تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

رەسىم: بۆشۈك- Baby Cradles -摇篮

يوللىغۇچى: Intil| يوللانغان ۋاقتى: 2010-9-5 13:10| كۆرۈلۈشى: 112| ئىنكاس سانى: 5

بۆشۈك- Baby Cradles  -  摇篮

يېقىندا بىر خىزمەتدىشىم بۆشۈك بالدىقىنىڭ ھەر خىل رەڭدە سىرلانغانلىقىنىڭ بالىلارنىڭ رەڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ رەڭ قارىغۇسى بولۇپ قېلىشتىن ساقلايدىغانلىقىنى مەلۇم بىر ماقالىدا كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.




ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ، ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻻﻳﯩﻬﯩﻠﻪﭖ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ «ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺕ» ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ «ﺑﯚﺷﯜﻙ»ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯚﺷﯜﻙ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﻗﺎﺯﺍﻕ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ، ﺗﯜﺭﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪﯓ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯚﺷﯜﻛﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﭘﯘﺧﺘﯩﻠﯩﻘﻰ، ﻫﯜﻧﻪﺭ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﭘﯩﺴﻠﯩﻜﻰ، ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.

ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﯚﺷﯜﻛﻨﯩﯔ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﺋﺎﺗﻤﯩﺶ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﺮ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﺎﻏﺎﭼﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯚﺷﯜﻙ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻣﯩﺨﻤﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯚﺷﯜﻛﻨﯩﯔ ﻻﻳﯩﻬﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ، ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﯜﻧﻪﺭ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ﯞﻩ ﻧﻪﭘﯩﺴﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﭼﻜﻪ، ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﮔﯜﺯﻩﻝ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺑﯘﻳﯘﻣﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺋﯧﺮﯨﻤﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﺑﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ «ﺑﯚﺷﯜﻙ ﺗﻮﻱ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ» ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﻮﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﻫﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ «ﻛﯩﻨﺪﯨﻜﺌﺎﻧﯩﺴﻰ» ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻨﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﺪﯗ. «ﻛﯩﻨﺪﯨﻜﺌﺎﻧﯩﺴﻰ» ﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪﺵ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﻛﯩﻨﺪﯨﻚ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. «ﺑﯘ ﻛﯩﻨﺪﯨﻚ ﭼﯜﺷﺘﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﺍ، ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﺮﯨﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺑﯚﺷﯜﻙ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﺎﺑﺪﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﺎ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ «ﺑﯚﺷﯜﻛﺌﺎﻧﯩﺴﻰ» ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ، ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ «ﺑﯚﺷﯜﻛﺌﺎﻧﯩﺴﻰ» ﻧﯩﯔ ﺋﯘﺩﯗﻣﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﻠﻪﻛﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ «ﺑﯚﺷﯜﻛﺌﺎﻧﯩﺴﻰ»، «ﺋﯧﺮﯨﻤﭽﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. «ﺑﯚﺷﯜﻛﺌﺎﻧﯩﺴﻰ» ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯚﺷﯜﻛﻨﻰ ﻗﯩﺒﻠﻪ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺩﯗﺋﺎ-ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯚﺷﯜﻛﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺭﺍﺳﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯚﺷﯜﻛﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻳﯘﻗﭽﯩﻐﺎ ﺟﺎﻙ (ﻛﯜﻟﺘﯜﻙ) ﻧﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺟﺎﻛﻨﯩﯔ ﺗﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺟﺎﻙ ﺗﯘﻣﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯩﻴﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯚﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﻮﻥ ﺑﻪﺵ ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﺮ ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﺘﺎ ﺗﯚﺕ ﺩﺍﻧﻪ ﺗﯩﺰ ﻳﺎﺳﺘﯘﻕ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯚﺷﯜﻛﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﯩﻐﺎ «ﺋﻮﺩﺍ» (ﺟﺎﻛﻘﺎ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪﻥ ﭘﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﭘﻪ) ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻮﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﭘﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﭘﻪ (ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ) ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺯﺍﻛﺎ (ﻛﯩﺮﻟﯩﻚ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺵ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺑﻮﯞﺍﻗﻘﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻳﺎﺳﺘﯘﻕ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ.


ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، «ﺑﯚﺷﯜﻛﺌﺎﻧﯩﺴﻰ» ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭼﻼﭖ، ﺑﻪﺩﻩﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺳﯩﻼﭖ ﺋﯧﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﺎﯞﺍﻳﻼﭖ ﺑﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺟﺎﻛﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﯨﻼﭖ ﺷﯜﻣﻪﻙ(ﻳﺎﻏﺎﭼﺘﯩﻦ ﻧﻪﻳﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ) ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﻟﻪﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻳﯚﮔﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻫﻜﻪﻡ ﺋﻮﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯩﺰﯨﻐﺎ «ﺗﯩﺰﻟﯩﻖ» ﻛﯚﺭﭘﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﭘﯘﺕ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘ (ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻳﺎﻡ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﻪﺳﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪﻥ ﺭﻩﺧﺖ ﻛﺎﺷﺎ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯚﺷﯜﻛﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﭼﯩﮕﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﯞﻩ ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻤﯘ ﻳﯚﮔﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﻣﻜﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﺭﯗﺳﻼﭖ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﻪﻳﻨﯩﻜﯩﮕﯩﭽﻪ ﺟﻪﻳﻨﻪﻛﻠﯩﻚ ﻗﻮﻳﯘﭖ «ﻗﻮﻟﺘﺎﺭﺗﻘﯘ» (ﭘﯘﺗﺘﺎﺭﺗﻘﯘﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪﯗ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﯖﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﺑﯚﻟﻪﺵ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺑﯚﺷﯜﻛﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺑﻮﯞﺍﻗﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ، ﺑﯚﺭﻩ ﺋﻮﺷﯘﻗﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻧﺎﻥ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﻗﺎﭘﺎﺭﺗﻤﺎ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯚﺷﯜﻛﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻮﺭﯨﺰﻭﻧﺘﺎﻝ ﻳﺎﻏﺎﭺ (ﺑﯚﺷﯜﻙ ﺗﯜﺭﻣﯩﻠﻰ) ﻗﺎ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﺮﯨﻤﻠﯩﻖ ﺗﯘﻣﺎﺭ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻛﯚﺯﻣﻮﻧﭽﺎﻕ ﻣﺎﺭﺟﺎﻥ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯚﺷﯜﻛﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺭﻩﺧﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ «ﺑﯚﺷﯜﻙ ﻳﺎﭘﻘﯘ» ﻳﯧﭙﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯚﺷﯜﻛﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯩﻎ (ﭘﯩﭽﺎﻕ)، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﻳﻨﻪﻙ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ «ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ» ﻧﯩﯔ ﺋﯧﺮﯨﻤﯩﺪﯗﺭ. ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﺑﯚﻟﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، «ﺑﯚﺷﯜﻛﺌﺎﻧﯩﺴﻰ» ﺋﺎﺩﺭﺍﺳﻤﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﻗﯧﻘﻰ (ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭼﯩﻤﺪﯨﻢ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﺗﯘﺯ ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺪﯗ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺮﯨﻖ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺑﯚﺷﯜﻛﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ «ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺭﻭﻫ» ﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﻼﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﺑﯚﻟﻪﺵ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.

ﺑﯚﺷﯜﻛﻨﯩﯔ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯚﻟﻪﺵ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ:

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﺑﯚﺷﯜﻙ ﻛﯚﺭﭘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻫﺎﯞﺍﻻﻧﺪﯗﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻫﯚﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﻪﺭﯨﺘﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﻪﯞﺭﻩﺯﺩﻩﻙ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺟﺎﻛﻘﺎ ﻗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﺑﺎﻻ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﯘﺧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻓﯩﺰﯨﻨﻮﻣﯩﻴﻪ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﯚﺳﯜﺷﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻳﯘﻣﺮﺍﻥ ﻧﻮﺗﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﺑﯚﻟﻪﺷﺘﻪ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻗﻮﻝ، ﭘﯘﺕ ﯞﻩ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺭﯗﺳﻼﭖ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯧﯖﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺋﯚﺳﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯚﺷﯜﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻐﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺑﯘﻳﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻳﯧﺰﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺑﯚﺷﯜﻙ ﺗﻪﯞﺭﻩﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺗﻪﺱ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ «ﺋﻪﻟﻠﻪﻱ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ» (ﺑﯚﺷﯜﻙ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ) ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺳﯩﺪﯨﺴﯩﺪﯗﺭ.

«ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﺭﭖ-ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

يېڭى ئىنكاسلار

Intil 5  كۈن ئالدىدا
بۆشۈكنىڭ پەيدا بولىشى ھەققىدە 10 نەچچە يىل بۇرۇن مۇنداق بىر رىۋايەتنى ئوقۇغىنىم ئىسىمدە
( ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە، شىرىپ خۇشتار نامىدا ئېلان قىلىنغانمىكىن دەيمەن، ئېنىق بىلگۈچىلەر قالدۇرۇپ قويارسىلەر)

بۇرۇنقى زاماندا بىر جۈپ ئەر- ئايال پەرزەنتلىك بوپتۇ، بۇلار بالىسىغا بەك ئامراق بولغاچقا بالىسىنى ئىككىسى بىر- بىرىگە قاراپ بەداشقان قۇرۇپ يېقىن ئولتۇرۇپ قۇچىقىدا ئولتۇرغۇزۇپ بېقىپتۇ.
دادا ئوۋغا چىقىدىغاندا بالىسى ئۈچۈن ئۈچۈن  ئىككىسىنىڭ بەدەشقانىغا ئوخشىتىپ ھازىرقى بۆشۈكنىڭ ئەجدادىنى ياساپ بېرىپتۇ.
بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن ...  مەلۇم، بىر بەختسىزلىكتە قازا قىپتۇ. يۈرەك- باغرى پارە-پارە بولغان ئاتا بالىسىنىڭ بۆشۈكىنى يوغان قىلىپ ياساپ بالىسىنىڭ مىيىتىنى شۇنىڭغا ئېلىپ تۇپراق بېشى ( مازار) غا ئاپىرىپ دەپنە قىپتۇ.  بۇ ھازىرقى جىنازا ئىكەن.

يۇقارقى رىۋايەتنى كۆرگىنىمگە ئۇزۇن بولغاچقا تولۇق ئىسىمدە قالماپتۇ ۇشنداقلا بۇ رىۋايەتنىڭ پاكىتلىق ياكى ئەمەسلىكى ، ئىتىراپ قىلىنغان- قىلىنمىغانلىقىغا بىرنەرسە دېيەلمەيمەن.
yolum 4  كۈن ئالدىدا
بۆشۈك بالدىقىنىڭ ھەر خىل رەڭدە سىرلانغانلىقىنىڭ بالىلارنىڭ رەڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ رەڭ قارىغۇسى بولۇپ قېلىشتىن ساقلايدىغانلىقىنى ...
ھۈنەرۋەن كاسىپلىرىمىزنىڭ مۇشۇنىڭدەك ھۈنەرلەرىگە سىڭدۈرۈۋەتكەن ئىلمۇ- ھېكمەتلەردىن بىز بايقىمىغانلىرىدىن يەنە قانچىسى باردۇ - ھە؟
yolum 4  كۈن ئالدىدا
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   yolum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-9-6 13:19  

بۆشۈك ناخشىسى


بۇنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ
بۆشۈك ۋە سالامەتلىك

(ئاپتورى: قۇربانجان ئوبۇل – ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى ئالىي تېخنىكۇمى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك كىلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقات ئىشخانىسىدىن)
بوۋاقلارنى بۈشۈككە بۆلەش خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي جەريانىدا شەكىللەنگەن، ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ-ئادەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇ ئارقىلىق بوۋاقلارنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئۆسۈپ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىممونت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، كىسەللىكلەر بىلەن ئاغرىش نىسبىتىنى ئازايتىش، نىرۋا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھەركەت سىستىمىسىدىكى غەيرىي ئەھۋاللارنى تۈزىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
تۆۋەندە مەن بوۋاقلارنى ساغلام، ئەقىللىق چوڭ قىلىشتا بۆشۈكنىڭ ئالاھىدە رولىنى تونۇشتۇرۇپ ئوتىمەن. بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان تۈرلۈك غەيرىي كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بوۋاق بۆشۈككە ئوڭدا ياتقۇزۇلۇپ، بىشى يۆگەك بىلەن چىڭ ئورىلىپ، پۇت-قوللىرى رۇسلىنىپ مەھكەم تىڭلىدىغان بولغاچقا، باش سوڭىكى نۇرمال تەرەققىي قىلىپ، باشنىڭ نۇرمال يىتىلىشىگە، ئومۇرۇتقا ۋە پۇت-قول سوڭەكلىرىنىڭ نۇرمال تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، يوغان باش بولۇپ قىلىش، بىشى مايماق بولۇپ قىلىش، دوك، تاش مايماق ياكى ئىچ مايماق بولۇپ قېلىش، راخىت كىسەللىكى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا سوغۇق ئۆتۈپ كىلىشتىن ساقلىغىلى ۋە يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بىلىدۇ. بوۋاقلارنى بۆشۈككە بۆلىگەندە، بەدەن تىمپىراتۇرىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئارتۇق ھۆللۈك ئازىيىپ، قان ئايلىنىش جانلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قان ئايلىنىش راۋانلىشىپ، كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاشىدۇ. بەدەن ئاجىزلاشتىن بولغان يۇقۇملۇق كىسەللىكلەردىن سىل كىسىلى، جىگەر ياللۇغى، سوغۇق ئۆتۈپ قىلىشتىن بولغان تارقىلىشچان زۇكام، مىڭە پەردە ياللۇغى، كوك يوتەل، ئوپكە ياللۇغى، كىزىك، بەزگەك، قاتارلىق كىساللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
يەنە بوۋاقلارنىڭ تازلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بوۋاقلارنىڭ مىڭە ئىقتىدارى دىگەندەك تەرەققىي قىلمىغان بولغاچقا، چوڭ-كىچىك تەرەتنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى يوق دىيەرلىك، بۆشۈككە بۆلىگەندە بوۋاقنىڭ چوڭ-كىچىك تەرىتى ئەپچىل يوللار (شۈمەك، جاك) بىلەن بىرتەرەپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چات ئارلىقلىرى ھول بولۇش سەۋەبىدىن ئېچىشىش، قىزىرىش، شەلۋەرەش، پىچىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە تازلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
نىرۋا سىستىمىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەقلىي قابىلىيەتنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بوۋاقلارنى بۆشۈككە بۆلىگەندە بەدىنى ئىسسىق ساقلىنىدىغان بولغاچقا، بەدەن تىمپىراتۇرىسى يۇقىرى كوتۇرۇلۇپ، قان ئايلىنىش جانلىنىدۇ، ئىسسقلىق تەسىرىدە بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى نىرۋا ئۇچلىرىدا غىدىقلىنىش پەيدا بولۇپ، نىرۋىنىڭ ئىنكاس يەتكۈزۈش ۋە ئىنكاس قوبۇل قىلىش خىزمىتى كۈچىيىپ، ئىچكى-تاشقى سىزىم قۇۋۋەتلىرى تىز تەرەققىي قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق بوۋاقلاردىكى تونۇش، كۆزىتىش، پەرىق ئىتىش ئىقتىدىرىنى يۇقىرى كوتۇرگىلى، تىلى كىچىكىپ چىقىش، ئاڭلاش سىزىمى تۆۋەن بولۇش، چوڭ مىڭىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولۇش ئەھۋاللىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. بوۋاقلىق دەۋرىدە ھەزىم سىستىمىسىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى پىشىپ يىتىلمىگەن بولغاچقا، يىمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈشى نىسبەتەن يىتەرسىز بولىدۇ. بۆشۈككە بۆلگەندە بوۋاقلارنىڭ قورساق ساھەسىمۇ ئىسسىق ساقلىنىدىغان بولغاچقا، ئىسسىقلىق تەسىرىدە ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەرنىڭ لۆمۈلدىمە ھەركىتى كۈچىيىپ، ھەزىم خىزمىتى ياخشىلىنىدۇ، بوۋاقلاردىكى ئىچى سۈرۈش، قەۋزىيەت، قورساق كۆپۈش، يەل تۇرۇپ قېلىش، قۇسۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، يۈرەك، قان-تومۇرلارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلەپ ئىسسىق ساقلىغاندا، قان ئايلىنىش تىزلىشىپ ، يۈرەك ۋە قان-تومۇرلارنىڭ خىزمىتى كۈچىيىدۇ، توقۇلما- ھۋجەيرىلەرنىڭ ئوزۇقلىنىشى ۋە قان بىلەن تەمىنلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مىتاپولىزىمنىڭ نۇرمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
تىرە رەڭ پىگمىنىتلىرىنىڭ نۇرمال ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بوۋاق مەزگىلىدە تىرە ئاستى ماي قاتلىمى نىسبەتەن ئاز، تىرە سىرتقى يۈز قەۋىتىدىكى قان-تومۇرلار ئىنچىكە ھەم شالاڭ بولغانلىقتىن، تىرىنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرىسىنى تىڭشاش، كىسەللىك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى توسۇش رولى چوڭلارنىڭكىگە قارىغاندا يىتەرسىز بولىدۇ. شۇڭا بوۋاقلارنى بۆشۈككە بۆلەپ ئىسسىق ساقلىغاندا تىرە قان-تومۇرنىڭ كىڭىيىشىنى ۋە تىرىدىكى قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

مۇتەللىپ تۇرغۇن تەييارلىدى.

http://uyghuracademy.com/?p=10145

yolum 4  كۈن ئالدىدا
ﺑﯚﺷﯜﻙ ،ﺟﯩﻨﺎﺯﺍ ،ﻗﻪﺑﺮﻩ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ

ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺑﯚﺷﯜﻙ ﺷﻪﻛﻠﻰ ،ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻪﯞﻩﺕ ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻱ ﺑﺎﺭ ،ﺑﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﯩﺲ ﭘﻪﺭﻗﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻗﻪﯞﻩﺕ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﻗﻪﯞﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﺎ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﻪﯞﻩﺕ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﺎ (ﻛﯧﮕﯩﺰ ) ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﻩﺕ ﻛﯚﺭﭘﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ .ﮬﻪﺭ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪﺭ ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﮔﯜﻣﺒﯩﺰﻯ ﺑﯚﺷﯜﻙ ﺳﯩﻴﺎﻗﯩﺪﺍ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺪﯗ .
ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﻣﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺑﻮﺭﯗﻥ ، ﺧﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺗﯜﺭﻛﻪﻥ ﺧﺎﺗﻮﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﺑﯩﻲ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰﻩﯞﯨﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮔﯘﻧﺎﮬﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺑﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﺑﯚﻟﻪﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﭙﺘﯘ .ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻟﯩﺮﻯ ﻻﮬﯩﻴﻪﻟﻪﭖ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﯚﺷﯜﻙ ﻳﺎﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ .ﺗﯜﺭﻛﻪﻥ ﺧﺎﺗﻮﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻛﻮﻛﯘﻟﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﯚﺷﯜﻛﺘﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺑﯧﻘﯩﭙﺘﯘ .ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻛﯩﻴﯩﻨﭽﻪ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﺷﯩﻖ ،ﺋﯩﻠﯩﻢ -ﺋﯩﺮﭘﺎﻥ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﻪﻟﻪﻣﮕﯩﻤﯘ ،ﻗﻪﻟﻪﻣﮕﯩﻤﯘ ،ﻗﻪﻟﻪﻣﮕﯩﻤﯘ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭙﺘﯘ .ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﻮﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﺎﮬ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﺑﻮﭘﺘﯘ .ﺋﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﭖ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﺪﺍ << ﺋﺎﺩﯨﻞ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ >>ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ .ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﯜﭖ ،ﺋﯘﻣﯘ ﻏﺎﺯﺍﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﻪﻥ ﺋﻮﻕ (ﻳﺎ ﺋﻮﻗﻰ ) ﺗﯧﮕﯩﭗ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﭘﺘﯘ .ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻰ ﺗﯜﺭﻛﻪﻥ ﺧﺎﺗﯘﻥ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻟﯘﭖ ،ﭘﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﭼﯩﻜﯩﭗ ،ﻧﺎﺩﺍﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﻩﻙ ﺋﺎﻗﻘﯘﺯﯗﭖ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﺎﺗﻘﯩﻨﯩﭽﻪ ﻳﯩﻐﻼﭘﺘﯘ .
ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﮔﯩﺮﻩﻟﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻪﺭﻣﻪﭘﺘﯘ .ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻗﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ << ﺋﺎﺩﯨﻞ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ >> ﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻤﺎﻻﻝ ﺳﯩﻐﻘﯘﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻣﯜﺵ ﺑﯚﺷﯜﻙ ﻳﺎﺳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ -ﺩﻩ ، ﺗﯜﺭﻛﻪﻥ ﺧﺎﺗﻮﻧﻐﺎ :
-ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﯩﻠﺴﯩﻼ ﺧﯧﻨﯩﻢ ! ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﻰ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﺴﯘﻥ .ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺧﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﻗﻼﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﯚﺷﯜﻛﺘﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺑﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﻗﻪﯞﻩﺗﻼ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻥ ﻛﯜﻣﯜﺷﺘﻪ ﺑﯚﺷﯜﻙ ﻳﺎﺳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ ، ﺑﯚﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﻗﻤﯩﻜﯩﻦ ،-ﺩﻩﭘﺘﯘ .
ﺗﯜﺭﻛﻪﻥ ﺧﺎﺗﻮﻥ ﺩﻩﺭﮬﺎﻙ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﻛﻪﭘﺘﯘ .ﺑﺎﻻ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﻛﯜﻣﯜﺵ ﺑﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﺑﯚﻟﯩﻨﯩﭙﺘﯘ ،ﺗﯜﺭﻛﻪﻥ ﺧﺎﺗﻮﻧﻤﯘ ﮬﯧﺮﯨﭗ ﺩﻩﺭﻣﺎﻧﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺴﺎ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ .ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻰ ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯜﻣﯜﺵ ﺑﯚﺷﯜﻙ (ﺟﯩﻨﺎﺯﺍ ) ﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻣﯧﯖﯩﭙﺘﯘ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﮔﯜﻝ -ﮔﯩﻴﺎﮬ ،ﺋﻮﺕ -ﭼﯚﭘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯜﻣﯜﺵ ﺭﻩﯓ ﺑﯚﺷﯜﻛﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ .ﺗﯜﺭﻛﻪﻥ ﺧﺎﺗﯘﻥ ﮬﺎﻩﺭﻛﯜﻧﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯚﺷﯜﻛﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﻘﯘﭼﻰ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﭙﺘﯘ .ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﻪﺳﺘﯩﻦ << ﺋﺎﺩﯨﻞ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ >> ﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯘ .ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﯕﮕﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﭽﯩﯟﯨﻼ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﻪﻥ ﺧﺎﺗﯘﻧﻤﯘ <<ﺋﺎﮬ !>> ﺩﻩﭖ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﯛﭘﺘﯘ .ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ،ﺑﯚﺷﯜﻛﺘﻪ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﯨﻨﯩﻤﯘ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﺷﺘﯩﻜﻰ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯜﺭﻛﻪﻥ ﺧﺎﺗﯘﻧﻨﯩﻤﯘ ﻛﯜﻣﯜﺵ ﺭﻩﯓ ﺑﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯩﺸﯩﭙﺘﯘ .ﺑﯩﺮﺍﻕ ،ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﺑﯚﺷﯜﻙ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﭘﻪﺭﻕ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺩﻩﭖ ﺗﯜﺭﻛﻪﻥ ﺧﺎﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﻛﯜﻣﯜﺵ ﺭﻩﯓ ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﻨﻰ ﻛﯚﻭ ﻗﻪﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﻪﻧﺠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ،ﺋﺎﺩﯨﻞ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﺑﯚﺷﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻧﺠﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ،ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺭﭼﺎ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ ﺋﻪﮬﻴﺎ ﻗﯩﭙﺘﯘ .
ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺒﻪﺕ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯚﺷﯜﻙ ﺳﯩﻴﺎﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﻨﺎﺯﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯚﺷﯜﻙ ﺳﯩﻴﺎﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﮔﯜﻣﺒﯩﺰﻯ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﭘﺘﯘ .
yolum 4  كۈن ئالدىدا
تۇغۇلۇش ، بۆشۈك ۋە ئەللەي

تۇغۇلۇش ، بۆشۈك ۋە ئەللەي

تۇغۇلۇش ، بۆشۈك ۋە ئەللەي ھەققىدىكى خاسىيەتلىك ئۇدۇملىرىمىز ھەققىدە ئىككى ئېغىز ساۋاد بېرەي ، بۇ ساۋاد ماڭا جەننەت ماكان ئىزچى ئۇستازدىن مىراس قالغان !
تۇغۇلغان بالىنىڭ قۇلىقىغا ئاتا-بوۋىلىرىمىز يەتتە كۈن بولغان سەھەردە موللا چاقىرىپ ئەزان ئېيتقۇزىدۇ. ئەزاندا بالىنىڭ قۇلىقى ئېچىلىپ،   ئاڭلاش قابىلىيىتى شەكىللىنىدۇ. ئەزان ئېيتىپ قويۇلغان ئىسىم غۇبارسىزنىڭ يۈرىكىگە ئورناپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن چوڭ-كىچىك چىللە ئۆتكۈزۈلىدۇ، كىچىك چىللە 20 كۈندە ئۆتكۈزۈلىدۇ ، بۇ چاغدا بالىنىڭ ئانىسىدىن باشقا يەنە ئىنەكئانىسى ۋە مومىسىدىن باشقا ئادەم يېنىغا كىرمەيدۇ ؛ چوڭ چىللىسى 40 كۈندە   قىرقى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ - دە ، مۇرسىم سۈپىتىدە بالىلار چاقىرىلىپ بوۋاق بېشىغا قىرىق سۈيى قۇيۇلىدۇ، ئاندىن بوۋاق بۆشۈككە بۆلىنىپ بۆشۈك توي ئۆتكۈزۈلىدۇ.
   چىللىنىڭ مەناسى شۇدۇركى ، بەلگىلەنگەن مۇئەييەن مۇددەت (40 كۈن) توشۇشتىن بۇرۇن بوۋاق بار ئۆيگە چوڭلار كىرگۈزۈلمەيدۇ ، نامازشامدىن كېيىن بوۋاق بار ئۆيدىن ھېچكىم تالا-كوچىغا چىقمايدۇ ، بۇ مەزگىلدە سىرتتىن بوۋاق تۇغۇلغان ئائىلىگە ئادەملەر كïرگۈزۈلمەيدۇ. كىرىپ قالغىدەك بولسا " چىللىلىك ئۆي ئىدى " دېسىڭىز كەلگۈچى مۇسۇلمان بولسىلا چۈشىنىدۇ. بەزى يۇرتلاردا ئادەتتە بۇنداق گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈشتىن بۇرۇن شۇ ئائىلىنىڭ دەرۋازىسىغا قىزىل رەخت باغلاپ قويۇلىدۇ.
   تۇغۇلغان بوۋاق شۇ ئائىلە پەرزەنتىنىڭ چوڭى بولسا بازاردىن يېڭى بۆشۈك سېتىۋالماق پەرزدۇر. ئىككىنچى پەرزەنت بولسا ئانىسىنىڭ ياكى ئاكىسىنىڭ بۆشۈكىگە بۆلەنمەك بار.
  
تۇغۇتلۇق ئانا ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرى، ئارزۇ-ئىستەكلىرى، نىيەت-ئىقبالى، دەرد-ھەرسرەتلىرىنى بۆشۈك يېنىدا بوۋىقىنى ئېمىتكەچ ئەللەيلىرىگە قوشۇپ ئېيتمىقى بار. ئەللەي ئەخلاق، تەربىيە ، ئەنئەنە ، ئىجادكارلىق، باتۇرلۇق ، مەردلىك ، شەرم-ھايالىق ھەققىدە ئېيتىلمىقى لازىمدۇر ، بۇ شۇ پەرزەنت دىلىغا ئۆز مۆھرىنى باسىدۇ. ئەللەي ئاڭلاپ يېتىلگەن پەرزەنت ئانا مېھرىنى سۈت بىلەن قوشۇپ شۇررىدە ئۆز تېنىگە سىڭدۈرىدۇ. مانا بۇ پەرزەنتنىڭ ئانىغا بولغان سۈت ھەققىدۇر . ئەللەي ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئاڭ-تۇيغۇ قاتلاملىرىغا سىڭىپ، قەلب تۆرىگە ئورناپ كېتىدۇ. ئەللەي ئاڭلىمىغان بوۋاقلاردا ئۇنداق خۇي-پەيللەر بولمايدۇ. مانا ھازىرقى يىگىتلىرىمىزدىكى ماڭقۇرتلۇق ، قىزلىرىمىزدىكى بۇزۇلۇش مۇشۇنداق كېلىپ چىقىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە قانچىلىك ئۇيغۇر ئانا مانا بۇ ئۇدۇملىرىمىزنى داۋام ئەتتۈرگەن ؟
http://aqkuq.com/bbs/read.php?tid=317

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-9-10 05:52.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.