- توردا
- 15 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-26
- تىزىملاتقان
- 2011-7-3
- شۆھرەت
- 508
- تىللا
- 389
- تۆھپە
- 334
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 1837
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 98
- تېما
- 19
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 2544
- تۆھپە
- 334
- تىللا
- 389
- شۆھرەت
- 508
|
كوئىنلۇن توغرا ئېيتىدۇ. ئويۇن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىڭ قېلىپى يوق. ئويۇن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ سەۋر-تاقەت ۋە ئانالىز، تەپەككۈر كۈچىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئويۇنلاردىكى تېكىستلەر رەسىم ھالىتىدە بولسا، بۇ ئاسان فوتوشوپ ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ(بايلىق مەنبەسى ئوچۇق ھالەتتە بولسا). ئەگەر بايلىق مەنبەسى بوخچىلانغان ھالەتتە بولسا، بۇنى ئانالىز قىلىپ، تۈزۈلۈشىنى تېپىپ چىقىش كېرەك، ئاندىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا بەلگىلىك تەپەككۈر قىلىش كۈچى ھەمدە ئاز-تۇلا پروگرامما تۈزۈش قابىلىيىتى بولمىسا بولمايدۇ. يەنە بەزى ئويۇنلار ئۆزىنىڭ فونكىتسىيىسى ئارقىلىق ھەرپ-بەلگىلەرنى ئېكراندا ئىپادىلەپ چىقىدۇ. بۇ خىل ھالەتتە سىز ئاسسىمبېل تىلىدىن خەۋىرىڭىز بولمىسا، ئۇنىڭ فونكىتسىيىسىنى تاپالمايسىز، ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ يېزىقىنى ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان يېڭى فونكىتسىيەنى قوشالمايسىز. ئەڭ قېيىن بولغىنى تاق بىتلىق ئويۇنلار، بۇنداق ئويۇنلارنى تەرجىمە قىلىشتا، ھەرپ-بەلگىلىرى ASC دائىرىسىدە بولمىغان ھەرقانداق يېزىققا تەرجىمە قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى تۆۋەن. تەرجىمە قىلىدىغانلارمۇ كۆپىنچە ھاللاردا ۋاز كېچىدۇ(ئەگەر ئويۇننىڭ ئەسلى كودىنى بىلسە ياكى ناھايىتى يۇقىرى تېخىنىكىسى بولسا بەلكىم مۇمكىنچىلىكى سەل يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن).
بىزنىڭ يېزىقىمىز ئوڭدىن سولغا قاراپ يېزىلىدۇ. بىراق بۇ ئويۇنلار يېزىق ئىپادىلەشتە سولدىن ئوڭغا قاراپ ئىپادىلەپ بىرىدۇ(ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ Word قا ئوخشاش كۈچلۈك بولغان يېزىق بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يوق)، بۇ خىل ئەھۋال ئويۇن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن يەنە بىر ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تەرجىمە قىلغان تېكىستلەرنىڭ قۇر ئالمىشىش مەسىلىسى. بۇ مەسىلە سەۋەپلىك، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئويۇنلارنى سىناش بەك كۆپ ۋاقىت ئېلىپ كېتىدۇ، بەزىدە تەرجىمە قىلىش ۋاقتىدىنمۇ جىق ۋاقىت كېتىدۇ. |
|