يېقىندا مەلۇم بىر توردىشىمىز ماڭا تەكلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قوشۇلۇپ بېسىلغان قۇرئان كەرىمنىڭ كىرىش سۆزىدە ئىشلىتىلگەن خەتنىڭ ناھايىتى كۆركەملىكىنى، بۇ خىل خەت نۇسخىسىنى تاپقىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەردە مۇشۇ خىل خەت نۇسخىسى بولغان بولسا، ئۇ ھالدا ناھايىتى ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. مەن كىتابتىكى ئۇ خەتلەرنىڭ قولدا يېزىلغانلىقىنى، بۇ خىل خەت نۇسخىسىنىڭمۇ بەلكىم ئەرەبچە ئىشلەنگەن خەت نۇسخىلىرى ئىچىدە بار بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدىم، بىراق كۆپ ئىزدىگەن بولساقمۇ ئۇ خىلدىكى خەت نۇسخىسى تېپىلمىدى. ئاخىرى ئۆزۈم قول سېلىپ ئىشلەش قارارىغا كېلىپ، توردىشىمىز سىكانىرلاپ ئەۋەتكەن كىتابتىكى ئىككى بەتلىك تېكىستقا ئاساسەن، بۇ قوليازمىنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئىشلەشكە كىرىشتىم. مانا ئارىدىن بىر ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئاخىرقى ھېسابتا بۇ خەت نۇسخىسىنى ئىشلەپ پۈتتۈردۈم. بۇ خەت نۇسخىسىدا ئەرەب يېزىق سىستېمىسىدا بار بولغان بارلىق ھەرپ-بەلگىلەرنى، زەر-زەبەرلەرنى، شەرتلىك بەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، خەت نۇسخىسىدا ھەرپلەرنىڭ ھەرخىل ئۆزگىرىشلىرىمۇ ئىشلەندى. بۇ خەت نۇسخىسى ئارقىلىق قۇرئان ئايەت تېكىستلىرىنى ئۆلچەملىك ھالدا كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.
خەت نۇسخىسىنىڭ ئۇستىخىنى سەل كىچىك، يەنى باشقا خەت نۇسخىلىرىغا قارىغاندا كىچىكرەك كۆرۈنىدۇ، كومپيۇتېر ئارا يۈز خەتلىرى ئورنىدا ئىشلىتىشكە تازا باب كەلمەيدۇ، بىراق ئەرەبچە، ئۇيغۇرچە ۋە باشقا ئەرەب يېزىقى سىستېمىسىدىكى يېزىقلاردا يېزىلغان تېكىستلارنى بىرتەرەپ قىلىشقا تامامەن مۇۋاپىق كېلىدۇ. خەت ئۇستىخىنىنىڭ كىچىك ئېلىنىشىدىكى سەۋەپ، بىز ئادەتتە ياسايدىغان خەت نۇسخىلىرىمىزدا ئۇيغۇرچە ھەرپلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئىگىز ھەرپ «ڭ» بىلەن ئەڭ پەس ھەرپ «ئې» نى ئۆلچەم قىلىۋالىمىز، يەنى «ڭ» ھەرپىدىكى ئۈچ دانە چېكىت ھەرپ (بەلگە) ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان كاتەك ئىچىنىڭ يۇقىرى ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، «ئې» ھەرپىنىڭ ئاستىدىكى ئىككى دانە چېكىت بولسا ھەرپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان كاتەك ئىچىنىڭ تۆۋەنكى ئېھتىيات سىزىقىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك ئەھۋالى ئاستىدا ياسايمىز، باشقا ھەرپ-بەلگىلەر بۇ ئىككى ھەرپ بەلگىدىن ئىگىز ياكى پەس بولمىغاچقا بۇلاردا مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ، پەقەت ئاشۇ ئىككى دانە ھەرپنى ئۆلچەم قىلىۋېلىپ ياسىلىدۇ. ئەمدى، قۇرئان ئايەتلىرىدىكى تېكىستلارنى كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن ياسىلىدىغان خەت نۇسخىلىرىدا ئۇ ئىككى ھەرپنى («ڭ» بىلەن «ئې») نى ئۆلچەم قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ خىلدىكى خەت نۇسخىسىدا ئۇ ھەرپلەردىنمۇ يۇقىرى ۋە تۆۋەن ياسىلىدىغان ھەرپ بەلگىلەر، ھەم ھەرپ بەلگىلەرنىڭ ئۈستىگە ۋە ئاستىغا كېلىدىغان زەر-زەبەرلىرىنىڭمۇ ئورنىنى قالدۇرۇش كېرەك. شۇڭا، بۇ خىلدىكى خەت نۇسخىسىنىڭ خەت غولى كىچىك ياسىلىپ، ئۈستى ۋە ئاستىدىن بەلگىلىك بوش ئورۇن قالدۇرۇلىدۇ، قالدۇرۇلغان بۇ بوش ئورۇنلار يېزىق كىرگۈزۈش داۋامىدا شۇ ھەرپلەرنىڭ ئۈستىگە ياكى ئاستىغا كېلىدىغان زەر-زەبەرلەرنىڭ ئورنىدۇر. ھازىر مەشغۇلات سىستېمىلىرىمىزدا ئىشلىتىۋاتقان مىكروسوفت شىركىتى ئىشلىگەن Microsoft Uighur دېگەن خەت نۇسخىسىمۇ دەل مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن قائىدە بويىچە ياسالغان، شۇڭا بۇ خەت نۇسخىسى بىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان باشقا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىغا قارىغاندا كىچىك كۆرۈنىدۇ. چۈنكى، بۇ خەت نۇسخىسىمۇ قۇرئان ئايەتلىرىدىكى تېكىستلارنى نورمال كىرگۈزۈشكە، ئەرەبچە يېزىق بىرتەرەپ قىلىش داۋامىدا زەر-زەبەرلەرنىڭ ئورنىنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ياسالغان.
بىز بۇرۇن ياساپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرچە نورمال خەت نۇسخىلىرىنىڭ خەت غولى تۈز، سىپتا ۋە توم بولغاچقا، بۇ خىلدىكى خەت نۇسخىلىرى ئېكران يۈزىدە چوڭ كۆرۈنىدۇ، خەت نومۇرى كىچىك ھالەتتىمۇ ئوچۇق كۆرۈنىدۇ. بىراق، بىر قىسىم تورداشلار بۇ خىلدىكى خەت نۇسخىلىرىدا قۇرئاندىكى ئايەت تېكىستلىرىنى كۆڭۈلدىكىدەك بىرتەرەپ قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ يەردە بۇ توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشكە توغرا كەلدى، بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىدا ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ھەرپ-بەلگىلەردىن سىرت يەنە ئەرەبچە ۋە پارسچىدىكى ھەرپ بەلگىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەمدە ئەرەبچە تېكىستلارنى بىرتەرەپ قىلىشتىمۇ ھېچقانداق مەسىلە يوق. بۇ يەردە دىققەت قىلىدىغان نوقتا شۇكى، دۇنيادىكى باشقا ئەرەبچە خەت نۇسخىلىرىمۇ ئىككى خىل شەكىلدە ياسىلىدۇ، بىرى ئاددىيلاشقان شەكىلدىكىسى بۇ خىلدىكىلىرى پەقەت ئەرەبچە تېكىستلارنى نورمال بىرتەرەپ قىلىش ئېھتىياجىدىن چىقالايدۇ، قۇرئان ئايەت تېكىستلىرىنى كىرگۈزۈشتە ئىشلىتىلمەيدۇ، شۇڭا مەن بۇ يەردە ‹ئەرەبچە تېكىست› لار دېگەن ئاتالغۇنى مىسالغا ئالدىم. ئىككىنچى خىلى ئەرەب يېزىق سىستېمىسىدىكى بارلىق ھەرپ-بەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدىكى قۇرئان ئايەت تېكىستلىرىنى بىرتەرەپ قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان خەت نۇسخىسى، بۇ خىلدىكى خەت نۇسخىلىرى كۆپ ئەمەس، بۇ خىل خەت نۇسخىلىرى مەخسۇس ياسىلىدۇ، ياساش قېيىنلىق دەرىجـىسىمۇ يۇقىرى. خەت نۇسخىسىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىش قىسمىغا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ باشقا ئادەتتىكى خەت نۇسخىلىرىغا قارىغاندا مۇرەككەپ بولىدۇ. شۇڭا، يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمدەك، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ۋە ئەرەبچە نورمال كىتاب يۈزى، گېزىت-ژۇرناللاردىكى تېكىستلارنى بىرتەرەپ قىلىشقا ھازىرقى خەت نۇسىىلىرىمىز تولۇق ھاجەتتىن چىقالايدۇ. يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشۈمدىكىدەك پەقەت قۇرئان ئايەت تېكىستلىرىدىكىدەك مۇرەككەپ بولغان تېكىستلارنى بىرتەرەپ قىلالمايدۇ. شۇڭا، ئادەتتىكى خەت نۇسخىلىرىمىزنى ئىشلىتىش داۋامىدا قۇرئان ئايەت تېكىستلىرىنى نورمال كىرگۈزۈشكە (يەنى زەر-زەبەرلىرىنى ئورنىغا تولۇق قويۇلماسلىقى) بولماسلىقىغا قاراپلا، بۇ خەت نۇسخىلىرىمىزنى ‹ئەرەبچە يېزىقنى قوللىمايدۇ› دېگەن خاتا چۈشەنچىلەردە بولماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن. دېمەك، قۇرئان ئايەت تېكىستلىرىنى بىرتەرەپ قىلىدىغان خەت نۇسخىلىرى ئايرىم بولىدۇ، بۇ خىل خەت نۇسخىلىرى كۆپ ئەمەس.
ئادەتتىكى خەت نۇسخىلىرى — ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە، پارسچە، ئوردۇچە كىتاب، گېزىت-ژۇرناللاردىكى تېكىست ھۆججەتلىرىنى بىرتەرەپ قىلىشتا تولۇق ھاجەتتىن چىقىدۇ.
قۇرئان ئايەت تېكىستلىرىنى كومپيۇتېردا كىرگۈزۈش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان خەت نۇسخىلىرى — قۇرئاندىكى ئايەت تېكىستلىرىنى، ھەمدە ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە، پارسچە، ئوردۇچە كىتاب، گېزىت-ژۇرناللاردىكى تېكىست ھۆججەتلىرىنى بىرتەرەپ قىلىشتا تولۇق ھاجەتتىن چىقىدۇ.
گەپنى ئاخىرلاشتۇرغاندا، ئەرەبچىنى بىرتەرەپ قىلىش يۇقىرىدا دېيىلگەندەك. ئەمدى يېڭىدىن ياسالغان بۇ خەت نۇسخىسىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ چىقايلى.
سىكانىرلاپ ئېلىنغان كىتابتىكى ئەسلى تېكىستتىكى خەتلەرنىڭ كۆرۈنۈشى
يېڭىدىن ياسالغان خەت نۇسخىسىنىڭ كۆرۈنۈشى
تۆۋەندىكى قىستۇرما ھۆججەتتىن يېڭىدىن ياسالغان مەزكۇر خەت نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ:
|