ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 422|ئىنكاس: 0

باشقىلاردىن ئۆزىمىزگە نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2011-11-26 13:18:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
باشقىلاردىن ئۆزىمىزگە نەزەر
ئەسلى ئاپتورى: جېك تورىدىكى Phonon


ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلانغان مىللەت ئۈستىدىكى تالاش-تارتىشلار ھازىرغىچە ئاياغلاشقىنى يوق. پەقەت تېما، مەزمۇندا ئۆزگۈرۈشلەر بولدى. بۇ تالاش-تارتىشلارنىڭ نەتىجىسىدە ئەسلىدىكى تۈپ مەسىلە ئۇنتۇلۇپ،كۆپ ۋاقتىمىز زېھنىمىز باشقا ئشلارغا سەرىپ قىلىندى. دىن سۇزلۇشۇش، ئىللەت كۆپ، جۇغراپىيەلىك ئورۇن، خارەكتىر قاتارلىق سەۋەپلەر بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزنىڭ تۈپ سەۋەبىمۇ؟ ئەگەر يەنە بۇرۇنقىدەك نوقۇل ھالدا ئۆزىمىز ئۈستىدىلا پىكىر قىلساق توغرا جاۋاپقا ئېرىشەلمەيمىز. مەن گەپنى باشقىلاردىن باشلاي. (بۇ بىر پارچە ئىلمىي ماقالە بولمىغانكىن يىزىلىشى بىرئاز قالايمىقان، ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە يىزىلىشى توغرا بولماسلىقى مۇمكىن ئەيىپكە بويرىمىغايسىز)
رىم ئېمپىرىيىسى زۇۋاللىققا يۈزلەنگەن ئاخىرقى ۋاقىتلاردا، گوستلار(ھازىرقى گېرمانلار) رىم غا بېسىپ كىرىپ پۈتۈن شەھەرنى ۋەيران قىلغان. خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا 45000  بىنا، 1800 ئوردا كۈيۈپ كۈل بولغان. كىتاپ، مەدەنىي بۇيۇملار ھەممىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.  1618 يىلدىن باشلانغان 30 يىلغا سوزۇلغان دىندىكى تالاش-تارتىشتا، گېرمانلار دانىيە، سىۋىدېن، ئىسپانىيە، روسىيە لىكلەرنى باشلاپ كىلىپ  ئۆزلىرى ئۈستىدە چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان. بۇ 30 يىلدا 35 پىرسەت گىرمانلار نوپوسى ئازايغان، 85 پىرسەن قۇرلۇش ۋەيران بولغان، 2000يىل تارىخى بار يادىكارلىقلارمۇ بۇزۇلۇپ يوقالغان.
1566 يىللىرى گوللاندىيە لىكلەر ئىسپانلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىدىن، ئۆز دۆلىتىدىكى ئىسپانلار تەسىرى بولغان چىركوۋ ۋە باشقا يادىكارلىكلارنى نابۇت قىلغان. 5500 چىركاۋ بۇزۇپ تاشلانغان، بۇنىڭ 300 رىم ئېمپىرىسىنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدا سىلىنغان بۇلۇپ، 1000يىللار تارىخى بار ئىدى. ئىسپانلار ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن گوللاندىيەگە بېسىپ كىرىپ شۇ ۋاقىتتىكى چوڭ شەھەر ئانتىۋېرپ نى پۇتۇنلەي نابۇت قىلغان. 1687 يىلى ۋىنىسلىقلار ئۆزلىرىنىڭ <گىرىتسىيە گۆھىرى> دەپ تۇنۇلغان پارسېنون ئوردىسىنى ناپۇت قىلغان. رىملىقلار كارساگى نى بېسىۋالغاندىن كىيىن 6كۇن ئوت قۇيۇپ بىر مەدەنىيەتنى يوق قىلغان.  بۇنىڭغا ئوخشاش بۇزغۇنچىلىقلار رىم شەھىرىدە نەچچە قېتىم يۇز بەرگەن. كىرىس قۇشۇنىنىڭ يۈرۈشى، ڧىرانسىيە گورىس ئۇرۇشى، خوسىتې ئۇرۇشى ھەممىسى چوڭ بۇزغۇنچىلىق، قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.
دىخقانلار قوزغۇلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئەنگىلىيە پادىشاھى ئىتالىيە، گېرماندىن ئارمىيە باشلاپ كەلگەن. ئالارىك نىڭ تاجاۋۇسچىلىقىغا قارشى كۆرەش قىلغان رىملىقلارنىڭ قەھرىمانى ئاخىرى رىم ئاقسۈڭەكلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.  ڧىرانسىيەنىڭ ئايال قەھرىمانى جېننى مۇ ڧىرانسىيە پادىشاھى،ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن تاجاۋۇزچى ئەنگىلىيەلىكلەرگە سېتىلىپ، ئاخىرى ئېچىنىشلىق ھالدا كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. دانىيەنىڭ تاجاۋۇسچىلىقىغا قارشى كۆرەش قىلغان چېخ نىڭ گېنرالىمۇ ئاخىرى ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن قەسلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.
خىرىستىيان دىنى رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەندىن باشلاپ، 17-ئەسىرگىچە ياۋرۇپادا دىن بىلەن زىت بولغان ھەرقانداق شەكىلدىكى تەتقىقات، مۇنازىرە، ئەدەبىيەت-سەتئەت ھەممىسى چەكلەنگەن. ئىسپانىيەدە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىنغانلار ئەرلەر تىرىك كۈمۈش، ئاياللار كۆيدۈرۈلۈش جازاسىغا ئۇچرىغان. بارلىق دىننى كىتاپلار  قەدىمقى گىرىتسىيە يىزىقى، ياكى قەدىمقى يەھۇدى يىزىقىدا يىزىلىپ، باشقا يىزىقلاردا يىزىلىشى ھەممىسى چەكلەنگەن.  دىنىي جەمئىيەت تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر پەقەت بىرونىي ئەمەس. يەنە توماس، سېرۋەتوس لارمۇ بار.
رىم ھۆكۈمرانى نېرو ھوقوق ئۈچۈن ئاپىسىنى ئۆلتۈرگەن، ھەتتا ھامىلدار ئايالىنىمۇ ئۆلتۈرگەن.  كەيىپ ساپا نېرو نىڭ كۆندۈلۇك ئىشى، قانخورلۇق، ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۇنىڭ كۆڭۈل ئىچىشى پائىلىيىتى بولغان. ھەتتا تىخىمۇ بەك كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن پۇتۇن رىم شەھىرىنى كۆيدۈرگەن.  ئەسكى ئىشلار، بۇزۇق ئىشلار بۇلا ئەمەس، بۇ يەردە ھەممىسىنى يازمىدىم. بەزىلار بىئارام بۇلۇشى مۇمكىن.
پاپا ياۋرۇپا سىياسى سەھنىدىكى مۇھىم شەخىس. بارلىق پادىشاھلارنىڭ تەخىتكە ئولتۇرۇلۇشغا پاپا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. 1000يلدا 20 پاپا ئەجەلسىز ئۆلگەن، 10پاپا نىڭ ئۈلۈشى ئېنىق ئەمەس. ئىزدەپ كۆرۈڭ. تارىختا پاپا قىلغان يامان ئىشلىرى ئاپپاق غۇجىدىن كەم ئەمەس.
ياۋرۇپادىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ خەلق قوزغۇلاڭلىرىنى باستۇرۇش ئۇسۇلى، جەريانى سىز بىلىدىغان ئۇيغۇر تارىخى بىلەن ئوخشاش. ئالداش، پارچىلاش، باستۇرۇش ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى. بۇ قوزغىلاڭلارنى ئىزدەپ كۆرۈپ بېقىڭ.
جوگۇس قوزغۇلىڭى، گىرمان دىھقانلار قوزغۇلىڭى……
……….
بىرنەچە كىتاپ بىلەنمۇ ياۋرۇپانىڭ جاھالەت دەۋرىنى يىزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئاساسىي مەقسەتكە ئۈتىلى.
خۇلاسە!
مەقسىدىمنى چۈشەندىڭىزمۇ؟ ھازىرقى دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان، قۇدرەت تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك جاھالەت دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن. ھالىتى بىز بىلەن ئوخشاش.  نادانلىق، ساتقىنلىق، بۇزۇقچىلىق، دىندارلارنىڭ ئالدامچىلىقى، ئىللەت ھەممىسى كەم بولغان ئەمەس. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئىتقادى، مەدەنىيىتى، تارىخى، مىللىتى، ئېرىققى پەرىقلىق بولسىمۇ ھەممىسى ئاخىرى تەرەققىياتقا يەتتى. سەۋەپ نىمە؟ ئەگەر يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۆزىمىزگىلا نەزەر سالساق، ھىسسىي تەپەككۇرلا قىلساق ئىنىق جاۋاپقا ئېرىشەلمەيمىز.
قۇدرەت تاپماسلىقىمىزنىڭ سەۋەبى نىمە؟
ئىسلام دىنىمۇ؟  ئەمىسە
تارىختىكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋىرلىرىنى، ھازىرقى زامان تەبىئىي پەن ساھاسىدىكى مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى قانداق چۈشەندۈرىمىز. بۇنى ئايرىم ئەھۋال دەمدۇق؟ ئىسلام مۇنداق ۋاقىتتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ، ئانداق سارائىتتا سەلبىي رول ئوينايدۇ دەپ شەرت قۇشامدۇق.  ئاللانىڭ ھەق دىنىنىڭ سەلبى رولى بۇلارمۇ؟ ئەگەر بۇلىدۇ دەپ ئويلىسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئىسلامنى چۈشەنمىگىنىڭىز خالاس!
جۇغراپىيەلىك شارائىتمۇ؟ ئەمىسە
ئامىرىكا، مىكسىكا ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟ ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىمۇ ئوخشاش ئەمەس بۇنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟
خارەكتىرمۇ؟ ئەمىسە
ئامېرىكا، ياپۇن، كورىيە، سىنگاپور، ياۋرۇپا بۇلارنى قانداق چۈسەندۈرىمىز؟

تارىخى ۋەقەلىكلەرمۇ؟
باشقىلارمۇ بىز كۆرگەننى كۆردىغۇ؟

ئىللەت كۆپمۇ؟
بۇ توردا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سەۋەپ.  ياپۇنلاردا ئىللەت يوق دەمسىز؟ ياۋرۇپالىقلاردا يوق دەمسىز؟ ئادەم بولغانكىن كەمچىلىك بۇلىدۇ. <ئىللەت تۈزۈلمىگىچە مىللەت تۈزۈلمەس> بۇنى كىم يازغان؟ يۇقارقى سەۋەپلەر ئىچىدە بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ زىيىنى ئەڭ چوڭ، پۈتۈن مىللەتنى خاتا يولغا باشلىدى.  ئامىرىكا، ياۋرۇپا، ياپۇنىيە ئالدى بىلەن ئىللەتنى تۈگۈتۈپ ئاندىن تەرەققىي قىلغان ئەمەس، بەلكى تەرەققىيات جەريانىدا ئىللەتنى تۈزەتكەن، ياكى ئارتۇقچىلىقلارنى كۆپەيتىپ، ئىللەتنىڭ تەسىرىنى سۇزلاشتۇرغان. مۇجۈزە يۈز بېرىپ بىر كىچىدە بارلىق ئىللەتلەر يوقالسۇن، ھەممە كىشىلىرىمىز ناماز ئوقۇسۇن، ھەممىسى ھەرەمگە بېرىپ ھاجى بولسۇن، بىزدە يەنىلا ھىچ قانچە يۈكسىلىش بولمايدۇ.
يۇقارقى ھەم باشقا، مىللەتنى سۈكۈشكە ئىشلىتىلگەن، تارىخقا، باشقىلارغا دوڭگەش ھەممىسى  AQ نىڭ خارەكتىرى، ئۆزىنى ئالداش. بۇ سەۋەپلەر ھەممىسى نەتىجە، ھەممەيلەن كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشنىڭ سەۋەبى ئەمەس.
يول نەدە؟
بۇنى بىرقانچە تورداش بۇرۇن ياخشى ماقالىلەر بىلەن چۈشەندۇرگەن. پەن-مائارىپ تەرەققىيەتنىڭ ئاساسىي. بۇ پۈتۈن دۇنيا ئىسپاتلىغان ھەقىقەت.  بىزگە دۇنياۋى سەۋىيەگە ئىگە ئالىملار لازىم، دۇنياۋى تەسىرى بار يازغۇچى، ئەدىپ، سەنئەت چىلەر لازىم. ھەتتا دۇنياۋى سەۋىيەگە ئىگە ئاشپەز، موزدوز، سەيپۇڭلارمۇ لازىم.
بۇ يەردە يەنە تورداشلار تىلغا ئالمىغان مۇھىم بىر ئامىلنى قۇشۇپ قۇياي. <ياخشى قانۇن> تەرەققىيەتنىڭ كاپالىتى.  مائارىپ بىلەن كىشىلەرگە تەربىيە قىلىمىز. تەربىيە ئاڭلىمىغانلارنى قانۇن بىلەن تەربىيە قىلىمىز. <ياخشى قانۇن> دىگىنىم بارلىق دۆلەت ئۈچۈن لازىم بولغان، تۈزۇم، قانۇن….. ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا بولدى ئەمدى زېڭنىمىزنى ئىللەت تېپىشقا سەرىپ قىلمايلى. قىزلارنى سۈكۈشنى تاشلايلى. بىلسىڭىز مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئاساسلىقى كۆچلۈك، مەسئۇلىياتچان، ئىقتىدارلىق ئەرلەردە، ئاجىز قىزلاردا ئەمەس.

ئەسكەرتىش ‘
تىلغا ئىلىنغان ۋەقەلىك، كىشىلەرنى توۋەندىكى خەنزۇچە نام بىلەن توردىن ئاختۇرىشقا بۇلىدۇ.
گوستلار哥特人
ئانتىۋېرپ 安特卫普夷
پارسېنون巴特农神殿
كارساگى伽太基
گورىس ئۇرۇشى胡斯战争
خوسىتې ئۇرۇشى 胡格诺战争
ئالارىك阿拉里克
جېننى贞德
بىرونىي 布鲁诺
توماس托马斯。莫尔
سېرۋەتوس塞尔维特
نېرو尼禄
پاپا教皇
جوگۇس قوزغۇلىڭى 扎克雷起义
گىرمان دىھقانلار قوزغۇلىڭى 德国农民战争
تۈگىدى.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە ئەسلى ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك تورداشلارنىڭ كۆرىشى ئۈچۈن يوللاندى..
ئەسلى مەنبەسى: جېك بلوگى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-4 15:40 , Processed in 0.111569 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat