋىي ھېكايە)

يوللىغۇچى: Intil| يوللانغان ۋاقتى: 2010-9-7 22:39| كۆرۈلۈشى: 60| ئىنكاس سانى: 1

ئاپتورى: سەزگۈر

تەتىلنى ئۆتكۈزۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆيىمىزگە كەلگەن بىر ئىنىمىزغا يۇرتىمىزنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ قويۇش ئىستىكىدە يېزىدىكى تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە باشلاپ چىققان ئىدىم. ئۇلار بىزنى ئۆيىگە باشلاپ مېۋە-چېۋە ۋە مېزىلىك تاماق بىلەن مېھمان قىلدى. بۇلاردىن تويغۇچە يەپ باغنى بىر قۇر ئايلانغاندىن كېيىن بۇ ئىنىمىزنى باشلاپ مەھەللىنى ئايلاندىم.
ئۇچرىغانلىكى كىشىلەر بىلەن تونۇساممۇ تونۇمىساممۇ سالام-سائەت قىلىشىپ ئۇزۇن-قىسقا ئەھۋال سورىشىپ مەھەللىنى ئايلاندۇق.
ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئۇ تۇققىنىم مەندىن سوئال سوراشقا باشلىدى:
- ئاكا سىز بۇ يەردىكى ھەممە ئادەم بىلەن تونۇشامسىز؟
- ياق.
- ئەمىسە ھەممە ئادەمگە «ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇ» دېدىڭىزغۇ؟
- شۇنداق، «ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇ» دېمىدىم «ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم» دېدىم. بۇنداق يۇرت مەھەللىدىكى ھەممە كىشى بىلەن سالام-سائەت قىلىشىش ئاتا- بوۋىلىرىمىز بۇرۇندىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئېسىل ئادەت. ھەممە كىشى بىلەن سالاملىشىپ ئۆتسەڭ كۈنلىرىڭ كۆڭلۈڭ ئوچۇق- ئازادە ، روھلۇق ئۆتىدۇ، ئۈمىدۋارلىق، ئىشەنچكە تولۇپ ياشايسەن، ئەل جامائەت ئالدىدا يۈز- ئابرويىڭمۇ ئاشىدۇ. بۇندىن كېيىن سەنمۇ شۇنداق قىلىشنى ئادەت قىل.
- بولىدۇ، ياخشى ئىش ئىكەنغۇ بۇ؟  بۇندىن كېيىن چوقۇم شۇنداق قىلىمەن. ئاكا يەنە بىر ئىشنى چۈشەنمىدىم.
- نېمە ئىشنى؟
- سىز بەزى ئادەملەرگە « تۇققانلارنىڭكىگە مېڭىپسىزدە؟ » دېدىڭىز، بەزى ئادەملەرگە « بازارغا ماڭدىڭىزما؟» دېدىڭىز، بۇنداق سۇئالىڭىزغا ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى توغرا ( سىزنىڭكىگە ماس كېلىدىغان) جاۋاب بەردى.  بۇنىمۇ چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ.
- ھا ھا ھا، بۇنىڭغىغۇ دىققەت قىلىپسەن ئەمما ئۇلار كۆتۈرۈۋالغان سېۋەت ياكى بوغچىلىرىغا دىققەت قىلماپسەندە؟
- بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟
-  شۇنداقلا قارىساڭ بەزىلەرنىڭ سېۋەت ياكى بوغچىلىرىغا قاچىلىغان نەرسىنىڭ ئۈستىگە شۇنداقلا نەرسىنى يېپىپ تولۇق چۈمكەپ قويغانلىقىنى بەزىلەرنىڭ سېۋەت ياكى بوغچىلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن ئوراپ قاچىلىغان نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلدۈرىدىغان مەلۇم بەلگىلىك نەرسىنى قوشۇپ قويغىنىنى ياكى شۇ نەرسىنىڭ بىر قىسمىنى ئېچىپ قويغىنىنى بايقايسەن. ئالدىنقىسى ئۇنى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارانلىرىغا كۆڭۈل قىلىپ ئېلىپ ماڭغاچقا ئوراشقا ( سىرتقى قىياپىتىگە ) بەك كۆڭۈل بۆلمىگەن گەپ، كېيىنكىسى شۇ نەرسىنى بازارغا ئېلىپ ماڭغاچقا مەيلى يولدا ئۇچرىغانلار ياكى بازاردىكىلەرنى ئۆزىنىڭ نېمىنى بازارغا سالىدىغانلىقى (ساتىدىغانلىقى) دىن تېزراق خەۋەردار قىلىش يەنى مېلىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئوراشقا ( سىرتقى قىياپىتىگە ) ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلىپ پەردازلىغان . مەن دەل شۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ نەگە ماڭغانلىقىنى بىلىۋېلىپ سۇئاللىق ئەھۋال سورىسام كۆپىنچىسى توغرا چىققان گەپ.
- مۇنداق ئىش ئىكەن دە. بۇنىمۇ بىلىۋالدىم. بۇنى مەنمۇ سىناپ باقىمەن.
ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتۈپ  بۇ ئىنىمىز بىلەن بازار ئايلانغىلى چىقىدىغان بولۇپ  بىللە سىرتقا ماڭدۇق. يولدا مەن سالام-سائەت قىلىشقان ھەممە كىشى بىلەن ئۇمۇ ماڭا  ئوخشاشلا سالام-سائەت قىلىشتى.
مۇشۇنداق كېتىۋاتساق يەنە بىر تونۇش كىشى ئۇچراپ قالدى  ئۇنىڭ يېنىدا بىللە كېتىۋاتقان قىزغا ( تۈزۈك ئارىلاشمىغاچقا يېنىدىكى قىزنىڭ ئايالى ياكى ئۇرۇق-تۇققىنى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم) كۆزۈم چۈشۈپ قېلىپ سالام قىلىش ياكى قىلماسلىقتا چاقماق تېزلىكىدە ئويلىنىپ قالدىم . سالام قىلماي دېسەم تونۇش كىشى، قىلاي دېسەم ئاۋۇ قىزنىڭ سىيا تۆكۈلۈپ كەتكەندك كۆزى، قان ئىچكەندەك لىۋى، قاسراقتەك كىيىمى، ئېچىلىپ قالغان كۆكسى ۋە يوتىسى قىسقىسى رەڭلىك ئالۋاستىدەك تۇرقىنى دېسەم سالامنىڭ ئورنىغا تۈكۈرۈپ ئۆتۈپ كەتكۈم كەلگەن ئىدى.  ئاخىرى « ئاللاھ ئىگەمدىن كۆڭلىگە ئىنساب بىرىپ توغرا يولغا باشلىشىنى تىلەپ ماۋۇ ئاداشقا تاڭنىڭ سالىمىنى قىلىپ قوياي»  دەپ يېنىدىكى قىزغا قاراپمۇ قويماي:
-        ئەسسىلامۇ ئەلەيكۈم- دېدىم مەن.
-        ياخشىمۇ سىلە – دەپ جاۋاب قايتۇرۇپ ئۆتۈپ كەتتى  ئۇ تونۇشۇم.
«ئالە شەنى ! سالام دېگەنگە مانداق جاۋابمۇ بارجۇمۇ؟ سالام قىلغانغا تويە مانا !» دەپ ئىچىمدە ئۆزۈمنى ئەيىپلەۋاتسام ماۋۇ ئىنىمز ئاۋۇ ئاداشقا سالام قىلىپ  نېمە دەيدۇ دېمەمسىلەر؟
- ياخشىسىز ئاكا؟  بازارغا ماڭغان ئوخشىمامسىز؟ - دېمەسمۇ؟ كاللامدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى؟!

مەنبەسى: يادىمدا

يېڭى ئىنكاسلار

lotun تۈنۈگۈن  01:48
ئا  ھاجىمنى  بىر  پۇڭغا  ئالغىسىز  قىپتۇدە  !

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-9-9 22:06.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.