تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

研究生سۆزىگە سۆز ياسايلى

يوللىغۇچى: afrasiyab| يوللانغان ۋاقتى: 2010-9-7 11:54| كۆرۈلۈشى: 121| ئىنكاس سانى: 5

研究生سۆزى ھازىر ئاسپىرانت دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ.بۇنىڭغا مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە سۆز تاپساق بولاتتى.
مەن بىرنەچچە سۆزنى ئويلاپ باقتىم ،لېكىن مۇۋاپىق كېلىدىغاندەك ئەمەس.شۇنداق بولسىمۇ،بۇ سۆزلەرنى تاشلاپ باقاي.
1.تەھسىلچى.يەنى چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلىپ يېشىپ بەرگۈچى دىمەكچى.
2.مەۋلانى.
3.تېمىچى.يەنى تەتقىقات تېماسى تەتقىق قىلغۇچى مەنىسىدە.
4.كەسىپچى.مەلۇم كەسىپكە ئىچكىرىلەپ بېرىلگۈچى.
5.كەشىپچى.مەلۇم نەرسىنى كەشىپ قىلغۇچى. كەشپىياتچىدىن پەرقلەندۈرۈپ كەشىپچى دەپ ئالدىم.
.......
.......
تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە تېخىمۇ ياخشى سۆزلەرنى ئوتتۇرۇغا قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

يېڭى ئىنكاسلار

ibrat ئۈلۈشكۈن  14:44
‹مەۋلانە› دىگەن سۆز زايە كىتىدۇ، مىنىڭچە مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلمەن
1-تەتقىقاتچى، --------- (ئەدەبى تاتقىقاتچى، كومپىيوتېر تەتقىقاتچىسى.....)
2-تەتقىغۇچى، ------ (تەت+غۇچى=تەتقىغۇچى )
3-تەتباشچى -------- (تەتقىقات +باشچى=تەتباشچى..... يەنى تەتقىقاتقا باشچىلاپ كىرىپ كەتكۈچى!
4-ئاقنانچى، قالپاقچى .....................( دىپلوم ۋە كىنىشكىسى چوڭ لىكىن كارغا كەلمىگۈچى...)

باھا سۆز

ياخشى: 1.0 ناچار: 5.0

Omar14   يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن  10:10

ناچار: 5
4-خىل ئاتاشنى«قولى يەتمىگەن شاپتۇ ئاچچىق» ،«كۆرەلمەسلىك»دەپ ئىيتىشقا بولىدۇ.

Ozhan   يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن  17:36

ياخشى: 1
4- قىززىق بولۇپتۇ ، ئۇنداق 烟酒生 لارنىمۇ يوق دىيىشكە بولمايدۇ .
Intil ئۈلۈشكۈن  15:06
تەھسىل بىلەن مەۋلانى بىراز يېقىن كىلەمدۇ قانداق؟ بۇ سۆزلەرنىڭ ئەسلى مەنىسىنىمۇ يازسىڭىز بوپتىكەن.
Nida ئۈلۈشكۈن  21:40
مۇشۇ 研究生 ياكى ئاسپرانت سۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە قايسى تىلدا پەيدا بولۇپ، تىلىمىزغا كىرگەنلىكىنى تاپساقلا (سۆزنىڭ پەيدا بولغان مەنبەسىنى تاپساقلا)، ئاندىن ئەسلى تىلدا ئىپادىلىگەن مەنىسىگە ئاساسەن تىلىمىزدا ماس كېلىدىغان سۆزلەرنى تېپىپ چىقىش تەسكە توختىمايتتى، تورداشلار مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىپ جاۋابىنى بېرىۋەتسە بۇ سۆزگىمۇ مۇۋاپىق سۆز ياسىلىپ قالاتتى.
Omar14 تۈنۈگۈن  10:07
ئەمەلىيەتتە 研究生 نى ئاسپىرانىت دەپ ئىلشىمۇ توغرا ئەمەس. بۇنى تەتقىقاتچى دەۋەتسىمۇ بولىدۇ.
硕士研究生   ئاسپىرانىت ئوقوغۇچى (تەتقىقاتچى)    Master
博士研究生   دوكتۇرئوقۇغۇچى (تەتقىقاتچى) PhD
يەنى دوكتۇر تەتقىقاتچى، ئاسپىرانىت تتقىقاتچى دېگەندەك.
    • Ozhan: قوللايمەنشۆھرەت + 2 2
yasin417 تۈنۈگۈن  11:11
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   yasin417 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-9-8 11:19  

مېنىڭ مۇشۇ يېڭى شەيئىلەرگە نام بېرىشكە قارتا پىكرىم بار.(شەخسىي كۆز قاراش خالاس)
بىز «يۇمشاق دېتال» نى ئىخچاملاپ «يۇمتال» دېمەكچى بولدۇق،ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن گەپلەر بار....
ئەگەر بۇرۇنقى ئەجدادلار بولغان بولسا بەلكىم بۇنداق ئىسىم قويۇپ يۈرمەيتتى ،ھازىر زامانداشلىرىمىز،ئەگەر «ئات»نىڭلا ئىسىمىنى بىلىپ باشقا ھايۋانلارنىڭ ئىسىمىنى بىلمىسە ،«كالا» نى «مۈڭگۈزلۈك ئات»،«قوي»نى«يۇڭلۇق كىچىك ئات»دېيىشىمىز مۇمكىن.
دېمەكچى بولغىنىم بىز يېڭى شەيئىنى ئاتاشتا ،بۇرۇنقى ئىسىملار بىلەن تۇقۇنۇشۇپ قالمايدىغان(تېخى قوللىنىلمىغان)،ئۇيغۇرتىلىنىڭ قائىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۆزلەر بىلەن ئاتىساق بولماسما؟
يۇقارقىلار پەقەت شەخسىي كۆز قاراش !

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-9-9 22:05.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.