ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 211|ئىنكاس: 0

كىتاب ئوقۇشنى خالىمايدىغان بالىلارغا ياردەم بېرىدىغان ئۇسۇللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
1906
تىللا
1440
شۆھرەت
3064
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 19:40:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب ئوقۇشنى خالىمايدىغان بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا ياردەم بېرىدىغان ماھارەت ۋە ئۇسۇللار

ئۆيىڭىزدە نۇرغۇن ئوقۇشلۇقلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇرسىمۇ بىراق، بالىڭىزنى كىتابلارغا قىزىقمايدۇ دەپ پەرەز قىلايلى.ئەلۋەتتە بۇنداق بولىشىدا ھەر خىل سەۋەب بار. بەلكىم بالىڭىز كىتاب ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك بېسىملارغا ئۇچراۋاتقاندۇر. (مەسىلەن،  مۇئەللىمنىڭ ئىمتىھىانلىرى ۋە كىتاپقا مەجبۇرى زورۇقتۇرىشى،تۇگىمەس تاپشۇرۇقلار ). بەلكىم ئۇ فىزولوگىيىلىك كېسەللىكنىڭ قىينىشىغا ئۇچراۋاتقاندۇر (مەسىلەن، يېقىننى كۆرەلمەسلىك ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارىدا چاتاق بولۇش دېگەندەك...) ۋە بەلكىم سەۋەبى بەك ئاددىي بولۇپ كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى نىسبەتەن كېيىنرەك بولۇشى مۇمكىن. 6 ياشتىن 9 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دىققىتىنى خېلى ئۇزۇن ۋاقىت مەركەزلەشتۇرۇش ، پەرق ئېتىش ۋە تۈرگە ئايرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولىدۇ ھەم تىل ئارقىلىق ئوي پىكىرىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ (بۇ كىتاب ئوقۇش ئالدىدىكى زۆرۈر ماھارەت)

ئەلۋەتتە بەزى ئەھۋاللاردا بالىغا ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئۆگىنىشتە توسالغۇغا ئۇچراش ھالىتى بار دەپ دىئاگۇنۇز قويۇلۇشى مۇمكىن. مۇبادا مەكتەپ ياكى دوختورخانىنىڭ بالىلار بۆلۈمى بالىڭىزغا «ئۆگىنىشتە توسالغۇغا ئۇچراش»قا گىرىپتار بولغان دەپ قارىغان بولسا سىز چوقۇم باشقا مۇتىخەسىسلەرگە قايتا دىئاگۇنۇز قويدۇرۇپ بېقىڭ.  ئۇنىڭدىن سىرىت يەنە بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش تىپىنى ئويلىشىپ كۆرۈشىڭىز كېرەك

يېقىندا كۆرسىتىلگەن بىر خەۋەردە ئېيتىلىشچە بەزى بالىلار پەقەت ساۋاقداشلىرىدىن تۆۋەنرەك سەۋىيىدە بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا «ئۆگىنىشتە توسالغۇغا ئۇچراش»قا گىرىپتار بولۇپ قالغان دەپ خاتا دىئاگىنوز قويۇلۇپ قالىدىكەن؛ شۇڭا بالىڭىزنى بۇ خىل چاتاققا مۇپتىلا بولۇپ قاپتۇ دەپ قاراشتىن  ئىلگىرى چوقۇم بىر نەچچە مۇتەخەسسىسنى كۆپرەك ئىزدەپ، قايتا دىئاگۇنۇز قويغۇزۇڭ.

تۆۋەندىكى نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ بولسىمۇ كىتاب ئوقۇشنى خالىمايدىغان بالىلارنىڭ ئۆزىنى كەمسىتىشىدىن ئىبارەت. مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى ۋە جەمئىيەتنىڭ  ھەممىسىلا بالىلارنى بالدۇرراق كىتاب ئوقۇش ۋە ياخشى چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ (بەزىدە ھەتتا بېسىم ئىشلىتىشىمۇ مۇمكىن). ئائىلە باشلىقلىرى ۋە يەسلىدىكىلەرمۇ بالىلار تېخى مەكتەپكە كىرمىگەن ھەتتا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ سىيىشنى بىلمىگەن چاغلىرىدىن تارتىپلا ئۇلارغا تىرانپىكسىيە (تەلەپپۇز قىلىش) ۋە خەت تۇنۇشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇنىڭ يامان ئىش بولۇشى ناتايىن. قىزىڭىزنىڭ ساۋاقداشلىرى كىتابنى ئۇنىڭدىن  ياخشى ئوقۇيالىسا، ئۇ ئۆزىنى «دۆت» دەپ ھېس قىلىشىمۇ مۇمكىن. ياكى بۇ خىل ناچار ھېسسىيات ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇشنى خالىماس بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. مۇبادا ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلار ئالدىدا كىتاپنى ئۈنلۈك ئوقۇشقا بۇيرىغان، ئۇ بولسا دۇدۇقلاپ يۈرۈپ كىتاب ئوقۇغان مۈشكۈلچىلىكنى باشتىن كەچۈرگەن بولسا، كىتاب ئۇنىڭ «دۈشمىنى»گە ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

بالا كىتاب ئوقۇشنى خالىمىغان ھەرقانداق ئەھۋالدا بىز ئازاپنى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تارتىشىمىز، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئۇنىڭ مۈشكۈلچىلىكتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.

كىتاب ئوقۇشنى «قىزىقارلىق ۋە ۋەھىيمىسىز ئىش»قا ئايلاندۇرالايدىغان ئامال بار. سىزنىڭ قاتنىشىشىڭىز ۋە ئاكتىپ پوزىتسىيىڭىز نەتىجىسىدە بالىڭىزنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئېشىپ، ۋەھىيمىنى يېڭىشىگە ئاسانلىق تۇغۇلىدۇ. بىراق سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ غەزىپىنى ۋە ئۈمىدسىزلىكىنى قاتتىق بېسىۋېلىشىڭىز، بالىڭىزغا يېتەكچىلىك قىلماستىن  بەلكى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوينىشىڭىز كېرەك.

تۆۋەندە تۇنۇشتۇرۇلغان ئۇسۇللار قىلىشقا ئاسان ۋە كۆپ پۇل تەلەپ قىلمايدۇ، ھەممىلا ئادەمگە قىزىقارلىق تۇيۇلىدۇ.

1. ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە ئەخمىقانە ھېكايىلەرنى توقۇش. بۇ بىر خىل ئىنتايىن ياخشى بولغان كۈڭۈللۈك ئائىلە تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان ئۇسۇل؛ ھەر بىرەيلەن نۆۋەت بىلەن بىر جۈملە ئېيتىدۇ. بۇ جۈملىلەر قوراشتۇرۇلۇپ بىر ھېكايە ھاسىل بولىدۇ. ھەر بىر يېڭى جۈملىدىكى ئاساسىي شەيئىى ياكى ھادىسە چوقۇم ئالدىدىكى شەيئىي ياكى ھەدىسە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، بىرىنچى ئادەم «بۇرۇنقى زاماندا بىر چىرايلىق مەلىكە بار ئىكەن.» دېسە، ئىككىنچى ئادەم «بۇ چىرايلىق مەلىكە ناھايىتى چوڭ بىر يايلاقتا تۇرىدىكەن» دەيدۇ... دېگەندەك. نۇرغۇن ئەھۋاللاردا ھېكايىنىڭ ئاخىرى چىقماي قالسىمۇ بىراق، كۈلكىدىن دېمىڭىزنى ئالالماي قالىسىز.

2.بازار ئايلىنىۋاتقان چاغدا كۆرگەنلىكى بەلگە، پىلاكات، ئېلان تاختىلىردىكى خەتلەرنى ئوقۇتۇڭ. بالىڭىز دەسلەپتە ناھايىتى قىزقارلىق ھېس قىلىدۇ. بىراق، نەتىجىدە ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا مۇشۇ خەتلەرنى تۇنىۋالىدۇ.

3.ئاتا سۆزلىرى(ماقال − تەمسىل) ئۇلاش ئۇيۇنى: بىرىنچى ئادەم بىر ماقال (تەمسىل)نى ئېيتىدۇ، ئىككىنچى ئادەم ئېيتقان ماقال (تەمسىل) چوقۇم بىرىنچى ماقال (تەمسىل) بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى كېرەك، ياكى بىرىنچى ماقال (تەمسىل) بىلەن ئوخشاش بىر سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، «ياخشىنىڭ بالىسى خار بولسىمۇ، قۇل بولماس»، «قۇل ئات مىنسە چىقمىغان دۆڭى،كىرمىگەن ئۆيى قالماس»، «تالادىكى قىرغاۋۇل ئۆيدىكى توخۇغا يەتمەس»، «توخۇ داڭگال چۈشەر، ئۆچكە جاڭگال»... دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئەگەر ماقال − تەمسىلنى ئويلاپ تېپىشنى قىين دەپ قارىسىڭىز ئوخشاش ھەربتىن باشلانغان سۆز ئېيتىش ئۇيۇنىغا ئۆزگەرتسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. مەسىلەن، «بېلىق»، «باش»، «باغۋەن»، «بۇغا»... دېگەندەك. ئەگەر نۆۋىتىدە كىم ئېيتالمىسا جازالايسىز ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئادەمنى مۇكاپاتلايسىز. شۇ ئارقىلىق ھەربىر ئادەمنى كىتاب ئوقۇپ ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرگىلى ھەم سۆز بايلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

5. ھازىر بەزى تېلېۋىزىيە پروگىراممىلىرىنىڭ ھەممىسىدە مۇقەددىمە ياكى فىلىم چۈشەندۈرۈلۈشى بولىدۇ. بۇنىڭدىن دەسلەپتە بىرئاز بىمەنلىك ھېس قىلسىڭىزمۇ بىر، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئادەتلىنىپ قالىسىز. بۇ كىتاب كۆرۈشنى خالىمايدىغان بىراق كارتون فىلىمنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلار ئۈچۈن خەت ئوقۇشنى ئۆگىتىدىغان ياخشى ئامال.

6.ياخشىراق چاتما رەسىملەرنى سېتىۋېلىڭ؛ بالىڭىزنىڭ ئۆزى ئېرىشكەن چاتما رەسىملەرگە نەقەدەر كىرىشىپ كەتكەنلىكىگە ھەيران قالىسىز. بۇنداق كىتابلار پۈتۈنلەي يېزىق شەكلىدە بولمىسىمۇ بىراق، ئۇلاردا ئاددىي جۈملىلەر ۋە نۇرغۇن رەسىملەر بار. بىراق بالىڭىز 4 − يىللىقتا ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ بۇ چاتما رەسىملەرنى «بوۋاقلار كۆرىدىغان نەرسە» دەپ قارىمايدۇ. مېنىڭ بىر دوستۇم مۇشۇنداق چاتما رەسىملەرگە تايىنىپ، بالىسىنىڭ كىتاب ئوقۇشنى خالىمايدىغان چاتىقىنى ئۆزگەرتتى؛

7.ئاشپەزلىك كىتابىمۇ بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. قىستۇرما رەسىملىرى كۆپرەك، ۋە خۇرۇچلىرىنى ئاسانراق تەڭشىگىلى بولىدىغان ئاشپەزلىك كىتابلىرىنى تېپىپ، بالىڭىزغا ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر، ئىككى خىل قورۇمىنى تاللاتقۇزۇڭ. بالىڭىز ھەم سىزنىڭ قورىمىنى تەييارلىشىڭىزغا ياردەملەشسۇن. ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ سودا ماگزىنلىرىغا بېرىپ، بىرلىكتە لازىملىق ماتېرىيال، خۇرۇچلارنى سېتىۋېلىڭ (قېپىغا خەت يېزىلغانلىرىنى)، بىرلىكتە يېمەكلىك سېتىۋېلىش بالىڭىزنى ناھايىتى قىزىقتۇرىدۇ. گەرچە بالىڭىز ئادەتتە ئاشپەزلىك كىتابلىرىنى «كىتاب» دەپ قارىمىسىمۇ يۇقىرىقىدەك قىلسىڭىز ئۇنىڭ خەت تۇنۇشى ۋە ئوقۇشىغا ياردىمى بولىدۇ.

8.بالىلارغا چەت ئەل مۇزىكىللىرىنى ئاڭلىتىش بىر خىل ئەنئەنىۋىي بولمىغان ئۇسۇل. ھەممە بالىلار مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئالاھىدە مۇزىكىلارغا قىزىقىدۇ. ھەتتا مېڭىنى قاپاق قىلىۋېتىدىغان مۇزىكىلارغىمۇ شۇنداق. ئامېرىكا، گرېتسىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسىم مۇزىكىلىق ئۈنئالغۇ لېنتىللىرى ۋە CD پىلاستىنكىلىرىنى سېتىۋېلىڭ. ئۇزۇن ئۆتمەي بالىڭىزنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتىشقا باشلىغانلىقىنى بايقايسىز

(بولۇپمۇ ئۇ سىزنى پاراكەندە قىلماقچى بولغان چاغلىرىدا)؛ بەلكىم بۇنىڭ كىتاب ئوقۇش بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن. خۇددىي مەن دەپ ئۆتكەندەك ئەدەبىياتمۇ بىر خىل تىلدۇر. تەسىرلىك مۇزىكا رېتىمى بالىڭىزنىڭ ئۇقۇملارنى باغلاپ چۈشىنىشى ۋە گورۇپپىلاپ چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ كىتابى تىلنى ئوقۇش ۋە يېزىقچىلىقتا ئىنتايىن مۇھىم ماھارەت.

9.چوڭراق بالىلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەقلىيە سۆزنى سەنئەت بۇيۇمى قىلۋىلىشى مۇمكىن. بالىڭىزمۇ بىر پارچە ئېلان قەغىزگە موم قەلەم ۋە سۇ بوياقلار بىلەن ھېكمەتلىك سۆزلەرنى نەچچە رەت يېزىپ، سەنئەت بۇيۇمى ئىشلەپ باقسۇن؛ ئۇنىڭ يازغان خېتى  ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ سەنئەت ماھارىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ، بۇنىڭمۇ ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا پايدىسى كۆپ.

ئەگەر ھەر خىل قىزىقارلىق ئويۇنلارنى سىناپ كۆرسىڭىزمۇ بالىڭىز يەنىلا كىتاب ئوقۇشنى خالىمىسا ئۇنداقتا دوختۇر ياكى ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سىزگە بىر تال تاۋۇش قورالى سېتىۋېلىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ. بىراق، ئۇنى سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى سىز ئوبدان تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. چۈنكى، بەزى تىل − تاۋۇش قوراللىرى ئىنتايىن بىمەنە بولىدۇ. مەزمۇنلۇق ھەم بالىڭىزنى قىزىقتۇرالايدىغان ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىڭ.

- بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-4-17 06:04 , Processed in 0.695212 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش