بالىلار
مۇھەممەتجان راشىدىن
بىز كۆيگەندەك كۆيەمدىكىن بالىلار،
بىزنى بىزدەك سۆيەمدىكى بالىلار؟
ئەجىر قىلدۇق ، ئەجىر دېگەن ئۇلۇغ دەپ،
شۇ ئەجىرنى تۆلەمدىكىن بالىلار؟
بالا دېسە بېرىپ كەلدۇق جىمىنى،
كەپتەر باقسا توشۇپ بەردۇق دېنىنى.
ئۆي ئايرىسا سوقۇپ بەردۇق تېمىنى،
شۇ ئىشلارنى بىلەمدىكىن بالىلار؟
ھەيدەپ بەردۇق زىغىر، قوناق ،كۈزگىمۇ،
(ئېيتمىساممۇ بۇ ئىش مەلۇم سىزگىمۇ).
جاھان تۇتۇپ بىر كۈنلىرى ، بىزگىمۇ،
بىز بەرگەندەك بېرەمدىكىن بالىلار؟
قىرغا كەتتى قىزلىرىمدىن بىرى يەپ،
كەتتى ئوغلۇم «نەگە؟» دېسە،«ئوۋغا» دەپ.
يىراقلاردىن تەلمۈرىمىز ھەپتىلەپ،
سېغىنغاندا كېلەمدىكىن بالىلار؟
قاداپ بەردۇق چىنىلىرى چېقىلسا،
تىكىپ بەردۇق ئۈستىۋېشى يىرتىلسا.
يۆلەپ قويدۇق،ئىچىپ كېلىپ يىقىلسا،
بىزنى شۇنداق يۆلەمدىكىن بالىلار؟
ياشاپ كەلدۇق مىڭ تىرىلىپ ،مىڭ ئۆلۈپ،
گاھ يىللىرى ئون يىغلىساق،بىر كۈلۈپ.
مۇشەققەتنىڭ ئوتلىرىدا ئۆرتىلىپ،
بىز كۆنگەنگە كۆنەمدىكىن بالىلار؟
سۇغارماستىن سايە بەرگەن سېدىنى،
ئويلىماستىن بىزدەك باغرى زېدىنى؛
ئېلىپ قالسا ئەمما پۇلنىڭ ھىدىنى،
يېنىمىزدا ئۈنەمدىكىن بالىلار؟
بەزىلەر بار،«ھاي!» دېسەكمۇ تىڭشىماي،
يۈرمەكتىدۇر ئۆز يولىنى ئوڭشىماي.
قانداق قىلسۇن ئاتا-ئانا غىڭشىماي،
«ئاق» نى چېكىپ ئۆلەمدىكىن بالىلار؟
كۆك ئاسماندىن كۆڭلى يەرگە چۈشەلمەي،
كۆرۈپ تۇرۇپ ھالىمىزنى چۈشەنمەي؛
بىز ئۆرۈگەن يانچۇقلارغا ئىشەنمەي،
ئۆزى كېلىپ ئۆرەمدىكىن بالىلار؟
ئۇلار بىزنى «ئۆل» دەمدىكىن، بىلمىدۇق،
ئۇلار بىزنى «قۇل» دەمدىكىن،بىلمىدۇق؛
ئۇلار بىزنى «پۇل» دەمدىكىن، بىلمىدۇق،
ئۆلسەك ھۇزۇر سۈرەمدىكىن بالىلار.
تالاي قىزلار تۈگەشتىغۇ پۇلنى دەپ،
ئالۋاستىغا ئەگەشتىغۇ پۇلنى دەپ؛
يامانلارغا يۆگەشتىغۇ پۇلنى دەپ،
شۇنى يامان دېمەمدىكىن بالىلار؟
مودا دېسە ئاشۇ قىزلار دۈم چۈشتى،
مەيخانىدا مەست بولغۇچە ئىچتى،
ئېيتىڭلارچۇ ، مودا كىيىپ كىم ئۇچتى،
يالىڭاچمۇ يۈرەمدىكىن بالىلار؟
بىزنى گاداي قىلۋەتتى تويلىرى،
ھەشەمەتتۇر تام خىيال – ئويلىرى.
ئۇنمىساق تۇتۇپ قالار خۇيلىرى،
ياخشى گەپكە كىرەمدىكىن بالىلار؟
بېقىپ بەردۇق بالىسىنى نەۋرە دەپ،
بىر جاسارەت بولغاچ بىزدە «سەبرە» دەپ؛
قارىمىدۇق ئۇنى جاپا-جەبرە دەپ.
بىزدىن رازى بولامدىكىن بالىلار؟
رىزقىڭ بىزدىن بولىۋەرمەس لوق دېسەك،
ئۆز چوتۇقنى شۇڭا ئۆزۈڭ سوق دېسەك؛
ئەمدى ساڭا بېرەرىمىز يوق دېسەك،
گېلىمىزدىن سۆرەمدىكىن بالىلار؟
قەدىمىدە رېستۇرانلار كۆزلەنسە،
ئەل ئاغزىدا يامانلىقى سۆزلەنسە؛
ھەشەمەتتە نامراتلىققا يۈزلەنسە،
يەنە بىزدىن كۆرەمدىكىن بالىلار؟
بېقىپ قويدۇق يۇرت بالىسى بولسۇن دەپ،
پەرۋىش قىلدۇق گۈل – لالىسى بولسۇن دەپ.
ئاغرىپ قالساق بىزدىن رازى بولسۇن دەپ،
بېشىمىزدا تۈنەمدىكىن بالىلار؟
مەيلى ئۆتسۇن ئۇلارنى بىزنى جەبىرلەپ،
ئۆلۈپ كەتسەك قويار ئەمما قەبرىلەپ.
قەبرىمىزگە شۇنداقتىمۇ قەدىرلەپ،
قىزىلگۈللەر تېرەمدىكىن بالىلار؟
2000-يىلى 25- ئىيۇن ، غۇلجا
مۇھەممەدجان راشىدىن ئەسەرلىرى ئېلكىتاۋىنى چۈشۈرۈڭ
|