ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 2954|ئىنكاس: 16

كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىش

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2011-11-28 02:21:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئالدىنقى يىلى ئىنتىل سەيناسىدا كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدا بىر تېما يوللانغان ئىدى، بۇ تېمىنىڭ ئىسمى «كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى يىغىپ لۇغەت تۈزسەك!» دېگەن تېما ئىدى. تېما ئۇلانمىسى: https://uyghur-archive.com/intil/home/thread-588-1-1.html
     مەزكۇر تېما ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى، بىراق قايسى سۆزلەردىن ۋە قايسى جايدىن باشلاش ئېنىق بولمىغانلىقتىن بۇ تېما كۆزلىگەن مەقسەتكە ئېرىشەلمىگەن. مېنىڭ قارىشىمچە ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلىشىۋاتقان كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىش زۆرۈر، چۈنكى كومپيۇتېر ساھەسىدە يېڭى-يېڭىدىن نۇرغۇنلىغان ئاتالغۇلار بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، بۇ خىل يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە ئاتاش ياكى ئۆزلەشتۈرۈش بۇ ساھەدە ئىشلەۋاتقان كەسپىي خادىملار ئۈچۈنمۇ، ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈنمۇ مۇھىمدۇر.
     ھازىر ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا كومپيۇتېر ئايرىلغۇسىز بىر ئۈسكۈنىگە ئايرىلدى، تۇرمۇشىمىزدا كومپيۇتېردىن پايدىلىنىش كۈندىن-كۈنگە ئۆسۈپ بېرىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىش ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئالاقە قىلىش، ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىشتەك شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. يەنە ئۇيغۇر تىلىدىكى يۇمشاق دېتاللارمۇ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلماقتا، چەتئەلنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈش ئارقىلىق كۆپىيىۋاتقان يۇمشاق دېتاللارمۇ كۆپ. كۆپلىگەن كىشىلەر كومپيۇتېر، يانفون قاتارلىق ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرىنى مۇمكىن قەدەر ئانا تىلدا ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
     ھازىر ئۇيغۇر تىلىدىكى يۇمشاق دىتاللار سان جەھەتتىن كۆپ بولسىمۇ، سۈپەت ۋە ئىقتىدار جەھەتتىن يەنىلا ئاجىز، بۇنداق سۈپەت ۋە ئىقتىدار جەھەتتىكى ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى بولسا «كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرى» نىڭ بىرلىككە كەلمەسلىكى، سۆز ئىبارىلەردە ئىملا خاتالىقىنىڭ كۆپ بولۇشىدۇر.
     «كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرى» توغرىسىدا ئېنىق بىر خىل پرىنسىپ يوق، بەزى ئاتالغۇلار كومپيۇتېر ئىشلىتىش جەريانىدا چەتئەل تىللىرى ۋە خەنزۇچىدىن مەنا تەرجىمىسىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغان سۆزلەردىن ياكى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىش يوللىرى ئارقىلىق ياسالغانلىرى؛ بىر قىسىم كەسپىي خادىملارنىڭ تەرجىمە قىلىش يولى ئارقىلىق ياكى يېڭىدىن سۆز ياساش شەكلى ئارقىلىق ياسالغانلىرى؛ ھەمدە بىر خىل ئاتالغۇنىڭ بىر قانچە خىل ئاتىلىپ قالغانلىرى قاتارىدا ئۆزلىشىپ كەتكەنلىرىدىن ئىبارەتتۇر.
     كومپيۇتېرنىڭ ئەسلى تىلى ئىنگلىزچە، ھەم نۇرغۇنلىغان يۇمشاق دىتاللارمۇ ئىنگلىزچە بولغانلىقتىن، بىزنىڭ تىلىمىزغا ئۆزلىشىۋاتقان كۆپلىگەن سۆزلەر ئىنگلىزچىدىن ئەينەن ئاھاڭى بويىچە ئۆزلىشىۋاتقانلىرىمۇ ياكى مەناسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىۋاتقانلىرىمۇ بار. يەنە خەنزۇچە ئاتالغۇلاردىن سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلىنغان ئاتالغۇلارمۇ ناھايىتى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
     تەرجىمە قىلىنىدىغان ياكى ئۆزلەشتۈرۈلىدىغان سۆزلەرنىڭ تىلىمىزدا راۋان ۋە قۇلايلىق ھازىرلىشى ئۈچۈن تىلىمىزنىڭ سۆز بايلىقىدىن تولۇق پايدىلانساق، ھەر خىل يېڭىدىن كىرىۋاتقان سۆزلەرگە مۇۋاپىق سۆزلەرنى تېپىشقا بولىدۇ. كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرى ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك بولۇشتەك ئالدىنقى شەرتنىمۇ ھازىرلىشى كېرەك، ئەگەر كېلەڭسىز ۋە چۈشىنىكسىز بولۇپ قالسا بۇ خىل ئاتالغۇلار كىشىلەرگە نۇرغۇنلىغان قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، ئىشلىتىلگەن سۆزلەر ئۇزۇن ياكى كۆپ بولۇپ كەتسە كېلەڭسىز بولۇپ قالىدۇ دە، بىر قىسىم يۇمشاق دىتاللارنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. يەنە چەتئەل تىللىرىدىن بىۋاستە قوبۇل قىلىنىۋاتقان سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى چۈشەنمەك تەس، بۇ خىل سۆزلەرمۇ كۆپلەپ ئىشلىتىلسە، بۇ خىل سۆزلەر كۆپ ئىشلىتىلگەن يۇمشاق دىتالنى ئۇيغۇر تىلىدا دېيىشكىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا بىز چۈشىنەلەيدىغان ئانا تىلدىكى سۆزلەر ھەقىقەتەن ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.
     ئالدى بىلەن كومپيۇتېردا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىككى ئاتالغۇدىن باشلاپ مۇلاھىزە ئېلىپ باقايلى. بۇ ئىككى سۆز بولسا، بىرى «يۇمشاق دېتال»، يەنە بىرى «قاتتىق دېتال» دېگەن سۆزلەردۇر. «يۇمشاق دېتال» ۋە «قاتتىق دېتال» دېگەن بۇ ئىككى ئاتالغۇ مەتبۇئاتلاردا يەنە «يۇمشاق ماتېرىيال» ۋە «قاتتىق ماتېرىيال» دەپمۇ ئاتىلىپ كېلىنىۋاتىدۇ. بۇ سۆزلەر ئىنگلىزچە Software (يۇمشاق دېتال) ۋە Hardware (قاتتىق دېتال) دېگەن ئىككى سۆزدىن سۆزمۇ-سۆز ئەينەن تەرجىمە قىلىنىپ ئىشلىتىلگەن سۆزلەردۇر. ئىنگلىزلار بۇ سۆزلەرنى ئۆزلىرىنىڭ تىلىدا قانداق ياسىغان بولسا بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سۆز ياساش «پىرىنسىپى» ھېسابلىنىدۇ. بىراق ئۇيغۇر تىلىدا بۇ سۆزلەرنى ئەينەن سۆز تەرجىمىسى بىلەنلا ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش بىزگە يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك كېلەڭسىزلىك ۋە چۈشىنىكسىزلىكنى ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانىنى مىسال ئېلىپ تۇرۇپ بۇ ئىككى سۆزنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى. كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانى ھەم قاتتىق دېتاللاردىن ھەم يۇمشاق دېتاللاردىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. ئېكران يەككە ھالەتتە پۈتۈنلەي قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىسى ھېسابلىنىدۇ، بىراق ئاشۇ ئېكران ئىچىدە ئېكران ئەينىكىدە ئەكس ئېتىدىغان ھەرخىل رەڭ ۋە شەكىللەرنى كۆرسىتىپ بېرىشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئېكراننى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدىغان كۇنۇپكىلارنى بېسىش ئارقىلىق ئېكراننىڭ ئۆزىدىكى بىر قىسىم تەڭشەك خاسلىقلىرىنى بېكىتىشكە يېتەكچىلىق قىلىدىغان پروگراممىلار ئېكران ئىچىدىكى ھەرقايسى قاتتىق دېتال بۆلەكلىرىنى كونترول قىلىدىغان ئېلېكترونلۇق ئۈزەكلەردىكى يۇمشاق دېتال شەكلىدىكى پروگراممىلار ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ. ھەرقانداق بىر قاتتىق دېتال تەركىبىدە مەلۇم دەرىجىدە يۇمشاق دېتالنىڭ يېتەكلىشى بولىدۇ. بىراق ھازىرقى تىلىمىزدىكى «قاتتىق دېتال» ۋە «يۇمشاق دېتال» دېگەن سۆزلەردىن يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. ئېكران بولسا پەقەتلا «قاتتىق دېتال» تۈرىگە، ئېكران يۈزىدە بىزنىڭ كۆزىمىزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان پروگراممىلار، خەتلەر، رەسىملەر، شەكىللەر بىرىكىپ «يۇمشاق دېتاللار» دېگەن تۈرگە تەئەللۇق قىلىۋېتىلگەن.
     يەنە، بىز ئادەتتە قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئىشلىتىدىغان بەزى ماتېرىياللارنىمۇ «قاتتىق ماتېرىيال» ۋە «يۇمشاق ماتېرىيال» دەپ ئاتايمىز، بۇ ئاشۇ خىل ماتېرىياللارنىڭ قاتتىق ياكى يۇمشاق ئىكەنلىكىگە قاراپ ئايرىپ ئاتالغان. مەسىلەن، مەلۇم بىر خىل تۇرۇبىنىڭ پولات، ئاليۇمىن، مىسلاردىن ياسالغانلىرىنى بولسا بىز «قاتتىق ماتېرىيال» دىن دەپ قارايمىز، يەنە سۇلياۋ تۈرىدىكى يۇمشاق ۋە ئىلاستىكىلىكى بولغان ماتېرىياللاردىن ياسالغان تۇرۇبىلارمۇ بار، بۇلارنى ئومۇمەن «يۇمشاق ماتېرىيال» دەپ قارايمىز. يۇقىرىدىكى «قاتتىق دېتال» ياكى «قاتتىق ماتېرىيال» دېگەن ئاتالغۇلارنىڭ بىزگە يەتكۈزىۋاتقان ئۇچۇرى بولسا، قاتتىق، قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان بىراق ئىلاستىكىلىقى بولمىغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. «يۇمشاق دېتال» ياكى «يۇمشاق ماتېرىيال» دېگەن سۆزلەر بولسا، يۇمشاق، قول بىلەن تۇتۇپ ھەرخىل شەكىلدە ئىگىپ ئىشلىتىشكە قۇلايلىق بولىدىغان نەرسە دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. بىراق كومپيۇتېر ساھەسىدە ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرچە «يۇمشاق دېتال» (مەتبۇلاتلاردا يەنە يۇمشاق ماتېرىيال) دېگەن سۆز پەقەت كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان مەۋھۇم نەرسىلەر توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىدۇ. بۇنداق بىر خىل قىلىپتىكى ئوپمۇ-ئوخشاش سۆزلەرنىڭ تىلىمىزدا ئىككى خىل مەنا ۋە ئۇچۇر ئىپادىلىشى يېڭىلىق مەسىلە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىز خېلىدىن بېرى بۇ خىل ھادىسىلەرگە قىزىقمايدىغان، پەقەت ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولساقلا ياكى ئازراق ئۇچۇر ئالالىساقلا شۇنى ئىشلىتىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ كېلىۋاتىمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كومپيۇتېردىكى بارلىق پروگراممىلار 0 ۋە 1 دىن ئىبارەت ئىككىلا ساندىن تەركىب تاپىدۇ، بۇ ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت، مەيلى بىز ئېكراندا نېمىنى كۆرەيلى، بۇ نەرسىلەر، كومپيۇتېردا ھەرىكەت قىلىپ بىزگە ھەر خىل ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈۋاتقان بارلىق مەۋھۇم ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى پروگراممىلار ئارقىلىق 0 ۋە 1 دىن تەشكىل تاپقان. دېمەك، تۇرمۇشىمىزنىڭ ئۆزىدىلا «يۇمشاق ماتېرىيال» دېگەن بىز سۆز بار دېسەك، بۇ سۆز پەقەت يۇمشاق نەرسىلەردىن ياسىلىدىغان ماتېرىياللارنى قاتتىق نەرسىلەردىن ياسىلىدىغان ماتېرىياللارنى ئايرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۆز دېسەك، ئۇنى يەنە تۇتقىلى بولمايدىغان پەقەت كۆرگىلى بولىدىغان مەۋھۇم پروگراممىلارنى ئاتاش ئۈچۈن ئىشلىتىش مېنىڭچە توغرا بولمىغان. بۇنداق بولغاندا تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو پروگراممىلىرىنىمۇ «يۇمشاق ماتېرىيال» دەپ ئاتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، چۈنكى تېلېۋىزوردىكى كۆرۈنۈشلەر ۋە رادىئودىكى ئۈنلەر كومپيۇتېردىكى كۆز بىلەن كۆرىدىغان يۇمشاق ماتېرىياللار ۋە ئۈن ھۆججەتلىرى بىلەن چوڭ پەرقلەنمەيدۇ.
كومپيۇتېر ساھەسىدە ئىشلىتىلىپ كېلىنىۋاتقان يۇقىرىقىدەك ئۇيغۇرچە سۆزلەر خېلى كۆپ، ھەتتا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە. چەتئەل تىلىدا بۇ سۆزلەر قانداق ئېلىنغان بولسا، بۇ شۇ تىلنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، بىراق بىزنىڭ تىلىمىزغا ئۇيغۇن كېلىشى ناتايىن، بۇ نوقتىنى ھەرگىز سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. شۇڭا كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەندە سۆزمۇ-سۆز ئەينەن تەرجىمە قىلىشتىن ۋە مەنەن تەرجىمە قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
     يەنە كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرىدا بىر خىل ئىش-ھەرىكەتكە بىر قانچە ئاتالغۇ قوللىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. مىسال ئالساق، تورغا بىرەر رەسىم ياكى بىرەر يۇمشاق دېتالنى يوللاشقا كۆرسەتمە بېرىدىغان ئاتالغۇ ئۈچۈن «يوللاش» (يوللاڭ)، «چىقىرىش» (چىقىرىڭ)، «ئەۋەتىش» (ئەۋەتىڭ) دېگەندەك سۆزلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللار بار. ھازىر بۇ سۆزلەر تۈزىلىۋاتىدۇ. يەنى ئاساسەن «يۈكلەش» دېگەن سۆز يۇقىرىقىدەك تورغا بىرەر نەرسىنى يۈكلەپ قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىنىۋاتىدۇ، بۇ سۆز ناھايىتى ياخشى ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خەنزۇچىدىكى 上传 دېگەن سۆز بىلەن بىر مەنا ئورنىغا قويغىلى، ھەمدە خەنزۇچىدىكى 发送 دېگەن سۆزگە بولسا «يوللاش» دېگەن سۆزنى قالدۇرۇشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە «چىقىرىش» ۋە «ئەۋەتىش» دېگەندىن ئىبارەت ئىككى ئارتۇق بولۇپ قالغان سۆزنى باشقا يەرلەرگە ئىشلىتىشكە ياكى قالدۇرۇۋېتىشكە بولىدۇ.
     ئەمدى، مەلۇم نەرسىنى يۈكلىگەن ئىكەنمىز، بۇ يۈكنى چۈشۈرۈش كېرەك، ھەمدە بۇنىڭغىمۇ مۇۋاپىق بىر ئاتالغۇ بولۇشى كېرەك. بۇنىڭغا ئادەتتە بىز «چۈشۈرۈش» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىۋاتىمىز. يەنى «چۈشۈرۈش ئادرېسى»، «چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى» دېگەندەك. ئادەتتىكى تۇرمۇش ئاتالغۇسىدا «ماشىنىغا يۈك بېسىلدى» دېگەندىكى يۈك بىلەن «تورغا رەسىم يۈكلىدىم» (يۈكلىمەك) دېگەن سۆز ئاساسەن ئوخشاش بىر خىل ئىش ھەرىكەتنى بىلدۈرسىمۇ، بىراق بىرىنچى جۈملىدە ئىشلىتىلگەن «يۈك» سۆزى قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان شەكىللىك نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ، ھەم بۇ سۆز يەنە «مۆرەمدىكى يۈكنى چۈشۈرىۋەتكەندەك يېنىكلەپ قالدىم» دېگەندەك شەكىلسىز ھالەتتە كۆچمە مەنادىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا، ئىنتېرنېتتا شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىش ھەرىكەتلەرنى «يۈكلە» (يۈكلەش دېمەك)، «يۈكلەر» (شەكىلسىز بولغان يۈكلەپ قويۇلغان نەرسىلەر) ئىپادىلەشكە تامامەن مۇۋاپىق كەلگەن. ئەمدى بۇ «يۈكلەر» نى قايسى ئاتالغۇ بىلەن «چۈشۈرۈش» كېرەك. بۇنىڭغا «چۈشۈرۈش» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش كېرەكمۇ ياكى باشقا بىر ئاتالغۇ ئېلىش كېرەكمۇ؟ مېنىڭچە «ماشىنىدىن يۈك چۈشۈرۈش» ۋە «مۆرەمدىكى يۈك چۈشتى» دېگەندىكى چۈشمەك سۆزى يۇقىرىدىكى ئىككى جۈملىدە مۇۋاپىق بىر شەكىلدە ئىشلىتىلگەن بولسا، ئۇنداقتا كومپيۇتېردا بۇنى قانداق ئىپادىلەش كېرەك، «ماشىنىدىن يۈك چۈشۈر» گەندە بارلىق يۈكلەر چوقۇملا ماشىنىدىن بوشىتىلىدۇ. «مۆرەمدىكى يۈك چۈشتى» دېگەندە بۇ بىر خىل ئوخشىتىش، يەنى ئادەم ئۆزىدىكى غەم ۋە بېسىملارنى «يۈك» كە ئوخشاتقان، شۇڭا ئادەتتىكىدەك «يۈك» نى «چۈشۈرگەن» دەك، «چۈشۈر» دېگەن سۆزنى ئەينەن ئىشلەتكەن. ئەمدى كومپيۇتېردا بولسا بارلىق ئىشلار مەۋھۇم ھالەتتە بولىدۇ، شۇڭا ئىنتېرنېتقا يوللانغان يۈكلەر تاكى ئۆچۈرۈپ تاشلانمىغۇچە بۇ يۈكلەرنى «چۈشۈرۈپ» بولۇشقا بولمايدۇ، يەنى بۇ نەرسىلەرنى چۈشۈرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا «چۈرۈش» دېگەن سۆز، بىر نەرسىنى بىراقلا يۇقىرىدىن پەسكە چۈشۈرۈش دېگەن مەنانى بېرىدۇ، يەنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، چۈشۈرىدىغان نەرسە قالمايدۇ دېگەنلىك. شۇڭا، كومپيۇتېردا چۈشۈرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بۇ «يۈكلەر» ئۈچۈن ئايرىم بىر سۆز ئىشلىتىش كېرەك. مەنچە، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن قالغان ياكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر قىسىم شىۋىلىرىدە ئىشلىتىپ كېلىنىۋاتقان سۆزدىن بىرنى تېپىش كېرەك، بۇنىڭغا ئەڭ ماس كېلىدىغان سۆز «ئىن» سۆزىدۇر، بۇ سۆزنى تۈرلىگەندە «ئىندىمەك»، «ئىنمەك»، «ئىندىرمەك» دېگەندەك شەكىللەردىكى تۈرلىنىشلىرىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. «ئىن» سۆزىنىڭ بىزگە بېرىدىغان ئاساسلىق مەنا ئۇچۇرى بولسا، ئاۋۋال كىرمەك ياكى يېقىنلاشماق، ئاندىن ئىندىمەك (ھەيدىمەك، مەلۇم جايغا ئىندىپ توپلىماق) دېگەنلىك بولىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «ئەلىڭنى ئىنتۇر» دېگەن سۆز بولۇپ، بۇ «قولۇڭنى چۈشۈر» دېگەنلىك بولىدۇ. مۇشۇنداق تەكرار كېلىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. يەنى قولنى كۆتۈرۈش ۋە ئىنتۈرۈش ھەر ۋاقىت تەكرار ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرىكەتلەر. شۇنىڭ مىسالىدا، زىرائەتلەرنىڭ تەكرار ئۆسۈپ چىقىشىمۇ ئىنتۈر دېگەن سۆزنىڭ يەنە بىر شەكلى ئۈنتۈر (ئۈندۈر) سۆزىگە ئۆخشاشتۇر، ئۈنتۈر (ھازىرقى تىلىمىزدا ئۈندۈر) تېخىمۇ قەدىمكى بىر شەكلى ھېسابلىنىدۇ. بىز زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ‹ئۈنمەك› دەيمىز، ئۆستۈرۈشنى ‹ئۈندۈرمەك› دەيمىز، ئۇنداقتا قەدىمكى تىلىمىزدىكى ‹ئىنتۈر› دېگەن سۆزنى ھازىرقى تىل قائىدىمىز بويىچە شىۋىلەردە ساقلىنىپ قالغان ‹ئىندىمەك› شەكلى ئاساسىدا ‹ئىندۈر› دەپ ئىشلىتىشكە تامامەن بولىدۇ. تۈركلەر، تۈركمەنلەر، ئارەربايجانلار بۇ سۆزنى ‹ئىندىر› دەپ ئىستېمال قىلىدۇ، ئۇ تىللاردىكى ‹دىر› قوشۇمچىسى تىلىمىزدا ‹دۇر› شەكلىدەدۇر. بۇنداق بولغاندا مېنىڭ پىكىرىم شۇكى، خەنزۇچە 上传 ياكى 上载 نى ‹يۈكلەش› (يۈكلىمەك) دەپ ئېلىپ، يۈكلەنگەن نەرسىلەرنى ‹يۈكلەر› دېگەن بولساق، ئۇنداقتا بۇ نەرسىلەرنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇغا، يەنى خەنزۇچىدىكى 下载 دېگەن سۆزنىڭ تەڭدىشى قاتارىدا ‹ئىندۈر› (ئىندۈرمەك) دەپ ئالساق مۇۋاپىق بولامدىكىن دەپ قارايمەن.
بىز ئۇيغۇر تىلىدىكى كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرى توغرىسىدا ئىزدەنگىنىمىزدە ياكى پىكىر بەرگىنىمىزدە ئالدى بىلەن شۇ سۆزنىڭ بىلدۈرىدىغان مەنا قاتلىمى ۋە ئىش-ھەرىكىتىنى بىلىشىمىز زۆرۈر. شۇنىڭدەك ئاتالغۇنىڭ ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك بولۇشىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن.
     ئەمدى، سۆزنى يېڭىباشتىن باشلىسام، ئالدى بىلەن بۇ تېمىغا مەن «كومپۇتېر ئاتالغۇلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىش» دەپ ماۋزۇ قويدۇم، مۇشۇ ماۋزۇغا ئاساسەن تېمامدا ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان پىكىرلەر توغرىسىدا سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرىمەن. ئالدى بىلەن ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەردىن باشلاپ تەھلىل قىلىمەن.
     ئەڭ ئاۋۋال سۆز بېشى بولغان «كومپيۇتېر» — دېگەن سۆزدىن باشلاي، بۇ سۆز ئىنگلىزچە سۆزدىن كىرگەن، ئىنگلىزچىدە قانداق بىر مەنانى بىلدۈرسۇن، بىز بۇ سۆزنى ئەينەن ھالدا ئاھاڭ تەرجىمىسى شەكلىدە ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز. ئانا تىلغا يېڭى سۆز ياساش جەريانىدا بېسىپ ئۆتىدىغان باسقۇچلار بولسا، ئالدى بىلەن ئانا تىلدىن چەتئەل تىللىرىدىن قوبۇل قىلماقچى بولغان ئاتالغۇغا بىردىن-بىر ماس كېلىدىغان سۆز بارمۇ-يوق شۇنى ئىزدەش، بولسا شۇنى ئىشلىتىش. ئەگەر، ئانا تىلدا ماس كېلىدىغان سۆز بولمىسا، ئۇنداقتا قېرىنداش مىللەتلەردە بۇ سۆزنى قانداق ئالغانلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىش، ئەگەر ئۇلار بۇ سۆزگە مۇۋاپىق سۆز ياساپ چىققان بولسا، ئۇلاردىن ئۆرنەك ئېلىش. ئەگەر، قېرىنداش مىللەتلەردىمۇ بۇ سۆزگە مۇۋاپىق سۆز تېپىپ چىقىلمىغان بولسا، ئۇنداقتا باشقا مىللەت تىللىرىدا قانداق ئىستېمال قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئىزدەنگەندىن كېيىن، شۇلارنىڭ تەجرىبىسىنى ئاساس قىلىشتۇر. ئەمىسە، «كومپيۇتېر» دېگەن بۇ سۆزگە ئانا تىلىمىزدا مۇۋاپىق سۆز تاپالمىدۇق دەيمىز ئەلۋەتتە، ئۇنداقتا قېرىنداش مىللەتلەردىچۇ؟ جاۋابى بار. يەنى، تۈركلەر «كومپيۇتېر» دېگەن بۇ سۆزگە «بىلگىسايار» دەپ سۆز ياسىغان. بۇ سۆزدىكى «بىلگى» دېگەن سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا بىلىملىك، بىلگۈچى، مەلۇماتقا ئىگە بولغۇچى دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلىگەن، «سايار» دېگەن سۆز بولسا سانلارنى رەتلىمەك (سان ئارا مەشغۇل بولغۇچى)، ھېسابلىماق (ھېسابلىغۇچى) دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرگەن. دېمەك بۇ سۆزدىن بىز بىلىملىك بولغان سانلار ئارا ھېسابات قىلغۇچى، بىلىملىك ھېسابلىغۇچى دېگەن مەنىلەرنى چۈشىنىۋالالايمىز. «بىلگ» سۆزى بىلەن «بىلىگ» سۆزىنىڭ يەنە ئازراق پەرقى بار، «بىلگ» سۆزى بىل (بىلمەك) سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ كېلىپ، كۆپ مەلۇماتقا ئىگە، بىلىملىك، بىلگەن دېگەنلىك بولىدۇ، بۇ سۆزگە «ى» قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا ئىسىم بولۇپ كېلىدۇ دە، ئىلىملىك، بىلگۈچى، مەلۇماتچى دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆزگە «ە» قوشۇلۇپ كېلىپ «بىلگە» ھالىتىدە ئالىم، ئۆلىما، دانىشمەن دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. «بىلىگ» دېگەن سۆز بولسا، ① بىلىم، مەلۇمات، ساۋات ② ئىلىم-پەن ③ چۈشەنچە دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ. شۇڭا، تۈركلەر كومپيۇتېر دېگەن سۆزگە سۆز ياسىغاندا «بىلىگ» دېگەن سۆزنى ئەمەس «بىلگ» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن، ئەگەر «بىلىگ» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپ «بىلىگسايار» دېگەن بولسا، بۇ ھالدا بىلىم، ئىلىم-پەن ھېسابلىغۇچىسى، مەلۇماتچىسى دېگەندەك مەنا ئىپادىلەپ قوياتتى. بۇ بىر قىسىم تورداشلار ئوتتۇرىغا قويغاندەك «كومپيۇتېر» دېگەن سۆزگە «پەنسانار» دەپ ئات قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويغاندەكلا ئىش بولۇپ قالغان بولاتتى. شۇڭا، بۇ يەردە «بىلگى» دېگەن سۆزگە «سايار» سۆزىنى قوشۇپ «بىلگىسايار» دەپ ئاتىغاندا «بىلىملىك ھېسابلىغۇچى» دېگەن مەنىنى بېرىپ، «كومپيۇتېر» دىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇنى يۈكلىگەن ئۈسكۈنىنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلەلىگەن.
     ئۇنداقتا، بۈگۈنكى بۇ مۇلاھىزىنىڭ نۇقتىسى «يۈكلەش» «ئىندۈرمەك»، «بىلگىسايار» دېگەن ئۈچ سۆز بىلەن ئاخىرلاشتى، داۋامى يەنە بار.
يۈكلە - مەلۇم نەرسىنى تور بوشلۇقىغا يۈكلىمەك (يوللىماق، چىقارماق).
يۈكلەر - تور بوشلۇقىغا يوللانغان ماتېرىياللار.
ئىندۈر - تور بوشلۇقىغا يوللانغان ماتېرىياللارنى يەرلىككە چۈشۈرۈش، توپلاش.
بىلگىسايار - كومپيۇتېر، ئېلېكترونلۇق مېڭە، ئېلېكترونلۇق ھېسابلىغۇچ
بىلگىسايارچى - كومپيۇتېرچى، كومپيۇتېر كەسپى خادىمى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AlpSoft تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-28 02:38  

باھا سۆز

ياخشى: 4.0
ياخشى: 5
  ۋاقتى: 2011-12-4 17:00
ياخشى: 3
  ۋاقتى: 2011-11-28 21:12
ۋاقتى: 2011-11-28 09:30:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىش ياخشى ئىش ئىكەن ئەممازە سەل قىيىنغا توختامدىكىن.
ۋاقتى: 2011-11-28 10:47:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى    ياخشى  ئەتراپلىق    مۇلاھىزە  بوپتۇ   ،    ئىندۈر   ،  بىلگسايار   بۇ   ئىككى  سۆز ئورنىغا  ھەقىقەتەن   ئالتۇن   ئۈزۈككە  ياقۇت  كۆز  قويغاندەك  ماس كەپتۇ  ،   سىز  دىگەندەك    بىز   بۇ  مەۋھۇم  دۇنيادىكى   يېڭى  شەيئىلەرگە ئىسىم   قويغاندا   ئاۋۋال  ئۆزىمىزنىڭ  ھازىرقى  ئەدەبى  ئۇيغۇر  تىلىمىزدىن   سۆز  ئىزدىسەك   ئاسان   ئومۇملاشتۇرغىلى  بولىدۇ   ،  ئەگەر  ئەدەبى   ئۇيغۇر  تىلىمىزدىن سۆز  چىقمىسا  ئاتا  ئەجدادىمىز  ئىشلەتكەن   قەدىمقى   سۆز  ئىبارىلەردىن  ئىزدىسەك  تېخىمۇ  ياخشى  بولىدۇ   ،    بۇنداق   قىلغان   تىلىمىزنىڭ   ئەسلىنى   ئۇنتۇپ   قالمايمىز   ،  ھەم  ئامال   قىلىپ   شۇ  تىللارنى  قېلىپلاشتۇرشقا  پايدىسى  بولىدۇ  ،  پەقەت   بولمىغاندا   قېرىنداش  مىللەتلەرنىڭ   تۈركى  تىللىرىدىن  سۆز  ئىزدىسەك  بولىدۇ   
مەن   قوللايمەن   بۇ   پىكىرنى   قىيىن  بولسىمۇ  تىرشىپ  باقساق   بىر  تەرەپكە   ئىلىپ  چىققىلى  بولىدۇ  ،  بۇنداق   قىلساق   بىرىنجىدىن  تىلىمىزنىڭ  ساپلىقىنى  ساقلاپ  قالغىلى      ،  ئىككىنجىدىن   كىيىنكىلەر  ۋە   ئۆزىمىز   ئۈچۈن   بىرلىككە  كەلگەن   ئاتالغۇلارنىڭ  پايدىسى  كۆپ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-11-28 13:32:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرى توغرىسىدىكى بۇ ئىزدىنىش ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇلاھىزىلەرنى بىر قېتىملىق يۈرەكلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقان پىكىرلەر دېسەك ئېشىپ كەتمەس. ئەلۋەتتە ھازىر كۆپىنچە ئاتالغۇلار قېلىپلىشىپ بولدى، بۇ قېلىپلاشقان ئاتالغۇلاردىن خېلى كۆپى بۇندىن بۇرۇن بىر قىسىم كومپيۇتېر كەسپىي خادىملىرى ياكى توردىكى تورداشلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالغۇرىلىرى بولۇپ، تېزلا كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن، بۇنداق سۆزلەر خېلى بار. بۇ تېمىدا پەقەت ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئاساس قىلغان ئاساستا ئۇيغۇر تىلىدىكى كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرىغا بىرقەدەر ماس كېلىدىغان ياخشى ئاتالغۇلارنى تەكلىپ شەكلىدە توپلاش. بەلكىم بۇ توپلانغان تەكلىپلەر ئەتراپلىق ھالدا ماتېرىيال ھالىتىدە توپلانسا، بۇندىن كېيىنكى كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە رەتلەش، يېڭىدىن سۆز ياساش جەھەتلەردە ياردىمى ياكى پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپ قالار دەپ ئويلايمەن.
ۋاقتى: 2011-11-28 14:19:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمەن، قۇتبىلىك-يۈرەك سۆزۈم- مائۇسنى قولىمىزغا ئالايلى تورداشلار ئاكتىپ مۇنازىرە قىلىشى ھەم داۋاملاشتۇرايلى.
ۋاقتى: 2011-11-29 16:24:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى كۈرۈپ مۇنداق بىر ئىش يادىمغا كېلىۋاتىدۇ، يەنى ھازىرمۇ كىشىلەر بىلىك- ئىنتىل گۇرپىسى بىرلىكتە تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە xpنى ئىزدەۋاتىدۇ،ئۈزەممۇ شۇنىڭ ئىچىدە ، لېكىن تا ھازىرغىچە تاپالمايۋاتىمەن، تاپالىغىنىم قاچىلانمايلا ۋىروسخورلار تەرىپىدىن تۈگىشىپ كىتىۋاتىدۇ ، دىمەكچى بولغىنىم بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدىكى ھازىر ئۇيغۇرچە دىتاللارغا بۇلۇپمۇ ئۈزىمىزنىڭ ئانا تىلىدكى ھەرخىل دىتاللارغا بولغان قىزىقىش ناھايىتى كۆپ ، مەسلەن ئالايلى تەرجىمە قىلىنغان ئۇيۇن دىگەن گەپنى ئاڭلىساملا مەنمۇ بىر چۈشۈرۈپ ئوينايمەن ، كومپىيۇتىر غا ئائىت سۆزلەرنى تەرجىمە قىلىش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىمۇ چۇقۇم ئاشۇ تەرجىمە قىلنغان ئۇيۇنغا ئوخشاشلا كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى دەپ ئويلايمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bostan305 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-29 16:25  

ۋاقتى: 2011-11-29 21:17:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2011-11-30 01:07:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىلەرگە «ئىككىنچى شەخس بۇيرۇق» شەكلىنى ئىشلەتمىسەك بولمامدۇ؟ بۇنداق قىلساق گرامماتىكا خاتالىقى كۆرۈلىدىكەن بەزى جايلاردا. مەسىلەن دىئالوگ رامىسكى(对话框) ،بۇ پاراڭلىشىش دىگەندەك گەپ بىلىسىلەر، كومپيۇتېر بىز بىلەن پاراڭلىشىدۇ يەنى كۆپىنچە سۇئال سورايدۇ «جىزىملەمسىز؟» ، «ھۆججەت يۈكلەمسىز؟» ، «ئۆچۈرەمسىز؟ » دىگەندەك، بىز بۇنىڭغا «جەزىملە.» ، «يۈكلە.» ، «ئۆچۈر ياكى تاقا» دەپ جاۋاپ بەرسەك گرامماتىكا خاتالىقى كۆرۈلمەمدۇ ئەسلى جەزىملەيمەن ياكى ھە ئە دىگەندەك جاۋاپ قايتۇرساق توغرا بولاتتى. ياكى بولمىسا دىئالوگ رامىكىسىغا كىلىدىغان سۆزنى باشقا ئوخشاش سۆز بىلەن ئايرىپ تەرجىمىلەيلى، باشقا جايدا «يۈكلە» بولسىمۇ دىئالوگ رامكىسىدا «يۈكلەيمەن» ياكى «ھەئە» دەپ ئالايلى. ھەممە يەردە بىرخىللا ئالمايلى.مەن ئۇيغۇرچە Ubuntu دا مۇشۇ خىل ئەۋالنى ئۇچراتقان ئىدىم.ئۈسىتىدە Alpsoft ئەپەندى 上传 نى «يۈكلە» دەپ ئاپتىكەن شۇڭا ئىسىمگە كېلىپ قالدى. يەرلىكلەشتۈرۈش خىزمەتلىرىدە مۇشۇخىل ئەھۋالغا دىققەت قىلغان بولساق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-30 01:08  

ۋاقتى: 2011-11-30 01:18:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Uyul يوللىغان ۋاقتى  2011-11-30 01:07
تەرجىمىلەرگە «ئىككىنچى شەخس بۇيرۇق» شەكلىنى ئىشلەتمى ...

بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=553
ۋاقتى: 2011-11-30 01:36:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللىغان ۋاقتى  2011-11-30 01:18
بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=553

كۆردۈم، دىمەكچى بولغىنىڭىز؟
ۋاقتى: 2011-11-30 01:40:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Uyul يوللىغان ۋاقتى  2011-11-30 01:36
كۆردۈم، دىمەكچى بولغىنىڭىز؟

بۇيرۇق شەكلىدە ئېلىشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدىكى ئىنكاس- مۇنازىرە بار.
ۋاقتى: 2011-11-30 01:46:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللىغان ۋاقتى  2011-11-30 01:40
بۇيرۇق شەكلىدە ئېلىشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدىكى ئىنكاس- م ...


قىسقا بولۇش ئۈچۈن دەپ باركەن، قىسقا بولۇشقۇ ياخشى ئىش چۈنكى مەن تور بەت تەرجىمە قىلغاندا داۋاملىق خەتلەر ئۇزۇن بولۇپ قىلىپ بەك ئاۋارچىلىقتا قالغانتىم، قىسقا بولسىلا جۈملە گرامماتىكىسى خاتا بولسىمۇ مەيلىمۇ؟ ئەمىلىيەتتە بۇيرۇق ئالساقمۇ مەيلى، كۆپچىلىك بىرلىككە كەلسىلار شۇ يولدا ماڭىمىز، لىكىن دىئالوگ رامكىسىنىڭ ئىشىنى قانداق قىلىمىز ئۇنداقتا؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-30 01:48  

ۋاقتى: 2011-11-30 01:52:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Uyul يوللىغان ۋاقتى  2011-11-30 01:46
قىسقا بولۇش ئۈچۈن دەپ باركەن، قىسقا بولۇشقۇ ياخشى ئىش ...

قىسقا بولۇش 1- ئورۇندا ئەمەس، دىئالوگ رامكىسىنىڭ ئىشىنى يەنە ئويلىشايلى.
ۋاقتى: 2011-11-30 01:58:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللىغان ۋاقتى  2011-11-30 01:52
قىسقا بولۇش 1- ئورۇندا ئەمەس، دىئالوگ رامكىسىنىڭ ئىشى ...

ھە شۇ، مېنىڭ مەقسىتىممۇ شۇ ئىدى، باشقا جايلاردا بۇيرۇق ئالىۋىرەيلى ،لىكىن بۇنى ئويلىشايلى گەرچە كىچىك نۇقتا بولسىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان نۇقتا، ئىشنى مۇكەممەلراق قىلىشقا پايدىسى بار ئەمەسمۇ.
ۋاقتى: 2011-11-30 15:09:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوكلاد : بىز بىرقانچەيلەن ئويلىشىپ  يانفۇندىكى  «#» كۇنۇپكىنى «كاتەك بەلگىسى» ياكى «قۇدۇق بەلگىسى» دەپ ئاتىماي  «چارچاپ» يەنى «چارچاپ» كۇنۇپكىسى» دەپ ئېلىشنى توغرا تاپتۇق
تېما مەنبەسى: # نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ھەققىدە پىكىرلىشىپ باقىلى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 09:18 , Processed in 0.171077 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat