ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 135|ئىنكاس: 0

BlackBerry – PlayBook دىكى ئۇيغۇرچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
41
تىللا
65
شۆھرەت
48
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 10:27:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Blackberry-Playbook بولسا ئامېرىكا  قارا بۆلجۈرگەن شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان تاختا كومپىيوتىر بولۇپ بۇ يىل توقۇزىنچى ئايدا بازارغا سېلىنغان .باھاسى مۇۋاپىق . چوڭ كىچىكلىكى نورمال ،قارىماققا ناھايىتى ئەپلىك كۆرىنىدىغان تاختا كومپىيۇتېر .بۇ تاختا كومپىيوتىرغا شىركەت ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان BlackBerry Tablet OS مەشغۇلات سىستېمىسى سەپلەنگەن . قېنى بۇ تاختا كومپىيۇتېرنىڭ سەپلىمىسىنى كۆرۈپ باقايلى.
مەسھۇلات نامى                  PlayBook
ماركىسى                          BlackBerry
مەشغۇلات سىستېمىسى         BlackBerry Tablet OS
ئىكران                          7سۇڭ
wifi                          سەپلەنگەن
كۆك چىش                          سەپلەنگەن
سىغىمى                       16GB / 32GB  
بازارغا سىلىنغان ۋاقتى         2011-يىل 9-ئاي
كامىرا                         ئالدى ۋە ئارقىغا سەپلەنگەن
قوللايدىغان دېتاللار         WebKit/HTML-5،Adobe Flash Player 10.1،Adobe Mobile AIR،Adobe Reader،POSIX،OpenGL،Java
ئېغىرلىقى                          400 گىرام
قوللايدىغان مۇزىكا تىپى  MP3،AAC،WMA
باھاسى                        1800-2000

بۇ كاساپەت ئىئوت تونۇيدىكەن ئەمەسمۇ ؟ بۇ رەسىمگە سەپسېلىپ قارىساق كۆرەلەيمىزكى بۇ دەل ukij tuz tom فونتى .لېكىن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان ئەھۋال ئە ھەرىپى نورمال ئەمەس .

بۇ نېمە ئىشتۇ ؟ نېمە ئۈچۈن ئە ھەرىپى نورمال كۆرۈنمەيدۇ؟

بۇ مېنىڭ بېتىمنىڭ چاتىقىمۇ يا دېگەن گۇمان بىلەن باشقا تور بىكەتلەرگە كىردىم !

Alpida Unicode System ئىشلىتىلگەن ئالىپ تورىدىمۇ ئە ھەرىپى نورمال كۆرىنمىدى . ئىلگىرى nokia تېلېفۇنىدىمۇ ئە ھەرىپى نورمال كۆرۈنمەيتى . مېنىڭ كاللامغا كەلگىنى nokia تېلېفۇنى بولدى .يەنە قايىل بولماي باشقا توربەتلەرگە كىردىم .

ئەمدى بۇ نېمە ئىش نورمال كۆرۈندىغۇ ! بىلىك تورىدىكى ھەممە ھەرىپلەر نورمال كۆرۈندى . بۇ قايسى خەت شەكلى بولغىيتى ؟ ئىشقىلىپ ukij نىڭ ئەمەس . قارىغاندا  eot قوشمىغان توربىكەتلەر مۇشۇ playbook نىڭ ئەسلى فونىتىدا كۆرۈنىدىغان ئوخشايدۇ .نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ فونىتتا چاتاق چىقىدۇ .بۇ مەسىلىنى چۈشۈنەلمىدىم .قانداق قىلىش كېرەك ؟ يەنە باشقا توربىكەتەرگە كىرىپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى .

باشقىچە توربىكەتكە كىرىپ باقاي دەپ يادىمغا يۇلغۇن تورى كەلدى .يۇلغۇن تورىغا كىردىم. ئەمدى ئە ھەرىپى نورمال ،لېكىن ئى ھەرىپىدىن چاتاق چىقتى . مەسىلە تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتىغۇ ؟؟؟




يەنە شۇ ئە ھەرىپى نورمال ئەمەس . سىستېما ئۆزىدە تېكىست تەھرىرلىگۈچ بار ئىكەن ، ئۇيغۇرچە خەتنى چاپلىسام پۇتۇنلەي تەتۈرىگە ئۆرىۋەتتى ،

بۇ كاساپەت ئۆزى ئەرزان ،چوڭ كىچىكلىكى مۇۋاپىق ،بولىدىغان نەرسە ئىكەنتۇق.ئەمما ئە ھەرىپى نورمال كۆرۈنگەن بولسا ……ئىسمى جىسمىغا لايىق playbook بولار ئىكەن .

مەنبە:مۇخلىس بىلوگى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhlis0519 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-24 10:34  

www.muhlis.biz
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-29 06:40 , Processed in 0.222029 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش