ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1846|ئىنكاس: 6

بالىلار شېئرى (ناخشا) توپلىمى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك
ئەسلى مەقسەت مۇنداق:  كىچىك بالىلارنى يەنى 2 ياشتىن 5 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە مۇنداقچە ئىلىپ ئېيتقاندا كاللىسىنىڭ ئىچىلىشىغا پايدىسى بولىدۇ دەپ قاراپ 2 يىرىم ياشقا كىرگەن پەرزەنتىمگە ئۆزۈم ۋە ئايالىم بىلىدىغان تېلى ئاددى بولغان بالىلار شېئرى(ناخشا)  قاتارلىقلارنى ئۈگۈتۈپ تۈگەپ قالدى ...........  بىزمۇ جىق بىلمەيدىكەنمىز ........  
شۇڭلاشقا بۇ تىمىغا ئۆزۈم بىلگەن بالىلار شېئىر(ناخشا) لارنى قالدۇرسام، كۆپچىلىكمۇ بىلىدىغانلىرىنى قالدۇرسا مۇشۇ باھانىدا بۇ تېما تېلى ئاددى بولغان بالىلار شېئر(ناخشا) توپلىمى بولۇپ قالاتتى.
ماڭا ئوخشاش ياش ئاتا-ئانىلار سەمىگە: شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇن بالىلارنىڭ مۇشۇ يىشىدا مۇشۇنداق يادلايدىغان نەرسىلەرنى ئۈگۈتۈش بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئېچىشقا، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتساق بالىمىزنىڭ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنكى دەرسلەرنى ياخشى ئۈگۈنىشىگە بەك پايدىسى بار.
ئەمىسە مەن بىلىدىغانلىرىمنى باشلاي:

ئانام مىنى ئاي دەيدۇ،
ئاي ئاسماندا تۇرمامدۇ.
مەن ئاسماندا ئاي بولسام.
ئانام يىغلاپ قالمامدۇ.

ئوغاق ئايغا ئولتۇرۇدم،
ئاي بولدى كىچىك كىمەم.
كۆردۈم سانسىز يۇلتۇزنى،
كۆك ئارا كىزىپ ھەردەم.

قۇ قۇ قۇق قۇ قۇ قۇق
خوراز چىللايدۇ.
ئېيتىڭلارچۇ بالىلار
خوراز نىمە دەيدۇ.

ئاق تاش كۆك تاش
دەريا بويى سۈزۈك تاش
ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟

دادام بەردى مەش موچەن،
مەن ئۇنى ئاز دىمەيمەن.
يۈگۈرۈپ چىقىپ بازاردىن،
كەمپۈت ئېلىپ يىمەيمەن.


بۈگۈنچە كاللامغا مۇشۇلار كەلدى ........... مۇشۇلارنى يازغاچ تۇراي قالغىنىنى كۆپچىلىك بىلەن بىللە تولۇقلارمىز....
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-12-4 02:38:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىپىنەك كىپىنەك
كەلگىن جان دوستۇم
شۇ گۈزەل باغچامدا
پەرۋاز قېلغىن شاد

بۇ ناخشىنىڭ كېيىنكى مىسرالىرى تولۇق ئېسىمگە كەلمىگەچكە بۇ بىر كۇپلىتنى  بولسىمۇ يىزىپ قويغاچ تۇردۇم ... قېنى كېيىنكى مىسرالىرىنى بېلىدىغانلار ياكى باشقىنى يازىدىغانلار داۋاملاشتۇرۇڭلار!
ۋاقتى: 2011-12-4 02:54:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-12-4 03:06:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى سىز ئەسكەرتكەن تېمىنى مەن كۆرمەپتىكەنمەن، ھەم بۇ تىېمىنى يوللاشتىن بۇرۇن خېلى ئىزدەپ باققان ماڭا ئۇچرىماپتىكەن، كەچۈرۈڭ تىما تەكرارلىقى بولۇپ قاپتۇ،.....   

بۇ تىمىدىكى پايدىلنىشقا تىگىشىلىك مەزمۇنلارنى يۇقارقى تىمىغا يۆتكىۋەتىپ بۇ تىمىنى ئۆچىرۋەتسىڭىزمۇ مەيلى ۋە ياكى بۇ تېمىنىمۇ مۇشۇ ھالەتتە داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلسىڭىزمۇ مەيلى ...............   (مىنىڭ نەزىرىمدە يۇقاردا سىز ئەسكەرتكەن تىمىدا  تۈر سەل كۆپكەن .... شۇڭا بولسا بۇ ئايرىم تۈر ھالىتىدە ساقلاپ قىلىنسا ئىككى تىما داۋاملىشىپ مەزمۇنلار مەلۇم دەرىجىگە بارغاندا ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر مەزمۇن قىلىۋەتسەك دىگەن ئۈمۈدتىمەن)

يۇقارقى تىمىدىكى سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدا بۇ بالىلار ناخشىسى باركەن، بۇنىڭ داۋامىنى مەن ئىسىمدە قالغىنى بويىچە داۋاملاشتۇرۇپ باقاي.

ئانام ئايدەك، دادام كۈندەك،
مېنى باقىدۇ ، قىزىل گۈلدەك.

ئانام ئاش ئېتىدۇ، مەمەن ئاش
ماڭا بىرىدۇ، بىر قوشۇق،
ئۆزى يەيدۇ بىر كاساڭ
بەمىسۇنمۇ بەمىسۇن،
خۇدايمغا يىغلايمەن. ھۈ ھۈ

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-12-5 01:53:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈگىمەس سوئاللار

دادا ،دادا نېمىشقا،
تاماق يەيمىز ھەركۈنى.
سەۋەبىنى بىلمىدىم
ئېيتىپ بەرگىن سىرىنى...

دادا،دادا،نېمىشقا
كۈن بىلەن ئاي ئالمىشار،
بىر ئاسماندا تۇرۇپمۇ،
قېيدىشىپ ماي تارتىشار؟

دادا،دادا نېمىشقا،
كۈزدە دەرەخ يالىڭاچ.
قىش كەلسىمۇ سوغۇقتا،
تۇرار نىچۈن نائىلاج؟

دادا،دادا، نېمىشقا،
ھەرئاخشىمى ئۇخلايمىز.
دەيسەن شۇنچە چوڭ تۇرۇپ،
«سەۋەبىنى ئۇقمايمىز...»

دادا،دادا، نېمىشقا؟....

ئاي ئاداش

ئاي ئادىشىم ھەركېچە،
دەرىزەمدىن مارايسەن.
ئىشلەي دىسەم تاپشۇرۇق،
زوق-ھەۋەستە قارايسەن.

يوقمۇ سېنىڭ مەكتىپىڭ،
ئاسماندىكى مەلەڭدە؟
كەلگىن ئاداش تارتىنما،
مەن ئۈگىتەي«ئىلىپ-بە»...

كەل ئادىشىم، مارىما،
دەرىزەمدىن قارىما.
بولاي دىسەڭ ئەقىللىق،
نادانلارنى دورىما!


كۈز كەلدى

كىيىپ سېرىق تونىنى،
تەبىئەتكە كۈز كەلدى.
سېخىلىقتا يوق تەڭداش،
ھۆسنى بەكمۇ ئۇز كەلدى!

دېھقان دادام ئالدىرار،
يىغىم-تېرىم ئىشىغا.
خۇشاللىقى بەك تولا،
ئامەت قونغاچ بېشىغا!

سەھرادىكى باغلار لىق،
تولدى شېرىن مېۋىگە.
خۇشبۇي ھىدى ھەركىمنى
تارتىپ تۇرار ئۆزىگە...

ئەجەپ سېخى كۈز كەلدى
جىمى جاننى خوش قىلىپ.
قەلەم چاپتى قەغەزدە،
ئىلھامىمنى قۇش قىلىپ!....


سەھرادىكى بالىلار

توپا يولدا قىيغىتىپ،
ئوينار بۇندا بالىلار.
پەخەس بولغىن،قوزام دەپ،
قالار ئۆيدە ئانىلار.

دالىلاردا بەيگىگە
چۈشەر مەرگەن بالىلار.
مەدەت بېرەر ئوغلىغا،
باتۇر بول دەپ دادىلار.

ئولجا ئىزدەپ جاڭگالنى،
كېزەر ھارماس بالىلار.
قايتماس «جەڭ»دىن ئولجىسىز،
ئارام ئالماس بالىلار!

سەھرا قوينى تاۋلايدۇ،
بۇندا ئۆسكەن ھەرجاننى.
ۋۇجۇدىغا تولدۇرار-
ئىزگۈ تىلەك-ئارماننى!

يۇقارقى بالىلار شېئىرلىرى چولپانلار مۇنبىرىدىكى مەتتوختى دىگەن توردىشىمىزنىڭ ئىخادىيتى ئىكەن، بۇ تىمىدا توپلام بولۇپ قالسۇن دەپ بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم.
مەنبە:  http://bbs.qolpanlar.com/read.php?tid=5140&page=e
ۋاقتى: 2012-7-24 00:57:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلار شېئىرلىرى
*
*
تۈگىمەس سوئاللار
*
دادا ،دادا نېمىشقا،
تاماق يەيمىز ھەركۈنى.
سەۋەبىنى بىلمىدىم
ئېيتىپ بەرگىن سىرىنى...
*
دادا،دادا،نېمىشقا
كۈن بىلەن ئاي ئالمىشار،
بىر ئاسماندا تۇرۇپمۇ،
قېيدىشىپ ماي تارتىشار؟
*
دادا،دادا نېمىشقا،
كۈزدە دەرەخ يالىڭاچ.
قىش كەلسىمۇ سوغۇقتا،
تۇرار نىچۈن نائىلاج؟
*
دادا،دادا، نېمىشقا،
ھەرئاخشىمى ئۇخلايمىز.
دەيسەن شۇنچە چوڭ تۇرۇپ،
«سەۋەبىنى ئۇقمايمىز...»
*
دادا،دادا، نېمىشقا.....
*
ئاي ئاداش
*
ئاي ئادىشىم ھەركېچە،
پەنجىرەمدىن مارايسەن.
ئىشلەي دىسەم تاپشۇرۇق،
زوق-ھەۋەستە قارايسەن.
*
يوقمۇ سېنىڭ مەكتىپىڭ،
ئاسماندىكى مەلەڭدە؟
كەلگىن ئاداش تارتىنما،
مەن ئۈگىتەي«ئىلىپ-بە»...
*
كەل ئادىشىم، مارىما،
دەرىزەمدىن قارىما.
بولاي دىسەڭ ئەقىللىق،
ساۋاتسىزنى دورىما!
*
سەھرادىكى بالىلار
*
توپا يولدا قىيغىتىپ،
ئوينار بۇندا بالىلار.
پەخەس بولغىن،قوزام دەپ،
قالار ئۆيدە ئانىلار.
*
دالىلاردا بەيگىگە
چۈشەر بەرگەن بالىلار.
مەدەت بېرەر ئوغلىغا،
باتۇر بول دەپ دادىلار.
*
ئولجا ئىزدەپ جاڭگالنى،
كېزەر ھارماس بالىلار.
قايتماس «جەڭ»دىن ئولجىسىز،
ئارام ئالماس بالىلار!
*
سەھرا قوينى تاۋلايدۇ،
بۇندا ئۆسكەن ھەرجاننى.
ۋۇجۇدىغا تولدۇرار-
ئىزگۈ تىلەك-ئارماننى!

مەنبە: تور
ۋاقتى: 2012-7-24 01:06:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىگىچى بۇغدايچى

چىگىچى بۇغدايچى ،
ھەمگىچى دۇغدايچى.
كېچىلەپ سۈرمەنى قوي،
سۈرمىنىڭ قايسى قىزىل
ئەڭلىكى ئۇپا قىزىل.
ئۇپىنى نەدىن ئالارمەن،
باغچەمنىڭ باغىدىن.
ئىشكىدە قۇلۇپ تۇرادۇر،
شورا ئاچتىم ئارقىدىن.
**** **** ****
باغچەم كىمگە تېگەدۇر
ئۇستا قۇۋان تازغا تېگەر
ئۇستا قۇۋان تازنىڭ نېمىسى بار؟
ئالتۇن-ئالتۇن قۇشلىرى بار
قۇشلارنى قۇشلايلى
تاز باشىغا مۇشلايلى
تاز باشى قاناپ كەتسە
ئالتە پۇڭغا رەڭ ئىلىپ
تاز باشىنى بويايلى .

   ئاداش -ئاداش بولايلى

ئاداش -ئاداش بولايلى
ئالما قېقى شورايلى
تالىشىپ يىگەچ بىر ناننى
دەريا بويى بويلايلى
**************
ئاداش -ئاداش بولايلى
ئالما قېقى شورايلى
ئۇلۇغ سۇنىڭ بويىدا
بىرنان تاپساق تەڭ يەيلى
*******************
ئاداش-ئاداش بولايلى
نېمە تاپساق تەڭ يەيلى
ئورتاق بولۇپ ھەر ئىشتا
گەپ سۆز بولسا تەڭ دەيلى
******************
كېلىڭ دوستلار ئوينايلى
ئاداش-ئاداش بولايلى
بىرنان تاپساق تەڭ يەيلى
ئايرىماس دوست بولايلى .


قۇقۇق ، قۇقۇق
خوراز چىللايدۇ .
ئېيتىڭلارچۇ بالىلار
خوراز نىمدەيدۇ .

...
بىر ، ئىككى ، ئۈچ
ئىتتىپاق كۈچ .
چەيلەپ يەنجەيمىز
دۈشمەن كەلسە دۇچ .

...
ئانام ئايدەك
دادام كۈندەك
مىنى باقىدۇ
تۇلۇن ئايدەك .
كپىنەك ، كىپىنەك
كەلگەن جان دوستۇم
بۇ گۈزەل باغچامدا
پەرۋاز قىلغىن شات.

سۇ قويوپ گۈللەرگە
قىلاي مەن پەرۋىش
ئۇسۇل ئويناپ دوسلارنى
قىلايلى خۇش شات.
ئاپام بەردى بەش موچەن
مەن ئۇنى ئاز دىمەيمەن ،
يۈگرەپ چىقىپ بازارغا
كەمپۈت ئېلىپ يىمەيمەن.



تاققۇ-تۇقۇ-تاققۇ-تۇقۇ،زەنجىر ،ھالقا،
ئەنجۈر پىشتى بىزنىڭ باغققا.
چۆچەك ئېيتىپ دوستلار بىلەن،
بىللە يەيلى ئاخشاملىقا،،،،
كەلمەكتە گۈزەل كۈنلەر ئازادە چاغلار،
رەڭمۇ-رەڭ گۈللەر بىلەن ياساندى باغلار.
بۇلبۇللار قانات قاقتى سايراپ بەس-بەستە،
شۇ گۈلدىن قەلبىمىزگە تىزدۇق گۈلدەستە.

جان دوستلار گۈلدەستىنى قۇبۇل قىلىڭلار ،
پەيزىنى سۈرۈپ ئاندىن كۆڭۈل ئېچىڭلار.
سەنئەتكار ئوغۇل قىزنىڭ سوۋغىسىدۇر بۇ،
نۇرۇزنىڭ شاتلىقىغا چۈمۈپ كىتىڭلار............
جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار ،
كۆز قىسىشىپ ئۆزىچە.
ئۇلار كۆكنىڭ زىننىتى ،
بوۋىلارنىڭ سۆزىچە.

ئىيتىڭلارچۇ يۇلتۇزلار ،
مەن دوسلۇققا يارامدىم .
ياراپ قالسام دوسلۇققا ،
قىشىڭلارغا بارامدىم.



ساۋاقداشلار ساۋاقداشلار
باققا بارايلى
قوناقلىققا بەسەي تېرىپ
خاڭگا ئالايلى

                                 بىر ،ئىككى ، ئۇچ
                                 ئىتتىپاقلىق كۇچ
                                 چەيلەپ يانچىيمىز
                                 دۇشمەن كەلسە دۇچ

          بىر قولۇمدا سوسكا
          بىر قولۇمدا ئىمزەك
          ئىشەك ماڭغان يوللاردا
          ئۇچۇرايدىكەن تېزەك



تاققا - تۇققا ،زەنجىر ھالقا ،
ھالقاڭ نەدە ؟ تاغدا .
تاغ سېنىڭ ، باغ مېنىڭ ،
چىمىلدىغىم چىممممم چىق .


دىكىر-دىكىر توشقان


دىكىر-دىكىر توشقان،
نەگە بارىسەن،توشقان؟
دىكىر ئاكام قېشىغا.
دىكىر ئاكاڭ نىمە بەردى؟
ئۆچىكە سېغىپ سۈت بەردى.
ئۆچىكىسىنىڭ سۈتى يوق،
ئوغلىقىنىڭ پۇتى يوق.
ئۆزى ئىچتى بىر چارا،
ماڭا بەردى بىر قوشۇق.
بىر قوشۇققا تويمىدىم،
ئۆڭۈرۈمنى قويمىدىم.
يۈگۈۈپ باردىم تۆشۈككە،
بېشىم تەگدى بۆشۈككە.


ئاداش-ئاداش بولايلى

ئاداش-ئاداش بولايلى،
ئالما قېقى شورايلى،
تالىشىپ يىگەچ بىر ناننى
دەريا بويى بويلايلى.


ئاداش-ئاداش بولايلى،
ئالما قېقى شورايلى.
ئۇلۇغ سۇنىڭ بويىدا ،
بىر نان تاپساق تەڭ يەيلى.


ئەللەي قوشاقلىرى

سۇلار ئاقار ئېرىقتا،
ئەللەي بالام، ئەللەي.
شىلدىر-شىلدىر شىلدىرلاپ،
ئەللەي بالام،ئەللەي.

ياقا يۇرۇتتا غېرىبمەن،
ئەللەي بالام،ئەللەي.
يۈرەك كۆيۈر پىلدىرلاپ،
ئەللەي بالام،ئەللەي.

قارانچۇقۇم سەن ئۆزۈڭ،
ئەللەي بالام،ئەللەي.
تايانچۇقۇم سەن ئۆزۈڭ،
ئەللەي بالام،ئەللەي.

سەندىن باشقا نىمەم بار،
ئەللەي بالام،ئەللەي.
كۆز قارچۇقۇم سەن ئۆزۈڭ،
ئەللەي بالام،ئەللەي.

ئاشقا قاتتم ئاش كۆكى،
ئەللەي بالام،ئەللەي.
تومۇرلارنى باسسۇن دەپ،
ئەللەي بالام،ئەللەي.


ساڭا ئۈمىد باغلىدىم،
ئەللەي بالام،ئەللەي.
نادانلىقنى يەشسۇن دەپ،
ئەللەي بالام،ئەللەي.

ئەنە چوڭلا بولۇرسەن،
ئەللەي بالام،ئەللەي.
ئوقۇشلارغا بارۇرسەن،
ئەللەي بالام،ئەللەي.

ئادەم كۆركى ئىلىمدۇر،
ئەللەي بالام،ئەللەي.
ئوقوپ بىلىم ئالۇرسەن،
ئەللەي بالام،ئەللەي.

ئوقوپ ئالىم بولساڭ سەن،
ئەللەي بالام،ئەللەي.
ئاق سۈتۈمگە مەن رازى،
ئەللەي بالام،ئەللەي.

ئېلىڭ ئۈچۈن تەرتۆكسەڭ،
ئەللەي بالام،ئەللەي.
باققىنىمغا مەن رازى،
ئەللەي بالام،ئەللەي.



گۈللىرىم تارام-تارام،
دۆلىتىم ئاتا-ئانام.
ياردىگەن كۆڭۈل خوشى،
تېپىلماس ئاتا-ئانام.

ئاتالىقلار،ئانالىقلار،
دەستە-دەستە گۈل .
ئاتاسىزلار،ئاناسىزلار،
كۆيۈپ ئۆچكەن كۈل.

ئاتام بولسا كۆرسەم مەن،
ئانام بولسا كۆرسەم مەن.
ئاتام بىلەن ئانامنىڭ،
ئاياغىدا ئۆلسەم مەن.

بۇ دۇنيادا ئۈچ نەرسە،
ئىزدەپ تېپىلماس.
بىرى ئاتا،بىرى ئانا،
بىرى قېرىنداش.

ئاتادەك مىھرىبان قايدا،
ئانادەك مىھرىبان قايدا؟
ئۇلاردەك ئىچ كۆيەر قايدا،
غېرىپ بولغان بالاڭ قايدا؟

ئاتامنى كۈلدۈرەي دەيمەن،
ئانامنى كۈلدۈرەي دەيمەن.
مىنى باققان جاپاسىغا،
بېشىمغا مىندۈرەي دەيمەن.



سادىر پالۋان قوشاقلىرى


سادىر دەپ ئېتىم يامان،
ئون بەش ياشتا ئاتالغان.
دەسلەپكى تۇتۇلغاندا،
قۇمۇل خانغا پالانغان.

يامۇلنى تېشىپ چىققان،
قازانچى بىلەن قاچتۇق.
چېرىكلەر قوغلاپ چىقسا،
قار كېچىپ ،داۋان ئاشتۇق.

تەڭرى تاغلىرى دەيدۇ،
مىنىڭ ياتار ماكانىمدۇر.
نىمە قىلساڭ قىل،شەنگەن،
سىنىڭ سورار زامانىڭدۇر.

موللا بىلال ئۆز باغرىم،
گېپىم بار ئاڭا دائىم.
يۈزمۇ يۈز سۆزلەشكىلى،
بەيتۇللاغا ئۈچ باردىم.

ئوغۇل بالىمەن سادىر،
نەگە بارسام يولۇم بار.
موللا بىلال ئالدىدا،
ئوڭ قولۇم كۆكسۈمدىدۇر.

يامۇلدىن قېچىپ چىقىپ،
ئىلى شەھرىگە كەتتۇق.
پۇتلار تېشىلىپ يۈرۈپ،
ئۈچ كۈندە ئاران يەتتۇق.


تاش كامىردا ياتسام،
ھۇۋقوشلار ئۇۋام،دەيدۇ.
مەن ئۆزۈم بۇ يەرلەردە،
بالىلىرىم نىمە يەيدۇ.





تاققا-تۇققا،زەنجىر ھالقا،
تاغدىن چۈشتى سەككىز بۇقا،
مەن بىلەن بولدى توققۇز بۇقا،
سوقۇشۇپ كەتتى جاققۇر-جۇققا،ۋاققۇر-ۋۇققا.
ئۈژمە پىشتى،يەرگە چۈشتى،
خاننىڭ قىزى ئەرگە تەگدى،
(بۇ مىسرالىرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن)
مەن تۇراي سەن چىق!




كىم ئوسادى؟پىت ئوسادى،
پىتنىڭ قېنى يەرگە چۈشتى.
ئامىقاي،دامىقاي،
ئەسكى چاپان،يۇڭ ئىشتان.
پۇفاڭ،پۇفاڭ.......


پىللى پاققا پىللى پاق،
كىم ئوسۇرسا شۇنىڭغا باق.




قاتار-قاتار تۆگىلەر ،
نەگە-نەگە ماڭدىڭلار؟
تۇزغا-تۇزغا ماڭدۇق بىز،
تۇزۇڭ نەگە تۆكۈلدى؟
ئارا يولغا تۆكۈلدى.


يولدىن قامچا تېپىۋالدىم،
قامچىنى قاسساپقا بەردىم،
قاسساپ ماڭا گۆش بەردى،
گۆشنى دېھقانغا بەردىم،
دېھقان ماڭا تۇخۇم بەردى،
تۇخۇمنى توخۇغا بەردىم،
توخۇ ماڭا چۈجە بەردى.




قۇقۇق ، قۇقۇق
خوراز چىللايدۇ .
ئېيتىڭلارچۇ بالىلار
خوراز نىمدەيدۇ .

...
بىر ، ئىككى ، ئۈچ
ئىتتىپاق كۈچ .
چەيلەپ يەنجەيمىز
دۈشمەن كەلسە دۇچ .

...
ئانام ئايدەك
دادام كۈندەك
مىنى باقىدۇ
تۇلۇن ئايدەك .





جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار ،
كۆز قىسىشىپ ئۆزىچە.
ئۇلار كۆكنىڭ زىننىتى ،
بوۋىلارنىڭ سۆزىچە.

ئىيتىڭلارچۇ يۇلتۇزلار ،
مەن دوسلۇققا يارامدىم .
ياراپ قالسام دوسلۇققا ،
قىشىڭلارغا بارامدىم.


توردىن توپلىدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tahirbeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-24 01:12  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-2 03:48 , Processed in 0.137526 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat